- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16418
- نادىر
- 2
- يازما
- 707
ئۆسۈش
  16.05%
|
ئايالىڭىز سىزگە خىزمەت مۇھىممۇ، مەن مۇھىممۇ دەپ سوئال قويسا جاۋاب بەرمەك تەس كېلىپ بېشىڭىز قاتىدۇ.ئادەمنىڭ تۇرمۇشى كۆپ قاتلاملىق بولىدۇ. ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئايالى بىلەن خىزمەت ئوخشاشمايدىغان تۇرمۇش قاتلىمىغا مەنسۇپ.بۇنداق ئوخشىمايدىغان ئىككى قاتلامغا مەنسۇپ بولغان ئىككى خىل نەرسىنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇش ھەقىقەتەن قىيىن .بۇنداق بولۇشىنى ئايال كىشىمۇ بىلىدۇ،لېكىن بىلىپ تۇرۇپ يەنە سورايدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق سورىشى ئەرنىڭ قايسىسىنى تاللايدىغىنىنى بىلىش ئۈچۈن بولماستىن ،بەلكى سىز ماڭا قارىمايۋاتىسىز دەپ ئېتىراز بىلدۈرگىنىدۇر.
ئايال كىشى پاراكەندىچىلىكتە قالغاندا مۇشۇنداق داڭقان پۇتى سۇئالنى سورايدۇ.بۇنداق چاغدا ئايال كىشىگە چۈشەندۈرىمەن دەپ يۈرمەي، ئۇنىڭ قورسىقىنى بوشىتىۋېلىشىغا يول قويۇشى كېرەك.ئۇ پۇخادىن چىقىپ پەسكويغا چۈشكەندە،ئاندىن ئۇنىڭغا: ‹‹ماڭا ئەلۋەتتە سىز مۇھىم-دە!›› دەپ ئۇنىڭ دەدرىگە يېتىدىغانلىقىڭىزنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈرىۋېتىپ،ئاندىن ئەستايىدىللىق بىلەن:‹‹سىز ماڭا ناھايىتى مۇھىم بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن،مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ،ئىككىمىزنىڭ گۈزەل كېلەچىگىمىزگە يول ئېچىشىم كېرەك-دە!›› دەيسىز،مۇشۇنداق ئىككى بىسلىق گەپ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ تەڭلىكتە قالغانلىقىڭىزنى دارىتمىلاپ قويۇش ئاقىلانىلىك بولىدۇ.
( ‹‹ئەرلەر بىلىشكە تېگىشلىك مەخپىيەت›› تىن )
|
|