قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3267|ئىنكاس: 319
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پايدىلىنىش سېستىمىسى سېھىرگەرلىگى ۋە مۇتىھەملىگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20734
توردىكى ۋاقتى: 8605
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-24 01:33:05 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-24 03:23  


پايدىلىنىش سېستىمىسى سېھىرگەرلىگى ۋە مۇتىھەملىگى

ـ بىرفىزىكا دوكتۇرىنىڭ غەلىتە قاراشلىرىغا تەنقىت



قاسىم سىدىق

ibrahim010ئەپەندى "باغداش مۇنبىرى"گە ئەزا بولۇپ تېزىملىتىپ كىرگەن بىرئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە شەكىل نەزەريىسىگە،شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ 29-تېئورېمىسىغا،تەجرىبە نەتىجىلىرىگە ۋە بۇ نەزەريىنىڭ پايدىلىنىش سېستىمىسى ئىدىيىسىگە قارشى ھازىرغىچە ئىككى پارچە تېما  1133 پارچە ئىنكاس يازدى.بىز ناھايتى كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشتۇق.مەن بۇ ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەنقىتكە بەرداشلىق بېرىش قۇدرىتىنى سىناش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىگىگە رەھمەت ئېيتىمەن.بۇ ئەپەندىم،بۇندىن بۇرۇنقى شەكىل نەزەريىسىگە قارشى چىققۇچى بەزى "نوپۇزلۇق"لاردەك،گۆلدۆرى بار،يامغۇرى يوق ئىش قىلمىدى.ئەپەندىمنىڭ تەنقىدى پۇزىتسىيەسى،مۇنازىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش روھى مېنىڭ شەكىل نەزەريىسىگە ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق ئويلىنىشىمغا تۈرىتكە بولدى ۋە خوشال قىلدى.ئەپەندىمنىڭ تەكەببۇرانە پوزىتسىيىسى،ئىدىيەنى ۋە مېتۇتلارنى تېڭىش تىرىشچانلىغى مېنى خاپا قىلدى.ئەلۋەتتە بۇلار مۇنازىرىدە كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان نورمال ئەھۋاللار. پەرىقلىق ئىدىيەلەر دوئىلغا چۈشكەندە بۇنداق ئىشلار ھامان يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.ھەرئىككيلەن پىرىنسىپال مەۋقەلىرىمىزدىن يانمىدۇق.
مەن تېما ۋە ئىنكاسلارنى تەكشۈرۆپ كۆرۆپ بىزنىڭ تالاش-تارتىشىمىزنىڭ مەركىزى،پايدىلىنىش سېستىمىسىنى تاللاش ئۇسۇلىدا ئېكەنلىگىنى ھېس قىلدىم.شۇڭا مەخسۇس بۇ تېمىنى يېزىپ، قاراشلىرىمنى كۆپچىلىكنىڭ مۇھاكىمىسىگە قويماقچى ۋە ibrahim010 ئەپەندىگە جاۋاپ قايتۇرماقچىمەن.

1


ibrahim010ئەپەندىم مۇنازىرە جەريانىدا ئىزچىل ھالدا پايدىلىنىش سېستىمىسىنى زومۇ-زو تېڭىش خاھىشىنى كۈچلۈك ئىپادىلىدى.توپنىڭ مەركىزى پايدىلىنىش قىلىنسا نەتىجە كىلاسسىك چۈشەندۆرۈشكە پايدىلىق بولغانلىغى،توپ ئۆزىنىڭ ئىككى يېنىدىكى بىرەر نۇقتىنى پايدىلىنىش قىلسا نەتىجىنىڭ 29-تېئورېمىغا پايدىلىق بولۇپ كېتىدىغانلىغىنى كۆرۈپ يېتىپ،ئىزچىل ھالدا توپ مەركىزىنى پايدىلىنىش قىلىش تەپەككۆرىدە 29-تېئورېمىغا مۇئامىلە قىلدى.بۇنداق پوزىتسىيە پايدىلىنىش سېستىمىسىنى ئەركىن تاللاش پىرىنسىپىغا خىلاپ!
ئىككى خىل تاللاشتە زىدىيەتلىك نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشى بىر ئوبىكىتىپ پاكىت بولۇپ،بۇ پەقەت بىزنىڭ پايدىلىنىش سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇش -تاللاش ئۇسۇلىمىزدا قايتا ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.ھالبۇكى، "نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟"دەپ ئويلۇنۇشنىڭ ئورنىغا،بۇنداق نەتىجە شەكىل نەزەرىيىسى ۋە ئۇ تەشەببۇس قىلىۋاتقان قوراللارنىڭ يارامسىزلىغىدىن كېلىپ چىقتى دەپ قارىۋىلىندى-دە .شەكىل نەزەريىسى،29 -تېئورېما ۋە مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى ئىدىيىسىگەقارشى ھۇجۇم قىلىندى.ھەتتا بۇ خىل ھۇجۇم مەسخىرە ۋە تۈھمەت خارەكتىرىنى ئالدى.بۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە شەكىل نەزەريىسى ئەنئەنىۋى تەپەككۈر ئەندېزىسىگە ،ئەنئەنىۋى قېلىپلارغا چۈشۈشى، شۇ ئەندېزە يۆنىلىشىدە مېڭىشى كىرەك ئىدى.ھالبۇكى،ئۇنداق قىلىنسا شەكىل نەزەريىسىنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۆرىيىتى قالمىغان بولاتتى.ibrahim010ئەپەندىنى شەكىل نەزەريىسىنى تەنقىت قىلدى دىگەندىن كۆرە شەكىل نەزەريىسىگە قېينانىلىق قىلدى،دىگەن تۈزۈك!.چۈنكى،بۇ ئەپەندىمنىڭ قارىشىچە شەكىل نەزەريىسى تاپتىن چىقماسلىغى،ئۆزى بۇيرىغان يولدا مېڭىشى لازىم ئىدى.
كۆرۆنۈپ تۇرۇپتۇكى،ئىدىيەنى تېڭىش بىر مەسىلە بولسا،پايدىلىنىش سېستىمىسىدىن ئىبارەت قورالىنى تېڭىش ھەددىدىن ئاشقان،ئەسلا ئىلمى بولمىغان بىر پوزىتسىيەدۇر!

2


توپنىڭ ئىككى يۈزىدىكى ئىككى نۇقتىغا نىسبەتەن ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكىنى بىلىش مەقسەت قىلىنغىنىدا ئىككى نۇقتا ئۆزىنى ياكى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرىنى پايدىلىنىش نۇقتىسى قىلىش كىرەك.توپ مەركىزى پايدىلىنىش نۇقتسى قىلىنسا بۇ مەركەز ھاۋا بىلەن بېۋاستە ئۇچراشمايدىغانلىغى ئۈچۈن ئەسلى مەقسەتكە نىسبەتەن توغرا تاللاش ھېساپلانمايدۇ.

ھازىر توپنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى بىرنۇقتا -رەسىمدىكى قارايۈنۆلۈش كۆرسەتكۈچى بىلەن قىزىل يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى تېگىشكەن نۇقتا پايدىلىنىش قىلىنغىنىدا توپنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى ئاستا،سول تەرىپىدىكى ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكى تېز بولىدىغانلىغى ئايان بولدى.بۇ پەقەت نەزەريىۋى جەھە تتىكى نەتىجىلا ئەمەس.بىز ئىشلىگەن قوش پىلدىرلىغۇچ تەجرىبىسى نەتىجىسى بۇنداق نەزەريىۋى يەكۈننى قوللايدۇ.



بىزنىڭ قوش پىلدىرلىغۇچ تەجرىبە قۇرۇلمىمىز بىزنىڭ مەقسىدىمىزگە مۇۋاپىق لايىھىلەنگەن بولۇپ،بۇ قۇرۇلمىىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىككى پىلدىرلىغۇچ يۇقۇرقى توپنىڭ ئىككى يۈزىدىكى ئىككى نۇقتىنى سېيپاپ ئۆتكەن ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدۇ.يەنى، ئىككى پىلدىرلىغۇچ ئىككى نۇقتىدىن ئۆتىۋاتقان ئىككى ھاۋا مولىكولىسنىڭ  ھالىتىنى ئىپادىلەيدۇ .بىز ئۇنىڭ خالىغان بىرسىنىڭ تېزلىكىگە ئىرىشسەك،يەنە بىرىنىڭ تېزلىكىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز.
ئەمەليەتتە يۇقۇرقى مىساللاردا ھاۋا جىم ،ھەركەت قىلمىغان دەپ پەرەز قىلىنىپ ،توپنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئىككى نۇقتىنىڭ ھاۋاغا نىسبەتەن تېزلىكى مۇھاكىمە قىلىنىۋاتىدۇ ۋە شۇنداق قىلىنىشى كىرەك.بىزنىڭ ئېنىقلايدىغىنىمىز  توپنىڭ ئىككى يىنىنىڭ تېزلىكى.بۇ تېزلىكنى جىم دەپ قارالغان ھاۋاغا نىسبەتەن ئېيتىۋاتىمىز.توپنىڭ ئىككى يېنىدىكى بۇلۇڭلۇق ئىلگىرلەش يۆنىلىشىدىكى پەرىق ئۇنىڭ ئىككى يېنىدىكى سىزىقلىق ئىلگىرلەش پەرقىنى كەلتۆرۆپ چىقىرىۋاتىدۇ.
ئەمدى بىز بەلگە جىسىم قىلغان ئوڭ تەرەپتىكى بىردانە ھاۋا مولىكولىسىنىڭ ئورنىنى مۇتلەق ماكاننىڭ ئورنى دەپ قاراپ ۋە ئۇنى بىر مۇتلەق جىم نۇقتا دەپ بىلىپ،توپنىڭ دەل مۇشۇ نۇقتىغا نىبىتىنى تەكشۈرسەكمۇ نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولىدۇ.ئوخشاش بىر نەتىجە ئېينىشتېيىنچە نىسبىلىك پىرىنسىپى مەۋقەسىدە نىسبى،نىيوتۇنچە مۇتلەق ھەركەت،مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى ئىدىيىسى مەۋقەسىدە مۇتلەق نەتىجە ھېساپلىنىدۇ.لىكىن،ماخ ۋە ئېينىشتېيىن ياق،پەقەت ماددىنىلا بەلگە جىسىم قىلىسەن،پەقەت نىسبى دىگەن ئاتالغۇنىلا ئىشلىتىسەن،مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى،مۇتلەق ھەركەت،دىگەن ئىبارىلەرنى تىلغا ئالمايسەن،دەپ مۇتىھەملىك قىلىدۇ.بۇ گويا،ئېسلزادىلەرنىڭ ئەركە-تايتاڭ بالىلىرىنىڭ ئورۇنسىز تەلەپلىرى ۋە غەۋغالىرىغا ئوخشاش بىر بېمەنە جېدەل.ئېچىنىشلىق بولغىنى ماخ ۋە ئېينىشتېيىننىڭ ئىخلاسمەن تالىپلىرى بۇنداق بېمەنە جېدەلنى ۋايىغا يەتكۈزۈشتى!
قايسدۇر بىر فىزىك،ئېھتىمال ئۇيغۇر تېلىدا نەشىر قىلىنغان "قورقۇنۇچلۇق سېممىتىرىكلىك "ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتۇرى ئانتونىي رېي بولسا كىرەك"نىسبىلىك نەزەرىيەسى ھېچقاچان بىر سېستىمىلىق نەزەرىيە بولغان ئەمەس،ئۇ پەقەت فىزىكىغا قويۇلغان بىر تەلەپتىن ئىبارەت"دىگەن ئىدى.مانا بۇ بالىلارچە غەلۋىخورلۇق يالغاننى تەكرارلاۋەرسەڭ راسىتقا ئايلىنىپ كېتىدۇ دىگەندەك مەنزىرىنى شەكىللەندۆردى.ماخ ۋە ئېينىشتېيىننىڭ ئىخلاسمەن تالىپلىرى ھەتتا بۇ يالغانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمى ئېتىقادى،بۇدساتۋا ھەيكىلى  قىلىشىپ ئۆلگۆردى.كېمىكى ئېينىشتېيىن ئىدىيىلىرىدىن گۇمانلانسا بۇ ئىخلاسمەن مۇرىتلار شۇ كىشىنى "دەھرى"لىكتە ئەيىپلەپ ،كوللىكتىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشتى.ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى ئىختىيارسىز ھالدا بىرونۇنى كۆيدۇرۈشكە،گالېلىينى توۋا -ئىستىخپارغا بۇيرىغان ۋاتىكان ئېپىسكوپلىرىنى ئەسكە سالىدۇ!
ئۆتكەندە مەلۈم بىر ئالى مەكتەپنىڭ فىزىكا فىراپىسورى بىر ئىلمى يىغىلىشتا ماڭا "سىزچە بولغاندا بىز شىنجاڭدىكى بارلىق ئالى مەكتەپلەر خاتا دەرىس ئۆتۈپ كېلىۋىتىپتۇقتە!...ۋەھاكازا،"دەپ ھەيۋە قىلدى.بۇ ئەپەندىمنىڭ مەن كۆرسەتكەن تەجرىبە ۋە ئاساسلارغا قارشى كۆرسىتەلىگىنى  پەقەت مۇشۇنداق بىر غەلىتە پوزىتسىيە بولدى!بۇ ئەپەندىچە بولسا شىنجاڭدىكى بارلىق ئالى مائارىپ ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت ئىدىيىۋى ئاسارە-ئەتىقىلەرنى ئۆلۆك يادىلاتقۇزۇشى،ئۇقۇغۇچىلار ھەرگىز"بىدئەت"خىياللاردا بولماسىلىغى لازىمدەك قىلاتتى!

ئارىستوتىل "تەبىئەت ۋاكىئومغا ئۈچ" دىگەن ئىدى. مەن"ھەركەت ۋاكىئومغا ئامراق "دەپ يازدىم.ئانتونىي رېي يەنە"بىز تۇرۇۋاتقان ئالەم توغرىسىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مۇنداق ئىككى پاكىت مەۋجۇت: (1) ئالەم قۇپقۇرۇق ئەمەس، (2) ئالەم قۇپقۇرۇق دىيەرلىك. بۇ پاكىتلارنى چۇشۇنۇش بولسا ئاساسى فىزىكىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر....بىز ھازىر نىمە ئۈچۈن ئالەمنىڭ قۇپقۇرۇق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى، cp غا خىلاپلىقنىڭ ئىنتايىن كىچىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق"دەپ يازغان.بۇلار،ئارىستوتىل،ماخ ۋە ئېينىشتېيىنلارنىڭ ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس،دىگەن مۇقاملىرىغا بېرىلگەن ياخشى بىر جاۋاپ!


宇宙空洞_百度百科
ئالەمدىكى غايەت زور قۇرۇق بوشلۇق

قىستۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر كىچىككىنە گەپ بار.ئېينىشتېيىن ئۆزىمۇ موبادا ھەقىقى بوشلۇق ھەقىقەتەن بايقالسا ئۇنى فىزىكا قانۇنلىرىنى تۇرغۇزۇشنىڭ ئاساسى قىلىشنى رەت قىلمىغان ئىدى.ھالبۇكى ،ئۇنىڭ ئىخلاسمەن تالىپلىرى ئالەمدىكى غايەت زور قورۇق بوشلۇقلارنىڭ ئۇچۇرىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرۇپمۇ خۇي-پەيلىنى ئۆزگەرتمىدى.ئەقەللىسى ئىلىكتىرون بىلەن ئاتوم يادىرۇسى ئوتتۇرىسىدىكى ۋاكىئوممۇ ئۇلارنىڭ ئىجادى تەپەككۈرىنى ئويغىتالمىدى!


3


ibrahim010ئەپەندىنىڭ ئالاقىدار بايانلىرى ئىچىدىكى تۆۋەندىكى بايانلار بىزنىڭ يۇقۇرقى تەشەببۇسلىرىمىزنى قۇللايدىغان،مۇنازىرە جەريانىدا ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلار بەدىلىگە ئىرىشىلگەن بايانلاردىن ئىبارەت:

8.ئوقىدا ئايلىنىپ سىزىقلىق ئىلگىرلەۋاتقان توپلارنىڭ سىزىقلىق ھەركەت يۆنىلىشىگە قارشى ئايلىنىۋاتقان تەرىپىنىڭ سىزىقلىق تېزلىكى ئاستا بولىدۇ.
9.ئوقىدا ئايلىنىپ سىزىقلىق ئىلگىرلەۋاتقان توپلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى يېقىدىكى سىزىقلىق تېزلىك پەرقى ئوبىكتىپ فىزىكىلىق رىياللىق،ئۇنى تەكشۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۆرىيىتى بار.
10.بىر جىسىمنىڭ يۈزىنى سېپاپ ئۆتىدىغان ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكىنى شۇ يۈزنىڭ بىر نۇقتىسىنى پايدىلىنىش سېستىمىسى قىلىپ ئۆلچىسە توغرا بولىدۇ.
11.بۇ يۈزدىكى بىرنۇقتىغا نىسبەتەن بۇ يۈزنى سېپاپ ئۆتىۋاتقان ھاۋامالىكولىسىنىڭ (بۇمۇ نۇقتا دەپ تۇرايلى) يۈتكىلىشى ئاستا بولسا،بۇنى پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ئەمەلى نەتىجە دەپ قاراشقا بولىدۇ.

12.جىسىمنىڭ بىر يۈزىدىكى نۇقتىغا نىسبەتەن ھاۋا مولىكولىسىنىڭ يۈتكىلىش تېزلىكىنى ئۆلچەش تەلەپ قىلىنغاندا جىسمنىڭ شۇ يۈزىدىكى شۇ نۇقتىنى پايدىلىنىش قىلىش كىرەك.

كۆرۆنۈپ تۇرۇپتىكى ibrahim010ئەپەندى نىڭ يۇقۇرقى بايانلىرى(باشقا بايانلىرىمۇ بار) بىلەن ئۇنىڭ شەكىل نەزەريىسى،29-تېئورېما ۋە ئالاقىدار تەجرىبە نەتىجىلىرىگە قارشى تۇرۇش روھى ھالىتى ئارىسىدا چوڭقۇر زىدىيەت ۋە نورمالسىزلىق بار.بۇلار ئۇنىڭ چوڭ بىر ئىدىيىۋى داۋالغۇش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىۋاتقانلىغىدىن دېرەك بېرىدۇ!

شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەنكى،بۇئەپەندىم يۇقۇرقى بايانلاردىن يالتىيىۋالمىغانلا بولسا ،بىزنىڭ قوش پىلدىرلىغۇچ،ماياتنىك قاتارلىق تەجرىبە نەتىجىلىرىمىزدىن قانائەتلىنىشى،بىزنىڭ بۇ تەجرىبىلەر ئىسپاتلىغان ئىدىيەلىرىمىزنى ھۆرمەت قىلىشى كىرەك.بىز ھەتتا بۇ ئەپەندى ئۆزى تەشەببۇس قىلغان ئىچىگە ئېلىكتىر ماتۇر ئېلىنغان شارچىنى ئەركىن تاشلاش لايىھىسىدىكى تەجرىبىنىمۇ ئىشلەپ كۆرۆپ 29-تېئورېمىچە ئېغىشقا ئىرىشكەن ئىدۇق.بۇ تەجرىبىنىمۇ ھەرقاچان قايتا ئىشلىگىنى بولىدۇ!


4




ibrahim010ئەپەندى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىدە ئالەمنىڭ شەكلى ۋە چىگرىسى بولۇش-بولماسلىق مەسىلىسىدىمۇ نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىندى.قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئالەم مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە رىياللىق دەپ تونۇلۇپ كەلگەن ئىدى.ئارىستوتىل ۋە ئېينىشتېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئالەم مودىللىرىدا ئالەمنى شار شەكىللىك دەپ تەساۋۋۇر قىلىشقان ئىدى.
شۇنى تەكىتلەيمەنكى،ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتى ھامان مۇئەييەن شەكىلگە يىغىنچاقلىنىدۇ.فىزىكىلىق ئالەمنى شەكلى يوق دەپ تەساۋۋۇر قىلىش ئالەمدە شەكلى بار ماددا ۋە مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولغان ھەركەت يوق،دىگەن نەتىجىگە ئېلىپ بارىدۇ.بۇنداق يەكۈن ئالەمدە ماددا ۋە ھەركەت يوق،دىگەن بىلەن پەرقى يوق!


ياۋرۇپا ئالەم قاتناش ئىدارىسى تارقاتقاقان ئالەمنىڭ شەكلى ھەققىدىكى ماتىريال.
قارا ئارقا كۆرۆنۈش ۋە فىزىكىلىق ئالەمنىڭ بەلگىسى بولغانA ،ئارقا كۆرۆنۈش-مۇتلەق ماكاننىڭ بەلگىسى بولغان B لارنى بىز كىرگۆزگەن.


بۇ ئەپەندىم دەسلەپتە ئالەمنىڭ شەكلى بار دىگەن قاراشقا مايىل بولسىمۇ،كىيىن بۇ قارىشىدىن يالتىيىۋالدى-دە،ئالەمنىڭ شەكلى يوق،دەپ ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇردى.بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەپ،بۇ ئەپەندىم مۇنازىرە جەريانىدا، شەكىل نەزەريىسىنىڭ  ئاق قەغەز مودېلى ۋە فىزىكىلىق ئالەم ئىدىيىسى ئېينىشتېيىن ئالەم قاراشلىرىنى،نىسبىلىك نەزەريىسىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۆپ قويۇدىغانلىغىنى بايقاپ قالدى.بۇ ئەپەندىمنىڭ نەزىرىدە مۇبادا ئالەمنىڭ شەكلى باردەپ قارالسا نىسبىلىك نەزەريىسى ۋە ئېينىشتېيىن ئالەم قاراشلىرىنى قوغداپ قالماق قىيىنغا توختايدىغاندەك قىلاتتى.شۇنىڭ بىلەن،ئەپەندىم گەردىنى قۇربان قىلىپ شاھنى قوغداپ قېلىش يولىنى تۇتتىدە-ئالەمنىڭ شەكلى يوق،دەپ جاكالىدى.گەرچە بۇ خىل تاللاش ئالەمنىڭ شەكلى بار دەپ قارايدىغان بارلىق تارىخى ۋە رىيال قاراشلارغا نىسبەتەن شۇنچە چوڭ ھۆرمەتسىزلىك بولسىمۇ،لىكىن،بۇ ئەپەندىنىڭ نەزىرىدە يەنىلا بۇ ئىش ئېينىشتېيىن ۋە نىسبىلىك نەزەريىسىگە بولغان بىر ئىخلاسمەنلىك ئىدى.
ئەپەندىمنىڭ بۇنداق ئىدىيىۋى تەمتىرىشىنىڭ ئارقىسىغا يەنىلا  ماخ ۋە ئېينىشتېيىنچە پايدىلىنىش سېستىمىسى مېتوتلىرىنى قوغداپ قىلىش غەرىزى يۇشۇرۇنغان ئىدى.چۈنكى،ئەپەندىم ئالەمنىڭ شەكلى بار دېگىنىدە مەن دەرھال،ئاق قەغەز مودىلىدىكى B تەكشىلىكنى كۆتىرىپ چىقىپ،مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغان ئىدىم.ئاق قەغەز مودىلىدا  A چەمبەر فىزىكىلىق شەكىل ۋە فىزىكىلىق ئالەم،ۋەكىۋانىتقا،B تەكشىلىك ئارقا كۆرۆنۈش ۋە مۇتلەق بوشلۇققا ۋەكىللىك قىلاتتى.مەن بۇ مۇتلەق بوشلۇقنىڭ ھەرقانداق بىر نۇقتىسىنى مۇتلەق ھەركەتكە نىسبەتەن پايدىلىنىش نۇقتىسى قىلىپ ئالالايتىم!
مېنىڭ تەشەببۇسلىرىم كىۋانىت نەزەريىسىنىڭ شۇنداقلا نىيوتۇن تەلىماتىنىڭ پەلسەپەۋى يىلتىزلىرى بىلەن بىردەك ئىدى.بۇنى چۈشۈنۆشىڭىلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى رەسىمنىڭ مۇئەييەن ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمەن:

B تەكشىلىك پىلانىك بىلەن ئالبىرىت ئېنيشتېننڭ ئايرىم –ئايرىم ئىككى شەخىس بولۇپ تۇرالىشىنىڭ تاشقى شەرتى. مۇبادا، Bتەكشىلىك مەۋجۈت بولمىسا ئەلبەتتە، پىلانىك، ئالبىرىت ئېنيشتېين ۋە ھەرقانداق جانلىق(ئىندىۋىد) بولمىغان، پۈتكۈل ماسسا _ ئېنىرگىيە بىرلا نوقتىغا توپلىنىپ قېلىپ،ئاسمان جىسىملىرى ۋە يۇلتۇزلار سىستىملىرى شەكىللەنمىگەن بولاتتى. ئابىستىراكىتىسيەلسەك، يۇقۇرقى ئىككۇيلەن مۇتلەق ئادەم(مۇتلەق ماددا)دىن ئىبارەت بىرلا ئۇقۇمغامغا يىغىنچاقلانسا،B تەكشىلىك مۇتلەق بوشلۇق دىگەن بىرلا ئۇقۇمغا يىغىنچاقلىنىدۇ.ئۇ ئىككۇيلەننىڭ ياكى ئادەمگە يىغىنچاقلانغان بىرەيلەننىڭ ھەركىتى Bتەكشىلىكتە ئېلىپ بېرىلىدۇ.B تەكشىلىك ئادەمنىڭ مەۋجۈتلىكى ۋە پائاليىتىگە نىسبەتەن مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى بولىدۇ.

ibrahim010ئەپەندى  ئالەمنىڭ شەكلى مەسىلىسىدە مانا مۇشۇنداق ئىككى خىل پوزىتسىيەدە بولدى.ئېينىشتېيىن ئىدىيىلىرى ۋە مېتۇتلىرىغا بولغان قارىغۇلارچە ئىخلاسمەنلىك پاكىتلارنى مەنسىتمىدى.ئالەمنىڭ شەكلى مەسىلىسىدە بۇ ئەپەندىم گۇيا "يەڭدى" مەن شۇ مىنۇتلاردا بۇ ئەپەندىنىڭ روھى ھالىتىنى پەرەز قىلىپ ئولتۇردۇم.ئەپەندىمنىڭ چىرايىدا شۇ مىنۇتلاردا ئاغىنىلىرىنى كوملىۋالغان كىچىك مەككارنىڭ پەخرلىنىش تۇيغۇسى،بالىلارچە ئۇماقلىق ۋە ھەييارلىق ئەكىس ئەتكەن بولىشى مۆمكىن.بۇنداق ئوماق ۋە ھەييارلارچە چىراينى بۇ ئەپەندىمنىڭ ئۇستازى بولمىش ئېينىشتېيىننىڭ پورتىرىتلىرىدىمۇ ئۇچراتقانمەن.تەساۋۋۇرۇم خاتا بولمىسىلا ،گويا بالا دادىسىنى تارتقاندەك بىر ئىش بولدى!

ئوماق ۋە ھەييار ئېينىشتېيىن



5


ibrahim010ئەپەندى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پايدىلىنىش سېستىمىسىنى تاللاشنى مەركەز قىلغان تالاش-تارتىشلار ،ماھىيەتتە نىيوتۇننىڭ مۇتلەق ماكان،مۇتلەق ھەركەت،مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى ئىدىيىسى بىلەن،ئېينىشتېيىننىڭ نىسبى ماكان،نىسبى ھەركەت نىسبى پايدىلىنىش سېستىمىسى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ داۋامىدىن ئىبارەت.بىلىش كېرەككى،ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتى،شۇنداقلا نىيوتۇنچە بوشلۇق " مۇتلەق "دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ شەرىتسىز،چەكلىمىسىز دىگەن تۈپ شەرتىنى قانائەتلەندۆرىدۇ.
ئەڭ بۇرۇن ئېرنىسىت ماخ نىيوتۇننىڭ چىلەك تەجىرىبىسىدە ئىسپاتلانغان مۇتلەق ھەركەت،مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى ئىدىيىسىگە قارشى چىقىپ ئالەمدە ماددىدىن ئايرىلغان مۇتلەق بوشلۇق يوق،چىلەكتىكى سۇنىڭ تېزلىنىشچان ھالىتى يەنە بىر ماددى نۇقتىغا نىسبەتەن بولىدۇ،دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.ئاندىن ئېينىشتېيىن ماخنىڭ بۇ ئىدىيىسىگە بەيئەت قىلىپ بۇنداق ئىدىيەنى ئۆزىنىڭ نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ تاينىش نۇقتىسى قىلىدۇ.ئېينىشتېيىن ئۆزىنىڭ بۇنداق تاللىشىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولىدۇ.
ئېينىشتىيىن 1950-يىلدىكى ئوبزورىدا فىزىكىدىكى باشقا ساھەلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: "ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، فىزىكا ئاساسلىرىنى تېخىمۇ چۈشىنىشتىكى سىناقلىرىمدىن ئېرىشكەنلىرىمنىڭ ھەممىسىدە، ئەگەر بىرەر ئاساسىي ئۇقۇم باشلىنىشىدىنلا كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن ئوخشاش بولمىسا، ھامان بەخىتسىزلىككە دۇچار بولىدۇ."(سىتىۋېن ۋېنبېرىگ:"پەلەسەپە ۋە فىزىكا"ناملىق ماقالىسىگە كىرگۆزۆلگەن نەقىلدىن ئېلىندى)
ئېينىشتېيىن يەنە كىۋانىت نەزەريىسىنىمۇ ئۆزىنىڭ ئىدىيۋى مەۋقەلىرىنى چىقىش قىلىپ بىر"پاسكىنا نەزەرىيە"دىگەن ئىدى!
مەن بۇ تېمىنىڭ سەرلەۋھەسىدە تىلغا ئالغان سېھىرگەرلىك ۋە مۇتىھەملىك مانا مۇشۇنداق باشلانغان!
ماخ ئالەمدە مۇتلەق بوشلۇق يۇق دىگىنىدە ھېچقانداق بىر تەجرىبە ئاساسىنى كۆرسەتكەن ئەمەس.ئۇ نىيوتۇن كۆزدە تۇتقان مۇتلەق ماكان دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى گىئومېتىرىيىلىك مەناغا ئايلاندۇرۇپ بۇرمىلىۋىتىدۇ.مۇتلەق دىگەن بۇئۇقۇمنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى،مەناسىنى بۇر مىلىۋىتىدۇ.ھالبۇكى، مۇتلەق ماكان دىگەن بۇ ئۇقۇم ماكاننىڭ ئۆز خارەكتىرلىرىنىڭ يوقالماسلىقى ۋە تەڭدىشى بولماسلىقتىن ئىبارەت مەنانى ئاڭلىتاتتى. ماخ بۇ ئۇقۇمنى توغرا چۈشەنمەي،ئۇنى ماددىدىن ئايرىلغان بوشلۇق دەۋاسى قىلىش دەپ خاتا چۈشۈنۆۋالىدۇ.ئېينىشتېيىن مانا مۇشۇنداق ئىدىيۋى ئارقا كۆرۆنۈشنىڭ مەھسولى ئىدى.نىيوتۇن ھېچقان ماددىدىن ئايرىلغان ھەقىقى بوشلۇق بار دىگەن ئەمەس،بەلكى ماددىنىڭ قەدىمىيەتمىگەن بوشلۇقمۇ بار دىگەن.ئالەمنىڭ كېڭىيىشى نىيوتۇننىڭ ھەرگىز خاتا قىلمىغانلىغىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا،فىزىكىدىكى زىچلىق ئوقۇمى نىيوتۇنچە مۇتلەق بوشلۇق شەرتى ئاستىدىلا تۇرغۇزۇلغان ئۇقۇم ئىدى.ھەرقانداق بىر ماددا ھەرقانداق بىر ئەھۋالدا مۇتلەق بوشلۇقتا تۇرغان ۋە ھەركەت قىلىۋاتقان ھېساپلىناتتى.ماكان ھەركەتنىڭ ۋەماددى مەۋجۈتلۆكنىڭ سەھنىسى بولۇپ نىيوتۇنچە ماكانسىز ھەركەتنى تەساۋۋۇر قىلىش مۆمكىن ئەمەس ئىدى.نىسبىلىك نەزەريىسى،ئۇنىڭ مەھسۇلاتى بولمىش قارائۆڭكۈر ۋە غەيرى نۇقتا ماددى رىياللىقنىڭ ھەجىمىنىڭ ئىنتايىن كىچىك بولىدىغانلىغىنى ئىسپاتلىدى.قالغىنى ئەلۋەتتە نىيوتۇنچە مۇتلەق جىم ۋە چەكسىز بولغان نىيوتۇن ماكانى ئىدى.ھەتتا قارا ئۆڭكۈر ۋە غەيرى نۇقتىنىڭ ھەجىمىنىڭ ئۆزىمۇ نىيوتۇنچە مۇتلەق ماكاننىڭ شۇ كونكىرىتلىقتىكى ئەمىلى ھەجىمىنىڭ مىقدارىنى ئىپادىلەيتى.ھازىر ئالەمدە غايەت زور قۇرۇق بوشلۇقلارنىڭ مەۋجۈتلىكى ئىسپاتلىنىپ بولدى.مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىسپاتلار تۇرسىمۇ ماخ ۋە ئېينىشتېيىننىڭ تالىپلىرى ئۆلار باشلاپ بەرگەن سېھىرگەرلىكنى  ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.ئۇلار قالدۇرغان مۇتىھەملىك تىندېسيىسىنى ۋايىغا يەتكۈزىۋاتىدۇ! ھالبۇكى،ئالەم ھازىرمۇ نىيوتۇنچە مۇتلەق بوشلۇققا قاراپ كېڭىيىۋاتىدۇ.بۇ ئىخلاسمەن مورىتلارنىڭ خۇددى ئەجداتلىرىدەكلا پاكىتلار بىلەن خۇشى يوق!

ھەرقانداق پايدىلىنىش سېستىمىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە كەمچىللىگى بولىدۇ.يايىسىمان توپلارنىڭ  ئىككى يېقىدىكى سىزىقلىق تېزلىكى پەرقىنى كەلتۆرۈپ چىقىرىش ۋە تەجرىبىدە ئىسپاتلاشتا ئەنئەنىۋى ئۇسۇل ئاقمايدۇ.چۈنكى، ھېچكىم يايىسىمان توپلارنىڭ مەركىزىگە بىر ياكى ئىككى ئانېمومېتىر ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ئىككى تەرەپنىڭ ياكى بىر تەرەپنىڭ سىزىقلىق تېزلىك پەرقىنى تەجرىبىدە ئىسپاتلىيالمايدۇ.ھەتتا ئەنئەنىۋى چۈشەندۆرۈشلەردە بۇنداق بىر نەزەريىۋى تەساۋۋۇرمۇ يوق!ئۆزى تەشەببۇس قىلىۋاتقان مۇشۇنداق كونكىرىت مەسىلىدە ئۆزى تەجرىبە ئىسپاتى كۆرسىتەلمەيدىغان تۇرۇغلۇق،تەجرىبە ئاساسىغا ئىگە ئىلمى تەشەببۇسلارنى ئېتراپ قىلماسلىق،سېنىڭ تەجرىبەڭ بىزنىڭ ئىدىيىمىزگە مۇۋاپىق كەلمىدى،شۇڭا تەجرىبەڭنىڭ كۈچى يوق،چوقۇم بىر مەسىلەر بار دەپ ئېغىۋاگەرچىلىك قىلىش مۇتىھەملىك بولماي نىمە؟! شەكىل نەزەرىيەسى ۋە ئۇنىڭ تەجرىبىلىرىنىڭ سىزنىڭ ئىدىيەرىڭىزنى ۋە تاللاش ئۇسۇلىڭىزنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلاپ بېرىش مەجبۇرىيىتى يوق.شەكىل نەزەريىسى ئېينىشتېيىننىڭ تالىپلىرىدىن سەدېقە،ھېسداشلىق ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى تەلەپ قىلىۋاتقىنى يوق.پەقەت ئادىللىق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.بۇ بىر مۇرەسسەسىز كۈرەش.شەكىل نەزەريىسى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىلمى تەنقىتكە تەنقىتكە دادىل يۈزلىنەلەيدۇ. كۇنا ئىدىيە تەرەپدارلىرىمۇ شەكىل نەزەريىسىنىڭ تەنقىدى پوزىتسىيىسىگە دادىل يۈزلىنەلىشى كىرەك!

6


مەن نىمە ئۈچۈن مۇتلەق ماكان ئىدىيىسىنى تەكىتلەيمەن؟ بۇنىڭ ناھايتى نۇرغۇن جاۋاپلىرى بار.ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ ئولتۇرۇش بۇ تېمىنىڭ مەقسىتى ئەمەس.بىر قانچە موھىم نۇقتىنى ئۇقۇرمەنلەر ئۇقۇپ قالسا كۇپايە.
ئەڭ ئالدى بىلەن مۇتلەق ماكان بىر ئوبىكتىپ چىنلىق.ئۇنىڭ مۇتلەقلىغى بىر خارەكتىرىستكا مۇتلەقلىغى بولۇپ،ئۇنىڭ خارەكتىرى ھەرقانداق پەيىتتە تۇراقلىق ۋە ئۆزگەرمەستۇر.مۇتلەق جىملىق،ئومۇمىلىقتا چەكسىزلىك،ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىكلىك،شەكىلسىزلىك ،خاس خۇسۇسىيەتلىرىگە كۆرە تەڭداشسىزلىق ۋە يىگانىتلىق-مانا بۇلار ئۇنىڭ مۇتلەق خارەكتىرىدىن ئىبارەت.ئۇ ماددى مەۋجۈتلۈك ۋە ھەركەتنىڭ تاشقى ئىمكانىيىتى.ھەركەت ھەرقاچان ئۇنىغا نىسبەتەن بولىدۇ.
مەن نىمە ئۈچۈن ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنىڭ مۇتلەقلىغىنى تەكىتلەيمەن؟ بۇنىڭمۇنۇرغۇن جاۋاپلىرى.بۇ تېمىدا پەقەت بىر قانچە يادرۇلۇق جاۋاپنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك.ساقلىنىش قانۇنلىرى بۇنداق مۇتلەقلىقنىڭ ئاساسى.بۇندىن باشقا ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتى ھەر قاچان مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولغانلىغى،ھەر بىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك بولىدىغانلىغى،تەجرىبە پەنلىرىنىڭ چەكسىز ۋە مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولمىغان رىياللىقنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزەلمەيدىغانلىغى قاتارلىقلار بار.شەكىل نەزەريىسىنىڭ ئەڭ موھىم ۋە خاس يەكۈنلىرىنىڭ بىرى مۇتلەق ھەجىم ئىدىيىسى بولۇپ،بۇ ئىدىيەچە بولغاندا ماسسا-ئىنىرگىيەنىڭ ئالەمدىكى ئومۇمى گىئومىتىرىيىلىك مىقدارى تۇراقلىق ۋە ئۆزگەرمەستۇر.خارەكتىرى تۇراقلىق بولغان،ھەجىمى تۇراقلىق بولغان،ھەركەت مىقدارى تۇراقلىق بولغان ۋە ھەممىسى چەكلىك بولغان بۇنداق خارەكتىرىستكا ماددىغا خاس تەڭداشسىز،يىگانە،يوقاتقىلى بولمايدىغان مۇتلەقلىقتىن ئىبارەت.ماددا بىلەن ماكاننىڭ ھەرئىككىسىنىڭ مۇتلەقلىغى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاس خارەكتىر ئالاھىدىلىكلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.
ماخ ۋە ئېينىشېيىنچە مادداھەركىتىنى يەنە بىر ماددىنى پايدىلىنىش قىلىپ بىلىش مېتۇدىدا زادى قانداق كەمچىلىك بار؟ بۇ سوئالنىڭمۇ ناھايتى نۇرغۇن جاۋاپلىرى بار.مەن پەقەت بىر قانچىسىنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
1.بۇ بىر چەكتىن ئاشقان پان ماددىچىلىق ئىدىيىسىگە ئېلىپ بېرىپ ،ئالەمدە ماددىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق،دەيدىغان پەلسەپەۋى ئىدىيىنىڭ يامراپ كېتىشىگە تۈرىتكە بولدى.ئومۇمى ئالەمنىڭ ئەڭ كەڭ رىياللىغى بولغان مۇتلەق ماكاننى ئىنكار قىلدى. بۇنداق تىرىشچانلىقنىڭ ئاقىۋىتى ئاخىرى فىزىكىنى غەيرى نۇقتىدا ئۆلتۆرىۋىتىشكىچە تەرەققى قىلدى.
2.ماددىنىڭ ھەركىتى مۆتلەق بولغانلىغى ئۈچۈن ماددىنى ماددىغا پايدىلىنىش سېستىمىسى قىلىپ تاللاش ھەركەت مىقدارىنى توغرا ئىگەللەشتە ئېنىقسىزلىق ،مۇجىمەللىك ۋە قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلدى.مەسىلەن ئالەمدە بىرنۇقتىنىڭ ھەركىتىنى بىلىشتە يەنە بىر ماددى نۇقتا جىم دەپ قارىۋىلىنىدۇ.نەتىجە قانداق بولىدۇ.ماھىيەتتە جىم تۇرىدىغان ماددى رىياللىق مەۋجۈت بولمىغانلىغى ئۈچۈن ئىگەللەنگەن مىقدارنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ.
3.بىلگىلى بولماسلىق ئاقىۋىتىگە ئېلىپ باردى.مەسىلەن ئالەم بوشلۇغىدا پارالىل تۈزسىزىق يۆنىلىشىدە ئوخشاش تېزلىكتە كېتىۋاتقان ئىككى ماددى نۇقتا بار دەپ پەرەز قىلساق ئۇلارنى بىر-بىرىگە پايدىلىنىش قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھەركەت قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىغىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
4.غەيرى نۇقتىدەك مۇشۇنداق نەزەريىۋى رىياللىقنىڭ ھەركىتىنى بىلگىلى بولماسلىق ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۆپ چىقاردى.مەسىلەن،ئىپتىدائى ئالەمنىڭ پارتىلاش ئەرپىسىدىكى ھەركەت ھالەتلىرىنى تەسۋىرلەش،بىلىش ئىمكانىيىتىنى يوققا چىقاردى.چۈنكى بۇنداق پەيىتتە نىسبىلىك نەزەريىسىچە مېتۇت قوللانغاندا غەيرى نۇقتاياكى ئىپتىدائى ئالەمنىڭ ھەركىتىنى بىلىش ئۈچۈن يەنە بىر ماددى نۇقتا،يەنە بىر ئىپتىدائى تەلەپ قىلىناتتى.ئېينىشتېيىنچىلەر بۇ يىگانە بولغان ئىپىتىدائى ئالەمنى نىيوتۇنچە مۇتلەق ماكاننىڭ ئۆزئىچىگە ئېلىپ تۇرىدىغانلىغىنى ،بۇ مۇتلەق ماكاننىڭ خالىغان بىر نۇقتىسىنى پايدىلىنىش قىلىشنى خالاپ كەتمەيتى.بۇنداق خالىماسلىق قارىشى مۇنازىرە جەريانىدا .ibrahim010ئەپەندىنىڭ بايانلىرىدا رۇشەن ئەكىس ئەتتى....ۋەھاكازالار.
مۇتلەقلىق ئىدىيىسىنىڭ قانداق ئەۋزەللىكلىرى بار؟ بۇنىڭمۇ ناھايتى نۇرغۇن جاۋاپلىرى بار.مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىر قانچىسىنىلا كۆرسۆتۈپ ئۆتەي.
1.ئېنىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسى ئالەمنىڭ ئىپىتىدائى پەيتىدە،غەيرى نۇقتىدا ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلغان فىزىكىنى نىيوتۇننىڭ مۇتلەق ھەركەت،مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى ئىدىيىسى قايتا تىرىلدۇرۇدۇ.نىسبىلىك نەزەريىسى بۇنداق قىلىشقا قادىر ئەمەس.
2.نىيوتۇننىڭ مۇتلەق ھەركەت،مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى ئىدىيىسى ھەرقانداق شەكىلدىكى ئېنىقسىزلىق ۋە مۇجىمەللىكلەرگە خاتىمە بىرەلەيدۇ.ھالبۇكى،نىسبىلىك نەزەريىسى ئېنىقسىزلىق ،مۇجىمەللىكلەرنىڭ،ئۇقۇملارنى قالايمىقان ئالماشتۇرۇۋىتىشلەرنىڭ باش مەنبەسى.
3.نىيوتۇن مۇتلەق ھەركەت،مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى  ئىدىيىسى نىسبىلىك نەزەريىسى قىلالايدىغان ھەممە ئىشلارنى قىلالىغاندىن باشقا نىسبىلىك نەزەريىسى قىلالمايدىغان ئىشلارنىمۇ قىلالايدۇ.ئىسپاتىنى يۇقۇرقى پارالىل كېتىۋاتقان ئىككى دانە ماددى نۇقتا ۋە ئىپتىدائى ئالەم مىساللىرىدا كۆرۈپ ئۆتتۇق.
4.كىۋانىت مېخانىكىسى بىلەن نىسبىلىك نەزەريىسى ئاخىرقى ھېساپتا قەتئى سىغىشمايدۇ.ھالبۇكى،نىيوتۇن مېخانىكىسى بۇنداق ئەجەللىك ئاجىزلىققا مۇپتىلا ئەمەس.شەكىل نەزەريىسى ھەرئىككىسى بىلەن سىغىشىپلا قالماي،ئۇلار شەكىل نەزەريىسى ئىدىيىلىرىنىڭ يىلتىزى....ۋەھاكازالار.



7


.ibrahim010ئەپەندىم"بىرنۇللى قانۇنىدىكى تىزلىك بولسا ھاۋا ئىقىمىنىڭ تىزلىكى، شۇڭا ھاۋا ئىقىمىنىڭ تىزلىكىنى سىلىشتۇرۇش بىزنىڭ مەقسىدىمىز، ھاۋانىڭ توپ يۈزىگە نىسبەتەن تىزلىكىنى تىپىش مەقسەد ئەمەس" دەپ يازىدۇ.شۇنداق دېيىشكە توغرا كېلىدۇكى،توپنىڭ ئىككى يېنىدىكى ئىككى نۇقتىغا نىسبەتەن ھاۋا ئېقىمىنىڭ تېزلىكىنى تېپىش بىزنىڭ مەقسىدىمىز.شۇڭا سىز بىزنىڭ مۇۋاپىق پايدىلىنىش نۇقتىسىنى تاللاش ھوقۇقىمىزغا ھۆرمەت قىلىشىڭىز ۋە مەقسدىڭىزنى ، پايدىلىنىش قورالىڭىزنى بىزگە تاڭماسلىغىڭىزكىرەك.سىزنىڭ مەقسىدىڭىزگە مۇۋاپىق بولغان پايدىلىنىش سېستىمسىدىن كېلىپ چىققان نەزەريىۋى نەتىجە تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلانسا ئاندىن ھېساپ.سىزنىڭ بىز پايدىلىنىش سېستىمىسىنى ئۆزگىچە تاللاپ ئىرىشكەن نەتىجىلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئىنكار قىلىش ھوقۇقىڭىز يوق.سىزنىڭ نەتىجىڭىز ئالاھىدە ئىمتىيازلىق نەتىجىمۇ ئەمەس،ئۇنىڭ بىزنىڭ نەتىجىمىزنىڭ توغرا-خاتالىغىنى بەلگىلەش ئىمتىيازى يوق.

ibrahim010ئەپەندى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىلەردە پايدىلىنىش سېستىمىسىنى تاللاش مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا مەركىزى مەسىلە بولۇپ كەلدى.بۇ مەسىلىنى ئىلمى مەسىلە دىگەندىن كۆرە ئىلمى لېباس كەيدۆرۆلگەن سېھىرگەرلىك دېسە تېخمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.مەن بۇ ھەقتە ئاساس كۆرسىتەلەيمەن.دەسلەپ ئېرنېسىت ماخ نىيوتۇننىڭ مۇتلەق پايدىلىنىش سېستىمىسى بولغان مۇتلەق ماكاننىڭ ئورنىغا ماددىنى ئالماشتۇرۇۋەتتى.ئېينىشتېيىن بۇ ئەندېزىدە تەپەككۈر قىلىپ ۋە قاراشلىرىنى ئارىستوتىل ئالەم قاراشلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ  نىسبىلىك نەزەريىسى،نىسبىلىك پىرىنسىپى ۋە تەڭ ئۈنۈم پىرىنىسىپى قاتارلىق شالغۇت تۇغۇندىلارنى تەۋەللۇت قىلدى.ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدە ئېفىرنى ئېلىپ كىرىپ نىيوتۇن بوشلۇغىدىن ۋاز كەچكەن بولسا،تارمەنىلىك نىسبىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدە نىيوتۇننىڭ مۇتلەق بوشلۇغىنى پايدىلىنىش قىلىپ يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىدىن ئىبارەت بۇ ئاتالمىش مۇتلەق مىقدارنى تۇرغۇزۇۋالدى.ئۇ ھەتتا كەڭ مەنىلىك نەزەريىسىدە ئېفىرنى ئېلىپ كىرگەندە مېكىلسون-مورلىي  تەجرىبىسىنىڭ نەتىجىسىگە پەرۋامۇ قىلىپ قويمىدى.بۇ پاكىتلار ئېينىشتېيىننىڭ نەزەريىۋى جەھەتتە پەقەت بىر سۈيىئىستىمالچى ئىكەنلىگىنى،ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۆرۆش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمىغانلىغىنى،بۇ بىر ئىلمى لېباس كىيىۋالغان سېھىرگەرلىك ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلايدۇ!
دېمەك، بۇنداق سېھىرگەرلىك ibrahim010ئەپەندىنىڭ ياكى بۇ ئەپەندى بىلەن ئوخشاش تىپتىكى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ خۇسۇسى ھۈنىرى ئەمەس.بۇ كىشىلەرنىڭ مىڭىسى ئېينىشتېيىن ئىدىيىسى تەرىپىدىن پىرۇگىراممىلانغان .ئۇلارنىڭ ھۈنەرلىرى  ئالدى بىلەن ئېرنىسىت ماخ ۋە ئاندىن ئېينىشتېيىندىن قالغان كونا ھۆنەر.ئىدىيە ۋە مېتوتنى تېڭىش بۇ ھۆنەرنىڭ تۈپ ئالاھېدىلىگى ۋە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش شەرتى.بۇ ھۆنەرنىڭ كىيىنكى ۋارىس ۋە شەيدالىرى پەقەت بۇ سېھىرگەرلىكنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ،خالاس!
ibrahim010ئەپەندى.مەن سىزنىڭ بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىغىڭىزدىن رازى.مەن سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم.تارىخقا نەزەر سالساق ھەرقانداق بىر تارىخى باسقۇچتىكى تەبىئى پەن ئىنقىلاۋىنىڭ ئالدى بىلەن ئىدىيە ئىنقىلاۋى ئىكەنلىگىنى بايقايمىز.فىزىكا كىرزىسقا پاتقان ھازىرقىدەك پەيىتتە فىزىكىنى بۇنداق كىرىزىستىن قۇتقۇزۇدىغان يېڭى ئىدىيە ھەممىدىن بەك زۆرۆر.مەن سىزلەرنى ئالدى بىلەن  نىسىبى ۋە مۇتلەق دىگەن ئۇقۇملارنىڭ مەناسىنى پۇختا ئىگەللەپ ئاندىن ئالاقىدار قاراشلارغا قايتا نەزەر سىلىپ بېقىشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلىمەن.شۇندىلا سىلەر ماخ بىلەن ئېينىشتېيىننىڭ قانداق سېھىرگەرلىكلەرنى قىلغانلىغىنى بىلەلەيسىلەر!مەن سىزلەردەك مەخسۇس كەسىپ ئوقۇغان ياشلارنىڭ پەقەت كونا بىلىملەرنى يادىلايدىغان تالىپلاردىن بولۇپلا قالماي،يېڭى ئىدىيەلەرگە تەلپۈنىدىغان ۋە ئۇلارنى يارىتىدىغان تالانىتلاردىن بولۇپ چىقىشىڭلارنى تولىمۇ ئۈمىت قىلىمەن.ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەتلىرىڭىزگە مۇۋەپىقىيەتلەر يار بولسۇن!


پايدىلانمىلار:

قوش پىلدىرلىغۇچ تەجىربىسىنى چۈرىدىگەن مۇلاھىزىلەر
قاسىم سىدىق:نىيوتۇننىڭ چىلەك تەجىربىسى ۋە مۆتلەق ماكان
قاسىم سىدىق:مۇتلەق ھەجىم ھەققىدە
ئاق قەغەز مودېلى
فىزىكىلىق ئالەم
参考系_百度百科


2016.4.24


uyghuray

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20734
توردىكى ۋاقتى: 8605
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-24 12:49:54 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-24 15:50  

قارا ئۆڭكۆر-نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مەھسۇلى.ئېيتىلىشىچە قارا ئۇڭكۈر يورۇقلىقنىمۇ تارتىپ كېتىدۇ.يورۇقلۇقمۇ قارا ئۆڭكۆرنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.ئۇنداقتا قارا ئۆڭكۆرنىڭ ئېغىرلىق كۈچى تېزلىنىشى مىسىلسىز چوڭ بولىشى كىرەك.بۇ ھالدا يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى قارا ئۆڭكۆرگە نىسبەتەن ئەھمىيەتسىز بولىشى كىرەك.تارتىش كۈچى نەزەريىلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق تېزىنى باسسا مېزى چىقىدۇ!

بۇ يەردە مۇنداق 3خىل تاللاش كېلىپ چىقىدۇ:
1.ياكى يورۇقلۇق تېزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىدىن ۋاز كېچىش.
2.ياكى تارتىش كۈچى نەزەريىلىرىدىن ۋاز كېچىش.
3.ۋە ياكى قارا ئۆڭكۆر نەزەريىلىرىدىن ۋاز كېچىش.

黑洞重力至少是多少?_宇宙吧_百度贴吧

مۇنازىرە جەريانىدا  يېزىلغان تارتىش كۈچى نەزەريىلىرى ھەققىدىكى ساپايە قوشاقلىرى



يالغاننى راسىت قىلماق تەس، ئاللا،ۋاي ئاللا،
تاللار بولساڭ راستىنى تاللا!
ئاقىۋەتتە باسار نەس،ئاللا ۋاي ئاللاھ،
ئىشلىمىسە ياش تۇرۇپ  كاللا!

ئېينىشتېيىنكام سېرىكچى،ئاللا ۋاي ئاللا،
گەپنى قىلساق قىلايلى لىللا.
ھەقنى كۆردۇق «خالىس» تا، ئاللا ۋاي ئاللا،
چوڭ بولسىلا ھېساپمۇ،سەللا؟!

سەللاسىغا ئىشىنىپ،ئاللا ۋاي ئاللا،
يىراقلاشمايلى ھەقتىن باللا.
ئىشىنەيلى چۈشىنىپ،ئاللا ۋاي ئاللا،
كىيىن قالمايلى خەقتىن باللا!

قوللىمىسىمۇ پاكىت،ئاللا ۋاي ئاللا،
دەۋەرمەڭلا بىر گەپنى باللا.
تارتىش كۈچى قۇرۇلماس ،ئاللا ۋاي ئاللا،
قېيىپ كەتسىمۇ ئالما سەللا!

تېزلىنىشچان ھەركەتتە ئاللا ،ۋاي ئاللا ،
چۈشكەن جايى بىر چەتتە، يا دوسىت!
قالدى يەرنىڭ مەركىزى، ئاللا ۋاي ئاللا،
بۇيۇن قىسىپ ئۇچەتتە،يا دوسىت!


تىك چۈشسىلا بۇ ئالما،ئاللا ۋاي ئاللا،
راسىت بولامدۇ نىيوتۇننىڭ ،توۋا؟!
كىملا بولسا مۇتەللىپ،ئاللا ۋاي ئاللا،
دادىسىمۇ لوتۇننىڭ،توۋا!

سېھىرگەرلىك باشلاندى،ئاللا ۋاي ئاللا،
كاللا نەچچە قاشلاندى،توۋا.
گاھى ئەگرى گاھ تۈز دەپ،ئاللا ۋاي ئاللا،
يەنە قارماق تاشلاندى،توۋا.



شەھرى غۇلجەدە تەسنىف ئېتىلمەكتە

مەنبە:

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20734
توردىكى ۋاقتى: 8605
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-26 09:02:40 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-26 09:37  

广义相对论_百度百科


كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئاساسى تارمەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى،كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدىن چاتاق چىقسا پۈتۈن نىسبىلىك نەزەريىسى غۇلاپ چۈشىدۇ،دەيدۇ.
كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ ئاساسى تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى.يۇقۇرقى گەپچە بولغاندا،تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى موللاق ئاتسا پۈتكۈل نىسبىلىك نەزەريىسى موللاق ئاتىدۇ،دىگەن گەپكەن.

ئېينىشتېيىن ماخنىڭ نىيوتۇننىڭ چىلەك تەجرىبىسىگە تۇتقان تەنقىدى پوزىتسىيىسىدىن ئىلھاملىنىپ،ئېنىرېتسىيەنىڭ ماھىيىتىنى تاشقى ماددى تەسىرگە باغلىغان.مېنىڭچە مانا مۇشۇ نۇقتا،ئىدىيە تارىخدىكى ئېينىشتېيىنچە سېھىرگەرلىكنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان.ماددىنى ماددا ھەركىتىگە پايدىلىنىش سېستىمىسى قىلىدىغان ماخ باشلاپ بەرگەن بۇ غەلىتە ئۇسۇلنىڭ نىيوتۇن ئىنىرىتسىيە ئىدىيىسىىگە تۈزۈتۈش كىرگۆزۈش ھەتتا بورمىلىۋىتىشتە ئوينىغان رولىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدىكەن.....بۇ نۇقتا ئېينىشتېيىننىڭ 1913-يىلى ماخقا يازغان خېتىدىكى"سىزنىڭ نىيوتۇننىڭ چىلەك تەجىربىسى ئۆستىدە ئېلىپ بارغان تەنقىتلىرىڭىزنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى:ئىنىرىتسىيىنىڭ مەنبەسى بىر خىل ئۆز ئارا تەسىر ئىكەنلىگى بولۇپ خۇلاسىلىنىدۇ."دىگەن جۈملىدە رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ.
ئىنىرىتسىيىلىك ماسسا بىلەن تارتىش كۈچى ماسسىسى تەڭ ئۈنۈملۆك ،دىگەن بۇ ئىدىيە،ئالەم بوشلۇغىدا ئېغىرلىق-ماسسا مىقدارىنى ئۆلچەشتىن كېلىپ چىققان ۋاڭ ياپىڭ تەجرىبىلىرىدە شۇنداقلا يەر شارىدا ئېلىپ بېرىلغان ئادەتتىكى ماياتنىك،يانتۇ تەكشىلىك تەجرىبىلىرىدە ئەھمىيىتىنى يوقۇتۇدۇ،ئىنكار قىلىنىدۇ.ئالەم بوشلۇغىدىكى ماياتنىك تەجرىبىلىرىگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق.دىمەكچىمەنكى،ئاتالمىش تارتىش كۈچى ماسسىسى ھېچقاچان ئىنىرىتسىيەلىك ماسسا بىلەن تەڭ ئۈنۈملۆك بولالمايدۇ.
تەڭ ئۈنۈم پىرىنسىپى دىگەن بۇ ئىدىيەدە بىزگە يەتكۈزىلىۋاتقان ئۇچۇر زادى نىمە؟ ئۇ بىزگە ئىنىرىتسىيە بارلىكى جايدا تارتىش كۈچى بار،دىمەكچى.ھالبۇكى،تەجرىبىلەر بۇنداق قاراشنى رەت قىلماقتا.بىزگە تارتىش كۈچى سۈپىتىدە كۆرىنىۋاتقان بۇ كۈچ ماھىيەتتە ئىنىرىتسىيىلىك كۈچنىڭ بىر تارمىغىدىن ئىبارەت.
نىيوتۇن 1-قانۇنى بايانىنىڭ 2-ئابزاسىدا تېزلىنىشچان ھەركەت،ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قاتارلىقلار بۇ قانۇننىڭ دائىرىسىگە كىرگۆزۆلگەن.بىز1-قانۇننىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇقنى،تېخىمۇ توغىراق ئېيىتقاندا ئىنىرىتسىيەنىڭ ماھىيىتىنى تېخىچە تولۇق تونۇپ بولالماي كەلدۇق.ئېنىرىتسىيەنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېينىشتېيىنمۇ ئىزدىگەن،لىكىن،خاتا پەرەز قىلىۋالغان ئىدى.بۇ ماھىيەت"ئەسلىدىكى ھالەت"نىڭ ئۆزى بولۇپ،ئىنىرىتسىيىلىك تۈز سىزىقلىق ھەركەت ھالىتى ياكى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت ھالىتى بولۇشى ياكى تېزلىنىشچان ھەركەت ھالىتى بولۇشىمۇ مۆمكىن ئىدى.تەبىئەت دۇنياسىدا ئەسلا مەۋجۈت بولمىغان ئاتالمىش"تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت"،ئەسلا مەۋجۈت بولمىغان "ماددىنىڭ تىنىچ ھالىتى"قاتارلىقلار ئەسلا ئىنىرىتسىيە قانۇنىنىڭ ماھىيىتى ئەمەس.


0

تېما

0

دوست

89

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   29.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63863
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-15
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-27 20:51:30 |ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازدىم سەۋەبى بىر تاغار گەپتىن كىيىن دىيىلدىغىنى ھەممىسى خاتا مىنىڭ توغرا دىمەكچى
uyghuray

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20734
توردىكى ۋاقتى: 8605
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-27 21:01:50 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-24 02:16  

تارتىش كۈچى دېنامىكىسى نەزەريىسى
引力的动态理论_百度百科

نىكولا.تېسلا 尼古拉·特斯拉) 1936  )   -يىلى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەريىكەن.چوڭ بىرلىككە كەلتۆرۈش نەزەريىسىنىڭ ئاۋانگارتى دەپ قارالغان نەزەريىكەن.ئامرىكا ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تەتقىقات دوكىلاتنى مۇتلەق مەخپى ھۆججەتلەر ئارخىۋىغا كىرگۆزىۋەتكەن ئىكەن.

____________

News | physics.org

APS Physics | APS Home

Physics World - IOPscience

American Institute of Physics (AIP), Physics Today Jobs

Physics News - Physics News, Material Sciences, Science News

physics central

0

تېما

0

دوست

89

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   29.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63863
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-15
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-27 21:30:10 |ئايرىم كۆرۈش
مەيلى نىمىلا بولسۇن سىنىڭ مىنىڭلا توغرا دەيدىغان جاھىل خۇيۇڭنى يېڭى كىرگەن مەن چېغىمدا بىلىپ بولۇپ راست سۆزلىسەڭمۇ ئىشەنمەس بولۇپ كەتتىم يوللىغان ماتىرياللىرىڭنىغو ئەسلى كورمەيتتىم . ئاشۇ ئەرزىمەس ئەگرى ھەركىتىڭنىڭ زىيىنى كىمگە بولدى ؟ يەنىلا ئۆزەڭگە بولدى ھەممىسى ساڭا ئېغىز ئۇپرىتىش ئارتۇقچە دەيدىغان بولدى .يىلانمۇ مەن ئەگرى ئەمەس يول ئەگرى دەرمىش

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20734
توردىكى ۋاقتى: 8605
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-27 21:30:58 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-24 03:43  
asturnom يوللىغان ۋاقتى  2016-4-27 20:51
مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازدىم سەۋەبى بىر تاغ ...

مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازدىم سەۋەبى بىر تاغار گەپتىن كىيىن دىيىلدىغىنى ھەممىسى خاتا مىنىڭ توغرا دىمەكچى

ــــــــــ

ئوقۇمايلا ئىنكاس يازغىنىڭىز ھەقىقەتەن «پەخىرلىنەرلىك»ئىش بولۇپتۇ ۋە سىزنىڭ بەك «ئەستايىدىل»ئادەم ئىكەنلىگىڭىزنى ئىسپاتلاپتۇ!

ــــــــــــــــ

Physical Review E

physical review d.

Harvard University Department of Physics
american institute of physics

Physics | MIT OpenCourseWare

Journal home : Nature Physics

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20734
توردىكى ۋاقتى: 8605
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-27 21:35:43 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-27 21:44  
asturnom يوللىغان ۋاقتى  2016-4-27 21:30
مەيلى نىمىلا بولسۇن سىنىڭ مىنىڭلا توغرا دەيدىغان جاھى ...

مەيلى نىمىلا بولسۇن سىنىڭ مىنىڭلا توغرا دەيدىغان جاھىل خۇيۇڭنى يېڭى كىرگەن مەن چېغىمدا بىلىپ بولۇپ راست سۆزلىسەڭمۇ ئىشەنمەس بولۇپ كەتتىم يوللىغان ماتىرياللىرىڭنىغو ئەسلى كورمەيتتىم . ئاشۇ ئەرزىمەس ئەگرى ھەركىتىڭنىڭ زىيىنى كىمگە بولدى ؟ يەنىلا ئۆزەڭگە بولدى ھەممىسى ساڭا ئېغىز ئۇپرىتىش ئارتۇقچە دەيدىغان بولدى .يىلانمۇ مەن ئەگرى ئەمەس يول ئەگرى دەرمىش

ــــــــــــــــــ

چاتاق يوقتۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )