ئاپتۇر ۋە بىرىنجى شەخس ھەققىدىكى خاتا قاراشقا رەددىيە
ئەدەبىياتتا ئاپتۇر ۋە بىرىنجى شەخس ھەققىدە نۇرئەلى كاشغەر مۇقىمي
ئەدەبىيات– تىل ئارقىلىق ئوبراز يارتىدىغان، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى جانلىق ،ئوبرازلىق ،مول مەزمۇنلۇق ، تەسىرلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر خىل ئاڭ فورماتسىيەسى .ھەممىمىزگە ئايان ، ئەدەبىيات تۇرمۇشتىن كېلىدۇ ، ئەدەبىياتىنىڭ مەنبەسى ئىجتىمائىي تۇرمۇش .ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزى ئەدەبىيات ئەمەس . يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدا پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن ئۆتكەن ، ئۇنىڭغا مۇئەييەن دەرىجىدە بەدئىيلىك ماھارىتى سىڭگەن بولىدۇ .
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان بەدئىيلىك ئەدەبىياتتىكى ئوخشىمىغان ژانىرلاردا ئوخشىمغان دەرىجىدە بولىدۇ .ئەدەبىياتتىكى چوڭ تۈر- ژانىرلىرى: شېئىرىي ئەسەرلەر ، ئېپىك ئەسەرلەر، نەسىر، سەھنە ئەسەرلىرى، كىنو تېلېۋىزىيە ئەدەبىياتى قاتارلىق بەش چوڭ تۈر ژانىرغا ئايرىلىدۇ . بۇ يەردە مەن ھەر بىر ژانىر ئۈستىدە ئايرىم ئايرىم توختالمايمەن .
ئاپتۇر ۋە ئەسەردىكى بىرىنجى شەخس
ئاپتۇر بولسا ئەدەبىي ئەسەر يازغان ، ئىجاد قىلغان ئەسەر مۇئەللىپىنى كۆرسىتىدۇ . بىرىنجى شەخس بولسا ئەدەبىي ئەسەردە رول ئالغان ، «مەن» دېگەن نام بىلەن ئىپادىلنىۋاتقان پىرسۇناژنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا ئاپتۇر بىلەن ئەسەردىكى بىرىنجى شەخس ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار ؟
ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان «مەن»، يەنى بىرىنجى شەخس ئاپتۇر بولامدۇ؟ بىرىنجى شەخس تىلى -ئەدەبى ئەسەردە كۆپ قوللىنىدىغان بايان تىلى بولۇپ، ئەدەبىياتتا ئۆزىگە خاس رول ئوينايدۇ . ،ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەن بىلەن ئەڭ يېقىن ھالەتتە ئۇچراشتۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئاپتۇر «مەن » بولامدۇ؟
يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بەزى تۈرلەر يەنە ئۆزى ئىچىدىن ژانىرلارغا بۆلىنىدۇ . نەسرىي ئەسەرلەردىكى بەزى تۈرلەرنىڭ چىنلىقى ناھايىتىيۇقىرى. ھەتتا توقۇلما قىلىش نىسبىتى يوق دېيەرىك تۈر- ژانىرلىرىمۇ بار . نەسر ئادەتتە - لېرىك نەسر، ئېپىك نەسر ، مۇھاكىملىق نەسىر قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ . ،ئېپىك نەسىر،يەنە تەرجىمھال خاراكتىردىكى ئەسەر، ساياھەت خاتىرسى، ئەدەبى خاتىرە قاتارلىق تۈرلىرى بار .
ئەدەبىي تەرجىمھال خاراكتىردىكى ئەسەردە بىرىنجى شەخس ئاپتۇرنىڭ ئۆزى دەل شۇ . مەسلەن :«مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى » دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى سەيپىدىن ئەزىزى ، ئەسەردىكى «مەن» بولسا ئاپتۇرنىڭ ئۆزى شۇ .، تەرجىمھال خاراكتىردىكى ئەسەر يۈكسەك دەرىجىدە چىنلىققا ئىگە بولغان بولۇپ،بۇنىڭغا شۇ پارچىدىكى پاكىتلار ۋە «ئۆمۈر داستانى»دىكى تەپسىلاتلار يېتەرلىك پاكىت تەرجىمھال خاراكتىرلىك ئەسەرنىڭ ژانىر ئالاھىدىلىكى ئەسەرنىڭ بۇ تەرپتىكى خۇسۇسيىتىنى بەلگىلىگەن .
ئاپتۇبىئوگىرافىك ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان
بۇ ژانىرلارنىڭ چىنلىقى جەھەتتە شۇنداق يۇقىرى دەرىجىدىدىكى تۇرمۇش چىنلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ .ئوچېرىك بىر ئەدەبىي ژانىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسەردىكى «مەن »ئاپتۇرنىڭ ئۆزى ،ئاپتۇر ئۆزى كۆرگەن ، ئاڭلىغان، بىلگەن ، ئۇچراشقان ، تېتىغان ، قاتناشقان ۋەقە-ھادىسىلەرنى «مەن» نامىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەسەرنى بايان قىلىدۇ، بۇ يەردىكى «مەن » ئەمەلىيەتتە ئاپتۇرنىڭ ئۆزى نەق شۇ .ساياھەت خاتىرىسىدىكى «مەن » ئاپتۇرنىڭ ئۆزى .ساياھەت خاتىرىسى ئېپىك نەسىرنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ۋەقەلىك بىلەن ھېسيات زىچ بىرلەشكەن ، بولۇپ چىنلىقى جەھەتتىن ئالغاندا بۇ تۈردىكى ئەسەرلەردە ئاپتۇر «مەن»نامى بىلەن ياكى «بىز » نامى بىلەن بىرىنچى شەخس تىلىدا بايان قىلىدۇ .ئەدەبىياتىمىزدا بۇنداق ئۇسۇلدا يېزىلغان ئەسەرلەرمۇ خېلى كۆپ .ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «يەتتە دۆلەتكە زىيارەت »، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا »، قاتارلىق كىتابلارنى مىسال كەلتۈرۈش كۇپايە .
ئەسلىمە خاراكتىرىنى ئالغان ئەدەبىي خاتىرە ژانىردىمۇ ئەسەردىكى «مەن» ئاپتۇر ئۆزى بولىدۇ .مەسىلەن زۇنۇن قادىرىنىڭ «خاتىرلەر »دېگەن ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنغان بىرىنچى شەخس «مەن»بولسا ئاپتۇر زۇنۇن قادىرى دەل ئۆزى . بۇنى ئاپتۇر ۋە ئۇنىڭ تەرجىماھالى بىلەن تونۇش ھەر قانداق ئادەم پەرەز قىلالايدۇ ، بۇنداق ئەسەردە ئاپتۇر «مەن»نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئەسەرنى تېخىمۇ زور بەدىئي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ .
خەت -چەكلەر تۈسىنى ئالغان ئەسەرلەردە «مەن » ئاپتۇرنىڭ ئۆزى بولىدۇ .گوركىينىڭ «ئوغلۇمغا خەت»، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «مەمتىمىن ھوشۇرغا ئوچۇق خەت » ناملىق ئەسەردىكى «مەن »ئاپتۇرنىڭ دەل ئۆزى.سالامنامە خاراكتىردىكى ئەسەر لەردە تىلغا ئېلىنغان «مەن » ئاپتۇرنىڭ ئۆزى.
بۇ ژانىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، تارىخىتىن بېرى يىراق يېقىندىكى دىدار كۆرۈشەلمىگەن شائىر ئەدىبلەر سالام خەتلەرنى شېئىرىي يوسۇندا ، جانلىق ئەدەبىي تۈسكە كىرگۈزۈپ ئىپادىلەپ چىققان ، بىز بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنى ئەدەبىي ئەسەر دېمەي تۇرالمايمىز، بەدىئيلىك بىلەن چىنلىق زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بۇنداق ئەسەرلەردە ئاپتۇر «مەن »نامى بىلەن بايانچى بولۇپ رول ئالىدۇ .،
ئەھمەد شاھ قاراقاشنىڭ «ئاتنامە- ئات ھەققىدە مۇخەممەس » دېگەن ئەسىرى بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ . ،
لىرىك شېئىرلاردا ،بولۇپمۇ ئىنتىم لىرىكا ، ،مەرسىيە ژانىرلاردىكى لىرىك قەھرىمان «مەن »بولسا ئاپتۇرنىڭ دەل ئۆزى. لىرىك شېئىرلارنىڭ ئېنىقلىمىسىدىنمۇ بۇنىڭغا دەلىل كەلتۈرۈشكە بولىدۇ . بۇنىڭغا دائىر ئەسەرلەرنى ھەم مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىغا مەرسىيە »قاتارلىق مەرسىيەلەردە سۆزلىگۈچى «مەن »بىلەن ئاپتۇر بىر ئادەم .
زىيارەت خاتىرىسىدىكى «مەن »مۇ ئاپتۇرنىڭ ئۆزى، دەۋىر تەرەققىياتغا ئەگىشىپ يېڭى ژانىر -تۈرلەر بارا بارا بارلىققا كېلىپ مۇستەقىل ژانىرغا ئايلىنىپ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى شەكىللەندۈرۈپ بولدى. بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە ئەنۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ «يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت » ناملىق كىتابىنى ئېلىشقا بولىدۇ .
ئەدەبىي ئاخباراتتىمۇ تەسۋىرلىنىۋاتقان «مەن» دەل ئاپتۇرنىڭ ئۆزى.
ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام »دېگەن ئەسەردىكى «مەن »ئاپتۇرنىڭ ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا، چىن يېزىلغان بۇنىڭدىكى بىرىنچى شەخس رولىدىكى شەخس ئاپتۇر دەل ئۆزى.مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى ئەسەردىكى «مەن »شۇ، بۇنىڭغا يۇقىرىدا مىسال ئۈچۈن ئېلىنغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغان ئوقۇرمەن ئاپتۇرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئەينەن ،چىن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ . شۇڭا ئەدەبىياتىنىڭ تۇرمۇشقا يقىنلىقىنى مۇشۇ ژانىرلاردىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ .ئەدەبىياتىمىزدا بۇنىڭغا دائىر مىساللار تالاي ، ئەدەبىي ئەسەر قانداقتۇر قۇرۇق توقۇلما ياكى خىيالى سۆز دۆۋىسى ئەمەس .ئەدەبىيات -تۇرمۇشتىن كېلىدۇ ، تۇرمۇش بىلەن زىچ بىرلەشكەن بولىدۇ .
ئەدەبىيات -تۇرمۇشنى مەنبە قىلسىمۇ تۇرمۇشنىڭ دەل ئۆزى ئەمەس، يازغۇچىنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىشىدىن ئۆتكەن ، تاۋلانغان بولىدۇ، تۇرمۇشتىن مۇئەييەن دەرىجىدە ئۈستۈن تۇرىدۇ .بۇنىڭلىق بىلەنلا ئەدەبىي ئەسەرزى ئەمەس، لەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان «مەن»نى قارىغۇلارچە ئاپتۇرنىڭ ئۆزى دەۋىلىشمۇ خاتا . باشتا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئەدەبىياتىنىڭ مەنبەسى ئىجتىمائىي تۇرمۇش .مەيلى خەلق ئېغىز ئەدەبىيات تۈرلىرىدىن بولغان ئەپسانە - رىۋايەت، لەتىپە ،چۆچەك بولسۇن، ياكى ئېپىك ئەسەرلەردىن ھېكايە ،رومان بولسۇن، ھەممە ژانىرلار ھەر خىل ئۇسۇلدا ئىپادلىنىش شەكلى خالاس .
بۇ ژانىرلارنىڭ توقۇلما نىسبىتى يۇقىرى ، بەدىئي تەرىپى كۈچلۈك بولغاچقا بۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە تەسۋىرلىنىۋاتقان «مەن » ئاپتۇر ئەمەس .،
بۇ جەھەتتە بەزى ئوقۇرمەنلەر ۋە ساددا ئەدەبىياتشۇناسلار ئاسانلا كاللىسىدا خاتا ئۇقۇم شەكىللەندۈرۈپ بارلىق ئەدەبىي ئەسەردىكى «مەن» ئاپتۇر ئۆزى ئەمەس، ئۇ پەقەتلا بىرىنچى شەخس تىلىدىكى بىر ئوبراز دەپ بىر تەرەپلىمە خاتا قاراشقا كېلىپ قالىدۇ .
|