قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 4257|ئىنكاس: 48

جۇڭگو بايلىرىنىڭ كۆچمەن بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

1

دوست

729

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55209
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 17:56:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


جۇڭگو بايلىرىنىڭ كۆچمەن بولۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە

جېن خېپىڭ

نۇرجاھان تەرجىمىسى


دېڭ شىياۋپىڭ:«بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالدىن بېيىپ، ئاندىن باشقا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دېگەن ئىدى. نۆۋەتتىكى جۇڭگودا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بېيىشى رېئاللىققا ئايلاندى، پەقەت كېيىنكى ئارزۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى يەنىلا چەكسىز يىراقتا تۇرماقتا.
ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، جۇڭگودا بىر قىسىم كىشىلەر ئالدىن بېيىدى، لېكىن بۇ بىر قسىىم كىشىلەر راستىنلا دېڭ شىياۋپىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك باشقا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدىمۇ؟ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق، جۇڭگونىڭ ھازىر ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ھەممە كىم بىلىدۇ، ئۇلار قانۇننى قۇرۇق جاھازا دەپ قارايدۇ، خالىغانچە تەلۋىلىك قىلىدۇ، ئادىللىق ۋە باراۋەرلىك پۇل-ھوقۇق تىل بىرىكتۈرۈۋالغان جەمئىيەتتە ئاللىقاچان يوقالغان.
ئادەتتە، جۇڭگو ئاممىسىنىڭ بايلاردىن تەلەپ قىلىدىغىنى نىسبەتەن يۇقىرى، ئۇلار بايلارنىڭ ھەممىسىنى خەيرى-ساخاۋەتچى بولۇشىنى، ئەڭ ياخشىسى پۇل بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى غايىۋىلەشكەن. چۈنكى ئىنسان شەخسىيەتچى كېلىدۇ، بەزىدە بولىدۇ دەيدۇ، ئەگەر راستىنلا شۇ كۈنى كېلىپ قالسا، ھەتتا بۈگۈن بولىدۇ دېگەنلەرنىڭ ئۆزىمۇ ئۇنداق قىلالمايدۇ. بايلارغا مۇئامىلە قىلىشتا بىز زىيادە كۆپ ئۈمىد كۈتسەك بولمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭ بايلىقىنىڭ كېلىشى يوللۇق بولسا، ئەگەر جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالىسا ياخشى پۇقرا ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئۇ جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالىمىسا، بايلىقىنى بېسىپ يېتىۋالسا مازاق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. چۈنكى دۇنيا كۆپ خىل، بەزىدە بايلار ئاتا قىلغان بايلىقنىڭ جەمئىيەتكە قانچە چوڭ پايدا يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىئانە قىلغان پۇلنىڭ بۇنداق ئەمەلدارلىق سورۇنى مۇھىتىدە ئېھتىياجلىق ئىشلارغا ھەقىقىي يېتىپ بېرىشى ناتايىن.
جۇڭگودىكى بايلار توپىدا، بىر ھادىسە بۈگۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەك، يەنى بايلارنىڭ كۆچمەن بولۇش مەسىلىسىدۇر، گەرچە كۆچمەن بولۇش ھەربىر پۇقرانىڭ ھوقۇقى بولسىمۇ، ھەربىر دۆلەتتە دائىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگودىكىدەك چوڭ نىسبەتتە كۆچمەن بولۇش كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. نەچچە يىل ئىلگىرى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى ئېلان قىلغان «2011-يىللىق جۇڭگو خۇسۇسىيلار بايلىقى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا 500 مىڭ ئادەمنىڭ مەبلەغ بايلىقى ئون مىليوندىن ئاشىدىكەن. مىليونېرلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆي-مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى تۆۋەنلىگەن، مەبلەغ سېلىپ كۆچمەن بولۇش ئارزۇسى كۈچەيگەن، مەزكۇر دوكلاتتا زىيارەت قىلىنغان مىليادىرلاردا تەخمىنەن %27ى مەبلەغ سېلىپ كۆچمەن بولۇشنى تاماملاپ بولغان. 2015-يىلى، چىياۋخوڭ كۆچمەن مەسلىھەتچىلىكى ئاشكارىلىشىچە، 2016-يىلى پورتۇگالىيەگە كۆچمەن بولىدىغان جۇڭگو بايلىرى يەنە شىددەت بىلەن ئاشىدىكەن. مەركەزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆچمەن بولىدىغان بايلار سانىمۇ كۈنسېرى ئاشتى، بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا كۆپچىلىكنى ئېنىق بىلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ، بەزىلەر بۇ بايلارنىڭ جۇڭگودا ئېرىشكەن بايلىقىنىڭ ھارامدىن ئېرىشكەنلىكى دەپ قارايدۇ. بەزىلەر بۇ بايلار بىلەن چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ئىرماش-چىرماش مۇناسىۋتى بار دەپ قارايدۇ. ئەمما بىلىشمىز كېرەككى، نېمىشقا بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە بۇنداق مەسىلە كۆرۈلىدۇ؟
بايلارنىڭ كۆچمەن بولۇشى دەرەخ يۆتكىگەنگە ئوخشايدۇ، جۇڭگو تۇپرىقىدا مەۋجۇت بولالىغىنى بىلەن، باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈرسەك ھايات قېلىش قالالماسلىقى ناھايىتى ئاچقۇچلۇق  بىر مەسىلە، بۈگۈنكى جۇڭگو بايلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆچمەن بولماقتا، ئەجىبا ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلغان دۆلەت ئەمدى ئۇلارنىڭ تۇرۇشىغا ماس كەلمەمدۇ. يەنە باشقا سەۋەبى بارمۇ؟ بەزىلەر جۇڭگو بايلىرىنىڭ كۆچمەن بولۇشى دەل ۋەتەننى سۆيمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇخىل قاراش ناھايىتى چوڭ بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە، ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسى ئەركىن بولۇشى كېرەك، جۇڭگودا تۇرسا ۋەتەننى سۆيگەن، چەتئەلدە تۇرسا ۋەتەننى سۆيمىگەن بولمايدۇ. لېكىن بىزنىڭ دۆلەت ھازىر دۇچ كەلگەن مەسىلە نېمىشقا بۇ زېمىن بايلارنى قالدۇرۇپ قالالمايدۇ، دېگەن مەسىلىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىكى سەۋەب ناھايىتى كۆپ، تۇرالغۇ مۇھىتى، ھۆكۈمەتنىڭ تۈزۈمى ۋە جەمئىيەت تەرتىپى قاتارلىق مەسىلىلەر.
جۇڭگو پۇقرالىرى بايلارغا ئەزەلدىن ناھايىتى كۆپ پىكىرلەردە بولۇپ كەلگەن، ئادەتتە بايلارنى گېپى تىلغا ئېلىنسا كۆپىنچىلەر بايلىق ئۈچۈن ئىنساپىنى يوقىتىشنى بىرلەشتۈرۈۋالىدۇ، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بايلاردىمۇ خەيرى-ساخاۋەتچىلەرنىڭ بارلىقىنى، جەمئىيەت ئۈچۈن كۆپلىگەن تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما نېمىشقا كىشىلەر بايلارغا ياخشى قاراشتا بولمايدۇ؟ چۈنكى جۇڭگودا كۆپ قىسىم بايلار جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق مىزانلىرىغا خىلاپلىق قىلدى، ئۇلار پۇللۇق بولۇپلا بايلىق ئۈچۈن ئىنساپنى ئۇنتۇشتى، يامان ئىشلارنى قىلدى، جەمئيەتتە ناھايىتى بۇزۇق كەيپىيات پەيدا قىلدى. شۇڭا، بەزىدە بىز كىشىلەرنڭ بايلارغا بىر تەرەپلىمە قاراشتا ئەمەسلىكىنى، بەلكى بۈگۈنكى جۇڭگودا كۆپ ساندىكى بايلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بايلىقنى ھوقۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ زومىگەرلىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بايلىقنى ھوقۇق قىلىپ، جەمئىيەتتە بىر قاتار ئادىل بولمىغان ۋەقەلەرنى سادىر قىلغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا، بايلارنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى تەسىراتى بارغانسېرى ناچارلاشتى.
جۇڭگو بايلىرىنىڭ كۆچمەن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، بىز پەقەتلا سان ئارقىلىق جاۋاب ئىزدىسەك بولمايدۇ، چۈنكى بۇ سانلار بىر قىسىم يۈزەكى ھادىسىلەر. بىز تېپىشقا تېگىشلىك تۈپكى مەسىلە نېمىشقا جۇڭگودا ئۆسۈپ يېتىلگەن بايلارنىڭ كۆپ قىسىمى باشقا دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ؟دىن ئىبارەت. غەربتەك بىر قىسىم دۆلەتلەرە، بايلارنىڭ كۆچمەن بولۇش نىسبىتى جۇڭگودىكىدىن كۆپ تۆۋەن، بۇ ھەرگىزمۇ بۇ دۆلەتلەردىكى بايلارنىڭ ساپاسى ناھايىتى يۇقىرى، ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى ناھايىتى سۆيگەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دۆلىتى ئۇلارنى يىلتىز تارتىپ قالدۇرالايدۇ، ناھايىتى مۇقىم، لېكىن جۇڭگودا ھازىرقى بايلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە، كۆپ قىسىمىدا ھارام سودا بار، بۇ سودا خاتىرىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇلاردا جۇڭگودا تۇرۇش نۇرغۇن مۇجمەللىك، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوق ھېس قىلدۇرىدۇ، مەلۇم بىر كۈنى نەس بېسىپ، ئۆزى بۇرۇن قىلغان ئەسكى ئىشلار ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، بىر ئۆمۈر تاپقان-تەرگىنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، ھېچنېمىسى قالماسلىقى مۇمكىن.
غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە بايلار خەيرى-ساخاۋەت قىلىش بىلەن ئالدىراش؛ لېكىن جۇڭگودا بايلار كۆچمەن بولۇش بىلەن ئالدىراش؛ سېلىشتۇرما قىلساق ناھايىتى مەسخىرىلىك بىر ئىش.
جۇڭگولۇق بايلارنىڭ كۆچمەن بولۇش نىسبىتى ئاشماقتا، جۇڭگودا ئۇلار باشتىن-ئاخىر مۇقىم ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى تاپالمايدۇ. ئۇلاردا جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىش نامەلۇم سانغا تولغان، بۇ نامەلۇم سانلاردا نۇرغۇن ئۆزگىرىشچانلىق بار. كۆچمەن بولۇش دەل ئۇلارنىڭ نامەلۇم ساننى يېشىشىنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى. بايلارنىڭ كۆچمەن بولۇشىغا قارىتا، بىز ۋەتەنپەرۋەرلىكنى چېتىۋالماسلىقىمىز كېرەك، بىزنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە ئەرزىيدىغان مەسىلە بولسا، نېمىشقا جۇڭگودەك بۇ زېمىندا ئۆسۈپ يېتىلگەن بايلار جۇڭگودا تۇرۇپ قېلىشنى خالىماسلىقىدۇر.


مەنبە: جېن خېپىڭنىڭ سۇمرۇغ بلوگىدىن نۇرجاھان تەرجىمە قىلدى. باشقا تور بەت ۋە سالونلارنى كۆچۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.



uyghuray

0

تېما

1

دوست

2094

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28894
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 18:37:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋىپسىرەىش
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

13

تېما

17

دوست

9036

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   80.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1075
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2630
توردىكى ۋاقتى: 357
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 18:58:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aa0998 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-22 18:44
ماقالىگە-مۇناسىۋەتسىز، ئىنكاس بولۇپ قالدى سىلەردىن سو ...

ھەممە تېمىغا چاپلاپسىزيۇ تېخىچە جاۋابىنى تاپالماپسىز
uyghuray
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )