بۇ ئۇيغۇر تىبابەت ساۋادىنى چوقۇم بىلىۋېلىڭ
(بىر كىشى ئۆز ئەزالىرىنىڭ مىزاجىنى بىلمىسە نادان ھېسابلىنامدۇ؟)
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە كېسەللەرنى قانداق داۋالاشتىن قەتئىنەزەر ئەڭ ئاۋال توغرا دىئاگنوز قويۇش ئىنتايىن مۇھىم ۋە داۋالاشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا، توغرا دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن توغرا ۋە مۇكەممەل بولغان نەزىرىيە ئاساس بولۇش كېرەك. ئەڭ ئاۋال كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇش دوختۇر بىلەن كېسەلنىڭ ياكى داۋالىغۇچى بىلەن داۋالانغۇچىنىڭ ئۇچرىشىشىدىن باشلىنىدۇ. ئەڭ ئەۋەل كېسەلنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى، چىراي شەكلى، سىرتقى قىياپىتى، رەڭگى.... قاتارلىقلارنى كۆرىمىز، ئاندىن كېسەلنىڭ تومۇرى، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز، تىللارغا قاراپ ئەسلى يەنى تۇغما تەبىئىي مىجەزى قايسى مىجەز تىپىدا ئىكەنلىكىنى ياخشى ئېنىقلاپ ئالىمىز. يەنى تۇغما تەبىئىي مىجەزى قايسى قان تىپىغا يەنى قايسى خىلىتقا مەنسۈپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئالىمىز. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى دىئاگنوز ئىلمىدە ئەڭ ئەۋەل كېسەلنىڭ قان تىپىنى ۋە تۇغما تەبىئىي مىجەزىنى بىلىش ئەڭ مۇھىم بولغان ئەۋەلقى دىئاگنوز ئەمەلىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ئادەملەرنىڭ قان تىپى A ، O، B، AB،قان تىپىغا بۆلىنىدىغانلىقىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ ( ئاز ئۇچرايدىغان قان تىپلىرى ھەم بولىدۇ) ئۇلارنىڭ مىجەزلىرىگە قانداق تەدبىقلىنىدىغانلىقىنى ھەممە كىشى بىلمەيدۇ. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە ئېيتىلغان سەپىرا، قان، بەلغەم، سەۋدا خىلىتلىرى يۇقىرىقى تۆت قان تىپىغا تەدبىقلىنىدۇ. ئادەملەرنىڭ قان تىپىغا ئوخشاش تۇغما مىجەزلىرىگە كەلسەك ئەڭ نورمال ھالەتتە سەپىرا، قان،بەلغەم، سەۋدا مىجەزلىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىسىدە بولىدۇ. بۇ تۆت خىلىتنىڭ ھەر بىرى يەنە تۆت دەرىجىدىن جەمئىي 16 دەرىجىلەردە بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ مىجەزى قانداق ئۆزگىرىشتىن قەتئىنەزەر بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ھەر تۆتتىن 16 دەرىجىلەردىكى خىلىتلار پەيدا قىلىدۇ. يەنى 4×16= 64 ( 128، 256...) دەرىجىلەر ئۆزگىرىش پرىنسىپى بويىچە ئۆزگىرىدۇ ۋە كېسەل پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ماھىيىتى بولسا خىلىتلار ئۆز ئورنىدىن چىقىپ ئۆزىگە تەۋە بولمىغان سېستىمىغا ياكى ئەزاغا كىرسە كېسەل پەيدا قىلىدۇ. دىمەكدورنى چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەڭ ئەۋەل دىئاگنوز قويۇشنى ئادەملەرنىڭ بەدەن شەكلى، رەڭگى ۋە چىرايىغا قاراشتىن باشلايمىز. بەدەن شەكلى، رەڭگى، چىرايىغا قاراش ئىلمىي: سەپىرا مىجەزلىك كىشىلەر يەنى A قان تىپلىق كىشىلەر ( خىلىتلار ھەر بىرى 4 دىن 16 دەرىجىلەرگە بۆلۈنگەندەك قان تىپلىرىمۇ ھەر بىرى 4دىن 16 دەرىجىلەرگە بۆلىنىدۇ. بۇ ماقالىدا 4 خىل تىپ ئۈستىدىلا توختۇتۇلۇپ تەدبىقلىدىم) بويى ئىگىزرەك، چاچلىرى ساغۇچراق ياكى سۇس سېرىق بۇدرەگە مايىل، كۆزى ساغۇچراق، كۆزى ئوتلۇق، كىچىكرەك، قاشلىرى ئىنچىكە ئۇزۇنراق، يۈزى تاراراق، قۇلىقى كىچىكرەك، بۇرنى قىرلىقراق، كالپۇكلىرى يۇپقىراق، بويۇن، قول، پۇت بوغۇم ئارىلىقلىرى ئوزۇنراق، پەنچە بارماقلىرى ئۇزۇنراق، مېڭىشى تېز، قول، پۇت، كۆز ھەرىكەتلىرى تېز ۋە جانلىق، سەزگۈر، ئەقىللىق، ئاچچىقى يامانراق، سۆزلىشىش جانلىق، تىتىك، قىزىققان، ئالدىراڭغۇ، ھېسسىياتى كۈچلۈك، سەزگۈر، ئەمگەكچان، تەۋەككۈلچى، كەسكىن، كۆيۈمچان، غەزەپ نەپرىتى، مۇھەببىتى ئېنىق كىشىلەرنىڭ قان تىپى A بولىدۇ. (A قان تىپى 4 خىلغا بۆلۈنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەپىرا مىجەزلەرنىڭ خاراكتىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ قائىدىدىن ئىبارەت بولىدۇ). قان مىجەزلىك كىشىلەر يەنى O قان تىپلىق كىشىلەر، بويى ئورتا ئىگىزرەك، چاچلىرى قويۇق قارا بۈدرەگە مايىل، كۆزى قىزغۇچراق، يۈزلىرى قىزغۇچ، يۈزلىرىدىكى مۇسكول گۆشلىرى تولۇق، رەڭگى نۇرلۇق، كۆزلىرى چوڭ، بۇرنى قىرلىقراق، قۇلىقى چوڭراق قېلىنراق، قاڭشارلىق، كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز، چىشلىرى نورمال تەرەققىي قىلغان، قاشلىرى كەڭرەك تولۇق، كالپۇكلىرى قېلىنراق، رەڭگى قىزغۇچراق، بويۇن قۇلاق ئاستى گۆشلىرى تولۇق، قول-پۇت، بوغۇم ئارىلىقلىرى نورمال، پەنچە بارماقلىرى نورمال، خوتۇن قىزلاردا ئىنتايىن ساھىبجامال، مېڭى تۇرۇشى نورمال ( ئورتاھال)، قول-پۇت كۆز ھەرىكەتلىرى توختۇن نورمال، سەزگۇر ۋە ئەقىل پاراسەتلىك، جانلىق، خوشال، چاقچاقچى، ئىشىق كوي، سۆزلىرى جانلىق، تىتىك، سەۋرچان، ھېسسىياتقا باي، سىزىش، ئەسكە ئېلىش، پىكىر قىلىش، نېرۋىلىرى نورمال، ئەقلى ئەمگەك قىلىشقا ماھىر، كۆيۈمچان، مۇھەببىتى كۈچلۈك، مېھرىبانلىقى ياخشى، كۆيۈمچان بولىدۇ. قان تىپى O بولىدۇ. (O قان تىپى 4 خىلغا بۆلۈنىدۇ. قان مىجەزلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ قائىدىدىن ئىبارەت بولىدۇ). بەلغەم مىجەزلىك كىشىلەر يەنى B قان تىپلىق كىشىلەر، بويى ئورتا ھالدا، چاچلىرى شالاڭ نۇرسىز، بۇرۇن ئاقىرىدۇ، تېلى ئىنچىكە، كۆز ئېقى چىرايلىق ئاق، يۈزلىرى گۆشلۈك ئاق پىشماق، يۈزلىرىدىكى مۇسكول گۆشلىرى يۇمشاق سېمىز، رەڭگى نۇرلۇق چىرايلىق، كۆزلىرى چوڭ، بۇرنى پەسىرەك، قۇلىقى قېلىنراق نورمال كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز، چىشلىرى نورمال تەرەققىي قىلغان چىشلىرى ئاق چىرايلىق، سەزگۈسى ئېغىرراق، قاشلىرى كەڭ، كالپۇكلىرى قېلىن، رەڭگى ئاق، بويۇن، قاچار، كۆكسى گۆشلىرى سەمەرگەن، قول پۇت بوغۇم ئارىلىقلىرى قىسقا، پەنجە بارماقلىرى قىسقا توم، خوتۇن قىزلاردا ئىنتايىن ئاق ئىنتايىن ساھىبجامال، مېڭىش-تۇرۇشى ئېغىر-بېسسىق، قول-پۇت، كۆز ھەرىكەتلىرى ئېغىرراق، ئىنكاسى ئاستىراق، ئەقىللىق، ئاقكۆڭۈل، خوشال، ئاستا سۆزلەيدۇ، سەۋرچان، ھېسسىياتقا باي، سېزىش، ئەسكە ئېلىش، ئايرىش، پىكىر قىلىش نېرۋىلىرى نورمال، ئەقىل پاراسەتلىك، ماھىر، كۆيۈمچان، مۇھەببىتى كۈچلۈك، مېھرىبان، كۆيۈمچان كىشىلەرنىڭ قان تىپى B بولىدۇ. (B قان تىپى 4 خىلغا بۆلۈنىدۇ. بەلغەم مىجەزلەرنىڭ بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ قائىدىدىن ئىبارەت بولىدۇ). سەۋدا مىجەزلىك كىشىلەر يەنى AB قان تىپلىق كىشىلەر، بويى ئېگىزرەك، چاچلىرى بۇدۈرە، قارا قويۇق، كۆزى قارا، كۆز ئېقى دۇغ كىچىكرەك، قاشلىرى ئىنچىكە چىرايلىق، يۈزى تاراراق، قۇلىقى كىچىكرەك، بۇرنى قىرلىق، كالپۇكلىرى يۇپقا، بويۇن، قول، پۇت، بوغۇم ئارىلىقلىرى ئۇزۇنراق، پەنچە بارماقلىرى ئۇزۇنراق، مېڭىش ھەرىكىتى نورمال، قول، پۇت، كۆز ھەرىكەتلىرى ئاستىراق، سىزىمى تۇراقسىز، بەزىدە ئۆتكۈر، بەزىدە قالايمىقان، ئاچچىقى، خۇشاللىقى تۇراقسىز، پىكىر قىلىش قۇۋۋىتى ئارتۇق ھەم تۇراقسىز، بەزىدە تىتىك، بەزىدە ئېغىر، بەزىدە ئالدىراڭغۇ، بەزىدە توختۇن تۇراقسىز، ئاداۋىتى كۈچلۈك، خىيالى ئارزۇ ھەۋەسلەرنى كۆپ قىلىدۇ، ئەمگەكنى كۆپ قىلىدۇ نەتىجىسى ئاز، مۇھەببىتىدىن ئاداۋىتى كۈچلۈك بولىدۇ. رەڭگى بۇغداي ئۆڭ ياكى قارامتۇل، ياكى قارا بولىدۇ. موسكۇللىرى تەرەققىي قىلمىغان، ئورۇق كۆرۈمسىز، ئىڭىكى ئۇچلۇق، بەدەن سۆڭەكلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تېرىسى قۇرغاق، نۇرسىز، ئاغزى چوڭ، چىشلىرى رەتسىز، قول-پۇت سۆڭەكلىرى ۋە پەنجىلىرى تۈز ئەمەس، مىجەزى چارچاڭ، كۆپ سۆزلەيدۇ، سۆزلىرى لوگىكىلىق ئەمەس، سۆزلىرىنىڭ مەزمۇنى ئىلگىرى –كېيىن، بەزىدە ئۆتكۈر، بەزىدە گومۇش دولقۇنسىمان، يالغۇزلۇقنى خالايدۇ. نېرۋىسى بەزىدە ئاجىزراق، بىرىنچى دەرىجىدىكى تەبىئىي سەۋدا مىجەزىنى 2-، 3-، 4-دەرىجىدىكى سەۋدا مىجەزلەر ئىگەللەپ ئالغاندا ئاسانلا ساراڭ بولۇپ قالىدۇ ياكى نېرۋىسى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. سەۋدا مىجەزلىك كىشىلەرنىڭ نورماللىرىدىن غەلىتە مىجەزلىك ئەمما ئالىملار، بىلىملىكلەر كۆپ چىقىدۇ، بەزىدە ھەيران قالارلىق باتۇر، ئۆتكۈر بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر AB قان تىپلىق بولىدۇ (AB قان تىپى 4 خىل بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋدا مىجەزلەرنىڭ خاراكتىرى بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ قائىدىدىن ئىبارەت بولىدۇ. يەنىمۇ كېڭەيتسەك ھەر بىر خىلىت 4×16= 64 تىپلارغا بۆلۈنىدۇ). سەپىرا ۋە سەۋدا مىجەزلىك كىشىلەر ھەربىي ئالىم، تەۋەككۈلچى، ئەمگەكچان، سىياسىئون، ئالغا ئىنتىلگۈچى يەنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا جۇشقۇنلىقىغا، قىزىققانلىقىغا، قورقماس باتۇرلۇقىغا تايىنىپ چوڭ ئىشلارنى ھەرىكىتى، سەزگۈرلۈكى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. قان ۋە بەلغەم مىجەز A ۋە AB قان تىپلىق كىشىلەردىن يۇقىرىقىدەك ئادەملەر چىقىدۇ. بۇ كىشىلەردە سىزىش، پىكىر قىلىش نېرۋىسى ئالاھىدە كۈچلۈك بولىدۇ. قان ۋە بەلغەم مىجەزلىك كىشىلەر ئېغىر بېسىق، تەمكىنلىكى، سەۋرچانلىقى، تەھلىل قىلىش ماھارىتى، چىدامچانلىقى شەيئىلەرگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى، يىراقنى كۆرەرلىكى، ئەقلى ۋە جىسمانى ئەمگەكلەرگە چىدامچانلىقىغا تايىنىپ كەشپىياتچى، يازغۇچى، ئالىم، ئىنسانىيەتكە ئەدەدسىز تۆھپە ياراتقۇچى كىشىلەر قان ۋە بەلغەم مىجەزىدىن O ۋە B قان تىپلىق كىشىلەردىن چىقىدۇ. بۇ كىشىلەردە ئەسكە ئېلىش يەنى ئەستە تۇتۇش ئايرىش نېرۋىسى كۈچلۈك بولىدۇ. ھەمدە ياخشىلىق، يامانلىق، نادانلىق، بىلىملىك، راھەت-جاپا، ئىلىم-پەن، قالاقلىق، مېھىر-مۇھەببەت، ساداقەتمەنلىك، سەمىمىيلىك قاتارلىق دۇنيا قاراشلار ناھايىتى ئېنىق بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ مىزاجىنىڭ ھەر بىرى ئەمەلىيەتتە 1-دىن 4-دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. دورىلار، ئەزالار ھەم شۇنداق بولىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى ھەم 1-دەرىجىدىن 4-دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدۇ. مەسىلەن: 1. 1-دەرىجىدىكى قۇرۇق ئىسسىق دورا ئارپىدىيان، ئادەم بەدىنىدە ئۈچەينىڭ مىزاجى 1-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ دەرىجىسى تەڭ، تەبىئىتى ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈچەينى تەربىيەت قىلىپ ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. بۇ كەڭ خەلق ئارىسىدا ئىسپاتلىنىۋاتقان ئەمەلىيەتتۇر. 2. 2-دەرىجىدىكى قۇرۇق ئىسسىق دورا زەنجىۋىل، ئادەم بەدىنىدە ئاشقازاننىڭ مىزاجى 2-دەرىجىدە قۇرۇق بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ دەرىجىسى تەڭ، تەبىئىتى ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئاشقازاننى تەربىيەت قىلىپ تاماق سىڭدۈرىدۇ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. بۇمۇ خەلق ئىچىدە ئەمەسلىيەتتە ئىسپاتلىنىدۇ. 3. 3-دەرىجىدىكى قۇرۇق ئىسسىق دورا قارامۇچ، ئادەم بەدىنىدە لىمفا بەزلەر ( قالقانسىمان بەز، بۆرەك بەز....) نىڭ مىزاجى 3-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ دەرىجىسى تەڭ، تەبىئىتى ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىلەرنى تەربىيەت قىلىپ بەزىلەرنى ياخشىلاپ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ. بەزىلەر چوڭايغاندا قارىمۇچنى كۆپ ئىستىمال قىلسا بەزىلەر قايتۇرۇلىدۇ. 4. 4-دەرىجىدىكى قۇرۇق ئىسسىق دورا جەدۋارھىندى، ئادەم بەدىنىدە ئۆت خالتىسى ۋە سۇيۇقلۇقى 4-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ تەڭ، تەبىئىتى ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆتنى تەربىيەت قىلىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشىلاپ زەھەرلەرنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. 5. 4-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق دورا جىگەر ( بولۇپمۇ بۆرىنىڭ جىگىرى) جىگەرنى تەربىيەت قىلىدۇ. 6. 3-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق دورا يۈرەك، يۈرەكنى تەربىيەت قىلىدۇ. 7. 2-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق دورا يىلىك، يىلىكنى تەربىيەت قىلىدۇ. 8. 1-دەرىجىدىكى ھۆل ئىسسىق دورا قۇشلارنىڭ گۆشى مۇسكوللارنى تەربىيەت قىلىپ ئادەمنى سەمەرتىدۇ. 9. 1-دەرىجىدىكى ھۆل سوغۇق دورا يېشىل ماش، سۈيدۈك چىقىرىش يولىنى تەربىيەت قىلىدۇ. 10. 2-دەرىجىدىكى ھۆل سوغۇق دورا شاپتۇل، دوۋسۇقنى تەربىيەت قىلىدۇ. 11. 3-دەرىجىدىكى ھۆل سوغۇق دورا تەرخەمەك ئۇرۇقى، سۈيدۈك نەيچە يولىنى تەربىيەت قىلىدۇ. 12. 4-دەرىجىدىكى ھۆل سوغاق دورا قاپاق ئۇرۇقى، بۆرەكنى تەربىيەت قىلىدۇ ( بۆرەكنى تازىلايدۇ) 13. 4-دەرىجىدىكى قۇرۇق سوغاق دورا ئەپيۇن، تالنى تەربىيەت قىلىدۇ. 14. 3-دەرىجىدىكى قۇرۇق سوغاق دورا كۈچۇلە، پەيلەرنى تەربىيەت قىلىدۇ. 15. 2-دەرىجىدىكى قۇرۇق سوغاق دورا مۇمىيا سۆڭەكلەرنى تەربىيەت قىلىدۇ. 16. 1-دەرىجىدىكى قۇرۇق سوغاق دورا جىگدە يىلىمى، چاچ، تېرە، تىرناقلارنى تەربىيەت قىلىدۇ. مەزكۇر دورىلار بىلەن ئادەم ئەزالىرىنىڭ تەبىئەتلىرى ئوخشاش دەرىجىلىرى تەڭ بولغاچقا كەڭ خەلق ئارىسىدا تەجرىبىدىن ئۆتكەن رېتسىپلار ئەمەلىيەتنى ئىسپاتلىغان بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ چىرايلىق ۋە سەت بولۇشىدىمۇ خىلىتلار بىلەن يىمەك- ئىچمەكلەر ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. تۆۋەندىكى شېرىمدىن بىلالايمىز. ئادەمنى ....گۈزەل قىلىپ كۆرسىتىدىغان خىلىتلار ھەققىدە شېئىر
سۈزۈك چىراي گۈزەلنىڭ، خىلىتلىرى ساپ بولۇر. چولپان كۆزنىڭ نۇرلىرى، سەپىرادىن ئوت يانار.
سەر ۋە شەكىل بوينىڭ، بەدەن خىلىتى تەل بولار. ياقۇت رەڭلىك لەۋلىرى، ساپ قاننى سۆزلەپ تۇرار.
پىششىق تۇخۇم ئېقىنىڭ، يۇمشاقلىقى ئاندا بار. تۇلۇن ئايدەك جامالى، ساپ بەلغەم بار دەپ ئەيتار.
خۇشخۇي مىجەز پەرىنىڭ، يۈرەك خىلىتى ساپ بولار. سۇمبۇل چېچى ئايلانسۇن، سەۋدا ئەۋرىشىم بولار. ئادەمنى ...سەت قىلىپ كۆرسىتىدىغان خىلىتلار ھەققىدە شېئىر
خۇنۇك چىراي كىشىنىڭ، خىلىتلىرى ساپ ئەمەس. نۇرسىز غەلىتە كۆزلىرى، سەپىراسى بۇزۇق بەس.
غەلىتە ئۆسكەن بويىنىڭ، تەسۋىرىنى دەپ بولماس. روھىنىڭ سەتلىكى، قاندۇر ئۇندا ساپ ئەمەس.
ياغاق بەدەن ئەتلىرى، يىرگىنىچلىك ئۇندا تەس. بۇ سەتلىكى بەلغەمدە، ئۆزگەرتىشكە بەكمۇ تەس.
ئۇندا باركى مىجەزنىڭ، كىرپىدىمۇ بار ئەمەس. سەۋدا بۇزۇق ئامال يوق، خۇي مىجەزى ئۆزگەرمەس.
|