«پارلاپ تۇرغان مىڭ قۇياش»تىن تەسىرات
جاھانزات
بۇ كىتاب ئامېرىكىلىق ئافغان يازغۇچى خالىد ھۈسەيىننىڭ «لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» رومانىدىن كېيىنكى ئىككىنچى رومانى بولۇپ ، 1959-يىلدىن 2003-يىلىغۇچە بولغان ئافغانىستاننىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئېچىنىشلىق تارىخى تەسىرلىك تەسۋرلەنگەن.
ئاي شولىسى ئۆگزىدە، ئاينىڭ سانى نامەلۇم، پارلاپ تۇرغان مىڭ قۇياش تام كەينىگە مۆككەندۇر .
رومان ئىسمى «پارلاپ تۇرغان مىڭ قۇياش» ، 17-ئەسىردىكى شائىر سائىب ئەل تابرىزى يازغان يۇقارقى شېئىردىن كەلگەن. بۇنداق قويۇش ئارقىلىق تاجاۋۇزلۇق، ئۇرۇش، نادانلىق، نامراتلىق ، قالاق تۈزۈم ئېلىپ كەلگەن مۇدھىش سوغۇقنى مىڭ قۇياش بولسىمۇ ئىللىتالمايدۇ دىمەكچى بولسا كېرەك. ئەسەردىكى ئىككى باش پىرسۇناژ مەريەم ۋە لەيلە بولسا ئوخشىمىغان دەۋىردە، ئوخشىمىغان ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولۇپ ئوخشاش تەغدىرگە دۇچار بولىدۇ.مەريەم بولسا يالغۇز ئانا ئالدىدا چوڭ بولىدۇ، ئاتىسى جىلىل باي ، ئەل ئالدىدا ئاشكارا قىلىشتىن قورقۇپ، چەت مەھەللىدە باقىدۇ، ئۇزۇق تۈلۈكلەرنى تەمىنلەپ ھەپتىدە بىر كۈن يوقلاپ تۇرىدۇ.ئۇ دائىم بەخىتكە ، ئائىلىگە تەلپۈنىدۇ، تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ئون بەش ياشقا توشقاندا ئاپىسى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ. ئاتىسى ئايالىنىڭ زورى بىلەن مەجبورى ياشتا چوڭراق رەشىد موزدۇزغا ياتلىق قىلىدۇ. لەيلا بولسا مۇكەممەل زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ، مەكتەپكە ئوقۇيدۇ، دادىسىنىڭ ئىلغار ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە ئەركىن چوڭ بولىدۇ. ئەمما ئۇرۇش دەستىدىن ئاتا –ئانىسىدىن ئايرىلىپ رەشىد موزدۇزغا ئىككىنچى خوتۇن بولۇشقا مەجبور بولىدۇ. رەشىد بولسا مۇتەسسىپ، ئايالىنى ئورۇنسىز خورلايدىغان ،قىپقىزىل سىتەمكار . مەريەم رەشىدكە تەگكەندىن كېيىن بالا تۇغۇپ بېرىلمىگەچكە ،رەشىدنىڭ ئادەم قاتارى كۆرمىگەن مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدۇ. رەشىدنىڭ ياۋۇزلۇقىغا، ئۈزۈكسىز دەپسەندە قىلىشىغا كۆندى، بويسۇندى، بەردى، تەلەپ قىلمىدى. لەيلا كىچىكىدىنلا ئۆز ئارزۇسى ، غايىسى بار، قورقماس ، غەيرەتلىك قىز ئىدى. رەشدكەياتلىق بولغاندىن كېيىن رەشىدنىڭ ئەتىۋارلىشى ، چوڭ كۆرۈشىگە ئېرىشىدۇ. ئەمما ئەركىنلىككە ئىنتىلىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. رەشد بىلەن قارشىلىشىدۇ، تەڭ تۇرىدۇ. دەسلەپ مەريەم بىلەن لەيلا ئۆز ئارادۈشمەنلىشىدۇ. ئەمما رەشىدنىڭ زۇلۇمى ئالدىدا بۇ ئىككى ئاجىزە ئاستا –ئاستا ياخشى سەپداشقا ئايلىنىدۇ. مەريەم لەيلانىڭ تەسىرىدە ئاستا – ئاستا ئويغۇنىدۇ، ئىنتىلىش، ئارزۇ –غايە ئىستەكلەر پەيدا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا لەيلانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ،راشىدنى ئۆلتۈرىدۇ. لەيلا بىلەن تارىقنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. تۇغۇلىشىدىنلا بەخىتسىزلىككە تۇغۇلغان بۇ «ھارىمى»، ئەڭ ئاخىرىدا بەخىتنى ھېس قىلىدۇ، سۆيىدىغان كىشلىرى ، دوستلىرى بار بولىدۇ، سۆيۈلۈشكە ئېرىشىدۇ. ئۆلۈش ئالدىدىكى ئۇ بىر قودىغۇچى، دوست، مىھرىبان ئانا. ھەمدە باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى مۇھىم ئىنسان سۈپىتىگە ئېرىشىدۇ. قېچىپ چىقىپ چەتئەلدە تېنچ تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان لەيلا، يۇرت سۆيگۈسى، يۇرتىغا ئۆز ھەسسىسنى قوشۇش، ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئۆزكۆزىدە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاخىرىدا يەنىلا ئاتا-ئانا ، قېرىنداشلىرىنى ھالاك قىلغان ،بومبىنىڭ ئىس تۈتەكلىرى تېخى يېڭىلا بېسىققان يۇرتىغا قايتىدۇ. ئەسەر ئوقۇش جەريانىدا مەريەم، لەيلانىڭ، پۈتۈن ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئېچىنىپ، ئۆز تۇرمۇشىمغا شۈكرىلەر ئېيتسام. لەيلا، مەريەمنىڭ قەيسەرلىكىگە، لەيلانىڭ ۋە ئاتىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە ئاپىرىن ئېيىتتىم.
ئاخىرىدا بىۋاستە ئېنگىلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان نۇرنىسا قۇربانغا قايىللىقىم ئاشتى، تېلى راۋان، ئىخچام، تەسىرلىك چىققان. بىۋاستە ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلىنغاچقىمۇ «لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» بىلەن ھەر ئىككىسىلا بىرلا كىتاب بولۇپ چىققان. بىزگە ئەسەر مەزمۇنىنى ئۆز ئەينى بويىچە يەتكۈزۈشكە تۆھپەقوشقان نۇرنىسا قۇربانغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
|