مەن ئىتقىلا ئوخشايمەن
(ھېكايە)
شىرزات ئادىلجان ھۈكەر
— مېنىڭ يۈزۈمنىڭ تۈكى بار، مەن ئىتقىلا ئوخشايمەن. ئالدىدا ئەركىلەپ كەينىدىن چىشلەيمەن.— ئىدرىسنىڭ بۇ گېپىدىن ھېچكىممۇ ھەيران قالمايىتتى. چۈنكى ئۇ ھەر قېتىم ئۆزى مۇشۇ گەپنى قىلغاندا بىرخىل پەخىرلىنىش تۇيغىسىدا بولاتتى. مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان مەۋسۈملۈك ئىمتىھانلىرىنى بېرىش ئۈچۈن ئىدىرىس ئۆزىنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا ماتىرىيال ۋە قوراللىرىنى تولۇق ئېلىپ، ئۆزى بىلەن بىر مەيدانغا بۆلۈنگەن گۈلشەن بىلەن ئىمتىھان مەيدانىغا كىردى. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار كومىسىيە كىرىشتىن بۇرۇن كىتاب كۆرىدىغانلار كىتاب كۆرۈپ باشقا ئىش قىلىدىغانلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئىدىرىس يان تەرىپىدە ئولتۇرغان گۈلشەنگە «ماڭا دەپ بېرىڭ» دېگەندەك قاراپ كۈلۈپ قويدى. گۈلشەنمۇ ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەندەك كۈلۈپ قويدى. ئىمتىھان باشلاندى. سىنىپنىڭ ئىچىنى كېزىپ تۇرغان ھەرخىل ئاۋازلار بىردىنلا ئۆچۈپ تىمتاسلىققا چۆمدى. ئىمتىھان بېرىدىغان كۆپۈنچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىرايىدا خۇدۈكسىرەش ۋە قورقۇشنىڭ ئالامەتلىرى ئەلەڭلەيىتتى. ئىمتىھان ئاخىرلاشقانلىق قوڭغۇرىقى چېلىنىشى بىلەن ئېغىر ئۇھ تارتىشلار ئاڭلىنىپ تۇردى. ئىدرىس خۇددى ئىمتىھاننى ياخشى بەرگەندەك خۇشال ھالدا مەيداندىن چىقتى. ئىشىكنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان گۈلشەن كۈلۈپ چىقىۋاتقان ئىدرىسقا نەپرەتلەنگىنىچە تىكىلدى. — سەنمۇ ئادەم بولدۇڭمۇ؟ بىر يىللىق جاپايىمنى يوققا چىقاردىڭ.— گۈلشەننىڭ كۆز چاناقلىرىغا پاتماي قالغان ياش مەڭزىنى بويلاپ دومىلاشقا باشلىدى. — مەن دائىم دەيدىغاندەك، مېنىڭ يۈزۈمنىڭ تۈكى بار گۈلشەن، مەن ئىتقىلا ئوخشايمەن. ئالدىدا ئەركىلەپ كەينىدىن چىشلەيمەن.— ئىدرىس چوڭ ئىش قىلغان ئادەمدەك پەخىرلىنىپ سۆزلەيىتتى،— سىز ئېتىپ بەرگەن تاللاش سوئالىنى كۆچۈرىۋېلىپ كومىسىيەگە بەردىم، ئاندىن ئۇ سىزنى چىقىرىۋەتتى. لېكىن مېنىڭ كەينىدىكى سوئاللارنى قانداق ئىشلىشىمدىن قىلچىلىك گۇمان قىلمىدى. مەن بۇ پەن ئىمتىھانىدىن چوقۇم ئۆتۈپ كېتىمەن.— دەپ گۈلشەننىڭ ئاچچىق بولۇپ كەتكەن چىرايىغا مەسخىرىلىك كۈلۈپ كېتىپ قالدى.
مەكتەپنىڭ باشقا ئىمتىھانلىرى تۈگەپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر پەن ئىمتىھانى قالدى. ئىدىرىس بۇ پەننىڭ دەرسىگە ئانچە قىزىقىپ كەتمىگەچكە، بۇ پەندىن ئۆتەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ ئۆزى بىلەن بىر مەيدانغا بۆلۈنگەن ساۋاقداشلىرىنى ئىزدىدى. تەلىيىگە ساۋاقدىشى ئەخمەت ئۇنىڭ بىلەن بىر مەيدانغا بۆلۈنگەنىدى. ئىدىرىس ئەخمەتنى تېپىپ شۇنداق گەپ قىلىشقا ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە ئەخمەت ئۇنىڭ گېپىنى تارتىۋالدى. — بىلىمەن ئاداش مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن. لېكىن سېنىڭ يۈزۈڭدە تۈك بار، سەن ئىتقىلا ئوخشايسەن.— دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئىدىرىس خۇددى يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى تېپىۋالغاندەك چىرايىدا رازىمەنلىك شەكىللەندى. ئىمتىھان باشلاندى. ئەخمەت باشقا جايدا ئىدىرىسنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاچقا، ھېچ يەرگە قارىماي سوئال ئىشلەش بىلەن مەشخۇل ئىدى. ئىدىرىس ئۇنىڭغا شۇنچە ئۈمىتلىك تىكىلسىمۇ سوئالنىڭ جاۋابى يېزىلغان قەغەزنى ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تاشلاپ بېرىشىنى كۆرەلمىدى. ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە. ئىدىرس ئۆزىنىڭ سوئال قەغىزىنى بىر نېمىلەرنى قىلىپ قارا قىلىش ئۈچۈن، ئىمتىھانغا مۇناسىۋەتلىك كىتابنى تىقىپ قويغان يېرىدىن چىقىرىپ ئوغرى مۈشۈكتەك كۆچۈرۈشكە باشلىدى. ئىدىرس دەسلەپكى كۆچۈرۈشىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن خېلىلا ئىشلىنىپ بولغان سوئالىدىن كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى. ئۇ يەنە بىر قېتىم ئىشلىنىپ بولمىغان سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ پەسكە ئېڭىشتى. بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭ كەلمەي، كومىسىيە تەرىپىدىن سېزىلىپ قالدى. ياراشتۇرۇپ كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن بۇرۇتلۇق كومىسىيە ئىدىرسنىڭ ئىمتىھان سوئالىنى قولىغا بېسىۋالغان يېرىدىن تارتقۇچلىدى. ئىدىرس ئىشنىڭ ئەپلەشمىگىنىدىن خۇدۈكسىرىگەن چىرايىغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ئەتراپقا بىر پەس قارىۋەتكەندىن كېيىن يېشىل ئەللىك يۈەنلىك پۇلنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان پارچە پۇللارنى شۇ پېتى چاندۇرماي ئۇنىڭ پارتىغا تىرەلگەن قولىغا پۇرلاپلا ئىتتىرىپ دوستانە كۈلۈپ قويدى. ئالقىنىغا ئۇرۇلغان پۇلدىن تېنى بىرخىل تىترەپ كەتكەن كومىسىيە دەماللىققا نېمە قىلىشىنى بىلمەي بىرئاز تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئالقىنىنىڭ ئارىسىدىكى پۇلنى يىغىپلا مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگكىنىچە «ئەمدى دىققەت قىلىڭ» دەپ كېتىپ قالدى. ئەتراپتىكىلەر ئۆز ئىمتىھانلىرىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە نېمە ئىش بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز قالدى. ئىدىرس يەنە بىر مۇۋاپىقىيىتىدىن خۇشاللىنىپ قالغان سوئاللارنى ئىشلەشكە باشلىدى.
ئىمتىھان ئاخىرلاشتى. ئىدىرس سىنىپنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە كومىسىيە بولغان ئادەمنى توۋلاپ يانغا تارتتى. ئۇنىڭ چىرايىدا بىلىپ-بىلىنمەس ھەرخىل ئىپادە چاقناپ تۇراتتى. — رەھمەت ئەپەندىم بايا ماڭا ئىمتىھان ۋاقتىدا ياردەم قىلدىڭىز.— كومىسىيە ئۆزىگە رەھمەت ئېيتىپ كەلگەن ئىدىرسقا «ھېچقىسى يوق» دېگەن مەنىدە رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى.— لېكىن،— دېدى ئىدرىس ئۇنىڭ كۈلكىدىن پۈرۈلگەن چىرايىغا قاراپ،— مېنىڭ يۈزۈمنىڭ تۈكى بار، مەن ئىتقىلا ئوخشايمەن. مەن ئالدىدىن ئەركىلەپ كەينىدىن چىشلەيمەن. بايىقى ئالغان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىڭ. مېنىڭ چۈشتە تاماق يەيدىغان پۇلۇمنى ئېلىۋالدىڭىز.— كومىسىيەنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆڭدى.— ئەگەر پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرمىسىڭىز يۇقىردىكىلەرگە سىزنى مەندىن ئىمتىھان ۋاقتىدا پۇل ئالدى دەپ چاقىمەن.— دەپ قولىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى. كومىسىيە نېمە دېيىشىنى، نېمە قىلىشىنى بىلمەي گېلى بوغۇلغاندەك ئۈنىمەي يانچۇقىدىن پۇرلىشىپ نەم بولۇپ كەتكەن پۇلنى چىقىرىپ بىلىپ-بىلىمەس تىترەپ ئىدرىسقا ئۇزاتتى. — رەھمەت ئەپەندىم.— ئىدىرس يەنە بىر غەلبىسىدىن پەخىرلەنگەندەك كېتىپ قالدى.
2016-يىل 25-ئاپرېل، ئۈرۈمچى ئاپتۇر: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى 2014-يىللىق تىل-ئەدەبىيات كەسپىدىن |