- تىزىملاتقان
- 2011-9-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8575
- نادىر
- 0
- يازما
- 380
ئۆسۈش
71.5%
|
ئۇلار ئىپپەت ساتىدىكەن !
(ماقالە)
مۇدىكى بارنىڭ خۇدىكى بار دىگەندەك ئىپپەتنىڭ گېپى چىقسا بېشى ئاغىرىيدىغانلارنىڭ چۇقۇمكى ئىپپىتى يوق .
ئەجدا دىىمىزنى دائىم كونا، تەرەققىي قىلمىغان، قالاق دەۋىردە ياشىغان ، نە مۇھەببەت ، نە سېسىياتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ ، خۇددىي ياۋاش، گوشۋاش كۆرگەندەك مەڭسىتمىگەن ھالەتتە تىلغا ئالىمىز، ھازىرمۇ كونىچىراق خۇي-پەيلى ، ئۆرۈپ ئادىتى بارلارنى كۆزگە ئىلمايمىز ، دەۋرىمىزدە قىز كەلتۈرۈشمۇ كاتتا بىر تالانىت ھىساپلىنىدۇ ،مانا يېڭى دەۋىردە ياشاۋاتقان سىلە بىزلەر ، مۇھەبببەتنى، ھېسىياتنى ۋە شوقلۇقنى چەكتىن ئاشۇرۇپ شاشلىشىپ ، ئۈزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا ھاياسىزلىقتىن ئىبارەت بولغان چوڭقۇر قالاقلىق ئازگىلىغا پاتتۇق ، مۇھەببەتلىشىش دىسە پەقەت توي قىلمىغان يۈرىۋاتقان قىز- يىگىتلا يادىمىزغا كىلىدۇ ،ئەمما مۇھەببەتنىڭ ئادەم ئەخلاقنى ئۈزىگە مۇجەسسەملەپ مەلۇم ئەخلاقنىڭ پەللىسىگە يەتكەندىلا ھاسىل بۇلىدىغان ، پەس ، ئەخلاقسىز يۈرەكلەردە ئۇچقۇنىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان بىر يۈرەك جەۋھىرى ئىكەنلىكىنى بىلمىسەك كىرەك.
ئەمما بىز مۇھەببەتنى ھاياسىزلىقتىن ئىزلىدۇق ، ئاخىرى ئىرىشكەن نەتىنجىرىمىز كۇچىغا چىقىپ << ئىپپەت ساتىمەن 600 يۈئەن ، ئاغىرتمايدۇ، ئىشەنچىلىك ، 3 ،مىنۇتتا ئوپراسىيە تۈگەيدۇ ،ھىچ ئىشىڭىزغا دەخلىسى بولمايدۇ >> دەپ تەشۋىقات تارقىتىشتەك ، غورورنى ، ۋىجداننى ، ئەخلاق ۋە ھايانى دەپسەندە قىلىپ 21 - ئەسىرنىڭ يېڭى قالاقلىقىنى نامايەن قىلدۇق ، قىزلىرىمىزمۇ خاتىرجەملەشتى ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە 600 يۈئەنگە پاكلىق ، ۋىجدان ئەخلاق ، ھايا نى سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ، يىگىتلەرنىڭ نەزىرىدىمۇ بىر قىزنىڭ جېنىدىن ئەزىز ئىپپىتىگە بىر ئاماللارنى قىلىپ ئالداپ - سالداپ ئىبلىس ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن 600 يۈئەنگە دەپسەندە قىلغان غورۇرى بىلەن پاكلىقىنى تۈلەپ بىرىش ، قىلغان ئىشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ھىساپلىنىدۇ.
دىمەك غەم تۈگىدى ، ئىشلار جايىغا چۈشتى ، قىزلارمۇ مېنىڭدەك بىر گۆشۋاشتىن بىرنى ئالداپ توي ئاخشىمىنى ئۆتكۈزىۋالغانغا خوش ، يىگىتنىڭغۇ ئەسلا غېمى يوق ، چۈنكى ئۇنىڭ كەلگۈسىنىڭ بىر ئانىسىنىڭ جاندىن ئەزىز پاكلىقىنى مەينەتلىك بىلەن بۇلغىۋەتكىنىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ ئەمەسمۇ.
ئەمما يىگىت بولسۇن قىز بولسۇن ، بىر نەرسە يۇقۇپ قالىدۇ ، يەنى ئەخلاقنىڭ نەق ئەكسى بولغان ھاياسىزلىق ، بۇلاردىن ياخشى ئەۋلات بارلىققا كەلمەيدۇ ، ئەۋلادى بۇلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلىدۇ ، نەۋرىسى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
يىگىتلەر ..... زىنا ئالدىمىزغا كەلسە يۈسۈپ پەيغەمبەردەك يەتتە قات قۇلۇپلانغان ئىشىكنى بۈسۈپ چىقىپ كىتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن ئەمما شۇ زىنا سورىنىنى ئۈزىمىز ھازىرلىمىساق .
قىزلار .... ئىپپىتى ئۈچۈن نۇزۇگۇمدەك ئۈلەلمىسىمۇ( ئىزاھات: ئۈزىنىڭ ھىچقانداق سەۋەنلىكى يوق، مەجبۇرى ، ئاياق ئاستە قىلىنسا ئۇ ئەلۋەتتە پاك). ،كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەي ، يىگىتنىڭ پەس نىيتىنى بىلگەن ھامان تازا كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالالىسا ، ۋىجدان ۋە ئادىمىيلىكنىڭ تۈۋرىكى بولغان ھايا ئۇل سالغان بۇلاتتى.
مىڭ ئەپسۇس...........ئىنسان ئوتتۇرسىدىكى ئەخلاقنى تارمار قىلىش ۋە ھاياسىزلىك كۇچىسىغا داغدام يول ھازىرلاپ بىرىشتە ئەلۋەتتە ئىپپەت سېتىۋاتقانلارنىڭمۇ بىر كىشىلىك قۇلى بار.
مەن دا ئىم يېزامنىڭ كۇچىلىرىدا ئىپپەت ئېلانى تارقىتىېاتقانلارنى كۈرىمەن ، ئۇلار خۇددىي << خاتىرجەم بۇزۇقچىلىق قىلىڭلار ،مەسىلەڭلارنى بىز ھەل قىلىمىز >> دەپ شەيتان بىلەن شۇ ئار توۋلاۋاتقاندەك ئاڭلىنىپ كىتىدۇ.
يىگىتلەر !!!!!!!!!!!!!!!! بىزنىڭ شۇ سۈننى ئىپپەتكە ئېھتىياجىمىز بارمۇ ؟
ئۇنىڭ بىرەر ياخشى تەرىپى بارمۇ ؟
ئىپپەت سېتىش جەمىيەتنىڭ غېمىنى يۇقىتىشمۇ ياكى تۈزۈكلەردىن باش قېتىمچىلىقى تېپىپ بىرىشمۇ ؟
مەنبە : قەلبىم. |
|