(ئالدىنقى ئۈچ قىسىمدا ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلەندى. بۇ قىسىمدا گەپنى يەڭگىلرەك قىلىپ،سىلەرنى ئاممىباپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەكچىمەن. )
دولمۇش (مىنۇبۇس-中巴) تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان شەھەر ئىچى ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بىرى. ئىستانبۇل قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە ھەرخىل زامانىۋىي قاتناش ۋاستىلىرى ۋە قاتناش يوللىرى بەرپا قىلىنغانسېرى دولمۇشلار ئازايتىلىۋاتقان بولسىمۇ، دولمۇش يەنىلا تۈركىيە تەۋەسىدە ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغان قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە توختىماي قاتنىماقتا. (كىنولاردا چىققانغا ئوخشاش ھەممە ئادەم شەخسىي ماشىنىدا ماڭىدىغان ئىش يوق) تۈركىيەدە دولمۇش ئەڭ باشتا 1969-يىلى ئىستانبۇلدا قاتنىغان بولۇپ، دولمۇشچىلىقنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ھېساپتا جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى قاپقارا كاستۇم، قارا قالپاق، پارقىراق بەتىنكە ۋە ئاپئاق پەلەي كىيىۋالغان مەخسۇس شوپۇرلارنىڭ فورد ماركىلىق ئېسىل ماشىنىسىنى ئىشقا سېلىپ بايلارنى توشۇپ پۇل تاپىدىغان، ياۋروپاسىمان « تاكسىچىلىق» سودىسىغا قارشى قوزغالغان خەلق ئىنقىلابىنىڭ سىمۋوللىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان ۋە ناھايتى تېزلىكتە دۆلەتنىڭ ھەرتەرەپلىرىگە تارقالغان . باشقىچە مەنىدە قىلىپ ئېيتساق، دولمۇشلار چىققاندىن كېيىن، ماشىنىسى يوق كەمبەغەللەرمۇ بىر يەرگە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بارالايدىغان بولغان. تۇنجى دولمۇشنىڭ كىرا ھەققى بىر موچەن بولۇپ، مانا بۈگۈن ئىككى لىرادىن ئۈچ لىراغىچە بولماقتا. قاتناش ۋەقەلىرىنى كۆپ سادىر قىلىش، مۇھىتنى بۇلغاش،دۆلەتتىن باج ئوغرىلاش قاتارلىق سەلبى تەرەپلىرى بولسىمۇ، دولمۇشنىڭ ھازىرغىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇرۇنغىنىغا قارىشى توختىتىلالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى دەل ئۇنىڭ كۆپىنچە كىشىلەرنى ئۆزىگە كۆندۈرىۋالغانلىقىدا. دولمۇش يولۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن تارتىپ، ناۋاي، موزدوزغىچە، دوختۇردىن تارتىپ ئىشسىز گادايغىچە جەمئىيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدىكى كىشىلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. بەزىدە ھەتتا شەخسى پىكابى تۇرۇقلۇق، پەقەتلا دولمۇشقا كۆنۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن ياكى يېقىلغۇ پۇلىنى تېجەش ئۈچۈن بىر يەرگە دولمۇشتا بارىدىغانلارمۇ بار.
تۈركىيەدە دولمۇشلار باش بېكەتتىن ئاخىرىقى بېكەتكىچە مۇقىم بىر لىنىيەدە قاتنايدۇ. خۇددى ئاپتۇبۇسلارغا ئوخشاشلا يولنىڭ قارشى تەرىپىدە سىزنى كەلگەن يېرىڭىزگە ئاپىرىدىغان دولمۇش بېكىتى بولۇشى ناتايىن. چۈنكى بۇ دۆلەتنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى بولۇپمۇ كونا شەھەر رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى پلانسىز ۋە قالايمىقان، يەنە كېلىپ يەر تۈزۈلۈشى ئىدىرلىقسىمان ھالەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدەك بىر يەردىن يەنە بىريەرگە بېرىپ قايتىدىغاندا چۈشكەن بېكەتنىڭ قارشى تەرىپىدىكى بېكەتتىن ئاپتۇبۇس قاتارلىقلارغا ئولتۇرۇپ كەتكىلى بولىدىغان بۇنداق ئىشلار پەقەتلا رەتلىك مەھەللىلەردە ۋە چوڭراق رايونلارنىڭ ئاۋات جايلىرىدىلا مۇمكىن بولىدۇ. شۇڭا دولمۇشقا چىقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دېگۈدەك بۇ دولمۇشنىڭ قايسى مەھەللىگە بارىدىغانلىقى ۋەقەيەرلەردىن ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدىغان كىشىلەردۇر. دولمۇشنىڭ خەقلەرنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىۋالغان بىرىنجى ئالاھىدىلىكى لېنىيە ئىچىدە، توختىغىلى بولىدىغانلىكي يەر بولسا قەيەردە چىقىمەن دېسىڭىز شۇ يەردە توختايدۇ، قەيەردە چۈشىمەن دېسىڭىز شۇيەردە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ھەتتا توختاشقا بولمايدىغان جايلاردا توختايدىغان ئىشلارنىمۇ دائىم دېگۈدەك ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شوپۇر بۇنىڭغا غودىراپمۇ قويمايدۇ. دولمۇشقا كۆنۈپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر يول مېڭىشقا ئۇ قەدەر ھورۇنلۇق قىلىدۇكى، بىر يولۇچى چۈشىۋېلىپ ئىشىك تېخى تولۇق يېپىلماستىن، دولمۇش تېخى 15 مېتىر ماڭماستىن «مۇسائىتبىر يەردە» (جانلىق تەرجىمە- مەن مۇشۇ يەردە چۈشۈۋالاي) دەيدىغانلار چىقىدۇ. شەھەرئىچى قاتناش ۋاستىلىرنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن تېز ئېلىپ بارىدىغىنى ۋە بېكەتتە ئادەمنى ئەڭ ئاز ساقلىتىدىغىنى دولمۇش، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بەزىدە دۆلەت ئاپتۇبۇسى پۇسۇلداپ ھەر بىكەتتە بىردىن توختاپ، 200 مېتىر نېرىدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلارنى ساقلاپ-يۇ بېكەتكە كېلىپ بولغۇچە ئوخشاش مەنزىلگە قاتنايدىغان دولمۇشتىن بەش ئونى ئۆتۈپ بولىدىغان ئىشلارمۇ بار. چۈنكى دولمۇشلار خۇددى تۇرمۇزى تۇتمىغاندەك، بىر- بىرىبىلەن رىقابەتلىشىپ تېز مېڭىشىدۇ. ئادەتتە تۈركىيەدە قاتناش سەل قىستاڭ بولمىسا، مېنىستىرلارنىڭ ماشىنىسى ئۆتىدىغان ئىش بولمىسا ساقچى تىكىلىپ تۇرۇۋېلىپ، ماشىنىلارغا جەرىمانە قويىدىغان ئادەت يوق. ئەمما قەرەللىك تەكشۈرۈشلەر بار. دولمۇشلار قانچە تېز ماڭسا پۇلنى شۇنچە كۆپ تاپىدۇ. مۇشۇنداق مېڭىپ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنى پالاققىدە سوقۇپ قويىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. بىر نەچچە يىل بۇرۇن كەچلىك خەۋەردە ئىستانبۇلدىكى بىر پېنسىيونېر موماينىڭ ئوخشاش كوچىدا ئوخشاش دولمۇش تەرىپىدىن كەينى- كەينىدىن ئۈچ قېتىم سوقۇۋېتىلگەنلىكى بىر نەچچە قانالدا بەس- بەستە كۆرسىتىلىپ يۈرەتتى.
دولمۇشقا چىققان ئەر كىشىلەر مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن ئاساسەن دېگۈدەك «سەلامۈنئەلەيكۇم» دەپ چىقىدۇ. گەرچە بىرەر ئادەمنىڭ ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا جاۋاپ قايتۇرغىنىنى تۈزۈك ئاڭلىغىلى بولمىسىمۇ بۇ ئادەتنىڭ ھازىرغىچە ئۆكسۈپ قالغىنى يوق. ئەمما چوڭ شەھەرلەردىكى كوچا ئاپتۇبۇسى، مېترو، ترامۋاي، پاراخوت قاتارلىق باشقا ھەرقانداق قاتناش ۋاستىلىرىدا بۇنداق سالام بېرىپ چىقىدىغان ئىشلار ئاندا- ساندا كۆرۈلسىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك كۆرگىلى بولمايدۇ. دولمۇشقا چىققان كىشىنىڭ بىرىنجى قىلىدىغان ئىشى ئولتۇرىدىغان يەر ئىزدەش، يەر بولمىسا تۇتۇۋالغىدەك تۇتقۇچ تېپىش، ئۇمۇ بولمىسا دەلدەڭشىگىنىچە «ئىلەرلەيىن لۈتفەن» (جانلىق تەرجىمە- ئازراق سۈرۈلگەن بولساڭلار) دەپ سەپەرداشلىرىنىڭ ئازراق يەر بوشىتىپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈش بولىدۇ. ئىككىنجى قىلىدىغان ئىش پۇل تۆلەش. كىشىنىڭ ئىچىنى ئىللىتىدىغىنى دولمۇشلاردا بىزنىڭ ۋەتەندىكىگە ئوخشاش ماشىنىنى تېخىمۇ تارلاشتۇرۇپ ئادەم دۆشكۆللەپ پۇل يىغىدىغان بېلەتچى بولمايدۇ. خەق دولمۇشقا چىقىپ بولغاندىن كېيىن پۇلىسىنى كۈچ ئۇلاش شەكلى ئارقىلىق شوپۇرغا يەتكۈزىدۇ. سىز پۇلىڭىزنى سىزنىڭ ئالدىڭىزدىراق تۇرغان ياكى ئولتۇرغان بىرىگە بېرىپلا قويسىڭىز ئىشىڭىز تۈگەيدۇ. ئۇلارمۇ ئالدىدىكىسىگە بېرىدۇ، مۇشۇ شەكىلدە يول كىراسى شوپۇرنىڭ قولىغا تېگىدۇ. ئەگەر پۈتۈن پۇل بەرگەن بولسىڭىز، ئەڭ كىچىك پۈتۈن پۇل بەش لىرادىن تارتىپ ئەڭ چوڭ پۈتۈن پۇل 200 لىرانىڭمۇ ئاشقىنى بىرتىيىن كەملەپ قالماي يەنە سىزنىڭ قولىڭىزغا يېنىپ كېلىدۇ. بۇنداق كۈچ ئۇلاپ پۇل تۆلەيدىغان ئىشلارنى پۇل تۆلەپ ماڭىدىغان چوڭ ئاپتۇبۇسلاردىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەن نۇرغۇن قېتىم پورتمالىنى يوقىتىپ قويغان، يېنىغا پۇل سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان، پۇلىسى يوق چارىسىز قالغان كىشىلەرنىڭمۇ دولمۇشقا چىقىۋەرگەنلىكىگە، دولمۇش شوپۇرلىرىنىڭ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ئۇلارنى چۈشۈرىۋەتمەي نەگە دېسە ئاپىرىپ قويغانلىقىغىمۇ شاھىت بولدۇم. دولمۇشتا ياش ئوغۇللارنىڭ ياشانغانلارغا، بالا كۆتۈرىۋالغان ياكى ھامىلدار ئاياللارغا ۋە ئەرلەرنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ كەتكەن قىزلارغا ئورۇن بېرىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال. ئادەتتە بىر بوش ئورۇن چىققان بولسا ياش ئوغۇللار ياكى ئەرلەر ئالدىراپ ئولتۇرمايدۇ، ئاۋال ياشانغانلارنى ۋە ئاياللارنى ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئولتۇرماي قالسا ئاندىن ئۆزى بېرىپ ئولتۇرىدۇ. ھېچكىشى يەنە بىر كىشىگە ئوشۇق گەپ قىلمايدۇ. شالاپىشتىپ نەرسە يەيدىغان، كىرىسلىتىپ گازىر چاقىدىغان، ۋارقىراپ تېلېفوندا سۆزلىشىدىغان، ھەق تۈفى دەپ تۈكۈرىدىغان، تەر پۇراپ قالغان قولتۇقىنى خەقنىڭ بۇرنىغا يېقىن تۇتۇپ، بۇرنىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ پۇشۇلداپ تىنىپ تۇرىدىغان ئىشلارنى قالايمىقانراق چەت مەھەللىلەرنىڭ دولمۇشلىرىدىمۇ ئاساسەن كۆرگىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇنداق ئادەملەر بولۇپ قالسا ھەممە ئادەم قاچىدۇ. خەقلەرنى بىئارام قىلىۋەتكەن يولۇچىغا بولسا شوپۇر سۆزلەپ قويىدۇ. بەزىدە بولۇپمۇ ياز ئايلىرى ئىسسىقتىن دولمۇشتا ھالىدىن كېتىدىغانلارمۇ چىقىپ قالىدۇ. بۇنداق چاغلاردا كىشىلەرتۇشمۇ- تۇشتىن ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىگە خۇددى ئۆز تۇغقىنىدەك بىرى سۇ بەرسە بىرى يەلپۈپ، يەنە بىرى قۇچىقىدا يۆلەپ، بەزىلىرى بولسا قول- پۇتلىرىنى ئۇۋىلاپ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇشىدۇ. ئەھۋالى خېلىلا ئېغىر كىشلەرگە نىسبەتەنمۇ «ئۆلسە ئۆلۈكى ماڭا قالمىسۇن» دەپ قاچىدىغان ئىشلارنى مەن ئاساسەن كۆرۈپ باقمىدىم.
ھەرقانچە مەينەت ۋە كونا دولمۇش بولسىمۇ ئاخىرىقى بېكەتكە بارغاندا پاكىزراق شوپۇر بولسا تازىلايدۇ، تازىلىققا ئەڭ ئەھميەت بەرمەيدىغان شوپۇرلارمۇ ھېچ بولمىسا ھاۋا ئالماشتۇرىدۇ. تەبئىي ھالدا مەھەللە قانچە تەرەققىي قىلغان بولسا دولمۇشلىرى شۇنچە پارقىراپ تۇرىدۇ. مەھەللە قانچە كونا، كەمبەغەل بولسا دولمۇشىمۇ شۇنچە كىر چىراي كۆرۈنىدۇ. بەزى دولمۇشلارغا چىقسىڭىز شوپۇر بىلەن ماشىنىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئۆزىڭىزنى رەسمىي بىرەر ئىدارە- ئورگاننىڭ خىزمەت تەكشۈرۈشكە ماڭغان ئالاھىدە خادىمىدەك ھېس قىلىپ كېتىسىز. بولۇپمۇ تەرەققىي قىلغان مەھەللىلەرنىڭ دولمۇشى مۇشۇنداق بولىدۇ. ئۇنداق دولمۇشلارنىڭ ئورۇندۇقلىرى راست خۇرۇمدىن تىكىلگەن ۋە راھەت، تاملىرى پىششىقلانغان زىننەت تاختايلىرى بىلەن قاپلانغان، تورۇسلىرىغا ئالاھىدە چىراغلار ئورنىتىلغان. بۇنى شوپور قانداق ياسىغۇسى بولسا، يانچۇقىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ياسىۋالىدۇ. ئەمما بۇس پۇراپ كەتكەن دولمۇشلارنىمۇ بەزىدە ئۇچرىتىپ قالىسىز. تۈركىيەدىكى بارلىق دولمۇشچىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغداپ، ئىگە چىقىدىغان «دولمۇشچىلار ئىشخانىسى»، «دولمۇشچىلار فوندى جەمئىيىتى» قاتارلىقلار ئورۇنلارمۇ بار. بەزىدە دولمۇشلارنىڭمۇ كارتىلىق بولىدىغانلىقى يا بولمىسا توختىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە مىش- مىش پاراڭلارمۇ چىقىپ قالىدۇ. ئەمما دولمۇشلارنىڭ زادى قاچان تەرتىپكە چۈشۈرۈلۈپ، قاچان توختىتىلىدىغانلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېمەكمۇ تەس. بەلكى مۇشۇ سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان ئاممىنىڭ بېلىتىدىن قۇرۇق قېلىشتىن قورقماي تەۋەككۈلچىلىك بىلەن بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىدەك ھۆكۈمەت باشلىقلىرىمۇ ئاز چىقىشى مۇمكىن. دولمۇش قاتنىشى خەلقنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئىجاد قىلىنغان قاتناش شەكلى بولغاچقا ئۇنىڭ توختاپ- توختىماسلىقىمۇ ھۆكۈمەت سۇنغان يېڭى تاللاشلارغا ئاساسەن خەلق تەرىپىدىن توختىتىلىشىمۇ مۇمكىن. دولمۇشلار خۇددى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېغىر ئۇھ تارتىپ ئويلىنىپ يەرگە قاراپ كېتىۋاتقان يالغۇز بوۋايدەك 48- يىلىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە.
|