ئىستانبۇلدىكى ساياھەت قاتناش لىنيەسى بىلەن تونۇشىۋېلىڭ
پارتىيە ھۈكىمەتنىڭ ئادىل سىياسىتىدىن ھازىر دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلارنىڭ پاسپورت ئېلىپ چەتئەلگە چىقىشى كۆپ قۇلايلاشتى شۇڭا تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلمەكچى بۇلغان قېرىنداشلارغا ئازراق بۇلسىمۇ پايدىسى تىگەر دىگەن ئۈمۈتتە بۇ تىمىنى كۈچۈرۈپ ئەكەلدىم
ئەسلى مەنبەسى شەبنەم ئۇچۇر تۇرى
تىرامۋايT1 لىنيەسى
بۇ ئىستانبۇلغا تۇنجى قېتىم كەلگەن دوستلار بىلىۋالمىسا بولمايدىغان لىنيە ، چۈنكى يول بويى ئىستانبۇلنىڭ مۇھىم ساياھەت نوقتىلىرى بار.
باشلىنىش بېكىتى : bagcilar
ئاخىرقى بېكەت : kabatas
ئەڭ مۇھىم بولغان بىر بېكەت سۇلتان ئەھمەت بىكىتى . بۇ بېكەتتە ئاياسوفىيا مۇزىيى ، كۆك مەسچىت ، توپ كاپى خان سارىيى يەنە يەر ئاستى سۇ ئوردىسى قاتارلىق مۇھىم ساياھەت نوقتىلىرى بار، بۇ ئىسىملارنى ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتۇۋىلىڭ . بازار ئايلانماقچى ياكى ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتىنى كۆرمەكچى بولغان دوستلارbeyazit بېكىتىدە چۈشۈۋالسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر ئەينى چاغدىكى شەرق تېز پويىزىنىڭ باشلىنىش بېكىتىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا سىركەجى( sirkeci )دە چۈشۈڭ .
يېڭى پادىشاھ سارىيى- دولما باغچە سارىيىغا بارىدىغان دوستلار kabatas تا چۈشۈپ قالسىڭىز بولىدۇ ، گەرچە بۇ يەرگە بېرىش ئۈچۈن تىرامۋايدىن چۈشۈپ ئازراق مېڭىشقا توغرا كەلسىمۇ، بوغازنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرى ھەرگىزمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلدۇرمايدۇ .
بىلەت باھاسى :4 لىرا ئىستانبۇل قاتناش كارتىسى بولسا :2.15 لىرا
تىرامۋايF2 لىنيەسى
بۇ تىرامۋاي ساھەسىدە ئەڭ داڭلىق بولغان يول لىنيەسى، ئىزچىل ھالدا ئىستانبۇللۇقلارنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغان لىنيەلىرىدىن بىرى بۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ،ئۇنىڭ دۇنيا بۇيىچە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان قەدىمى نامى بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ياكى ئۇنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ .قانداقلا بولمىسۇن ،بۇ قىسقىغىنە قاتناش قورالى ئىستانبۇلنىڭ سىموۋلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
باش بېكەت: kara koy
ئاخىرقى بېكەت: bey oglu
يۇز يىللار ئىلگىرى ،بۇ تىرامۋاي ئەڭ ئاۋات بولغان ئىككى رايوننى يەنى ،تاغدىكىbey oglu – ئەينى زاماندىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تۇرمۇش رايونى ۋە تاغ باغرىدىكى kara koy- ئەينى زاماندىكى ئەڭ ئاۋات پورت ۋە سودا بازىرىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇراتتى . سودىگەرلەر ھەر كۈنى چېپىپ يۇرۇشەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە چەتئەللىك ئەلچىلەرمۇ بار ئىدى . ئاخىرى ئەينى ۋاقىتتىكى سۇلتان ئوسمان فىرانسىيە ئېنژىنىرلىرىغا بىر تونىل ياساشقا بۇيرۇق چۈشۈردى ، بۇ تونىل ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
ئەگەر تاكسىمغا ئۇدۇل بارماقچى بولغان دوستلار بۇ تارىخى پۇراققا ئىگە تىرامۋايغا ئولتۇرسىلا تاكسىمغا بارالايدۇ .
بېلەت باھاسى :4 لىرا ئىستانبۇل قاتناش كارتىسى : 2.15 لىرا
دېڭىز ئاستى تونىلى مارماراي
ئەگەرسىز ۋاقىتنى تېجىمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا مارماراي مېتروسىغا ئولتۇرۇپ دېڭىز ئاستىدىن بوغازنى كېسىپ ئۆتسىڭىزمۇ بولىدۇ .
Yeni kapi ياكى sirkeci بېكىتىدىن مېتروغا چىقىپ ئاسىيادىكى uskudar غا بارسىڭىز بولىدۇ .
بىلەت باھاسى : 4 لىرا
ئىستانبۇل قاتناش كارتسى :2.15 لىرا
يۇلۇچىلار پاراخوتى
ئەگەر سىز ئاسىيا رايونىغا چوقۇم ماشىنا ھەيدەپ بارىمەن دېسىڭىز ئۇنداقتا سىزگە پەقەت ئامەت يار بولسۇن دىيەلەيمەن.ماشىنلىق بېرىشتىنمۇ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا ياۋرۇپا ۋە ئاسىيانى كېسىپ ئۆتىدىغان پاراخوت . بۇ يەردە دەۋاتقىنىم بوغاز مەنزىرسىنى تاماشا قىلىدىغان پاراخوت ئەمەس بەلكى ، ئەڭ ئادەتتىكى كېسىپ ئۆتكۈچى يولۇچىلار پاراخوتى.
گەرچە كېسپ ئۆتكۈچى پاراخوت دىيىلسىمۇ ، ئەمما بوغۇز مەنزىرسىنى يەنىلا ئىنتايىن راھەت ھالدا تاماشا قىلالايسىز ھەمدە ئىنتايىن ئەرزان توختايدۇ .
پاراخوتتا بىر ئىستاكان چاي ۋە سىمىت ( تۈركلەرنىڭ كۈنجۈت نېنى) بىلەن ياۋرو- ئاسىيا سەپىرىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز . ئەمما سىمىتنىڭ ھەممىنى يەۋەتمەڭ ،چۈنكى، نۇرغۇنلىغان چايكىلارنىڭ پاراخوتقا ئەگىشىپ ئۇچۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىز .سىمىت ئۇۋاقلىرىنى چاچسىڭىز چايكىلار بىلەن بىرلىكتە گۈزەل يىمەكلىكتىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنالايسىز ھەمدە قايغۇ –ھەسرەتلىرىڭىزمۇ يوقايدۇ .
ئادەتتە eminonu ، kara koy ، kabatas ياكى sirkeci بېكەتلىرىدىن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئاسىيادىكى kadikoyدە چۈشسىڭىز بولىدۇ .
ئىستانبۇل قاتناش كارتىسى
قاتناش كارتىسىنى ئىشلىتىش ۋە ئىشلەتمەسلىكنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ .شۇڭا ئەگەر ئىستانبۇلدا ياخشىراق ئويناشنى خالايدىغان دوستلار ئەڭ ياخشىسى ئىستانبۇل قاتناش كارتىسى بېجىرىۋېلىڭ . كارتىنى قايتۇرۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردە ،ئىستانبۇلغا ساياھەتكە كەلمەكچى بولغان دوستىڭىزغا بەرسىڭىز بولىۋىرىدۇ .
نۇرغۇن مېترو بىكەتلىرىدە ئاپتوماتىك مۇلازىمەت ماشىنىسى بار، ئۇ يەردىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ،ياكى ئاساسلىق ئاپتوبۇس بىكەتلىرىدىمۇ قاتناش كارتىسى بېجىرىدىغان ئورۇنلار بار بولۇپ بۇ يەردىن سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .بۇ قاتناش كارتىسى بولسىلا تىرامۋايغا ئولتۇرسىڭىزمۇ مېتروبۇسقا ئولتۇرسىڭىزمۇ ، يەر ئاستى مېتروسىغا ياكى پاراخوتقا ئولتۇرسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ئىشلىتەلەيسىز .
|