قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3618|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مۇھىم ئۇرۇشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

931

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63749
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-25 01:39:13 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    1. چاۋشىيەن ئۇرۇشى
    چاۋشىيەن ئۇرۇشى  چاۋشىيەن بىلەن كورىيە ئوتتۇرسىدىكى سىياسى تۈزۈلـمە زىددىيتى كەلتۈرۈپ  چىقارغان ئۇرۇش  بۇلۇپ ، ئەمەلىيەتتە ئۇ  ئامىرىكا ۋە سوۋېت ئىتىپاقىدىن  ئىبارەت ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ ، چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىدىكى كۈچ سىنىشىشىنىڭ بىۋاستە مەھسۇلدىۇر . ئۇرۇش 1950 ــ يىلى 6ــ ئاينىڭ 25ــ كۈنى چاۋشىيەن ئارمىيەسىنىڭ ، كورىيەگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى بىلەن  باشلانغان .ئامىرىكا ، سوۋېت ئىتىپاقى ۋە جۇڭگۇ قاتارلىق ئۈچ دۆلەت بۇ قېتىملىق ئۇرۇشقا بىۋاستە قاتناشقان ياكى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن . ئۇرۇشقا چاۋشىيەن ۋە كورىيەدىن باشقا يەنە  جۇڭگۇ ، ئامىرىكا بىۋاستە تۇقۇنۇشقان . ئۇنىڭدىن باشقا ب د ت  نىڭ قارارى بۇيىچە ئەنگىلىيە ، كانادا ، ئاۋىستىرالىيە ، يېڭى زىنلاندىيە ، گوللاندىيە ، فىرانسىيە ، تۈركىيە ، تايلاند ، فىلىپىن ، بىلگىيە ، گىرىتسىيە ، كولومبىيە ، لۇكسېمبۇرگ ، ئېفوپىيە ۋە جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق 15دۆلەت كىچىك كۆلەمدە ئەسكەر ئەۋەتكەن . سوۋېت ئىتىپاقى ھاۋا ئارمىيسى ۋە  توپچىلار قىسىمى چاۋشىيەن ھاۋا مۇداپىئەسىگە ھامىي بولغان . 1953ــ يىلى  7ــ ئاينىڭ 27ــ كۈنى  «چاۋشىيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى »ئىمزالانغان بولسىمۇ ، ئامىرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر يەنىلا ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغان .

    2.ۋېيتنام ئۇرۇشى  (1961ــيىلىدىن 1975ــ يىلىغىچە )
    ۋېيتنام كومپارتىيىسى بۇ ئۇرۇشنى «ئامىرىكاغا قارشى تۇرۇپ ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۇرۇشى »دەپ ئاتايدۇ . ئۇرۇش ۋېيتنام جۇمھۇرىيتى(جەنۇبى ۋېيتنام )بىلەن  ئامىرىكانىڭ ،كوممۇنىزىمغا قارشى تۇرۇش نامىدا بىرلىشىپ ، ۋېيتنام دېمكوراتىك خەلق جۇمھۇرىيتى(شىمالىي ۋېيتنام ) بىلەن « جەنۇبى ۋېيتنام مىللى ئازادلىق بىرلىكسىپى »غا  قارشى قوزغىغان ئۇرۇشىدۇر . ۋېيتنامنى بىرلىككە كەلتۇرۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغان شىمالىي ۋېيتنام رەھبىرى خۇجىژمىڭ  جەنۇبى ۋېيتنام پارتىزانلىرى ـــــــجەنۇبى ۋېيتنام مىللىي ئازادلىق بىرلىكسىپىنى قوللاپ ، جەنۇبى ۋېيتنامغا قارىتا قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزىدۇ . ئامىرىكا بولسا ئەسكەر چىقىرىپ ،جەنۇبى ۋېيتنام ۋۇ دىڭيەن ھۆكۈمىتىگە ھەربىي ياردەم بېرىدۇ . ئامىرىكا ئېزىنخاۋېر ئەلباشىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندىن باشلاپ جەنۇبى ۋېيتنامنى زۆرۈر ياردەملەر بىلەن تەمىن ئىتىشكە باشلىغان بولسا ، كېننىدى نىڭ دەۋرىدە ۋېيتنامغا ئەسكەر چىقىرىشنى قارار قىلىدۇ ؛ جونسون ئاق سارايغا كىرگەندىن كىيىن ۋېيتنام ئۇرۇشىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋىتىدۇ . نېكسون پېرېزدېنىت بۇلۇپ سايلانغاندىن كىيىن ، ئۇرۇشقا قارشى سادالار كۈچىيىپ ، ئامىرىكا ۋېيتنامدىن تەدىرجى ئەسكەر چىكىندۇرۇشكە باشلايدۇ .
uyghuray

8

تېما

0

دوست

931

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63749
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-25 01:48:14 |ئايرىم كۆرۈش
    3.جۇڭگۇ ــ ۋېيتنام ئۇرۇشى
    بۇ ئۇرۇش  ئىلىمىزدە «ئۆزىمىزنى قوغداپ ، ۋېيتنامغا قايتۇرما زەربە بىرىش ئۇرۇشى »دەپ ئاتىلىدۇ . 1979ــ يىلى 2ــ ئاينىڭ 17ــ كۈنى جۇڭگۇ ۋېيتنام چىگراسىدا يۈزبەرگەن  بۇ  ئۇرۇش ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ۋېيتنام چىگىرىسىگە ئىچكىرلەپ كىرگەندىن كىيىن ، 1979ــ يىلى 3ــ ئاينىڭ 16ــ كۈنى  چىكىنىپ  چىقىش بىلەن  چوڭ كۆلەملىك تۇقۇنۇش پەسىيدۇ . ھەرئىككىلى تەرەپ غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ، ئاقىۋەتتە  ۋېيتنام تەۋەلىكىدىكى جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ ۋە  كەڭ كۆلەمدە باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ .

8

تېما

0

دوست

931

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63749
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 16
تۆھپە : 278
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-25 03:20:25 |ئايرىم كۆرۈش
    4.ئەنگىلىيە ــ ئارگېنتىنا مالۋېناس تاقىم ئاراللىرىنى تالىشىش ئۇرۇشى
    ئارگېنتىنا 1816ــ يىلى ئىسپانىيەنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەققىللىق جاكارلىغاندىن  باشلاپلا مالۋېناس ئارىلىنى ئارگېنتىنانىڭ زېمىنى دەپ جاكارلىغان ۋە  ئۇنى  ئارگېنتىنانىڭ  24ـئۆلكىسى دەپ ئاتىغان . ۋەھالەنكى ئەنگىلىيە بۇ  ئارالنى  ئەڭ  ئاۋال  ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ  بايقىغانلىقىنى باھانە قىلىپ ، 1832ــ يىلى  ئەسكەر چىقىرىپ بۇ ئارالنى تارتىۋالغان . شۇنىڭدىن باشلاپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا ئارالنىڭ ئېگىلىك ھۇقۇق تەۋەلىكى توغىرسىدا تالاش تارتىش ئۈزۈلـمەي داۋام قىلىپ كەلگەن . 1958ــ يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئارال مەسلىسىدە تىنچ يول بىلەن سۆھبەتلىشىش شەكلى ئارقىلىق بىرلىككە كىلىشىنى بۇيرۇغان . ئۇزۇن  يىل سۆھبەتلىشىپمۇ ھىچقانداق نەتىجە چىقىرالـمىغان  ئارگېنتىنا مۇستەبىت ھەربىي ھۈكۈمىتى 1982ــ يىلى ، «روسارىئو »نامىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى قوزغاپ ئارالغا چىققان ، شۇنىڭ بىلەن دۇنيانى زىلزىلەگە سالغان ئەنگىلىيە ئارگېنتىنا ئۇرۇشى رەسمى پارتىلغان . ئۇرۇش يەنىلا ئارگېنتىنا تەرەپنىڭ مەغلۇبىيتى بىلەن  ئاياقلاشقان ۋە شۇنداقلا مالۋېناس ئارىلىمۇ يەنىلا ئەنگىلىيە گە قارام بۇلۇپ قېلىۋەرگەن .

    5.ئىراق ـــ ئىران  ئۇرۇشى
   بۇ ئۇرۇش يەنە بىرىنچى قېتىملىق دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئىراق ــ ئىران ئۇرۇشى  1980ــيىلى 9ــئاينىڭ 22ــ كۈنى  باشلىنىپ ، سەككىز يىل داۋام قىلىپ ، 1988ــ يىلى  8ــ ئاينىڭ  20ــ كۈنى ئاياقلىشىدۇ . ئىراق ئىران  چىگرا تالاش تارتىشى ئۇرۇشنىڭ ئوت پىلتىسى دىيىلسىمۇ  ، ئەمما  شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلـمانلار كۆپ ساننى  تەشكىل قىلغان  ئىران  ، سۈنئىي مەزھىپىدىكى سادام  ھۆكۈمىتىنىڭ  شىئەلەر  يېرىم  نۇپۇسنى تەشكىل قىلدىغان  ئىراققا  ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا  نارازى  بۇلۇشى ، جۈملىدىن  مەزھەپلەر تۇقۇنۇشى  مەزكۇر  ئۇرۇشنىڭ  ئاساسى  مەۋقەسى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ .

  

ئەكبەر

8

تېما

2

دوست

3431

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12786
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 118
تۆھپە : 973
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-25 11:14:14 |ئايرىم كۆرۈش
andarbag يوللىغان ۋاقتى  2016-4-25 01:48
3.جۇڭگۇ ــ ۋېيتنام ئۇرۇشى
    بۇ ئۇرۇش  ئىلىمىزدە «ئۆز ...

دەل مۇشۇ ئۇرۇشقا دۆلىتىمىزدىن قاتناشقان بىردىن بىر ئۇيغۇر ئەسكەر ئابلىكىم .ھازىر ئەسكەرلىكتىن چىكىنىپ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۋاتىدۇ .يۇرتى غۇلجا
uyghuray

1

تېما

0

دوست

5596

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 614
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1645
توردىكى ۋاقتى: 228
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-3
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-25 12:08:39 |ئايرىم كۆرۈش
چاۋشىيەن ئۇرۇشى بىلەن ۋېيتنام ئۇرۇشى ئامېرىكا  بىلەن سوۋېتنىڭ ۋاكالەتچىلىك ئۇرۇشىدۇر، ئامېرىكا ۋېيتنام ئۇرۇشى جەريانىدا نەچچە قېتىم ئېغىر دەرىجىدە ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، يەنى پۇقرالارنى شەپقەتسىزلارچە قىرىپ ئۆلتۈردى ۋە كۆيدۈرۈگۈچ بومبا ئىشلىتىپ ۋېيتنام پۇقرالىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈردى. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق بوكس چولپىنى مۇھەممەد ئەلى ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە كىرىپ ھامبۇرگ بولكىسى يەپ يۈرگەن. ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ئۇرۇشلىرى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە ئۇرۇش ئاسارەتلىرىنى ۋە قانلىق قىرغىنچلىقلىرىنى تارىخ بېتىگە پۈتتى، گومىنداڭ بىلەن گۇڭچەنداڭ، ۋېيتنام ئۇرۇشى، شىمالىي كورېيە ئۇرۇشى قاتارلىق ئۇرۇشلارنىڭ ھەممە سەۋەبچىسى دەل سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن ئامېرىكىدۇر. ئەمەلىيەتتە يۇقارقى ئۇرۇشلار ئوخشىمىغان ئېدىئولوگىيەنىڭ ئۇرۇشىدۇر.

30

تېما

28

دوست

9015

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   80.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 373
تۆھپە : 2600
توردىكى ۋاقتى: 1097
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-25 16:22:45 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ 1982- يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ئوتتۇرسىدا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئۇرۇش.
   مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى جەنۇبىي ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدىكى ماگېللان بوغۇزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، سولايدا ۋە چوڭ مالۋىناس ئارىلىدىن ھەمدە شۇ ئەتىراپتىكى تەخمىنەن 200 چە كىچىك-كىچىك ئاراللاردىن تەركىب تاپقان ، بۇ تاقىم ئاراللارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 11.961 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. نوپۇسى 2000 غا يەتمەيدىغان مالۋىناس ئاھالىسىنىڭ %97 ى ئەنگلىيىلىك. بۇ تاقىم ئاراللارنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، جەنۇبىي ئۇلۇق ئوكياندىن تىنچ ئوكيانغا بارىدىغان دېڭىز يولىنى بوغۇپ تۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارال ئەتىراپىدا يەنە مول نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايلىقلىرىمۇ بار. 16- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىسپانىيىلىكلەر ئىسپانىيىلىكلەر بۇ تاقىم ئارالنى بايقىغان. 1690- يىلى ئەنگلىيىلىك بىر كاپىتان بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ ئاراللارنى فوركلاند تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىغان. 1767- يىلى فرانسىيىلىكلەر بۇ تاقىم ئارالنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ ئىسپانىيىگە سېتىۋەتكەن، مالوينېي تاقىم ئارىلى دېگەن سۆزمۇ ئىسپان تىلىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە مالۋىناس تاقىم ئارىلى دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. 1816- يىلى ئارگېنتىنا ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مەزكۇر ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىغا ۋارىسلىق قىلغانىدى. 1820- يىلى بۇ يەرگە قوشۇن ئەۋەتىپ تۇرغۇزدى. 1829- يىلى مالۋىناس قەلەمدارلار-ئەلەمدارلار بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. ئەنگلىيە 1833- يىلى ئارگېنتىنا ئىچكى مالىمانچىلىقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر ئارالنى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىۋالدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يېرىم ئەسىر ۋاقىت جەريانىدا ئارگېنتىنانىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە بىلەن قايتا-قايتا سۆزلىشىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقوقىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە بولسا قەتئىي رەت قىلىپ كەلدى. 1965- يىلى ۋە 1973- يىلى ب د ت ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2065- نومۇرلۇق قارارىنى ۋە 3160- نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللاپ، ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنانىڭ بۇ ئىختىلاپنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا گەرچە كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، ھېچبىر ئىلگىرىلەش بولمىدى. 70- يىللار بىلەن 80- يىللار ئارىلىقىدا مالۋىناس ئارىلىنىڭ ئەتىراپىدا زاپىسى مول نېفىت ۋە تەبئىي گاز بايقالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانى تېخىمۇ چىڭىپ كەتتى.
   1982- يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئارگېنتىنا قوشۇنلىرىنىڭ مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، مالۋىناسنىڭ مەركىزى پورت-ستېنلىنى ئىشغال قىلىشى بىلەن ئۇرۇش باشلاندى. 4- ئاينىڭ 7- كۈنى ئارگېنتىنا مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنى ئارگېنتىنانىڭ 24- ئۆلكىسى دەپ جاكارلىدى. 4- ئاينىڭ 2- كۈنى ئەنگلىيە ئارگېنتىنا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزدى ھەمدە ئارگېنتىناغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى قوللاندى ۋە تولۇق قورال-ياراغ ئىمبارگوسى يۈرگۈزدى. 4- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ زور كۆلەمدىكى تېخون فلوتى مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا قاراپ ئاتلاندى. بۇ فلوت ئىككى ئاپتوماتكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 قا يېقىن كېمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ھەربىي كۈچىنىڭ 3 تىن 2 قىسىمىنى ئىگىلەيتتى. 4- ئاينىڭ 12- كۈنى ئەنگلىيە مالۋىناس ئەتىراپىدىكى 200 دېڭىز مىلى دائىرسىنى «دېڭىز ئۈستى چەكلەنگەن رايونى» دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارگېنتىنا ھەربىي پاراخوتلىرى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى دېڭىزدىكى قامال سېپىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە بۆسۈپ ئۆتۈپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا خادىملارنى، ئەشيالارنى توشۇشنى جىددىيلەشتۈردى. 4- ئاينىڭ 24- كۈنىگە قەدەر ئارگېنتىنانىڭ مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىدىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئادەم سانى 10 مىڭغا يەتتى. 4- ئاينىڭ 24- كۈنى ئەنگلىيىنىڭ تېخۇن فلوتى مالۋىناس دېڭىز تەۋەلىكىگە يېتىپ كەلدى. 5- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئايرۇپىلانلىرى، ھەربىي كېمىلىرى مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنى نۆۋەت بىلەن بومباردىمان قىلدى، توپقا تۇتتى ھەمدە مالۋىناس ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىشقا كۆپ قېتىم ئۇرۇندىيۇ، ئارگېنتىنا ئارمىيىسىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق ھاۋا ئارمىيىلىرى يەنە مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەتىراپىدىكى دېڭىزدىمۇ شىددەتلىك جەڭ قىلدى. جەڭدە ئەڭ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئىشلىتىلدى. 5- ئاينىڭ 21- كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى مالۋىناس ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىققىنىدا، ئارگېنتىنا ئارمىيىسىنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. 6- ئاينىڭ 12- كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتتى. 14- كۈنى ئارگېنتىنا ئارمىيىسى تەسلىم بولدى. شۇ كۈنى ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. ئەنگلىيە ئارمىيىسى مەزكۇر ئارالنى يېڭىۋاشتىن ئىشغال قىلدى، ئارگېنتىنا ئارمىيىسى چېكىنىپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ۋەزىيىتىگە، شۇنداقلا دۇنيا ۋەزىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتتى. ئۇرۇش مەغلۇبىيىتى ئارگېنتىنانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى داۋالغۇتۇۋەتتى. كارتىل زۇڭتۇڭ ئىستىپا بەردى، بىر قىسىم گېنىراللارنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلاندى. ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەلىبىسى گەرچە باش ۋەزىر ساچىر خانىمنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن بولسىمۇ، ئەنگلىيىنىڭ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزدى. ئۇرۇش مەزگىلىدە پۈتۈن دۇنيادا روشەن دەرىجىدە «جەنۇب بىلەن شىمال قارشىلىشىش» تەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. ئامېرىكا بۇ ئۇرۇشتا ئەنگلىيىگە يان باسقانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يامانلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تىنچ ئوكياندىكى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بۇ قېتىمقى دېڭىز ھاۋا ئۇرۇشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاساسىي قورال قىلىنغان ستېرولۇق زامانىۋى دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئۇرۇشى سەۋىيىسىنى نامايەن قىلدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ئوتتۇرسىدىكى مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقوقىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ئۈسىتىدىكى تالاش-تارتىش ھېلىغىچە ھەل بولماي كەلدى.                                                                  

30

تېما

28

دوست

9015

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   80.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 467
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 373
تۆھپە : 2600
توردىكى ۋاقتى: 1097
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-25 16:23:53 |ئايرىم كۆرۈش

ئىران-ئىراق ئۇرۇشى                                                                                                                          بۇ ئۇرۇش مۇشۇ ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئىراق بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن زور كۆلەملىك ئۇرۇش.

   ئىراق بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى مۇرەككەپ زىددىيەتلەر ۋە توقۇنۇشلار بولۇپ كەلگەنىدى. بىرىنچىدىن، چېگرا تالاش-تارتىشى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 204 كىلومېتىر كېلىدىغان ئەرەب دەرياسى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسى ئىدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ دەريانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە باشتىن ئاياغ ئىختىلاپ بولۇپ كەلگەنىدى. ئىككىنچىدىن، مىللىي زىددىيەت، ئىراقتىكى ئاساسىي مىللەت ئەرەبلەر بىلەن ئىراندىكى ئاساسىي مىللەت پارىسلار ئوتتۇرىسىدا تارىختا كۆپ قېتىم ئۇرۇش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىككى مىللەت بىر-بىرىگە چۇڭقۇر ئاداۋەت تۇتۇپ كەلگەنىدى. شۇنداقلا خورمۇز بوغۇزى ئەتىراپىدىكى ئۈچ ئارال-ئەبۇموسا، چوڭ تومبو ۋە كىچىك تومبولارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى ئۈستىدە ئۈزۈلدۈرمەي تالاش-تارتىش قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 1971- يىلى ئىران قوشۇنلىرى بۇ ئۈچ ئارالنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى. ئىراننىڭ خۇززىستان ئۆلكىسىدىكى ئاھالىنىڭ %99 ى ئەرەبلەر بولۇپ، ئىراق ئۇزۇندىن بۇيان مەزكۇر رايۇندىكى ئەرەبلەرنىڭ ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنى قوللاپ كەلدى. ئىككى دۆلەت بىر-بىرىدىكى كورتلارنىڭ ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلىشىشىنىمۇ قوللايتتى. ئۈچىنچىدىن، دېنىي ئىختىلاپ، ئىرانمۇ، ئىراقمۇ مۇسۇلمان دۆلەت. بىراق، ئىراقتا ھاكىمىيەت ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قولىدا، ئىران ھاكىمىيىتى بولسا شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ قولىدا ئىدى.
   1975- يىلى 3- ئايدا ئالجىرىيىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا ئىراق بىلەن ئىران ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالجىر كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى. شەرتنامىدە ئىراق ئەرەب دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدىكى 102 كىلومېتىرلىق مەركىزى لىنىيىنى ئىككى دۆلەتنىڭ سۇ ئۈستى چېگرىسى قىلىشقا، ئىران بولسا ئىراق كورتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلىرىنى قوللىماسلىققا قوشۇلدى. بىراق، 1979- يىلى 2- ئايدىن كېيىن ئىراق بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنە كەسكىنلىشىپ كەتتى. 1980- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ ئىران بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدا پات-پات چېگرا توقۇنۇشى بولۇپ تۇردى. 1980- يىلى 9- ئاينىڭ 17- كۈنى ئىراق زۇڭتۇڭى سادام ئالجىر شەرتنامىسىنى بىكار قىلىپ، ئەرەب دەرياسىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. 9- ئاينىڭ 22- كۈنى ئىراق ئايروپىلانلىرى ئىراننى بومباردىمان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىراق-ئىراق ئۇرۇشى پارتلىدى.
   ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە ئىراق ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلىپ، 1980- يىلى 10- ئايغا قەدەر ئىراننىڭ ئون شەھىرى ۋە بازىرىنى ئىشغال قىلىپ، 20 مىڭ كۋادرات مېتىر زېمىنىنى ئۆز كونتروللىقىغا ئالدى. 1982- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ ئىران ئومۇمىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 25 كۈن داۋاملاشقان مۇقەددەس شەھەر ئۇرۇشىدا غەلىبە قازىنىپ، غولامشەھەر قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالدى. 6- ئايدا ئىراق ئارمىيىسى چېگرىغا چېكىنىپ باردى. 7- ئايدىن باشلاپ ئىران ئارمىيىسى ئىراق چېگرىسىغا كۆپ قېتىم بۆسۈپ كىرىپ ھۇجۇم قوزغىدى، ئەمما كۆپ ئىلگىرىلىيەلمىدى. 1987- يىلى 7- ئاينىڭ 20- كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراق بىلەن ئىراننىڭ ئۇرۇش توختىتىپ ئۇرۇش توختىتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى تەلەپ قىلىنغان، 598- نومۇرلۇق قارارىنى ماقۇللىدى، ئىراق 7- ئاينىڭ 22- كۈنى قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ئىران قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. 1988- يىلى ئەتىيازدا ئىراق ئومۇمىيۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 1982- يىلى يىلدىن بۇيان ئىران تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان بارلىق زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدى. 1988- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى ئىران 598- نومۇرلۇق قارارىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. 8- ئاينىڭ 18- كۈنى ئىران بىلەن ئىراق رەسمىي ئۇرۇش توختاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇش ئاياغلاشتى.
   سەككىز يىل داۋاملاشقان ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدا ئىككى تەرەپتىن تەخمىنەن 1 مىليون ئادەم ئۆلدى، تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ ئادەم يارىدار بولدى. بۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار سانى بۇ ئىككى دۆلەت ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %4.5 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىران بىلەن ئىراقنىڭ ھەربىي خىراجەت چىقىمى ۋە ئىقتىسادىي زىيىنى 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش ئىككى تەرەپنى زور زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇ بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۇرۇش پارىس قولتۇقىنىڭ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتتى.




6

تېما

3

دوست

7511

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   50.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1101
تۆھپە : 1608
توردىكى ۋاقتى: 509
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-30
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-26 16:40:44 |ئايرىم كۆرۈش
ablat يوللىغان ۋاقتى  2016-4-25 16:22
بۇ 1982- يىلى ئەنگلىيە بىلەن ئارگېنتىنا ئوتتۇرسىدا مالۋى ...

چۈشەندۈرىشىڭىز تولىمۇ تەپسىلى ۋە ئەتراپلىق بوپتۇ، سىزگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت، ئابلەت!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )