قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6126|ئىنكاس: 324

ئۇيغۇر ئەجداتلىرى:ئۇدۇن دۆلىتى

   تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

2336

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52790
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 12:57:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sezgvr تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-20 14:55  

ئۇدۇن (خوتەن)خانلىقى
موھەممەد ئەزىز ھەبىبۇللا تەييارلىغان
تاڭنامە.غەرىبى يۇرت تەزكىرىسى:ئۇدۇن ياكى قۇستانا،خوتانا،قودان دەپمۇ ئاتىلىدۇ،شىمالى دىلارۋە ھونلار ئۇدۇن ،ھەرقايسى (خۇ)غور ياكى غوزلارخوتەن دەپ ئاتايدۇ.
ئۇدۇن دۆلىتى ئەڭ كىيىن بولغاندىمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى232يىلدىن بۇرۇن قۇرۇلغان،دەسلەپتە ئۇدۇن دۆلىتى پەقەت بىر شەھەر دۆلىتىدىنلا ئىبارەت بۇلۇپ تەۋەلىكى ئىككى دەريا ئارىسى يەنى قارقاش ۋە يۇرۇڭقاش دەرياسى ئارىدا ئىدى،كىيىن ئۇدۇن دۆلىتى كۈچىيىپ ئەتىراپىدىكى باشقا شەھەر دۆلەتلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋىلىپ بۈگۈنكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ زىمىنىغا توغرا كەلگىدەك زىمىنغا ئىگە بولغان،ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ پايتەختى ھازىرقى يۇتقان خارابىسى بۇلۇپ بۇ خارابە خوتەن ناھىيسىنىڭ باغچى بازىرىغا جايلاشقان،ھازىرقى ئەھۋالى بولسا ساسلىق بۇلۇپ يىكەن قۇمۇشلا ئۆسكەن،ئەتىراپتىن تۆت بەش مىتىر پەس  ،1500-يىللىرى مىرزا ئابابەكرى1870-يىللىرى ياقۇپبەگنىڭ خوتەندىكى ھاكىمبىگى نىيازقاتارلىقلار قارقاش دەرياسىدىن سۇ باشلاپ لاي ئېقىتىپ بايلىق ئىزدەپ مۇشۇنداق ھالغا كەلتۈرگەن،
مىلادى 120-يىلى بۇددا دىنىنىڭ چوڭ كۆلۈڭگۈ مەزھىپى ئۇدۇن رايۇنىغا تارقالغان،بۇ ۋاقىت ئىھتىمال ئۇدۇن شاھى ۋىجا كىرتى يەنى كانىشكانىڭ ھىندىستانغا كىرىپ ئۆز ئۇلۇسداشلىرىغا ياردەم بەرگەن يىلى بولسا كېرەك(بىر مەزگىل ئۇدۇن دۆلىتى كۇشان ئىمپىرىيسىنىڭ بىر قىسمى بولغان)،قەدىمكى ئۇدۇنلۇقلار ئىشلەتكەن تىل بولسا ماكان جەھەتتە شەرقى ئىران تىلى زامان جەھەتتە ئوتتۇرا قەدىمكى ئىران تىلىدىن تېخىمۇقەدىمىيراق بۇلغان تىل بۇلۇپ كىيىن ئالىملار تەرىپىدىن خوتەن ساك تىلى دەپ نام بىرىلگەن،يېزىقى بولسا دەسلەپ قاروشتى يېزىقىنى قوللانغان. ،

قاروشتى يېزىقى   

مىلادى 6-ئەسىرلەردىن باشلاپ 11-ئەسىردە دۆلەت ھالاك بولغىچە بىراھمى يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئۇدۇن يېزىقىنى ئىشلەتكەن،


ئۇدۇن يېزىقىدا پۈتۈلگەن «راھىپنىڭ قۇل سېتىۋىلىش توختامى»

ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇدۇن شاھلىرىنىڭ ئىسملىرى ۋىجا كىرتى،ۋىجاۋىكرام،ۋىجاساگرام،ۋىجا ۋوخان،ۋىجا سامبىھاۋا،ۋىجا شۇرا،ۋىجا دارما قاتارلىقلار بار.خوتەن شاھلىرىدىن

尉迟胜مىلادى742-756-يىللىرى چاڭئەنگە بېرىپ تاڭ شۇۋەنزۇڭ بىلەن كۆرىشىدۇ،لى لۇڭجى تاڭ شۇۋەنزۇڭ ئۇنىڭغا سوغا تەقدىم قىلىدۇ ھەمدە خان جەمەتىدىن بىر قىزنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ،756-يلى ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭى پارتلىغاندىن ئۇ5000ئۇدۇن ئەسكىرىنى باشلاپ تاڭ قوشۇنىغا ھەمدەمدە بولىدۇ. ۋىساياكى ۋىجا尉迟或伟仕 ئۇدۇن خان جەمەتىنىڭ فامىلىسى بۇلۇپ دۆلەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھالاك بولغىچە بولغان 1200يىل جەرياندا بۇ جەمەت ئۇدۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان،ئۇدۇن دۆلىتى ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ھونلار،ئاق ھونلار،تۇگۇخۇنلار،ئاۋارلارياكى جۇرجانلار،تۈرۈكلەر،تىبەتلەر
،قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ  بىۋاستەتەھدىتىگەئۇچىرىغان بۇلسىمۇ لىكىن يەنىلا ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇرغان

.ئۇدۇن دۆلىتى زىمىنى ۋىجا سامبىھاۋا دەۋرىدە شەرىقتە چاقىلىققىچە،غەرىبى شىمالدا پامىر ئىگىزلىكىگىچە،جەنۇپتا تىبەتكىچە سوزۇلغان.

دۈنخۋاڭ موگاۋ 98-غارغا سىزىلغان ئۇدۇن خانى ۋىجا سامبىھاۋانىڭ رەسىمى،سول تەرەپتىكى خەنزۇچە خەتنىڭ مەنىسى «چوڭ باي ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ دانىشمەن پاراسەتلىك تەڭرىقۇتى».ئۇ 912-يىلدىن 966-يىلغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.ئۇنىڭ خەنزۇچە ئىسمى
.李圣天،لى فامىلىسى ۋە خەنزۇچە ئىسىمنى تاڭغۇتلار ۋە غەرىبى تۈرك ئىتتىپاقىدىكى شاتۇلار (چۆل تۈركلىرى)قوللانغان.
مىلادى 10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا
قاراخانىيلار خانى ساتۇق بوغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى  قۇبۇل قىلىشى ۋە بۇ دىننى قاراخانىيلار زىمىنىدا ئۇمۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى تۈپەيلىدىن ئىككى دۆلەت ئۆز-ئارا دۆشمەنلەشكەن ۋە ئۇرۇشقان ،ئۇدۇن دۆلىتى داڭلىق بۇددا دىنى دۆلىتى بۇلۇپ كىچىك ھىندىستان دەپ ئاتالغانئىدى ،ئۆزىنى بۇددا دىنىنىڭ ھىمايىچىسى دەپ ھىساپلايتتى،فاشىيەننىڭ تەرجمھالى،شۈۋەنزاڭنىڭ غەرىبكە ساياھىتى قاتارلىق ئەسەرلەردە:ئۇدۇنلۇقلار باياشات ياشايدىكەن،بۇدقا بەكلا ئىخلاس:قىلىدىغان بۇلۇپ،بۇددا دىنى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىكەن،راھىپلىرىنىڭ سانى تۈمەنگە ،بۇددا ئىبادەتخانىلىرى نەچچە يۈزگە يىتىدىكەن،كۆپىنچىسى چوڭ كۆلۈڭگۈ مەزھىپىدە ئىكەن.دەپ خاتىرلەنگەن.ئۇدۇن بۇددا دىنىنى غەرىبى يۇرتنىڭ باشقا جايلىرى، تىبەت ۋە ئۇتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئىكىسپورت قىلغان.تارىخى ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا دەسلەپ ئۇدۇن دۆلىتى 962-يىلى قارا خانلارنىڭ سامانىيلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قاراخانىيلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە ئىسلامغا كىرىشكە نارازى بۇددىسىت خەلىقنىڭ ھىمايىسىدە قەشقەرنى ئىشغال قىلغان،971-مۇسا ئارسلانخاننىڭ تەختىگە ئەلى ئارسلانخان ۋارىسلىق قىلىدۇ ئۇدۇن  دۆلىتى يىڭى خان ئالماشقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قەشقەرگە يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىدۇ،996-يىللىرى ئۇدۇن قارا خانىلارنىڭ غەرىپكە يۈرۈش قىلغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇددىسىت توپىلاڭچىلارنىڭ ياردىمىدە قەشقەرنى يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلىدۇ ئەلى ئارسلانخان سەمەرقەنىتتىن دەرھال يېنىپ كىلىدۇ ۋە قانلىق ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇدۇن .قوشۇنىنى چىكىندۈرىدۇ.998-يىلى ئۇدۇن قوشۇنى 150مىڭ كىشىلىك قوشۇننى توپلاپ قەشقەرگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ھۇجۇم قىلدى ،بۇ قوشۇننىڭ ئىچىدە قۇچۇ ئۇيغۇرئېلى ،قامچۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەرنىڭ ياردەمچى قوشۇنىمۇ بارئىدى،بۇ چاغدا بۇ ئىككى  دۆلەتنىڭ چىگرىسى يىڭىھىسار بۇلۇپ ئەلى ئارىسلانخاننىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇدۇن قوشۇنى قۇمراۋاتتا قاتتىق جەڭ قىلىدۇ ئەلى ئارىسلانخان ۋە ئاچىسى ئىلنۇر مەلىكە ە ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئىككى تاغىسى بۇ جەڭدە قازا قىلىدۇ،بۇ خەۋەرن ئاڭلىغان يۈسۈپ قادىرخان دەرھال بۇخارادىن قەشقەرگە ئاتلىنىدۇ ،يۈسۈپ قادىرخان ئۆزىنىڭ غەرىپتىكى مۇسۇلمان قوشنىلىرىنىڭ ياردىمىدە126مىڭ 400كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ غەلبىسىرى ئىلگىرلەپ ئۇدۇن قوشۇنلىرىغا قوغلاپ زەربە بىرىدۇ،1000-يىلى11-ئاينىڭ11-كۈنى  ئۇرۇش مەيدانى بۈگۈنكى چىرا ناھىيسىنىڭ قۇرۇم تېغى باغرىغا جايلاشقان بوستان يېزىسىدا بولىدۇ،ئۇدۇن قوشۇنى قارا خانىيلار قوشۇنىنىڭ ناماز ئوقىۋاتقان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قاراخان قوشۇنىنى قىرىدۇ ،يۈسۈپ قادىرخان ئازغىنە قوشۇن بىلەن چىكىنىدۇ،كىيىن يۈسۈپ قادىرخان قايتا قوشۇن باشلاپ مىلادى1006-ئەتىراپىدا  ئۇدۇن دۆلىتىنى پۈتۈنلەي بويسۇندۇرىدۇ ۋە ئىسلاملاشتۇرىدۇ،ئۇدۇن دۆلىتى ،ئۇدۇن تىل يېزىقى شۇندىن كىيىن ئاستا-ئاستاتارىخقا ئايلىنىدۇ.سۇڭنامە خوتەن تەزكىرىسىدە 1009-ئۇدۇن قارا خانى  لوسىۋېن قاتارلىق ئۇيغۇرلارنى سۇڭ دۆلىتىگە ئەلچىكىككە ئەۋەتكەنلىكى خاتىرلەنگەن بۇلۇپ بۇئۇدۇن دۆلىتىنىڭ تۇلۇق يوقالغانلىقىدىن دىرەك بەرسە كېرەك  .

،40يىللىق ئۇرۇش داۋامىدا يەكەن خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئىگىلىك ۋەيران بولدى،ئادەملەرنىڭ ئۆلىدىغى ئۆلۈپ قاچىدىغىنى قاچتى،قارا خانىيلار ئىگىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىڭى شەھەرلەرنى بەرپا قىلدى،ئۇدۇننىڭ خان شەھرى ۋەيران بولغاندىن كىيىن شۇ چاغدىكى بەگلەر شەھەرنى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ غەرىبى قىرىغا بەرپا قىلىپ ئىلچى شەھرى دەپ ئاتىدى (بۈگۈنكى خوتەن شەھرى).
ئۇدۇننىڭ تۈركلىشىششى
ئۇدۇن دۆلىتى قۇرۇلغان چاغدىلا ھون ئىمپىرىيسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ،كىيىن ئاق ھونلار،ئاۋارلار،تۈركلەر ،ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇدۇننى يىپەك يولىنىڭ جەنۇپ تارمىقى كىسىپ ئۆتىدۇ،ھەر قايسى يايلاق ئىمىرىيلىرى يمىرىلگەندىن كىيىن شۇچارۋىچى مىللەتلەرنىڭ مەلۇم كۆلەمدىكى بىر قىسمى ئىلگىرى ئاخىرى ئۇدۇنغا كۆچۈپ كىلىپ :يەرلەشكەن ۋە ئۇدۇندا ئەسلى بار خەلىق بىلەن سىڭىشىشكە باشلىغان،بۇلۇپمۇ ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرلىپ ،9-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇدۇن دۆلىتىنى ئۈچ ئۇيغۇر مەملىكىتى قۇرشاپ تۇرغان يەنى غەرىبى شىمالدا قاراخانىيلار،شىمالدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلقى ،شەرىقتە گەنجۇ يەنى قامچۇ ئۇيغۇر خانلىقى،شۇ چاغدا ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ  دىپلوماتىسى ئاساسلىقى،يۇقارقى ئۈچ دۆلەت ۋە تىبەت بىلەنلا بولغان.تىبەت بىلەن خوتەننى تاغلار ئايرىپ تۇرىدۇ،ئۇدۇننىڭ ئالاقىسى كۆپىنچە ئۈچ ئۇيغۇر دۆلىتى بىلەن بولغان،ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ سودا كارۋانلىرى ھەمىشە قامچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سودا كارۋانلىرى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىرگە بېرىپ سودا قىلغان.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇدۇننىڭ يەنە ئۇيغۇرلاشماسلىقى مۇمكىنمۇ؟مۇشۇ چاغلارداۋەكىيىنكى بىر مەزگىلىدەئۇدۇندا ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۇدۇن تىلى پاراللىل ئىشلىتىلگەن دەپ قاراشقاتامامەن   بولىدۇ.قارا خانىيلار ئۇدۇننى بويسۇندۇرغاندىن كىيىن تۈركلىشىش ئىسلاملىشىش بىلەن تەڭ بولغان ھەمدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالىكتىغا قارىغاندا ئۇدۇن تىلىنىڭ بەزى ئىلمىنىتلىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان دەپ  جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئۇدۇن خانلىقى دەۋرىدىن قالغان كىتاپلاردىن زامباستا،جاتاكاستاۋا،جىۋاكا-پۇستاكاقاتارلقلار بۇلۇپ جاتاكاستاۋا بۇددا دىنىغا ئائىت كىتاپ ،جىۋاكا پۇستاكا تىبابەتكە ئائىت كىتاپدۇر.

一ئۇدۇننىڭ ئات سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قاروشتى يېزىقى يېزىلغان پۇلى،ھازىرغىچە بايقالغىنى دۆلەت ئىچىدە 13تال دۇنيادا353تال بۇلۇپ ،بىر تېلىنىڭ ھازىرقى باھاسى 35000يۈۋەن ئەتىراپىدا،ئالىملار پۇل يۈزىدىدىكى قارۇشتى يېزىقىنى ئوقۇپ تەرجىمە قىلغان بۇلۇپ :ماھا راجاتىراجاسا ئىناباسا مەنىسى شاھلارنىڭ شاھى ئىناباسا نىڭ سۇقتۇرغان تەڭگىسى.

ئۇدۇننىڭ ئۇدۇن يېزىقى يېزىلغان پۇلى

1989- لوپ ناھىيە ھاڭگى يېزىسىدىن تېپىلغان تۆگە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن


پۇل.
خوتەن ساك تىلى لوغىتى كامبىرىج ئۇنۋىرىستىتى نەشىرى



پايدىلىنىلغان كىتاپلار:چىڭگىزنامە،ئۇيغۇرلار ۋە غەرىبى يۇرتتىكى باشقا تۈركى مىللەتلەرنىڭ تارىخى،قاراخانىيلارنىڭ قىسقىچە تارىخى،غەرىبى يۇرت تاشكىمىر سەنئىتى،بۇددا ئېلى ئۇدۇن،تۈركى تىللار دىۋانى.تور دۇنياسىدىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلار.
uyghuray

9

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1776
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4797
توردىكى ۋاقتى: 1012
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 16:47:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mmexport1458455690817.jpg

خوتەننىڭ ئاخىرقى بۇدىزىم خانى ياغلاقالغۇ، قارلۇق ئۇرۇقىدىن.
يەنى تېمىدا ئىيتىلغان ۋىجا سامبىھاۋا.
ۋىجا سامبىھاۋا ئۇنىڭ دىنىي ئۇنۋانى، ئەسلى ئىسمى ياغلاقالغۇ.


   خوتەندە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ساكلار،تۇرالار پارىسىيلار،ھونلار ئاقھۇنلار،قارلۇقلار ۋە كىيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇلۇشى نەتىجىسدە بۇگۇنكى خوتەن ئۇيغۇرلىرى شەكىللەنگەن.

0

تېما

6

دوست

1617

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54591
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 16:48:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئىسىل

0

تېما

0

دوست

2942

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14498
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 896
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 16:49:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ،خوتەن بۇدچىلىرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخى،بۈيۈك قاراخانىلار ئېمپىرىيەسىنىڭ قولىدا جەھەننەمگە ئۇلىشىپتىكەندە....
uyghuray

0

تېما

6

دوست

1617

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54591
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 16:58:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دانالار دەيدۇكى .. تەكشۇرۇپ ئىنىقلىمىغان كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ھوقوقى بولمايدۇ دەپ
بۇ تىمىغا كەلگەندە يەڭگۇلتەكلىك قىلىپ تىللاپ يۇرمەڭلا جۇمۇ ئۇدۇن بۇددا دۆلىتى ئىدى  بۇددىستلار دەپ

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59679
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 17:13:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!قېرىنداشلار! ئالدى بىلەن تىما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن!
تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سۇئال سورىسام بۇ باغداش مۇنبىرىگە تېلفوندا تىزىملىتىپ كىرىشتىن مەسلىھەت سوراي دىگەن؟ يەنى تېلفوندا ئەزالىق نۇمۇرىنى ئاچقىلى بولامدۇ بولمامدۇ؟؟
رەھمەت!!!!!

4

تېما

52

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3854
توردىكى ۋاقتى: 1256
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 17:36:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئىككى قىتىملىق ئەكسىل ئىسلازىم ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق بۇددىزىم مەدىنىيىتى ۋە تارىخى يازمىلارنى يوق قىلىپ ،ئۇيغۇر تارىخىغا ئىنتايىن زور يوقىتىش ئىلىپ كەلگەن .يەنە ،ئىسلامىيەت كۈچلىرى ئۇيغۇر يىزىقى ۋە ئۇيغۇر ئانا مەدىنىيىتىگە قوش بىسلىق تەسىر قىلغان ئەمما يامان تەسىرى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان .ئۇدۇن دەل مۇشۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەدىنىيەت ئىزنالىرىنىڭ بىرى .

3

تېما

1

دوست

5158

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1559
توردىكى ۋاقتى: 838
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 17:58:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-3-20 17:36
ئىككى قىتىملىق ئەكسىل ئىسلازىم ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق  ...

بۇ سىزنىڭ كاللىڭىزدىكى ئوي خالاس.ئاچچىق يۇتماقتىن ئۆزگە ئامالىڭىز يوق.قاپاقسىمان كاللىڭىزنى ئوبدانراق ئىشلىتىڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )