پاسئان دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى
تارىخىي پاكىتلاردىن بىزگەمەلۇمكى، گۇما ناھىيىسى تەۋەسىدىكى مەلۇم بىر مەركىزىي بوستانلىق ئەڭ قەدىمكى زاماندىن باشلاپ بۇ يەردە ياشىغان خەلقلەر تەرىپىدىن «پاسىئان» دېيىلگەن. ھاياتلىق ئاساسى بولغان دەريا سۇلىرىنىڭ ئازىيىش- كۆپىيىشى، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى ۋە گۇمىدىكى ھاكىمىيەت (ياكىي دىنىي مەركەز) تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ يۆتكىلىشى (مەرھۇم تارىخچى سادىق ئوسماننىڭ يېزىشىچە گۇما بازار ئورنى تارىختا پىشنا، ياغاچ ئۆيلۈك،نىشاندار، ئاراقۇم، ئىسمىسالاھ، موكۇيلا يېنىدىكى غازىئالىم غوجام مازىرى، زانگۇي قاتارلىق جايلارغا يۆتكەلگەن) سەۋەبىدىن ئەڭ كەم دېگەندىمۇ مىلادى 7-ئەسىردىن كېين پاسىئان دېگەن نام ئىستىمالدىن قېلىپ، «گۇما» دېگەن نام ئومۇملاشقان (بۇ ئىككى نامنىڭ ئالمىشىشى ھەققىدە ماقالىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ئايرىم توختىلىمىز) ۋە شۇ چاغدىن باشلاپ «گۇما» دېگەن نام ئۇيغۇرچە تارىخىي، ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئەمما بۇ نام خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە خەنزۇچە تۈرلۈك تارىخىي ئەسەرلەردە ئىزچىل «پاسىئان» دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن قەدىمكى پاسىئان بەگلىكى «خەننامە»دە «پىشەن» (皮山) دەپ، «ۋېي تارىخىدىن قىسقىچەبايان»دا «پىشۆە» (皮穴) دەپ، «ۋېينامە»دە «پۇشەن» (蒲山) دەپ، «چىندىڭخۇاڭ ۋە غەربى يۇرتتەزكىرىسى»دە «پىشىيا» (皮什雅) دەپ خاتىرىلەنگەن(1). بۇلار ئەسلىدە بىر نامنىڭ خەنزۇچە تۈرلۈك تەلەپپۇزقىلىنىشى ئىدى. شۇڭا چىڭ ھۆكۈمىتى گۇاڭشۈينىڭ 28-يىلى (مىلادى 1902-يىلى) قارغىلىقناھىيىسىدىن گۇما، سانجۇدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يېزىنى ئايرىپ گۇما ناھىيىسىنى تەسىس قىلغاندا گۇمىدىكى قەدىمكى نام «پاسىئان»نىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان«皮山»نى بۇ ناھىيىنىڭخەنزۇچە نامى قىلىپ بىكىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ناھىيە ئۇيغۇرچىدا گۇما، خەنزۇچىدا«皮山» دەپ ئاتالدى.
ئۇنداق بولسا «پاسىئان» دېگەن بۇنام قانداق كېلىپ چىققان؟
پاسىئان--تەخمىنەن مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر بۇرۇن تارىم ئويمانلىقىدا شەكىللەنگەن غەربىي يۇرتتىكى 36بەگلىكنىڭ بىرى بولۇپ، شەرقى ئۈدۈن(دىققەت: ئۇدۇن ئەمەس)بەگلىكى بىلەن، شىمالى تەكلىماكان قۇملۇقى ئارقىلىق ئونسۇ، قۇم بەگلىكلىرى بىلەن،غەربىي شىمالى ساكارائول بەگلىكى بىلەن، غەربى يولئېرىق، جىغاپ (كۆكيار) بەگلىكلىرى بىلەن، غەربىي جەنۇبى ئودىيانا،كەشمىر بەگلىكلىرى بىلەن، جەنۇبى قاراقۇرۇم تاغلىرى ئارقىلىق ئەنەتكەك (ھېندىستان)بىلەن تۇتىشاتتى(2). ئۇنىڭغا قاراشلىق زېمىن ناھايىتى كەڭ بولۇپ، جەنۇبى بىۋاستە ئەنەتكەك بىلەن چېگرىلىناتتى. ئىككى خەن دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلدىنمىلادى220-يىلغىچە)دە ئەنەتكەك دۆلىتىنىڭ تەسىر كۈچى كەشمىر رايونىغا تېخى يېتىپكەلمگەچكە پاسىئان بەگلىكىنىڭ جەنۇبى تەرەپ چېگرىسى ھازىرقى كەشمىرنىڭ لاداق دېگەنيېرىنىڭ غەربى قىسمىنى ۋە بالتىستان رايونى يەنى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ جەنۇبىئېتىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى(3). پاسىئان بەگلىكى شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن كېيىن ئۈدۈنگە تەۋە بولغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇيەردە پاسىئان بازىرى تەسىسقىلىنغان(4).
پاسىئان دېگەن نامنى ئادىل مۇھەممەت تۇرانئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىپلىرىنىڭ بىرى بولغان قەدىمكى ساكلارغا بىۋاستە باغلاپ، ئىشەنچلىك تارىخىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان(5).
قاچان كۆچۈپ كەلگەنلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ قەدىمكى زاماندا تارىم ۋادىسى ۋە تەكلىماكان ئەتراپلىرىدا بىر بۆلۈك ساكلارنىڭ ياشىغانلىقى تارىخىي پاكىت. پىرسىيە (قەدىمكى ئىران)دە قۇرۇلغان ئاخمانىلار خانلىقىنىڭ خانى داراⅠ(مىلادىدىن بۇرۇنقى 52- 486يىللار ) تەرىپىدىن بىھىستون تېغىغا ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشتا ساكلارنىڭ ئاسس (assi)، پاسىئان (pasiani)، توخار (tohchari) ۋە ساكارائۇل (sakarauli)دىن ئىبارەت تۆت قەبىلىسىنىڭ نامى چېلىقىدۇ(6). ساكلارمىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە ئىلى ۋە چو دەرياسى بويلىرىدىكى زېمىنلىرىدىن غەربكە—سىر دەريا بويىغا كېڭىيىپ، بۇ يەردىكى ماسساگېتلارنى سۈرۈپچىقارغان. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 177-176 يىللىرى توخرىلار غەربكەكۆچكەنلىكتىن، ئىلى ۋە چو دەريابويلىرىدىكى ساكلار بۇ جايلاردىن جەنۇبقا سۈرۈلۈپ پامىردىكى ھەرقايسى جايلار ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلارغاكىرگەن(7) ھەمدە بۇ جايلاردا قوش(تۇرپان)، ئاگنىي(قاراشەھەر)، كۈسەن(كۇچار) ، قۇم(ئاقسۇ)، سۇلى(قەشقەر)، ئۈدۈن(خوتەن) قاتارلىق شەھەر دولەتلىرىنى بەرپاقىلغان(8).
دېمەك، ساكلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان شەرقتىكى ئۈدۈن، شىمالدىكى قۇم، غەربىي شىمالدىكى ساكارائۇل، غەربىي جەنۇبتىكى كاپچا (كەشمىر) بەگلىكلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كەڭ زېمىندا ياشاپ پائالىيەتئېلىپ بارغان ساكلارنىڭ پاسىئان(pasiani) قەبىلىسى بۇ يەردە يەنە بىر بەگلىك قۇرغان ۋە ئۆز نامىنىبەگلىككە نام قىلىپ قويغان. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر تارىخىي پاكىت شۇكى، ھازىرقى يەركەن ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى نامى «ساكارائول» بولۇپ، بۇ بەگلىكنى ساكلارنىڭ «ساكارائۇل» (sakarauli) قەبىلىسىقۇرغان. ساكارائولنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە يەركەن خەنزۇچىدا ھازىرمۇ «شاچى»(莎车) دەپ ئاتىلىدۇ.
يۈ تەيشەن ئەپەندى: «گۇما (توغرىسى پاسىئان--ئاپتور)—ماسساگېتدېگەن نامنىڭ قىسقارتىلغان تەرجىمىسىدۇر» دەيدۇ(9). «ماسساگېىت» بىلەن«پاسىئان»نىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە يا فونېتىك ئۆزگىرىىش جەھەتتىن ياكى لىكسىك ئىستىمال جەھەتتىن پاكىت يوقلۇقىنى دېمىگەندىمۇ، قەدىمقى ماسساگېتلارنىڭ پامىردىن ئۆتۇپ تارىم ئويمانلىقىغا كىرگەن ياكى كىرمىگەنلىكى توغرىسىدا ھازىرغىچەتارىخشۇناسلارنىڭ پىكرى بىردەك ئەمەس. بۇ ھەقتە ئادىل مۇھەممەت تۇران ئەپەندى بىرقاتار تارىخىي پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ قاراشنى رەت قىلىدۇ،
مەنبە: گۇما مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-سان
|