بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-4-24 12:39
كۈيئوغۇلنىڭ قېيىن ئانىسىغا يازغان خېتى 荆楚乡巴佬 دولان تەرجىمىسى
ئەسسالامۇئەلەيكۈم قەدىرلىك قېيىن ئانا! ئالدىبىلەن،كەمىنە كۈيئوغۇللىرىنىڭ پۈتۈن جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۆزلىرىگە رەخمەت ئېيتىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا؛ سىللىنىڭ بىر ئۆمۈر تىرىشىپ، مەن ئۈچۈن دۆلەت1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان « شەرقىي-شىمال يولۋىسى » نى بېقىپ قاتارغاقوشقانلىقلىرىغا رەخمەت ئېيتىمەن. پېقىرئەتىۋارلىق قىزلىرى بىلەن توي قىلغان بىر ئايدىن بۇيان، تۇرمۇشىمىز « رەڭگارەڭ »مول مەزمۇنغا تۇلۇپ، كۈندە « چامباشچىلىق » مەشىقى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، قىزلىرى «نازۇك » تىرناقلىرى بىلەن بوينۇمغا چىرايلىق « نەقىش » ئويۇپ چىقتى، بىزنىڭ نىكاھيىمىز خۇددى « ئالمىخانغا كۆيمىگەن يۇرتتا ئامبال قالمىدى، ئالمىخانغا كۆيگەنلەرنىڭ قوڭىدا تامبال قالمىدى » دېگەندەك، ئائىلە بەختىگە چۈمۈلدۈرسە، ئۆتكۈر پۈلات چىشى ۋە ئالماستەك تىرناقلىرى، پۈتۈن بەدىنىمدە مەڭگۈلىك « خاتىرە » قالدۇردى؛ ئۆزلىرى قىزلىرىغا سوۋغا قىلغان ئائىلە جابدۇقلىرىنى ھازىر كۆرسىلە تۇنىيالمايلا، ھازىرقى ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى تاياق كۆتۈرەلمەمدۇ-قانداق، توڭلاتقۇ تاياققا بەرداشلىق بېرەلمەي مېڭىسى سىلكىنىپ كەتتىمىكى ئىشىكى يېپىلماي ھەمىشە « ھىجارىپ » تۇرىدۇ، چوڭ تېلېۋىزور تاياققا چىدىماي چاپىننى يىرتىپ تاشلاپتى، پىلاستىردا چاپلاپ قويساق شۇنداق « ياراشتى » لىكىن « مال ئىگىسىنى دورىمسا ھارام » دېگەندەك، مۇشلىمساق سۈرەت چىقمايدۇ؛ ئۇستەل، ئورۇندۇق ۋە ئىشكاپلارنىڭ تاياققا بەرداشلىق بېرەلمەي قۇربان بولغانلىرىنى ئۇزۇتۇپ قويدۇق، سۇنۇق بولسىمۇ بىرنەچچىسى تېخى ھايات، مانابۇلار ئەتىۋارلىق قىزلىرىنىڭ « نادىر ئىجادىيىتى ». ئادەتتىكى كۈنلەردە خوشنىلارغا ھەقسىزچامباشچىلق ئويۇنى قويۇپ بېرىپمۇ پۇخادىن چىقمايمىز؛ بىر كۈنى قىزلىرى بىلەن «ئەلەم كۈرىشى » ئېلىپ بارغاندا، قىزلىرى نادان كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئۇستىدىكى كىيىمنى يىرتىپ تىتما-تىتما قىلىۋەتتى، بۇنى كەنتىمىزدىكى ئىشتىن سىرىتقى مۇخبىر سۈرەتكەتارتىۋېلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك گېزىتتە « كىيىمدە پۇرەكلەپ ئېچىلغان گۈل » دېگەن تىمىدا ئېلان قىلغان ئىكەن، مۇنەۋۋەر ئاخبارات سۈرىتى بولۇپ باھالىنىپ 500 يۈەن مۇكاپات ئاپتۇدەك. بىر كۈنى،ئۆيىمىزدە ۋاقىتلىق تۇرىۋاتقان جىيەن قىزىمنىڭ بىخەستەلىكىدىن، قوڭغۇراقلىق سائەت يېرىم كىچدە تۇيۇقسىز جىرىڭلاپ، شىرىن چۈش كۈرىۋاتقان قىزلىرىنى ئويغىتىۋەتتى،چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ « يولۋاس » تىرىسىنى كېيىپ، جىيەن قىزىمنىڭ سائىتى كۈكۈم تالقان بولۇپ مەردلەرچە قۇربان بولدى، جىيەن قىزىم ئازاپلىنىپ تاڭئاتقۇچە يىغلاپ چىققان ئىدى؛ يېقىندا ئاڭلىسام، جىيەن قىزىم يازغان « يېرىم كېچىدىكى قوڭغۇراق ئاۋازى » دېگەن ماقالىسى مەملىكەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ماقالەمۇسابىقىسىدە، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇدەك. ھازىرئەخماق كۈيئوغۇللىرى بىلەن قىزلىرىنىڭ نامى چىقىپ كەتتى، يېقىندا قايسىبىر داڭلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسى بىزنىڭ ھېكايىمىزنى سېنارىيەلەشتۈرىپ، چاتما تېلېۋىزىيەتىياتىرى ئىشلەش ئۈچۈن توختاملاشقىلى كەپتىكەن ئەمما كەمىنە كۈيئوغۇللىرى بۇنى رەت قىلدىم چۈنكى پېقىر سەمىمى، يۇۋاش نامى چىقمىغان سەھرالىق تومپايمەن « يېتىمغايۆتەلنىڭ نېمە ئىشى » دېگەندەك، مەندەك بىر سەھرالىققا نام-ئاتاق ياراشمايدۇ. نادان كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزلىرى بىلەن بىرگە ياشاشقا پەقەت ئىمكانىيىتى قالمىغاچقا، ئامالسىز تۆۋەندىكىدەك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر بولدىم. بىرىنچى «يولۋاس » نى تاققا قايتۇرۇپ كەتسىلە، بىزنىڭ ئۆينىڭ ياشاش مۇھىتى ئەتىۋارلىق قىزلىرىغا ئەسلا ماس كەلمىگۈدەك، « ھەرنەرسە ئۆزخىلى بىلەن » دېگەندەك، ئۆزى چوڭ بولغان جايغا قايتىپ كەتسە مۇۋاپىق بولغىدەك. ئىككىنچى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئاپىرىپ بەرسىلە، چۈنكى قىزلىرى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋان بولغاچقا، نادان كۈيئوغۇللىرىنىڭ ئائىلە شارائىتى ناچار، زۈرۈر قوغداش تەدبىرلىرى كەمچىل، ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئاپىرىپ بېرىش ئاقىلانە تاللاشتۇر. ئۈچۈنچى نادان كۈيئوغۇللىرىنىڭ بېلىشىچە، تارىختا پەقەت ۋۇسوڭلا يولۋاسنى بوي سۇندۇرغان ئىكەن،كەمىنە يولۋاسنى بوي سۇندۇرىشقا ئاجىزمەن، قارىغاندا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدائىككىنچى ۋۇسوڭنى تاپسىلا، ئەتىۋارلىق قىزلىرىنى بويسۇندۇرالىغۇدەك. قېيىنئانا بۇزرۇكۋارىم، يوقۇرىقى ئۈچ تەكلىپنىڭ قايسىسىنى تالىسىلا، كەمىنە كۈيئوغۇللىرى مىڭلارچە تەشەككۈر ئەيتار ئىدىم.
مايمۇن يىلى ئات ئاينىڭ ئىت كۈنى
|