قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2742|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەليۈكسەل: دادىلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

1019

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59522
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 360
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-15 13:44:01 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش


دادىلار بىلىشكە تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار

ئەليۈكسەل


بىز قۇياش، ئاي ۋە ئاسمانغا قاراش ئارقىلىق ئىككى نەرسىنى ئېسىمىزگە سالالايمىز. ئۇنىڭ بىرى، ۋاقىتقا ھۆرمەت قىلىش. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا، بىر تەڭپۇڭلاشقان ھاياتنى ياشاش، ياكى ھاياتىمىزنىڭ بىر تارازىسى بار بولۇش.

ھازىر بىزدە ئەڭ كەم نەرسىلەرنىڭ بىرى تەڭپۇڭلۇق. ئەرلەردە تەڭپۇڭلۇق كەم. ئاياللاردا تەڭپۇڭلۇق كەم. بالىلاردا تەڭپۇڭلۇق كەم. ئون-نەچچە ياشلىق ئۆسمۈرلەردە تەڭپۇڭلۇق كەم. ئەر-خوتۇنلاردا تەڭپۇڭلۇق كەم. ئاتا-ئانىلاردا تەڭپۇڭلۇق كەم. كارخانا ئىگىلىرىدە تەڭپۇڭلۇق كەم. خىزمەتچىلەردە تەڭپۇڭلۇق كەم. قىسقىسى، كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە تەڭپۇڭلۇق كەم. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا بىردىن ئايرىم تارازىسى بار بولىدۇ. مەن مەزكۇر يازمىدا دادىلار ئۈستىدە توختىلىمەن. يەنى، ئائىلىدىكى مۇناسىۋەت ۋە بالا تەربىيىسىدە دادىلار بىلىشكە تېگىشلىك بىر قانچە مۇھىم ئىشلارنى بايان قىلىمەن.

ئەرلەر بېسىم ئىچىدە ياشايدۇ

ئەگەر سىز بىر ئايالنىڭ ئېرى، ۋە بىر ياكى بىر قانچە بالىلارنىڭ دادىسى بولىدىكەنسىز، سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز سىزدىن ۋاقىت تالىشىدۇ - ئاپىڭىز سىزدىن ئۆزىگە ئېتىبار بېرىشنى، ۋە دادىڭىز سىزدىن ئۆزىگە ۋاقىت ئاجرىتىشنى ئىستەيدۇ. ئايالىڭىز سىزدىن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. بالىلىرىڭىز سىزدىن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. خىزمىتىڭىز سىزدىن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. چېنىقىش سىزدىن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. دوستلىرىڭىز سىزدىن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىڭىزنى نورمال تۇتۇش ئۈچۈن سىز ئۆزىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدىن ۋاقىت تەلەپ قىلىسىز. خىزمەتكە بېرىپ-كېلىش سىزدىن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، خىزمەتتە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ساقلاپ مېڭىش سىزدىن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. داۋاملىق ئوقۇش سىزدىن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بىز يۇقىرىدىكى ھەر بىر تەلەپنى بىر زەنجىر، دەپ پەرەز قىلساق، سىزنى 20 زەنجىر 20 تەرەپكە تارتىپ، سىزنى ۋەيران قىلىشقا تاس قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئۈچۈن تۇرمۇشتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئىنتايىن قىيىن. سىز ئايالىڭىزغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتالمايسىز. بالىلىرىڭىزغا يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتالمايسىز. بەزى ئاياللار ئېرىنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بولمىغىنىدىن خوش بولىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ئاياللار سىزنى «داۋاملىق كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرىدۇ، داۋاملىق تېلېفوندا سۆزلىشىدۇ، ماڭا ئازراقمۇ ۋاقىت ئاجراتمايدۇ»، دەپ، سىزدىن نارازى بولىدۇ. دوستلىرىڭىز «سېنىڭ بىزگە ئاجرىتىدىغان ۋاقتىڭ يوق، سەن زادى بىز بىلەن بىللە بولمايسەن»، دەپ، سىزدىن يامانلايدۇ. خىزمەتتىن سەل بالدۇرراق چۈشۈپ ئۆيگە ماڭسىڭىز، باشلىقىڭىز «تولۇق ئىشلىمىدىڭ»، دەپ سىزدىن خاپا بولىدۇ. مانا بۇ بىر ئەر ۋە دادىنىڭ تەقدىرى.

ئەگەر سىز بىر دادا بولسىڭىز، سىزدىن ھېچ كىم رازى بولمايدۇ. سىز توي قىلغاندا، شۇنىڭدىن باشلاپ ئەنە شۇنداق ياشايدىغانغا ماقۇل بولغان بولىسىز. ئوغۇللىرىمىز توي قىلغاندا بىز مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ھەرگىزمۇ دېمەيمىز.

ئەمما، يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز. ئەگەر سىز ۋە مەن ئاشۇ مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇلۇپ قالغان بولساق، بىز ئاسمانغا قاراپ بېقىشىمىز كېرەك.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا يۇقىرىدىكى ئىشلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بىر ئاسان ئىش ئەمەس بولۇپ چىقىدۇ. بەزىدە سىز ئايالىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتنى ناھايىتى ياخشى ئېلىپ ماڭىسىز، ئەمما ئاتا-ئانىڭىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ئانچە ياخشى بولمايدۇ. بەزىدە سىز بىر ناھايىتى ياخشى خىزمەتكە ئورۇنلىشىسىز، ئەمما ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىڭىز ئانچە ياخشى ماڭمايدۇ. بەزىدە سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ۋە ئائىلىڭىز ياخشى ماڭىدۇ، ئەمما دوستلىرىڭىزغا ۋاقىت چىقىرالمايسىز. مۇشۇنداق تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بەرگەندە، كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزلىرى ياخشى قىلالايدىغان ئىشلارنىلا تاللاپ قىلىپ، ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاشۇ ئىشلارغىلا ئاجرىتىدۇ. قالغان ئىشلارنى بولسا «مەن ئۈچۈن قولايسىز ئىشلار»، دەپ، بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ.

بەزىلەرنىڭ ئائىلىدىكى مۇناسىۋىتى نورمال بولماي قالغاندا، سىرتتىكى بىرەر پائالىيەتكە ناھايىتى ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆيىگە كەتكىلى ئۇنىمايدۇ. ئۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچى «ئەمدى ئىشلار تۈگىدى، ئۆيگە قايتىڭ»، دېسە، «ياق، مەن يەنە ئازراق ياردەم قىلاي»، دەپ، ئۆيىگە كەتكىلى ئۇنىمايدۇ. يەنى، بىرەر ئىشنى باھانە قىلىپ، ئايالىنىڭ قېشىغا كېتىشكە ئۇنىمايدۇ. بۇنداق مۇناسىۋەتتە ئېغىر مەسىلە بار.

بالىغا ۋاقىت ئاجرىتىش

بىز قانداق قىلغاندا بالىلارنى ياخشى تەربىيىلىيەلەيمىز؟ بالىلار ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسە دادىسىنىڭ ۋاقتى. دادىلار چوقۇم بىر قىسىم ۋاقىتنى بالىلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ھازىر نۇرغۇن دادىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر خىل ناھايىتى سۈنئىي ھالەتكە كىرىپ قالدى. ئۇلارنىڭ بالىلىرىدىن سورايدىغان سوئاللىرى پەقەتلا:
--تاپشۇرۇقنى ئىشلىدىڭمۇ؟
--ئوقۇشۇڭ قانداقراق كېتىۋاتىدۇ؟
--كەچلىك تاماقنى يېدىڭمۇ؟

دېگەندەك سوئاللار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بەزى دادىلار سوئالنى سوراپ، بالىسى جاۋابنى تولۇق دەپ بېرىپ بولغۇچە «بولدى، بولدى. چىقىپ ئۇخلا. مەن تېلېۋىزوردا بىر ئاز خەۋەر كۆرۈۋالاي»، دەپ، بالىسىنىڭ گېپىنى تۈگىتىۋېلىشىغىمۇ پۇرسەت بەرمەيدۇ. دادا-بالا مۇناسىۋىتى مانا مۇشۇنداق ئىنتايىن تېيىز ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. بالىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئۇلار بىلەن ئىسپورت ئوينىشىمىز كېرەك. ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ نېمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇلار كومپيۇتېر ئويۇنى ئوينىغان بولسا، بىزمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئوينىشىمىز، بولسا كومپيۇتېر ئويۇنىغا ئۇلاردىن ئۇستىراق بولۇشىمىز كېرەك. ئەگەر سىز بالىڭىزنىڭ كومپيۇتېر ئويۇنى ئوينىشىغا يول قويغان بولسىڭىز، سىزمۇ ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئويناڭ. قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا سىز بالىڭىز قىلغان ئىشنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە قىلىڭ. بالىڭىز قايسى ئارتىسنى ياخشى كۆرىدۇ، قايسى ئىسپورتنى ياخشى كۆرىدۇ، قايسى بالا بىلەن ئەڭ ياخشى دوست بولۇپ ئۆتىدۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىز ناھايىتى ئوبدان بىلىشىڭىز كېرەك. سىز بىر دادا بولغاندىكىن، مۇشۇنداق ئىشلارنى تولۇق بىلىشىڭىز كېرەك. بۇ سىزنىڭ خىزمىتىڭىز.

دادىلار بالىلىرىنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېرىشتە ئىنتايىن ناچار كېلىدۇ. ياراتقۇچىمىز ئەرلەرنى خېلى كۆپ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشتە ئاجىز قىلىپ ياراتقان بولۇپ، كىچىك بالىلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتى بولماسلىق شۇلارنىڭ بىرىدۇر.


t11_Father Daughter Dance.jpg
1-رەسىم: بىر دادا ۋە ئۇنىڭ قىزى

كىچىك قىزلار ناھايىتى كۆپ سۆزلەيدۇ

كىچىك قىز بالىلار گەپ قىلىشقا ناھايىتى ئامراق كېلىدۇ. ئەگەر سىز بىر دادا بولسىڭىز، قىزىڭىزنىڭ گەپلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىشىڭىز كېرەك. ئۇلارنىڭ گېپىگە تولۇق دىققەت قىلىپ، ئۇلاردىن قىزىقارلىق سوئاللارنى سوراپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. قىزىڭىز سىزگە گەپ قىلىۋاتقاندا، سىز باشقا بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، قىزىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنداق قىلسىڭىز سۈنئىيلىك قىلغان بولىسىز، يالغانچىلىق قىلغان بولىسىز. قىزلار ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ، ئۇلار سىزنىڭ يالغاندىن بىر ئاڭلاۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقىڭىزنى ئاسانلا بىلىپ قالىدۇ.
--دادا، بۈگۈن مەكتەپتە مۇنداق مۇنداق ئىشلار بولدى.
--شۇنداقمۇ؟
--دادا، بۈگۈن مەن مۇنداق بىر ئىشنى كۆردۈم.
--مۇنداق دەڭ.
--دادا، بۈگۈن مەن بىر پارچە رەسىم سىزدىم.
--قالتىس سىزىپسىز.
--دادا، سىز ماڭا 30 سوم پۇل بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.
--شۇنداق. نېمە، نېمە؟ مەن قاچان شۇنداق قىلغان؟
--ھى، ھى، ھى.

بالا كىچىك ۋاقتىدىلا، ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش

ئۆيىڭىزگە بالىلىرىڭىز ئۇخلاپ بولغاندا كەلمەڭ. ئۆيىڭىزگە ئۇنداق كەچ كەلمەڭ. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى چۈش سائەت 12 بولغۇچە ئۇخلىماڭ. سىز ئۇخلاپ، بالىلىرىڭىز تېلېۋىزور كۆرمىسۇن. ئەگەر سىز بالىڭىز كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇلار بىلەن بىر قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتمايدىكەنسىز، ئۇلار 13 ياكى 14 ياشقا كىرگەندە سىز ئۇلار بىلەن بىر يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتالمايسىز. سىز بالىلارغا قىزىقمايدىكەنسىز، ئۇلارمۇ سىزگە قىزىقمايدۇ. بۇ سىز ۋۇجۇدقا كەلتۈرمىسىڭىز بولمايدىغان تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ بىرى. دادا بىلەن ئۇنىڭ قىزى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ شۇنداق. بۇ تەڭپۇڭلۇق بالا كىچىك ۋاقتىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك.

ئايالىغا ۋاقىت بېرىش

نۇرغۇن ئاياللار ئېرىگە رازى ئەمەس. ئايالىڭىز سىزگە نارازىلىق بىلدۈرسە، سىز «مەن پۇل تېپىۋاتىمەن، ئۆيگە كېتىدىغان چىقىمنى ھەل قىلىۋاتىمەن. مەن ئازراق تېلېۋىزور كۆرسەم نېمە بولۇپتۇ؟» دەپ ئۇنىڭغا ھومىيىپ قوپىسىز. ئايالىڭىز دوستى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشسە، «سەن نېمىشقا ئەتىگەندىن كەچكىچە باشقىلار بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىسەن؟» دەپ، ئۇنىڭغا خاپا بولىسىز. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋاقتىڭىز بولمىغاندىكىن، ئۇ شۇنداق قىلىدۇ.

--بۈگۈن خىزمىتىڭىز قانداقراق ئۆتتى؟
--مەن سېنىڭ كىچىككىنە مېڭەڭنى خىزمەت ئىشلىرى بىلەن قايمۇقتۇرغۇم يوق. بېرىپ ئېشىڭنى ئەتكىن. خىزمەتنىڭ ئىشىنى مەن ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلاي. سەن ئۇنىڭغا باش قاتۇرما.

سىز مۇشۇنداق پاراڭلاردا ئايالىڭىزنى كۆزگە ئىلمايدىكەنسىز، ئايالىڭىزمۇ سىزدىن زېرىكىدۇ. ئايالىڭىز ئۆزىنى سىزنىڭ شېرىكىڭىز ئەمەستەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئىمكانقەدەر ئايالىڭىزنى سىز قىلىۋاتقان ئىشلارغا تەۋە كىشىلەرنىڭ بىرىدەك تۇيغۇغا ئېرىشتۈرۈڭ.

ئىمكانىيەت يار بەرسە، سىز ھەر ھەپتىدە بىر كۈن بالىڭىزنى ئۆزىڭىز بېقىپ، ئايالىڭىزنى ئۆز دوستلىرى بىلەن بىللە بولۇشقا قويۇپ بېرىڭ. بىلىمەن، بەزىلەر ئۈچۈن بۇ بىر ناھايىتى ئازابلىق ئىشتەك تۇيۇلىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىككى پايدىسى بار. ئۇنىڭ بىرى، ئايالىڭىزغا بىر ئاز نەپەس ئېلىش بوشلۇقى ھازىرلاپ بېرىش. ئۇنىڭ يەنە بىرى، سىز ئۆزىڭىز بالا بېقىشنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلىپ، ئايالىڭىزنى يېتەرلىك دەرىجىدە قەدىرلەيدىغان بولۇش. سىز بالىڭىزنى ئۆزىڭىز يالغۇز باققاندا، دەسلىپىدە ئۆزىڭىزگە ئوكسىگېن يېتىشمەيۋاتقاندەك، بالا بېقىش ئىنتايىن قىيىن ئىشتەك تۇيۇلىدۇ. مانا بۇ سىزنىڭ بالىڭىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ۋاقتىڭىزنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنىڭ، بىر ئايال كىشىنىڭ ياردىمىسىز، ئۆزىڭىز يالغۇز بالا بېقىپ باقمىغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى. بالىغا يالغۇز قاراش ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس. ئەمما بۇ بىز ئەمەلگە ئاشۇرمىساق بولمايدىغان تەڭپۇڭلۇقنىڭ بىر قىسمى.

ئانىسى ۋە ئايالى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

سىز بەزىدە ئاپىڭىزنىڭ قېشىغا بارماقچى بولسىڭىز، ئايالىڭىز «ئاپىڭىزنىڭ ئۆيىگە بارماڭ»، دەيدۇ. ئاپىڭىزنىڭ ئۆيىگە بارسىڭىز، ئاپىڭىز سىزگە «مېنىڭ ئىككىنچى سېنىڭ ئايالىڭنى كۆرگۈم يوق»، دەيدۇ. ئۇلارغا نېمە بولغانكىن، بەزى ئائىلىلەردە بۇ ئىككى ئايال بىر-بىرىگە ئىنتايىن ئۆچ كېلىدۇ. بىر-بىرى بىلەن ھەقىقەتەنمۇ چىقىشالمايدۇ. ئەمما ئۇلار بىر-بىرىگە «مەن سىزگە ئىنتايىن ئۆچ» دېمەيدۇ. ئايالىڭىز «مەن ئاپاڭغا ئىنتايىن ئۆچ» دېسە، ئاپىڭىز «مەن ئايالىڭغا ئىنتايىن ئۆچ»، دەپ، بۇ گەپلەرنى پەقەت سىزگىلا دەيدۇ. داۋاملىق سىزنىڭ قۇلىقىڭىزنى ئاغرىتىدۇ. بىرى ئوڭ قۇلىقىڭىزغا دېسە، يەنە بىرى سول قۇلىقىڭىزغا دەيدۇ. سىز بۇ ئىككى ئايالنىڭ ھەر ئىككىسىگە كۆيۈپ، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ساراڭلارچە غەزەپلىرىنى بېسىقتۇرمىسىڭىز بولمايدۇ.

سىز بىر مەزگىل ئاپىڭىزغا تېلېفون قىلىشنى ئۇنتۇلۇپ قالسىڭىز، ئاپىڭىز سىزگە «ئايالىڭ سېنى ماڭا تېلېفون قىلدۇرمىدى-ھە؟ مەن بىلىمەن، مەن بىلىمەن» دەيدۇ. سىز ئاپىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئازراق ھايال بولۇپ قالسىڭىز، ئايالىڭىز سىزگە تېلېفون قىلىپ، «بولمىسا سەن ئاشۇ ئۆيدىلا ياشىغىن»، دەيدۇ. سىز ئاشۇنداق دەردلەرنى كۆپ تارتىپ، چېچىڭىز بالدۇر چۈشۈپ كەتسە، ئۇلار «سېنىڭ چېچىڭ ھەجەپ بەك بالدۇرلا چۈشۈپ كەتتا. ساڭا نېمە بولغاندۇ؟» دەيدۇ.

ئائىلىنىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلاپ مېڭىش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز بولغاچقا، سىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئاپىڭىز ۋە ئايالىڭىزدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئايالدىن زېرىكىپ كەتمەسلىكنى، ئۇلارنىڭ يۇقىرىقىدەك مۇناسىۋىتىگە سەۋر قىلىشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، سىزنى قىيىن ئەھۋالغا قويىدىكەن، سىز گەپكە چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇلاردىكى جىددىيلىكنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە تىرىشىڭ.

سىز بىلەن توي قىلغان كىشى بىر خىزمەتچى ئەمەس. ئۇ سىزنىڭ ئايالىڭىز. سىزنىڭ ئالغىنىڭىز يەنە بىر ئاتا-ئانىنىڭ قىزى. ئايالىڭىزنى قوغداش، ئايالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىش، ۋە ئۇنى غۇرۇر بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش سىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىڭىز. ئۇ سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز. سىزنىڭ توي قىلىپ ئالغىنىڭىز ئاپىڭىزنىڭ ياردەمچىسى ئەمەس. بىزنىڭ دىنىمىز ئايالىغا بىر خىزمەتچىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا يول قويمايدۇ. ئاپىڭىز سىزنىڭ ئاپىڭىز. ئۇ ئايالىڭىزنىڭ ئاپىسى ئەمەس. بۇ ئەمەلگە ئاشۇرمىسا بولمايدىغان تەڭپۇڭلۇقنىڭ بىر قىسمى. ئايالىڭىزنىڭ سىزدە ھەققى بار. ئايالىڭىزنىڭ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بەلگىلىك مەسئۇلىيىتىمۇ بار. سىز ئايالىڭىزنى توي كېلىشىمىنىڭ ئىچىدە ئەمەس ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىسىڭىز بولمايدۇ.

بالىنى ئالدىراش تۇتۇش

بىكار يۈرىدىغان ياشلاردىن چوقۇم مەسىلە چىقىدۇ. خىزمەت يېشىغا توشقان بالىڭىزنى ئىمكانىيەت يار بېرىدىكەن چوقۇم خىزمەتكە سېلىڭ. بالىنى خىزمەت، ئۆگىنىش، ئىسپورت دېگەندەك ئىشلار بىلەن داۋاملىق ئالدىراش تۇتۇڭ. ئۇلارنى داۋاملىق بىر خىل ھارغىن ھالەتتە تۇتۇڭ. ئەگەر بالىڭىز ئىشلەشنى خالىمىسا، ئۇنى بىرەر ئىسپورتقا بېرىڭ. ھەرگىزمۇ ئۇنى بىكار تاشلاپ قويماڭ. ۋاقتى بىكارچىلىقتا ئۆتىدىغان بالىدىن چوقۇم ئىش چىقىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ «شۇنداق بولامدىكىن»، دېگەن مەسىلە ئەمەس. ئۇ بىر «قاچان بولىدۇ» دېگەن مەسىلە. ئۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى بىر مۇقەررەرلىكتۇر.

بالىڭىز پەقەت بىر رەسمىي خىزمەتنى باشلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن پۇلنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ. ئىمكانقەدەر بالىڭىزغا ماشىنىنى سىز ئېلىپ بەرمەڭ. ئۇ پۇلنى ئۆزى ئىشلەپ تېپىپ، ئاندىن ماشىنىنى ئۆز پۇلى بىلەن ئالسۇن. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن بالىڭىز ماشىنىسىنى قەدىرلەيدۇ. بىز بالىلىرىمىزنى پۇلغا ھۆرمەت قىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلىشىمىز كېرەك. بىز بالىغا ھەممە نەرسىنى ئېلىپ بەرسەك، بالا ھەرگىزمۇ پۇلغا ھۆرمەت قىلمايدۇ. بۇ ئىش ئىنتايىن مۇھىم.

بىز بالىمىزنى بېقىپ چوڭ قىلىمىز. ئۇنىڭ بىر ئىنتايىن پارلاق ئىستىقبالغا ئېرىشىشىنى ئىستەيمىز. ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سىز بەزىدە «مەن شۇنچىۋالا كۆپ پۇل تېپىۋاتسام، ئەگەر ئاشۇ پۇل بىلەن بالامنى بىر ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرمىسەم، مەندە ئۇنچىۋالا كۆپ پۇل بار بولغىنىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟» دەپ ئويلايسىز. شۇنىڭ بىلەن بالىغا بولغان كۆيۈنۈش مەيدانىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇنى-بۇنى ئېلىپ بېرىسىز. بۇ ئاتا-ئانىلاردا بار بولغان بىر خىل تەبىئىي كۆڭۈلدۇر. ئەمما، ئەگەر سىز بالىڭىزغا ھەممە نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىدىكەنسىز، ئۇ ھالدا بالىڭىزنى زەھەرلەيسىز. ئەمەلىيەتتە سىز ئۇنىڭغا ياردەم قىلماي، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىسىز. بىر ئادەم سىزدىن «بالىڭىزغا ھېچ نەرسە ئېلىپ بەرمەڭ»، دېگەننى تەلەپ قىلالمايدۇ. ئەمما بۇنداق ئىشلار مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. بالا تەلەپ قىلغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ بېرىشنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالماسلىق كېرەك. ئەگەر سىز بالىڭىزغا ھەممە نەرسىنى ئېلىپ بېرىدىكەنسىز، سىز بالىڭىز ئۈچۈن بىر خۇسۇسىي بانكا بولۇپ قالىسىز. بالىڭىزنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا قىممىتىڭىز بولمايدۇ. بۇ بىر ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋال. بۇ بىر دادا ئىستەيدىغان ئەھۋال ئەمەس.

يۇقىرىدىمۇ دېيىلگىنىدەك، سىز بالىڭىزغا بېرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى نەرسە سىزنىڭ ۋاقتىڭىزدىن ئىبارەت. بالىڭىزغا ئىمكانقەدەر كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىڭ. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ساياھەت قىلىپ كېلىڭ. ئەگەر سىز بالىڭىز بىلەن بىر سەپەرگە بىللە چىقىپ، 5 - 6 كۈن ۋاقىتنى ئۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشنى تەڭ قىلىپ ئۆتكۈزىدىكەنسىز، ئۆزىڭىز بىلەن بالىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ھەقىقىي باغلىنىش، بىر ھەقىقىي مۇھەببەت ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭلاشقا مۇشۇنداق ئىشقا چوقۇم مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىڭ. بۇنداق سەپەر بىر ناھايىتى ھەشەمەتلىك سەپەر بولمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئۆيدىن باشقا ھەر قانداق يەر بولسا بولۇۋېرىدۇ. بىرەر تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەلسەڭلارمۇ بولىدۇ. چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك مۇقىم ئىشلىرىڭىزنىڭ سىرتىدا بالىڭىزغا مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز بالىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز ئوتتۇرىسىدا بىر كۈچلۈك مۇھەببەت ئورنىتالايسىز.

(2016-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى)
uyghuray

0

تېما

6

دوست

3467

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47286
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-15 16:26:07 |ئايرىم كۆرۈش
esil  yazma

0

تېما

1

دوست

1038

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48370
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-5
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-15 22:43:13 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ، تېمىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى، مۇكەممەل بولامماپتۇق

0

تېما

0

دوست

1945

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   94.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28972
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-15 22:52:47 |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت ، ھارمىغايسىز
uyghuray

0

تېما

2

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62901
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-16 16:57:59 |ئايرىم كۆرۈش
سىرتتىن ئۆيگە كىرمەيدىغان ،كىرسىلا تىلۋۇزۇرغا قاراپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان دادىلامۇ ئاز ئەمەس ، خىزمەت قىلىپ چارچاپ ئۆيگە قايتىپ تاماق ئىتىۋاتقان ئايالىغا ‹ تامىقىڭ نىمانداق پىشمايدۇ › دەپ ھۆركۈرەيدىغان دادىلارمۇ بار ، ئاياللارمۇ ھەم بىسىم ئىچىدەئۆتىدۇ ،  ئۆز ئاتا ئانىسىدىن باشقا قىيىنئاتا قىيىنئانىسىغا ۋاقىت چىقىرىشى كىرەك ،ك بالىسىغا ئىرىغا ھەم ۋاقىت چىقىرىشى كىرەك . ئۇلارنى ھەم رازى قىلىش كىرەك . ئۆزىگە ھەم ۋاقىت چىقىرىشى كىرەك بولمىسا ئىرىنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ تىخى . ھەي ......

1

تېما

0

دوست

1118

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16856
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 356
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-16 23:01:41 |ئايرىم كۆرۈش
يەنە بىر ئېسىل يازما، دادا بولماق ئاسان ئەمەس ھە.......

0

تېما

1

دوست

2364

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10004
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 84
تۆھپە : 677
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-18 11:14:53 |ئايرىم كۆرۈش
ئەرلەر شۇنداق بىپەرۋا بولىۋەرسە ئايالى ھەم بالىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كارى يوقلا بولۇپ قالىدۇ يەنى بار يوقلۇقىنىڭ پەرقى  يوقتەكلا

0

تېما

6

دوست

3467

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47286
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-19 00:47:15 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ تېمىنىمۇ نادىر قىلدىڭلارمۇ؟باغداش مۇنبىرىنىڭ تېما نادىرلاش ئۆلچىمى بەكلا تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ،بۇ تېمىنى نادىر تېمىلار قاتارىدىن چىقىرۋېتىش تەكلىپى بىرىمەن...بۇنداق دىسەم تېما ئاپتۇرى بىلەن ئۆچى بارمىكىن ياكى بۇ تېمىدا نۇخسان بارمىكەن دەپ قالماڭلار،ھەر ئىككىلىسى ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )