جۇڭگو تارىخىنى ئۆزگەرتكەن ئۈچ قېتىملىق سىياسىي ئىغۋا
ئۆرۈمە چاچسىز ئەسكەرلەرنى قوغلاپ ئۆلتۈرۈش ئىغۋاسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەربىي ئۆزگىرىش
ۋخەن يېڭى ئارمىيىسىنىڭ بىر قانچە تايانچ قىسمى 1911-يىلى سىچۈەن باۋلۇدىكى قالايمىقانچىلىقنى باستۇرۇش ئۈچۈن ۋۇخەندىن ئايرىلغاچقا، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ مۇداپىئە كۈچى ئاجىزلىشىپ، شەھەردە چوڭ بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىغۋا تارقاتقان. بىر بومبىنىڭ تۇيۇقسىز پارتلىشى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن. ئىنقىلابىي پارتىيەدىن بولغان سۈن ۋۇ شۇ يىلى 9- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن پارتلىتىش ئۈسكۈنىسى قۇراشتۇرۇۋاتقاندا، بومبا ئېھتىياتسىزلىقتىن پارتلاپ كەتكەن. روسىيە كونسېسسىيەسى ئىنقىلابىي پارتىيەدىكىلەردىن ئۈچ كىشىنى قولغا ئالغان.بۇ چاغدا يېڭى ئارمىيە ئىچىدە‹‹ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىنقىلابىي پارتىيەدىكىلەرنى قوغلاپ ئۆلتۈرىۋاتىدۇ›› دېگەن ئىغۋا تارقالغان. قىسمەن ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشچە، خۇبېي، خۇنەن باش ۋالىيسى رۇي دېڭ تىزىملىك بويىچە چوڭ كۆلەملىك قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرمىغان، بەلكى ئىشنى كىچكلىتىپ، ئىقىلابىي پارتىيەدىكى ئۈچ كىشىنىلا جازالىماقچى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن جەمئىيەت ۋە ئارمىيە ئىچىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆرۈمە چېچى يوق ئىنقىلابىي پارتىيەدىكىلەرنى تۇتۇپ جازالاۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئىغۋا تارقالغان. ‹‹ئۆرۈمە چېچى بولمىغان خەنزۇ ئەسكەرلەرنى قوغلاپ ئۆلتۈرۈش›› ئىغۋاسى ئۆرۈمە چېچىنى كېسىۋەتكەن يېڭى ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى ۋەھىمىگە سالغان، ھەتتا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ خەنزۇ ئەسكەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىۋاتقانلىقى، خۇبېيدىكى يېڭى ئارمىيەدە تۇرۇشلۇق خەنزۇ ئەسكەرلەرنى ئىنقىلابىي پارتىيەگە قاتنىشىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىپ جازالايدىغانلىقى ھەققىدە ئىغۋا تارقالغان. خەنزۇ ئەسكەرلەر جىنايىتى بولسۇن-بولمىسۇن، چوڭ تازىلاشتا جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىماقچى بولغان، نەتىجىدە بۇ ئىغۋالار كېيىنكى سىياسىي ئۆزگىرىشكە ئۇل سالغان، نەتىجىدە ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى پارتلىغان.
زەھەر سېلىش ئىغۋاسى كەلتۈرۈپ چىقارغان‹‹4-ماي›› قوزغىلىڭى
شاڭخەي شەھىرىدە 1919-يىلى ماينىڭ ئاخىرى بىر ياپونىيەلىكنىڭ زەھەر سالغانلىقى توغرىسىدا ئىغۋا تارقالغان. دەسلەپتە كىشىلەر بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان، ئەممە چوڭ- كىچىك تاراتقۇلار خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. مەسىلەن، ‹‹خەۋەر گېزىتى›› شۇ يىلى 5- ئىيۇن بىر جۇڭگولۇقنىڭ سۇ چېلىكىگە زەھەر سېلىۋاتقان ياپونىيەلىكنىڭ تۇتۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان. ‹‹شېنباۋ گېزىتى›› مۇ شۇ كۈنى فىرانسىيە كونسېسسىيەسى ئەتراپىدا تۇرۇبا سۈيىگە زەھەر سېلىشقا ئۇرۇنغان بىر ياپونىيەلىكنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. شۇ پەيتتە بېيجىڭ «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ خەۋىرى تارقالغان، شاڭخەيدىمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سادا كۈچىيىپ، ياپونىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغالغان. دەسلەپتە ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان. ھەر قايسى ئۆلكىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن شاڭخەي شەھىرىدە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرغان، بۇ تەشكىلات كېيىنچە ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەرنىڭ تالىشىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان.
«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ زۇڭلى ۋەسىيىتىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى بابلىشى
1976-يىلى ئاتالمىش «جوۋ زۇڭلى ۋەسىيىتى» توغرىسىدا گەپ-سۆز تارقالغان، بۇ ۋەسىيەتتە مۇنداق يېزىلغانلىقى ئېيتىلغان: «يولداش دېڭ شياۋپىڭ بىر يىلدىن بۇيان بىر قانچە خىزمەتلەرنى ناھايىتى ياخشى ئىشلىدى، بولۇپمۇ رەئىسنىڭ ئۈچ تۈرلۈك يوليورۇقىنى كەسكىن ئىزچىللاشتۇردى، بۇ رەئىسنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇ مۇشۇ تىرىشچانلىقىنى ساقلاپ، رەئىستىن كۆپ تەلىم ئېلىپ، يولداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۆپرەك زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. يولداش شياۋپىڭنىڭ بۇنىڭىدىن كېيىنكى ۋەزىپىسى ئېغىر، پەقەت يولى توغرا بولسىلا، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ. يولداش چۈنچاۋ ئىقتىدارلىق، گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەتلىرىدە يولداش شياۋپىڭ بىلەن چۈنچياۋ كۆپ مەسلىھەتلىشىشى كېرەك»، «تەزىيە مۇراسىمىغا رەئىس قاتناشمىسۇن، مۇراسىم ئاددىي ئۆتكۈزۈلسۇن، يولداش خۇڭۋېن مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلسۇن، يولداش شياۋپىڭ تەزىيە سۆزى قىلسۇن». بۇ ۋەسىيەت ناھايىتى تېزلا ئەكسىلئىنقىلابىي سۆز، دەپ قارالغان. خاڭجۇدىكى مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان 23 ياشلىق «قارا چېكەتكە» ئېغۋا توقۇغانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇلغان، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان. «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ زور تۈركۈمدىكى پىشقەدەم كادىرلارنى بابلىماقچى بولغان، ئەمما قىسمەن پىشقەدەم كادىرلار ئالدىن قول سېلىپ، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئەزالىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
|