ماشىنامنىڭ شور پىشانىلىكى ۋە تەتۈر قىسمىتى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟
تۇرمۇش سەۋيىمىزنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ،تۇرالغۇ ۋە قاتناش ۋاستىلىرىغا بولغان ئىھتىياج كۈنسىرى موللىشىپ، قورولىرىمىز خىلمۇ خىل ماشىنىلار بىلەن بىزەلدى.مەيلى نەگىلا بولمىسۇن بېرىپ كېلىشتە شەخسى ماشىنىنىڭ رولىنى ھېچقانھېچقانداق قاتناش ۋاستىلىرى ئۆتىيەلمىگۈدەك ھالەت شەكىللەندى. پارتىيە مەركىزى كومىتىنىڭ توغرا يىتەكلىشى،جاڭ چۈشەن شۇجىنىڭ خەلىقچىل سىياسەتلىرى ئاستىدا ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ھەر بىرىمىز ئىقتىسادى ئەھۋالىمىزغاقاراپ خىلمۇ- خىل تىپ ۋە ماركىدىكى قاتناش قۇراللىرىنى ھەيدەش ۋە باشقۇرۇشنىڭ ئالتۇن پەسلىنى كۈتىۋالدۇق. لېكىن، پارتىيە مەركىزى كومتىتى چىرىكلىك ۋە خەلىقچىللىقتىن يىراقلاشقان باشقۇرۇش ئاپراتى ۋە ئەندىزىلىرىنى قەتئىي چەكلەۋاتقان،دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان،ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدە ئۇدا نەچچەيىل خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىش پائالىيەتلىرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى قالاقلىق،ئىش بجىرىش ئۇسۇلىدىكى بىكىنمىچىلىك كىشىگە بىر قىسىم سۇلالىلەر دەۋرىدىكى يامۇلچە ئىستىلنى ئەسلىتىدۇ. ئەر ئايال ئىككىمىز 4-ئاينىڭ بېشىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنىستىتوتىدا بىر ئايلىق تەربىلىنىش شەرپىگە ئېرىشتۇق.بۇ يەرگە كىلىپ شۇنى ھېس قىلدۇقكى بۇ مەكتەپ قەشقەر شەھرىنىڭ جەنۇبىدىكى يېڭى تەرەققىيات رايۇنى غا جايلىشىپتۇ،كۆلۈمى بەكلا چوڭ ئىكەن، ياتاق بىناسى بىلەن ئاشخانا ۋە ئوقۇتۇش رايۇنىنىڭ ئارلىقى بىرەر كىلومىتىردىن ئارتۇق كېلىدىكەن، بۇ ئورۇنغا قەشقەر شەھرى تەۋەسىدىكى بارلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنىمۇ ئورۇنلاشتۇرغان بولغاچقا مەكتەپ ئىچى ۋە ئالدى تەرەپلەر خېلىلا ئاۋات ئىكەن، دەرۋازىغا كىلىشىم ھامانلا دەرۋازىۋەن يۈگۈرۈپ كىلىپ،ماشىنىنى مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرشىكە بولمايدۇ،دەپ كەسكىن بۇيرۇق سوقتى،ئويلاپ قالدىم بۇ يەر ۋېرۇس بىلن بۇلغانغان يۇقۇم رايۇنمىدۇ؟ ۋە ياكى ئالاھىدە قىسىملار ھەركەت ئېلىپ بېرىۋاتقان جايمىدۇ؟ كۆز ئالدىمدىكى بۇ كەسكىن چەكلىمە مېنى قىسقا مۇددەت گاڭگىرىتىپ قويدى،قارسام باشقا بىر ماشىنا كىرىپ كىتىۋاتىدۇ؟ مەن دەرھا ل سوردۇم :- ئاۋۇ قانداق ماشىنا؟ مېنىڭ ماشىنام مەكتەپ ئىچىگە كىرسە، بىرەر يەرنى يىرتىۋىتەمدىكەن يا؟؟؟؟؟، بۇ دارىتما سۇئالىمدىن دەرۋازىۋەن كىچىككىنە ھودۇقتى لېكىن، سۆرۈن تەلەتىنى ئۆزگەرتمىگەن ھالدا؛-ئىشقىلىپ سىلەردەك تەربىيلىنىشكە كەلگەنلەرنىڭ ماشىناڭلارنى مەكتەپ ئىچىگە كىرگۈزمەيمىز، بۇ توغرىسىدا مەخسۇس بۇيرۇق بار،يول خېتى يوق ماشىنلار دەرۋازىدىن كىرسە بولمايدۇ،-دېدى. ئەمىسە مەكتەپ ئالدىدا قوياي دەپ، كەينىمگە يېنىپ دەرۋازىنىڭ سول تەرىپىدىكى بوش ئورۇنغا توختىتىۋىدىم، مەن تېخى ماشىنىدىن چۈشمەستىلا دەرۋازىۋەن يىتىپ كىلىپ، بۇ يەردىمۇ ماشىنا توختىتىشقا بولمايدۇ!!! دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
ئەمىسە نەگەباغلايىمەن بۇ ئىشەكنى؟؟!!دېدىم مەن. نەدە قويسىڭىز مەيلى، ئىشقىلىپ مەكتەپ ئىچىگە ئەكىرمەيسىز،دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى مىڭ مىتىر دائىرە مەكتىپىزگە تەۋە،مۇشۇ دائىرە ئىچىگە ماشىنا توختاتسىڭىز بىر قېتىملىقى ئۈچۈن ئىككى يۈز يۈەن جەرىمانە تۆلەيسىز!!! ئىچىگىمۇ ئەكىرمىسەك، سىرىتتىمۇ قويمىساق بۇ قانداق گەپ بولدى ئەمدى؟ تەربىيلىنىشنىڭ بېشىدىكى «ئاتقىمۇ مىنمەيسەن،پىيادىمۇ ماڭمايسەن؟»دېگەندەك بۇ ھېجىقىزسىمان ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كۆڭلۈم بىر ئاز غەش بولۇپ قالدى،بىز ئىنسان روھىنىڭ ئېنژېنىرلىرىغا قىلىنىغان بۇ مۇئامىلىنىڭ ئورامى بىللە كەلگەن تۆت نەپەر خىزمەتدېشىمنىڭ چىرىيىدا ھەيرانلىق ۋە نارازىلىق بىلەن ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى. ماشىنىدىن چۈشۈڭلار،ئەتىگىچە يول خېتى بىجىرۋالارمىز دەپ زورىغا تەسەللىي بىرىپ مەكتەپ ئىچىگە پىيادە كىرىپ كەتتۇق.تىزىملاش ئالدىمىزغا ئۇچراپ مەكتەپتىن چىقىۋاتقان،كىرىۋاتقان ھەر بىر ماشىنىغا ھەيرانلىق نەزىمىزدە باققىنىمىزچە تىزىملاش ئورنىغا كىردۇق. مالىيەبۆلۈمىدە تەربىيلەش ھەققى يىغىۋاتقان ئاران ئىككى نەپەر خادىمنىڭ خىزمەت سۈرئىتى ۋە سىجىللىقى ئون كۇۋادىرات مېتردىن ئاشمايدىغان بۇ ئىشخاندا يۈزدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قىستىلىشىپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۆچرەت ساقلىشىدەك غەلىتە ھالەتنى پەيدا قىلىغان ئىدى،تەخمىنەن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ساقلىغاندىن كېيىن نەقپۇل ئېلىشنى قەتئىي رەت قىلىپ كارتا سۈركەش ئارقىلىق تەربىيلەش ھەققىنى ئېلىۋاتقان ،يېشى چوڭراق كەلگەن،كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر ھەدىمىزنىڭ«ھازىرغىچە ئۆچرەتتە تۇرۋاتقانلار،ئەتە كىلىڭلار، بىزنىڭ ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىمىز يېقىنلاپ قالدى، بەرىبىر سىلەرنىڭ پۇلۇڭلارنى بۈگۈن ئېلىپ بولالمايمىز! ھېلى خاپا بولساڭلار بولمايدۇ، قايتىپ كىتىڭلار!» دېگەن باياناتىنى ئاڭلاپ، بىر بىرىمىزگە تەئەججۇپ بىلەن مەنىلىك قاراپ قويۇشتۇق، قانداق قىلىش كېرەك؟ بوپتۇ قايتىپ كېتەيلى، ئەتە سەھەردە كىلەرمىز، دىيىشىپ سالپىيىپ ئۆيگە قايىتىشتۇق، بۇ خىزمەت بىناسىدىن دەرۋازىغىچە بىر كىلومىتىرچە كىلىدىغان ئارلىقنى،سومكا، چامادانلىرىمىزنى كۆتەرگىنىمىزچە توختاۋسىز كىرىپ چىقىۋاتقان ماشىنلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ قايتىپ چىقىشتۇق، مەكتەپ ئىچىنىڭ ھەجىمى شۇقەدەر چوڭ تۇرسا بىزنىڭ ماشىنىمىز پاتماي قالماستى! دەپ ئويلاپ قالدىم دەرۋازىدىن چىقىۋېتىپ...
مانا بۈگۈن تەربىيلىنىشنىڭ ئۈچىنچى كۈننى كۈتۋالدۇق، ماشىنىمىزنى مەكتەپ سىرتىدىن خېلىلا يىراقتىكى ئۆلۈك بۇلۇڭلارغا قويۇپ، سىنىپىمىزدا ماشىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن پەيدا بولغان كىچىككىنە ئەندىشە ۋە تەشۋىش ئىچىدە دەرس ئاڭلاۋاتىمىز. بۈگۈنكى تۆتىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا سىنىپىمىزغا مەكتەپنىڭ قايسى بىر بۆلۈمىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى كىرىپ كەلدى،ئۇنىڭ تەھقىقلىشىچە بىزنىڭ ماشىنىمىزغا بۇ جايدا پەقەت ۋە پەقەت ئورۇن يوقكەن، مەكتەپ ئەتراپىدا بىر كىلومىتىر دائىرە ئىچىدە ماشىنىمىز بايقىلىپ قالسا، بىزنى بۇ تەربىيلەشتىن مەھرۇم قىلىپ خىزمەت ئورنىمىزغا ھەيدىۋەتكىدەك، شۇڭا ماشىنىمىزنى ئەكەلسەك بولمايدىكەن، ئۇ بۇيەرگە پىكىر ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، ھەيۋە ئارلاش ئۇقتۇرۇشىنى جاكارلىغىلى كىرىپتىمىش. ئۇنىڭ قىياپىتىدىكى سۈر، ھەيۋە، سۆزلىرىدىكى دىكەش ۋە دارىتمىلاشھەم دەلدۈشلىكتىن، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋايى قەبىلىلەرنىڭ قىياپەتلىرىنى پەرەز قىلىش قىيىن ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ تاقىۋالغان كۆز، ئەينىكىلا بىزنى ئۇ خىيالدىن بۇ دەۋىرگە قايتۇرۇپ ئەكىلەتتى.
مەركەز نۆۋەتتە مەمىلىكەت تەۋەسىدىكى بارلىق مەمۇرى تارماقلاردىن باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىكى ھاكىمىيەت شەكلىدىن،مۇلازىمەت تىپىدىكى ھاكىمىيەت ئورگىنىغا ئايلىنىپ،ھەممە ئىشتا خەلق رايىنى ئاساس قىلىش، دۆلەتنى قانۇن بويچە ئىدارە قىلىشتاچىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، خوش ئۇنداقتا قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتوتىدىكى مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ چىقىۋاتقان ماشىنىلار بىلەن مېنىڭۋەم مەندەكلەرنىڭ ئۆلۈك بۇلۇڭلارغا تاشللىنىپ قېلىپ خاتىرجەم بولالمايۋاتقان بىچارە ھەم بەخىتسىز ماشىنامنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىكى قېنى؟ يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويچە بۇ يەرگە كىلىپ، بەلگىلىك سوممىدىكى تەربىيلەش ھەققىنى تاپشۇرۇپ، بىر ئاي تۇرىدىغان ئورۇندا ئۆز مال-مۈلكۈمگە بولغان قانۇنى ھەقدارلىقىمنى تاپالمايۋاتقان مەندەك بىر بىقۇۋۇل«ئېنژىنېر» ئۇ باراۋەرلىكنى قەيەردىن تاپىمەن...
ھاسىل كالام، نۆۋەتتە ئىنسانىيەت ئۇچۇر تېخنىكا دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، مەدەنى ئىش پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان، ئۇلۇق ۋەتىنىمىزدىكى 56 مىللەت بىر دەستە گۈل كەبى ئۆم ،ئىناق ياشاش ۋە قانۇنى باراۋەرلىك تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نىمە ئۈچۈن،مەندەك تەربىيلىنىشكە كەلگەن 500گە يېقىن ئوقۇتقۇچىنىڭ (ئەلۋەتتە ھەممىسىنىڭ ماشىنىسى يوق)ماشىنىسى ۋە مېنىڭ ماشىنام مەن بىلەن بىللە مەكتەپكە كىرەلمەيدۇ؟ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئەل رايى ئاساس قىلىنىدىغان، ھەممە ئىشتا خەلىققە قۇلايلىق يارتىش باش مەقسەت قىلىنىدىغان بۈگۈنكى كۈندە قەشقەر مائارىپ ئىنىسستىتوتىدىكىلەر قاچانغىچە ھوقۇق يۈرگۈزىشتە مەركەزنىڭ تەلىپىدىن يىراقلىشىپ، بىكىنمىچىلىك ۋە ئىش بىجىرىشتىكى ئەسەبىيلىك قاينىمىدا قايمۇقۇپ ، ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ئاممنىڭ قىيىنچىلقىنى ئاۋۇتۇپ بارىدۇ؟ كەمىنە سەھراداياشىغان ، تۆۋەن تەبىقىدىن چىققان ،ھىماتسىز بىر ئوقۇتقۇچى ( ئېنژىنېر )بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ بىجىرىش قاتلىمىدىكى بۇ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ كىسىپ تاشلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەم باشقىلارنىمۇ بۇنىڭغا ئىشىنىشكە تەشەببۇسلايمەن خالاس.
2016-يىلى ئاپىرىل قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ«ئىللىق»قوينىدا قەلەمگە ئېلىندى. |