مەن بۇ تېمامنى ئەسلى تېمىغا قارشى مۇقام توۋلاش ئۈچۈن يازمىدىم، ھەم ئۇنىڭدىكى ئىدىيەنى پۈتۈنلەي خاتا دەپمۇ قارىمايمەن. مەن پەقەت، بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەبئىي تەسىراتىمنى كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ئىكرانغا چىقاردىم خالاس. ئەسلىدىكى تېمىنى يوللىغۇچىنىڭ خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قالماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن! «قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى» ئويغاتقان ھېسلىرىم (سەبىر)
مەن مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلىنغان «مۇدىر، قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى» ناملىق تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن،ئىچىمنى بىر نىمە تاتىلاۋاتقاندەك شۇنچىلىك ئازاپلاندىم. قانچىلىغان بىچارىلەر يۇقىرىقى تېمىدىكى قىزغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇپ،بىچارە ئاتا-ئانىسىنى ئەل يۇرت ئالدىدا يەرگە قارىتىپ،ئانىسىنىڭ بەرگەن ئاق سۈتىنى ئاقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن ياشىغۇسىز قىلىۋىتىپ بارغاندۇ-ھە؟ بۇنىڭغا كىممۇ ئېچىنماي تۇرالىسۇن؟! يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئىشلاردا مېنىڭ قارىشىمدا، بۇ مەسىلىدە گەرچە، مەكتەپ تەرەپنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ئېغىر مەسئۇلىيىتى بولسىمۇ مېنىڭچە بولغاندا يەنىلا ئەڭ مۇھىمى بۆشۈكتىن باشلانغان ئائىلە تەربىيىسى. ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولۇپ، كاللىسىدا سىرتنىڭ ھەرخىل «رەڭگارەڭ»ئېزىقتۇرۇشلىرىغا قارىغاندا ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلالايدىغان كاللا يېتىلسە، مەيلى قانداق شارائىتتا بولمىسۇن ئۆز يولىنى ئوڭشاپ مېڭىشنى بىلىدۇ.پوئاتقىنىم ئەمەس، ئىشەنسەڭلار مەن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە 38 ساۋاقداش ئىدۇق، ئەڭ ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇغىنى پەقەتلا مەن بولۇپ قالدىم. ئەينى چاغدا بىزنىڭ ئانا يېزىقىمىزدىن ساۋادىمىزنى چىقارغان سىنىپ مەسئۇلىمىز زورىگۈل ئاچام بىز باشلانغۇچ بىرىنچى يىللىقنى تۈگەتمەستە (تاغامنىڭ ئايالى ئىدى رەھمەتلىك) تۇغۇتىدا قازا قىلغاندىن باشلاپ، تاكى بىز باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغا چىققۇچە مەۋسۈمدە بىر سىنىپ مەسئۇلى ئالماشتۇرۇلۇپ سىنىپىمىز چۇۋالچاقلا بىر ھالەتكە كېلىپ قالغان. نۇرغۇن ساۋاقداشلار ھېلى ئۇنىڭدىن، ھېلى بۇنىڭدىن قاقشاپ يۈرۈپ نەچچىسى كىچىك تۇرۇپلا جەمئىيەتكە چىقىپ كەتتى. ئارىمىزدىكى نەچچە قىز ئاتا-ئانىسى ئوقۇتاي دېسىمۇ ئانا بولۇشقا ئالدىراپ قالدى. مەن ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى قولۇمغا ئالغاندا بىر بالىسىنى يىتىلەپ، بىر بالىسى قورسىقىدا مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەن ئاشۇ ناتىۋان ساۋاقدىشىمنى ھېلىمۇ ئىچ ئاغرىتىش ئىچىدە ئەسلەيمەن. ھەتتا نەچچىسى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ يۇقىرى يىللىقىغا چىققاندا ئوقۇشتىن چېكىندى. خوش، ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، بۇلار بىلەن مەن ئوخشاش بىر سىنىپتا ئوقۇغان، مەكتەپ ياخشى قارىمىغان بولسا ھەممىمىزگە ياخشى قارىمىغان. مەن يا بىر ئالاھىدە ئەقىللىق قىزمۇ ئەمەس. ھەممىمىز ئوخشاشلا يىزىدىن ،ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئوخشىمىغان نەتىجىگە ئېرىشتۇق؟ ئاشۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى سومكىلىرىنى يىل بويى سىنىپتىن ئۆيگە ئېلىپ كەتمەيتتى، ئىمتىھان ۋاقتىدا مۇئەللىملەر دەرستە ياخشى ھەر بىر بالىغا ناچارراقتىن ئىككىنى «ھۆددىگە بېرەتتى»، شۇنىڭ بىلەن سىنىپتا ھېچكىم ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولۇپ قالمايتتى، ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانىسى بالىلىرىنىڭ سىنىپ مۇدىرىنىڭ كىملىكىنى، قانچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغىنىنىمۇ بىلىشمەيتتى... بىزنىڭ ئائىلىدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئانام ئارانلا تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ئىكەن، بىراق ئۇ مەكتەپتە بەك ياخشى ئوقۇپتىكەن، پەقەت شۇ سالامەتلىكى يار بەرمەي ئوقۇيالمىغانىكەن. ئۇ بىز بار يوق ئىككى قىزىنى كىچىكىمىزدىن باشلاپ ھەرقايسى جەھەتتىن قاتتىق تەلەپ قويۇپ ياخشى تەربىيىلىگەن. بارلىق ئۈمىدىنى ھاياتىنىڭ داۋامى بولغان بىزگە باغلىغان. ئانام، مەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەنگە قەدەر ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆگىنىشىمىزگە يىتەكچىلىك قىلاتتى. بىلىسىلەر يېزىدا ئىش شۇنداق تولا، بىراق ئۇ بىزنى ياخشى ئۆگەنسۇن دەپ تەتىلدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئانچە ئىشقا سالمايتتى. تەتىللەردە بىزگە«ئۇيغۇرخەلق چۆچەكلىرى» گە ئوخشاش ئېسىل كىتابلارنى ئېلىپ بېرەتتى. سەل چوڭ بولغاندىن باشلاپ، كشىلىك ھايات، غايە، دىنىمىز، ئەخلاق، مۇھەببەت... قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىن بىلىندۈرمەستىن تەربىيە بېرەتتى. يەنى، ئۇنداق قىل مۇنداق قىل ئەمەس شۇ ھەقتىكى بىرەر تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ھېكايە، ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق بىزگە نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇراتتى. بىز بىلەن دائىم دېگۈدەك پاراڭلىشاتتى. بىز ھەممە گەپلىرىمىزنى ئۇنىڭغا دېيەلەيتۇق. دادامچۇ؟ دادام ھەم تەربىيەگە ماھىر ئادەم، باشلانغۇچ ۋاقىتلىرىم ،بىر قېتىم مەن شوخلۇق قىلىپ سۇغا چۈشۈپ پۇتۇمنى لاي سۇغا تاشلىۋېتىلگەن ئەينەك كېسىۋىتىپ يېتىپ قالغان ۋاقتىمدا ماڭا «بەڭۋاش خوراز» ناملىق چۆچەكلەر توپلىمىنى سوۋغا قىلغان.يەنە تېخى دائىم دېگۈدەك ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن سوئال سوراپ قوياتتى.كىتاب ئوقۇغان بولسام كىتابنى مۇنداقلا ئوقۇماي ماۋۇ،ماۋۇ تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىپ ئوقۇ دەيتتى، ياكى بولمىسا مەن ئوقۇپ بولغاندا شۇ كىتاب توغرىسىدا مەن بىلەن مۇنازىرە قىلىشاتتى. بىز ئادەتتە ھەتتا چوڭ ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆيىدىمۇ دادامنىڭ رۇخسىتىسىز قونۇپ قالمايتۇق. ساۋاقداشلىرىم ئۆيلىرىگە چاقىرسا قونۇش ئۇياقتا تۇرسۇن شۇ ساۋاقدىشىم ئۆزى دادامدىن رۇخسەت سوراپ، دادام بەلگىلەپ بەرگەن مۆھلەتكىچە كېلىپ بولمىساق ئاڭلايدىغان گەپ تەييار ئىدى. بىزنىڭ ئۆيدە ئاچا-سىڭىل ئىككىمىزنىڭ ھەتتا تاماق يىگەندە ئازراق ئاۋاز چىقىرىپ قويىشىمىزمۇ «چەكلەنگەن دائىرىدىكى ئىش» ھېسابلىناتتى. ھەتتا كىچىك چاغلىرىمىزدا يىقىلىپ چۈشسەك بىرەر قېتىم ئۇلارنىڭ يۆلەپ تۇرغۇزغىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن. شۇ چاغلاردا دادامدىن شۇنچىلىك قورقاتتىمكى يوغان بىرنى يۆتەلسىمۇ «دىڭڭىدە» چۆچۆچۈپ كېتەتتىم. دادام،«ۋۇي توشقان» نىمىدىن چۆچۈيسەن دەپ قوياتتى... شۇ چاغلاردائۆزۈمنى باشقا دوستلىرىمدەك ئەركىن ياشىيالمىدىم دەپ بەك بىچارىدەك سېزەتتىم، ئەمدى ئويلاپ باقسام دادام-ئاناملار ئەسلى بالا تەربىيەلەشتىكى مۇتەخەسسىسلەركەن ئەمەسمۇ!؟ ھەي كىچىكلىك، قەدىردانلىرىمدىن رەنجىگەن شۇ چاغلار...
مانا ھازىر سىڭلىم ئىككىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇدۇق، مەن پۈتتۈردۈم ئۇ تېخى ئوقۇۋاتىدۇ.شۇنچە يىراق، شۇنچە چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئوقۇغان بولساقمۇ«مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ» دېگەن مەنتىقە بويىچە زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ رەڭگارەڭ تەرەپلىرىدە رەڭلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئاتالمىش «مەدەنىيلەشكەن ئالىي مەكتەپ قىزلىرى» قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتمىدۇق . ئىككىلىمىز ئىلگىرلىگەن ھالدا ھىدايەت تېپىپ ھىجابلاندۇق، پەرز ئىبادەتلەرنى كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچەقىلىپ مېڭىۋاتىمىز، (ئاخىرىغىچە قىلىشقا نىسىپ قىلغاي ئاللاھ ئىگەم) قىزلارغا خاس چوڭ بولدۇق. بىز مەكتەپكە ماڭغاندا دادام-ئاناملار ئۆيدە قالغان، بىراق ئۇلارنىڭ بىزگە قىلغان تەربىيىسى ھامان بىزگە ئەگىشىپ باراتتى. دەل شۇلار بىزنىڭ يولىمىزدىن ئېزىپ قالماي توغرا يولدا مېڭىشىمىزغا ماياكلىق رولىنى ئويناپ كەلدى. مەكتەپتىلا ئوقۇپ ھېچ ئىش بىلمەمدىكىن دىمەڭلار، ئېتىزدىكى قوناقلارنى ئۇ ئىككىمىز بەسلىشىپ ئوراتتۇق، كىۋەزلەرنى تېرەتتۇق... مەن تاماق ئېتىشنى توققۇز ياش ۋاقتىمدىن باشلىغان دېسەم ئىشەنمەيسىلەر ھەقاچان، بۇلارنى كۆپ ھاللاردا تەتىل، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆگەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ چاغدىكى سۈرلۈك دادام بىز ئىككىمىزدىن شۇنچىلىك پەخىرلىنىدۇ. ئاشۇ سۈرلۈك سىمانىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان كۈچلۈك ئاتىلىق مېھرىنى بارغانسىرى ھېس قىلىۋاتىمەن. دادام-ئاناملار چوڭ بولغاندا بىزنى يارامسىز ئادەم بولۇپ قالمىسۇن، يارامسىز ئانا بولمىسۇن دەپ مۇشۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن تەربىيەلىگەنىكەن. دادام بەزى پەخىرلىنىپ مېنىڭ قىزلىرىم خانغىمۇ يارايدۇ دەپ قويارمىش ئانامغا...@_@ مانا مەن توي قىلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن. ئاللاھ كەلگۈسى ئائىلەمدە ياخشى ئايال، ياخشى كېلىن، ياخشى ئانا بولۇشقا نىسىپ قىلغاي! ئىشىنىمەنكى مېنىڭ بولغۇسى ئائىلەمدىكى سىمايىمدا ئانام ۋە دادامنىڭ قۇلاقلىرىمدىن ئۆتۈپ يۈرىكىمگە سىڭىپ كەتكەن تەربىيەلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئاللاھنىڭ بىزنى شۇنچە ئەقىللىق، شۇنچە كۆيۈمچان ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرى بولۇشقا نىسىپ قىلغانلىقىغا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن!
قىسقىسى، بۇنداق ئىشتا مەسئۇلىيەتنى بىرلا تەرەپكە ئارتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ۋە شۇنداقلا ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ، جەمئىيەت، ئائىلە بىر گەۋدىلەشكەن تەربىيىنىڭ يادروسى ۋە يىتەكچىسى دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ مىللىي مائارىپ ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلگەن بۈگۈنكى كۈندە. بۇنىڭدا ئانىلارنىڭ ساپاسى بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. قىزلار تەربىيىسى سەل قاراشقا قەتئىي ۋە قەتئىي بولمايدىغان تەربىيە، چۈنكى، ۋاقتى كەلگەندە بىر قىزنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ ئۆز نۆۋىتىدە بىر پۈتۈن ئائىلە ھەتتا بىر پۈتۈن قەۋىمنىڭ ئىناۋىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشقا يېتىپ ئاشىدۇ.
دۇنيادا بالىلىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاتا-ئانا بولمىسا كېرەك، بىراق بالىغا بولغان پىرىنسىپسىز كۆيۈنۈشنىڭ، زىيادە يول قويۇشنىڭ، قاتتىق تەلەپ قويماسلىقنىڭ، ئۆز ئەسلى ۋەسلىنى تونۇتماستىن چوڭ قىلىشنىڭ بالا ئۈچۈن نەقەدەر ئېغىر زىيانكەشلىك بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ، جەمئىيەت، مەكتەپنىڭ چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن! ئاللاھ قەۋمىمىزنى ئۆزىمىزدەك ياشاشقا نىسىپ قىلغاي! قىزلىرىمىزغا شەرمىي ھايا، يىگىتلىرىمىزگە غەيۇرلۇق ئاتا قىلغاي! ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ھەم، ئىلىم-پەندە ھەم كاللىسى ئېچىلغان چىن مەنىسىدىكى ساپالىق مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا نىسىپ قىلغاي!ھەممىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلايلى!
|