- تىزىملاتقان
- 2016-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3257
- نادىر
- 0
- يازما
- 329
ئۆسۈش
41.9%
|
«ئاقسۇ سېپىلى» ناملىق ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مىللىي ئارمىيەسىنىڭ ئاقسۇغا كېلىپ ئەقسۇ سېپىلىنى قورشىۋالغاندىن كېيىنكى قىسمى ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەمما بۇ ماقالىنىڭ ئاقسۇ سېپىلىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدىكى قىسمىدا مەسىلە بار ئىكەن. مەسىلەن، بۇ ماقالىدە مۇنداق يېزىلىپتۇ:
[«ئاقسۇ شەھىرى تەزكىرىسى» دە ئاقسۇ سېپىلىغا دائىر مۇنداق تارىخىي ۋەقەلەر خاتىرىلەنگەن ئىكەن: « مىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى مىڭ ۋۇزۇڭ زامانىسىدىكى جېڭدې 8-يىلى (1513-يىلى) يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى سەئىدخان قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئىنىسى ئامان خوجا سۇلتاننى ئاقسۇغا بېرىپ، ئابابەكرى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن قەلئەنى قايتىدىن ياساشقا ئەۋەتتى».
«چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭ گاۋزۇڭ زامانىسىدىكى چيەنلوڭ 23-يىلى (1758-يىلى) 7-ئايدا كىچىك خوجا ـ خوجا جاھان ئاقسۇدىن كۇچادىكى توپىلاڭچىلارنىڭ باشلىقلىرىغا ياردەمگە كېلىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئارقىسىغا قاراپ قاچتى، ئاقسۇ شەھەر خەلقى شەھەر دەرۋازىسىنى تاقىۋېلىپ، ئۇلارنى كىرگۈزمىدى، خوجا جاھان ئۇچتۇرپانغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن يەكەنگە قايتىپ كەتتى. 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاقسۇدىكى توپىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ئەل بولدى، چىگرىنى تىنجىتقۇچى سانغۇن جاۋخۇي بىر پاي ئوق ئاتماي ئاقسۇ قەلئەسىنى ئالدى».
«چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭ ۋېنزۇڭ زامانىسىدىكى شيەنفېڭ 6-يىلى (1856-يىلى) 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقسۇ قەلئەسى سىرتىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئوق-دورا ئىسكىلاتىغا چاقماق چۈشۈپ، شەھەر سېپىلى ۋە ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ، بىر سەركەردە، توققۇز چىرىك تام ئاستىدا قېلىپ ئۆلگەنلىكتىن، شەھەر قوۋۇقىنى ساقلاش كۈرەسىنى باشقۇرۇۋاتقان مەسلىھەتچى سانغۇن، باش دىۋان قاتارلىقلار پىرقىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى».
«چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭ مۇزۇڭ زامانىسىدىكى تۇڭجى 2-يىلى (1864-يىلى) 6-ئاينىڭ 4-كۈنى كۇچادا ئىسىيان كۆتۈرگەن مۇسۇلمانلار ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلدى، جامالىدىن قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ، ئاقسۇ قەلئەسىنى ئىگىلىدى» .
«چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭ دېزۇڭ زامانىسىدىكى گۈاڭشۈ 2-يىلى (1876-يىلى) 12-ئايدا روسىيە ئادەم ئەۋەتىپ، ئاقسۇنىڭ يوللىرى، يەر شەكلى، دەرياسىنىڭ چوڭقۇرلىقى ۋە كەڭلىكى، سۈيىنىڭ ئېقىش سۈرئېتى، ئاقسۇ شەھەر سېپىلىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقى، شەھەر دەرۋازىسى، دوكانلىرى، ئاھالىسى، تۇرۇشلۇق قىسىم، باج تاپشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈردى».
«چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭ دېزۇڭ زامانىسىدىكى گۈاڭشۈ 19-يىلى (1893-يىلى) 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئاقسۇ ئەتراپىدا غەربى شىمالدىن شەرقى جەنۇپقا يۆنەلگەن ھالدا كۆپ قېتىم يەر تەۋرىدى. بولۇپمۇ 18-كۈنى يەر تەۋرەش ئەۋجىگە چىقىپ، گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى، ئۆي-ئىمارەت ۋە سېپىلنىڭ كۆپ جايلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشتى».]
دېمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن كۆرۈپ تۇرۇپتۇقكى، بۇ نەقىللەردە «ئاقسۇ» سۆزىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ئەكس ئەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاقسۇ سېپىلىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى پۈتۈنلەي خاتا چۈشەندۈرۈلگەن. مەن بۇ ئىنكاسىمدا بۇ مەسىلە ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى قىسقىچە شەرھلەپ باقماقچىمەن. ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىشىم كېرەككى، مېنىڭ ئاتا- بوۋام ئاتام زامانىدىن تارتىپ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق گۈلئاۋات ۋە قاراتال يېزىلىرىدا ياشاپ كەلگەن بولغاچقا ئاقسۇنىڭ تارىخى ۋە «ئاقسۇ» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزدىنىپ كەلدىم ھەمدە مەتبۇئاتلاردا بىر قانچە پارچە ماقالە ئېلان قىلدىم. بۇ ئىنكاسىمدا «ئاقسۇ سېپىلى»نىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقىغا جاۋاب بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ئەنە شۇ ماقالىلىرىمنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى دىققىتىڭىزلەرگە سۇندۇم (ئەلۋەتتە ئۇ ماقالە بۇ يەردە قىسقارتىپ بېرىلدى):
بۇ يەردە يەنە ئالدى بىلەن شۇنى ئىلاۋە قىلىپ قويۇشۇم كېرەككى، ئاقسۇ سېپىلىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن جەزمەن «ئاقسۇ» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى ۋە ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى بىلىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن ئاقسۇ سېپىلىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قانداق ھادىسە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھەرگىزمۇ توغرا بىلىشكە ئىگە بولغىلى بولمايدۇ. مېنىڭ ئۇ ماقالەم مۇنداق باشلانغان: «ئاقسۇ» سۆزى ھازىر «ئونسۇ» سۆزى بىلەن ئاتىلىۋاتقان ئونسۇ شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق جايلارنىڭ 1998- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئىلگىرىكى ئومۇمىي نامىدۇر. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى تارىخ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان «ئاقسۇ» سۆزى پەقەتلا مۇشۇ شەھەرنىڭ نامىدۇر، ئۇنىڭ ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نامى بولغان «ئاقسۇ» سۆزىدىن ماھىيەتلىك ئۇقۇم پەرقى بار. بىزگە مەلۇم، ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئورنى ئەسلىي ئونسۇ (ئاقسۇ كوناشەھەر)غا قاراشلىق «ئاسۇق» ناملىق كەنتنىڭ ئورنى ئىدى. 1883- يىلى نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ قەدىمىي كەنتنىڭ ئۈستىگە چىڭ سۇلالىسىنىڭ بىر ھەربىي گازارمىسى سېلىنغان. ئارىدىن 30 يىل ئۆتۈپ بۇ گازارما كىچىكرەك بىر شەھەرچىگە ئايلانغان، 1913- يىلى ئاقسۇ ناھىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ناھىيەلىك ئىش بېجىرىش ئاپپاراتلىرىمۇ ئونسۇ شەھىرىدىن ئۇشبۇ يېڭى شەھەرچىگە يۆتكەپ چىقىلغان ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن «ئاقسۇ» سۆزى بۇ يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان شەھەرنىڭ رەسمىي نامى بولۇپ قالغان ھەمدە ئەمدى ئىككى شەھەرنى بىر- بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ ئاتاش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ، كونىسى «ئاقسۇ كوناشەھەر» دەپ، يېڭىسى بولسا «ئاقسۇ يېڭىشەھەر» دەپ ئاتالغان. شۇ سەۋەبتىن 1913- يىلىدىن ئىلگىرى يېزىلغان ھۆججەتلەردە «ئاقسۇ كوناشەھەر»، «ئاقسۇ يېڭى شەھەر» دېگەن سۆزلەرنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە مۇشۇ مەزگىللەردىكى «ئاقسۇ كوناشەھەر» سۆزى خەنزۇچە ئەسەرلەردىمۇ گاھىدا ئۇيغۇرچىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ 阿克苏老城 دەپ، «ئاقسۇ يېڭىشەھەر» سۆزى بولسا 阿克苏新城 دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرى ئاسۇق ناملىق كەنتنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان بولغانلىقتىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن «ئاسۇق» دەپمۇ ئاتالغان، ھازىرمۇ شۇنداق ئاتىلىش مەۋجۇت. بۇ نام ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مەسىلەن، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ «مەھبۇبۇلقۇلۇب» ناملىق ئەسىرىنى كۆچۈرۈپ، ئۇنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان ئاسۇقلۇق ئەدىب ھەمدۇللا ئاخۇن ئوغلى ھاجى مۇھەممەتنىياز «مەھبۇبۇلقۇلۇب»نىڭ ئاخىرىغا مۇنداق جۈملىنى يازغان: «ئاسۇقلۇق ھەمدۇللا ئاخۇننىڭ ئوغلى ھاجى مۇھەممەتنىيازنىڭ كۆچۈرگەن كىتابىدۇر. ھىجرىيە 1010- يىلى (مىلادىيە 1601ــ 1602– يىل) رامىزان ئېيىنىڭ يىگىرمە ئۈچى» (ئابلىمىت ئەھەت نەشرگە تەييارلىغان: «ئەخلاق دەستۇرى»، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت– فوتو سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن- سىن نەشرىياتى، 2011- يىل 1- بېسىلىشى، 501 ــ 502- بەت). مانا بۇ جۈملىدىن ئاسۇقنىڭ مۇندىن 400 يىل ئىلگىرىمۇ خېلى نامى بار يۇرت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»دا سوغداق خەلقىنىڭ بىر ھەربىي ئاتامانىنىڭ ئىسمى «ئاسۇق» ئىكەنلىكى يېزىلغان. مەزكۇر «ئاسۇق» دېگەن كىشىنىڭ يەر نامى بولغان «ئاسۇق» سۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى بار- يوقلۇقىنى ئەلۋەتتە ئېنىقلاش كېرەك. «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابنىڭ 37- بېتىدە ئاسۇق قاتارلىق ئون ئۈچ كەنتنىڭ 1870- يىللىرى ئونسۇغا قارايدىغانلىقى يېزىلغان. ھالبۇكى، بۇ خاسىيەتلىك يۇرت شەھەر بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نامى ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن قوللىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوللىنىلمىغانلىقتىن ھازىر قوللىنىلىش چاستوتىسى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس. دېمەك، 1883- يىلى ئاسۇق ھەربىي گازارمىسى سېلىنىپ قەلئە بولۇپ شەكىللەنگەندىن كېيىن، يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان بۇ شەھەر خەنزۇچە 阿苏克 دەپ ئاتالماستىن (ئەلۋەتتە بىر نەچچە يىل شۇنداقمۇ ئاتالغان)، بەلكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئاقسۇ»نىڭ، يەنى ئاقسۇ كوناشەھەرنىڭ ئەسلىدىكى نامى بولغان «ئاقسۇ» سۆزىنىڭ تەلەپپۇزىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ خەنزۇ تىلىنىڭ ئادىتى بويىچە 阿克苏 دەپ ئاتالغانلىقتىن، ئۇيغۇر تىلىدىمۇ بۇ شەھەر «ئاقسۇ» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. ئەگەر، خەنزۇچىدىمۇ 阿苏克 دەپ ئاتىلىۋەرگەن بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا، بۇ شەھەر «ئاسۇق» نامى بىلەنلا ئاتالغان ۋە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئۇقۇشماسلىقلارمۇ مەيدانغا كەلمىگەن بولاتتى. ئەلۋەتتە، ئونسۇ شەھىرىنىڭ خەنزۇچە نامى بولغان 温宿 دېگەن سۆزمۇ 1885- يىلى شىنجاڭدا ئۆلكە تۈزۈمى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، 1902- يىلىغا كەلگەندە ئونسۇ (ئاقسۇ كوناشەھەر)دا بىۋاسىتە قاراشلىق ئايماق تەسىس قىلىنغان ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ يامۇل- ئىشخانىلىرىمۇ شەھەرگە جايلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، 温宿 سۆزى مۇشۇ ئايماققا ۋە ئۇنىڭ مەركىزى بولمىش شەھەرگە نام قىلىپ قويۇلغان (شۇ چاغدا يېڭى تەسىس قىلىنغان ئونسۇ ئايمىقىغا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئونسۇ، باي ۋە باي ناھىيەلىرى قارىغان)، يەنى شۇ چاغدىكى چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى ۋە مۇئەررىخلىرى «خەننامە»دىكى 温宿 سۆزىنى ئۈزۈۋېلىپ، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئاقسۇ (ئونسۇ) ئايمىقى ۋە دوتەيلىكىگە نام قىلىپ قويغان. شۇنىڭدىن بېرى بۇ سۆز مۇشۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق جايلارنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ شەھەرنىڭ باشقا مىللەت تىلىدا يەنە قانداق سۆزلەر بىلەن ئاتالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. گومىنداڭ دەۋرىدە ۋە ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سىزىلغان خەنزۇچە خەرىتىلەردە خەن دەۋرىدىكى 温宿 (ۋېنسۇ) نىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۇچتۇرپان شەھىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ كۆرسىتىلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم خەنزۇچە ئەسەرلەردىمۇ 温宿 نىڭ ئەسلىي ئورنىنىڭ ئۇچتۇرپانغا توغرا كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان (فېڭ جىۋېن، تۇردى ناسىر، لى چۈنخۇا، خې لىڭ، شى شاۋچى قاتارلىقلار تۈزگەن: «غەربىي يۇرت يەر ناملىرى لۇغىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2004- يىل 10- ئاي 3- باسمىسى، 382-، 383- بەتلەر).
دېمەك، 1902- يىلدىن بۇرۇن يېزىلغان خەنزۇچە ھۆججەتلەردىكى 阿克苏 سۆزى ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىنى ئەمەس، بەلكى ئونسۇ (ئاقسۇ كوناشەھەر) نى كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇسكى، يۈ ۋېيچېڭ ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 2005- يىلى نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ يەر ناملىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلۈش تارىخى» ناملىق كىتابىنىڭ 58- بېتىدىكى 乾隆四十四年(1779),将原设于乌什的领队大臣移驻到阿克苏 دېگەن جۈملە بەزىلەرنىڭ قەلىمىدە «چيەنلۇڭنىڭ 44- يىلى (1779- يىلى)، ئەسلىي ئۇچتۇرپاندا تەسىس قىلىنغان قوشۇن باشلاش ۋەزىرلىكى ئاقسۇغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى» دەپ تەرجىمە قىلىندى. ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك كۆرۈنگەن بۇ تەرجىمە جۈملىدە تارىخىي ئۇقۇم خاتالىقى يۈز بەرگەن. چۈنكى، ئەسلىي جۈملە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى 阿克苏 گەرچە ئۇيغۇرچىدىكى «ئاقسۇ»نىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندا مۇنداق ئۇدۇل ئىپادە قىلىنمايدۇ، بەلكى «ئاقسۇ كوناشەھەر» ياكى «ئونسۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ جۈملىدىكى 阿克苏 نىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى پەقەت «ئاقسۇ كوناشەھەر»نى، يەنى بۈگۈنكى «ئونسۇ»نىلا بىلدۈرىدۇ. بىزگە يەنە شۇنىسى مەلۇم، «ئاقسۇ» سۆزى تەخمىنەن 1105 ـــ 1150- يىللىرىدىن تاكى 1998- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ئاقسۇ كوناشەھەرنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان، بۇ سۆز ئەلۋەتتە ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭمۇ نامىدۇر. ئەسلىي ئىش مۇنداق ئىدى: 1759- يىلى چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئاقسۇ (ئونسۇ) شەھىرىدە چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىش بېجىرىش ۋەزىرلىكى تەسىس قىلىنىپ، شەھەر خەنزۇ تىلىدىمۇ ئۇيغۇرچىدىكى«ئاقسۇ» سۆزىنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە «ئاكېسۇ» (阿克苏) دەپ ئاتالغان. 1885- يىلى شىنجاڭدا شىنجاڭ ئۆلكىسى رەسمىي قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ مەمۇرىي تۈزۈلۈشىدە يېڭىدىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ ئىچكىرىگە ئوخشاش ۋىلايەت- ناھىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، مەھكىمە- نازارەت، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك ئاپپاراتلار ئىلگىرى- كېيىن تەسىس قىلىنغان. 1902- يىلى ئاقسۇ كوناشەھەردىمۇ ۋىلايەت- ئايماق دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى تەسىس قىلىنىپ، بۇ يېڭى ۋىلايەت- ئايماقنىڭ نامى خەنزچە 温宿 سۆزى بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر تىلىدا بولسا بۇرۇنقىدەكلا «ئاقسۇ» دەپ ئاتىلىۋەرگەن. 1913- يىلى ئونسۇ (ئاقسۇ كوناشەھەر) ئايمىقى ئونسۇ ناھىيەسىگە ئۆزگەرتىلىپ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئونسۇ شەھىرىدە تۇرۇۋەرگەن ۋە ئاقسۇ دوتەيلىكىگە قارىغان، ئاقسۇ ناھىيەسى بولسا ئونسۇ شەھىرىدىن ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىگە يۆتكەپ چىقىلغان ۋە بۇ شەھەر ئاقسۇ دوتەيلىكىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغان. شۇندىن بېرى «ئاقسۇ» سۆزى ھازىرقى ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئاقسۇ شەھىرى تۇرۇشلۇق جاينىڭ نامىغا ئايلانغان. ئاقسۇ كونا شەھەر ئەمدىلىكتە گەرچە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن شەھەر بولغاچقا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن 1998- يىلغىچە «ئاقسۇ كوناشەھەر» دەپ ئاتالغان. بۇ شەھەرنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى بولغان 温宿县 سۆزىمۇ «ئاقسۇ كوناشەھەر ناھىيەسى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان بولغان. لېكىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 ـــ 90- يىللىرىدىن بۇيان ھېچقانداق ئېتىمولوگىيەلىك ھۆججەت ئاساسى بولمىغان بىر مۇنچە سۆزلەر ئونسۇنىڭ «تارىختىكى نامى» قىلىپ قويۇلدى، ھەتتا تارىختىكى ئاقسۇ بىلەن ھازىرقى ئاقسۇنىڭ پەرقىمۇ ئىلىشتۈرۈۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بىر قانچە يىل ئىزدىنىش ئاساسىدا «ئونسۇنىڭ تارىختىكى ھەقىقىي ناملىرى» ناملىق ماقالىنى يېزىپ، ئۇنى «شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى» ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 11- سانىدا ئېلان قىلدۇردۇم. مەن بۇ ماقالەمدە ئونسۇنىڭ تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر تىلىدا پەقەت «بارمان»، «ئاقسۇ»، «ئاقسۇ كوناشەھەر» دېگەن ئۈچلا سۆز بىلەن ئاتالغانلىقىنى، باشقا سۆز بىلەن ئاتالغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەق پاكىتنىڭ ھازىرغىچە تېپىلمىغانلىقىنى شەرھلىدىم. ئونسۇنىڭ تارىختىكى ناملىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتا ۋە ئۇنىڭ زادى قانداق سۆزلەر بىلەن ئاتالغانلىقىنى ئىسپاتلاشتا تۆۋەندىكىدەك ئاساسلار بار.
بىزگە مەلۇم، بەزى كىشىلەر 1990- يىللىرى ئاقسۇ (ئونسۇ) نىڭ «تارىختىكى ناملىرى» ھەققىدە ماقالە يېزىپ ئۇنسۇ، ئۇرۇن سۇ، قۇم، باخۋان، باقۇان، بارۋان، ئورسۇق، ۋوسۇق، ۋالوكا قاتارلىق سۆزلەرنى ئاقسۇنىڭ «تارىختىكى ناملىرى» ئىدى دېگەننى كۆتۈرۈپ چىققان بولسا؛ بەزى كىشىلەر 2000- يىللىرىدىن باشلاپ يەنە ئۆرۈن (ئۇرن)، ئۆرۈڭ، يۆرۈن، يۆرۈڭ، ئۈرۈڭ، يۇرۇڭ (ئۇرۇن- ئۇرن)، ئۇرۇن (ئۇرن، ئۇن)، يۇرۇڭسۇ، يۇرۇنسۇ، ئۇرۇڭسۇ، ئۇرنسۇ قاتارلىق ھېچقانداق تارىخىي ئاساسى يوق ئىبارىلەرنى ياساپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارنى «ئاقسۇ» سۆزى بىلەن تومۇرداش، زامانداش ۋە مەنىداش قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى «ئۇرۇنسۇ» ئىبارىسىنى ئاقسۇنىڭ قەدىمكى ھەقىقىي نامى ئىدى ۋە شۇنداق ئاتالسا توغرا بولاتتى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى («شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2004- يىللىق 1- سانىدىكى «‹ئاقسۇ› ۋە ‹ئونسۇ› دېگەن يەر ناملىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىگە قارالسۇن). ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە ئونسۇ شەھىرىمۇ، ئەدناسى ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىمۇ ھېچقاچان مۇنداق سۆزلەر بىلەن ئاتىلىپ باقمىغان. ئىلھامغا ۋە تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ سۈنئىي رەۋىشتە ياساپ چىقىلغان كىلون سۆزلەر قانداقسىگە «ئاقسۇ» سۆزىگە زامانداش ۋە مەنىداش بولالىسۇن؟ تارىختا، يەنى ئۇيغۇر تىلىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەردە ۋە قول يازما ھۆججەتلەردە ئۇنسۇ، ئۇرۇن سۇ، قۇم، باخۋان، باقۇان، بارۋان، ئورسۇق، ۋوسۇق، ئۆرۈن (ئۇرن)، ئۆرۈڭ، يۆرۈن، يۆرۈڭ، ئۈرۈڭ، يۇرۇڭ (ئۇرۇن- ئۇرن)، ئۇرۇن (ئۇرن، ئۇن)، يۇرۇڭسۇ، يۇرۇنسۇ، ئۇرۇڭسۇ، ئۇرۇنسۇ (ئۇرنسۇ) قاتارلىق ئىبارىلەرنىڭ ئاقسۇنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. مەن «ئاقسۇ» سۆزى ۋە ئاقسۇ كوناشەھەرگە دائىر 20 خىلغا يېقىن ھەر خىل تۈردىكى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇنداق سۆزلەرنى ئۇچراتمىدىم. ھەقىقىي ئەھۋال شۇنداق تۇرسا سۈنئىي رەۋىشتە ياساپ چىقىلغان شۇنچە جىق ئىبارىلەرنى «ئاقسۇنىڭ تارىختىكى ناملىرى» دېسە كىممۇ قوبۇل قىلۇر! شۇنچە جىق سۈنئىي ئىبارىلەرنى «ئاقسۇنىڭ تارىختىكى ناملىرى» دېيىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى باردۇر! كىلاسسىك ئەسەرلەردە ھېچقانداق قوللىنىلغانلىق ئارخىپى يوق سۈنئىي سۆزلەر ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بولالمايدۇ. چۈنكى، ھازىرقى زاماننىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن ياسالغان ياسالما سۆز ھەرگىزمۇ تارىختىكى سۆز بولالمايدۇ. ھەقىقەتەن ھەر قانداق بىر يەر نامى قەدىمكى ۋەسىقىلەردە قوللىنىلغان ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولۇشى شەرت. ھالبۇكى، يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ بىرەرسىمۇ بۇ شەرتنى ھازىرلىيالمىغان.
«شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژۇرنىلىنىڭ 1996- يىللىق 3- سانىدا «توپونىمغا دائىر ئىزدىنىشلەر» ناملىق ماقالىدە: «ئورسۇق ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئەسلىي نامى. لېكىن بۇ خاتا ھالدا ‹ئاقسۇ كوناشەھەر›گە نام قىلىپ قويۇلغان»، «خەنزۇچىدىكى ‹ۋېنسۇ›نىڭ قەدىمكى ئوقۇلۇشى ‹ۋوسۇق›، يەنى ‹ئاسۇق›نىڭ تىرانسكرىپسىيەسىدۇر» دەپ يېزىلغان. بىلىش كېرەككى، بۇ جۈملىدىكى ئاتالمىش «ئورسۇق» سۆزى ئاقسۇ كونا شەھەرگە نام قىلىپ قويۇلمىغان، بۇ تامامەن ساختا جۈملىدۇر. ئەمىسە قاچان، كىملەر ئونسۇنى «ئورسۇق» دەپ ئاتاپ باققان؟ بۇ سۈنئىي ئىبارە قانداق بولۇپ «ئاقسۇ كوناشەھەرگە نام قىلىپ قويۇلغان؟». بۇ ئەمەلىيەتتە «ئاسۇق» نامىنىڭ ئىملاسىنى ياخشى بىلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان خاتالىقتۇر. خەنزۇچىدىكى «ۋېنسۇ»نىڭ قەدىمكى ئوقۇلۇشى «ۋوسۇق» بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خەنزۇ تىلىدا ئەزەلدىن «ق» فونېمىسى يوق تۇرسا. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جۈملىدە ئېنىق لوگىكىلىق خاتالىقمۇ بار.
«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2005- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان «يەنە ‹ئونسۇ›نىڭ ئورنى ۋە ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە» ناملىق ماقالىدە: «‹ئاقسۇ›نامىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ھازىرقى بىر ۋىلايەت ۋە بىر شەھەرنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئېنىق مەلۇمات يوق»، «شۇ قاتاردا ‹ئاقسۇ› دېگەن بۇ نامنىڭمۇ تۇنجى قېتىم ‹تارىخى رەشىدى›دە تىلغا ئېلىنغانلىقىغا ئوخشاش بىر قاتار ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقاندا» دېگەنگە ئوخشاش جۈملىلەر يېزىلغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە «ئاقسۇ» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى خاتا چۈشەندۈرۈلگەن. قاراپ باقايلى، «ئاقسۇ» نامىنىڭ قاچاندىن باشلاپ بىر ۋىلايەت ۋە بىر ناھىيەنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرچە قول يازما ھۆججەتلەر ۋە ھازىرقى زامان مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە بەك نۇرغۇن پاكىتلار بار. مەسىلەن، بۇ ھەقتە «تارىخى رەشىدى»، «چىڭگىزنامە»، «تارىخى ھەمىدى» قاتارلىق كىتابلارغا ۋە ئىمىن توختى ئەپەندىنىڭ «ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ 1990- يىل 6- ئاينىڭ 28- كۈنى ۋە 7- ئاينىڭ 12- كۈنىدىكى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان «ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى مەمۇرىي رايونلار ئۆزگىرىشى» ناملىق ماقالىسىگە قارىساقلا كۇپايە. «ئاقسۇ» نامى يۇقىرىقى جۈملىدە ئېيتىلغاندەك تۇنجى قېتىم «تارىخى رەشىدى»دە تىلغا ئېلىنغان ئەمەس، بەلكى «بابۇرنامە»دە تىلغا ئېلىنغان، «بابۇرنامە» «تارىخى رەشىدى»دىن بۇرۇن يېزىلغان. گەرچە، «بابۇرنامە»دىكى «ئاقسۇ» ئۆرەتېپە تەۋەسىدىكى يەر نامى بولسىمۇ، ئامما ئۇ دىيارىمىزدىكى «ئاقسۇ» نامى بىلەن تىپ جەھەتتىن، يەنى ئەسلىي مەنبە جەھەتتىن يېقىن مۇناسىۋەتكە ئىگىدۇر. چۈنكى، مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان 1499- يىلى تاشكەندنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆرەتۆپەدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بوۋىسى (مۇھەممەدھەيدەر مىرزا كۆرەگان) ۋە بوۋىسىنىڭ بوۋىسى ئەمىر خۇدايداد ۋە ئەمىر خۇدايدادنىڭ دادىسى ئەمىر بۇلاجى شىنجاڭدىكى ئاقسۇغا ئىگىدارچىلىق قىلاتتى ۋە ئاقسۇدا تۇراتتى. تۇغلۇق تېمۈرخان نەسەبىدىكىلەر بىلەن ئەمىر بۇلاجى نەسەبىدىكىلەر تاكى سۇلتان ئەھمەدخانغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاقسۇنى مەنزىل قىلىپ تاللىغان، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئاقسۇ موغۇل خاقانلىرىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ماكانى بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن ئۆرەتېپەدىكى ئاقسۇغا «ئاقسۇ» سۆزىنى بەلكىم مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگاننىڭ ئاتا- بوۋىلىرى ئانا يۇرتىنىڭ نامىنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ئۈچۈن ھەدىيە قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
دېمەك، 1913- يىلدىن ئىلگىرىكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئاقسۇ» سۆزى تار مەنىدىن ئېيتقاندا پەقەت ھازىرقى ئونسۇ شەھىرىنىلا بىلدۈرىدۇ، كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا مۇشۇ شەھەرگە قاراشلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي نامىنى بىلدۈرىدۇ، ھەتتا ھازىرقى ئاقسۇنىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ. ئونسۇ شەھىرى تارىختا 1998- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئىلگىرى پەقەت «بارمان» (برمان)، «ئاقسۇ» ۋە «ئاقسۇ كوناشەھەر» سۆزى بىلەنلا ئاتالغانكى، باشقا سۆز بىلەن ئاتالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەلۋەتتە، بىز «ئاقسۇ» سۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئۇچتۇرپان، كەلپىن، ئاۋات، ئونسۇ، باي، توقسۇ، كۇچا، شايار قاتارلىق سەككىز ناھىيە ۋە ئاقسۇ شەھىرىنى ئىچىگە ئالغان چوڭ بىر ۋىلايەتنىڭ ھەم بۇ ۋىلايەتنىڭ مەركىزىي شەھىرىنىڭ نامى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئالەمچە پەخىرلىك ھېس قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ خاسىيەتلىك نامنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن «ئاقسۇ» سۆزى ۋە ئاقسۇ (ئونسۇ) شەھىرىنىڭ تارىختا ئوينىغان رولىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنىمۇ خالىمايمىز. ئاقسۇنىڭ «تارىختىكى ناملىرى»غا دائىر يۇقىرىقىدەك كۆپ خىل ئىبارىلەر ئەمدى يەنە سۈنئىي ياسالماسلىقى كېرەك. بەزىلەر نېمە ئۈچۈن ئاقسۇنىڭ تارىخى ھەققىدە قىچا چاغلىق بىر نېمە بىلمەي تۇرۇپ شۇنچە نۇرغۇن سۆزلەرنى ئاقسۇنىڭ «تارىختىكى نامى» ئىدى دېگەننى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مۇھەررىرلەر ئۇلارغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىدۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ قەلەم تەۋرەتكەنلىك، ئەتراپلىق ئىزدەنمىگەنلىك، مەسىلەن، «ئاقسۇ» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى ۋە ئاقسۇنىڭ تارىختىكى رولىنى ئازراقمۇ بىلمىگەنلىك، يۇرت (ۋەتەن) نىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي تونۇمىغانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
بىز ئونسۇ شەھىرى ھەققىدە شۇنى ئېنىق بىلىمىزكى، مىلادىيە 1105 ـــ 1150- يىللىرى ئارىلىقىدا ئونسۇ شەھىرى دەھشەتلىك كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، شەھەرنى پۈتۈنلەي سۇ ئېقىتىپ كەتكەن؛ كەلكۈن تىنىپ ئاپەتتىن ئامان قالغان كىشىلەر شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان ھەمدە شەھەر قايتىدىن قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇنى «ئاقسۇ» سۆزى بىلەن ئاتىغان. ئۇنىڭدىن ئىگىرى بۇ شەھەر «بارمان» دەپ ئاتالغان. چۈنكى، بۇ شەھەرنى ئەسلىي ئافراسىياپ (ئەفراسىياپ)نىڭ ئوغلى بارمان دېگەن كىشى قۇرغان بولغاچقا، شەھەرگە شۇ كىشىنىڭ ئىسمى قويۇلغان («تۈركىي تىللار دىۋانى»، 1- توم، 41- بەت؛ 3- توم، 503- بەت). بۇنداق ئاتاش ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ۋە شۇ قېتىمقى كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن «ئاقسۇ» سۆزىگە ئورۇن بوشاتقان. ئونسۇ شەھىرىنىڭ ھازىرقى تۈزۈلۈشىدىنمۇ ـــ شەھەرنىڭ شەرقى ۋە شىمالىدا سېپىلدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تىك يارداڭلىقتىنمۇ شۇ چاغدىكى كەلكۈننىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ خىل ئىز 1970- يىللاردىن ئىلگىرى تېخىمۇ ئوچۇق بىلىنىپ تۇراتتى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى خەرىتىگە قارايدىغان بولساق، تارىختا نامى ئالماشقان شەھەرلەر ئىچىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن ئوچۇق ۋە ناھايىتى توغرا سىزىلغان شەھەرلەردىن بارمان (ئونسۇ) دەكتىن يەنە بىرسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن ئونسۇ شەھىرى دۇنيادىكى بىردىنبىر شەھەر بولۇپ قالغان.
1290- يىللىرىنىڭ ئالدى- كەينىدە چاغاتايخان ئىبنى چىڭگىزخاننىڭ نەسلىدىن بولغان ئورتۇ بۆرەگە (ئورتۇ بۆرە)نىڭ ئونسۇ شەھىرىدە تۇرۇپ ماڭلايسۈيەنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى، ئاندىن يەنە چاغاتايخان ئىبنى چىڭگىزخاننىڭ پەي ئەۋرىسى، تۇغلۇق تېمۈرخاننىڭ دادىسى ئىسان بۇغاخاننىڭ ھەمدە ئورتۇ بۆرەگە (ئورتۇ بۆرە)نىڭ نەۋرىسى ئەمىر بۇلاجى دۇغلاتنىڭ 1340- يىللىرى ئونسۇ شەھىرىنى پات ئارىدا قۇرۇلماقچى بولغان بۈيۈك بىر خانىدانلىقنىڭ ئاساسى قىلىپ تاللىغانلىقى، ئاندىن 1348- يىلى مەشھۇر تارىخىي شەخس 18 ياشلىق تۇغلۇق تېمۈرخاننىڭ ئونسۇ شەھىرىدە موغۇلىستان خانىدانلىقىنىڭ تەختىدە ئولتۇرغانلىقى تارىخشۇناسلارغا بەش قولدەك ئاياندۇر. جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىش كېرەككى، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ بەشىنچى ئەجداد بوۋىسى ئەمىر بۇلاجى دۇغلاتنىڭ 1340- يىللىرى «مەملىكەتنىڭ قانۇن- تەرتىپلىرىنى تۇرغۇزۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ» («تارىخى رەشىدىي»، 47- بەت) موغۇلىستاننىڭ يۈرىكى بولغان ئونسۇ شەھىرىنى مەنزىل قىلىپ تاللىشى ۋە بۇ شەھەردە تۇرۇشى، ئاندىن تۇغلۇق تېمۈرخان ئىبنى ئىسان بۇغاخاننىڭ موغۇلىستاندا دۇنياغا كېلىشى (موڭغۇلكۈرە بىلەن ئونسۇنىڭ ئارىلىقىدىكى سەھرا ياكى تاغلىق كەنتلەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن)، ئاندىن ئۇنىڭ 1346- يىلى مىڭ بىر جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە مۇزئارت (مۇزات) داۋىنىدىن ئۆتۈدىغان يول بىلەن ئەمىر بۇلاجى دۇغلاتنىڭ ئونسۇدىكى ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىنىشى ۋە ئەمىر بۇلاجى دۇغلاتنىڭ ئۇنى 1348- يىلى ئونسۇ شەھىرىدە خان قىلىپ تىكلىشى، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ «شۇنىڭدىن كېيىن پۈتكۈل موغۇلىستان، بەلكى چاغاتاي يۇرتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگۈزۈشى» (50- بەت) ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قاراخانىيلار سۇلالىسى گۇمران بولغاندىن كېيىنكى يەنە بىر دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە ئىدى. ئەگەر، مۇشۇ ۋەقە ئونسۇدا قارار تاپمىغان بولسا كېيىنكى دەۋرلەردە يەكەن (ياركەند) خانلىقىنىڭ مومىسى يەكەن شەھىرىگە تىكلەنمىگەن بولاتتى. مۇشۇ مەزگىلدىكى ئونسۇ شەھىرىنىڭ سەلتەنەتى تۈرك- موغۇل خاقانلىرىنىڭ ئۇنى مەنزىل قىلىپ تاللىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ يەردە دەل مۇشۇ مەزگىلدىكى، يەنى 1290- يىللاردىن سۇلتان سەئىدخان ۋاپات بولغان 1533- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى «موغۇلىستان» ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھ بېرىپ قويۇش ئاقسۇ (ئونسۇ)نىڭ تارىختىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە رولىنى چۈشىنىشتە بەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
«تارىخى رەشىدىي»دە «موغۇلىستان» سۆزىنىڭ مەنىسى ئىنتايىن ئېنىق ۋە تەپسىلىي شەرھلەنگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: «ھازىر موغۇلىستان دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ، توغرىسى (كەڭلىكى)مۇ يەتتە- سەككىز ئايلىق يولدۇر. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى قالماق زېمىنى بىلەن تۇتاش بولۇپ، ئۇ تەرەپنى بارسكۆل، ئەمىل ۋە ئەرتىش دەپ ئاتايدۇ؛ شىمال تەرىپى كۆكچە دېڭىز، بوملىش ۋە قاراتالغا تۇتىشىدۇ؛ غەرب تەرىپى تاشكەند ۋە تۈركىستاندۇر. جەنۇب تەرىپى فەرغانە ۋىلايىتى، كاشغەر، ئاقسۇ، چالىش ۋە تۇرپانغا تۇتىشىدۇ. بۇ تۆت تەرەپ چېگرىدىن پەقىر جەنۇبىي چېگرىدىكى يەرلەرنىلا كۆردۈم. تاشكەندتىن ئەندىجانغىچە ئون كۈنلۈك يول، ئەندىجاندىن ئاقسۇغىچە ئون بەش كۈنلۈك يول، ئاقسۇدىن چالىشقىچە يىگىرمە كۈنلۈك يول، چالىشتىن تۇرپانغىچە ئون كۈنلۈك يول، تۇرپاندىن بارسكۆلگىچە ئون بەش كۈنلۈك يولدۇر. بارسكۆل موغۇلىستاننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدۇر... موغۇلىستاندا جەيھۇندەك ئۇلۇغ دەريالار كۆپ. مەسىلەن، ئىلى، ئەمىل، ئەرتىش، چۆپلەك ۋە نارىن قاتارلىقلار، بۇ دەريالارنىڭ جەيھۇن دەريالىرىدىن كەم يېرى يوقتۇر. بۇ دەريالارنىڭ كۆپىنچىسى كۆكچە دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. كۆكچە دېڭىز موغۇلىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا پاسىل بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر كۆل... موغۇلىستاننىڭ ئاجايىباتلىرىدىن يەنە بىرى ئىسسىقكۆل بولۇپ، كۆكچە دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان سۇلارنىڭ مىقدارىچە سۇ ئىسسىقكۆلگىمۇ قۇيۇلىدۇ» (788 ـــ 794- بەت). دېمەك، «موغۇلىستان» ئەسلىي بىر جۇغراپىيەلىك ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى جۇغراپىيەلىك مەركىزى ئونسۇ ئىدى، يەنى ئونسۇ موغۇلىستاننىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئىدى. شۇنىڭغا، چاغاتايخان، ئورتۇ بۆرەگە (ئورتۇ بۆرە)، ئەمىر بۇلاجى دۇغلات، تۇغلۇق تېمۈرخان، يۇنۇسخان ئىبنى ئۇۋەيسخان، ئىسان بۇغاخان ئىبنى ئۇۋەيسخان، ئەھمەدخان ئىبنى يۇنۇسخان (بۇ ئىككى خاننىڭ قەبرىسى ئونسۇ ياربېشىدىكى مەشھۇر «ئالتۇنلۇق» قەبرىستانلىقىغا قاتۇرۇلغان) ۋە مەنسۇرخان ئىبنى ئەھمەدخان، ئەمىن خاجە سۇلتان ئىبنى ئەھمەدخان، ئەبدۇررەشىدخان ئىبنى سۇلتان سەئىدخان قاتارلىق مەشھۇر خاقان- سۇلتانلار ۋە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان قاتارلىق ئونلىغان ئەمىر- ئۇمرالار موغۇلىستاننىڭ تەقدىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئونسۇنى مەنزىل قىلغان ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسى ئونسۇدا تۇرغۇزۇلغانىدى. «تارىخى رەشىدىي» قاتارلىق تارىخ كىتابلىرىدىكى كۆپىنچە جۈملىلەردە «موغۇلىستان» ئۇقۇمى «ئاقسۇ» (ئونسۇ) نامى بىلەن گاھى بېقىندا، گاھى تەڭداش- مەنىداش تەركىب سۈپىتىدە قوللىنىلغان، موغۇلىستاندا قانداقلا بىر ۋەقە يۈز بەرسە خاقانلارنىڭ مومىسى ئونسۇغا قادىلىپ قالغان، يەنى «موغۇلىستان» ئۇقۇمى «ئاقسۇ» (ئونسۇ) دىن ئىبارەت «ئۆز ئوقى ئەتراپى»دا ئايلىنىۋەرگەن؛ «ئاقسۇ» نامىسىز «موغۇلىستان» نامى قانات قاقالمىغان، «ئاقسۇ» نامىسىز «موغۇلىستان» ئۇقۇمىنىڭ مېغىزى ۋە كىندىكى بولمىغان، «ئاقسۇ» گويا «موغۇلىستان»نىڭ كۆۋرۈكى، ھاسىسى ۋە ھەميېنى بولۇپ قالغان؛ مۇشۇ مەزگىلدە موغۇل خاقانلىرى تۇغىنى كۆتۈرۈپ نەگە ماڭسا «موغۇلىستان»مۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ «ماڭغان»، ئەمما ئونسۇ شەھىرى بولسا ئۆز ئورنىدا قىمىرلىماستىن ئۇلارنىڭ بىر مەنزىلدىن يەنە بىر مەنزىلگە بىخەتەر يېتىپ بېرىۋېلىشىدىكى «ئايرودۇرۇمى» بولۇپ قالغان.
قىسقىسى، ئەمىر بۇلاجىنىڭ بوۋىسى ئورتۇ بۆرەگەدىن تارتىپ تاكى سۇلتان ئەبدۇررەشىدخانغىچە بولغان مەشھۇر سۇلتانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاقسۇ (ئونسۇ)نى مەنزىل قىلىپ تاللىغان ۋە شۇ سەۋەبلىك ئاقسۇ (ئونسۇ) نۇرغۇن ھىممەتلىك ۋە تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بولۇپ قالغان. دېمەك، ئەسلىدىكى بارمان شەھىرىمۇ، نامى ئالماشقان ئاقسۇ شەھىرىمۇ، قايتا قۇرۇلغان ئاقسۇ شەھىرىمۇ ئوخشاشلا بىر جايدا، ئۆز ئورنىدا يارنىڭ تۈۋى ۋە ئاستىدا يەنىمۇ جىلۋە قىلىپ، خۇددى «قەشقەرنىڭ ئانارى»دەك قىزىرىپ «كۆزنىڭ يېغىنى يەپ» تۇرۇپتۇغۇ!
1502- يىللىرى ئۆپچۆرىسىدە مىرزا ئەبابەكر «ئاقسۇلۇقلار ئەھمەدخانغا يار بولدى» دېگەننى باھانە قىلىپ 30 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ كېلىپ، ئونسۇ، باي، كۈسەنلەرنى تالان- تاراج قىلغان، بولۇپمۇ ئونسۇ شەھىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن. يەكەن خانلىقى قۇرۇلۇپ كېيىنكى يىلى، يەنى 1515- يىل 2- ئاينىڭ 15- كۈنى سۇلتان سەئىدخان خانلىققا ۋاكالىتەن قېرىندىشى ئەمىن خاجە سۇلتان بىلەن ئەمىرى مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگاننى تاكى شۇ كەمگىچە موغۇلىستان خانلىرىنىڭ مەنزىلى ۋە پايتەختى بولۇپ كەلگەن ئونسۇ شەھىرىنى «بۇرۇنقى تەرزدە قۇرۇش»قا ئەۋەتكەن («تارىخى رەشىدىي»، 167 ـــ 300-، 712 ـــ 862- بەتلەر ). ئۆزىمۇ 1516- يىلى 2- ئايدا ئونسۇغا كېلىپ ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ پايتەختى بولغان بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلىپ قايتقان. چۈنكى، ئاقسۇ (ئونسۇ) شەھىرى چاغاتايخان ئىبنى چىڭگىزخاننىڭ بەشىنچى ئەۋلاد نەۋرىسى تۇغلۇق تېمۈرخان مەشھۇر تارىخچى مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگاننىڭ بەشىنچى ئەجداد بوۋىسى ئەمىر بۇلاجى تەرىپىدىن موغۇلىستان خانىدانلىقىنىڭ تەختىگە چىقىرىلغان (46 ـــ 50- بەت) 1345- يىلىدىن، بەلكى ئاقسۇ (ئونسۇ) شەھىرى ئورتۇ بۆرەگە (ئورتۇ بۆرە)نىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن 1290- يىللىرىدىن تارتىپ تاكى ئەمىن خاجە سۇلتان ئىبنى ئەھمەدخانغىچە موغۇل (ئۇيغۇر) خاقانلىرىنىڭ مەنزىلى ۋە پايتەختى بولۇپ كەلگەن بولغانلىقتىن، ئېنىقىنى ئېيتقاندا، يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسى ئونسۇ شەھىرىدە تىكلەنگەن بولغاچقا، ئۇ بۇ شەھەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلغان، ھەتتا ئوغلى ئەبدۇررەشىدخاننىمۇ ئاقسۇغا خان قىلىپ تىكلىگەن. لېكىن، سۇلتان سەئىدخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئاقسۇ خەلقى «ھەزرىتى ئەزىزلەر» دېگەن كىشىلەرنىڭ مەزھەپبازلىقى ۋە قۇتراتقۇلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇزۇن يىل تەپرىقىچىلىكنىڭ كاساپىتىگە ئۇچراپ تۇرغان. ئونسۇ شەھىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە غېرىبلىشىپ ۋە غورىگىللىشىپ كېتىشىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئىدى. 1871- يىلى ئونسۇ (ئاقسۇ) شەھىرىدە نىياز باقى باشچىلىقىدىكى ئۇستىلار فەرغانە ۋىلايىتىدىكى خانلارنىڭ ئىچكى شەھەر ۋە ئوردىلىرىنىڭ شەكلى ۋە سىياقىدا بىر يېڭى ئوردا بىنا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن بۇ ئوردىنى چېقىۋەتكەن.
ئەسلىي گەپكە كەلسەك، بەزەن سۆزلەرنىڭ كىلونلانغانلىقى (سۈنئىي ھالدا ياسالغانلىقى) ھەققىدە گەپ بولۇنسىلا، بەزى قەلەمكەشلەر تارىخىي چىنلىققا ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇرغا ئۇيغۇن بولۇش- بولماسلىقىغىمۇ پەرۋا قىلماي مۇنداق كىلون ئىبارىنى نەدىكىبىر سۆزگە باغلىۋېلىپ، ئۇنى «تارىختىكى سۆز»گە ئايلاندۇرۇپ پاكىت ئاساسى يوق ماقالىلەرنى ئېلان قىلىۋەردى. بۇنداق ماقالىلەردىكى يۇقىرىقىدەك ئىبارىلەر باشقا تىلدىكى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىغا ئوخشىتىپ كىلون قىلىپ ياساپ چىقىلغان سۈنئىي ئىبارىلەردۇر. سۈنئىي سۆز دېگىنىمىز ئومۇمەن قەدىمكى شەكىللىك (تەسۋىرىي) يېزىق تىلىدىكى خاس ئىسىملار (كىشى ئىسىملىرى، مىللەت ۋە يەر ناملىرى) نىڭ تەلەپپۇزىغا ئوخشىتىپ سۈنئىي ھالدا يېڭىدىن ياسالغان سۆزنى كۆرسىتىدۇ؛ يەنە تارىختىكى ئۇ بۇ سۆزلەرنىڭ مەلۇم بوغۇمىنى ئۈزۈۋېلىپ ياكى تەلەپپۇز جەھەتتىن يېقىن كېلىدىغان سۆزلەرنى تاللىۋېلىپ، ئاندىن شۇ ئاساستا يېڭىدىن سۆز ياساش، ئاندىن يېڭىدىن ياسالغان مۇنداق سۈنئىي سۆزنى «تارىختىكى نام»غا ئايلاندۇرۇشمۇ سۈنئىي سۆز دەپ ئاتىلىدۇ. مۇنداق سۆزلەرنىڭ تارىختا ھېچقانداق فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق ۋە ئېتىمولوگىيەلىك پاكىت ئاساسى بولمايدۇ، ئۇرۇقى، مەنبەسى ۋە «ئاتا- ئانىسى»مۇ بولمايدۇ، ئارخىپىمۇ بولمايدۇ، مەسىلەن، «ۋوسۇق»، «قۇم»، «قۇس»، «ئۇرۇن سۇ»، «باخۋان- باقۇان- بارۋان»، «ئۇرۇنسۇ- ئۈرۈڭسۇ»، «ئۆرۈن (ئۇرن)»، «ئۆرۈڭ»، «يۆرۈن»، «يۆرۈڭ»، «ئۈرۈڭ»، «يۇرۇڭ (ئۇرۇن- ئۇرن)»، «ئۇرۇن (ئۇرن، ئۇن)»، «يۇرۇڭسۇ»، «يۇرۇنسۇ»، «ئۇرۇڭسۇ»، «ئۇرنسۇ» دېگەنلەردەك. ئەمىسە ئۇيغۇر تىلىدىكى پۈتۈكلەر ۋە ۋەسىقىلەردە مۇنداق ئىبارىلەر ئاقسۇنىڭ ناملىرى سۈپىتىدە خاتىرىلەنمىگەن تۇرسا، بۇ ئىبارىلەرنىڭ يېڭىدىن ياسالغانلىقى شۇنداق ئېنىق تۇرمامدۇ! بۇ ئىبارىلەرنىڭ «تارىختىكى سۆز» بولۇشى ئۈچۈن ئۇلار قەدىمكى پۈتۈكلەر ۋە ۋەسىقىلەردە ئاقسۇنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان ۋە ئاقسۇلۇقلار ئېتىراپ قىلغان بولۇشى شەرت. ھالبۇكى بۇ ئىبارىلەرنىڭ ئاقسۇنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىق ئىسپاتى يوق، ئۇلار ھازىرقى زاماندا ياسالغان سۈنئىي ئىبارە. مانا، تارىختىكى «ئەزىزانە ئاقسۇ»نىڭ ھازىرقى كىشىلەر تەرىپىدىن سۈنئىي رەۋىشتە ئەتەي ياسالغان ناملىرى! مانا، «ئاقسۇ» سۆزىنىڭ چىنلىقى بىلەن كىلون ئىبارىلەرنىڭ سۈنئىيلىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي ئەھۋال.
يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ئاقسۇ (ئونسۇ) شەھىرى كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئامان قالغان كىشىلەر پېتىراپ كەتمەستىن، بەلكى كەلكۈن تىنىشىغىلا شەھەرنى ئەسلىي ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ ئاۋاتلاشتۇرغان. ئەمما، سۇخەنچى پۇرسەتپەرەس مىرزا ئەبابەكر تەرىپىدىن لەشكىرىي كۈچ ئارقىلىق ۋەيران قىلىۋېتىلگەن ئونسۇ شەھىرى ئون نەچچە يىل خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن. شۇڭا، ئىنس- جىن قالمىغان بۇ ئادەمسىز شەھەر كىشىلەر تەرىپىدىن «ئەردەۋىل» سۆزى بىلەن تەسۋىرلەنگەن ۋە بۇ سۆز رىۋايەت سۈپىتىدە تارقالغان. بۇنىڭ مەنىسى «خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن شەھەر» دېگەنلىك بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «ئەردەۋىل» دېگەن سۆز «ئېر» (ئىنسان)، «دىۋ» (دىۋە)، «-ئىل» (تۈرلەنمە) دېگەن سۆزلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن سۆز بولۇپ، شەھەرنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە ئادەمسىز قالغانلىقىنى تەسۋىرلەش يۈزىسىدىن قوللىنىلغان. ئۇ ھەرگىزمۇ ئاقسۇ (ئونسۇ)نىڭ نامى ئەمەس، ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ نامى بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ پەقەت ئاشۇ چاغدىكى بىر قېتىملىق خارابىلىكنى تەسۋىرلەش ئۈچۈنلا قوللىنىلغان سۈپەتتۇر، مۇنداق ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولالمىغان بىر ئادەتتىكى سۈپەت سۆزىنى «ئاقسۇ» سۆزى بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇش ياكى ئۇنى يەر نامى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش زادى ئىلمىيلىك ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى، مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان، شاھ مەھمۇد جوراس، موللا مىرسالىھ قەشقەرى، ئەبۇ مەنسۇر، موللا مۇسا سارامى، موللا بىلال نازىمى قاتارلىق تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە «ئەردەۋىل» سۆزى قوللىنىلمىغان. ئاقسۇلۇقلارمۇ «ئەردەۋىل» سۆزىنى ئاقسۇنىڭ نامى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە ئۇنى يەر نامى سۈپىتىدە قوللانمىغان. دەرۋەقە موللا مۇھەممەد تۆمۈر قاراش تەرىپىدىن 1818- يىللىرى يېزىلغان (بەزىلەر 1830- يىللىرى يېزىلغان دەپ قارايدۇ) «تەزكىرەتۇلئېرشاد» (بۇ كىتابنىڭ نامى ھەر خىل كىشىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل يېزىلغان) ناملىق تەزكىرىدە «ئەردەۋىل» سۆزى بىر رىۋايەت سۈپىتىدە خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىر رىۋايەت، بۇ رىۋايەتتىكى «ئەردەۋىل» سۆزى ئاقسۇنىڭ نامى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى ئاقسۇلۇقلار، جۈملىدىن مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان، شاھ مەھمۇد جوراس، موللا مىرسالىھ قەشقەرى، ئەبۇ مەنسۇر، موللا مۇسا سارامى، موللا بىلال نازىمى قاتارلىق تارىخچىلار بۇ سۆزنىڭ ئاقسۇنىڭ نامى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ (بۇ ھەقتە «‹ئەردەۋىل› سۆزىنىڭ باش- ئاخىرى» ناملىق ماقالىگە قارالسۇن. «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2015- يىللىق 4- سان).
دېمەك، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى بولغان ئاقسۇ شەھىرى مىلادىيە 1883- يىلدىن ئېتىبارەن قۇرۇلۇشقا باشلىغان تۇرسا، 1513- يىلى ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرىدە ئاقسۇ سېپىلى قۇرۇلدى دېگەن قانداق گەپ؟ سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئىنىسى ئەمىن خاجە سۇلتاننىڭ 1515- يىلى قۇرغىنى ئاقسۇ كوناشەھەر (ئونسۇ) تۇرسا، ئاقسۇ سېپىلى بۇ چاغدا نېمىش قىلسۇن؟ يۇقىرىقى ماقالىدىكى «چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىڭ گاۋزۇڭ زامانىسىدىكى چيەنلوڭ 23-يىلى (1758-يىلى) 7-ئايدا كىچىك خوجا ـ خوجا جاھان ئاقسۇدىن كۇچادىكى توپىلاڭچىلارنىڭ باشلىقلىرىغا ياردەمگە كېلىپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئارقىسىغا قاراپ قاچتى، ئاقسۇ شەھەر خەلقى شەھەر دەرۋازىسىنى تاقىۋېلىپ، ئۇلارنى كىرگۈزمىدى، خوجا جاھان ئۇچتۇرپانغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن يەكەنگە قايتىپ كەتتى. 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاقسۇدىكى توپىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ئەل بولدى، چىگرىنى تىنجىتقۇچى سانغۇن جاۋخۇي بىر پاي ئوق ئاتماي ئاقسۇ قەلئەسىنى ئالدى» دېگەن جۈملە ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغدىكى ئاقسۇ، يەنى ھازىر «ئونسۇ» دەپ ئاتىلىۋاتقان قەدىمكى ئاقسۇ شەھىرى ھەققىدىكى جۈملىدۇر. بۇ جۈملىنىڭ ھازىرقى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ھېچقانداق ئېتىمولوگىيەلىك باغلىنىشى يوق، ئەمىسە بۇ شەھەر ئۇ چاغدا تېخى قۇرۇلمىغان تۇرسا؟
مېنىڭ ئاقسۇ سېپىلىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدىكى قارالىرىم ھازىرچە مۇشۇنچىلىك. مەن بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۈچلۈك پاكىتلىرىمنى كېيىنچە ئايرىم يازماقچى.
|
|