ئابىدە شىركىتى نېمە دەيدۇ
(ئابىدە شىركىتى لىدىر ئىشلىرى ئىشخانىسى تەييارلىدى)
يېقىندا بىر نەچچە ئۈندىدار سۇپىسى ۋە مۇنبەرلەردە ئابىدە سودا سۈيىنىڭ ساختىسى چىقىپتۇ، دېگەن مەزمۇندا قىسقا فىلىم تارقالغان بولۇپ، ناھايىتى « ئاق كۆڭۈل » بىر بۇرادىرىمىز ئابىدەگە كۆيۈنگەن ساددا قەلبى بىلەن ئابىدە سودا سۈيىنىڭ خەتكۈچلىرىدىكى(سىرتقى ئورالما لايىھىسىدىكى) بەزىبىر سۈرەت ۋە مەزمۇنلارنى ناھايىتى ئاددى مەۋقەدە سېلىشتۇرغان ۋە تولىمۇ يەڭگىللىك بىلەن بىرسىنى ئابىدە راست سودا سۈيى، يەنە بىرسىنى بولسا ئابىدەنى دورىغان ساختا مال دەپ خۇلاسە چىقىرىپ، ئىستىمالچىلارنى ئاگاھلاندۇرغان. ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلە بۇ ساددا قەلب بۇرادىرىمىز پەتىۋا پىچقاندەك ئۇنداق نەتىجىدىكى ئىش بولماستىن بەلكى ئاشۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئابىدە سودا سۈيى خەتكۈچىرىدىكى مەزمۇنلارغا تەپسىلى قارىمىغانلىقتىن، بوتولكىلاردىكى مۇناسىۋەتلىك خەتلەرنى ئوقۇپ كۆرمىگەنلىكتىن، شۇنچىلىك چوڭ بىر خۇلاسىنى چىقىرىشتىن بۇرۇن بولسىمۇ ئىنچىكىرەك ئويلىشىپ باقمىغانلىقتىن، ئەڭ مۇھىمى ئەتراپىمىزدىكى ھادىسىلەرگە ئەستايىدىل بىر پوزىتسىيە تۇتمايلا بىلەرمەنلىك قىلىشتىن مەيدانغا چىققان كۈلكىلىك خاتالىق، ناتوغرا يېتەكلەش پىچىمىدىن ئىبارەت خالاس.
قىسقا فىلىمدە كۆرسىتىلگەن ئىككىلا بوتولكا ئىچىملىك ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەڭ كوزىر مەھسۇلاتى، دىيارىمىز ئىچىملىك ساھەسىدە مىسلىسىز ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان، ھەممە ئادەم ھەممە يەردە ئىزدەپ سوراپ ئىچىۋاتقان ئابىدە سودا سۈيى ئىچىملىكى بولۇپ، ھېلىقى بورادىرىمىز خەت تونىمامدۇ ياكى تەپسىلى قارىمىغانمۇ ۋەياكى باشقا نىيەتلەرى بارمۇ ئەيتاۋۇر بىر سەۋەنلىكى تۈپەيلى ئوخشاش بىر مەھسۇلاتنى ئۆزى چۈشەنگەن ئويى بويىچە ئىككى خىل قىلىپ كۆرسەتكەن. فىلىمدە دېيىلگەن ھەقىقىي ئابىدە سۈيى بولسا ئابىدەنىڭ « يەنە بىر بوتولكا » پائالىيىتىدىكى مەھسۇلات بولۇپ، خەتكۈچنىڭ سول تەرەپ تۆۋىنىدە « يەنە بىر بوتولكا مۇكاپاتى بار » دېگەن خەت ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە يېزىقتا يېزىلغان. سېتىشنى تىزلىتىشنى نىشان قىلغان ئابىدە سودا سۈيى يەنە بىر بوتولكا پائالىيى ئادەتتە يىلنىڭ 3- ئېيىدىن باشلاپ شۇ يىلنىڭ 9 – ئېيىغىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مۇشۇ ۋاقىتتىكى سودا سۈيىگە « يەنە بىر بوتولكا مۇكاپاتى بار » دېگەن ئۇچۇر رەڭلىك قىلىپ بېسىلىدۇ. مۇكاپات بولسا بىر يىلنىڭ ئىچىدىكى ھەممە ۋاقىتتا نەخلەشتۈرىۋېرىلىدۇ. ساختا دەپ كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتمۇ ئوخشاشلا ئابىدەنىڭ سودا سۈيى ئىچىملىكى بولۇپ، ھېلىقى بۇرادەرنىڭ ساختىلىققا چىقرىشىغا دەستەك بولغان، شۇ سەۋەبتىن كۈچەپ چۈشەندۈرگەن ئاتالمىش « شىر »نىڭ رەسىمى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭ گۇاڭخۇي « ئۇچار يولۋاس » ئەرلەر ۋاسىكىتبول كوماندىسىنىڭ لوگوسى بولۇپ، ئۇ بۇرادىرىمىز شۇنچىلىك بىپەرۋا ئىكەنكى يولۋاسلىقى ئېنىق بولغان ئۇ سۈرەتنى كۈلكىلىك ھالدا شىرنىڭ رەسىمى دەپ چۈشەندۈرگەن. شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسىكىتبول كوماندىسى بىلەن ئىستىراتىگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، ئابىدە سودا سۈيى ئىچىملىكى گۇاڭخۇي « ئۇچار يولۋاس » ئەرلەر ۋاسىكىتبول كوماندىسىنىڭ كوماندا تەرەپ بېكىتكەن بىردىنبىر سودا سۈيى ئىچىملىكى قىلىپ بىكىتىلگەن ھەم ئابىدە سودا سۈيى ئىچىملىكىنىڭ خەتكۈچىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
يۇقىرى قاتلام كەسىپ ئەھلىلىرىگە مەلۇم بولغىنىدەك بۇ ھەمكارلىق مىللىي كارخانىچىلىقتىكى زور بىر ھالقىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزمۇنلار يولۋاس سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن لوگونىڭ يېنىغا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ يېزىلغان. گۇاڭخۇي « ئۇچار يولۋاس » ئەرلەر ۋاسىكىتبول كوماندىسى تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇر بويىچە ئۇ مەزمۇنلار خەنزۇچە يېزىقتا بولۇپ، ئابىدە شىركىتىنىڭ ئۇنىڭغا باشقىچە شەكىلدە مەزمۇن قېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان ۋە چۈشىنىشلىك ئىشتۇر. ھېلىقى بۇرادەر خەنزۇچە خەتتە نېمە دېيىلگەنلىكىنى ئۇقۇپ كۆرمەيلا بۇنى ساختا مەھسۇلات دەپ خۇلاسە چىقارغان. ھەتتا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ خەتلىرىدىمۇ ئىگىز – پەسلىك بار دېگەندەك گەپلەرنى دېيىش ئارقىلىق بۇنى ساختىغا چىقىرىشقا ئىچكىرىلەپ ئاساس ئىزدىگەن. ئەمەلىيەتتە ئابىدە سودا سۈيىنىڭ خەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، ئىگىز – پەسلىك تېخىمۇ يوق.
بۇ يەردە ئىستىمالچىلارغا كىچىككىنە بىر ئەسكەرتىش بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. يېقىندا دۆلەت يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، باشقۇرۇشنى ئەسلىدىكى ئۆلچەملەر ئاساسىدا يەنە بىر قەدەم قېلىپلاشتۇردى. شۇ قاتاردا سودا سۈيى تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرگىمۇ يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى ھەمدە كاربوناتلىق سودا سۈيىگە چوقۇم گازلىق سودا سۈيى دەپ ئېنىق يېزىشنى تەلەپ قىلدى. ئابىدە شىركىتى ئىزچىل ھالدا دۆلەتنىڭ يېمەك – ئىچمەك بەلگىلىمىلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىچىملىككە ئالاقىدار قانداقلا يىڭى بەلگىلىمە بولمىسۇن، شىركەت دەرھال شۇنىڭغا ماس قەدەمدە مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ ساھەدىكى باشلامچىلىق ئورنىنى نامايەن قىلىپ كەتمەكتە. ئەمەلىيەتتە بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار 2016- يىل 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ كاربوناتلىق سودا سۈيىگە چوقۇم گازلىق سودا سۈيى دەپ ئېنىق يېزىشنى قاتتىق يولغا قويىدۇ. ئابىدە شىركىتى دۆلەتنىڭ مۇشۇ بەلگىلىمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن 2016 – يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان سودا سۈيى مەھسۇلاتلىرىغا گازلىق دېگەن ئەسكەرتمىنى يېزىپ كېلىۋاتىدۇ. كۆپىنچە سودا سۈيى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ كەسىپ ۋە سىياسەت جەھەتتىكى تونۇشى يېتەرسىز ۋەياكى بۇنداق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن بەلكىم بۇ ئۇچۇرغا تازا نەزەر سالمىغان بولىشى مۇمكىن. بىز بۇ يەردە سودا سۈيى بىلەن ئالاقىدار كارخانىچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمگە قارىتا مۇناسىپ ماسلىشىش ۋە تەييارلىق تەدبىرىنى تۈزۈپ، بىھۇدە زىيان ۋە ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچىرىماسلىقىنى ئەسكەرتىمىز.
ئابىدە ماركىسى ئاپتونوم رايوننىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى بولۇپ، شىركەت بۇ جەھەتتىكى ئۆز ھوقۇق – مەنپەئەتتىنى قوغداش ئىشلىرىنى ناھايىتى نەتىجىلىك ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئابىدەنىڭ مەيلى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ياكى لاتىن يېزىقدىكى يېزىلىشى بولسۇن ۋەياكى ئابىدە ماركىسىنىڭ لوگولىرى بولسۇن يېزىق، شەكىل جەھەتتىن ھەممە تۈر، ھەممە نوقتىدىن دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇلغان بولۇپ، ھەرقانداق شەخس ياكى شىركەتنىڭ ئۇنى سۈيئىستىمال قىلىشى ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق قىلمىشلار دەرھال قانۇنىي جەھەتتىن سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئابىدە شىركىتى بۇ ھەقتىكى خىزمەتنى شىركەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىدا نوقتىلىق قانات يايدۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئابىدە ماركىسى بېسىلغان ماللارنى خاتىرجەم ھالدا ئابىدەنىڭ مەھسۇلاتى دەپ ئىشەنچ قىلىشقا بولىدۇ.
ئەلۋەتتە ئابىدەگە كۆڭۈل بۆلگەن، قوللىغان قېرىنداشلىرىمىزغا، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا دىققەت قىلىۋاتقان ھەرساھە بۇرادەرلىرىمىزگە، ياخشى نىيەت، ئىزگۈ تىلەك بىلەن بىزگە ھەمدەم بولغان كىشىلىرىمىزگە كۆپ تەشەككۇر. ئابىدە شىركىتى باشتىن – ئاياغ « دىيارىمىزنىڭ ئابىدەسى، ھەممىمىزنىڭ ئابىدەسى » دېگەننى شۇئار قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ئابىدە شىركىتىنى خەلقنىڭ شىركىتى، كەڭ قېرىنداشلارنىڭ كارخانىسى دەپ قارايمىز، ھەرساھەدىكى كىشىلىرىمىزنىڭ تەكلىپ – پىكىر بىرىشىنى، ئابىدەنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق قاتنىشىشىنى، تەڭ ئىلگىرىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
شۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ يەنە بىزگە كۆڭۈل بۆلگەن، بىزنى قوللىغان كەڭ خەلققە قېرىنداشلارچە دەۋىتىمىز شۇكى، ئىشلاردا نىيەتنىڭ بولغانلىقىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بىزدە شۇ نىيەتكە ماس ھالدا يانداشقان دىت ۋە قابىلىيەت، شۇ ئىشقا لايىق ئىقتىدار ۋە كەسپى بىلىم، ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە ئەتراپلىق مۇلاھىزىمۇ ناھايىتى زۆرۈردۇر. ھەرئىشنىڭ ئېپى باردۇر، ھەركىشىنىڭ خىلى باردۇر. ئىشنىڭ ئىش ئەھلىگە تاپشۇرۇلىشى غەلىبە، مۇۋاپىقىيەتتىن نىشاندۇر. مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىش، ئىشلاردا ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماسلىق، شۇ ساھەدىكى ئىش ئەھلىنىڭ پىكىرىگە مۇراجەت قىلىش خاتالىقنى كەسكۈچى زۆرۈر قورالدۇر.
شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى لىدىر ئىشلىرى ئىشخانىسى
شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئېلان بۆلۈمى
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى
|