قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 406|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پىسخولوگىيەنىڭ ھىكايىسى (3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

126

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58690
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-6
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-28 20:51:57 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش


پىسخولوگىيەنىڭ ھىكايىسى (3)


ئاركىميون
ئۇلارنىڭ ئومۇمى جاۋابى بولسا تۇيغۇ تەجرىبىسى.بۇنىڭ ئىچىدە ئاركىمىيون بۇرۇن مۇنداق دېگەن : سەزگۈ ئەزالىرى سەزگۈنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ،ئاندىن تەپەككۈر جەريانى ئارقىلىق بىز ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمىز ۋە ئۇنىڭدىن يەكۈنگە ئېرىشىمىز .ئۇ ۋە باشقىلارنى ئىنتايىنقىزىقتۇرغىنى شۇكى ،سەزگۈ قانداق قىلىپ سەزگۈ ئەزالىرىدىن چوڭ مېڭىگە بارىدۇ ؟ئۇلار نىرۋا ئىمپولىسىنى بىلمەيدۇ ، كۆرۈش نىرۋىسىنى بايقىدى دېگەندىمۇ پەقەتئابىستىراكىت ، شەكلەن مەيداندا تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنگەن . ئاركمىيون ھاۋائىدىيەنىڭ مۇھىم تۈزگۈچى قىسمى ، سەزگۈ چوقۇم ھاۋانى بويلاپ سەزگۈ ئەزالىرىدىن چوڭمېڭىگە بارىدۇ دەپ قارىغان. لېكىن ئۇ ئەزەلدىن ھېچقانداق ئۆتۈش يولنى كۆرمىگەن،ھەم بۇنداق يولمۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى .(كىيىن ،يونان ئاناتومىيە ئالىملىرى ھاۋانى پنوما دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇنى ھاياتى كۈچ سۈپىتىدە نىرۋا بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ ئوتتۇرىسدا تۇرىدۇ ،ھەمدە بۇنداق ياكى ئۇنداق ئوي –پىكىرلەر نىرۋا سېستىمىسىغا مۇناسىۋەتلىك قاراشنى يېتەكلەيدۇ دەپ قارىغان. بۇ قاراش تاكى 18-ئەسىرگە قەدەرداۋاملاشقان ). گەرچە ئاركمىيوننىڭ يەكۈنى پۈتۈنلەي خاتا بولغان بولسىمۇ ،بىراق سەزگۈ تونۇشنىڭ مەنبەسى دېگەن بۇ نوقتىنى تەكىتلىگەن .يەنى تونۇش نەزەرىيەسى–ئىنسانلار قانداق قىلىپ بىلىمگە ئېرىشىدۇ-نىڭ مەنبەسى دېگەننى تەكىتلىگەن .ھەمدەشۇنىڭدىن كىيىن بۇ مەسىلىدىن راۋاجلانغان مۇنازىرە ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس سالغان .
پىروتاگوراس
ئاركىمىيوننىڭ  ئىدىيەسىنى سەيياھلار  يۇنان شەھەرلىرى ئىچىدە كەڭ تارقاتقان بولۇپ،باشقا جايلاردىكى پەيلاسوپلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ تۇيغۇنىڭ قانداق يۈز بېرىدىغانلىقىغابولغان ئىزاھلىرى  ئۈستىدە ئىزدىنىشكەباشلىغان . ھەم ئۇنىڭ ئېچىدە نۇرغۇنلىرى تەكىتلەپ :  بۇ  بارلىق  بىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى، دېگەن. لېكىن يەنە بەزى كىشىلەر بۇ خىل كۆزقاراشنىڭ ئاۋارىچىلىق تەرىپىنى تېپىۋالغان .پىروتاگوراس ( تەخمىنەنمىلادىيەدىن ئىلگىرى 490 - مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 421 ) كاززاپلىق ئىلمى ئىچىدە ( بۇسۆز ئەينى ۋاقىتتا سەلبى خاراكتېرىدىكى خۇلاسە ئەمەس بەلكى « ئەقىلنىڭ مۇئەللىمى»دېگەننى كۆرسىتەتتى ) ئەڭ داڭلىق ئالىملارنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ بىر كۆز قاراشنىئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش كىشىلەر ۋە شاگىرتلىرىنى پۈتۈنلەيقالايمىقانچىلىققا پاتۇرۇپ قويغان . ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە ، تۇيغۇ بىلىمنىڭ بىردىنبىرمەنبەسى بولغاچقا، ھېچقانداق مۇتلەق ھەقىقەت مەۋجۇت ئەمەس  . ئۇنىڭ بىر مەشھۇر ھېكمەتلىك سۆزى بار .يەنى :« ئادەم بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆلچىمى . » ئۇ بۇنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ : بۇسۆزنىڭ مەنىسى بولسا ھەرقانداق شەيئىنىڭ ھەممىسى ماڭا نىسبەتەن مېنىڭ قارىشىمبويىچە مەۋجۇت بولىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا ئوخشىمىغان ھالەتتە بولسا، ئۇ سىزنىڭ قارىشىڭىز بويىچە بولغان بولىدۇ. ھەربىر تۇيغۇ پەيدا بولغان كىشىئۈچۈن ئېيىتقاندا ئۇنىڭ تۇيغۇسىنىڭ ھەممىسى راست. پەيلاسوپلارنىڭ ھەممىسى بۇنۇقتىئىنەزەرلەرنى ياقىلايدۇ،لىكىن سىياسىيونلار بۇ كۆز قاراش ئاغدۇرمىچىلىقخاراكتېرىگە ئىگە دەپ قارايدۇ. پىروتاگوراس ئافىنادا زىيارەتتەبولغان چاغدا قىلچە ھەزەر قىلماستنلا بۇ نەزەرىيەنى دىنغا قوللانغان بولۇپ ،ھېچقانداق ئامال ئۇنى تەڭرىنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكەئۇنىتالمىغان .شۇنىڭ بىلەن  غەزەپلەنگەن ئاممائۇنى قوغلىۋەتكەن ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن . ئۇ يول بويى قېچىپ يۈرۈپسىتسىلىيەگە بارىدىغان يولدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغان .
دېموكرىت
باشقا بىر قىسىمكىشىلەر بۇ يولنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا ئىزدەنگەن بولۇپ ، سەزگۈنىڭ قانداق پەيدابولىدىغانلىقىنى ئسپاتلايدىغان نۇرغۇنلىغان چۈشەندۈرۈشلەرنى ئويلاپ تاپقان . ئۇلارقەتئىي مۇنداق دەپ قارىغان : بىلىمنىڭ تۇيغۇنى ئاساس قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، بارلىق ھەقىقەت نىسپىي ۋە سۇبيېكتىپ بولىدۇ . بۇنداق چوڭقۇر خىياللارنىڭ ئىچىدەئەڭ مۇرەككەپ بولغان بىر خىلى دېموكرىت ( مىلادىدىن ئىلگىرىكى 460 - يىلىدىنمىلادىدىن ئىلگىرىكى 370 ) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ ، ئۇ ئەينى چاغدىكىئەڭ بىلىملىك ئادەم ئىدى. ئۇ ئىنسانلارنىڭ بەزى ئىدىيە جەھەتتىكى خاتالىقلىرىغائىنتايىن قىزىقىدۇ . شۇڭا قاقاقلاپ كۈلۈپلا يۈرۈيدىغان پەيلاسوپ » دەپ ئاتالغان .ئۇنىڭ نامى چىقىپ كېتىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ پىسخولوگىيەھەققىدىكى چوڭقۇر خىياللىرى بولماستىن، بەلكى ئۇ ئويلاپ چىققان پەرەز . ئۇنىڭپەرزى مۇنداق :  بارلىق ماددىلارنىڭھەممىسى كۆرۈنمەس زەررىچە ( ئاتوم ) دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىرتقىشەكلى بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ ، ھەممىسى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار بويىچە باغلىنىپمەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ .  بۇ  ئۇنىڭ  ھېچقانداق تەجرىبە سايمان بولمىغان ئەھۋالدا پەقەت ئەقلىي تەپەككۈر ئارقىلىق چىقارغان خۇلاسىسى  بولۇپ  ،بۇئاركىمىيۇننىڭ ھاۋا يولى تەلىماتى بىلەن پەرىقلىنىدۇ . ئۇنىڭ مۇتلەق توغرا ئىكەنلىكىئاللىبۇرۇن  ئىلىم –پەن تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى.
دېموكرىت بۇ تەلىماتتىنچىقىپ تۇيغۇ توغرىسىدىكى بىر چۈشەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان . ھەر خىل جىسىملارنىڭ ھەممىسى ئاتوم يۈزىدە ئۆزىنىڭ ھاۋا سۈرىتى بەلگىسىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ .ئۇ ھاۋابويلاپ ئىلگىرىلەپ  كۆزەتكۈچىنىڭ كۆزىگەيېتىپ كېلىپ ئۇ يەردىكى ئاتوملار بىلەن ئۆزئارا تەسىرلىشىدۇ. بۇ خىل ئۆزئارا تەسىرنەتىجىدە تەپەككۇرغا يېتىپ بېرىپ ، ئاندىن تەرتىپ بويىچە باشقا ئاتوم بىلەنئۆزئارا تەسىرلىشىدۇ  . گەرچە كۆپ قىسىم تەپسىلاتلىرىخاتا بولسىمۇ، ئۇ بۈگۈنكى كۆرۈش سېزىمى نەزەرىيەسىنى پەرەز قىلىپ چىقتى . يەنى ،بىرجىسىم ئىچىدىكى چېچىلىپ چىققان فوتون كۆزىگە يېتىپ بارىدۇ ، كۆزگە كىرىدۇ ھەمدە كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ تەسىرلىىشىش ئۇچىنى غىدىقلايدۇ ، ئاندىن ئۇ ئۇچۇرلارنى چوڭ مېڭىگەيەتكۈزۈپ چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدە تەسىر پەيدا قىلىدۇ .
دېموكرىتنىڭ نەزەرىيەسى بويىچە ، بارلىق بىلىمسىرىتقا تارقىتىلغان تەسۋىر ۋە تەپەككۇرنىڭ بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىنكېلىدۇ . پىروتاگوراسقا ئوخشاش ئوخشاش ئۇ مۇنداق خۇلاسە چىقاردى :بۇ  شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى ، بىز تۇيغۇمىزنىڭ تاشقى شەيئىلەرگە توغرا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىنى ،شۇنداقلا باشقىلارنىڭ تۇيغۇسى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھېس تۇيغۇسىنىڭ بىردەك ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشكەھېچقانداق ئامالىمىز يوق . ئۇ مۇنداق دېدى : « بىز ھەرقانداق نەرسىنى مۇتلەق بىلىمەن دېيەلمەيمىز ، پەقەت قويۇق ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەنئۆزگىرىشلەرنى بىلەلەيمىز  . » بۇ تېماشۇنىڭدىن كېيىندىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە مەيدانغا كەلگەن پەيلاسوپلار ۋە پىسخولوگلارنىڭ بېشىنى تولىمۇ قاتۇرماقتا .شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تەلىماتنى تېپىپ چىقىپ بۇ مۇرەككەپ قاراشتىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا  ، ھەمدە باشقا بىرخىل قاراشنى تىكلەشكە ، يەنى دۇنيانىڭ ھەقىقىي كارتىنىسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان مەلۇم  ئامالنىڭ چوقۇم بار ئىكەنلىكىدەك قاراشقا  تۈرتكە بولماقتا .

بۇ ئەسەر پىسخولوگىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەسەر - پىسخولوگىيەنىڭ ھېكايىسى ناملىق خەنزۇچە ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىدىن پارچە بولۇپ ، شىنجاڭ تاجىگۇل پىسخىكا مەسلىھەت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ ، پاتئارىدا نەشىر قىلىنىپ ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ . تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ : 18167910800
uyghuray

0

تېما

0

دوست

322

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9372
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 99
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-10
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-29 11:00:05 |ئايرىم كۆرۈش
بالدۇرراق نەشىر قىلىنىپ خەلقىمىز بېلەن يۈز كۈرۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

2

تېما

0

دوست

1084

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11456
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-11
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-29 13:40:17 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم ئىنىگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىۋاتقانلىقىنى دېىگلىمۇ يىرىم يىلىدىن ئاشتى ، بۇ ئەمگەك قايتا قايتا ئىشلىنىپ قالدىمۇ نىمە ؟

8

تېما

12

دوست

5533

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  64971
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1743
توردىكى ۋاقتى: 87
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-17
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-3 10:27:49 |ئايرىم كۆرۈش
  كۈتىمىز...
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )