قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3914|ئىنكاس: 126
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياۋروپا جەننەت ئەمەس

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

7

دوست

1891

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   89.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22331
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 592
توردىكى ۋاقتى: 129
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ياۋروپا جەننەت ئەمەس

    يېقىندا تۇركىيە تۇغۇرلۇق تىما يېزىپ ۋەتەننىڭ قەدرىگە يىتىشنى تەكىتلىسەم ،بەزى دۇسلار ئەمدى مەندىن تۈركىيەدە ھايات كەچۈرمەك تەسكەن ، ياۋرۇپاغا كەتسەك بۇلغۇدەك ئاڭلىساق ياۋرۇپادا كۈنىگە 26 سائەت ئۇخلار بەرسىمۇ ، ھەر ئايدا پۇل بىرىدىكەن يەنى كىلىپ ئۇندا -مۇنداق پۇللاردىن ئەمەس ياۋرۇ بىرىدىكەن دىگەنلەر بۇلدى، شۇڭا ياۋرۇپا تۇغۇرلۇقمۇ بىر تىما يۇللاي دىگەن قارارغا كىلىپ بۇنى يېزىپ ئۇلتۇرۇپتىمەن ، مەن ياۋرۇپاغا بېرىپ باقمىدىم شۇڭا ئۇ يەردىكى ھايات قانداق بىلمەيمەن ، بىراق بۇ تىمىنى شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان بىر قېرىىندىشىمىزنىڭ يازمىسىدىن پايدىلىنىپ يازدىم ،
يېقىندىن بۇيان ياۋروپاغا سۇرىيە كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان كۆچمەن دولقۇنىغا ئەگىشىپ بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلاردا سىرىتنىڭ تەسىرى بىلەن قانداقتۇر ياۋروپاغا كۆچمەن بولۇشقا قىزىقىش سوئاللىرى مەندىن كۆپرەك سورالدى.
    مەنمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ياشىغان 7يىللىق ھاياتىمغا ۋە ياۋروپادىكى ھاياتنى كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە يېزىپ ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆرۈپ يېزىشقا تەييارلىق قىلغان بولساممۇ بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۈنالمىدىم.
بۈگۈن بۇ يازمىنى يېزىپ ئۆلتۇرۇپتىمەن.
    مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئەمەلىي ئىشلارغا باغلاپ، ئۆزەم شاھىت بولغان بەزى ئىشلارنى بىرلەشتۇرۇپ تۇرۇپ ياۋروپادا ھاياتنىڭ قانداق بولدىغانلىقى ۋە بۇ ھەققىدە ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىمەن.
خۇش سىزنى بىر ئامال قىلىپ ياۋرۇپاغا كىلۋېلىپ راسقا يالغاننى قۇشۇپ كۈچمەنلىككە ئىلتىماس قىلۋالدىمۇ دەيلى
ھازىر كۆچمەنلەر سەلدەك ئېقىپ ياۋروپاغا كەلگەندىن كېيىن، شىۋىتسىيدە ئۇلارنى ئورۇنلاشتۇردىغان جاي تاپالماي، مۇشۇ قىشتا تالاغا چوڭ چېدىر ياساپ تالادا ھايات كەچۈرگىننى كۆردۇق، ئامال يوق . بۇ دۆلەتلەر پىلانلىق ئۆي –ماكان قىلىدىغان بولغاچقا ئارتۇق ئۆيمۇ يۆق نۇرغۇن كىشلەرنى ياتاقلارغا ئورۇنالاشتۇرۇپمۇ پاتماي قالدى.
    كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇردىغان يەرلەر ھەم چەت ۋە مەركىزى شەھەرلەر يىراق ئارلىقتا بولغاچقا كەلگەنلەر تۇرغان يېرىدە زېرىكىش، تىلنى بىلمەسلىكتىن ئىچى سىقىلىش، ئۇيغۇر تاماقلىرىنى سېغىنىش، ئېتىپ يەي دىسە شارائىت يوق، بازاردىن يەي دىسە تېخى يوق، شۇ يەردىكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يەپ كېلەي دىسە ئۇزاق. قاتمۇ –قات قىيىنچلىق، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇر ئۈچۈن ھالال يىمەكلىك تېپىش تېخى تەس ئۇنداق چەت ياقا يەرلەردە شۇ گوشسىز، كۆكتاتلىق يىمەكلەرنى يەپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.
    تۇرغان لاگىردىن قايتىپ كېلىپ ئۇيغۇرلار بار يەردە تۇرۇشقا بولامدۇ؟ بولىدۇ. ئەمما شۇ كەلگەن يەردە بويتاقلار بىلەن تۇرۇشقا توغرا كەلسە بىر كارۋاتنىڭ ئايلىق ئىجرا ھەققى ھۆكۈمەت تەرپىدىن بەرگەن تۇرمۇش ھەققى يەتمەيدۇ، ئۇنى ياتاققا بەرسە قوساقنى ئېسىپ قويغىلى بولمايدۇ.سىرىتقا چىقىپلا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. ئىش رۇخسىتى بولۇش، ئاندىن تىلىنى بىلگەن بولۇش، قىلدىغان ئىشنى قىلالايدىغان بولۇش كېرەك.
قارا ئىش قىلدىغانلار پەقەت جىسمانى ئېغىر ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن، مەن قىلمىغاندىن كېيىن بىلمەيمەن. ئاڭلىشىمچە ئوكرانىيە ۋە روسىيەدىن كەلگەنلەر كۆپرەك قىلىدۇ دەپ ئاڭلىدىم.
    بىزدە ياۋروپاغا كەلگەن ئۇيغۇرلار كۆپىنچىمىز كەسىپسىز، تىجارەت قىلىپ شىركەت ئېچىش ئۈچۈنمۇ تىلى ۋە بەزى كۇرۇسلاردا تەربىيلىنىشى ۋە مەلۈم ئىقتىسادى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ئالدى كەينى رۇسلاش ئۈچۈن، 3يىلدىن 5يىل بىر دەمدە ئۆتۈپ كېتىدۇ.
    رۇخسەتنى تېزراق چىقىرىش ئۈچۈن ياۋروپادا ئارقا ئىشكىنى مەن كۆرمىدىم ئىشقىلىپ ئارقا ئىشىك بىلەن رۇخسەت چىقمايدۇ. بۇ ياۋروپا دىگەن ھەممە ئىشى سېستىمىغا چۈشۈپ بولغان شۇ سېستىما بىلەن ئادەم باشقۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەت بولغاچقا، ئاساسلىق ئارقا ئىشىك يوق پەقەت ئالدى ئىشكتىن ھەممە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدىكەن.
    دۆلەت تىلىنى ئۈگىنىش كۈرۈسلىرىغا ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
    ياۋروپادا بىكارلىق دەيدىغان ئوقۇم يوق، يەنى سىزگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەرگەندىن كېيىن  ئۇنىڭدىن ئۆينىڭ ئىجارە ھەققىنى، توك پۇلى، قاتارلىقلارنى چوقۇم بەرگەن پۇلدىن چىقىم قىلىپ تولەيسىز، ئاندىن قالغان قىسمنى قوساققا خەجلەيسىز.
ئۇ پۇللارنى بەك ئىنچىكە ھىساپلاپ بەرگەن بولغاچقا، ئىقتىساد قىلىپ ئېلىپ قېلىش ئىمكانىيىتى بەك ئاز.
    بالىلارغا بېرىلدىغان ياردەم پۇلى بولسا پاناھلىقى قوبۇل قىلغانلارنىڭ پەرزەتلىرى ئۈچۈن 0ياشتىن 16ياشقاكىرگىچە ھەممە كىشىگە بېرىدۇ، بەرگەن پۇل بەك كۆپ دەپ ئويلاپ قالماڭ بالىڭىزنىڭ زاكىسىغا ئاران يېتىدۇ.
    ئارتۇقچە خىزمەت ئىشلەيمەن دىيىش سىزنىڭ تىلىنى ئوقۇش جەريانىدا مۇمكىن بولمايدۇ، سىز مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ قوساقنىڭ غېمىنى قىلىپ بولغىچە كۈن كەچ بولىدۇ ھەم سىز چىقىپ قىلغۇدەك پارچە –پۇرات ئىشمۇ يوق، ياۋروپاغا كېلىپ باقمىغانلار ۋەتەن پەيدىسى بويىنچە ياكى باشقا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردەك ئويلاپ ھىساۋات قىلساق توغرا كەلمەيدۇ.
    تۇرمۇش پۇلى دىگەن پۇل بىزنىڭ ئۇيغۇرچە توۋەن كاپالەتلىك تۇرمۇش پۇلى دىگەن ئوخشاش مەنىدە كېلىدۇ.خىزمەتنى ئۆزىڭىز تاپىسىز خىزمەتكە بىر تۇتاش تەقسىم قىلىدىغان ئىش يوق.
    ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تۇركىيەدىن ئۆي ئېلىۋاتىدۇ دىسە پۇلىنى ئۇسۇپ تاپامدىكى دەپ ئويلاپ قالماڭلار، شۇ پۇلىنى ئۆي ئالغىدەك تاپقانلارنىڭ ئالدىغا 15يىل ، كەينىگە 10يىل بولغانلار تۇرمۇشىنى بىر رېتىمغا سېلىپ ئاندىن ئۆي ئالالىغانلار.
    ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە ئاساسلىق كۆپىنچە خەلق ئىجارە ئۆيدە ئۆلتۇرۇدۇ، چۈنكى ئۆي بەك قىممەت .بانكىدىن قەرز ئېلىش ئۈچۈنمۇ قەرىز تولىگىدەك ئايلىق كىرىمى بولۇش كېرەك.
    ياۋرۇپادا  قۇربان ھېيىت، رۇزا ھېيىلاردا ۋەتەندىكىدەك خالىغانچە قۇربانلىق قىلىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى بۇ دۆلەتتىمۇ قوينىمۇ قاسساپلىق كىنىشكىسى بار ئادەم ، قوي سويۇش ئورنىدا سويۈشى كېرەك ،خالىغان يەردە ۋەتەنپەدىسى قىلىش چەكلىنىدۇ.
    بىز قۇربانلىق قوينى باشقا دۆلەتتىكى قېرىنداشلار غا يوللاپ شۇنداق ئادا قىلىۋاتىمىز.
    شېۋىتسىيەدە مائارىپى يەسلىدىن تارتىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز ، بۇ يەردە ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن دىگەن ئىرادىسى مۇستەھكەم كىشلەر بولسا كېلىپ ئوقۇسا بولىدۇ، لىكىن بالىلارغا بولغان كەڭچىلىك ھەددىن ئارتۇق بولغاچقا كۆپىنچە بالىلار ھۆرۈن، ئەركىنلىك دائىرىسى كەڭرى بولغاچقا ئەركىنلىك دائىرىسى قىزىل سىزىقنى سىرتىدا .
    دىمەك ئاتا-ئانا سەل ھۇشيار بولۇپ، پەرزەتلىرى ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت ئاجىراتمىسا بالىلاردىن ئايرىلىپ قېلىشى ئېنىق.
بالىلارنىڭ ھوقوقى چوڭ بالىلارنى ئۇرۇپ تىللاشقا يول قويۇلمايدۇ ھەتتا قانۇنى جازاغا تارتىلىدۇ، قوشنىلار ئارقىلىق پاش قىلىنسا ھۆكۈمەت تەرەپتىن بالىلارنى ئۆزى تەربىيلەشكە ئېلىپ كېتىدۇ.
    بالىلارنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىش ، كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، بىزدەك چەتئەللەردە مۇنتىزىم مەكتىپىى يوق بىر مىللەت ئۈچۈن تولىمۇ قىيىن بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار جامائىتىنىڭ ئازلىقى ھەمدە تارقاقلىقى ، چەتئەلگە چىقىپ ا، مىللتىگە ئىگە چىقىش ، مەسئول بولۇش روھىنىڭ ئاجىزلىقى تۇپەيلى ئۆزىمىز توغرا دەپ ھىس قىلغان ھاياتتا ھەر خىل شەكىلدە ياشىماقتمىز.
    بولۇپمۇ بويتاق كېلىدىغان قىز -ئوغۇللارغا دەيدىغىنىم ئوقۇشنى نىيەت قىلىپ ئوقۇپ بىلىم ئالدىغان ئىرادىڭىزدا مۇستەھكەم بولسىڭىز كەلسىڭىز بولىدۇ، بولمىسا نىشانسىز ياشايمەن دىسڭىز كاللىدىن كەتمىسڭىزمۇ نېرۋىڭىز ئاجىزلاپ كېتىدۇ.ئائىلىسى بارلار ئۈچۈن تۇرمۇش بىر قەدەر ياخشى ئەمما بويتاقلار ئۈچۈن تۇرمۇش بىر قەدەر قىيىن كېلىدۇ.

    خۇلاسە كالام ، مەيلى ۋەتەندىن ياۋروپاغا چىقىپ كۆچمەن بولىمەن دەيدىغانلار بولسۇن، مەيلى تۇركىيەدىن قاچاق يوللار بىلەن ياۋرۇپادا ياشايمەن دەيدىغانلار بولسۇن سىز شۇنى ئۇنتۇماڭ، «قازاننىڭ قۇلىقى توت دەيدۇ» نەگە بېرىڭ ياخشى ياشاش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەش، ئىزدىنىش، تىرىشىش كېرەك.
    سىز جاپا تارتىپ ياۋرۇپاغا ياكى باشقا مەملىكەتلەرگە كۆچمەن بۇلىمەن دەپ سەرپ قىلغان شۇ ۋاقىتنى ۋەتەندە  سەرپ قىلسىڭىزمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ۋەتەندە تىرىشقان كىشلەرمۇ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلەيدۇ.
uyghuray

4

تېما

7

دوست

4044

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1174
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ياشىغان 7يىللىق ھاياتىمغا ۋە ياۋروپادىكى ھاياتنى كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە يېزىپ ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆرۈپ يېزىشقا تەييارلىق قىلغان بولساممۇ بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۈنالمىدىم.بۇ ئىككىسى قانداق گەپ
مەن ياۋرۇپاغا بېرىپ باقمىدىم شۇڭا ئۇ يەردىكى ھايات قانداق بىلمەيمەن ،

1

تېما

0

دوست

3370

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1010
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
كىم نەدە ياشىسا خۇشاللىق تاپسا شۇ يەردە ياشىسا بولىدۇ دەپ قارايمەن، بەزىلەر ئۆز يۇرتىدا خۇشاللىق تاپىدۇ، يەنە بەزىلەر چەت ئەللەردە خۇشاللىق تاپىدۇ. ئىشقىلىپ ھاياتى مەنىلىك، توغرا يولدا ئۆتسىلا كۇپايە. ھاياتتا قىلىشقا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغان بولسا ئۆلگەندە مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، ئادا قىلمىغان بولسا جازاسىنى تارتىدۇ. ئۆلمەسلىككە ھېچقانداق كىشنىڭ باھانىسى يوق، ئەجەل يەتكەندە ئۆلىدىغان گەپ، ئەجەل يېتىپ كېلىپ بولغىچە چوقۇم قىلىشىقا تېگىشلىك ئىشلارنى تولۇق قىلىشىمىز كېرەك.

0

تېما

0

دوست

364

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61998
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 106
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياۋرۇپا دېگەن خىرىستىيانلارنىڭ يۇرتى ، ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا خىرىستىيان بولمىغىچە ياۋروپاغا كىرگۈزمەيدكەن ، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلىقتىن ۋاز كىچپ خىرىستىيان بولغانلار ئىكەن ئىكەن ، پۇل ئۈچۈن ۋەتەندىن ، ئىماندىن ۋاز كەچكەن بىچارە خىرىستىيان كۈچىكى،
uyghuray

0

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34369
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-7
5#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بىر ھېكايە بولىدىغان. بىر پادىشاھ قوشنا ئەللەرگە ئۆز دۆلىتىدىن ھورۇن، پائىشە، قىماۋاز، ئالىم ، ئۆلىما بولۇپ بىر بىرسىگە بىلدۈرمەي بىردىن يولغا ساپتۇ.ئۇلار قايتىپ كەلگەندە پادىشاھ ئۇلارنى ئايرىم ئايرىم ھوزۇرىغا چاقىرىپ قوشنا ئەلنىڭ ئادەملىرى قانداقكەن دەپ سوراپتۇ ...مېنىڭچە ئاخىرنى يازمىساممۇ ئەقىللىق مۇنبەر ئەھلى پادىشاھنىڭ قانداق جاۋابلارغا ئېرىشكەنلىكنى بىلىپ بولدى

0

تېما

7

دوست

3928

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19582
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1200
توردىكى ۋاقتى: 609
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
hudaning-muxti يوللىغان ۋاقتى  2016-4-4 18:18
ياۋرۇپا دېگەن خىرىستىيانلارنىڭ يۇرتى ، ئاڭلاشلارغا ئا ...

  ئ‍ونداقمۇ دەپ كەتمەيلى! كۆرمەي، بىلمەي تۇرۇپ ، تۆھمەت بوپ قالىدۇ.

0

تېما

7

دوست

3928

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19582
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1200
توردىكى ۋاقتى: 609
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-10
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
izbasar375 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-4 17:34
مەنمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرىدە ياشىغان 7يىللىق ھاي ...

  شىۋىتسىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئ‍ۇيغۇرنىڭ يازمىسىنى يوللاپتۇ.

0

تېما

0

دوست

1287

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10978
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 377
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-6
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭچە ئۇرۇش ۋە جەڭگە ــ جىدەل قايناپ تۇرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرىگە قارىغاندا ياۋروپا كۆپ ياخشى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )