قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 665|ئىنكاس: 5

بۇلاقنىڭ يېشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

23

دوست

2368

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 736
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-26

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 20:31:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلاقنىڭ يېشى

(ھېكايە)

بۇمەريەم

[يۇرتۇمغا- خانتەڭرىنىڭ باغرىغا بېغىشلاندى ]



بۇلاقلارمۇ يىغلامدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەمىسە ھېكايەمگەقۇلاق سېلىڭ.
   تارىختا قۇم دەپ ئاتالغان جاي مەن كىچىك ۋاقتىمدا ، يەرئاستى ۋە يەر ئۈستى سۇ بايلىقى تولىمۇ ئەلۋەك، تۇپرىقى مۇنبەت، ھاۋاسى سالقىن ياڭاق، ئالما، پاختا، شال بەك كۆپ چىقىدىغان بولۇپ،كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگىدەك ئوخشايدىغان بىر يەر ئىدى. بۇ يەرنىڭ بوزدۆڭ، تاغلاق، شېخىل، تۇمشۇق قاتارلىق يېزىلىرىدىكى ئىنسانلار خانتەڭرى چوققىسىنىڭ ئەگىزلىرىدىن ئېقىپ ئېرىق بولغان، بىۋاس تەكۈن كۆرگەن ئەركەك سۇنى ئىچكەچكە ئۇلارنىڭ چىشى مەرۋايىتقا ياكى بولمىسا چىنىنىڭ ئىچىگە ئوخشايتتى.
   قۇمنىڭ ئىچىدە بولسا تاكى مەن سەككىز- توققۇز ياشلارغاكىرگۈچە (ئېنىق ئېسىمدە يوق) كوچا- كوچا، مەھەللە- مەھەللىدە بۇلاقلار بار ئىدى.كىشىلەر بۇ بۇلاقلارنىڭ ئىزىغا توم تۆمۈر سېلىندىرنى پاتۇرۇپ، سېلىندىرنىڭ تۆت بېقىنىغا تۇرۇبىنىڭ ئېغىزىدەك تۆمۈر نو بەركىتىپ رەسمىي بۇلاق ياسىغان بولۇپ، بۇبۇلاقنىڭ قايسى ۋاقىتتا كىملەر تەرىپىدىن ياسالغانلىقى ماڭا نامەلۇم. پۈتۈن قۇمنىڭ ئىچىدىن چوڭ يولنى بويلاپ مۇشۇ بۇلاقتىن شەكىللەنگەن ئېرىقلار ئېقىپ تۇراتتى. ئېرىق بويلىرىدا تەكشى كەتكەن ئەگرى بويلۇق مەجنۇنتاللار سايە تاشلاپ تۇراتتى. بۇ سۇلارنى ئىچكەن ھامان ئىنسان خۇددى پۈتۈن بەدىنى يەڭگىللەپ قالغاندەك ھۇزۇرلىنىپ كېتەتتى. كوچىداكېتىپ بېرىپ ئۇسساپ قالغانلار بېرىپلا يۈز- كۆزلىرىنى يۇيۇۋېتىپ سۇدىن ئىچىۋالاتتى. بەزىلەرنىڭ تاھارەت ئالغىنىنى كۆرگىلى بولاتتى. بۇنداق بۇلاقتىن قۇمنىڭ ئىچىدىلا يەتتە سەككىزى بولۇپ، ھەربىر بۇلاققا بىردىن ئىسىم بېرىلگەن، بۇ ئىسىمھەم بۇلاقنىڭ ھەم شۇ بۇلاق تەۋە مەھەللىنىڭ ئىسىمى ئىدى. مەسىلەن، نو بۇلاق، ئەشمەبۇلاق... مانا ھازىر بۇ بۇلاقلارنىڭ ئىسمىنى ساناشنىمۇ ئۇنتۇپتىمەن. بۇ بۇلاقلارخۇدايىمنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئادەم توڭلاپ قالىدىغان قارا قىشتىمۇ ئېقىۋېرەتتى. يازداسوغۇق سۈيى خۇش ياقاتتى، قىشتا ئىچسىڭىز توڭدۇرمايتتى. بىز قانغۇچە ئويناپ ھېرىپ كەتكەندە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئىچىۋالاتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ھېرىقچىلىقىمىز پەسىيىپ دەرس ئۆگىنەتتۇق، ئېشىپ قالغان كۈچىمىز بىلەن ئۆي ئىشىغا ياردەملىشەتتۇق.كىچىكلىكىمىزگە باقماي پۈتۈن بەدىنىمىزدىن بىر ھاياتى كۈچ ئوخشۇپ تۇراتتى.تاماقلارنى ئاپىلىرىمىز سوگوزا ئۇستاملاردەك جياڭيۇ ۋېيجىڭ دەپ ئىسىم قويۇۋالغان خالتىلىق نېمىلەرنى سالمىسىمۇ باشقىچە لەززەتلىك ئىدى.
   مەھەللە مەھەللىدە سۇ توشۇپ جېنىنى باقىدىغان ئەپكەشچىلەر بار ئىدى. بىر قاچا تاماقنى بېرىپ قويۇپ شۇلارغا سۇتوشۇتىدىغان مومايلارمۇ، گەۋدىسىنى ئەگكىنىچە ئىككى بېشىغا ئىككى چېلەك ئېسىۋېلىپ ئۆيىگە سۇ توشۇپ بېرىيدىغان ئەرلەرمۇ پات- پات ئۇچراپ تۇراتتى. كوچا- كوچىداقەلەيچىلەرنىڭ تاڭ- تۇڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى. يېڭى ياساپ ئېسىۋېتىلگەن قۇياش نۇرىدا پارقىراپ كەتكەن نوگوي، چىلەك، تۇڭ، ئىۋرىق، ئاپتۇۋا-چىلاپچا، چەينەك، داس...ئىشقىلىپ سۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە قەلەي بويۇملار دۇكانلارنىڭ ئىچىنى توشتۇراتتى.بادام گۈللۈك دوپپا كىيىۋالغان ئۇستاملار يىل بويى بۇلارنى ياساپ ھارمايتتى. نەقىشلىنىپ ئىش قوشۇلغانلىرى پاسونسىز تۈز ياسالغانلىرىغا قارىغاندا ئازراق قىممەت بولسىمۇكۆپىنچە كىشىلەر كۆركەملىرىنى ئالاتتى.
    قۇمدا كىشىلەرنىڭ ئاغرىپ قېلىشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىدى. ئازراق ئاغرىغۇدەك بولسا مىللىي شىپاخانا دەيدىغان تاملىرى نەقىشلىك،قارىماققا بايراق ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدەك كۆرۈنىدىغان ئەمما قىزىل كىرست بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئاق مىلەڭزىلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ ئادەمنىڭ ئېغىزىغا ئىسمى تەستە كېلىدىغان ئاللىقانداق مەجۇن، ھەرخىل چاي دورىسى، قىزىل قولتۇق پاقا دېگەندەك نەرسىلەرنى يەپ- ئىچىپ بىر ئىككى كۈندىن كېيىن ئوڭشىلىپ قالاتتى. قۇملۇقلار بۇ نەرسىلەرگەپۈتۈن روھى بىلەن ئىشەنگەچكە شۇنداق تېز ساقىيىپ قالامدۇ ياكى بۇ دورىلار مۇشۇنداق سېھىرلىكمۇ بىلگىلى بولمايتتى. پالانىنىڭ ئۈچۈيى ئالمىشىپ قاپتۇ، پۇستانىنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قاپتۇ، پالانىچى خېنىمنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەپ قاپتۇ، پوكۇنىچى غۇجامنىڭ ئۆتى بىر نېمە بوپتۇ، يەنە بىر كىمنىڭ جېگىرىگە ماي ئۆرلەپ، قېنىدىن بىرنەرسە تېشىپ چىقىپ كېتىپتۇ دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىساق خۇددى ئادەمنىڭ ئۈچۈيىتېشىغا چىقىپ قالغاندەك ھەيران قالاتتۇق. راك دېگەن كېسەلنى ئاڭلاپ باقمىغاچقا راكدېسە خۇددى ھاك دەۋاتقاندەك بىلىنىپ ھېچكىم پەرۋا قىلمايتتى. ھۆكۈمەت مائاش تارقىتىلماي زايوم بېرىپ يۈرگەن نامراتلىق يىللىرىدىمۇ، قۇلىقى ئاڭلىغان ھامان تونۇيدىغانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بېرىپ شۇنداق غەيرى ئاغرىققا مۇپتىلا بولغانلارنى ئىككى چاقماق قەنت، بىر كىلو ناۋات، بىر يوتقان تېشى بىلەن يوقلاپ كېلەتتى. قولى قىسقىراق ئادەملەر ئىككى چاقماق قەنتلا ئېلىپ باراتتى. ئۆتىدىن تاش چىقىپتۇمىش دېگەننى ئاڭلىساق، بىزمۇ مەخسۇس شۇ تاشنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن بوۋا- مومىلىرىمىزغائەگىشىپ بېرىپ ساغرىپ قالغان ھاك تاشقا ئوخشايدىغان ئىككى ئۈچ تال مونەكنى كۆرۈپ ئۈمىدسىزلىنىپ يېنىپ كېلەتتۇق.
   شۇنداق بىر چاغنىڭ ئۆزىدە بىز ئىسمىنى بىلمەيدىغان غايىبانە بىر ئالىم بۇ بۇلاقلاردىن چىقىۋاتقان سۇلارنىڭ تەبئىي مېنىرال سۇئىكەنلىكىنى، بۇنى ئىچكەن ئادەمنىڭ بەدىنىدە پۈتمەس-تۈگىمەس ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار شەكىللىنىپ پەقەتلا ئاغرىپ قالمايدىغانلىقىنى، بۇنداق سۇنىڭ دۇنيادا ئازكۆرۈلىدىغانلىقىنى، بۇنى ئىچكەن ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولۇپ ئۆلمىگىلى تاسقالىدىغانلىقىنى بايقىۋاپ تۇمىش. دادامنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاپىسى رەھمەتلىك زورىخان مومام 119 ياش ئۆمۈر كۆرگەن بولغاچقا مەن بۇ گەپكە ئىشىنەتتىم. بۇ گەپ چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇمدىكى بۇلاقلار تاقالدى.      
   ئۇيغۇرلارنىڭ تۆمۈرچىلىكتە داڭقى بارلىقى بىكار ئەمەسكەن. بۇلاقلارنىڭ تۆمۈر نولىرىنى قۇمۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئىچكىرىدىن چىققان خاشو قالپاقلىق ئىشچىلار خېلى ئاۋارە بولۇشتى. ئاندىن يەرنى كولاپ ئۆلۈپ قالغان بوغما يىلاندەك ياتقۇزۇلغان نوكەشلەر بىلەن بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئاللىقاياقلارغا باشلاشتى.يول كېڭەيتىشكە تاقىشىپ قالغان قاتار- قاتار مەجنۇنتاللار پاچىقىدىنلا كېسىلىپ چۆرۈپ تاشلاندى. ئىشچىلار قاراماي يوللارنى چۇۋۇپ ئاسفالىت يوللارنى كېڭەيتىپئېرىقلارنىمۇ قوشۇپ تىندۇرۇپ قۇمنىڭ ھەممە يېرىنى كەڭرى ئاسفالىتلار بىلەنقاپلىۋەتتى. قۇمنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ كىراكەشلىكتە ئىشلىتىلىۋاتقان مەپىلىك ئات ھارۋىلىرىنىڭ بۇ يولغا كىرىشى چەكلەندى. دېيىشىچە ئاتلار تېزەكلەپ يولنى مەينەت قىلىۋېتەرمىش. شۇنىڭ بىلەن ھارۋىكەشلەر ئاتنىڭ تېزەكلەيدىغان يېرىگە توغرىلاپ خالتا تارتىپ قويۇپ مېڭىۋەردى. ئارقىدىنلا ئاتنىڭ ناھالىسى يولنى بۇزىۋېتدۇ دېگەن يوليۇرۇق بىلەن تەڭ تاقراق تاقراق قىلىپ چاپچىپ يۈگۈرۈپ كۆنۈپ قالغان ئۇزۇن چاچلىق تورۇق ئاتلار قوتانغا سولىنىپ يېتىۋېرىپ ئاغرىپ ئۆلۈشتى. ھارۋىلار ماتاڭ يايمىسى بولۇشقىمۇ يارىمىدى، چۈنكى يايما ئاچقانلارنى توسىدىغان شەپكىلىك ئادەملەر بارئىدى. بارا- بارا ئات تاقىلايدىغان تاقىچىلارمۇ ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولدى.بىزنىڭ مەھەللىدىكى پېشانىسىدىن نۇر كەتمەيدىغان پوڭزەك تاقىچىمۇ نەچچە يىل ئۆتمەي ماڭالماسلا بولۇپ قالدى. بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ماڭالماس بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇنى تۇيۇقسىز جىن سوقۇۋەتكەنلىكىگە باغلاپ يۈرەتتى. چۆرىسى تۆمۈر رېشاتكىلىق گۈللۈك، يېنى رەڭلىك چاقماق بېتون بېسىلغان پىيادىلەر يولى ۋە قاتار كەتكەن كۆچەتلەر بىلەن بېزەلگەن ئاسفالىت يوللار، يول بويىدىكى گۈللۈكلەرگە ئاق خاشوتەشتەكتە ھەرخىل شەكىللەرنى چىقىرىپ تىزىۋېتىلگەن- خەق ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان ھەتتا كۆرۈپمۇ باقمىغان گۈللەر،  يول بويىغا يېڭى ئېچىلغان ئىچكىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆز قاماشتۇرغۇچى بويۇملارنى ساتىدىغان دۇكانلار، ئارقا- ئارقىدىن سودىغا كىرىشكەن رېستۇرانلار ۋە ئۇلارنىڭ قايناق ناخشا- ئۇسسۇلغا چۆمگەن سورۇنلىرى قۇملۇقلارغا ھېلىقى بۇلاقلارنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلدۇردى. بۇ بۇلاقتىن چوڭ يولدىن نېرىراق مەھەللىدىكى بىر نەچچىسىلا قالغان بولۇپ، ھازىر بۇلارنىڭ بار- يوقلىمۇ ئېنىق ئەمەس ئىدى.
    بۇلاق كېتىپ مەنمۇ باشقا خەققە ئوخشاش تولا ئاغرىيدىغان بولۇۋالدىم. چۈنكى بۇلاق بار چاغدا مەن خالتىلىق ئۇششاق- چۈششەك نەرسىلەرنى كۆرۈپباقمىغان ئىدىم. كۆرسەكمۇ ئۇيغۇرچە ئەمەسكەن باشقا ئادەملەر يەيدىغان نەرسىكەن دەپ قولۇمغا ئالمايتتىم. بىز بالىلار بىلەن يانچۇقىمىزغا سېلىۋالغان تونۇردا ياغقان ياغلىق توقاچنى بۇلاقنىڭ سۈيىگە تۈگۈرۈپ يەپ ئويناۋېرەتتۇق. ئەگەر بەك قورسىقىمىزئاچسا، بىر موچەنگە بىر باغلام ماش، بەش پۇڭغا بىر كەمچە سۇدا پىشۇرۇلغان نوقۇت،بىر موچەنگە بىر تال سۇدا پىشۇرۇلغان تاتلىق ياڭيۇ، ئىككى موچەنگە چوڭ ئادەمنىڭ ئالقىنىدەك كېلىدىغان ھوردا پىشۇرۇلغان ئەنجان كاۋىسى، ئىككى موچەنگە يوغان بىركەمچە گازىر، ئۈچ موچەنگە يوغان بىر كەمچە قوتۇرماچ، بىر موچەنگە سۇدا پىشۇرۇلغان ئاقياڭيو،بەش موچەنگە بىر چىنە لەڭپۇڭ، ئىككى موچەنگە ئاقماتاڭ، بەك موچەنگە زىماتاڭ، بىركويچەنگە ياڭاق ماتاڭ كېلەتتى. خوراز كەمپۈتنىڭ كىچىكى بەش پۇڭ، چوڭى بىر مو ئىدى.چۇۋۇلۇپ تۇرىدىغان ھالۋايى پەشمەتلىرىمىزنى يېشى بىز بىلەن تەڭ بالىلار « پەشمەت ئېلىڭلار پەشمەت! بىرسى ئىككى موچەن بىر كويغا بەش!» دەپ، يوغان لېگەنگە تىزىپ بېشىغاقويۇۋېلىپ مەھەللىمۇ- مەھەللە توۋلاپ ساتاتتى. يەنە نېمىلەرنىڭ بارلىقى ئېنىقيادىمدا قالماپتۇ. ئۇششاق- چۈششەكنى سەل جىق يەۋېلىپ ئاغرىپ قالغۇدەك بولساق چوڭئاپىلىرىمىز ئېشى ئارتىپ قاپتۇ ياكى بولمىسا ئاش كىرىپ قاپتۇ ، دەپ بېشىمىزنى يوتىسىغا قويۇۋېلىپ ئەسنىگىنىچە بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ كېتەتتى. بۇنىڭ ئىسمى « يۈدۈش»ئىدى. ئۇلار دۇئا ئوقۇپ بىزنىڭ ئۈستى- بېشىمىزنى سۈپكۆچلەپ بەدىنىمىزگە كىرىۋالغان ئاغرىقنى ياتا پۇچۇق گىردە نانغا يۈدۈپ قوياتتى. ناننى بولسا قويغا يېگۈزىۋېتەتتى.ئاغرىق قويغا ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ساقىيىپ قالاتتۇق. چوڭلار بۇنى ئاجايىپ ئىخلاس بىلەن قىلاتتىكى، ئوقۇيدىغان قوشاقلىرىنى ئاڭلىۋېلىش ئۈچۈن بولسىمۇكشىنىڭ ئاغرىپ يېتىۋالغۇسى كېلەتتى. «چىق، چىق، ئوتتىن بولساڭمۇ چىق، سۇدىن بولساڭمۇ چىق، سۈف كۆچ، قەيەردىن كەلگەن بولساڭ شۇ يەرگە كۆچ، كۆچمىسەڭ قوڭاڭغابورا يۆگەپ ئوت قويىمەن... ». مېنىڭ ئېسىمدە قوشاقلارنىڭ مۇشۇ بۆلىكىلا قاپتۇ. بۇخىل قوشاقلارنى قانداق توقۇش يۈدۈگەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىدى. يۈدۈپ قويغاندىن كېيىن بىرنى قۇسۇپلا ئوڭشىلىپ قالىدىغانلارمۇ، ئۇخلاپ قوپۇپلا ئوڭلىنىپ قالىدىغانلارمۇ بار ئىدى. شۇڭا بىز يۈدۈپ قويسا ساقىيىدىغانغا تولۇق ئىشىنەتتۇق.
   بۇلاق كەتكەندىن كېيىن ھەممە يەرگە زىلەيشۈي دەپ ئاتىلىدىغان سۇلار تارقالدى. قۇملۇقلار بۇ سۇغا دېققەت قىلىپمۇ كەتمىدى. ئەمما ئورگانىك خىميەدەرىسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز تەجرىبخانىدا خلور گازى دېگەن دەرسنىڭ تەجرىبىسىنى ئىشلىگەندىن بېرى مەن قۇمنىڭ سۈيىگە نەزىرىمنى سېلىشقا باشلىدىم. ئوقۇتقۇچى تۇرۇباسۈيىنى پروبېركىغا توشقۇزۇپ ئۈستىگە كۈن توسالايدىغان سېرىق ئەينەك قۇتىدىن بىرنەچچە تامچە سۇيۇقلۇقنى سۈمۈرىۋېلىپ پروبېركىدىكى سۇغا تېمىتىۋېدى. سۇ بىردەمدىلائىككى قاتقا ئايرىلدى. ئاستى ھاكقا ئوخشايدىغان ئاپئاق چۆكمە، ئۈستى بولساناۋاترەك سۇيۇقلۇق ئىدى. بەزى بالىلار خۇددى سېھىرگەرلىك ئويۇنى كۆرۈۋاتقاندەكئېغىزىنى يوغان ئېچىپ قويۇپ مۇئەللىمنىڭ قولىدىكى پروبېركىغا قارىغىنىچە يېنىدىكى بالىلارنى نوقۇلاپ كۈلۈپ قوياتتى. مۇئەللىم بۇ ئاستىدىكى  ماددىنىڭ كۈمۈش خلورچۆكمىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۈستىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ بولسا ئەڭ كۈچلۈك كىسلاتا بولغاننېترات كېسلاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىدا بولسا، بالىلاردىن نەچچىسى قاتتىق ھەيرانقېلىپ بىر نەرسىنى بىر تېمىتىپلا ھەرخىل ماددىلارنى ھاسىل قىلىۋەتكىلى بولىدىغان بۇ پەنگە ئالاھىدە قىزىقىپ، مۇئەللىمنىڭ قولىدىكى سېھىرلىك تېمىتقۇچقا قاراپ كۆزلىرى چەكچىيىپ، ئۇنى تۇتۇپ باققۇسى، تېمىتىپ بىر نەرسىنىڭ بىرەر يېرىنى چىرىتىپ باشقا نەرسىگە ئۆزگەرتىپ باققۇسى ياكى بولمىسا يالاپ تەمىنى تېتىپ باققۇسى باردەكقارىشاتتى. كۆزئەينەكلىك قىرغىز مۇئەللىم قىلغان تەجرىبىسى بىلەن دەرسنىيىغىنچاقلاپ سۆزلەشكە باشلىدى«دېمەك بۇنىڭدىن مەلۇمكى، خلورنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىتولىمۇ كەڭ، مېكروپ ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى تاكى ئاھالىلەرنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىتازىلاشقىچە ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، مەن بۇنى سىلەرگە كۈمۈش نىتراتنى تۇرۇباسۈيىگە تېمىتىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەردىم...» . شۇ ھامان خىيالىم باشقا ياقلارغائۇچۇپ كەتتى. ئەگەر ئىچكەن سۈيىمىزنىڭ تەركىپىدىكى بۇژغۇن خلور ماددىسى بىز يېگەن تاماقلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەر ماددا بىلەن رېئاكسىيەگە كىرىشىپ كەتسىچۇ، خلور سۇنىڭ ئىچىدىن تىشىپ چىقىپ بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى بىرەر ماددا بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ يېڭى بىر ماددا ھاسىل قىلىۋېلىپ خۇددى « قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»دىكى قىز بالىنىڭ قورسىقىغاپاقىنىڭ بالىسى كىرىۋالغاندەك كىرىپ يېتىۋالسىچۇ... دېگەننى ئويلاپ بىر نەچچەكۈنگىچە سۇ ئىچەلمەي يۈردۈم. كېيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ بېيجىڭغا باردىم. ئاش يەپ كەلگىلى بارغان ئاشخانىدا ھېلىقى بۇلاقلاردىن چىقىدىغان سۇلارنىڭ يېشىل ئېغىزلىق موتەك موتەك خاشو قۇتىلارغا قاچىلىنىپ، بېقىنىغا «خانتەڭرىنىڭ تەبئىي مېنىرال سۈيى» دەپ ماركا يۆگىلىپ 20 كويدىن سېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تويماي قاراپ كەتتىم. قۇمدا بېيجىڭغا بېرىش ئەمەس خىيال قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدىغان بىر مۇنچەئىنسان بولۇپ، يۇرتىدىن چىققان سۇنىڭ چوڭ شەھەرلەردە چۆرگىلەپ يۈرگىنىنى بىلسە قاتتىق پەخىرلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.
    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قۇمغا بارسام ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىرەر ئاغرىققا تۇتۇلۇپتۇ. كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئېقىمۇ چىشلىرىدەك ساغرىپ، ھېلىقى قانغا ماي ئۆتۈش، جېگىرىنى ماي قاپلاش، بى تىپلىق جېگەر ياللۇغى، تاجىسىمان يۈرەككېسىلى، قەنت سىيىش كېسىلى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، بۆرەك ئاجىزلىقى...دېگەندەك ھەرخىل ئىسمى بار كېسەللەر ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە كانىدەك چاپلاشقىلى تۇرۇپتۇ. بۇرۇن خەقلەر ئىشىكىنىڭ قايانغا قارايدىغىنىنى بىلمەيدىغان دېسپانسېر پونكېتى دەيدىغان يەر بىر نەچچە تارمىقى بار ئىدارىگە ئۆزگىرىپ ئاۋاتلىشىپ قاپتۇ.كېسەللەرگە يارىشا ھەرخىل دورىلارمۇ چىقىپتۇ. ۋىتامىن، كالتىسى، سىنىك... دېگەندەك ھەرخىل ۋىتامىنلارنى تولۇقلاش دولقۇنى قوزغىلىپ كىشىلەر كېنىشكىسىنى كۆتۈرۈپ دورىخانىغا بارسىلا يوغان بىر خالتىنى توشقۇزۇپ كېلەلەيدىغان دەرىجىدە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپ قاپتۇ. بۇرۇن قۇمدا بار بولغان بىرلا دورىخانا يوغان تىلىپ يەنە بىرمۇنچە دورىخانىلار ئېچىلىپ ئاسفالىت يوللار تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، مايماق مەھەللىلەرتۈزلىنىپ قۇمنىڭ ئىسكەتى باشقىچە بولۇپ كېتىپتۇ. ئەڭ مۇھىمى قۇم يۇرتىمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق قۇم بولۇپ ئاسماندىن ساپسېرىق قۇم يېغىپ قۇيۇشلارمۇ بولىدىغان بىرھالغا كەپتۇ . داشۆنى پۈتتۈرگىچە ئاغرىپ قېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، قۇمغا قايتىپ مەنمۇ ئاغرىپ قالدىم. قۇمنىڭ سۈيى خىل كەلمەي، تاماق يېسەملا سىڭمەيتتى. ئەمما چوڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرسەك دوختۇرلار مېنى ساققا چىقىراتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچەھېچقانداق يېرىمدە ھېچقانداق كېسەل يوقمىش، ئاشقازىنىمدىمۇ چاتاق يوقمىش. تاماق سىڭمەيدىغان بۇ كېسەل ماڭا مېۋە كونسېرۋالىرى،مالاچۈر، قەندەلات، بىڭگور،بىڭجىلىڭ، پوپىتاڭ،سەنزاپەن، پاڭبەنمەن... يەنە ئاللىقانداق مەن ئىسىملىرىنى ئۇنتۇپ قالغان نەرسىلەرنى يېيىشكە خۇمار بولغىنىمدا چاپلاشقان ئىدى. ئۆيدىكىلەرمېنى چوڭ دوختۇرخانىدىن چىقىرىۋېلىپ ئىچكىرىدىن كەلگەن بىر مۇتەخەسىسنىڭ قېشىغاباشلاپ باردى. مۇتەخەسىس تىلىمنى ماروژنىنىڭ ياغىچىدەك بىر نەرسە بىلەن بېسىپ ئېغىزىمغا لوپا ئەينەك تۇتۇپ قاراپ باققاندىن كېيىن، بىلىكىمنى ياستۇقچاقنىڭ ئۈستىگەقويۇپ تومۇرۇمنى تۇتتى. ئاندىن ئەينەكلىك ئىشكابىدىن بىر قاپنى ئېلىپ ئاپامغابەردى.  ئارقىدىن ئەنجۈسەن دەيدىغان ئۇكۇلنى ئاسما قىلىپ ئۇرغاندىن كېيىن كۈندە ئۈچ ۋاقت مۇشۇ دورىدىن ئىچسە ساقىيىپكېتىدۇ دەپ يولغا سالدى. بۇ دورا بىر قېپىنىڭ ئىچىدىن ئەللىك ئاتمىش تال چىقىدىغان شېكەردەك تاتلىق قەھۋەرەڭ تالقان دورا بولۇپ، خالتىسىنىڭ ئۈستىدە سۇنۋۇكۇڭغائوخشايدىغان مايمۇننىڭ سۈرئىتى بار ئىدى. مەن بۇ دورىنى بىر كۆرۈپلا تونۇۋالدىم ۋەئاغرىق جېنىمنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. «بۇ قانداق پايداقىلىدۇ؟ باشلانغۇچتىكى چېغىمدىمۇشۇ دورىنى ئىچەتتىمغۇ ھازىر قانداق تەسىر قىلىدۇ؟»دېدىم دوختۇرغا. ئۇ بىر خەنزۇچىنى ياخشى بىلمەيدىغان ئاپامغا بىر ماڭا قاراپ كۆزەينىكىنى پەسكە چۈشۈرۈپ كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە بىر نەچچە سېكۇنت تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن بوينىدىكى يۈرەك سوقۇشنى تىڭشايدىغان سايمىنىنى دېۋەيلەپ كېلىپ كوپتامنىڭ تۈگىمىسىنى يېشىۋېتىشنى بۇيرىدى. «بولدى چىقىپ كېتەيلى مەن ساقايدىم»دېگىنىمچە ئاۋايلاپ قوپۇپ ئايىغىمنى كىيدىم. ئۇ دوختۇرغا يەنە بىر قېتىم ھەيران بولغانھالدا پۇلنى مەرتلەرچە تۆلىۋەتتى. «مەن سىزگە بۇرۇنلا ئېيتقان بۇ دوختۇرنى مۇتەخەسىس دەپ. كىچىكىڭىزدىمۇ ئاغرىپ قالسىڭىزلا مۇشۇ دوختۇر بەرگەن دورىنى يەپ شاپپىدە ئوڭشىلىپ قالاتتىڭىز. چوڭ دوختۇرخانىغا بارغۇچە بالدۇرراق مۇشۇ دوختۇرغائەكەلسەكلا بولغىنى» دېدى ئۇ دوختۇرنى ماختاپ. « ئاپا مېنى يۈدۈپ قويۇڭ» دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ. ئاپام يۈدۈشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. «ئۆزىىڭىز ئاستا مېڭىڭ قىزىم،مەن يۆلىۋالىمەن. سىزنى يۈدۈۋالسام ئوپراتسىيە قىلغان يېرىم بۆسۈلۈپ كەتمىسۇن».
كېيىن قۇمنىڭ ئاۋاتلىقى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ قاتمۇ- قاتبىنالار، ئېگىز- ئېگىز دوختۇرخانىلار، ھەيۋەتلىك دورىخانىلار قۇرۇلۇپ، داۋالاشسۇغۇرتىسىمۇ ياخشىلىنىپ كىشىلەر باتۇرلىشىپ ئاغرىپ قېلىشتىن قورقمايدىغان بولۇپكېتىپتۇ. ئوپراتسىيەلەر ئارقىلىق بەدىنىدىن تۆشۈكلەر ئېچىلىپ ئاغرىق يەرلىرىئوڭلانغاندىن كېيىن تىكىپ قويۇلىدىغان بولۇپتۇ. ئوپراتسىيە قىلغان يېرىنىڭ بۆسۈلۈپ كېتىشىدىنمۇ ئەنسىرىمەيدىكەن. چۈنكى ئاللىبۇرۇن قەۋەت- قەۋەت ئۆيلەر سېلىنغان بولۇپ، ئىنجىقلاپ يۇندا تۆكۈش، ئاتايەتەن بېرىپ سۇ توشۇش، ھويلىلىق ئۆيدىكى تاماق ئەتتىم دەپ ئاپتاپتا كۆيۈپ كېتىش دېگەندەك ئىشلارمۇ كەلمەسكە كېتىپتۇ. ئوتۇن يېرىپ كۆمۈر توشۇيدىغان ئىشلارمۇ ئازغىنە كىشىلەرنىڭ دەردىگە ئايلىنىپتۇ. يەر ئاستىغابەركىتىلگەن نولاردىن كېلىدىغان گازلار، سۇلار ئىنسانلارنىڭ ئۆيىگە بىۋاستەباغلانغان بولۇپ، پۇلىنى ئۇتتۇرلۇق تۆلەپ تۇتقۇچىنى تولغىسىلا قازىنى قايناپ ئېشىپشىدىغان، كىچىك بىر تۆشۈكنىڭ ئىچىگە تۆكۈپلا قويسا يۇندىلار ئېقىپ كېتىدىغان بولۇپتۇ. شۇ يۇندىلار ئېقىپ كېتىدىغان ئەۋرەزلەرنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ھېلىقى بۇلاقلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان كىچىك بۇلاقلار بولسا يىغلىغاندەك بۇلدۇقلاپ ئاققىنىچە بارلىق ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولۇپتۇ.


uyghuray
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

3

دوست

250

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27634
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 06:17:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ تولىمۇ ھۇزۇرلاندىم ، ماڭا ئەۋۋەلكى ساپ سەھرا تۇرمۇشىنى ئەسلەتتى . ناھايىتى چىن ، تېتىملىق ھېكايە بوپتۇ ، رەھمەت سىزگە . ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق كۈتىمىز .

0

تېما

3

دوست

5461

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1674
توردىكى ۋاقتى: 465
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 11:25:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ پەيزى يىزىلپتۇ بۇ ماقالە  ،بىزلەرمۇ  شۇ دەۋىرنىڭ ئاخىرىقى مەزگلىدە تۇغۇلغان باللاردىن  ،مەنمۇ يۇرتۇمىنڭ  تەبئى كەڭىرى ۋاقىتلارنى تولمۇ سىغندىم  بۇرۇن بىز قىپ يالىڭاچ چۇملەيدىغان سايلار يۇق  ، بىر ساپاق ئۇزۇمنى كۇتۇرۇپ بىرىپ بۇۋا تاۋزىغا تىگشپ بىرىڭ دىسەك  كىرىپ خالىغانچە يەپ خالغانچە ئەكىتڭلار دەيدىغان سادادا ئادەملەر يۇق  ،ھەممە يەر جىدىچلك ماشنا ئادەملەردەك  ھەممە نەرسە پول بىلەن ئۇلچىندىغان بولدى    بۇرنقى سەھىرالارنى بەكمۇ سىغىندىم. ھىكايىڭىزىغا رەخمەت
uyghuray

0

تېما

0

دوست

58

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   19.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59799
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 19:41:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇندىلار ئېقىپ كېتىدىغان ئەۋرەزلەرنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ھېلىقى بۇلاقلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان كىچىك بۇلاقلار بولسا يىغلىغاندەك بۇلدۇقلاپ ئاققىنىچە بارلىق ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولۇپتۇ.

بۇ  قۇرلار تولىمۇ ياخشى چىقىپـتۇ . قەلىمىڭىزگە ئاپىىرىن

0

تېما

0

دوست

392

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32498
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 104
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-23 13:11:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىت   ئۇنتۇلدۇرالامدۇ  ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )