قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 13220|ئىنكاس: 56
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چىنگىزخان مۇڭغۇل ئىمپىريىسىنىڭ پارچىلىنىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

931

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63749
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-21 03:04:10 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

چىنگىزخان مۇڭغۇل ئىمپىريىسىنىڭ پارچىلىنىشى

    چىنگىزخان مىلادى 1224ــ يىلى جالالىدىن مۇھەممەد خارەزىمشاھ  بىلەن  بولغان ھىند دەرياسى ئۇرۇشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئاساسەن ئۆزىگە قارايدىغان كەڭ زېمىننى قانداق  باشقۇرۇش ، ئۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان ئوغۇللىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ، شۇنداقلا جۇڭگۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈشنىڭ غېمىدە بولدى .ئۇ ئالدى بىلەن ئويغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بىر  «ئۇلۇغ جاسا » (ئاساسىي قانۇن )تۈزۈپ چىقتى . شۇنداقلا ئۆز ئوغۇللىرىنى يىغىپ ، «مەندىن كىيىن قالغاندا ، سىلەر ھەممە ئىشنى بىللە كېڭىشىپ ، ھەق بىلەن ناھەقنى ئوبدان ئايرىپ ، ئوبدان بىرتەرەپ قىلىڭلار . گۇناھكارغا قۇيۇلغان گۇناھ ئېنىق بولسۇن ، گۇناھىغا ئۆزىمۇ قايىل بولسۇن . ئۇنىڭغا بىرىلدىغان جازامۇ مۇۋاپىق بولسۇن . گۇناھكارنى غەزەپ بىلەن ياكى ھېسىياتقا بېرىلىپ جازالاپ قويماڭلار »دەپ تەربىيە بەردى .
    ئومۇمەن ئۇ ئۆز ئوغۇللىرى ۋە  ئۇرۇق ، قاياشلىرىنى بىر ــ بىرى بىلەن  ئىتىپاقلىشىپ ، دۆلەتنى  بىللە  باشقۇرۇشنى  تەلەپ قىلدى .شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھوقۇق ۋە زېمىنغا بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ، ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق يەر ــ زېمىن ۋە قۇشۇنلارنى ئۆز ئوغۇللىرى ۋە  ئۇرۇق ، قاياشلىرىغا ، ھەتتا ئۇرۇشقا تۆھپە قوشقان  تۇرپان ئىدىقۇتى قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەرگىمۇ تەقسىم قىلىپ بەردى .

    بۇ چاغدا چوڭ ئوغلى جۇچى ئۆلگەن بولغاچقا جۇچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى باتۇخانغا شەرقتە ئېرىتىش دەرياسىنىڭ غەربىدىن  باشلاپ ، بالقاش كۆلى بويلىرى ۋە  كاسپىي دېڭىزى بىلەن قارا دېڭىز نىڭ شىمالىدىكى قىپچاق دالاسىنى تەقسىم قىلىپ بەردى . بۇ زېمىن «جۇچى ئۇلۇسى »، «باتۇ ئۇلۇسى »، «قىپچاق ئۇلۇسى »دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى . بۇ ئۇلۇسنىڭ سىياسى مەركىزى بولسا سارايچىق شەھىرى ئىدى .
    ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا بولسا ئالـمالىق (ھازىرقى غۇلجا ) شەھىرىنى ئاساس قىلغان جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتەسۇ رايۇنى ۋە ماۋارائۇننەھر ، خۇراسان رايۇنى  (ھازىرقى تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ جەنۇبى قىسىمى ) ، ئىراننىڭ شەرقى قىسىمى ۋە ئافغانىستان ھەم قەشقەرنى مەركەز قىلغان  ماڭلايسۇيە (تەڭىرتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلار )  قاتارلىق جايلارنى تەقسىم قىلىپ بەردى . بۇ تارىختا «چاغاتاي ئۇلۇسى »دەپ ئاتالدى .بۇ ئۇلۇسنىڭ سىياسى مەركىزى بولسا ئالـمالىق شەھىرى ئىدى .
    ئۈچىنچى ئوغلى ئوكتايغا ھازىرقى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالى ، يەنى تاراباغاتاي ، ئالتاي رايۇنلىرى ، ھازىرقى مۇڭغۇلىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسىمى ، يەنسەي دەريا ۋادىللىرىنى بۈلۈپ بەردى .بۇ رايۇن تارىختا «ئوكتاي ئۇلۇسى »دەپ ئاتالدى .بۇ ئۇلۇسنىڭ سىياسى مەركىزى كۆپ ۋاقىتلاردا ئېمىل دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقانىدى .
    كەنجى ئوغلى تولىغا بولسا ، مۇڭغۇللارنىڭ ئادىتى بۇيىچە مۇڭغۇل خانلىقىنىڭ چوڭ ئوردىسىنى ئاساس قىلغان ئونون ، كىرولىن ۋە ئورخۇن دەريا ۋادىللىرى تەقسىم قىلىندى .ئۇنىڭغا يەنە چىنگىزخان ئۇرۇشقا كەتكەن ياكى باشقا مۇھىم ئىشلار بىلەن بەند بولغاندا دۆلەت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىمۇ يۈكلەندى .
    بۇنىڭدىن باشقا ئىدىقۇت خانلىقى تامامەن ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىننىڭ باشقۇرۇشىغا قالدى . چىنگىزخان ئۇنىڭغا بەشىنچى ئوغلى قاتارىدا مۇئامىلە قىلدى .
    دەسلەپتە ، بۇ ئۇلۇسلار مۇڭغۇل خانلىقىنىڭ ئايرىلـماس تەركىبى قىسىمى ئىدى . چىنگىزخان گەرچە ھەرقايسى ئۇلۇسلار نى باشقۇرغان ئوغۇللىرىغا «خان »دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن  بولسىمۇ ، لېكىن ، ئۇلار يەنىلا مۇڭغۇل خاقانلىقىنىڭ يەرلىك ئالى ئەمەلدارلىرى ھېسابلانغان «يەكە دارۇغاچ »(باش دارۇغاچ )لاردىن ئىبارەت ئىدى . ئۇلار چىنگىزخاننىڭ ئەمىر ــ پەرمانلىرى بۇيىچە ئىش كۆرەتتى .
    مىلادى 1227ــ يىلى تاڭغۇتلار توپىلاڭ كۆتۈردى .چىنگىزخان قۇشۇن باشلاپ ، ئۇلارنى باستۇرۇشقا كەلدى . لېكىن بۇ چاغدا ئۇ تۇيۇقسىز كېسەلگە دۇچار بۇلۇپ ، تاڭغۇتلارغا قارشى جەڭ ناھايتى كەسكىن ۋەزىيەتكە كىرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ پايتەختى جۇڭشىڭفۇ (ھازىرقى نىڭشىيانىڭ يىنچۇەن شەھىرى )قامال قىلىنغان بىر پەيىتتە ، يەنى مىلادى 1227ــ يىلى 8ــئاينىڭ 25ــ كۈنى ، چىڭشۇي ناھىيىسىدىكى بارگاھىدا ئۆلدى . چىنگىزخان ئۆزىنىڭ ئۈلۈمىنى تاڭغۇتلاردىن يۇشۇرۇشنى ۋەسيەت قىلدى ، ھېسابتا چىنگىزخاننىڭ ئۈلۈمى بىلەن  تەڭ تاڭغۇتلارمۇ تەسلىم بولدى ، بۇ چاغدا چىنگىزخان 72ياشقا كىرگەنىدى .
    مىلادى 1229ــ يىلى مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى كىرولىن دەريا ۋادىسىدىكى قۇدۇ ئارال دېگەن جايغا يىغىلىپ ، يېڭى خان سايلاش ئۈچۈن چوڭ قۇرۇلتاي ئاچتى . بۇ قۇرۇلتايغا جۇچىنىڭ قىپچاق ئۇلۇسىدا تۇرۇشلۇق  ئورداخان ، باتۇخان ، شەيبانخان ، تاڭغۇتخان ، بېركە خان ، بارغاقچار خان قاتارلىق ئوغۇللىرى ، ئالـمالىق شەھىرىدە تۇرۇشلۇق چاغاتايخان ۋە ئوغۇللىرى ، ئېمىل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئوكتايخان ۋە چىنگىزخاننىڭ قىتان يۇرتىدا تۇرۇشلۇق يەنە بىر ئوغلى ئۇغۇ تېكىن قاتارلىق بارلىق مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى قاتناشتى . 40كۈن كېڭەش قىلىنىش ئارقىلىق ، ئوكتايخان خاقانلىققا سايلاندى .
    چىنگىزخان ئۈلۈمىدىن كىيىنلا  چوڭ خانلىق دەۋاسى گەرچە ئۇچۇق ئاشكارا غەۋغا قىلىنمىغان  بولسىمۇ ، لىكىن ، چىنگىزخان ئوغۇللىرىنىڭ  كەينى ــكەينىدىن ئۈلۈپ تۈگىشىگە ئەگىشىپ ، مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى . بۇلۇپمۇ ئوكتايخان ئۆلگەندىن كىيىن ، مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ناھايتى تەسلىكتە چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، ئوكتايخاننىڭ ئوغلى كۈيۈكخاننى چوڭ خانلىققا سايلىغان بولسىمۇ ، لىكىن جۇچىنىڭ ئوغلى قىپچاق ئۇلۇسنىڭ خانى باتۇخان بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشمايلا قالـماستىن ، بەلكى  يەنە  كۈيۈكخاننىڭ چوڭ خاقانلىق تەختىگە ئولتۇرشىغا ئاشكارا قارشى چىقتى .  شۇنىڭ بىلەن مىلادى 1248ــيىلى كۈيۈكخان زور قۇشۇن توپلاپ باتۇخاننى يوقىتىش ئۈچۈن غەربكە يۈرۈش قىلدى . لىكىن شۇ يىلى 3ــئايدا  كۈيۈكخان مۇڭغۇل يايلاقلىرىدىن چىقماي تۇرۇپلا ئۆلدى . نەتىجىدە مۇڭغۇل خانلىقى يەنە قايتىدىن  خانسىز قېلىپ ، جۇچى ئەۋلادلىرى بىلەن ئوكتايخان ، چاغاتايخان ئەۋلادلىرى ئوتتۇرسىدا تۇگىمەس ماجرا پەيدا بۇلۇپ ، چىنگىزخان بىرقوللۇق قۇرۇپ چىققان بۇ غايەت زور ئىمپىرىيەنىڭ ئۇلىغا دەز كەتتى .
    شۇنداق قىلىپ ھەرقايسى ئۇلۇسلاردىكى چىنگىزخان ئەۋلادلىرى ئەمەلىي كۈچ جەھەتتىن كۈنسايىن ئاجىزلاپ ، بۇلۇپمۇ مۇڭغۇللار مەدەنىيەت ئاساسى بەك ئاجىز بولغاچ ، ئۆزلىرى بېسىۋالغان زېمىنلاردىكى مەدەنىيەتلىك خەلقلەر تەرىپىدىن تەدىرجى ئاسمېلياتىسيەلىنىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئويغۇر تۇركىي قەۋملەر ، ئىران پارسلىرى ۋە يېقىن شەرق ئەرەبلىرى تەرىپىدىن ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىشىپ ، شۇ جايدىكى  خەلقلەرگە سىڭىشىپ كەتتى .شۇنداق قىلىپ بىرمەھەل جاھاننى زىل ــزىلگە سالغان ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ زور كۆپ قىسىمىنى ۋە ياۋروپانىڭ يېرىمىنى بېسىۋېلىپ تارىختىكى ئەڭ زور ئىمپىرىيەنى  قۇرغان  مۇڭغۇللار  تارىخ سەھنىسىدىن چىكىندى .


uyghuray

3

تېما

2

دوست

6148

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9612
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 509
تۆھپە : 1576
توردىكى ۋاقتى: 256
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-4
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-21 11:33:05 |ئايرىم كۆرۈش
دىمەك مەدەنىيەت ئامىلى ناھايىتى مۇھىم دىگەن گەپ... ئۆز ۋاقتىدىكى بۇ  بىچارە موڭغۇللار مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ سەۋەبىدىن توزۇپ كېتىپتۇ مانا

ئەكبەر

8

تېما

2

دوست

3437

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12786
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 118
تۆھپە : 975
توردىكى ۋاقتى: 192
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-4
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-21 11:46:29 |ئايرىم كۆرۈش
تارىختا ئۆتكەن ھەرقانداق پادىشاھلىقلار ئۆز ئىچىدىن ھوقۇق تالىشىش ،گورۇھۋازلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان .

0

تېما

1

دوست

1557

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9666
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 455
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-12
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-21 11:55:57 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ چىنگىزخان ئەۋلادلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە جەدىۋەللىك تۈزۈلگەن نەسەبنەمىسى بارمۇ؟ بولسا بىر يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن قىرىنداشلار.
uyghuray

1

تېما

2

دوست

916

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  50142
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-21 15:46:26 |ئايرىم كۆرۈش
مەن چىڭگىزخاننىڭ كىڭەيمچىلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى پەقەت بايلىق بۇلاشلىمىكىن دەپ قارايمەن

8

تېما

0

دوست

931

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63749
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-21 16:17:44 |ئايرىم كۆرۈش
YASAR يوللىغان ۋاقتى  2016-4-21 13:39
ىوغۇ تېكىن دېگىنى كىم ؟تەتقىقاتچىلار بىرلىككە كەلتۈرگ ...

ئايھاي ...گەپلىرىڭىز قوپال كەتتىمۇ  نىمە ؟ توغرا ، مەن  تەتقىقاتچى ئەمەس ، بىر  ھەۋەسكار . تەتقىقاتچى بولـمىغىنىم  ئۈچۈن ، ئۆز ئالدىمغا  بىر نەرسە  يازغىنىم  يوق ، بۇ  ھەم  تەرجىمە  ئەسەرمۇ  ئەمەس ، بۇ  ئاتاقلىق قىرغىز تارىخشۇناس ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللەرنىڭ قىسقىچە تارىخى »دېگەن  كىتابىدىن  ئېلىنغان  پارچە . مەنمۇ  ئۆگىدەي مۇ  ئۆكىتەيمۇ شۇنىڭغا  ئوخشاش  بىلەتتىم  ئەسلىدە . لىكىن  بۇ  كىتابتا  شۇنداق  ئېلىنىپتۇ . مەن  تەتقىقاتچى بولـمىغاچقا ، ئۆز مەيلىمچە  ئۆزگەرتىشنى  راۋا كۆرمەي ، ئەسلىدىكى  كىتاب  بۇيىچە ، چىكىت ، پەشلىرىنىمۇ ئۆزگەرمەستىن مۇشۇ  مۇنبەرگە  يوللاپ قويغانىدىم . ئەمدى  خاتا  بۇلۇپ قاپتۇ  دېگەن  يەرلىرىڭىزنى  ئاپىرىپ مۇشۇ  كىتابنى  تۈزگەن  ئاپتورغا  دەڭ  بېرىپ . بۇ  يەردە  ئىت  قوغلىغان  گاچىدەك  كوتۇلداپ  بەرمەي  ماڭا .
ھىچبولـمىسا  بىر سائەت  ئەتراپىدا  ئولتۇرۇپ ، مۇشۇ  تىمىنى  يوللىدىم  ، بۇنداق  قوپال  گەپلەرنى  ئاڭلىغىلى  يوللىمىغان . بولـمىسا  مەنمۇ  سىزگە  ئوخشاش  ، سىكۇنت ۋاقتىمنى  چىقىرىپ ، ئېغى  بار ، بېغى  يوق  ئىنكاستىن  تۆت  ، بەشنى  يېزىۋىتىپ غادىيىپ چىقىپ كەتسەممۇ  بۇلاۋېرەتتى . ئەمدى  شۇ  بىرسائەت  ۋاقتىمنى  چىقىرىپ ، بىرنەرسە  يوللىغىنىمغا  مۇشۇنداق  قوپاللىققا  ئۇچىرسام  ئارتۇق  كەتتىمۇ  قانداق ؟
سىز  ئۆزىڭىز  كىم  بولىسىز  ؟ قايسى  تەتقىقاتچى ئالىم  بولىسىز ؟ سىز  بىلگەن  ئادەم  قورسىقىڭىزدا  سېسىتىۋەتكىچە  ، مۇشۇ  يەرگە  يېزىپ  چىقارسىڭىز  بولـمامدۇ ؟ قۇرۇق  كوتۇلداپ  بەرمەي . پىكرىڭىزنى  ئاپىرىپ  ، ئاشۇ  ئاپتورغا  دەڭە ، بېرىپ كانىينى  سىقامسىز  يا  ، نىمىشقا  ئۆكىتەي  بوۋامنىڭ  ئىسمىنى  خاتا  يازدىڭ  دەپ .

1

تېما

0

دوست

5630

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1655
توردىكى ۋاقتى: 229
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-4
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-21 17:31:25 |ئايرىم كۆرۈش
چىڭگىزخان دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشىي ئىنسانلارنىڭ بىرسىدۇر، چىڭگىزخان، ھىتلېر، سىتالىن قاتارلىقلار دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي قانخورلاردۇر، بۇلارنىڭ تارىخى پۈتۈنلەي قانلىق قىرغىنچلىق بىلەن پۈتۈلگەن. نېمىلا دېگەن بىلەن چىڭگىزخان بۇرۇن شىنجاڭدا ياشىغان ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا چېقىلمىغان، بەلكى كۈچلۈك باشچىلىقىدىكى قەبىھ كىشىلەرنى قوغلاپ يۈرۈپ سۈر-توقاي قىلىپ ئۆلتۈرۈپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قانلىق قىساسىنى ئېلىپ بەرگەن، قىسقىسى چىڭگىزخان ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلغان، لېكىن ئۇ باشقا مىللەت، قەبىلە، دۆلەتلەرگە ئىنتايىن ۋەھشىيلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ سان-ساناقسىز كىشىلەرنى قىرىپ ئۆلتۈرۈپ دۇنيانىڭ يېرىمىنى دىر-دىر تىترىتىپ ئۆتكەن داڭلىق بىر جاللاتتۇر. چىڭگىزخاننىڭ ۋەھىمىسى ئۇزاققىچە كىشىلەرنىڭ ئېسىدە مەھكەم ساقلىنىپ قالغان، كېيىنكى كۈنلەردە كىشىلەر پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى بولمىسا بولمايدۇ دەيدىغان كۆز قاراشلاردە مەھكەم تۇرغان، شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى خان-پادىشاھلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ نەسلى چىڭگىزخانغا تۇتىشىدۇ، مەسىلەن قازاقلارنىڭ پادىشاھى قاسىمخان، ئۆزبېكلەرنىڭ پادىشاھى شاھىبىېك، داڭلىق قانخور جاللات ئەمىر تۆمۈر، يەكەن خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى سەئىدخان، ھەتتا كېيىنكى قوقان خانلىقىنىڭ پادىشاھى خۇدايارخان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نەسلى چىڭگىزخانغا تۇتىشىدۇ، كىىشلەر مۇشۇ پاكىتنى بىلسىمۇ ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدۇ، پاكىتنى ئېتىراپ قىلسا ئۆزىنىڭ موڭغۇلغا قۇل بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ، لېكىن كىشىلەر تارىخ يازسا يالغانچىلىق بىلەن يازىدۇ. مەسىلەن قاسىمخاننى قازاقلار قازاق دەيدۇ، ئەمىر تۆمۈرنى ئۆزبېكلەر ئۆزبېك دەيدۇ، سۇلتان سەئىدخاننى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر دەيدۇ، لېكىن بىزدەك پاكىتقا ھۆرمەت قىلىدىغان كىشىلەر بۇنداق يالغان-ياۋىداق كۆز قاراشلارنى بىردەك رەت قىلىمىز، ھەمدە يۇقارقى كىشىلەرنى مۇسۇلمانلاشقان موڭغۇل دەپ قارايمىز. چىڭگىزخاننىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلىرى ئاساسەن بۇلاڭچىلىق خاراكتېرگە ئىگە، موڭغۇللار ئەزەلدىن بۇلاڭچىلىققا خۇشتار بىر خەلق، بۇ جەھەتتە جۇڭگونىڭ شىمالىدا بۇرۇن ياشىغان مىللەتلەر بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە، شۇنىڭ ئۈچۈن چىڭگىزخاننىڭ پەقەت بۇلاڭچىلىق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈۋالغان زېمىنلىرى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ناھايىتى ئاسانلا پارچىلىنىپ كەتتى، ھەمدە موڭغۇللارتەدىرىجىي ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان شۇ يەرلەردىكى يەرلىك مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتتى، مەسىلەن ئىراندىكى ئىلخانىيلار، جۇچى ھۆكۈمرانلىق قىلغان يەرلەر، چاغاتاي ھۆكۈمرانلىق قىلغان يەرلەردىكى موڭغۇللار بارا-بارا باشقا مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتتى. جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان قۇبلايخاننىڭ ئەۋلادلىرىنى خەنزۇلار ئۇزاققىچە ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق شىمالدىكى يايلاققا ھەيدىۋېتىپ جۇيۈەنجاڭ مىڭ سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىقتى، ئەگەر خەنزۇلار موڭغۇللارنى شىمالغا ھەيدىۋەتمىگەن بولسا موڭغۇللار پۈتۈنلەي ھالاك بولۇشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن موڭغۇللار يايلاققا چېكىنگەن بولسىمۇ جۇڭگونى قايتا بويسۇندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ يۈردى، كېيىنچە يايلاقتىكى موڭغۇللار بىلەن مانجۇلار بىرلىشىپ جۇڭگونى قايتا بىرلىككە كەلتۈرۈشنى مەسلىھەت قىلىشىپ ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى مانجۇلارنىڭ قولى بىلەن ھەل قىلدى، ئەمەلىيەتتە مانجۇلار يۇقىرى تەبىقىسى بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئۆزئارا قۇدا-باجا بولۇشۇپ ئورتاق نىيەتكە كېلىپ مىڭ سۇلالىسىگە قارشى ھۇجۇم باشلىدى، مانجۇلار بىلەن موڭغۇللار غايەت زور خەنزۇلارنى قىرىپ ئۆلتۈرۈش بەدىلىگە مىڭ سۇلالىسىنى ھۇجۇم بىلەن ئىشغال قىلىپ ئۆزىنىڭ قانخور ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى.  خەنزۇلارنى ئېغىر دەرىجىدە كەمسىتىش ئارقىلىق ئىدارە قىلدى. مەن ھازىرغا قەدەر ھەيران قالىمەن، موڭغۇللار نوپۇسى ئاز بىر كىچىك مىللەت تۇرۇپ دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەيران قىلىپ، قىرغىنچىلىق قىلىپ ناھايىتى كۆپ زېمىننى بېسىۋالدى. تا ھازىرغا قەدەر موڭغۇللار دۇنيادا ئۆزىنىڭ ئۇرۇشقا ماھىرلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىۋاتىدۇ. بەزى خەنزۇ تارىخچىلىرى نۇرغۇن موڭغۇللارنىڭ خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كېتىشىنى بەك ياخشى ئىش دەپ قارايدۇ، چۈنكى موڭغۇللار تۇغما جاسارەتلىك كىشىلەردۇر، بۇ كىشىلەر خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كەتسە خەنزۇلارنىڭ جاسارىتىنى ئاشۇرىدۇ دەپ قارايدۇ.

0

تېما

0

دوست

362

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60958
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-21 17:41:19 |ئايرىم كۆرۈش
جاھان ئەركىسى چېڭگىزخانغا بىر كىشلىك ھۆرمىتىم با گەرچە ئۇ مۇڭغۇل بۇلسىمۇ ................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )