قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 557|ئىنكاس: 2

بەگئالپ: ئازاب كوچىسى:(پوۋست)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

3

دوست

3032

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 950
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 17:30:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازاب كوچىسى                        

(پوۋېست)                             

      

ئاپتور : مۇھەمەتتۇرسۇن بەگ ئالىپ    ( b1a2g)         


بىرىنچى قىسىم:  ئازغۇن نالەن                  
    ئىچىمدە خەير دەپ پىچرلىغىنىمدا ئېغىر بىر ئۇھ يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدىن چىقىپ ھاۋاغا تارالدىيۇ، ئەلشىر  چىقىپ كەتمىدى .بەلكىم ئاجىز ھەم يۆلەكسىز قالغان يۈرىكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇردىكى ئۆزۈممۇ تاپالمايدىغان پىنھانلىرىغا يۇشۇرۇنىۋالغاندۇ . لېكىن شۇنداق بولسىمۇ  كۆزلىرىمدە كۈلۈپ تۇرۇپ خەير دېدىم.
        ئادەم  كەچۈرمەك ئەڭ تەس بولغىنى  ئۆزى سۆيىدىغان ئادىمى ئىكەنۇ ئەڭ كەچۈرىشكە تېگىشلىكىمۇ  دەل شۇ  ئىكەن،چۈنكى سۆيگۈنىڭ ئوتتەك تەپتى  نەپرەتنىڭ مۇزلىرىنى ئېرىتىپ تاشلايدىكەن .  لېكىن بۇ قېتىم يۈرىكىم ئۇنىڭغا   شۇنچىلىك موھتاج تۇرۇپمۇ  كەچۈرەلمىدىم . ئۇنىڭغا  بولغان ئۈنسىز نەپرەتلىرىم ، نەس باسقۇر ئەقلىم  ۋە ئالدىدا بەكمۇ بىگانە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان  قىزلىق غۇرۇرۇم ئۇنى كەچۈرۈشكە ئەسلا   يول قويمىدى.
  خەير دېدىم،  يېنىدىن كەتتىم.  يۈرىكىم  ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىش  ئۈچۈن تىپپىرلاۋاتقان كىچىك بالىدەك شۇنچە تەلپۈنسىمۇ تالاي قېتىم ئازار يېگەن قەلبىم،پايخان قىلىنغان غۇرۇرۇم  جىسمىمنى يېنىدىن  جاھىللىق بىلەن مۇدھىش قاراڭغۇلۇققا سۆرەپ ئېلىپ كەتتى .
كۇتۇپخانىدا كىتاب كۆرۈۋاتىمەن، لېكىن بىر سائەت ئولتۇرۇپمۇ ئىككى قۇر نەرسىنى ئەسكە ئالامىدىم،  چۈنكى  قارشى تەرىپىمدىكى كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدىلا تۇرىدىغان ئورۇندا ئەلشىر   يوق .   بولسا ئىدى ، خىياللىرىمنى يىغىپ خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلالايتتىم.كۇتۇپخانىدىكى يۈرەك سىقىدىغان جىمجىتلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي سىم-سىم يامغۇر بەخش ئەتكەن نەمخۇش  ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتىم، دەل شۇچاغدا بىر جۈپ قىز يىگىت كۈنلۈك تۇتۇپ ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتتى . قىزنىڭ بۇلبۇلدەك شوخ ھەم ياڭراق  ئاۋازىنى ئاڭلاپ  يۈرىكىمنىڭ جاراھىتىغا تۇز قۇيغاندەك تولغۇنۇپ كەتتىم ، ئاندىن ئۆرۈلۈپلا كۇتۇپخانىغا يېنىپ كىردىم . لېكىن بىر بالا مېنىڭ قارشى تەرىپمىدىكى ئورنۇمنى يەنى ئەلشىرنىڭ ئولتۇرىدىغان جايىنى ئىگەللىۋاپتۇ. ئۇ كالۋانى   ئۇ ئورۇندا ئولتۇرۇۋالغىنى ئۈچۈن بېرىپلا تىللىماقچى ، كۇتۇپخانىنى بېشىمغا كىيىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشماقچى بولدۇميۇ جانسىز  قەدەملىرىم بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتىم.  ئوقچۇپ چىقىۋاتقان ياشلىرىم كۆزۈمنى  توسۇۋالغان بولسۇمۇ قەدەملىرىنى توختاتمىدىم . ياتاققا كىرگىم يوق ئىدى،  چۈنكى ئۇلار كۆز يېشمنى كۆرسە يەنە ئەلشىرنى تىللاپ قارغايدۇ،  مەن ھېچكىمنىڭ  ئالدىمدا ئۇنىڭ يامان گېپىنى قىلىشقا يول قويالمايمەن .
   قاتتىق  يامغۇر بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن  مەكتەپ ھويلىسىدا قانچىلىك ماڭدىم ئۇخمايمەن، ئاخىرى بىز  مۇڭدىشىپ ئولتۇرىدىغان ئائىلىكلەر قۇرۇسۇنىڭ يېنىدىكى يوغان دەرەخنىڭ قېشىغا كېلىپلا دەرەخكە يۆلۈنۈپ تۇرۇپ كۆزۈمگە پاتماي قالغان ياشلىرىمنى ئەركىگە قۇيۇۋەتتىم، ئاچچىق ياشلىرىم شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇر بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى ، گېلىمدىن بوغۇلۇپ چىقىۋاتقان يىغامنى  قاراڭغۇ ئاسمان گۈمبىزىنىڭ قەھرىدىن كەلگەن گۈلدۈرماما ئاۋازى بېسىپ كەتتى .
- قولۇڭنى مىدىرلاتما ، بولمىسا ئوكۇل چىقىپ كېتىدۇ.  چۈشۈمگە ئوخشاش غۇۋا ئاڭلانغان ئاۋاز بىلەن كۆزلىرىمنى ئاچتىم،  بېشىمدا  يېنىك تەۋرىنىپ تۇرغان ئاسما ئوكۇل خىرە ھالەتتە كۆرۈندى، ئىلىشاڭغۇ كۆزلۈرۈم  ئاشۇ دائىملا كۈلۈپ تۇرىدىغان ئەلىنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچراشقىنىدا ئاندىن سەل روشەنلەشتى.
ئۇ مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتمەيلا ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
- ئاخشام سىرتتىن كىرىۋاتسام دەرەخنىڭ تۈۋىدىكى ئورۇندۇقتا يىقىلىپ قاپسەن ....
                    *                                     *                      *   
     -سىرلىق نەرسىلەر گۈزەل بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالدىدا سىرلىق ھالىتىڭنى ساقلا ، سېنى بەك چۈشنىۋالمىسۇن بولمىسا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالىسەن،-دېگەن ئىدى مېنىڭ يازغۇچى دوستۇم . لېكىن دەل ئەكسىچە قىلدىم. ئۇنىڭ ئاشۇ كۆز ئەينەك ئىچىدىكى سىرلىق كۆزلىرى، ھېچقاچان پېتىدىن چۈشمەيدىغان  سالماق قىياپىتى، كەم سۆزلۈكى،  ئادەمگە بىلىندۈرمەيدىغان  ئىش ھەرىكەتلىرى مېنى بارا -بارا رام قىلىۋالدى..
گەرچە ئۇنىڭدىن ھېيىقىپراق تۇرساممۇ  ئالدىدا شۇنچىلىك ئۇچۇق ئىدىم، كۆڭلۈمدىكىنى ئۇنىڭغا يوشۇرماي دەپ بېرەتتىم ، ئارىمىزدا قىلچىلىك ئۇقۇشماسلىق چىقسىلا ئۇنى بىلىشكە ئالدىرايتتىم ، ئاغزىمنىڭ بىر قەۋەت تېرىسى چۈشۈپ كەتكۈچە چۈشەندۈرەتتىم ، مۇشۇچۈشەندۈرۈشلىرىمگە  ئاشۇ سىرلىق كۆزلىرىدىكى سۇس كۈلكىسى بىلەن جاۋاب بېرەتتى. بەزىلەردە نەچچە كۈنلەپ يوقاپ كەتسە ئەنسىرەپ پۇتۇم كۆيگەن توخۇدەك بولۇپ قالاتتىم ،لېكىن مۇشۇ ئەنسىرەشلىرىمنىڭ جاۋابى يەنىلا سۈكۈت ياكى،«سەن بىلمىسەڭمۇ بولىدۇ، قالغان ئىشلارنى كېيىن دەپ بىرەمەن...» دېگەن جاۋاپلا ئىدى .
    ئەلشىر  مېنى قوغلىشىشتىن بۇرۇنلا مەن ئەلى بىلەن خېلى يېقىن ئۆتۈۋاتاتتىم ، ئۇنىڭ ئەلشىرنىڭكىدىن بەستلىكرەك كەلگەن مەزمۇت گەۋدىسى،  ئۇلىما قاشلىرى ئاستىدىكى دائىملا كۈلۈپلا تۇرىدىغان مۇلايىم كۆزلىرى ماڭا بىر خىل يېقىنلىق تۇيغۇسى بەخش ئەتكەن ئىدى . ئۇ ئالدىمدا ئەلشىردەك  قېتىپ تۇرۇۋالمايتتى بەلكى كىچىك بالىنىڭ ئۆزىلا ئىدى، ھەر دائىم مېنىڭ دېگەنلىرىمنى قىلىپ بېرىشكە تىرىشاتتى ، كۆڭلۈم يېرىم  ۋاقىتلىرىمدا ئۆزى ھەرقانچە ئالدىراش بولۇپ قالسىمۇ يېنىمغا كېلىپ تەسەللى بېرەتتى .ئىشقىلىپ ئۇنىڭ مېنى خاپا قىلغان ۋاقىتلىرى بولمىغان ئىدى.
ئاشۇ خۇشال كۈنلىرىمدە  ئەلشىر تۇيۇقسىزلا پەيدا بولدى .  
-ئىسمى ئەلشىر ،مېنىڭ ئەڭ يېقىن  ئاغىنەم ، سېنىڭ بىلەن دوست بولۇپ قالغۇسى باركەن، ئۈندىدارىڭغا قاچىلىۋال ،- دېدى ئەلى .
- ناتونۇش ئادەم بىلەن دوست بولۇپ قېلىشقا خوشۇم يوق ،-دېدىم مەن دومسۇيۇپ .
-  مېنىڭ يېقىن ئاغىنەم تۇرسا ،خاپا بولۇپ قالمامدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە  مېنى ئىزدەپ تاپالماي قالساڭ ئۇنىڭغا دېسەڭ مېنى تېپپىپ بېرىشى مۇمكىن ،  ئۆزىمۇ بەك ئېسىل بالا ،مەن بولماي قالغان چاغلاردا يۈزۈمنى قىلىپ  سېنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملىشىپمۇ قالىدۇ تېخى .
ئەلشىرنى ئۈندىدارغا قاچىلاپ تۇنجى كۆرگۈنۈم قۇرئان ئۇقۇپ تۇرغان بالىنىڭ باش سۈرىتى بولدى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق باش سۈرەتلەرنى چىقىرىۋېلىپ ئۆزىنى تەقۋا كۆرسىتىپ ئىچىپ -چېكىپ ئويناپ يۈرۈيدىغانلارنى كۆپ كۆرگەچكە ئۇنىڭغا بولغان سەۋەبسىز بىزارلىقىم  تېخىمۇ كۈچەيدى.
دوستلارچەمبىرىكىگە كۈندە نەچچە قېتىم  چىقىرىپ تۇرىدىغان، ئىمان ، ئەخلاق تېمىسىدىكى نەرسىللىرىنى ئۇقۇپ ئەلشىرگە  بولغان بىزارلىقىم سۇس ھۆرمەتكە ئالماشقاندەك  بولدى  ،ھەر كۈنى  ئەلى بىلەن بىللە يۈرەتتى، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سالاملىشىىپ بولغاندىن كېيىن  ئەلشىرنىڭ  كۆز ئەينەك ئاستىدىكى سۇس كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىلەن مۇنداقلا سالاملىشىپ قۇياتتىم . لېكىن يالغۇز ئۇچراپ قالسا كۆرمىگەن بولۇپ ئۆتۈپ كېتەتتىم.
- ئەلشىرنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدىكەنسەنغۇ، ئوماق يۈزلۈرۈڭ ھەر قانچە نېپىز بولسىمۇ مېنى دەپ بولسىمۇ ئۇنداق قىلما،- دېدى ئەلى.
ئەلشىرنىڭ  چېقىمچىلىقڭنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بولغان بىزارلىقىم قايتىدىن كۈچەيدى، لېكىن جۈمە كۈنى ئەلى بىلەن پاكىز كىيىنىپ جۈمە ئوقۇۋاتقىلى  كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بولغان غايىۋانە ھۆرمىتىم قايتىدىن قوزغالدى .شۇ كۈنى ئۇنىڭغا  تېلېفون قىلسام ئۇلانمىدى . ئەلشىر  يادىمغا كەلدى  ، ئامالسىز ئۇچۇر يوللىدىم: ئۆيدىكىلەر نەرسە ساپتىكەن ، ئەلىگە تېلېفون قىلسام ئۇلانمىدى، يېنىڭىزدا بولسا دەپ قويسىڭىز نەرسىللىرىمنى ئەكلىشىپ بەرسۇن.بىر مىنۇت بولمايلا ئۇچۇر قايتۇردى : ئەلى يوق ئىدى، مەنلا ئەكىلىشىپ بېرەي . نېمىشقىمۇ دېگەندىمەن دەپ پۇشايمان قىلغان بولساممۇ يەنىلا پەسكە چۈشتۈم، ئەلشىر  يەنە ئاشۇ سالماق قىياپىتى بىلەن تۇراتتى، بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل قىزغىنراق سالاملاشقاندىن كېيىن بېكەتكە ماڭدۇق،ئۇنىڭ كۆڭلۈمدىكى ناچار ئوبرازى  ئۆزگەرگەن بولسىمۇ غايىۋانە ھۆرمەت تۇيغۇسى سەۋەبىدىن ئەيمىنىپ تۇراتتىم، شۇڭا ئۆزۈمنى پەقەتلا ئەركىن قۇيۇۋېتەلمىدىم. بېكەتنىڭ نەرسە تاپشۇرۇۋالىدىغان يېرىدە ئادەم بەكلا كۆپ ئىدى، پىژغىرىم ئىسسىقتا ئىككى سائەتكە يېقىن ئۆچرەت ساقلاپ يەشىكنى ئېلىپ چىقتى. تەرنىڭ دەستىدىن كىيىملىرى چاپلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ سالاپتى تېخى پىچىتى بىلەن تۇراتتى .
ئەلشىرگە  نەچچە ئېغىز ئارتۇق گەپ بىلەن رەھمەت ئېيتماقچى بولدۇميۇ يەنىلا خىجىل بولۇپ ئېغىز ئاچالمىدىم، ئاخىرى كەچ بولغاندا ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاپ رەھمەت ئېيتتىم . ئۇمۇ ئۇچۇر قايتۇرۇپ ،بۇنداق تەكەللۇپ قىلىپ كەتمىسەممۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، خوشلىقۇمدىنمۇ ئاغزىم قىچىشىپ تاماق يېدىڭىزمۇ دەپ سالدىم، شۇنداق قىلىپ ئۈندىداردىكى پاراڭلىرىمىز باشلاندى...ئەلشىر دائىم دىن ياكى  ئەخلاق توغرىسىدىكى ياخشى يازمىلارنى ماڭا ھەمبىرلەپ بېرەتتى،مەنمۇ جاۋابەن رەھمەت ئېيتىپ قۇياتتىم ،  پاراڭلىشىدىغان ۋاقتىمىز بارغانسېرى ئۇزىراشقا باشلىدى...
ئەلى بىلەن ئۇچۇرغان ۋاقتىڭدا بۇرۇنقىدەك ئەلى بىلەن  چاقچاقلىشىپ قويغاندىن سىرت ئەلشىر  بىلەنمۇ بىر نەچچە ئېغىز ئەھۋال سورۇشۇپ قويىدىغان بولدۇم..
ئاشۇ قېتىم مەنمۇ ئەلشىرمۇ نمۇ تەڭلا ئەلىگە يۈزسىزىك قىلدۇق، مۇھەببىتىڭىز بارمۇ دەپ سورۇدى ،گەرچە ئەلى ماڭا  ئۇچۇق تەلەپ قۇيۇپ باقمىغان بولسىمۇ  مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان بېشارەت بېرىپ ئۇقتۇرغان ئىدى. بۇ  ئەلشىرگىمۇ ئايان ئىدى ، لېكىن ئۇ بىلىپ تۇرۇپ سورۇدى.  مېنىڭ ئاللىقاچان ئەلشىرگە  ئېغىپ بولغان كۆڭلۈم ۋە ئەقلىمگە  ئاسىي ئېغىزىم« يوق »دەپ جاۋاب بەردى .ئاشۇ« يوق» دېگەن ئازغۇن جاۋاب بىلەن تۈگىمەس دىلغۇللۇق  ۋە كۆڭۈل دىشۋارچىلىقلىرى بىلەن تولغان ئازاب كوچىسىدىكى  تۇنجى قەدەمنى باستىم .
ئاشۇ كۈندىن تارتىپ ھەممە نەرسە ئاشكارا ئۆزگىرىشكە باشلىدى، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئۈندىدارمنى ئاچقىنىمدا ئىككى ئادەمدىن كەلگەن ئۇچۇر جاۋابىمنى ساقلاپ تۇراتتى، لېكىن مېنىڭ كۆزۈم  ئۇزاقتىن بېرى خۇشاللىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ ئادەتلەنگەن ئەلىنىڭ ئۇچۇرنى  كۆرمىگەندەكلا قىلىپ ئەلشىرنىڭ قىسقىغىنا قىلىپ يازغان ئۇچۇرىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا  ئالدىرايتتى.
قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ  ئوماق، تاماق يەمدۇق؟ بۇ ئەلىنىڭ ئۇچۇرى ئىدى.
چۈشۈڭە تاماق يەيلى .بۇ ئەلشىرنىڭ ئۇچۇرى ئىدى.
ئەلىگە كەچتە چىقىدىغانلىقىمنى دەپ قۇيۇپ   ئەلشىرنى ساقلاتمايلا پەسكە چۈشۈپ بولاتتىم .
(ئەلۋەتتە ئەلى بىلەن تۇلۇقتىن تارتىپ ياخشى ئۈتەتتۇق، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن تۇيۇقسىزلا ياتلىشىپ كېتەلمەيتتىم، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ ماڭا ئىلگىرى قىلغان ياخشىلىقلىرىغا ۋە ئەقدىسىگە  بىراقلا يۈزسىزلىك قىلىشقا پېتىنالمايتتىم.شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئەلشىر  بىلەنمۇ يۈرىدىغان بولۇپ قالدىم..)مەكتەپ بەكمۇ چوڭ بولمىغاچقىمۇ تولا ئۇچرىشىپ قالاتتۇق، ئەلى بىزنىڭ بىللە تاماق يەپ ئولتۇرغۇنىمىزنى كۆرسە ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا تامىقنى يېنىمىزغا ئەكېلىپ ئولتۇراتتى، لېكىن ئەلشىر  ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يەپ ئولتۇرغۇنىمزنى كۆرسە ماڭا يىراقتىن قاپىقىنى تۈرگەندەك قىلىپ قاراپ قۇيۇپلا كېتىپ قالاتتى ، دېمەك ئۇ بىزنىڭ خائىنلىق قىلغىنىمىزنى سەزمىگەندەك قىلاتتى.
   ئاشۇ كۈنى ئەلشىر  بىلەن كېتىۋاتسام يۇقىرى يىللىقتىكى مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق مەرھابا مېنى سوقۇپ ئۆتۈپ كەتتى .شۇنداقلا قارىشىمغا ئۇ ماڭا يەۋەتكۈدەك ئالىيىپ تۇرۇپ : ھۇ شاپاقچى قارايسەنغۇ دەپ تىل سالدى.
ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان ئاھانىتىنى تاپىنىمدىن كىرىپ مېڭەمدىن چىقتى :
-كىم شاپاقچىكەن ؟!!!
- سەن بولماي كىم بۇللاتتى !؟ ، كۈندۈزى بىرنى كەچتە بىرنى ئوينىتىپ يۈرۈيسەن، خەخنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ  يۇرتلىقلارنىڭ يۈزۈنىمۇ تۆكۈپ بولدۇڭ!...
ئۇنىڭ ھاقارەتلىرىگە چىدىماي پۇت قوللۇرۇم تىترەپ تېنىمدە ماغدۇر قالمىدى ، لېكىن ئەلشىر  مەندىن نەچچە قەدەم نېرىدا ئىپادىسىزلا تۇراتتى. دەل شۇ چاغدا ئەلى كەلدى. ئۇ  ئۆزىدىن چوڭ دېمەتلىك مەرھابانى قاتتىق بىر سىلكىۋېتىپ مېنىڭ قولۇمدىن تارتىپ ماڭدى.
-ئەلى دېگەن لاتا ،بىردەم جىم تۇرە ! ساڭا دەيدىغان گېپىم بار.
ئەلى مەرھابانىڭ قوپال ئاۋازىنى ئاڭلاپ شىپپىدە توختاپ قالدى:
-نېمە گېپىڭىز بار ؟
_ سېنىڭ كاللاڭ بارمۇيا؟ ماۋۇ شاپاقىچى سېنى ئوينىتىۋاتقىنىنى سەزمەيۋاتامسەن، چۈشتە سەن بىلەن يۈرسە كەچتە باشقا بىرى  بىلەن يۈرۈيدۇ...
ئېغىزىڭغا بېقىپ گەپ قىل!-دېدى ئەلى،-  نالەننى تىللاشقا ھەققىڭ يوق   ...
ئەمدى مەرھابا ئېغىزىنى راستنىلا قۇيۇۋەتتى، ئۇ بىردەم مېنى بىردەم ئەلىنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتتى . ئەلىنىڭ مۇشتلىرى غەزەپتىن تىترەپ تۇراتتى، لېكىن ھەرگىزمۇ قىز بالىغا قول ئۇزتالمايتتى، خۇداغا شۈكۈر،  شۇ چاغدا ئەلشىر  ياقتۇرمايدىغان دوستۇم  ئېھسان  كەلدى، ئۇنى كۆرۈپ مەرھابانىڭ ئېغىزىمۇ بېسىقتى  ۋە  تەلەپپۇزنى يۇمشىتىپ ئەزھەرگە  مېنىڭ ئۈستمدىن داتلاشقا باشلىدى. لېكىن ئەزھەر ئۇنى شەرەت بىلەنلا  گەپتىن توختىتىپ قويۇپ ئارقىسىغا قارىماي  كېتىپ قالدى، ئەلىمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە مېنى ئېلىپ كەتتى.
-خاپا بولما نالەن،-  دېدى ئەلى مېنىڭ ياشلىرىمنى سۈرتۈپ تۇرۇپ ،-ئىت دېگەن قاۋايدۇ ، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئۆزۈڭگە ئالما ، ساڭا ئىشىنىمەن...
كەچتە ياتاققا كىرىپ قارىسام ئۈندىدارىم ئەلشىردىن  كەلگەن ئۇچۇرلار بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ: نالەن ، بايام سېنى بەكلا قوغدۇغۇم ئۇ قىز بىلەن ئۇرۇشقۇم بار ئىدى، لېكىن ئۇ سېنىڭ بىر يۇرتلۇقۇڭ ھەم قىز بالا بولغاچقا ئۆزۈمنى بۇ  زىددىيەتكە ئارىلىشىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم، لېكىن ماڭا قارپمۇ قويماي ئەلىنىڭ كەينىدىن كەتكىنىڭ كۆڭلۈمگە بەكلا كەلدى . مېنىڭ سېنى ئەمدى ئەلى بىلەن تۇرغۇنىڭنى كۆرگۈم يوق، ھەم تەسىرىمۇ ياخشى بولمايدۇ ، بۈگۈنكى ئىش دەل بۇنىڭ مىسالى .
ئەلشىرنىڭ كىچىككىنە تەسەلىيىگە   باياتتىن ئەلىنىڭ ئېغىزىنىڭ بىر قات تېرىسى چۈشۈپ كەتكۈچە قىلغان ياخشى گەپلىرىدىن بەكرەك موھتاج ئىدىم ، لېكىن ئۇنىڭ تەسەللىنىڭ ئورنىغا بەرگەن  بۇيرۇقىنى كۆرۈپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. .ئەلشىردىن كۆڭلۈم قاتتىق ئاغرىدى! بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئىزدىمە،- دېدىم  . ئەسلى  ئەلشىرنى كەچۈرۈم سورايدۇ، ھېچ بولمىسا سەۋەبىنى بولسىمۇ سورايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم  ، لېكىن ئۇ  « ماقۇل » دىن ئىبارەت بىر ئېغىزلا ئۆزىگە ئوخشايدىغان سوغۇق ھەم رەھىمسىز جاۋابنى بېرىپلا گەپنى  تۈگەتتى. مەن پەقەتلا قوبۇل قىلالمىدىم، ئۇنى ئىچىمدە نەچچە مىڭ قېتىم قارغىدىم. ..
ئەلشىرنى ئۈندىدارىمدىن يۇيۇۋەتمەكچى بولدۇم ، لېكىن نېمىشقىدۇر ساراڭ كۆڭلۈم پەقەتلا ئۇنىمىدى .دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا ئىككى كۈن سىرتقا چىقماي ياتاقتا ياتتىم،چۈنكى مەكتەپ بەكلا كىچىك بولغاچقا چىقساملا ئۇچراپ قېلىشى  مۇمكىن ئىدى.  ئۇ چاغدا  ئەلشىرنى  ئۇچراتقۇم يوق ئىدى .
ئۈچ كۈن ئۆتتى ،  ئەلشىر بىر تالمۇ ئۇچۇر قىلىپ قويمىدى ، ئۇنىڭغا  بولغان ئۆچلۈكۈم بارا- بارا تەگسىز سېغىنىشقا ئالماشتى، ئۇچۇر يوللاپ باقماچى بولدۇم ، لېكىن قىزلىق غۇرۇرۇم قولۇمنى تۇتۇۋالدى.
ئەلشىر  «ماقۇل » دېگەن ئۇچۇرنى يوللاپ دەل بەش كۈن بولغاندا ئاخىرى تېلېفونۇم تىتىردى، يۈرىكىم قارتلا قىلىپ ئۇچۇرنى ئاچتىم. ئۇ مەن ئۆلگۈدەك تەشنا بولغان ئەلشىرنىڭ  ئۇچۇرى ئىدى: ئەھۋالىڭ ياخشىمۇ، نەچچە كۈندىن بېرى يوقاپلا كەتتىڭ ، ئاغرىپ قالدىڭمىكىن دېسەم ئۇنداق ئەمەسكەن. ئاچچىقىڭ ھېلىغىچە يېنىپمۇ قالغاندۇ، پەسكە چۈشكىن ...
ئەلشىرگە  توڭ تېگىپ ئۆچ ئېلىۋالماقچى ، بىردەم يالۋۇرتماقچى بولدۇم، لېكىن يەنىلا جۈرئەت قىلالمىدىم ، ئۇنىڭ يەنە ماڭا يالۋۇرمايلا « خوش » دەپ گەپنى ئۈزۈۋېتىشىدىن قورقتۇم.
ئاشۇ قېتىمقى تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئەلشىر بىر دەستە گۈلنى تۇتۇپ مېنى ساقلاپ تۇراتتى .  ئەلىمۇ  بىر دەستە  گۈلنى قۇچاقلاپ مېنى پەستە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، گۈلنى مەن تەرەپكە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئەلىنىڭ قەدەملىرى توختاپ قالدى، چۈنكى ئۇ ئەلشىرنىڭ  قولۇدىكى گۈلنى سۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدى، گەرچە ئەلشىر  ئالدىمدا تۇرسىمۇ كۆزلىرىم ئۇتەرەپكە يۈگۈرۈپ كەتتى، ئۇ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك قىلىپ بېشىنى چايقىدى، بىز تەرەپكە كېلىپ قولۇمۇمغا گۈلنى تۇتقۇزۇپ:  مېنىڭ نالەنىم،تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن دېدى -دە، ئەلشىرگە  باشتىن ئاياق بىر قارىۋېتىپ كېتىپ قالدى. ئەتىسى ئۇنى ئەزھەر بىلەن بىللە كۆردۈم ، ئەلى قوشمىللىرى تۈرۈگىنىچە ئېھسانغا  بىر نەرسىنى دەۋاتاتتى...
كەچتە ئەلى  ماڭا پەسكە چۈشكىن دېدى، بۇنداق بۇلىشىنى ئاللىقاچان بىلگەن، ھەتتا ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنىمۇ پەرەز قىلىپ بولغان ئىدىم .
-مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن نالەن، سەن بەكلا چىرايلىق ھەم ياخشى بولغاچقا ھەممە ئادەمنىڭ ساڭا كۆزى چۈشىدىكەن ،لېكىن مەن شۇلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچىسى، ھەم ھەممىدىن يامىنى ، مەن چوقۇم رەقىبلىرىمدىن سېنى تارتىۋالىمەن.
بۇ ھەرگىزمۇ مەن كۈتكەن جاۋاب ئەمەس ئىدى.ئەلىنىڭ  مېنى ۋاپاسىز ، شاپاقچى دەپ تىللاپ ئىچىنى بوشىتىۋېلىشىنى ، ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى ئۈمىد قىلغان ئىدىم.شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئەلى ماڭا تېخىمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى ، كۈندە نەچچە رەت تېلېفون قىلاتتى . بەزىدە  ئەلشىرنىڭ  قېشىدا تۇرغان ۋاقتىمدا تېلېفون كېلىپ  قالاتتى، ئۇنىڭ خاپا بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە قەستەن بېسىۋېتەتتىم، كېيىن ئەلى مېنى تېخىمۇ كۆپ ئىزدەيدىغان بۇلىۋالدى، ئۇرغان تېلېفونلىرى ، يوللىغان ئۇچۇرلىرى جاۋابسىز قالسىم پەرۋا قىلماستىن مېنى دائىم پەستە ساقلاپ تۇراتتى. ئاشۇ كۈنى ئۇ ماڭا كۆڭلىدىكىنىڭ ھەممىنى تۆكۈۋەتتى،مېنى ئۇزاقتىن بېرى ياخشى كۆرۈپ كەلگەنلىكىنى ،  ماقۇل دېسەملا مېنىڭ قولۇمنى مەڭگۈ قۇيۇۋەتمەسلىككە، ئۇقۇش پۈتۈرگەندىن كېيىن  ئۈرۈمچىدە قېلىشقا ياكى  ئاتا -ئانام ماقۇل بولسا ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كېتىشكە ،ئەگەر ماقۇل بولمىسا مېنىڭ يۇرتۇمغا كېلىپ ئائىلە قۇرۇشقا  ۋەدە بەردى .مەن ئۇنىڭغا ئىشىنەتتتىم، ئۇ مېنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى ،قولىدىن ئىش كېلىدىغان، دېگىنىنى قىلالايدىغان يىگىت ئىدى. ئەقلىم ئۇنى چىڭ تۇت دەپ تۇرسۇمۇ ئەلشىرگە  ئاللىقاچان قۇل بولۇپ بولغان يۈرىكىم جاۋاب بېرىشتىن توسۇپ قويدى.            
       بىر نەچچە كۈنگىچە قاتتىق دىلغۇل بولدۇم  ، ئاخىرى  «جىگوڭ» غا ئوخشايدىغان  ئېھسان  يادىمغا كەلدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئەلشىر  ئۇنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمىگەچكە   گېپىنى ئالدىدا كۆپ چىقارمايتتىم .
ئەزھەر مېنىڭ تولۇقسىزدىن تارتىپ بىر سىنىپتا ئۇقۇپ كەلگەن ساۋاقدىشىم ھەم 12 يىللىق يېقىن سىرداش دوستۇم ئىدى. ئۇ ياز بويى، يۇيۇۋېرىپ رەڭگى ئۆچۈپ كەتكەن گاڭسەر ،تالىپقا ئوخشاش ھۇشىقىنىڭ  ئۈستىگە كېلىدىغان  قارا شىم    ،ساپما كەش  كىيىۋالاتتى .(ھەتتا سىنىپقۇمۇ ساپما كەش بىلەن چىقاتتى).
   ئەزھەر دائىم كىتاب ئوقۇپ،بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئولتۇرىدىغان ، «خىلۋەتخانام » دەپ ئاتىۋالغان مەكتەپنىڭ خىلۋەت بىر بۇلۇڭىدىكى گۈللۈككە باردىم . ئۇ قېلىن بىر كىتابقا قاراپ قېتىپ قالغاندەك ئولتۇراتتى.  
-بۇنداق ۋەيرانە يۈرمىسەڭ بولمامدۇ؟ -دېدىم  ئۇنىڭغا،- يا سان گۈزەلىكنى سۆيمەمسەن  ؟
-مەن سەندىن سۇراي نالەن ،ئەگەر دۇنيادا سەندىن باشقا ئادەم مەۋجۇت بولمىسا ،سەن يەنە مۇشۇنداق ياسىنىپ ، گىرىم قىلىپ يۈرەمسەن؟
- بۇ ....بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن .
_ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ  توزدەك ياسىنىشلىرىڭنىڭ  سېنىڭ باشقىلار كۆزىدىكى ئاتالمىش گۈزەللىك ئۇقۇمى ئاستىدا  ياشاۋاتقانلىقڭنىڭ بىر ئىپادىسى،سەن ئۇلارنىڭ باھاسىغا، كۆز قارىشىغا تايىنىپ ياشايسەن . ئۆزۈڭنى دۇنيادا مەندىن باشقا ھېچكىم يوق دەپ ئويلا، مۇشۇ ۋاقىتتىكى ھالىتتىڭ دەل پەقەت ئۆزۈڭگىلا تەۋە بولغان   گۈزەللىك قارشىڭ .
يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا بۇ بىر قۇرامىغا يەتكەنلەردە تەبىئىي پەيدا بولىدىغان يات جىنسقا بولغان ئىنتىلىشنىڭ  غۇۋا  كۆلەڭگۈسىنىڭ بىر قىسىمى، بۇ خۇددى توزنىڭ ئۆزىنىڭ چىرايلىق قۇيرۇقىنى نامەيەن قىلىپ جورىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانغا ئوخشايدۇ.
_ سەن ئۇنداق ئەمەسما،ئەزھەر  ؟
_مەن باشقىلارنىڭ كۆزىدە ياشاشنى خالىمايمەن، شۇڭا ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان «ۋەيرانە »ھالىتىم بىلەن ئىپادە قىلىنغان گۈزەللىك ئۇقۇمۇم ئىچىدە  ياشايمەن. يات جىنسقا بولغان ئىنتىلىشكە   كەلسەك ، نورمال  ئىنسان بولغاندىكىن مەندىمۇ بولىدۇ، پەقەت شۇ ئىپادىلىمىگەن يېرىملا بار .
-بولدى ،بۇ توغرۇلۇق پاراڭلاشمايلى،ماڭا بۇ قېتىم چوقۇم ياردەم قىل،مەن زادى كىمنى تاللىشىم كېرەك ؟ -دېدىم ئۇنىڭغا.
ھا ھا ....ئۇ بىر  مىنۇتقا يېقىن  توختىماي كۈلۈپ  مېنى بەكلا ئوڭايسىز ھالەتتە قالدۇردى.
-نالەن، سېنىڭ كۆڭلۈڭ ئاللىقاچان كىمنى تاللاشنى بەلگىلەپ بولدى.
- لېكىن ئەلىگە  قىيالمايمەن، ئۇنىڭغا مۇشۇنداقلا يۈزسىزلىك قىلىشقا پېتىنالمىدىم.
-بۇ پەقەت سېنىڭ ئازراق ئنسابىڭ بارلىقىنىلا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
- مەن ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقتىم، ئەلشىر قابىلىيەت جەھەتتە  ئەلىگە يەتمەيدۇ.  لېكىن ئەلشىر بىر تەقۋا، دىندار بالا ، مىجەزىمۇ  بەك ناچار ئەمەس...
-بۇ   ئەقلىي تەپەككۇرۇڭنىڭ مېۋىسى، مۇھەببەتنى   قەلبنىڭ تەبىئىي سەزگۈسى بەلگۈلىگەندىلا ئاندىن ساپ بولىدۇ،ئەگەر  ئەقىل ئارىلاشسا ئۇ ئەسلىي ساپلىقىنى يوقۇتۇدۇ.
- شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ، مەن بەكلا ئىكلىنىپ قالدىم، ئۆتۈنۈپ قالاي ماڭا ياردەم قىل.
ماڭا قارا ،گۈزەل قىز ،-دېدى ئۇ باياتتىن بېرى ئىزچىل ئىپادىسىز تۇرغان كۆزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ،- سەن مېنىڭ يېقىن دوستۇم، شۇڭا بۇنداق بىچارىلەرچە يالۋۇرۇشڭنىڭ ھاجىتى يوق .مەن سەندىن سوئال سورايمەن چوقۇم راست گەپ قىل بولمىسا ياردەم قىلالمايمەن.
-بولىدۇ خاتىرجەم بول، چوقۇم راست گەپ قىلىمەن .
- ئەگەر سېنى ئەلىنى تاللا دېسەم ، ئىكلەنمەي تالىيالامسەن؟
- بۇ...ئۇنداق قىلالمايمەن.
-نالەن ،ھەر نېمە بولسا راست گەپ  قىلدىڭ .سەن مېنىڭ ئالدىمغا ياردەم سوراش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت كۆڭلۈڭنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا كەلدىڭ. سېنىڭ مەقسىتىڭ ماڭا ئەلشىرنى تاللا دېگۈزۈپ  دېلغۇلۇقڭنى سۈپۈرۈپ تاشلاشقا؛ ئەلىگە قىلغان يۈزسىزلىكىڭ سەۋەبىدىن بولغان ۋىجدانىڭنىڭ سوراق قىلىشىدىن قۇتۇلۇشقا  ئۇرۇنۇش.  بۇ خۇددى تارىختا ئۆتكەن  پادىشاھلارنىڭ  قىلماقچى بولغان خاتا   ئىشلىرىغا  قول ئاستىدىكى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل خاھىشىغا بويسۇنىدىغان  ئۆلىمالاردىن «قىلغىنىڭ توغرا »دەپ پەتىۋا ئېلىش ئارقىلىق ،كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ گۇناھ تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇپ   ئۆز كۆڭلىنى ياسىغىنىغا  ئوخشايدۇ .ئەگەر مەن سېنىڭ كۆڭۈل خاھىشىڭغا بويسۇنماستىن بارلىق توغرا بولغان پاكىتلارنى ئالدىڭغا تاشلاپ ئەلىنى تاللا دېسەممۇ  ھەرگىز قايىل بولمايسەن.. چۈنكى ھازىر  قەلبىڭنى پۈتۈن ئىگىلەپ بولغان ئەلشىرنىڭ سايىسى ئەقىل كۆزۈڭنى توسۇۋالغان....
-دېگەنلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن ، لېكىن ئەزھەر...
ئۇ قولىغا كىتابىنى ئېلىپ بايام كەلگەن يەرنى ئىزدەشكە باشلىدى، بۇ ئۇنىڭ « گەپ تۈگۈدى، كەتسەڭ بولىدۇ »دېگىنى ئىدى.ئامالسىز ئېغىزىمنىڭ ئۇچچىغا كەلگەن گېپىمنى يۇتۇۋېتىپ  ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتىم، دەل شۇ چاغدا ئەلشىر  ئۇچراپ قالدى ،لېكىن كۆرمىگەن بولۇپ كېتىۋەردىم.
ئەزھەر  گەپلىرىدىن ئازراق ئەقىل تاپتىم ھەم بىر ھەپتىگىچە ئەلشىر  بىلەنمۇ ئەلى بىلەنمۇ ئالاقىلاشماي كاللامنى سەگىتىپ  ئەستايىدىل ئويلانماقچى بولدۇم.  بەش كۈن ئويلىنىپ ئاخىرى  ئىككىلىسى  بىلەن ئۇچۇق يورۇق سۆزلۈشۈپ باقماقچى بولدۇم، باشتا كىم بىلەن سۆزلىششنى بىلەلمەي قالدىميۇ،  ئەلشىرنى سېغىنىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ  بىلەن باشتا كۆرۈشۈشنى تاللىدىم.
-ئەلشىر ،ئېيتىپ باقا ، مۇھەبەتلىشىشتىكى مەقسەت زادى نېمە؟- دېدىم مەن ئۇدۇللا .
-ئۆزۈم  ياخشى كۆرىدىغان  نالەن بىلەن توي قىلىش.
خۇشاللىقىمدا سەكرىۋەتكىلى تاسلا قالدىم ، بۇ دەل مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئۆلچەملىك جاۋاب ئىدى.
-ئەگەر بىر كۈنلەردە ئاتا -ئانام مەندەك بىر تاللا قىزىنىڭ شىمالدا قېلىشىغا قوشۇلمىسىچۇ؟
-ئۆزۈم سېنىڭ يۇرتۇڭغۇ كېتىمەن.  
-لېكىن مېنىڭ ئۈرۈمچىدە قالغۇم بار .
-بۇمۇ بولىدۇ ،-دېدى  ئەلشىر قولۇمنى  ئوتتەك تەپتى بار ئالىقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ  ،-پەقەت مېنى تاشلىۋەتمىسەڭلا ئۈرۈمچىدىن خىزمەت تېپىپ، سېنى مۇشۇ يەردە باقىمەن.
يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەيلا دېدى. ئەمدى ئەلى بىلەن كۆرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىدىم، چۈنكى ئۇ بەرگەن ۋەدىلەرنى ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭمۇ ئېغىزىدىن ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم. دېمەك ھازىر مەن بەختلىك ئىدىم.ئەمدىكى مەسىلە ئەلىگە قانداق چۈشەندۈرۈش ۋە ئەزھەرنى ھازىرقى تاللىشىمنى قوبۇل قىلغۇزۇشتا قالغان ئىدى. لېكىن ئەلىگە قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمىگەچكە ،ئاۋۋال  ئېھسان  بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدۇم.   
مەن توختىماي ئەلشىرنىڭ ياخشى گەپلىرىنى ، ماڭا بەرگەن ۋەدىللىرنى،ۋە مۇئامىلسىنى ئېھسان  ئالدىدا تەرىپلەشكە باشلىدىم.   
  -سەن يەنە كونا ئۇسسۇل بىلەن ئۇ ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپسەن نالەن، مەن ساڭا دېگەن، سېنىڭ  كۆڭلۈڭ ئەلشىرگە ئېغىپ بولدى، ئۇنىڭ ئوتى ئاللىقاچان ئەقلىڭنىڭ تىزگىنىنى كېسىۋەتتى . بايام ئەلشىر توغرۇلۇق ئېيتقانلىرىڭدىن چىقىپ تۇرۇپتۇ،  ھازىر ئەلشىرنىڭ ئۇسۇرىقىمۇ ساڭا ئىپار پۇرايدۇ.ئەلىگە تارتىشىشىڭنىڭ سەۋەبى ئۇ ساڭا بەك كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلغان،ھەم يېقىن دوستۇڭ ،(ئۆزىمۇ ئىۋەن تاپقۇسىز بالا ) شۇڭا ئىنسابىڭ تەلۋە  قەلبىڭ ئالدىدا ئاجىز بولسىمۇ قارشىلىق قىلىپ سېنى ئەلى تەرەپكە تارتىۋاتىدۇ .
ئەمدى مەن ئۇ ئىككىسىگە بولغان شەخسىي كۆز قاراشلىرىمنى سۆزلەپ باقاي: ئەلى سېنىڭلا ئەمەس مېنىڭمۇ يېقىن دوستۇم، ئۇ  خۇددى سەن دېگەندەك مەرد ، ئۇچۇق- يورۇق، قولىدىن ئىش كېلىدىغان بالا ، لېكىن ئاجىزلىقى ھەممە ئادەمنى ئۆزىدەك ،تۈز -ساددا دەپ چاغلايدۇ،شۇڭا  ئۆزىنىڭ ساددا قارشى بويىچە ساڭا توختىماي ياخشىلىق  قىلسام، قىزغىن مۇئامىلىدە بولساملا سېنىڭ ياخشى كۆرۈشىڭگە ئېرىشەلەيمەن دەپ ئويلايدۇ. ئەلشىرنىمۇ ئۆزىدەك ساددا چاغلاپ  ئېچىنىشلىق يېڭىلىپ قالدى.
ئەلشىرگە كەلسەك بەزى گەپلىرىم بەلكىم قۇلۇقۇڭغا ياقماسلىقى مۇمكىن . باشتا ئۇ شىماللىق مەن جەنۇپلۇق بولغاچقا بەك يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتمىگەن، لېكىن كېيىن ئەلىنىڭ سايىسىدا ئازراق يېقىن بولۇپ قالغان،ئەلۋەتتە ماڭا باشتا ئېغىر بېسىق ، بىلىمدار ھەم تەقۋا كۆرۈنگەن ، لېكىن ئۆز ئاغىنىسى ئەلىنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ ساڭا باشقا نىيەتتە بولغانلىقىغا، ھەم دىندار تۇرۇپ كەچلىرى سېنىڭ قولۇڭنى تۇتۇپ  سىرتلاردا پىرقىرتىپ يۈرگىنىگە قاراپ ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم ،ئاندىن سەن ھەم ئەلى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن يېقىنلىشىپ ئىچىنى تىڭشاپمۇ ئۈلگۈردۈم. ھەقىقەتەن دىننى بىلىمى  چوڭقۇر بالىكەن،ھەم خېلىلا تەقۋاكەن، لېكىن  ئوتۇڭ بەكلا يامان كېلىپ قالدىمۇ،   ساڭا كەلگەندە ئۆزى سۆزلىگەن ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلالماي قالدى.
لېكىن ئېھسان ، ئۇ يەنىلا باشقا ئوغۇللارغا قارىغاندا مىڭ ياخشى، مەنمۇ چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن، ھەتتا قولۇمنى چىڭ سىقىپ   تۇرۇپ كەلگۈسىدە ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشقا ۋەدە بەردى.
_ نېمە دېدىڭ نالەن؟ قولۇمنى چىڭ سىقىپ  تۇرۇپ كەلگۈسىدە ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشقا ۋەدە بەردى ؟! سەن ئۇنىڭ نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنى بولمىساڭ ، قولۇڭنى تۇتسا نامەھرەم بولىدىغىنىنى ئويلۇمىغانمىدۇ.
-بۇ....مەن بىلىمەن ، سەن مېنىڭ  ئەلىنى تاشلىۋەتمەكچى بولغىنىمغا نارازى، شۇ ئەلشىردىن توختىماي قۇسۇر چىقىرىۋاتىسەن.
  ئۇ ماڭا ھەيران بولغاندەك لاپپىدە قارىدى. شۇ تاپتا گەپنى قايتۇرۇۋالغىلى بولسىدى، چوقۇم بايام ئازغۇنلۇقتا دەپ سالغانلىرىمنى قايتۇرۇۋالاتتىم.
ئېھساننى  مەن بەك ھۆرمەت قىلاتتىم، ئۇمۇ مېنى ئۆز سىڭلىسى ئورنىدا كۆرۈپ كۆيۈنەتتى، مەكتەپتە ئۇ بولغاچقىلا مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى بىخەتەر ھېس قىلاتتىم. لېكىن بۇ قېتىم ئەلشىرنى  دەپ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا گەپ ياندۇردۇم. ئېھسان  مېنىڭ ئوڭايسىز ھالەتتە قالغىنىمنى دەر ھال سىزىۋالدى ، كۆزلىرىگە مۇلايغىنە كۈلكە يۈگۈرتۈپ:
-نالەن، بەكلا ئوماق ھەم پەرىدەكلا چىرايلىقسەن . لېكىن  گۈزەل قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دۆت كېلىدۇ.
سەن ئەلشىرنى بەكلا ياخشى كۆرۈسەن ئۇمۇ سېنى ياخشى كۆرىدىكەن، ھەتتا ساڭا كەلگۈسىڭلار توغرىسىدا ۋەدىمۇ بېرىپتۇ، بەلكىم ئاشۇ ۋەدىللىرى راستتۇر، لېكىن نالەن،  ئەلشىر  پۇزۇر كىيىنپ  ئاتا ئانىسىنىڭ بەرگەن پۇلىنى كەڭ تاشا خەجلەپ يۈرىيدىكەن. جاھاندىن بىخەۋەر ، زاھىد مىجەز بالىكەن. ئۆزى دىندار بولسىمۇ ،  ئىش خۇشياقمايدىغان ھۇرۇن ھەم چۈشكۈنكەن.  كومپيۇتېر ، ئېنگىلىزتىلى دېگەنلەردىن  ھازىرغىچە بىرەر   كىنىشكىمۇ ئالماپتۇ، مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئوننەچچە پەندىن دەرس قېلىپ بوپتۇ . بۇنداق  كېتىۋەرسە دېپلومنىمۇ ئالالماسلىقى ھەتتا مەكتەپتىن ھەيدىلىشى مۇمكىن . مۇشۇنداق تۇرسا دېگەنلىرى  راست بولسىمۇ  ئاشۇ بىر پاتمان ۋەدىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا  چامى يېتەمدۇ. تېخى سېنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ قېلىپ باقىمەن دەپتۇ. ئۈرۈمچى دېگەن پۇلى ، بىلىمى ،قابىلىيىتى بارلار ئاندىن پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان يەر ،ئۇ سېنى ئۈرۈمچىدە غۇربەتچىللىكتە قالدۇرماي ھالىڭدىن خەۋەر ئالالمدۇ؟!.شەيتاننىڭ بىردەمچىلىك ۋەسۋېسىگە چىدىماي قولۇڭنى تۇتۇپ يۈرسە ئىسلامىي ئائىلىدىن قانداق سۆز ئاچقىلى بولىدۇ .
ئېھساننىڭ دېگەنلىرى سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن بىر ئاچچىق ھەقىقەت  ئىدى.
-ئۇنداقتا ،ئەلشىر بىلەن ئىزدەشمەمدىم؟ ئېھسان   ئورۇندۇقىغا يۆلۈنۈپ  مېنى ئوبدان ئويلىنىۋال دېگندەك كۆزىنى  يۇمۇپ  بىردەم جىمىۋالدى . شۇ ئارىلىقتىكى نەچچە مىنۇت سۈكۈت ئىچىدە مەن قارارىمنى يەنە بىر ئويلاپ باقتىم ، ئەلشىر  بىلەن ئالاقەمنى ئۈزگۈدەك جۈرئەتنىڭ يوقلىقى ئايان بولدى.  دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئويلىغانلىرىمنى دەپ ئۈلگۈردۈم:
- ئەلشىردىن ئالاقەمنى ئۈزەلىشىمگە كۆزۈم يەتمەيدۇ .
ئېھسان   كۆزىنى لاپپىدە ئاچتى، ئاندىن كۈلۈپ،- مەنمۇ تېخى سېنى ئالاقەڭنى ئۈز دېمىدىمغۇ.
_ گەپلىرىڭنىڭ ئورامىدىن چىقىپ تۇرمامدۇ؟
_ مەن پەقەت ئالدىڭدا ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ئەلشىرنىڭ دەردىدە قاپاق بولۇپ كەتكەن كاللاڭنى سەگىتىپ قويدۇم.
ئەمسە ئۇنى تالىشىمغا قۇشۇلدىڭما؟
-بولدى نالەن ،بۇنداق بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالما، مەن قارشى تۇرغان تەقدىردىمۇ سەن بەرىبىر تالىشىڭدىن ۋاز كېچەلمەيسەن.
-ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەستى ،- دېدىم مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋايلاپ.
- ياق نالەن،ئەگەر سەن كۆڭلۈڭ ئىستىگەن يولدا مېڭىپ باقمىساڭ، نۇرغۇن يىللارغىچە تەۋەككۈل قىلىپ باقمىغىنىڭغا ئۆكۈنىسەن، ئۇنى ئېسىڭدىن چىقىرالمايسەن.
-ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن يۈرسەم بۇلامدۇ ،-دېدىم مەن  ئىچىمدىن تېپىپ چىققان  خۇشاللىقمنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ.
-سېنىڭ نەزىرڭدىكى يۈرۈش قانداق  بولىدۇ ؟!
ئەتراپڭدىكى بىر مۇنچە كىشىلەردەك  پۈتۈن كۈن دېگۈدەك  يېتىلىشىپ يۈرسەڭلار، ئۈچ ۋاق تاماقنى   بىللە يېسەڭلار؛ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمدا ،تۇغۇلغان كۈنۈڭلاردا ئاتا - ئاناڭلار بەرگەن پۇلغا بىر- بىرڭلارغا قىممەت پۇللۇق سوۋغا ئېلىپ بەرسەڭلار؛ يۈرگەن، مۇھەببەتلەشكەن بولامسىلەر؟!
_ياق ..ياق ..ئۇنداق ئەمەس.
-ئەمسە قانداق؟
-بۇ.....
-نالەن، گەپ ئۇچۇق بولۇپ قالسۇن، مەن پەقەت ئۇنى تالىشىڭغىلا رۇخسەت قىلدىم، باشقىلارغا ئوخشاش ئەر -خوتۇندەك يېتىلىشىپ يۈرىمەن دېسەڭ ھەرگىز بولمايدۇ،
-ئۇنداقتا  سەن  ئامال بولسا دەپ بېرە.
- مەن ساڭا بەك ئىشىنىمەن، بۇ يەرگە كېلىپ تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدۇم، باشقىسىنى دېمەيلا قۇياي، ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، خېلى _خېلى قىزلارمۇ ئۇزۇن كۆڭلەك بىلەن ئىشتاننىڭ ئورنىغا، ئۈچەيدەك ئىشتان بىلەن ، تار گاڭسەرلەرنى كىيىپ، گىرىمنى بولۇشىغا قىلىپ  بېشىغا ئىككى قات رومال تېڭىۋالغاندا  سەن  ئۇنداق قىلمىغان. باشقىلار كەچلىرى ياتاققا كىرمەي  بەس - بەس بىلەن «مۇھەببەت » جېڭىگە ئاتلانغاندىمۇ ئۆزپېتڭدىن چۈشمەي تۇرغان، لېكىن بۇ قېتىم ئەلشىر نىڭ دەردىدە كاللاڭ پۈتۈن تۇرمۇزلۇنۇپ قاپتۇ . بۇنى مەندىن سورىماي ئۆزۈڭ ئەقلىڭ، ئېتىقادىڭ بىلەن ئوبدان ئويلاپ كۆر.
-چۈش بولۇپ قاپتۇ ، ماڭا تاماق يېيىشىپ بەر ،- دېدىم ئۇنىڭغا .
_ خاپا بولما، تاماقنى ياتاققا ئەكىرىپ كېتىپ يەيمەن.
- مەن بىلەن بىللە تاماق يەپ خەخنىڭ گېپگە قېلىشىن قورقامسەن يا .
-  نالەن، نېمانداق كىچىك بالىدەك ئۇششاق خىيال قىلىسەن ،- دېدى ئۇ تىرىككەندەك بولۇپ.
ئەمسە  نېمىشقا  دائىملا تامىقىڭنى ئېلىپلا ياتاققا يۈگۈرەيسەن ؟
مېنىڭمۇ ئاشخانىدا تاماق يېگۈم بار ، لېكىن  ئاشخانىدا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان ئىشلار بەكلا كۆپ بولغاچقا خاتىرجەم تاماق يېيەلمەيدىكەنمەن.
ئاشخانا ياتىقىڭدىن پاكىز تۇرسا نېمىگە كۆڭلۈڭ ئېلىشىدۇ؟
- بولدى  نالەن، يىشودەك سوئال سۇراۋەرمە، كېيىن دەپ بىرىمەن.
_ دېگۈڭ بولمىسا مەجبۇرلىماي، ھە راست ،ئەلىگە نېمە دەپ چۈشەندۈرىمەن.
_ ھا ..ھا ... گەپنى ئۇچۇقلا ئېيتمامسەن..
- ئۇنىڭ كۆڭلىنى پەقەتلا  ئاغرىتقىم  يوق،بۇنىڭدىن ياخشى ئامال يوقمۇ؟
-بار ، ئەلىنى تاللىساڭ كۆڭلى ئاغرىمايدۇ.
-بۇ مۇمكىنمۇ، ئېھسان ؟!
   ئەلىنى تۇنجى قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلدىم، ئۇنىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيدۇمۇ بىلمىدىم، ئۇ قېتىم پەقەتلا ئېچىلىپ ئولتۇرالمىدى، سۆزلىرىمۇ قۇلاشمايتتى.
-مەن ساڭا بىر گەپنى دەي دېگەن ئەلى. ئۈستەلدىكى ئاللىقاچان سۇغۇپ قالغان چايدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي تۇرۇپ .
- بولدى دېمىسەڭمۇ بولىدۇ، ئۆلۈمگە بۇيرۇلىدىغىنىمنى ئاللىقاچان كۆڭلۈم سېزىپ بولغان.
-مېنى كەچۈرگىن ، مەن ساڭا  يۈز كېلەلمەيمەن-، دېدىم ئۇنىڭغا قاراشقا جۈرئەت قىلالماي-، شەخسىيەتچىلىك قىلىپ سېنى بەك كۆپ قىينىۋەتتىم.
- بولدى نالەن ئۆزۈڭنى بەك ئەيىبلەپ كەتمە، ھەممە نەرسىنى سەدىقە قىلغىلى بولسىمۇ مۇھەببەتنى سەدىقە قىلغىلى بولمايدۇ.ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا سەندەك ئاق كۆڭۈل قىز چوقۇم ماڭا سەدىقە قىلغان بۇلاتتى.
- مېنى راستتىنلا كەچۈر، سەن بەك ياخشى،سېنىڭدىنمۇ ئايرىلغىم يوق، مېنىڭ ناچارلىقىم سەۋەبىدىن دوستلۇقىمىزغا تەسىر يەتمىسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.
-خاتىرجەم بول دېدى،- ئۇ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەندەك تۇرىدىغان كۆزلىرىگە سۇس تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ  ،-سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم .
ئۇ ئۆزىنى شۇنچە ئازادە تۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ ، پەقەتلا قاملاشتۇرلمايۋاتاتتى: بىر - بىرىمىزدىن خۇددى مۇئەللىم بىلەن سوئالغا جاۋاب بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىدەك گەپلەر «ھەئە» ياكى «ياق » بىلەنلا تۈگەنلىنەتتى. ئاندىن ئارىمىزنى تاغدەك توسۇپ تۇرىدىغان   ئېغىر بىر سۈكۈت باساتتى .
-نالەن،  پويىز بېلىتىنى قاچان ئالىمىز  ،-دېدى ئۇ.
مەن ئۇنىڭغا ھەيران بولغاندەك لاپپىدە قارىۋېدىم  ئۆزىنىڭ ئورۇنسىز گەپ قىلىپ قويغانلىقىنى دەرھاللا سېزىپ بويۇن قۇلاقلىرغىچە قىزىرىپ كەتتى ، چۈنكى تەتىلگە يەنە ئۈچ ئايدەك ۋاقىت بار. ئۇ مېنى مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ قۇيۇپ  ئۆزى   يالغۇز ئايلىنىپ كېلىمەن دەپ كېتىپ قالدى.( كېيىن شۇ كېچىسى ئۇنىڭ ياتاققا قايتماي، سىرتتا بىر كېچە تېنەپ يۈرگەنلىكىنى بىلدىم).   
   كېيىن مېنىڭ تىرىشچانلىقىم بىلەن  ئەلى بىلەن قايتىدىن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدىم . ئەلشىرنى  شۇنچە ياخشى كۆرسەممۇ بەك ئەيمىنگەچكە ئىشلىرىم چىقىپ قالسا يەنىلا  ئەلدىن ياردەم سوراشقا  مايىل ئىدىم، ئۇمۇ ماڭا بۇرۇنقىدەكلا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلاتتى.
ئاشۇ كۈنى ئۆيدىكىلەر يەنە نەرسە ئەۋەتتى ، مەن ئەلىدىن ياردەم سورىدىم، نەرسىنى ئېلىپ  مەكتەپكە كىرىۋاتساق ئەلشىر ئۇچراپ قالدى، ئاندىن قاپىقىنى تۈرگەن پېتى يەشىكنىڭ مەن تۇتقان تەرىپىنى كاپلا قىلىپ تارتىۋېلىپ ئەلىنىڭ كۆتۈرۈرۈپ بېرىشەي دېگىنىگە ئۇنىماي يەشىكنى مۈرىسىگە ئېلىپلا مېنى يېتىلىگەن پېتى كېتىپ قالدى، ئەلى نېمە قىلىشنى بىلمەي قىزىرىپ- تاتىرىپ جايىدىلا تۇرۇپ قالدى. مەن ئەلشىردىن قاتتىق خاپا بولدۇم.  
ياتاققا كىرىپلا ئەلىدىن كەچۈرۈم سۇراپ ئۇچۇر يوللىدىم، لېكىن ئۇنىڭ دېگەنلىرى مېنى تېخىمۇ خىجىل قىلىپ قويدى  :
«- نالەن، ئەسلى كەچۈرۈمنى مەن سۇرۇشىم كېرەك ئىدى، سەن ئەلشىر بىلەن مېنىڭ ئارامدا قېلىپ بەك كۆپ تەڭقىسلىقتە قالدىڭ.  بىلىمەن، كۆڭلۈمگە پەقەت ئازار بەرگۈڭ يوق، لېكىن مۇھەببەت دېگەن شەخسىيەتچى كېلىدۇ،ئەلشىرنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولساممۇ چوقۇم قىزغانغان بولاتتىم. »
ئاندىن ئەلشىرگە  ئۇچۇر يوللىدىم :
- بايام نېمانداق قىلىسەن، ئەلى مېنىڭ يېقىن دوستۇم تۇرسا !
- «ماڭ قارا نالەن ، بىلىمەن ئۇ مېنىڭمۇ ياخشى دوستۇم، ئەمما مەن بىلەن  ئارىلىشىپ تۇرۇپ، ئەلى بىلەن سىرتلاردا يۈرسەڭ باشقىلار  سېنى خاتا چۈشىنىپ يەنە ئازار بېرىپ قېلىشى مۇمكىن ،بىلسەڭ پەقەت ساڭا ياخشى بولسۇن ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم»  دېدى  . لېكىن بۇ جاۋاب مېنى ئانچە قايىل قىلالمىدى.
- ئەلشىرنىڭمۇ دېگىنى توغرا،- دېدى ئېھسان  ،-  سەن بەكلا تۈز ھەم ئاق كۆڭۈل ، لېكىن ھەممە ئادەم  سەندەك تۈز ئەمەس،  ساددا ،ساپ كۆڭلىڭ بىلەن ئويلىغان ئىشلارنى ئۇلار  ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان ساپلىقىنى يوقاتقان ئەگرى- تۇقاي تەپەككۇرى بىلەن  يامان تەرەپكە بۇراپ ، مەرھاباغا ئوخشاش « شاپاقچى» غا چىقىرۋېتىدۇ، ھەتتا ئەلشىرمۇ توغرا چۈشىنەلمەيدۇ.  بەلكىم ئويلايدىغانسەن ،« خەخ نېمە دېسە دېمەمدۇ»  دەپ ، لېكىن   سەن مۇشۇنداق بىر ئىجدىمايى مۇھىت ئىچىدە تۇرغان  ئىكەنسەن ئاڭسىز ھالدا ئەتراپىڭدىكى مۇھىت  سىزىپ بەرگەن سىزىق  ئىچىدە ياشاپ قالىسەن. يەنە بىر تەرەپتىن، سەن ھەر قانچە تىرىشساڭمۇ ئەلى بىلەن بۇرۇنقىدەك يېقىن بولۇپ ئۆتەلمەيسەن .چۈنكى  ئەلىنىڭ  سۇنغان يۈرۈكنى مەنسىتمەي  قاتتىق بىر دەسسەپ ئۆتۈپ كېتىشىڭ بىلەن ئاراڭلاردىكى پاراللېل مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ  ئەلى سېنىڭ ئالدىڭدا تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، سەن بۇرۇنقىدەك يېقىن كۆرەلىسەڭمۇ، ئۇنىڭ  رەنجىگەن دىلى ئۇنداق قىلالىشى ناتايىن .  دېمەك   ،  ئاراڭلاردا ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر ھاڭ پەيدا بولدى. ئەمدى  ئۇنىڭ بىلەن ئارىلىق ساقلىغان ھالەتتە ئادەتتىكى دوست بولۇپ ئۆتەلىسەڭ شۇنىڭ ئۆزى بىر چوڭ ئىش .ئەگەر سەن يەنە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن دەپ ھەددىدىن زىيادە يېقىنچىلىق قىلساڭ، ئۇنىڭ دىلىغا مۇز چېچىپ ئۆچۈرگەن ئوتلىرىڭ قايتىدىن  لاۋۇلداپ سېنى يەنە تەڭقىسلىقتە قۇيۇشى مۇمكىن        .
     ئاشۇ كۈنى سىرتتىن كىرىۋاتساق  ئەلى قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن غايىبتىن پەيدا بولغاندەكلا كېلىپ  مېنى تۇتۇۋالدى. ئەلشىر  ئۇنى مۇنداقلا ئىتىرىۋېدى ئۇ  مەست ھالەتتە بولغاچقا دەلدۈگۈنۈپ يىقىلىپ چۈشتى، لېكىن يەنە ئۆمىلەپ دېگۈدەك كېلىپ مېنىڭ پېشىمغا ئېسىلدى، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرىقى بەكلا يىرگىنىشلىك ھەم بىچارە ئىدى.
- ئۆتۈنۈپ قالاي نالەن ، ساڭا نەچچە ئېغىزلا گېپىم بار دەۋەلساملا بولىدۇ..
ئۇنىڭ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدىغان تۇرۇقىغا ئىچىم ئاغرىپ ئەلشىرگە قارىدىم  ، لېكىن ئۇ مېنىڭ قۇلۇمدىن تارتىپ ئەكەتمەكچى بولدى، ئەلى  پېشىمنى قۇيۇۋەتمەي  يالۋۇرشقا باشلىدى:
جېنىم ئاداش ، ئىككى ئېغىزلا گېپىم بار ، ئىشەنمىسەڭ مۇشۇ يەردىلا سېنىڭ ئالدىڭدا دەي، گېپىمنى دەۋەلساملا نالەننى  ھەرگىز  ئاۋارە قىلمايمەن...
لېكىن ئەلشىر ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا پەرۋامۇ قىلماي قولۇمنى تارتقان پېتى  ئېلىپ كەتتى..
بىز ھەر كۈنى ئاشۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدە مۇڭدىشىپ ئولتۇرغۇنىمىزدا ئەلى تېلېفونىنى قۇلىقىغا تۇتۇپ يېنىمىزدىن ئۆتۈپ كېتەتتى ، بۇ ھالەت كۈندە دېگۈدەك تەكرارلىنىپ تۇراتتى، بۇلتۇر قىشتىكى ئاشۇ كۈنى كەچتە  مەن قەھرىتان سوغۇقتا ماگىزىنغا چۈشسەم  ئۇ يەنە بىنانىڭ تۈۋىدە تۈگۈلۈپ تۇرۇپتۇ، ئارقامغا قايرىلىشىمغا ئۇنىڭ غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازى ئاڭلاندى..
- مېنى بۇ يەردە توڭلاپ ئۆلمۇسۇن دېسەڭ توختاپ تۇر ...
مەن تۇرۇپ قالدىم لېكىن كەينىمگە قايرىلمىدىم.
-نالەن  مەن سەندىن ئاخىرقى قېتىم سۇراي، سەن راستتىنلا ئۇنى تاللىدىڭما؟
تالاي قېتىم سۇرالغان بۇ بىچارە سوئالغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا يولۇمغا ماڭماقچى بولدۇم ،لېكىن ئۇ بىلىكىمدىن تۇتۇۋالدى..
- جېنىم نالەن  سېنىڭدىن باشقا ياخشى كۆرىدىغان ھېچكىمىم يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا ماڭا رەھىمسىزلىك قىلىسەن؟
- سېنىڭدىن باشقا ھېچكىمىم يوق؟ كۈندە   قولۇڭدىن تېلېفوننى چۈشۈرمەي بىرى بىلەن سائەت سائەتلەپ پاراڭلىشىسەنغۇ ، ئۇ كىمۇ ئەمسە؟
_ مەن ھېچ كىم بىلەن پاراڭلاشمايمەن، سەن ھەر كۈنى ئاشۇ دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرۇپ پارڭلىشىسەن، مەن پەقەت شۇ ۋاقىتتىلا سېنى كۆرەلەيمەن، ئۇ يەرگە بارمايمەن دەيمەنۇ ساڭا ئىنتىلگەن بىچارە قەلبىم مېنى سۆرەپ ماڭىدۇ، ئەلشىر  بىلەن تۇرغىنىڭنى كۆرۈپ يۈرىكىم چايان چاققاندەك ئېچىشىدۇ، لېكىن ئەتىسى يەنە قۇلۇقۇمغا تېلېفوننى بىكارغىلا يېقىپ سېنى كۆرۈش ئۈچۈن بارىمەن ، چۈنكى شۇ يەردىلا سېنى كۆرەلەيمەن ...
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي  قولىدىن يۇلقۇنۇپ كىرىپ كەتتىم.  ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئەلشىرگە ئۇچۇر يازدىم، لېكىن تىترەپ تۇرۇپ يازغان ئۇچۇرلۇرۇم جاۋابسىز قالدى.شۇ كېچىسى پۈتۈن قارا بېسىپ چىقتى....
    ئەلىنىڭ مېنى دەپ بۇنداق تۈگۈشۈپ كېتىشىگە چىداپ تۇرلمايتتىم .نەچچە قېتىم ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇق يورۇق سۆزلىشىپ باققان بولساممۇ ئۇ « سېنىڭدىن ئايرىلالمايمەن» دەپ ماڭا يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭغا دېمەكچى بولغانلىرىمنى   دېيىشكە پۇرسەت بەرمەي مېنى بەكلا تەڭقىسلىقتە قويۇپ قويدى.ساڭا دەي دېسەم مۇشۇ ئەلپازىڭدا يەنە ئەلىگە توڭ تېگىپ كۆڭلىنى ئاغرىتىشىڭدىن ئەنسىرەپ دېيەلمىدىم، ئامالسىز يەنە ئېھساننىڭ ئالدىغا بېزىرىپ باردىم.
- ھەي ، ئابدۇللا شاتىر بىلەن غېرىپ ئالمىشىپ قالدى. بىلەمسەن نالەن ،  سەنەمجاننى ئابدۇللا شاتىر غېرىپتىنمۇ بەك ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن ،لېكىن  كىمنىڭ ئابدۇللا شاتىر كىمنىڭ  غېرىپ بولۇشى سەنەمجاننىڭ يۈرىكى بەلگىلەيدۇ.مانا ھازىر نالەننىڭ ساراڭ كۆڭلى ئەلشىرگە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەلى بىچارە ئابدۇللا شاتىرنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى.ئۇنىڭ ئەقىل -ھۇشۇنى يوقاتقاندەك  ئۆزىنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنىمۇ ئويلىماي ساڭا بىچارىلەرچە يالۋۇرۇپ كېتىشىنىڭ ئۆزىلا سېنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغىنىنى دەپ بېرەلەيدۇ.
- بۇنى  بىلىمەن ، لېكىن تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ، مېنىڭ كەينىمگە يېنىپ ئۇنى تاللىشىم مۇمكىن ئەمەس.  مېنىڭ ئويلىغىنىم، سەن ئەلى بىلەن يېقىن ئاغىنە بولغاندىكىن سېنى ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ قويسا ئوڭشىلىپ قالارمىكىن دېگەن ئۈمىدتىمەن.
-ئوڭشىلىپ قالارمىكىن ؟
ھەئە، ئۇ سېنىڭ گېپىڭنى چوقۇم ئاڭلايدۇ.
- ۋاي تاڭ جۇمۇ،  ئۇنىڭ بىلەن ئوبدان بىر سۆزلىشىپ باقاي، لېكىن ئەلىنى داۋالايدىغان ئەڭ ياخشى دورا  يەنىلا ۋاقىت. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى ئىزدەپ يۈرمە. ئۆزى ئىزدىسىمۇ  تۇتۇق بەرمە ، قاپاق ئاچما. بۇ گەرچە رەھمسىزلىك بولۇپ قالسىمۇ سەنسىز ئۆتۈشكە كۈنىۋالسۇن.
ئېھسان دېگەندەك ئۇنىڭغا قاپاقمۇ ئاچمىدىم، يولدا ئۇچىرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتتىم. ئۇمۇ مېنى بۇرۇنقىدەك ھاراق ئىچىۋېلىپ ئالدىمنى توسۇمايدىغان بولدى.نەچچە ئاي ئۆتۈپ ئۇ ئەزھەر بىلەن بىرگە ئۇچراپ قالدى، ئۇنىڭغا سۇس بولسىمۇ سالام قىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكى دوستلارغا ئوخشاش ئۆتىدىغان بولدۇق.
-ئەلىگە سەن بىر نەرسە دېگەنمۇ ،- دەپ سورۇدۇم ئېھساندىن.
- ئاۋۋال سەن بىلەن ئەلشىرنى تازا تىللاپ بەردىم..
- نېمە، ئۇنىڭ ئالدىدا ؟!
-ھەئە، ئەلى سىلەرگە ئۆچ بولۇپ كەتكەن تۇرسا ياخشى گېپىڭلارنى قىلسام قۇلىقىغا ياقامدۇ؟
-مۇشىنىڭ بىلەنلە تۈگەنلەندىما؟
- ياق نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار، ئۇنىڭ بىلەن كۈندە دېگۈدەك بىللە يۈردۈم،  ئۇنىڭغا يالغۇز قېلىپ قالايمىقان خىيال سۈرىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان پۇرسەت بەرمىدىم.  شۇنداق قىلىپ بارا - بارا ئوڭشالدى.
- مەن ئۇنىڭ دەردىگە ھاراقنى داۋا قىلغىنىغا بەك ئىچىم پۇشقان ،-دېدىم مەن.
- نىم دېدىڭ نالەن؟! سېنىڭچە ھاراق دەردكە داۋا بۇلامدا؟
ئويلىماي دەپ سالغان گېپىم ئۈچۈن يەنە بىر دەشنەم ئىشتىدىغان بولدۇم دېسەم ، ئۇ چېچىلماستىن چۈشەندۈرىشكە باشلىدى.
- ھاراق دەردكە داۋا بولمايدۇ، بەلكى ساق ئادەمنى «دەردمەن» قىلىۋېتىدۇ. نېمىشقا دېسەڭ ھاراق دېگەن سېپى ئۆزىدىنلا نىجىس نەرسە بولغاچقا ئادەمنىڭ روھىنى بۇلغايدۇ، ئەقلىنى كور قىلىدۇ، شەيتانغا بويۇن ئەگدۈرىدۇ، شۇنداق قىلىپ ساقلا بىر ئادەم جىسىمنى تۈگەشتۈرۈپ كىشىلەر ئارىسىدا رەسۋا بولىدۇ.
-بولمىسا ئەلىمۇ بۇنچىلىك دۆت ئەمەستى،- دېدىم مەن قايىل    بولمىغاندەك،-لېكىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى «ئاغىنىللىرى» ساپلا ئىچەرمەن -چىكەرمەنلەدىن ئىكەن، ئۇلار ئەلىنىڭ چۈشكۈنلەشكەن  ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى يامان يولغا باشلاپ قويدى،شۇڭىمۇ « قاغا بىلەن ئۈلپەت بولساڭ ، يېيىشىڭ پوق »  دېگەن راست گەپ .
-شۇڭا نالەن ،سېنى ئەمدى ھېلىقى يۈز_كۆزىنى مايمۇندەك  بوياپ، كەچلىرى سىرىتتن كىرمەيدىغان گۈلناز دېگەن قىز بىلەن بىللە كۆرۈپ قالماي.
-ھې ھې..ئاخىرى دەۋالدىڭ ھە .
- ئىشقىلىپ ئۆزۈڭنىڭ خىلى  بولالايدىغانلار بىلەن يۈر،-دېدى ئېھسان  چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ .
                            ئىككىنچى قىسىم :ئازاب  كوچىسى                           
     - ئاداش، ساڭا بىر گەپنى دەي دېگەن  ،- دېدى بىر يېقىن دوستۇم .               
  - دەۋەرگىن  ، شۇنچە ئىكلەنگدەك نېمە ئىشتى ئۇ؟
- چۈشتە مەكتەپنىڭ سىرتىدا ئەلشىرنىڭ  بىر قىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ كېتىۋاتقىنىنى كۆردۈم.
- چاق -چاق قىلمىغىنە خاتا كۆرۈپ قاپسەن ؟
- كۆرگەن مەنلا ئەمەس ، ياتاقتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆردى.
ئۇنىڭ قالغان گەپلىرى قۇلۇقۇمغا كىرمىدى، ئەس -يادىمنى «نېمىشقا »دېگەن سوئال چىرمىۋالغان ئىدى.ئەلشىرنىڭ  مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى  ئېنىق تۇرسا، قانداقمۇ باشقا قىز بالا بىلەن يېتىلىشىپ يۈرۈيدۇ  ، ئىچىمگە پاتمايۋاتقان « نېمىشقا » دېگەن سوئال، ئەلشرنىڭ قېشىغا  ئىتىرىپ ئاپاردى.
- ئۇ كىم ! ؟-دېدىم مەن ئۇدۇللا.
- قايسى كىم ئۇ، گەپنى ئېنىقراق دېمەمسەن.
ئەلشىرنىڭ  بىلىپ تۇرۇپ مېنى مەسخىرە قىلغاندەك سورىغان سوئالى  جېنىمغا تەگدى:
-چۈشتە يېتىلىشىپ يۈرگەن كىم ئۇ ؟!
-ھە ،نىم دەيدىكىن دەپتىمەن تېخى،ئۇنى كېيىن دەپ بېرەي، ھازىر تامىقىمىزنى يەيلى،-دېدى ئەلشىر ھېچ ئىش بولمىغاندەك .  غەزىپىمنى پىسەنتىڭگە ئالماي بەخىرامان ئولتۇراتتى، ئاچچىقىمدا ئۆرۈلۈپلا سىرتقا يۈگۈردۈم . كەينىمدىن چاقىردىمۇ ئېسىمدە يوق، قىزىل چىراققىمۇ قارىماي يۈگۈرۈپ نەچچە ماشىنىنىڭ ئۇشتۇمتۇت تورمۇز قىلغان ، سىگنال بەرگەن ئاۋازىنى چۈشۈمگە ئوخشاش غۇۋا ھېس قىلالىدىم . بىر چاغدا يۈگۈرۈۋېرىپ نەپسىم يېتىشمەي، پۇتلۇرۇمدا جان قالمىغاندا بىر كوچا ئاپتوبۇسى توختايدىغان سۇپىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققتا ئولتۇرىۋالدىم، بەكلا تىز يۈگۈردىممۇ بىلمەيمەن ، ئولتۇرۇشۇمغىلا كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ ئورۇندۇقتىن يىقىلىپ كەتكىلى تاس قالدىم . لېكىن ئاشۇ  قۇپقۇرۇق
قاراڭغۇلۇق ئىچىدىمۇ  ئەلشىرنىڭ تىز سىزمىغا ئوخشايدىغان گەۋدسى  لەيلەپ تۇراتتى.
قىزبالىنىڭ قولىدىن يىغلاپ-قاقشاشتىن باشقا ھېچ نەرسە كەلمەيدىكەن.   يىغلاۋېرىپ گېلىم قۇرۇغاندا ئورنۇمدىن تۇردۇم ،كاللام خېلى سەگىپ قاپتۇ .تۇيۇقسىز كۆزۈم سائەتكە چۈشتى،ياتاقنىڭ ئىشىكىنى تاقىغىلى پەقەت يېرىم سائەتلا قالغان ئىدى. شاپپىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ مەكتەپكە ماڭماقچى بولدۇميۇ قايسى تەرەپكە مېڭشنى بىلەلمىدىم ،باياتتىن ساراڭدەك يۈگۈرۈپ ناتونۇشلا بىر يەرگە كېلىپ قالغان ئىدىم،مۇشۇنداق كەچتە، ئۆزۈم يالغۇز قالغىنم ئۈچۈن  قورقۇنچ بېسىپ پۇت- قۇلۇمدا جان قالمىدى، بۇنداق كەچتە تاكسى توسماق بەك تەس ئىدى،ئۆزۈم يالغۇز  قارا تاكسىغا چىقىشتىن قورقاتتىم. ھەممىدىن كەچتە ياتاق تەكشۈرەتتى، ياتاقتا بولمىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى  ياتاق بىناسى ئالدىدىكى دوسكىدا ئېلان قىلاتتى، ئەگەر مۇشۇنداق قىز بالا تۇرۇپ كېچىسى ياتاققا كىرمەيدىغان  بولسام، باشقىلار نىم دەپ قالار، قانداق چۈشەندۈرەرمەن ...
      ئەلشىرگە  تېلېفون قىلىشىم مۇمكىن ئەمەستى، ئەلىگە تېخىمۇ شۇنداق، ئېھسانغا  تېلېفون قىلاي دېسەم، كەچتە سىرتتا يۈرگىنىمنى كۆرسە چوقۇم خاپا بۇللاتتى، لېكىن يەنىلا ئېھساننى  تاللىدىم . ئون مىنۇت ئۆتمەي ئۇ بىر قارا تاكسى بىلەن كەلدى، ئېھسان  ماشىنىدىن چۈشۈپ مەن تەرەپكە كەلگەندە خۇددى ئۆلۈمدىن قۇتۇلغان ئادەمدەك خۇشاللىقمدا ئۇنىڭغا ئېسىلىدىغاندەك ھالەتتە تۇراتتىم، لېكىن  ئۇنىڭ ماڭا قاراشقا ھەپىلىسى يوق ئىدى،مېنى سۆرەپ دېگۈدەك ماششىنغا چىقاردى. شوپۇرنى توختىماي ئالدىرتاتتى،مەكتەپكە كەلسەك دەرۋازىنى ئېتىۋېتىپتۇ،  ئۈمىدسىزلىنىپ جايىمدا ئولتۇرۇپلا  قالدىم.  لېكىن ئېھسان مېنى يەنە تارتقۇشلاپ يۈگۈرۈپ رېشاتكا تۈۋىگە ئاپاردى، رېشاتكا خېلىلا ئېگىز ئىدى.
تىز بول  ،-دېدى ئېھسان  يېرىم زوڭزىيىپ تۇرۇپ،- مۈرەمگە  دەسسەپ رېشاتكىغا  چىق  .
جانسىز پۇتلۇرۇم بىلەن ئۇنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ رېشاتكىغا ياماشتىم ئۈستىگە چىقىپ بولۇشۇمغا ئۆزۈمنى كونترول قىلالماي مەكتەپنىڭ ئىچى تەرەپكە سەكرىدىم ، رېشاتكىنىڭ تۈۋىدە ئېرىق بولغاچقا بىر پۇتۇم پەسكە يەنە بىر پۇتۇم ئېگىزگە چۈشتى، ئېگىزگە چۈشكەن پۇتۇم زىررىدە قىلىپ بېشىمدىن كىرگەن ئاغرىق تاپىنىمدىن چىقىپ،ئاغرىققا چىدىماي ۋايجانلاپ كەتتىم، دەل شۇ چاغدا ئېھسانمۇ  يېنىمغىلا چۈشتى.
-مېنى يۈلە، پۇتۇم قايرىلدى.
- ۋاي شورلۇق نالەن، كەچتە ياتاقتا جىم ئولتۇرماي سىرتتا تېنەپ يۈرگەندىن كېيىن خوپ بولدى.
-ئاھ خۇدا، تىللىساڭمۇ كېيىن تىىلا، ھازىر مېنى يۈلىۋال ،تېز بول ! مېنىڭ ئاۋازىم يىغلىغاندەك چىقىپ كەتكەچكە ئۇ ئەھۋالىمنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىمۇ مېنى يۆلىۋالدى، لېكىن يەنە  ئىت قوغلىغاندەك  تارتقۇشلاپ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك كېتىۋاتاتتى. قايرىلىپ كەتكەن پۇتۇمدا يەرگە ھەر بىر دەسسىگەندە  جېىنم بىر قاقشايتتى. ئاخىرى بۇلالالماي  ئولتۇرۇۋالدىم.
- ئەمدى تارتما، يەنە ماڭسام ئاغرىقتا ئۆلۈپ كېتىمەن،- دېدىم مەن يىغلاپ.
-ئۆلسەڭمۇ ياتاقتا  كىرىپ بولۇپ ئۆلگىن ، بۇ يەردە ئۆلۈپ قالساڭ خەخ سېنى سېسىتىۋېتىدۇ  .
- ماڭا  يۈز -ئابرۇي كېرەك ئەمەس ،ئەمدى  ماڭالمايمەن...
-خەپ  نالەن ،ئەگەر ئۆلۈپلا كەتمەي قالساڭ ئەتە ئەدىپىڭنى ئوبدان  بېرىمەن ،- دېدى  ئېھسان . ئاندىن  مېنى يۈدۈپلا يۈگۈردى.
ياتاقنىڭ ئالدىغا كەلسەك مەرھابا كېچىكەنلەرنى تىزىملايدىغان دەپتىرىنى تۇتۇپ غادىيىپ تۇراتتى، ( ئۇ ئۇيۇشما ئەزاسى ئىدى).
مەرھابانى كۆرۈپ تۈگەشتىم دەپ ئويلىدىميۇ، ئېھساننىڭ يېنىمدا بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ سەل خاتىرجەم بولدۇم، چۈنكى مەرھابا ماڭا يەۋەتسىمۇ دەردى چىقمۇغىدەك ئۆچ بولسىمۇ ئېھساننى ھۆرمەتلەپ بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.
- مەرھاباغا دېگىن مېنى تىزىملاپ قويمىسۇن ،-دېدىم  مەن ئېھسانغا .
-خاتىرجەم بول مەرھابامۇ ئۇنداق ناچار ئەمەس.
دەل شۇ چاغدا مەرھابا :-نالەنگە نېمە بولدى،-دەپ سورىدى.
مەن ئېھساننىڭ راست گەپ قىلىپ سېلىشىدىن قورقۇپ:
- پۇتۇم قايرىلىپ كەتكەن،دوختۇرخانىدا تاڭدۇرۇپ بولغۇچە كەچ قالدۇق،-دېدىم .
ئېھسان مەرھاباغا مېنى ياتاققا ئېچىقىپ قۇيۇشنى ئېيتىپ قويۇپ  كېتىپ قالدى.
-پۇتۇڭىز نىم بولۇپ قايرىلىپ كەتتى ،-دەپ سورىدى مەرھابا.لېكىن ئۇنىڭ ئۆتكەندە قىلغان ئاھانەتلىرى ئېسىمدە بولغاچقا گېپىنى ئاڭلىمىغان بولىۋالدىم.
قىلغان «نوچىلىقىم» غا ئاچچىقى كەلدىمۇ  ياتاققا ئەكىرىپ قۇيۇپ يەۋەتكۈدەك بىر ئالىيىۋېتىپ ئىشىكنى «جاللاققىدە» يېپىۋېتىپ چىقىپ كەتتى.
   پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىدە كېچىچە كۆزۈمنى ھاڭ ئېچىپ يېتىپ ، سەھەرگە يېقىن ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن.ياتاقتىكى بىرىنىڭ دىققەت قىلمىدىمۇ ئاغرىق پۇتۇمنى بېسىپ ئولتۇرۇشى بىلەن ۋايجانلاپ ئويغىنىپ كەتتىم.
ھۇشۇقۇم شۇنداق سەت ئىششىپ كەتكەن ئىدى.ياتاقتىكىلەر ئەلىگە تېلېفون قىلماقچى بولۇشتى، لېكىن مەن ئۇنىمىدىم، ئەلۋەتتە ئەلشىر مېنى تولا يىغلاتقاچقا  ياتىقىمدىكىلەر ئۇنى ياقتۇرمايتتى، ھەتتا   يۈرىشىمگە جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرغان ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئەلشىرنى  ئېغىزىغا ئېلىشمىدى ،ئېغىزىغا ئالغان تەقدىردىمۇ مەن قوشۇلمايتتىم،ئۇ چاغدا ئەلشىردىنن كېچىشكە بېلىمنى باغلاپ بولغان ئىدىم.
ئاخىرى ئېھسانغا تېلېفون قىلايلى دېدىم ،لېكىن ھەممىسى  تەپ تارتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر -بىرىگە ئىتتىرىشىپ تېلېفون قىلغىلى ئۇنىمىدى.
-ئېھسان  ساڭا بەك ئامراق ،ئۆزۈڭ تېلېفون قىل ،-دېدى ئۇلار .
مەن يىغلامسىراپ تۇرۇپ ئېھسانغا پۇتۇمنىڭ ئىششىپ قالغانلىقىنى ئېيتتىم.
بەش مىنۇتتىن كېيىن ئۇ  چىقىپ مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى.
پۇتۇمنى يۇيۇپ تاڭغاڭدا ئاغرقىتىن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ «ئانا »دەپ ۋارقىرىدىم.
-بولدى ۋارقىرىما ،-دېدى ئېھسان  قاپىقىنى تۈرۈپ،-چىدىمايدىغان ئادەم ئەلشىرنىڭ كەينىگە كىرىۋالمىغۇلۇق.
-كىم كەينىگە كىرىۋاپتۇ ،-دېدىم مەن جىلە بولۇپ -، ئەلشىر دېگەن ئۆلگۈر مېنىڭ كەينىمگە كىرىۋالدى.
-ئۇنداقتا ئاخشام سىرتقا سەن ئۇنى يېتىلەپ چىقىپسەندە ....
- بۇ...مەن قىز بالا تۇرسام ...،- دېدىم دۇدۇقلاپ ،-ئۇ  سىرتقا چىقايلى دېگەن .
- كەچتە سىرتقا چىقايلى دېسە ياق دېيىشنى بىلسەڭ بولمامدۇ.بۇنىڭدىن كېيىن  ئۇنىڭ بىلەن  يۈرگىنىڭنى كۆرۈپ قالسام ئەدىپىڭنى ئوبدان بېرىمەن، ئەلشىرنىمۇ بوش قويمايمەن...
-بولدى، ئۇ ئۆلگۈرنىڭ گېپىنى قىلما ،ئەمدى ئۇنى كۆرە كۈزۈم يوق.
-ھا..ھا ..ئانامنى كۆرگۈم يوق دېسەم ئىشىىنمەن،لېكىن ئەلشىرنى كۆرگۈم يوق دېگىنىڭ  قۇرۇق گەپ ...
-بۇ قېتىم قەتئىي نىيەتكە كەلدىم،-دېدىم مەن ئۇنىڭغا راسسا ئالىيىپ..
-بولدى ئالايما، كۆزۈڭ ھەرقانچە چوڭ بولسىمۇ ئىچىگە پاتمايمەن. ۋاقىت تېخى ئۇزۇن، تۆت -بەش كۈن ئۆتسۇن ،قالغىنىنى شۇ چاغدا كۆرۈمىزغۇ.
ئېھسان  مېنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ، دەرسكە چىقىمەن دەپ ماڭماقچى بولدى .ئەمەلىيەتتە دەرس ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان ئىدى، ياتىقىمدىكى ئەڭ يېقىن ئۆتىمەن دېگەن ئىككى دوستۇممۇ سىياسەت دەرسى بېرىدىغان مۇئەللىمدىن قورقۇپ مېنى تاشلاپ غىپپىدە تىكىۋەتكەن ئىدى.
-ئاللىقاچان كېچىكىپ بولدۇڭ،ئەمدى بارساڭ مۇئەللىم سېنى ئىشىك تۈۋىدە پوستا تۇرغۇزۇپ قۇيىدۇ.
-بارمىسام ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزمىسىچۇ ؟
- مەيلى، ھەقاچان مېنىمۇ ئۆتكۈزمەيدۇ، ماڭا تولۇقلىما ئىمتىھان بېرىشىپ بەرگىلى ئادەم بولمىسا بولماس.
-ۋاي قارا نىيەت..
-ھې..ھې... ئۇ قارا يۈزلەرغۇ مېنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ كەتتى، لېكىن سەن ئۇنداق ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ.چۈشكە يېقىن ئوكۇل چۈشۈپ بولدى.
-ماڭا تاماق ئەكېلىپ بەر،- دېدىم ئېھسانغا .
-ئاچ قېلىشتىن قورقما، ياتىقىىڭدىكلەر سېنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ .
-ۋاي تاڭ جۇمۇ،- دېدىم  ئاغرىنغان تەلەپپۇزدا،- ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايلا كېتىپ قالغان تۇرسا،ئۇلارنىڭ ئېسىگە كېلىمەنمۇ؟!
-ئالدىنقى قېتىم ياتىقىڭدىكى بۈسارەم ئاغرىپ قالغاندا  بىرەر قېتىم ئىسسىق تاماق ئەكېلىپ بەردىڭمۇ؟
-بۇ ...
-ئۆزۈڭمۇ ئۇلارنى يېقىن دوست قاتارىدا كۆرمەيدىغان تۇرساڭ، قانداقلارچە ئۇلارنىڭ كارى بولمىغانلىقىدىن ئاغرىنالايسەن؟شۇڭا نالەن، ئاۋۋال خەخكە مېھرىڭنى بېرىپ ئاندىن دوستلۇقتىن سۆز ئاچ...
ئۇنىڭ گەپلىرىدىن يۈزلۈرۈم قىزىرىپ كەتتى، دېمىسىمۇ ئۇلار بىلەن بىر ياتاقتا ياتقىلى ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ ،ئۇلارغا كۆڭۈل سىرلىرىمنى تۆكۈپ باقماپتىمەن،ھەتتا تاماقنىمۇ بۇرۇن تۇلۇقتا بىرگە ئوقۇغان دوستلىرىم بىلەن بىللە يەپ كەپتىمەن....
چۈشتە ئېھسان  دېگەندەكلا ياتىقىمدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى ئىشىكتىن  قاتار تىزلىپ ئوماق كۈلكىسى بىلەن  كەلدى، بۇ قېتىم ئۇلار كۆزۈمگە بۆلەكچىلا يېقىملىك  كۆرۈندى، ھەتتا يۈرىكىمگە ئەلشىر  چاچقان مۇزمۇ ئېرىگەندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم.
چۈشتىن كېيىن ئوكۇل چۈشۈپ بولغىلى ئاز قالغاندا ئۇيقۇغا كېتىپ ئەسىر ۋاقتى بىلەن ئويغىنىپتىمەن. ئەزھەر ماڭا بىر پارچە قاتلانغان قەغەزنى تۇتقۇزۇپ ،- بۇنى ئوبدان ئوقۇ دەپ قۇيۇپلا چىقىپ كەتتى.مەن خەتنى دېرىزىگە يېقىن ئەكېلىپ ئۇقۇشقا باشلىدىم :
         سىڭلىم نالەن ،بۈگۈن ئەسلى سەن بىلەن ئوبدان پاراڭلىشاي دېگەن،چۈشتىن بۇرۇن كەيپىياتىڭ ياخشى بولمىغاچقا ئېغىز ئاچمىدىن، چۈشتىن كېيىن قايتىپ كەلسەم ئۇخلاپ قاپسەن ،تاتلىق ئۇخلاۋاتقىنىڭغا قاراپ ئويغىتىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى،شۇڭا يېنىڭدا ئولتۇرۇپ بۇ خەتنى يازدىم.
مەن ساڭا زىيادە ئامراق، ئىشىنىمەنكى، سەنمۇ ھەم مېنى قېرىندىشىڭدىن  ئارتۇق كۆرۈسەن ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىككىمىزنىڭ ئېمىلداش بولغانلىقى ___ دۇنيادىكى ئەڭ ساپ ،ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت دەپ سانىلىدىغان قېرىنداشلىق  مېھرىنىڭ سەۋەبكار بولغان بىر ئانىنىڭ سۈتىنى ئېمىپ چوڭ بولغىنىمىز ئۈچۈن دېسەم خاتا بولمايدۇ.شۇڭىمۇ گەرچە بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغان بولساقمۇ، بىر قۇرساق قېرىنداشلاردىن چارە ئۆتتۇق.  سېنى ئۆز ئاكاڭ ئورنىدا قوغداشقا،ئاسراشقا جېنىمنىڭ بارىچە تىرىشتىم. ئەلۋەتتە، سەنمۇ قېرىنداشلىق مېھرىنى ماڭا تۇلۇقى بىلەن يەتكۈزۈپ كەلدىڭ، مېنى ئاكاڭ ئورنىدا ئىشىنىپ يۆلەندىڭ، ئەڭ يېقىن سىردىشاش دوستۇڭ  ئورنىدا كۆرۈپ ئىچ سىرلىرىڭنى تۆكتۈڭ. مۇشۇ ئاسمىنىدىن تارتىپ تۇپرىقىغىچە ناتونۇش بىلىندىغان يەردە  سېنىڭ دائىم كەينىمگە كىرىۋېلىپ قۇشقاچتەك ۋىچچىرلاپ  ئاللىقانداق ئىشلار ئۈچۈن مەندىن «رۇخسەت»  سۇراشلىرىڭ ،ئۆزۈڭگە ئوخشايدىغان ئوماق ھەم ساددا كۈلكەڭ ،قەلبىمنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالماقچى بولغان غېرىبلىقنى توسۇپ تۇراتتى . ئەلۋەتتە مەنمۇ سېنىڭ ھەر بىر قەدەملىرىڭنى ئاكىلىق مەسئۇلىيىتى بىلەن كۆزىتىپ تۇراتتىم. شۇڭا ئەلىنىڭ سېنى يوشۇرۇن قوغلىشىپ يۈرگەنلىكىنى ،ھەم ئەلشىرگە ئەسىر بولۇپ قالغىنىڭنى سەن ماڭا ئېيماستىنلا بىلىپ بولغان. مۇشۇ ئارىلىقتا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى، سېنىڭ كۆڭلۈڭ ئازار يېدى ياكى ئىزتىراپلىق ،ئىككىلىنىش ئىچىدە ئۆتتى.سېنىڭ مىسكىن ،جىمىغۇر ھالىڭغا قاراپ مېنىڭمۇ ئىچىم سيرىلدى.  گەپلىرىڭدىن كۆڭلۈڭنىڭ ئەلشىرگە  زىيادە مايىل بولۇپ بولغىنىنى بىلىپ ئۆزۈمنىڭمۇ ئامال قىلالمايدىغانلىقىمنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلدىم.شۇنداق بولسىمۇ ئامال بار سېنى ئاشۇ ئىزتىراپلىق ئىچىدىن قۇتقۇزىشقا، بۇ ئايغى چىقماس يولدىن قايتۇرۇۋېلىشقا تىرىشىپ باققۇم كەلدى. لېكىن بىر نەرسە ئالدىمنى توسۇپ تۇرراتتى، گەرچە بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز قېرىنداشلادىنمۇ چارە بولسىمۇ ،  بىر قۇرساق قېرىنداش بولمىغاچقا سېنىڭ يولۇڭنى بىر تۇغقان  ئاكاڭدەك كەسكىن توسۇشقا ، سېنى شەرتسىز بويسۇندۇرىشقا ئاجىز كەلدىم.  ئۇنىڭچىمۇ  ئۆز ئاكاڭغا دېيەلمەيدىغان گەپلەرنى مېنى دوستۇڭ ئورنىدا كۆرۈپ دەيتتىڭ ، بۇنداق ئەھۋالدا مېنىڭ ئۇچۇق قارشى تۇرۇشۇم ئەكسىچە مېۋە بېرىپ مېنىڭدىن يىراقلىشىپ كېتىشكە  مەجبۇر بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن ئىدى،شۇڭا مەن ئىزچىل ھالدا مەسلىھەت تەرىقىسىدە گەپ قىلىپ سېنىڭ كۆڭۈل خاھىشىڭنى چەكلەپ قويمۇدۇم.
  ئوماق نالەن، سېنى ئەلشىر بىلەن بىللە كۆرگەندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا سېنىڭدىن ئەندىشە قىلىپلا كەلدىم،چۈنكى بۇ يولدا ئەزگۈلۈكتىن كۆرە خاپىلىق كۆپرەك ئىدى. مەن ساڭا باشتىلا پەردىششەپ ساقلاش توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن ئىدىم، لېكىن سەن ئۇنىڭ پېشىغا ئېسىلىپلا يۈردىڭ،ئەزھەرمۇ ئېتىقادلىق ئىنسان بولغاندىكىن دىققەت قىلاي دېمەي سېنى سىرتلارغا يالغۇز ئېلىپ چىقىۋەردى،  سەن بۇلارنىڭ بىنورماللىقىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس، ئاتاڭ مېڭىش ئالدىدا ساڭا ئوقۇپ تۇر دەپ بەرگەن  تەۋەررۈك كىتابلار ۋە مەن ساڭا ئوقۇ دەپ يوللاپ بەرگەن ئۆز زامانىمىزدىكى ئۆلىما-ئالىملارنىڭ قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق چىقارغان كەسكىن پەتىۋالىرىدىن  بۇنى ئاللىقاچان كۆرۈپ يەتتتىڭ.
دېمەك، سەن  ئۆزىڭنىڭ قىلىۋاتقانلىرىڭنىڭ خاتالىقىنى مەندىنمۇ بەكرەك بىلىسەن، لېكىن  شەيتان سەۋدا كۆڭلۈڭ بىلەن بىرلىشىپ  خاتا يولغا ئىتتىرىۋاتىدۇ. بىلىشىڭ كېرەك، بىر كىمنى ياراتقۇچىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرسەڭ  ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭ مۇمكىن،  لېكىن ھازىر ئەلشىرنى دەپ شەيتان بىلەن سۈلھى قىلىۋاتىسەن. بىز پەقەت تەقدىرىمىزنىڭ  سەۋەپكارىدۇرمىز  مۇشۇنداق بىر ئوغۇل بالىنى دەپ خاتا يولدا ماڭساڭ ئۇلۇغ ياراتقۇچى سېنىڭ تىلىگىنىڭنى بېرەرمۇ؟! نەچچە قېتىم  كەچلەردە ئەلشىر بىلەن كېتىۋاتقىنىڭنى كۆردۈم ، لېكىن داۋاملىق كۆرمەسكە سېلىپ ياكى يىراقتىن ئەگىپ دېگۈدەك ئۆتۈپ كەتتىم، نېمىشقا بىلەمسەن ؟ چۈنكى مەن باشتىلا ساڭا ئەسكەرتكەن، مەن يەنە  تەنبىھ بەرگەن  تەقدىردە  ئۇڭايسىزلىنىشىڭ  ئېنىق ،لېكىن يەنە داۋاملىق شۇ پېتى ئۇچرىساڭچۇ ؟ ئۇ چاغدا سەن «كۆنۈپ » قالىسەن. شۇڭا مەن ئىزچىل ھالدا سېنى ئۆزىنى ئۆزى بىلىۋالسۇن دەپ كەلدىم.
نالەن، بۇ قېتىم سەن يېرىم كېچىدە « مەن سىرتتا » دېگىنىڭدە قانچىلىك ئاچچىقىم كەلگىنىنى بىلمەيسەن، لېكىن ساڭا يەنىلا زەھرىمنى چاچمىدىم بەلكى ئوبدانراق سۆزلىشىپ سەندىن ۋەدە ئېلىشنى قارار قىلدىم.
ماڭا ئەمدى ۋەدە بەر نالەن، ئۇنىڭ بىلەن مەيلى كۈندۈز ياكى كەچلەردە بولسۇن ئايرىم تۇرماسلىققا ۋەدە بەر .
( سەن بىلمەيسەن  باشتا ئەلشىر قىستۇرۇلۇپ كىرگەندە ،باشقىلار  كۆزىمچىلا سېنى« ئىككىنى تەڭلا ئوينىتىۋاتىدۇ» دېگىنىدە تاس قالدىم ئۇرۇشۇپ كەتكىلى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئالدىمدا ئىسمىڭنىمۇ تىلغا ئالالمايدىغان بولغان، ئەمدى « سېنى كەچتە سىرتتتتىن كىرمەي كۆڭۈل ئوۋلاۋاتىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ، گەرچە يەنە زومىگەرلىك قىلىپ ئېغىزىنى ئەتكەن بولساممۇ، بارغانسېرى يامان ئاتىلىپ قېلىۋاتىسەن. مەندە ئەمدى بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشقا تاقەت يوق.)
يەنە بىر گەپ ، باشقا توسالغۇلارنى قۇيۇپ تۇرايلى ،يېقىن كەلگۈسىڭدە ئۇمۇ سەنمۇ ئۇقۇش پۈتتۈرىسىلەر، شۇ چاغدا ئۇ سېنى يۇرتىغا ئېلىپ كېتەلەمدۇ؟  سەن يالغۇز پەرزەنت تۇرساڭ ، ئاتا ئاناڭنى ئاشۇ جەنۇبتىكى چەت شەھەردە غېرىبلىق ئىچىدە تاشلاپ قۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن كېتەلەمسەن...
يۈرۈكۈڭ ئۇنىڭغا تۆمۈر ئىشكەل بىلەن باغلىنىپ بولغاندا ئايرىلىپ كېتىپ قالساڭلار ساڭا قانچىلىك ئېغىر كېلەر ؟!
ئەگەر كۈنلەردنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ بىلەن ئەمەس باشقا بىلەن رىزقىڭ قوشۇلۇپ قالسا، مۇشۇ يەردە تۆت يىل باشقا بىرسى تۇتۇپ يۈرگەن قۇلۇڭنى ئاشۇ ھالال جۈپتىڭ تۇتسا ئۇنىڭغا ئادىلسىزلىق بولماسمۇ...
سەن مۇشۇنداق تەۋەككۈل قىلدىم دەپلا  ئۈچ يىللىق كۆڭۈل ئاراملىقىغا كېيىنكى پۈتۈن ئۆمرۈڭنى تېگىشىۋەتمەكچىمۇ ...
قىسقىسى، ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بەك قويۇق ئارىلىشىپ كەتمە، ئارىلىق ساقلا، رىزقىڭلار قوشۇلسا قول تۇتۇشۇپ ماڭىدىغان، بىر ۋاق ئەمەس ئۈچ ۋاق تاماقنى بىللە يەيدىغان كۈنلەر كېلىپ قالار.
ئۇنىڭغىچە  ئۇنى دەپ قىلغان گۇناھلىرىڭغا  توۋا قىل...
ئەلشىر بىلەن رىزقىم قۇشۇلسۇن دېسەڭ، سەندەك بىر ناتىۋان  ئاجىزەگە دۇئادىن باشقىسى ئارتۇقچە، قالغان يوللارنى ئەلشىر ھوشىنى تېپىپ ماڭسۇن.
ئەگەردە ئۇ توغرا چۈشەنمەي، نەپسىنى دەپ شەيتان بىلەن سۈلھى قىلماقچى بولسا ئۇنىڭدىن نېرى تۇرغىنىڭ ئەۋزەل.(ھە راست ئەمدى مايمۇندەك گىرىم قىلىپ يۈرمە).
                    سېنى ئەڭ يېقىن دوستى ھەم سىڭلى دەپ بىلىدىغان ئېھساندىن .
     خەتنى ئۇقۇپ باشتىلا يېرىم تۇرغان كۆڭلۈم تېخىمۇ يېرىم بولۇپ          كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.   شۇ ئارىدا ئەزھەرنىڭ يېنىدىن ئايرىماي دېگۈدەك يۈرىدىغان قارا تاشلىق خاتىرىسىگە كۆزۈم چۈشتى، ئۇنتۇلۇپ قالدىمۇ ياكى مېنى ئوقۇسۇن دەپ قۇيۇپ قويغىنى نامەلۇم ئىدى. شۇ چاغدا كاللام بەكلا قالايمىقانلىشىپ كەتكىنى ئۈچۈن ھېچنىمنى ئويلىغىم يوق ئىدى ،شۇڭا مەن ئۈچۈن سىرلىق بىلىنىدىغان خاتىرىنى ۋارقلاشقا باشلىدىم .
باشتىكى ۋارقلىرى ئاچقىلى بولمايدىغانغا تىكىۋېتىلگەن ئىدى، بەتنىڭ بىر بۇرجىكىدىن ئاستا قايرىشىمغا« رەيھان» دېگەن تونۇش ئىسىمنى كۆرۈپ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇدۇمدە ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم، چۈنكى   مۇشۇ  بەتلەرگە  پۈتۈلگەن ئىشلارنىڭ  ھەممىسىگە دېگۈدەك مەن گۇۋاھچى ئىدىم.
خاتىرىنىڭ تىكىلمىگەن بەتلىرىنى ۋارقلاشقا باشلىدىم ۋە ئېھساننىڭ تونۇش خەتلىرىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدىم:
ý     ئالدىنقى  كۈنى ئاشخانىدا يالغۇز تاماق  يەپ  ئولتۇرغان  چېغىمدا  ئالدىمدا بىر جۈپ ئاشىق مەشۇقمۇ مەندىن يىراق بولمىغان ئۇرۇندا  تاماق يەپ ئولتۇراتتى .  يىگىت قىزنىڭ ئېغىزىغا بىر قوشۇق تاماقنى سېلىپ قويغان شۇ پەيتتە ئوغۇل بالىنىڭ قىزىنىڭ لېۋىگە قاراۋاتقان كۆزىدىن چىقىۋاتقان يىرگىنىشلىك  ئۇچقىنىنى كۆرۈپ  كۆرۈپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى  . قىزنىڭ بولدى دېگۈچە سۈرمە سۈرىۋالغان كۆزلىرىدىمۇ بىر خىل شاللاق كۈلكەجىلۋىلەندى،ئۇلارنىڭ  كۆزلىرىدىكى ئۇچقىنىنى ھەرگىزمۇ پاكىز مېھىر-مۇھەببەت ئۇچقىنى ئەمەس ئىدى. ئاشۇ بىر -بىرىگە دىۋانىدەك تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆزلەردە  بىچارىلەرچە ئېچىرقاش ۋە پۈتۈن جاھاننى بۇلغاشقا يەتكۈدەك يىرگىنىشلىك شەھۋەت ئۇچقىنى چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار بىر -بىرگە ئالدىدىكى گۆشكە بۇيى يەتمىگەن باغلاقتىكى ئىتقا ئوخشاش چەكسىز ئېچىرقاش ئىچىدە  ئىنتىلەتتى، لېكىن ئاشۇ چەكسىز ھەم، ئېچىرقاش دەرىجىسىدىكى ئىنتىلىشلىرىگە چۇشلۇق ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە كىچىكىدىن روھىنى ئازراق بولسىمۇ باغلاپ تۇرۇۋاتقان باشقىلاردىن نومۇس قىلىش تۇيغۇسى زەنجىردەك باغلاپ تۇراتتى. كۆڭلۈم شۇنچىلىك قاتىىق ئېلىشتىكى قاچامدىكى تاماقنىمۇ يېيەلمەي، چىقىپ كەتتىم .  
كېيىن ئاشخانىدىكى ئاشۇ خىلدىكى  پاسكىنىچىلىقتىن قېچىپ تاماقنى ياتاققا ئېلىپ چىقىپ يەيدىغان بولدۇم.
شۇنىڭدىن كېيىن نېمىشقىدۇر ،مۇشۇ ئىشلار توغرۇلۇق خىيال سۈرىدىغان ،ۋە مەكتەپتىكى  بىر جۈپلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم .
ئۇلار دائىم دېگۈدەك بىللە يۈرەتتى، تاماققنى بىللە يەيتتى، كەچلەردە خېلى ۋاقىتىقىچە مۇڭدىشىپ ئولتۇراتتى، ھەتتا ئويۇنخانىلارغىمۇ باراتتى، قىسقىسى ئۇلارنىڭ بىر -بىرىدىن پەقەتلا ئايرىلغىسى كېچ كۈندۈز مۇشۇنداق قول تۇتۇشۇپ قۇچاقلىشىپ يۈرگىسى بار ئىدى.  قۈپتى يوقلار  ئۇلارغا  ھەسەت نەزىردە قارايتتى، ئۇلانى قارغايتتى ئۆچ كۈرەتتى، ( بىر يىگىتى يوق قىز ماڭا شۇنداق دېگەن ئىدى) .
مەكتەپنىڭ خىلۋەت بۇلۇڭىدىكى پۈتۈن كۈن بۇيى ئايرىلماي ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ  «مۇھەببەت » توغرۇلۇق ئويلىناتتىم،گەرچە بۇرۇن بۇ توغرۇلۇق تالاي خىياللار سۈرگەن بولساممۇ ،لېكىن كاللامنى ئىشلىتىپ چوڭقۇرراق تەپەككۇر قىلىپ باقماپتىمەن .لېكىن بۇ قېتىم
مۇھەببەتنى  يەنى ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرسىدىكى بۇ سىرلىق ۋە مەڭگۈ مودىدىن قالمايدىغان تېمنىڭ مەنبەسىنى ئاخىرى يارىلشقا ئاپىرىپ باغلىدىم.
ياراتقۇچى تۇنجى ئادەمنى  ياراتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇكەممەل جىسمىنى ۋە روھىنى  پارچىلاپ «ئايال»نى بەرپا قىلغان  ئىكەن. دېمەك  ئەر -ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ سەۋەبىنى  ئادەمنىڭ دەسلەپتىكى  يارىلىشىدىكى مۇكەممەل ھالىتىگە  ئىنتىلىش جەريانى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، ئۇلار بىر بىرىگە سەۋدالارچە ئىنتىلىدۇ، ۋە مۇكەمەللىككە چەكسىز يېقىنلىشىدۇ، ئاخىردا نىكاھ ۋە ئائىلىدىن ئىبارەت ئىككى نەرسە ئۇلارنى بۇ دۇنيادىكى چېكى ئەڭ يۇقىرى بولغان مۇكەممەللىكە باشلاپ كىرىدۇ .يەنى ئائىلىدىكى بىر جۈپ ئەر ئايال روھى جەھەتتىن بىر- بىرنى تۇلۇقلايدۇ، جىسمانىي جەھەتتىن چەكلىك ۋاقىت  بىرلىشىدۇ، مەسئۇلىيەت ئۇقۇمى شەكىللىنىدۇ. دېمەك ئائىلە دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىنسان دەسلەپكى يارلىشىدىكى مۇكەممەل ھالىتىنىڭ پارچىلۋېتلىلگەندىن كېيىنكى قايتىدىن بىرلىككە كەلگەن  ھالىتى. (ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى مۇكەممەللىك نىسپىي بولىدۇ  ، پەقەت مۇكەممەلىككە چەكسىز ھالدا ئىنتىلىپ چەكلىك نەتىجىگە ئېرىشىدۇ) . نىكاھتىن  ئەڭ ئۇلۇغ بولغان مېھىر -مۇھەببەت تۇغۇلۇدۇ.مۇقەددەس كىتابتىمۇ نىكاھنىڭ ئىنسان روھىيتىنىڭ تۇۋرىكى بولغان ئىمان- ئېتىقادنى  پۈتۈنلەيدىغان ئۇلۇغ بىر بىرلىشىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان .
ساغلام بولغان ئېدولوگىيە قارشى بويىچە ئېيتقاندا  مۇھەببەت يەنى ئەر -ئاياللارنىڭ بىر بىرىگە ئىنتىلىشىنىڭ شەكىلدە ئىپادىلىنىشى پەقەت پەقەت نىكاھتىن  كېيىنلا قانۇنلىشىدۇ. نىكاھتىن بۇرۇنقى ئىككى جىنسنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى مەقسەتلىك ھالدىكى يېقىنلىشىشى بىر بالايى ئاپەتتۇر. چۈنكى  نىكاھ تەقدىرگە پۈتۈلگەن بولىدۇ، ئۇنىڭدا ئىنساننىڭ ئەسلىدىكى مۇكەممەل ھالىتىگە خاتاسىز ھالدا قايتۇرۇلىدۇ.( يەنى سىز نىكاھلانغان ئىنسان سىزنىڭ يەنە بىر پارچىڭىز ھېسابلىنىدۇ). بۇنىڭدا سىز ئىنتىلىۋاتقان مۇكەممەللكە ئېرىشەلەيسىز.لېكىن نىكاھتىن بۇرۇنقى ئاتالمىش مۇھەببەت ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئاساسەن خەيرىلىك بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىلەر شەيتانغا قۇل بولىدۇ. بۇنى پەقەت بىر نەقىل بىلەن چۈشەندۈرىشكە بولىدۇ: ئىنساننىڭ پارچىلىۋېتىلگەندىن كېيىنكى ھالىتىنىڭ بىر قىسىمى بومبىغا ئوخشىسا يەنە بىر پارچىسى بومبىنىڭ مەخپىي نومۇرىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر خاتا بىرىكسە بومبا پارتلاپ  ئىنسانىيەت جەمىيتى زەخىمگە ئۇچرايدۇ.
    ئالدىنقى قېتىم بىر كىتاب كۆرگەن ئىدىم، ئۇنىڭدا بابىلون شەھىرىنىڭ ھالاك بولۇش تارىخى قىسقىچە سۆزلەنگەن بىر رىۋايەت ئىكەن.بابىلون شەھىرى تازا گۈللەنگەن مەزگىلدە كىشىلەردە ئەسلىدە بار بولغان توغرا ئىدىيەسىدە  غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇپ «جىنسىي ئەركىنلىك » چېكىگە يېتىپتۇ، كىشىلەر بۇزۇقچىلىقنى ئۇلۇغلاپتۇ ، شۇنداق قىلىپ شەھەردە تارىغان مەنىۋى ۋابا ۋە بۇزۇقچىلىقتىن يۇققان قورقۇنىچلىق كېسەل شەھەردىكى ئىنسانلارنى ھالاك قىلىپتۇ.
بابىلوندىن ئاز كەم بەش مىڭ يىلدىن كېيىنكى مەن تۇرۇۋاتقان ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان  كىچىك جەمئىيەت ھېسابلىنىدىغان  ئالىي مەكتەپنى ئاشۇ بابىلون شەھىرىگە قىياس قىلىدىغان بولدۇم ، كەچلىرى توپ -توپ بولۇپ سىرتقا مېڭۋاتقان قىز -ئوغۇللار، مەكتەپ قورىسىدا كىشىلەرنىڭ كۆزىچىلا چاپلىشىپ مېڭىۋاتقان بىر جۈپلەر، ئاڭلىماي دېسىمۇ مەستلەرنىڭ ئاغزىدىن قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالىدىغان يىرگىنىشلىك ئىپپەت يۇقۇتۇش ھېكايىلىرى ...گىرمنى بولۇشىغا قىلىپ ،كىيىم كەيمىگەندەك يۈرىدىغان قىزلار، قىزلار ياتاق بىناسىغا گۇنسىز كۆزلىرى بىلەن دىۋانىدەك تەلمۈرۈپ تۇرىدىغان ئوغۇللار....بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق «قانۇنسىز » ئىنتىلىشنىڭ ئىپادە قىلىنىشى ئىدى  . ھەممە نەرسە شىددەت بىلەن ئۆزگىرىپ تۇراتتى، باشتىكى يۇشۇرن ئىنتىلىشلار   بارغانسېرى ئاشكارا ئىپادە قىلىناتتى، گۇناھ تۇيغۇسى ئۆلىشكە باشلايتتى، ئىدىيە ئۆزگىرىپ ئەسلىدىكى نورمال بولغان قاراشلار بىنورمال، بىنورمال قاراشلار نورمال بولۇپ كېتىۋاتاتتتى .خاتا ئىدېئولوگىيە مەلۇم كۈچلەر تەرىپىدىن بىزگە تېڭىلاتتى، ياكى سىرتقى دۇنيادىن بېسىپ كىرىپ ئەسلىدە بار بولغان كونا  ئىدېئولوگىيە سېپىلىنى تېرە -پىرەن قىلىپ تاشلايتتى.
  ئىدېئولوگىيەدىكى ئازغۇنلار باشتا ساناقلىق بولسا كېيىن شىددەت بىلەن كۆپىيىپ ساغلام ئىدىيەدىكىلەرنى «ئاز سانلىق » ئورۇنغا چۈشۈرۈپ ئۇلارنى خاتا يولغا ماڭدى دەپ جار سالاتتى. باشتا كىيىم كەيمەيدىغانلار ئەيىبلەنگەن بولسا ئەمدى كىيىم كىيگەنلەر ئەيىبلىنەتتى. جىنسىي ئەركىنلىك شوئارلىرى يالىڭاچ ھالدا ھەر خىل قىياپەتتە مەيدانغا چىقاتتى .بۇ خۇددى يەرشارى قۇتۇپىنىڭ ئالمىشىپ كېتىشىگە ئوخشاش قورقۇنۇچلۇق ئىدى . مەنىۋى ۋابا بارغانسېرى يامراپ كىشىلەرنىڭ روھىنى ئاستا ئاستا چىرتىۋاتاتتى.مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا بابىلون شەھىرىنىڭ ھېكايىسى يەنە بىر قېتىم  تەكرارلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.   بىزنى بۇ ھالاكەتتىن  بارچە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى  بۇنىڭدىن 1400 يىل ئىلگىرى ياراتقان   زات بىلەن قوشۇپ چۈشۈرۈلگەن  ئۇلۇغ دىن  ۋە مۇقەددەس كىتابقا ئەگىشىشلا قۇتقۇزۇپ قالالايدىغىنى ھەقىقەت .
     بۇ خاتىرنى خۇددى فانتازىيە ئوقۇغاندەكلا ئۇقۇپ چىققان بولساممۇ كاللام ئازراق ئۇچۇقلاشتى، لېكىن يەنىلا كۆپ نەرسىلەرنى ئويلۇغۇم يوق ئىدى. كاللامدا پەقەت ئەلشىر   كىرىپ قالسا قولۇمغا چىققان نەرسە بىلەن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشنى ئويلايتتىم. خىيالىمدا  يېنىمدىكى گۈل چىلەپ قۇيۇلغان لوڭقىنى، تاماق قاچىسىنى بېشىڭغا چەنلەپ ئېتىپ ئۇنى  سۈر- توقاي قىلاتتىم ... شۇ ئارىدا  يېقىن بىر دوستۇم تاماق كۆتۈرۈپ كىردى.
- نالەن، ساڭا بىر گەپنى دەي دېگەن، لېكىن مېنى تىللاپ كېتىشىڭدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
-مەن شۇنچىۋالا ھازازۇلما، قورقماي دەۋر،-دېدىم ئۇنىڭ گېپىگە تىرىككىپ.
-سەن ئەلشىرنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدىڭ، ئەمەلىيەتتە ئىش سەن ئويلىغاندەك ئەمەسكەن.
- ئەمدى قانداق بولۇش بىلەن مېنىڭ كارىم يوق، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتىم قالمىدى.
لېككىن ئۇ نارازىلىقىمغا ئېرەن قىلمايلا  چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:
- ئەلشىر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئۆتۈپ كەتكەن قىز ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ئىكەن .
،- پۇتۇمنىڭ ئاغرىقىمۇ ئېسىمگە كەلمەي ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم:
- نېمە؟! بۇرۇنقى قىز دوستى...
-، قارا ئەپتىڭنى ،كارىم يوق دەيدۇ تېخى ...-
سەن ماڭا مۇشۇ گەپلەرنى دېگىلى كەلدىڭما؟
- ئاۋۋال گەپنىڭ كەينىنى ئاڭلىمامسەن ، ئۇ قىز ئەلشىر بىلەن بىر يىل بۇرۇنلا ئايرىلىپ كېتىپتىكەن، ئۈلۈشكۈن پۇشايمان قىلىپ يارشىپ قالايلى دەپ ئىزدەپ كەپتۇ، لېكىن ئەلشىر مېنىڭ ھازىر ياخشى كۆرىدىغان قىز دوستۇم بار دەپ رەت قىلىپتۇ.
-ئەمسە قول توشۇپ يۈرگەنلىكىنى قانداق چۈشىنىمەن؟
ئۇلار چوڭ يولدىن كېسىپ ئۆتۈۋاتقاندا ھېلىقى قىز قولىنى تۇتۇۋاپتىكەن ،ئەلشىرمۇ كۆڭۈل ئاۋايلاپ سىلكىۋەتمەپتۇ...
بۇلارنى  ماڭا دەپ قانداق قىلىسەن،- دېدىم يەنىلا قاپىقىمنى ئاچماي.
- ئەلشىر ماڭا ھاۋالە قىلدى.
-نېمە ؟- ئەلشىر!
       دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان كۈنى ،ئەزھەر ئۆيدىكىلەر سالغان نەرسىللىرمنى ئالغىلى كەتتى، دوختۇرلار ھېسابنى بوغۇۋەت دەپ توختىماي سۈيلەيتتى ، ياتاقتىكىلەر بولسا  دەرس ئاڭلاۋاتاتتى..
شۇ چاغدا ئەلشىر   يەنە ئاشۇ ئۆزىدەك  ئۆلگۈر كۈلكىسى  بىلەن كىرىپ كەلدى ، ئەسلى پىلان بويىچە بولغاندا  قولۇمغا چىققان نەرسىنى ئېتىپ قوغلىۋەتمەكچى ئىدىم، لېكىن مېنى شۇنداق قىلدۇرالايدىغان ئاچچىق ئاللىقاچان غايىب بولۇپ ئورنىغا باشقا بىر تۇيغۇ ئالماشقان ئىدى.لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ساڭا دەماللىقچە قاپاق ئاچمىدىم. ئەلشىر  خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك نەرسىللىرىمنى يىغۇشتۇرۇشقا باشلىدى .
- بۇ يەردە  نېمە قىلىپ يۈرۈيسەن،دېدىم قولۇغا ئېلىۋالغان نەرسىلەرنى سىلكىشلەپ تارتىپ،-  ماڭ، بېرىپ يولدىن ئۆتەلمىگەنلەرنى يېتىلەپ ئۆتكۈزۈپ قوي .
- بولدى قىل نالەن، ھەممە ئىش ساڭا ئايان بولدى، مېنى مۇشۇ ئاخىرقى قېتىم كەچۈرۋەت.
- ئەمدى سېنى كۆرگۈم يوق، ھېلىمۇ ساڭا يولۇقۇپ كۈلۈپ باققىنىمنى بىلمەيمەن،ئەمدى مېنى ئارامىمدا قوي، بۇ يەردىن يوقال .
ئەسلى مەن ئىلگىرىكى تالاي قېتىملارغا ئوخشاش پەش قېقىپ كېتىپ قالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئەلشىر  جايىدىن قىمىرلىماي تۇرۇپ :
- شۇنداق نالەن ، مەنمۇ كۈلۈپ باقمىدىم، سەن جېنىمنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ قالدىڭ، قاچان بىرى كېلىپ جېېنىمدىن مەھرۇم قىلاركىن دەپ ئەنسىرەپلا يۈرىيمەن ، سېنى دەپلا باشقىلارغا يامان بولۇپ قالساممۇ، سەت كۆرۈنۈپ قالساممۇ پەرۋاسىز يۈرۈۋېرىمەن .
- بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈرىكىم بىلەن قوشۇپ ئاۋازىممۇ شۇرىدە ئېرىپ كەتتى ،  ئۆزىمنى تەستە تۇتۇۋېلىپ  ،
- ئۇنداقتا مەن سېنى باشقىلار تەزدۈرۈپ كەتسە بولاتتى   دەپ تىلەپ ئولتۇرۇپتىمەندە ،- دېدىم .
   ئەلشىرگە ھەممە گەپنى ئۇچۇق دېدىم، ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ھەمراھ بولۇپ تاماق يېيەلمەيدىغانلىقىمنى ، كەچلەردە سەيلىگە  چىقالمايدىغانلىقىمنى، ئىشقىلىپ ئېھسان ماڭا دېگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېدىم، ئەسلى چوقۇم خاپا بولىدۇ دېگەن ئىدىم، لېكىن ئۇ كۆز ئەينەك ئاستىدىكى سىرلىق كۆزلىرىگە مۇلايىم كۈلكە يۈگۈرتۈپ:
-ئەسلى بۇلارنى بۇرۇنراق ئويلىشىشىم، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان قىزنى گۇناھ پاتقىقىغا سۆرەپ كىرمەسلىكىم كېرەك ئىدى. ئېھسان  ناھايىتى توغرا دەپتۇ، ياراتقۇچدىن بەندىسىنى ئەزىز كۆرگەن كىشى چوقۇم شۇ نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇنى كۆرسەڭلا  خىجىل بولىمەن دەپ يېنىمدىن قېچىپ كەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن  ئۇنىڭغا  ئىچىمدە قايىل بولساممۇ   پەقەتلا ياقتۇرمايتتىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز دوستۇم قاتارىدا كۆرۈپ ياخشى ئۆتىمەن.
بۇنىڭدىن كېيىن  قويۇق ئالاقە قىلمايلى،  ھەم ۋىسالىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى،  ئوقۇشۇم پۈتكەن ھامان  سېنىڭ بىلەن كېتىمەن .
شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلۈرىم ئەلشىر ۋەدە قىلغان بەختلىك كۈننى ئىنتىزارلىق ئىچىدە كۈتۈش، ۋە ۋىسالىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن ئۆتتى.
ئاشۇ قېتىملىق تەتىل كۈنى ئۆيىمىزگە ئەلچى كەلگەن كۈنى مەن ئانامغا ھەممە گەپنى دېدىم، ئۆيدىكىلەر ماڭا ياقا يۇرتلۇقنى تېپىپسەن دەپ بىرمۇنچە تاپا قىلغان بولسىمۇ بولسىمۇ لېكىن يالغۇز قىز بولغاچقا رايىمغا بېقىشقا مەجبۇر بولدى.
- ساڭا دەپ قۇياي قىزىم دېدى،- ئانام پېشانەمگە نۇقۇپ تۇرۇپ،- سەن دۇنيالىقتا بىرلا قىزىمىز،  ئەگەر ئۇ بالا بۇ يەرگە   سەن بىلەن يېنىپ كەلمىسە، چوقۇم قايتىپ كەل...
- خاتىر جەم بول ئانا دېدىم مەن ئىشەنچ بىلەن -، كۈيوغلىڭنى چوقۇم قوي يېتىلىگەندەك     ئالدىڭغا ئېلىپ  كېلىمەن .
ئوقۇشىمىز پۈتكىلى ئاز قالغاندا  ئەلشىر ھەممىنى ۋەيران قىلىۋەتتى، ئۇ مەن بىلەن جەنۇبقا كېتەلمەيدىكەن.
مېنى ئالداشقا قانداق يۈرۈكۈڭ چىدىدى دېدىم،- ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ .
-ماڭ قارا نالەن، مەنمۇ ئامالسىز،دەرستىن قېلىپ قالغان پەنلىرىم بەك كۆپ بولغاچقا ماڭا  تۇلۇق كۇرۇس ئۇنۋان كىنىشكىسى بېرىلمەيدىكەن، ياخشى يېرى ئاتا -ئانام يۇرتۇمدا بىر خىزمەت ئۇقۇشۇپ قۇيۇپتۇ، ئەگەر سېنىڭ بىلەن يۇرتىڭغا بارسام بۇ ئەھۋالىم بىلەن خىزمەت تاپالىشىم مۇمكىن ئەمەس.
-جان بېقىش ئۈچۈن چوقۇم ھۆكۈمەت خىزمىتى قىلىش شەرتمۇ،- دېدىم مەن ئۇنىڭ باھانىللىرىگە قۇلاق سالماي،-ئۆزۈڭ ئىگىلىك  تىكلىسەڭ بولىدىغۇ.
-بەلكىم شۇنداق قىلساممۇ بولار ئىدى،- دېدى ئۇ قىزىرىپ تۇرۇپ-، ئاتا -ئانام مېنىڭ جەنۇبقا كېتىشىمگە قەتئىي قوشۇلمايدىكەن، ئۇلارنىڭ مەندىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوقكەن.
- ئۇنداقتا ئاتا -ئانام ماڭا چىدايدىكەندە ، مەن يالغۇز قىز تۇرسام! ، ئاتا ئانامنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ سېنىڭ قېشىڭدىن كېتەمدىمەن.
-سېنىڭدىن ئايرىلىشقا چىدىمايمەن نالەن، مەن بىلەن كەتكىن .
- چىدىمايدىغان ئىشىڭ بولسا  بەرگەن ۋەدەڭدە تۇر، ئازراق بەدەل تۆلەپ  مەن بىلەن جەنۇبقا كەت، بولمىسا كەچۈرگىن ..
مېنى بەكلا قىيىن ئەھۋالدا قۇيۇۋاتىسەن ....
- بۇ ۋاقىتقىچە قاچان ئاتا -ئاناڭنىڭ پىكىرنى ئېلىپ ئىش قىلىپ باقتىڭ، ئەجەب ئەمدى ئۆزگىرىپ قاپسەنغۇ...-
ئۇنىڭدىن كۈتكەن جاۋابنى ئالالمايدىغانلىقىمنى كۆزۈم يېتىپ ئۇنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماستىن يۈۈگۈرگىنىمچە كېتىپ قالدىم.
مەكتەپنىڭ بۇلۇڭىغا باردىم، ئېھسان  يەنە شۇ يەردە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى.ئۇدۇل بېرىپ ئېھساننىڭ باغرىغا تاشلاندىم..
-مەن ئالداندىم ئېھسان ، ئۇ مەن بىلەن كېتەلمەيمەن دەيدۇ ....سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلىسام بولۇپتىكەن ..نېمىشقا مېنى  قەتئىيلىك بىلەن توسۇۋالمىدىڭ ، گەپ ئاڭلىمىسام تىللساڭ ھەتتا ئۇرساڭ بولماسمىدى ، نېمىشقا مېنى ھالاكەت يولىدىن توسۇۋالمىدىڭ ..ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن. ئىچ - ئىچىمدىن ئوقچۇپ  چىققان يىغا بوغۇزۇمغ كەپلىىشىپ  گەپلىرىمنىڭ كەينى بوغۇق يىغا ئاۋازىغا  ئايلىنىپ كەتتى.
- نېمىش بولدى شورلۇق سىڭلىم ، ئالدىرىماي دە ،- دېدى ئېھسان  مەيدىسىگە تىرىلىپ قالغان يۈزۈمنى مۇلايىملىق بىلەن ئۆزىگە قارىتىپ.
-  ئېھسان ئاكا ، ئۇنىڭ ۋەدىسى يالغان ئىكەن، مەن بىلەن كېتەلمەيدىكەن ، ئاتا -ئانىسى ئۇنىڭ يات شەھەرگە كېتىشىگە يول قويمايمىز دەپتۇ  ، تېخى ئۇنىڭغا يۇرتىدا خىزمەت  تېپ قۇيۇپتۇ، ئۇمۇ قوشۇلۇپتۇ، سەن بىلەن كەتسەم خىزمەت تاپالمايمەن دەيدۇ..
- ياق ، ئۇنىڭ ۋەدىسى يالغان ئەمەس، پەقەت ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىدەك دەرمانى يوق.
- ئوخشاشقۇ ، سۆيگەن كىشىسىگە بەدەل تۆلىمەي ئېرىشكىلى بولمايدۇغۇ..
-ئۇغۇشۇ، لېكىن بۇ تاللاش ئادەمگە بەك تەس چۈشىدۇ،ئويلاپ باقمامسەن سەن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ يېرىمى بولساڭ، ئاتا ئانىسى ، كىندىك قېنى تۈۆكۈلگەن تۇپراق يەنە بىر يېرىمى ھېسابلىنىدۇ، بىرىگە ئېرىشمەكچى بولسا بىرىدىن كېچىشى كېرەك ..دېمەك سېنى ھەرقانچە ياخشى كۆرمىسمۇ تاللاشقا كەلگەندە ئامالسىز قالغاندۇ.
-بولدى كۆڭلۈمنى ياسىما ، ئۆلۈمدىن باشقىسى ھەممىسى باھانە ،مەن بەرىبىر ئالداندىم...ئۇ ھامان بىر كۈنى مېنى يوقۇتۇپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلىدۇ ، شۇنداقمۇ ئېھسان !؟-دېدىم ياشلىرىمنى سۈرىتىۋېتىپ .
- شۇنداق نالەن، ئۇ بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىدۇ، سېنى سېىغنىدۇ ، ئۆتمۈشكە قايتىش ئۈچۈن توختىماي خام خىيال قىلىدۇ...
    ئاشۇ كۈندىن تارتىپ تاكى ئەلشىر بۇ مەكتەپتىن يوقالغۇچە ياتاقنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىدىم، ئۈندىدارمنى ، تېلفۇنۇمنى ئاچمىدىم، تورۇسقا تىكىلگىنىمچە  كۈنۈم - كۈنۈم خىيال  سۈرەتتىم، تورۇستا، ياتاقنىڭ ھەممە يېرىدە ئەلشىر مېڭىپ يۈرەتتى، كۆزلىرمنى يۇمۇۋالسام قوللىرى بىلەن چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىمنى ئوڭشاپ كۆزۈمنى ئېچىشىمنى كۈتۈپ جىمجىتقىنا ئولتۇراتتى.
  ئۇلۇغ ھەم مۇقەددەس بىلگەن مۇھاببتىمىز، ئالىي مەكتەپتە مەكتەپتە  يۈز بېرىپ تۇرىدىغان  تالاي ئاددىي ھەم تەمسىز ھېكايىلەردەك ھەر قايسىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا كېتىش بىلەن تۈگەنلەندى،ئەجەبا ئۇنىڭ مەن بىلەن كېتىشى شۇنچە تەسمىدۇ، ئاتا -ئانىسىنى ، يۇرتىنى كۆرگۈسى كېلىپ قالسا پات پات بېرىپ تۇرسا بولمامدۇ، ياكى ئۇ مەندەك يالغۇ پەرزەنت بولمىسا...قانداق ئويلىماي ، ئۇنىڭ ئىرادىسىز، ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە پېتىنالمايدىغان بىر ئادەم ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپلا  خىياللىرىمنىڭ  تۈگۈچى  يېشىلەتتى، ئاندىن ئۈزۈمنىڭ دۆتلىكنى ، ئەلشىرنىڭ زەيپانىلىكى، ھەتتا مېنىڭ ئىمىلداش ئاكام ئېھساننىڭ   مېنى زىيادە ئەركىگە قۇيۇۋەتكەنلىكىدىن ئاغرىناتتىم، ھەممىنى قوشۇپ قارغايتتىم.بەزىدە تۇرۇپ -تۇرۇپلا ئەلى يادىمغا كېلىپ قالاتتى، بەلكىم ئۇنىڭغا قىلغان ئەسكىلىكلىرىم ئەمدى ئۆزۈمگە يانغان  بولسا كېرەك دەپ ئويلايتتىم، ئاشۇ كۈنى ئەلىنىڭ قىز دوستى ياتىقىمغا يوقلاپ كىرگەن كۈننى ئويلاپ ئىچىم ئاچچىق بولاتتى.
-ئەلشىر بىلەن كەتمەپسىزغۇ ،- دېگەن ئىدى ئۇ ماڭا مەسخىرە ۋە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ.
-  كەتكىم كەلمىدى دېدىم ،- مەن ياسالما ئەممە بىچارىلىق چىقىپ تۇرىدىغان  ئاھاڭدا .
- ئەلى ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بىر شىركەتتىن خىزمەت تېپىپ بولغان، ئاتا-ئانام مېنىڭ شىمالدا قېلىشىمغا قوشۇلمىغاچقا مەن بىلەن كەتمەكچى، ئۇ سەن نەگە بارساڭ شۇ يەرگە بىللە بارىمەن دەيدۇ...
ئۇنىڭ قالغان گەپلىرى قولۇقۇمغا كىرمىدى..
   ئۇ قىز بۇرۇندىن تارتىپلا ئەلىگە يېقىنچىلىق قىلىپ يۈرەتتى، لېكىن ئەلى مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا ئامال قىلالمىغان ئىدى، كېيىن ،ئۆزىمۇ زىلۋا، چىرايلىق،كاللىسى ئىشلەيدىغان يامان قىز بال بولغاچقا، ئەلىنى  باغلىۋالدى.
جاھان دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن،  بەزىلەر ئۆزى سۆيىدىغان كىشىسى ئۈچۈنمۇ ئازراق بەدەل تۆلەشتىن قورقىدىكەن، يەنە بەزىلەر ئۆزىنى سۆيگەن كىشى ئۈچنمۇ بەدەل تۆلەشتىن يانمايدىكەن..
                   *           *                             *                              
   -شۇنچە  قاتتىق يامغۇردا جىنلىق دەرەخنىڭ تۆۋىدە نېمىش قىلغانتىڭ ، مۇشۇنداق  ئالدىراش چاغدا دوختۇرخانىغا كىرىۋلغىنىڭنى قارا ،- دېدى ئېھسان  بىر پاتمان نەرسىلەرنى دورا ئىشكاپى ئۈستىگە تاشلاپ.
ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمەيلا  ئېلىپ كەلگەن  دېپلۇم، ئۇنۋان كىنىشكىللىرمنى كۆرۈشكە باشلىدىم...
-نەرسىلەرنى يىغۇشتۇر ،-دېدى ئۇ ئەلىغا ،- مەن بېرىپ ھېسابنى بوغۇۋېتەي ،ئەتىلا يۇرتقا ماڭىمىز...
بۇنىڭدىن تۆت يىل ئاۋۋال بىز ئۈچىمىز ( ھازىر يېنىمدا ئولتۇرغان ئەلىنىڭ قىز دوستىنى ھېسابقا ئالمىغاندا )  مۇشۇنداق پويىزغا ئولتۇرۇپ جەنۇبتىكى كىچىك شەھەردىن نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلىرىمىزنى يۈدۈپ  خۇشاللىقتا كېچىچە پاراڭ سېلىپ  بۇ يەرگە كەلگەن ئىدۇق، مانا ھازىر جىمجىتقىنا ئۆز خىياللىرىمىز بىلەن بەنىت بولۇپ كېتىۋاتىمىز، مۇشۇ ئارىدا ئەلنىڭ مۇھاببىتنىڭ جىمجىتلىققا ئىچى پۇشتىمۇ ئاستا ئەلىنىڭ قېشىغا سۈرۈلۈپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭ سوقۇشقا باشلىدى.  مۇشۇنداق ئولتۇرىۋەرسەم ئاچچىق خىياللار مېنى تېخىمۇ جىمۇقتىرىۋېتىدىغاندەك  قىلاتتى، مەنمۇ ئېھسان  بىلەن پارڭلاشماقچى بولدۇم، لېكىن ئۇ  كونا پورتمانىنى سىقىمدىغىنىچە  دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ  خىيالنىڭ دەستىدە قېتىپ قالغاندەك ئولتۇراتتى  .
ئاخىرى مەنمۇ خىياللىرىمنى ئەركىگە قۇيۇۋەتتىم.مېنى مۇشۇنداقلا ئۇنتۇپ كېتەلەرسەنمۇ  ، دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىىرلاپ، ۋە كونا پورتماننى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان ئېھسانغا  قاراپ ( تۆت يىل ئاۋۋال بىز مەكتەپكە تۇنجى سەپەر قىلغان كۈنمۇ مۇشۇنداق كونا پورتماننى سىقىملاپ ئولتۇراتتى).
ئەلشىرنىڭ كەلگۈسى ھالىنى كۆرگەندەك بولاتتىم. بۇنىڭدىن بەش يىل مۇقەددەم ئېھسان  مېنىڭ پەرىشتىدەك چىرايلىق بىر دوستۇم بىلەن ياخشى كۆرۈشكەن ئىدى، كېيىن ئەزھەرنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئۇ قىزدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالدى، ئۇ ئىچىدىن چىقارمىغىنى بىلەن تاھازىرغىچە ئۇ قىزنى  ئۇنتىيالمىدى.ھازىر سىقىملاپ ئولتۇرغان ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن پورتمالنمۇ ئاشۇ قىز سوۋغا قىلغان، يېنىدىن ئايرىماي يۈرىدىغان مۈڭگۈزساپلىق پىچىقنىمۇ شۇ قىز سوۋغا قىلغان( بىر قېتىم مەكتەپتىن پىچىقىنى مۇسادىرە قىلغاندا، مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىنىڭ قۇلىپىنى چېقىپ پىچاقنى ئېچىقىۋالدى) .ئۇنىڭ ھېكايىىلىرىدا دائىم بىر جۈپ قىز يىگىت ناھايىتى بەختلىك ئۆتىدۇ، ئاندىن جۇدالىققا مەككۇم بولىدۇ، تېخى ھەممە ھېكايىلىرىگە دېگۈدەك  ئاشۇ قىزنىڭ ئىسمىنى( رەيھان)نى  ئىشلىتىدۇ. بۇ يەرگە كېلىپ ئۇ مەندىن باشقا قىز بىلەن يېقىن ئۆتۈپ باقمىدى،ئېتىراپ قىلمىغان بىلەن ئۆزىنى تاشلىۋەتتى .كونا كىيىملەرنى كىيىپ، ساقىلىنمۇ ھەپتىدە بىرە قېتىم ئالماي دېگۈدەك  يۈرۈيدۇ . پۈتۈن تۆت يىلنى دېگۈدەك ئاشۇ مەكتەپنىڭ خىلۋەت بۇلۇڭىدا زاھىتتەك ئۆتكۈزدى  ...
بەلكىم ئەلشىرمۇ ئۇزاق ئۆتمەي ماڭا قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلار، زەيپانىلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلەر، تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزەر، لېكىن ئۇ ئاللىقاچان كېچىكتى،ئەمدى ھەرگىزمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ، ئەگەر قايتا ئىزدەپ قالغۇدەك بولسا چوقۇم ئېسىدىن چىقمۇغىدەك قاتتىق ئەدىپىنى بېرىپ ھەيدىۋېتىمەن...
خىياللىرىمنىڭ ئاچچىقىدا چىققان مۇزدەك ياش يۈزۈمنى سىيپاپ چۈشىۋاتقىنىنى سىزىپ تۇراتتتىم، شۇ چاغدا ئېھسان  يېنىمغا سۈرۈلدى.
- يەنە يىغلىدىڭما ،- دېدى ئۇ يېشىمنى ئېرىتىپ  ، ئاندىن شامال كىرىۋاتقان دېرىزىنى ئېتۋەتكەندىن كېيىن  چاپىنىنى ماڭا يېپىپ قويۇپ ،- ئەمدى ئۇ ئىشلارنى ئويلىما ، بىر تال قوزىنى ياراتقان ئاللاھ ئۇنىڭغا رىزىق قىلىپ بىر تۈپ گىياھنى يارىتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، ئەلۋەتتە سەندەك پەرىشتىسىنىڭ بەختنىمۇ بېرىدۇ.
بېشىمنى سۇس لىڭشىتىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرىدىم، لېكىن بىر تامچە ياش كۆزۈمدىن ئوقچۇپ تېز سۈرەتتە يۈزۈمنى بويلاپ ئېقىپ كەتتى.
-ئېيتقىنا ئېھسان  ،-دېدىم مەن ئۇنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن تىكىلىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ،-ئاسپىرانتلىقنى نېمىشقا ئۇنچىۋالا يىراق يەردە ئوقۇشنى تاللىۋالدىڭ ، بىزنىڭ شەھەردىمۇ شۇنداق ياخشى ئۇنۋېرستىتلار بارغۇ .
- مېنىڭ  يىراقلارغا كەتكۈم بار.
- نېمىشقا ؟
ئۇخمايمەن.
لېكىن مەن بىلىمەن دېدىم ،-  مەندىن قاچۇرىۋاتقان كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراشقا تىرىشىپ،-سەن بۇ يەردە قالساڭ ئاتا-ئاناڭنىڭ سېنى ئۆيلەشكە زورلىشىدىن ئەنسىرەيسەن.چۈنكى سەن تېخىچە ئۇنى ئۇنتۇپ بولالمىدىڭ...
بەلكىم شۇنداقتۇر ،- دېدى ئۇ ئاندىن جىمىپ قالدى.
- ئەمدى رېئاللققا يۈزلەن ، بولمىسا ئۆزۈڭنىمۇ  ئاتا -ئاناڭنى قىيناپ قۇيۇسەن .
- مەن پەقەت باشقىلارنى ئالدىماي دېدىم .
- ئاتا -ئاناڭ دېگەن قىزغا كۆڭلۈڭ چۈشمەسلىكىدىن ئەنسىرەيسەن شۇنداقمۇ ، لېكىن بىلىشىڭ كېرەك رىزقىڭنى بىرىگە قوشۇشقا قادىر بولغان خۇدا ئارىغا مېھىر -مۇھەببەتنى سېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
ئېھسان ماڭا لەپپىدە قارىدى، توغرا دەيسەن شورلۇق سىڭلىم،مەن چوقۇم دېگىنىڭدەك قىلىمەن، لېكىن ئاۋۋال ئارزۇلىرىم ئىشقا ئاشسۇن...
ئۆيىمىزنىڭ بوسۇغىسى ئالدىغا كەلگەندە ئانامغا كۈيوغلۇڭنى قوي يېتىلىگەندەك ئېلىپ كېلىمەن دېگىنىم ئېسىمگە كېلىپ ئىچىم يەنە ئاچچىق بولدى. لېكىن شۇ چاغدا ئېھسانغا دېگەن گەپلىرىم يادىمغا يەتتى .بىرى بىلەن رىزقىنى قوشۇشقا قادىر بولغان خۇدا ،  ئارىغا مېھىر مۇھەببەتنى سېلىشقىمۇ قادىردۇر. ئەلۋەتتە رىزقىنى   قوشمىغان كىشىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقىمۇ ھەم شۇنداق. ئەمدى بەختىمنى بىر ئاللادىن تىلەي، مەندەك بىر ئاجىزەگە دۇئادىن باشقىسى ئارتۇق.  
« ئەلۋىدا. ئەلشىر»  دېدىم ئىچىمدە ، بەختلىك بول.
مۈرەمدىكى سومكامنى تۈزەشتۈرۈپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى سالماق ھالدا چەكتىم.
                      تۈگىدى
    2014 -يىلى 8  -ئايدا  خوتەندە ۋە  2014-يىلى 9 -ئايدا  سانجى ئىنستىتۇتىدا يېزىلدى   .     

uyghuray

2

تېما

2

دوست

3823

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   60.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1156
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 18:31:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xikayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-22 16:27  

  پوۋسىتىڭىز ناھىيىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئاپرىن . سىزدىن سوراپ باقسام   ، ئۇچ يىل بۇرۇن مەن بىر روماننى ئوقۇغان ئىسمى «زۇلمەتلىك تۇپراق »  مەن ئەيى چاغدا ساقلىۋالماپتىكەنمەن    بەك ياخشى رومان ئىكەنتۇق .  خوتەنلىك بىر ئاپتۇرنىڭ يازمىسىكەنتۇق . ئەگەر سىزدە بولسا بىر يوللاپ قويسىڭىز . رەخمەت!

11

تېما

3

دوست

3032

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 950
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 19:12:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xikayat يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 18:31
پوۋسىتىڭىز ناھىيىتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، ئاپرىن . سىزدىن ...

مەندە يوقتى.توردىنمۇ تاپقىلى بولماسمىكىن ئۇ ئەسەرنى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )