قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3941|ئىنكاس: 23

ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە قورال كۈچى ئىشلىتىشكە پېتىنالمايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

57

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4444
توردىكى ۋاقتى: 809
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-29 20:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە قورال كۈچى ئىشلىتىشكە پېتىنالمايدۇ
 
[align=justify] 
[align=justify]·                              مەنبە: opinion.china.com.cn
[align=justify]·                              2011-10-28 12:43
[align=justify]ۋېيتنامدىن كېيىن ئامېرىكا يەنە فىلىپپىن بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدا مانىۋىر قىلدى.بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.مېنىڭچە بۇ ناھايىتى تېتىقسىزلىق:مۇشۇنداق كىچىك دۆلەتلەر جۇڭگوغا قاراپ ئۆزىنىڭ ھالىغا باقماي جۇڭگوغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ،ئامېرىكىنىڭمۇ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا ئالدى بىلەن جۇڭگو بىلەن توقۇنۇشقىدەك يۈرىكى يوق.
[align=justify]بىرىنچى-- ھەم ئۇرۇشماسلىق ھەم ياراشماسلىق ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىستىراتىگىيىلىك نىشانى
[align=justify]ئامېرىكا ئاسىيا دېڭىز تالاش-تارتىشىدىكى ئالاقىدار دۆلەت ئەمەس،ئۇنداقتا نېمىشقا بۇنچە ئاكتىپ سىڭىپ كىرىدۇ؟بۇ بولسا ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئىستىراتىگىيىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇ رايون تەڭپۇڭلۇق ئىستىراتىگىيىسىنى قوللىنىپ پۈتۈن يەر شارىنى باشقۇرۇپ كەلدى.ئاسىيادا ئامېرىكا ئاللىقاچان غەلبىلىك ھالدا جۇڭگو بىلەن ياپونيە،جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،يەنە تەيۋەن ۋەزىيىتىگە كاشىلا قىلىپ ،چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىيلىكنى پەيدا قىلدى.ئەمما ئامېرىكا بۇنداق قىلىش بىلەنلا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى قۇترىتىپ جۇڭگوغا ئاۋارىگەرچىلىك ئېلىپ كەلدى.
[align=justify]جەنۇبىي دېڭىزدىلا ئەمەس،پۈتكۈل ئاسىياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ،ئامېرىكا ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغان ۋەزىيەت بولسا ھەر قايسى دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن ھەم ئۇرۇش قىلماي ھەم ئىناق ئۆتمەي،ھەر ئىككىسى ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا ئاندىن ئامېرىكا توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلايدۇ.ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى بۇ خىل خەتەرلىك ئىككى تەڭپۇڭ تەرەپتىن بىر تەرەپنىڭ بۇزۇلىشى،بۇنداق بولغاندا ئامېرىكا ئىككى تەرەپتىن چوقۇم بىرسىنى تاللىشى كېرەك،بۇنىڭدا ئامېرىكا قايسى تەرەپتە تۇرسۇن ئۇ چوقۇم بەدەل تۆلىشى كېرەك.
[align=justify]شۇڭا ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە مىنا كۆمۈلگەن رايونغا دەسسىگەنگە ئوخشاش ئېھتىياتچانلىق بىلەن جۇڭگو ئىستىراتىگىيىسىنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇش.پەقەت جۇڭگو قىلىچ كۆتۈرۈپ مەيدانغا چۈشمىسىلا ئۇ فىلىپپىن قاتارلىق  كىچىك دۆلەتلەرنى  داۋاملىق ئاز-ئازدىن ئىتتىرىپ ماڭىدۇ.ناۋادا جۇڭگونىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولسا ئامېرىكا شۇ زامات قولىنى تارتىدۇ.ئامېرىكا شۇ كىچىك دۆلەتلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ تاكى جۇڭگو قورال كۈچى بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكۈچە قەتئىي باش تارتمايدۇ،ئەلۋەتتە ئامېرىكىمۇ بۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشنى خالىمايدۇ.
[align=justify]ئىككىنچى ،ئامېرىكىنىڭ ئاللىبۇرۇن ‹‹يېڭى››ئۇرۇش قوزغىغىدەك ماغدۇرى قالمىدى
[align=justify]ئامېرىكىنىڭ ‹‹يۇمشاق-قاتتىق قول سىياسىتى››نى سۆزلىمەيلا قويايلى،ھازىرقى ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزدا جۇڭگوغا قورال كۈچى ئىشلەتمەكچى ،ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇنداق‹‹ماغدۇرى››قالمىدى:داۋاملاشقىلى 20يىل بولغان ئۇرۇش ئامېرىكىنى ھاسىرىتىپ پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.2011-يىلنىڭ بېشىدىكى لىۋىيىدىكى توپىلاڭدا ئامېرىكا گەرچە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بولسىمۇ ئەمما ھاسىرغانلىقى ناھايىتى ئېنىق،ئەزەلدىن جەڭنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويمايدىغان ئامېرىكا ئامالسىز ئۇنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەردى.ئوباما ئالدىنقىلارغا قارىغاندا تىنچلىقنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ ئەمەس بەلكى ۋەزىيەت ئادەمدىن كۈچلۈك.
[align=justify]ھازىر ئامېرىكا  پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى تېخى يوقالغىنى يوق،ياۋروپادا  زايوم تارقىتىش كرىزىسى يەنە پارتلىدى،بۇ ئامېرىكىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كېلەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.پۇل يوق،پۈتۈن سىرتى مېتال بىلەن قاپلانغان ئامېرىكا ھەربىيلىرى ئوتى ئۆچۈپ قالغان ماشىنىغا ئوخشاپ قالدى.  تۇيۇقسىز ئەۋج ئالغان ۋال كوچىسىنى ئىگىلەش ھەرىكىتى پۈتۈن ئامېرىكىنى قاپلىشى بىلەن تەڭ ئاقسارايمۇ يېڭى جەڭ قوزغاشتىن قورقۇپ قالدى.
[align=justify]ئۈچىنچى--ئامېرىكا  ‹‹جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇپ››سوغۇق ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسىدىن قۇرۇق قېلىشتىن قورقىدۇ.
[align=justify]جۇڭگودا ئامېرىكا- جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى تەكىتلەيدىغانلار خېلى كۆپ،ئەمما جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىگە سەل قارىدى.جۇڭگونىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى پەقەتلا تىنچ تەرەققىي قىلىدىغان  ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن.ئەمما پۈتۈن يەر شارىنى باشقۇرۇشنى خىيال قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى پۈتۈن يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدۇر.جۇڭگو كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا ئامېرىكا،ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا يەر شارىدىكى قەد كۆتۈرگەن دۆلەتلەر،مەسىلەن برازىلىيە،ھىندىستان،ھىندونېزىيە،رۇسىيە قاتارلىقلار بولۇپ  ئەمما ئامېرىكىنىڭ نەزىرىدىكى سىياسىي ئورنى ئوخشىمايدۇ. جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇقىم بولمىسا بۇ ئىككىلا دۆلەت جەمئىيىتىنىڭ ھە ر قايسى تەرەپلىرىنى غۇلىتىپلا قالماي ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئىستراتېگىيىسىمۇ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.ئامېرىكا يوشۇرۇن ئىستراتېگىيىلىك رەقىبگە ئېھتىياجلىق بولۇپ ،ئۇنىڭ قەد كۆتۈرۈۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ يۈمۇ-يۈز توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش.
[align=justify]شۇڭا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئېنىقسىزلىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە بولغان تونۇشى ئېنىق.يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى ئېلان قىلغان ‹‹ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ئەسىرى››دە ،ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى ئون يىلدىكى ئىستراتېگىيە مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاسىياغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندا،ئۇ سۆزلەپ،‹‹جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى مەغلۇپ قىلىشقا بولمايدۇ››دېگەن بولۇپ بۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسى شۇكى ئامېرىكا جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى   ھەربىي توقۇنۇش دەرىجىسىگە بارماسلىقى كېرەك،ئۇنداق بولمايدىكەن ئامېرىكا يامان نىيىتىگە يېتەلمەيدۇ . چاۋشيەن  ئۇرۇشىدىكى غەلىبە ياپونىيەنىڭ بولدى،ناۋادا جەنۇبىي دېڭىزدا ئۇرۇش پارتلىسا غەلىبە رۇسىيىنىڭ بولىدۇ.
[align=justify]ئەمەلىيەتتە،نۆۋەتتىكى ئامېرىكىنىڭ ھەيۋە قىلىشى پەقەتلا بىر ئىستراتېگىيىلىك پسىخىكا ئۇرۇشى.سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا خەلقئارا سەھنىدە ‹‹جەسۇرلارنىڭ ئويۇنى››نى ئويناپ كەلدى،ھەمىشە ئۆزى ھەم چېكىنمەي ،قارشى تەرەپنى يۈزمۇ-يۈز توقۇنۇشۇشتىن ساقلىنىشقا قىستاپ ئاخىرىدا ئۆزى چېكىندى.كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرزىسىدە ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنى چېكىنىشكە مەجبۇرلاپ ئۇنىڭ تاتلىق تەمىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن كالتەك سىياسىتى ۋە سەۋزە سىياسىتىنى قوللىنىپ ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىگە ئېرىشتى.ھازىر ئامېرىكا  يەنە جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك دۆلەتلەرگە بۇ خەتەرلىك ئويۇننى ئۆگەتتى.جۇڭگو چوقۇم قورقماي قارشى تەرەپكە جەنۇبىي دېڭىزدىكى بۇ ئويۇننى ئويناشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى بولمىسا  سوقۇشۇپ  باقايلى دېگەننى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
[align=justify]جۇڭگو ئىناق دۇنيا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ،ئەمما بۇ تەشەببۇس ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بۇنڭدىن  خاتا ھالدا پايدىلىنىپ جۇڭگونى ئالداپ قورقۇتىدىغان دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى قىلىۋاتىدۇ.جۇڭگو چوقۇم تەپەككۈرىنى ئۆزگەرتىپ،باشقىلار يەنە مەجبۇرلىغان ۋاقىتتا داۋاملىق يەنە ئۇنداق‹‹مۇستەھكەم››ھالدا تىنچلىق مەيدانىدا تۇرۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق،باشقىلارنى جۇڭگودىن تىنچلىق تەلەپ قىلدۇرۇشى كېرەك.پەقەت جۇڭگونىڭ ئورۇنلۇق بولسا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى ئەڭ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشى شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگونى كولدۇرلىتىدىغان خىياللارنى ئاستا-ئاستا ئۆچۈرۈپ تاشلىشى ئاخىرىدا يەنە قوشنىلار   بىلەن تىنچ ،ئىناق ئۆتىدىغان توغرا يولغا قايتىپ كېلىشى كېرەك.
[align=justify]opinion.china.com.cn
[align=justify]مەنبە – نۇر تورى

نىكاھنىڭ قىيىنل

35

تېما

0

دوست

7820

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1707
تۆھپە : 1255
توردىكى ۋاقتى: 1395
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 01:35:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئامېرىكا قۇرال كۈچى ئىشلىتىشكە پېتىنىالمايدۇ ئەمەس بەلكى قۇرال كۈچى ئىشلىتىدىغان ۋاقتى كەلمىدى.ئامېرىكا دۇنيادا ھەر خىل ئۇرۇش شەكىللىرىنى توختاۋسىز  تەتقىق قىلىپ كەلدى.قانداق دۆلەتكە قانداق شەكىلدە،قانداق ۋاقىتتا ئۇرۇش قوزغاشنى بىلىدۇ.ئامېرىكا نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدىغان ئۇرۇشنى قىلىشنى خالىمايدۇ.(بەزى ئىستىراتىگىيلىك چىكىنىشنى ھىساپقا ئالمىغاندا).يېقىندىكى لىۋىيە ئۇرۇشىمۇ شۇ تەتقىقاتلار ئىچىدىكى بىر تۈر.جۇڭگۇ بىلەن تۇتىشىپ قالسا بۇ ئۇرۇش ئەلۋەتتە ئامېرىكا زىمىنىدا بولمايدۇ.بەلكى جۇڭگۇ تىرىتورىيىسىدە بولىدۇ.جۇڭگۇدەك نوپۇسى زىچ دۆلەتتە ئۇرۇش بولسا نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرا ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئامېرىكا بۇنداق نەتىجىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.ئەلۋەتتە ئامېرىكا جۇڭگۇ بىلەن بولغان ئۇرۇشتا بىر پاي ئوق ئاتماستىنلا جۇڭگۇنىڭ سىياسى تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىۋەتسەبۇنى ئامېرىكىنىڭ غەلبىسى دىمەي تۇرالامدۇق.ئامېرىكىنىڭ ھازىرقىدەك ئاسىيادا ۋە جەنۇبى دېڭىزدا يا جۇڭگۇ بىلەن ئۇرۇشماي يا بۇيەردىن كەتمەي بۇ جاينىڭ ۋەزىيىتىنى داۋالغۇتۇپ تۇرىشى شۇنداق بىر ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە تەقەززا بولىۋاتقانلىقىدىن بولىشى مۈمكىن.بۇ يىل ئىچىدە ياكى يېڭى يىلدا ئامىرىكا ۋە ناتو قۇشۇنلىرى پاكىستانغا كەڭ كۈلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى مۈمكىن.ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن پاكىستان كونتىرۇللىقىدىكى كەشمىر چىگرا رايۇنىدا قۇرۇش قىلىش نامى بىلەن تۇرۇۋاتقان جۇڭگۇ ئارمىيىسى بىلەن ئۇچۇرىشىپ قېلىشى مۈمكىن.جۇڭگۇ ئارمىيىسى يا ئامېرىكا قۇشۇنلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ ياكى چىكىنىپ چىقىدۇ.ئەگەر چىكىنسە جۇڭگۇنىڭ 60 يىلدىن بېرى پاكىستانغا قېقىۋەتكەن قۇزۇقلىرىنى تەلتۈكۈس قومۇرۋەتكەن بولىدۇ.بۇ رايۇنىمىز ۋەزىيتىنىڭ يەنە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جىددىلىشىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

29

تېما

3

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   48.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3149
يازما سانى: 1228
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7066
تۆھپە : 4197
توردىكى ۋاقتى: 563
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 02:06:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇددى سىياسىيونلاردەك تەھلىل قىلىپسىز    

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

57

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4444
توردىكى ۋاقتى: 809
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 18:55:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   orkex تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-26 12:35  
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى motiwarlarدە2011-10-30 01:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭچە ئامېرىكا قۇرال كۈچى ئىشلىتىشكە پېتىنىالمايدۇ ئەمەس بەلكى قۇرال كۈچى ئىشلىتىدىغان ۋاقتى كەلمىدى.ئامېرىكا دۇنيادا ھەر خىل ئۇرۇش شەكىللىرىنى توختاۋسىز  تەتقىق قىلىپ كەلدى.قانداق دۆلەتكە قانداق شەكىلدە،قانداق ۋاقىتتا ئۇرۇش قوزغاشنى بىلىدۇ.ئامېرىكا نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدىغان ئۇرۇشنى قىلىشنى خالىمايدۇ.(بەزى ئىستىراتىگىيلىك چىكىنىشنى ھىساپقا ئالمىغاندا).يېقىندىكى لىۋىيە ئۇرۇشىمۇ شۇ تەتقىقاتلار ئىچىدىكى بىر تۈر.جۇڭگۇ بىلەن تۇتىشىپ قالسا بۇ ئۇرۇش ئەلۋەتتە ئامېرىكا زىمىنىدا بولمايدۇ.بەلكى جۇڭگۇ تىرىتورىيىسىدە بولىدۇ.جۇڭگۇدەك نوپۇسى زىچ دۆلەتتە ئۇرۇش بولسا نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرا ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئامېرىكا بۇنداق نەتىجىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.ئەلۋەتتە ئامېرىكا جۇڭگۇ بىلەن بولغان ئۇرۇشتا بىر پاي ئوق ئاتماستىنلا جۇڭگۇنىڭ سىياسى تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىۋەتسەبۇنى ئامېرىكىنىڭ غەلبىسى دىمەي تۇرالامدۇق.ئامېرىكىنىڭ ھازىرقىدەك ئاسىيادا ۋە جەنۇبى دېڭىزدا يا جۇڭگۇ بىلەن ئۇرۇشماي يا بۇيەردىن كەتمەي بۇ جاينىڭ ۋەزىيىتىنى داۋالغۇتۇپ تۇرىشى شۇنداق بىر ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە تەقەززا بولىۋاتقانلىقىدىن بولىشى مۈمكىن.بۇ يىل ئىچىدە ياكى يېڭى يىلدا ئامىرىكا ۋە ناتو قۇشۇنلىرى پاكىستانغا كەڭ كۈلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى مۈمكىن.ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن پاكىستان كونتىرۇللىقىدىكى كەشمىر چىگرا رايۇنىدا قۇرۇش قىلىش نامى بىلەن تۇرۇۋاتقان جۇڭگۇ ئارمىيىسى بىلەن ئۇچۇرىشىپ قېلىشى مۈمكىن.جۇڭگۇ ئارمىيىسى يا ئامېرىكا قۇشۇنلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ ياكى چىكىنىپ چىقىدۇ.ئەگەر چىكىنسە جۇڭگۇنىڭ 60 يىلدىن بېرى پاكىستانغا قېقىۋەتكەن قۇزۇقلىرىنى تەلتۈكۈس قومۇرۋەتكەن بولىدۇ.بۇ رايۇنىمىز ۋەزىيتىنىڭ يەنە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جىددىلىشىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى.  




بىراق ئامېركىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشلىرى تەلتۆكۈس تۈگىمىگەندەك تۇرىدۇ .
يەنە بويسۇندۇرۇشقا تىگىشلىك ، سۈرىيە بىلەن ئىران كۈتۈپ تۇرىدۇ. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئامېركا ئەمدى ئاۋۋال سۈرىيەنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئوخشايدۇ .  

6

تېما

0

دوست

2010

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2679
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 498
تۆھپە : 277
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-30 18:56:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ دۆلىتىمىز ناھايتى سەۋىرچان بولغاچقا غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بۇلۇپ قالمىدى.ھەم ناھايتى تىز،تىنىچ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.
جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر سۇنئىي ئۇرۇش قىلىپ، ئېغىزىغا كەلگىنىچە سۆزلەپ توختاپ قالىدۇ.چوڭ مۇش كۆتۇرۇپ چىقالمايدۇ.
سىز بىلەن مەن زامانداش،

0

تېما

0

دوست

5

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   1.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4101
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 16:01:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى motiwarlarدە2011-10-30 01:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭچە ئامېرىكا قۇرال كۈچى ئىشلىتىشكە پېتىنىالمايدۇ ئەمەس بەلكى قۇرال كۈچى ئىشلىتىدىغان ۋاقتى كەلمىدى.ئامېرىكا دۇنيادا ھەر خىل ئۇرۇش شەكىللىرىنى توختاۋسىز  تەتقىق قىلىپ كەلدى.قانداق دۆلەتكە قانداق شەكىلدە،قانداق ۋاقىتتا ئۇرۇش قوزغاشنى بىلىدۇ.ئامېرىكا نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدىغان ئۇرۇشنى قىلىشنى خالىمايدۇ.(بەزى ئىستىراتىگىيلىك چىكىنىشنى ھىساپقا ئالمىغاندا).يېقىندىكى لىۋىيە ئۇرۇشىمۇ شۇ تەتقىقاتلار ئىچىدىكى بىر تۈر.جۇڭگۇ بىلەن تۇتىشىپ قالسا بۇ ئۇرۇش ئەلۋەتتە ئامېرىكا زىمىنىدا بولمايدۇ.بەلكى جۇڭگۇ تىرىتورىيىسىدە بولىدۇ.جۇڭگۇدەك نوپۇسى زىچ دۆلەتتە ئۇرۇش بولسا نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرا ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئامېرىكا بۇنداق نەتىجىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.ئەلۋەتتە ئامېرىكا جۇڭگۇ بىلەن بولغان ئۇرۇشتا بىر پاي ئوق ئاتماستىنلا جۇڭگۇنىڭ سىياسى تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىۋەتسەبۇنى ئامېرىكىنىڭ غەلبىسى دىمەي تۇرالامدۇق.ئامېرىكىنىڭ ھازىرقىدەك ئاسىيادا ۋە جەنۇبى دېڭىزدا يا جۇڭگۇ بىلەن ئۇرۇشماي يا بۇيەردىن كەتمەي بۇ جاينىڭ ۋەزىيىتىنى داۋالغۇتۇپ تۇرىشى شۇنداق بىر ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە تەقەززا بولىۋاتقانلىقىدىن بولىشى مۈمكىن.بۇ يىل ئىچىدە ياكى يېڭى يىلدا ئامىرىكا ۋە ناتو قۇشۇنلىرى پاكىستانغا كەڭ كۈلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى مۈمكىن.ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن پاكىستان كونتىرۇللىقىدىكى كەشمىر چىگرا رايۇنىدا قۇرۇش قىلىش نامى بىلەن تۇرۇۋاتقان جۇڭگۇ ئارمىيىسى بىلەن ئۇچۇرىشىپ قېلىشى مۈمكىن.جۇڭگۇ ئارمىيىسى يا ئامېرىكا قۇشۇنلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ ياكى چىكىنىپ چىقىدۇ.ئەگەر چىكىنسە جۇڭگۇنىڭ 60 يىلدىن بېرى پاكىستانغا قېقىۋەتكەن قۇزۇقلىرىنى تەلتۈكۈس قومۇرۋەتكەن بولىدۇ.بۇ رايۇنىمىز ۋەزىيتىنىڭ يەنە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جىددىلىشىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى.  

مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن،ئامېرىكا ھەرقانداق دۆلەتكە قورال ئىشلىتىشتىن ئەيمەنمەيدۇ،ئۇلار پەقەت پۇرسەت كۈتىۋاتىدۇ.ئەمدى سۈرىيە بىلەن ئىران بار،ئەمما ئاخرقى نىشان كۈنسېرى تەرەققى قىلىۋاتقان،دۇنيادىكى نوپۇس زىچلىق مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر بولغان جۇڭگۇ.ئۇلارنىڭ جۇڭگۇنى قامال قىلىپ بولغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.ئاللا تېنچ -ئاسايىشلىقنى بىزگە بەخىش ئەتكەي

نىكاھنىڭ قىيىنل

35

تېما

0

دوست

7820

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1318
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1707
تۆھپە : 1255
توردىكى ۋاقتى: 1395
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 11:38:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا پاكىستاننى پارچىلاش ئارقىلىق، جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن

  

ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نېۋلان يېقىندا پاكىستان مەسىلىسى ھەققىدە كۈتۈلمىگەن بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بەلۇجىستاندا ئۇدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنىڭدىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ غەرەزلىك ھالدا بەلۇجىستان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قوللاش ئارقىلىق، پاكىستاننى پارچىلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەمە تەلەپ قىلىپ، ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىپ، جۇڭگونى تىزگىنلەش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىكى باياناتچىسى نېۋلان 13-يانۋار مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ بەلۇجىستاندىكى زوراۋانلىق پائالىيەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشى، يوقاپ كېتىشى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى قىلىش ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق تەشۋىشكە چۈشكەنلىكىنى ئېيتقان. گەرچە نېۋلان يۇقىرىقى بايانلىرىنى ناھايىتى ھوشيارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى كونتىرول قىلىپ، تىنچ يول بىلەن مەسىلە ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ باياناتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ بەلۇجىستاننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قوللاش مەيدانى بارلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

  نۆۋەتتە بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ پاكىستان مەركىزىي ھوقۇقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، 1947-ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى  بەلۇجىستاننى پاكىستان تېرىتورىيىسىگە قوشۇپ بېرىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بەلۇجىلار بۇنىڭغا قاتتىق قارشى تۇرغان، 60-70-يىللاردا كۆپ قېتىم پارتلىتىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. بەلۇجىستان ھازىرمۇ پاكىستاندىكى داۋالغۇش ئەڭ ئېغىر شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ رايوندىكى تېرورلۇق پائالىيەتلىرىمۇ خېلى كۆپ يۈز بەرگەن. پاكىستان ئارمىيىسىمۇ بۇنىڭغا قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ پائالىيىتىگە قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغان. شۇڭا نېفىت، تەبىئىي گاز، سېرىق ئالتۇن ۋە مىس قاتارلىق مول بايلىق مەنبەلىرىگە ئىگە بۇ شەھەر پاكىستاندىكى ئەڭ نامرات، ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئەڭ ئاستا شەھەرلەردىن بولۇپ قالغان.

  روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، پاكىستان مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە بەلۇجىستان بۆلگۈنچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئانچە زور دىققىتىنى تارتمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىكى باياناتچىسى نېۋلاننىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بايانلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتنى قوللاپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پاكىستانغا بېسىپ ئىشلىتىپ، ئىراننى باستۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگونى تىزگىنلەش غەرىزى بارلىقى ئاشكارىلانغان.

  ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە زادى قانداق غەرىزى بار؟

1.    ئامېرىكا ۋە پاكىستان مۇناسىۋىتىنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يىرىك باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئامېرىكا ئىستىراتېگىيلىرى پاكىستان مۇناسىۋىتى ھەققىدە يېڭى ئىسىتىراتېگىيە بەلگىلەپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان، ناۋادا ئامېرىكىنىڭ پاكىستان بىلەن ئەينى يىللاردىكىدەك ئىناق مۇناسىۋەتتە بولغان بولسا، ئۇ ھالدا پاكىستاننى پارچىلاش ئامېرىكا ئىستىراتېگىيىچىلىرىنىڭ ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىسى بولمايتتى، ھازىرقى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسىمۇ ئەمەلىيەتكە ئايلانغان بولاتتى.

2.    ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى نۆۋەتتە قاتمۇقات قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغان بولۇپ، پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى تەمىنلەش لىنيىسىنى ئىتىۋېتىشى ئامېرىكىنى باشقا تەمىنلەش يولى ئىزدەشكە مەجبۇر قىلغان، ناۋادا بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ مۇستەقىل بولۇش نىشانى ئەمەلگە ئېشىپلا قالسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى ئۈچۈن يول تېپىشىغا بەلگىلىك پايدىلىق شارائىت يارىتىلىشى، كېيىن ھەتتا پاكىستان ۋە روسىيىنى ئايلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىش ئېھتىماللىقىمۇ رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن.

3.    ئامېرىكىنىڭ بەلۇجىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىدە ئۇنى يەنە ئىرانغا تاقابىل تۇرۇشتىكى يەنە بىر قۇرال، دەپ قارىغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بەلۇجىستاننىڭ پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىقىشى بىلەن ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ئىران رايونىدىكى بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتىگىمۇ ۋاستىلىك تەسىر كۆرسىتىشى بۇنىڭلىق بىلەن ئىران-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئوچۇق-ئاشكارا توقۇنۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغان پەيتتە، ئامېرىكىغا پايدىلىق ۋەزىيەت شەكىللىنىشى مۇمكىن.

4.    ئىستىراتېگىيە جەھەتتىن بەلۇجىستان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قوللاش يەنە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەرەب دېڭىزىغا ئەسكەر كىرگۈزۈشىنى توسۇپ قېلىشتىكى يەنە بىر قۇرالى بولۇپ، جۇڭگونىڭ پاكىستاندا دېڭىز ئارمىيىسى بازىسى تەسىس قىلماقچى بولغان گىۋادار پورتى ( Gwadar) دەل بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە، بۇ رايوننىڭ ئىران بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ يىراق ئەمەس. نۆۋەتتە جۇڭگو تەرەپ گىۋادار چوڭقۇر سۇ پورتى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم بېرىۋاتقان بولۇپ، ھىندى ئوكياندىكى بازىسىغا ئەسكەر تارتىشنى مەقسەت قىلغان. پاكىستانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، گىۋادار پورتىدىكى ئاساسي مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى، بەلۇجىستاندىن ئىبارەت قالاق، چەت ۋە داۋالغۇش ئىچىدە قالغان رايوننى زور تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق بەلۇجىستاندا يامرىغان بۆلگۈنچى كۈچلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ھالبۇكى جۇڭگو تەرەپكە قارىتا، گىۋادار پورتىغا كىرىش ئارقىلىق، جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دېڭىزىغا قارىتا بىۋاستە ترانسىپورت يولىغا ئىگە بولىدۇ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي كېمىلىرى توختىتىلىدىغان بازا تەسىس قىلىنىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ يەر سىياسەتشۇناسلىقى ئىستىراتېگىيىسىگە قارىتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  روسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا يېقىنقى كەلگۈسىدە بەلۇجىستان مۇستەقىللىق مەسىلىسىگە قارىتا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، پاكىستاننىڭ پارچىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا يەنە مەزكۇر رايون ۋەزىيىتىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا جىددىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پاكىستاننى كونتىرول قىلىپ، ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىش ۋە جۇڭگو قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتنى تىزگىنلەش مەقسىتىگە يېتىشى مۇمكىن.  

خالىسە ئەھمەد
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=4273

تۈمەن ئۆركىشى

14

تېما

57

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4025
يازما سانى: 1591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1636
تۆھپە : 4444
توردىكى ۋاقتى: 809
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 23:09:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدىكى مەسىلە ئامېركا ئىران بىلەن ئۇرۇشامدۇ يوق ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )