قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 396|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھۈكەر: بۇلۇتتىكى ئانا (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

1

دوست

785

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54424
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-17
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-28 23:30:14 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
بۇلۇتتىكى ئانا

(ھېكايە)

شىرزات ئادىلجان ھۈكەر

كامال تۈنۈگۈن دادىسىدىن ئاڭلىۋالغىنى بويىچە سەككىز ياشلىق سىڭلىسى تۇمارىسنى ئەگەشتۈرۈپ مەھەللىسىنىڭ كەينىدىكى تاغقا كەلدى. يېشىللىققا پۈركۈنۈپ ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنىدىغان بۇ تاغ ئالىقانداق كۆڭۈل غەشلىكىنى يوق قىلىپ كەيپىياتتىنى بۆلەكچىلا كۆتۈرىۋېتەتتى. بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى مىنگىشىپ يىلان باغرىدەك سوزۇلغان تاغلار، رەت-رەت تىزىلغان ھەربىيلەردەك تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغايلار كۆككە بويلاشقانىدى.

— ئاكا ئاۋۇ يەر ئەڭ ئېگىزكەن شۇ يەرگە چىقىمىزمۇ؟— تۇمارىس چۈچۈك تىللىرى بىلەن تاغنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىنى كۆرسەتتى. كامالنىڭ چىرايىدا بىرخىل مەمنۇنلۇق شەكىللىنىپ سىڭلىسىغا ئىللىق كۈلۈمسىرىدى.
— ئاشۇ جايدىلا ئاپىمىزنى كۆرەلەيمىز. شۇ يەردە ئۇ بىز بىلەن پاراڭلىشالايدۇ.— كامال ئۆز يېشىغا ماس بولمىغان يىرىك قوللىرى بىلەن سىڭلىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ياپيېشىل گېلەمنى دەسسەپ يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى. كۈننىڭ تەپتى ئۇلار ئېگىزگە چىققانسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ بەدەنلىرىنى قىزىتىپ بارماقتا ئىدى. تۇمارىسنىڭ چىرايى شەلپەردەك قىزىرىپ، ئىسسىقتىن، ھارغىنلىقتىن مەڭىز-يۈزلىرىگە تەر تامچىلىرى يېپىشقانىدى.
— بەك ھېرىپ كەتتىم ئاكا.— تۇمارىس ھاسىرىغىنىچە توختاپ ئاكىسىغا قارىدى.
— ئەمسە بىردەم ئارام ئالايلى سىڭلىم.— كامال يانتۇلۇقى تۆۋەن يەرگە كېلىپ، سىڭلىسىنى ھېلىلا بىرسى بۇلاپ قاچىدىغاندەك چىڭ تۇتۇپ ئولتۇردى. تۇمارىسنىڭ ئوماق لەۋلىرى قۇرغاقلىشىپ چاك-چاك يېرىلغانىدى. ئۇ لېۋىنى بوش-بوش يالاپ قويدى. كامال يىپ بىلەن بېلىگە باغلىۋالغان بوتۇلكىدىكى شېكەر سۈيىنى يېشىپ سىڭلىسىگە ئۇزاتتى. تۇمارىس سۇنى ئىچىپ بىرخىل راھەت تۇيغۇغا كېلىپ قالغاندەك ئاكىسىغا ئىللىق كۈلۈمسىرىدى.

— ئاپام ئاشۇ تاغنىڭ ئۈستىدىمۇ ئاكا؟— تۇمارىس يۇمران قوللىرى بىلەن چىقىۋاتقان تاغنىڭ ئۈستىنى كۆرسەتتى.
— ھەئە سىڭلىم، بىز ئاشۇ يەردە ئاپىمىز بىلەن پاراڭلىشالايمىز.
— ئەمسە بۇ يەردىلا تۇرۇپ ئاپام بىلەن پاراڭلاشسام بولمامدۇ؟ ياكى ئاپام مۇشۇ يەرگە بىزنى ئىزدەپ كەلسە بولمامدۇ؟— تۇمارىس چۈشەنمىگەندەك ئاكىسىغا قارىدى.
— دادامنىڭ دېيىشىچە،— دېدى كامال ئۇپۇققا تۇتۇشۇپ كەتكەن چوققىغا قاراپ،— ئاپام بەك ئېگىزدىكەن، بىز تېخىمۇ ئېگىزگە چىقساق ئاندىن ئۇنى كۆرەلەيدىكەنمىز.— تۇمارىس ئاكىسىنىڭ جاۋابىدىن «ئېگىز يەر»نى ئىزدىگەندەك يىراقلارغا كۆز تاشلىدى.
— ئەمدى ماڭامدۇق سىڭلىم، ئاپىمىز بىزنى ساقلاۋاتىدۇ.— كامال سىڭلىسىنىڭ قولىنى تۇتقىنىچە ئورنىدىن تۇردى.
— ماقۇل.— تۇمارىس ئاكىسىنىڭ كەينىدىن تۇردى. كامال شېكەر سۈيىنى يەنە بۇرۇنقىدەك بېلىگە چىگىپ سىڭلىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئاۋايلاپقىنە يۇقىرىغا ياماشتى. كۆكتىكى بۇلۇتلار غۇژمەكلىشىپ ئۇلارنىڭ بېشىغا سايە تاشلاپ ئۈزەتتى. كامال ھېرىپ-ئېچىپ كەتكەن سىڭلىسىغا توختىماي مەدەت بېرەتتى.
— ئاپىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىدىغانغا ئاز قالدى. ئازراق كۈچىۋېتەيلى سىڭلىم.— تۇمارىسنىڭ چىرايىغا تىقىلغان قىزىللىق، توختىماي ئېلىۋاتقان نەپسى ئۇنىڭ خېلى ئوبدانلا چارچاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاكىسىنىڭ گېپىدىن خۇددى ئانىسى ئۇنىڭغا تاغنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ ئۆزىگە قاراپ باغرىنى ئېچىۋاتقاندەك ئۇنى سەگەكلەشتۈرۈپ تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەشكە ئۈندەيىتتى.

ئۇلار بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن تاغنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقتى. كامال سىڭلىسىنى ئەپچىلگىنە بىر يەرگە ئولتۇرغۇزدى. تۇمارىس ئۆزىنى كەينىگە تاشلاپ ئاسمانغا قاراپ ھاردۇقىنى چىقاردى. كامالمۇ سىڭلىسىنىڭ يۈزىدىكى تەر تامچىلىرىنى سۈرتىۋېتىپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ سىڭلىسىغا ئوخشاش ياتتى.

— ئاپامنى قاچان كۆرىمىز ئاكا؟— دەپ ئاكىسىغا قارىدى.
— ئاپىمىز ھېلىغىچە كېلىدۇ، بىردەم ساقلاپ تۇرايلى.— دېدى. تۇمارىس «ھە» دېگەندەك كۆزىنى قايتىدىن كۆككە ئاغدۇردى. ئۇلار خىيالىدا ئانىسى بىلەن سۆزلىشەتتى. شاماللاردىن ئانىسىنىڭ ھىدىنى پۇرايىتتى. ئانىسىنى كۆكتىكى قۇياشتىن ئىزدەيىتتى. قۇياشنىڭ ئالتۇندەك نۇرلىرىدىن ئانىسىنىڭ ئىللىق مېھرىنى سېزەتتى. . .  ئۇلار كۆككە قاراپ بىر ھازا تۇرغاندىن كېيىن تۇمارىس ئورنىدىن چاچراپ تۇردى.
— كۆردۈڭمۇ ئاكا؟ ئاپام!— ئۇ كۆكتىكى بۇلۇتلارنى ئاكىسىغا كۆرسەتتى.— قارا ئاكا ئاۋۇ ئاپام ئەمەسمۇ؟ ئۇ ئاسمانغا چىقىۋاپتۇ.— تۇمارىسنىڭ قولى ئاكىسىنىڭ قولىدىن بوشاپ كەتتى.— قارا ئاكا ئاۋۇ ئاپامنىڭ چاچلىرىنى، ئاپامنىڭ بۇرۇنلىرى، ئاپامنىڭ ئېغىزلىرى، ئاپامنىڭ قۇلاقلىرى ... ئاپام نېمىدىگەن گۈزەل.— ئۇ كۆكتىكى ئادەم سۈرىتىگە كىرىپ قالغان «ئاپىسى»غا قاراپ قول پۇلاڭلىتاتتى. ئۇنىڭغا قوللىرىنى كەڭ ئېچىپ يېنىغا چاقىراتتى. كامال سىڭلىسىنىڭ خۇشاللىقتىن پورەكتەك ئېچىلغان چىرايىغا قاراپ كۆز جىيەكلىرىگە يىغىلغان ياشنى چاندۇرماي يىغىشتۇرىۋەتتى.
— ھەئە ئاپىمىز شۇكەن، ئاپىمىز كەپتۇ. ئۇ بىزنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشايلى.— كامال بىردە سىڭلىسىغا، بىردە كۆكتىكى «ئانا»سىغا قارىدى. تۇمارىس قولىنى كاناي شەكلىدە قىلىپ توۋلاشقا باشلىدى.

— ئاپا بىز كەلدۇق.— بۇ ئاۋاز تاغدىن تاغقا ئۇرۇلۇپ قايتا-قايتا ئۇلارغا ئاڭلاندى.
— ئاڭلىدىڭمۇ سىڭلىم ئاپىمىز بىزگە قايتا-قايتا جاۋاب قايتۇرىۋاتىدۇ.
— ئاڭلىدىم، ئاڭلىدىم ئۇ راست ئاپامنىڭ ئاۋازىمۇ؟
— ئەلۋەتتە. ئاپىمىز ئاسماندا تۇرۇپ بىزگە جاۋاب قايتۇرىۋاتىدۇ.
— ئەمسە مەن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراي.— تۇمارىس بايىقىدىن بەكرەك تېتىكلىشىپ تېخىمۇ كۈچەپ توۋلاشقا باشلىدى.— ئاپا ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ بىزنى سېغىندىڭمۇ؟ بىز سېنى بەك سېغىنغاچقا بۇ يەرگە كۆرگىلى كەلدۇق...— تاغدىن قايىتقان ئەكىس سادا ئۇلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاشقا باشلىدى.— ئاكا ئاپاممۇ بىزنى سېغىندىم دەيدۇ، ئۇمۇ بىزنى ياخشى تۇردۇڭمۇ دەيدۇ. ئۇمۇ بىزنى سېغىنغاچقا بۇ يەرگە كەپتۇ.— كامالنىڭ كۆز جىيەكلىرىدە يالتىىرىغان ياش ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى توسۇپ خىرە قىلىپ قويدى.
— مەنمۇ سەن بىلەن بىللە توۋلاي.— كامال سىڭلىسىدەك قولىنى ئاغزىغا تۇتۇپ توۋلىدى.— ئاپا دادام سېنى ئېگىز يەرگە چىقىۋالدى دېگەن شۇڭا بىز سېنى ئىزدەپ كەلدۇق. بىزنى كۆرىۋاتامسەن ئاپا؟ قارا سىڭلىم ساڭا قاراپ قول پۇلاڭلىتىۋاتىدۇ.— ئۇنىڭ ئۆسمۈرلەرگە خاس ئاۋازى تاشتىن-تاشقا ئۇرۇلۇپ تاغنى لەرزىگە كەلتۈردى.
— ئاڭلىدىڭمۇ ئاكا ئاپاممۇ بىزگە قول پۇلاڭلىتىۋېتىپتۇ.— تۇمارىس شۇنداق دېگىنىچە قولىنى بايىدىن تېز ھەم كۆپ پۇلاڭلىتىشقا باشلىدى. كامال سىڭلىسىغا قاراپ ئۇنىڭ يىغلىغانلىقىنى بىلىپ قالدى.
—  يىغلىما سىڭلىم ئاپىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالىدۇ. مۇشۇنداق يىغلىساڭ ئاپام بىز بىلەن قايتا كۆرۈشكىلى چىقمايدۇ.— ئاكىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغان تۇمارىس ئاپىسىنىڭ قايتا چىقماسلىقىدىن ئەنسىرەپ يىغىسىنى توختاتتى.
—  ئەمدى يىغلىمايمەن. يىغلىمىساملا ئاپام مېنى كۆرگىلى چىقىدىغۇ.— تۇمارىس كۆزىدىكى ياشنى سۈرتۈپ ئاكىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. كامال ئىچى-ئىچىدىن دەۋرەپ كېلىۋاتقان ياشنى تەستە بېسىپ سىڭلىسىنى باغرىغا باستى.
— ئاپامنىڭ قايتىدىغان ۋاقتى بولدىمۇ ئاكا؟ ئۇ بىزدىن يىراقلاپ كېتىۋاتىدىغۇ.— تۇمارىس ئاسماندىكى ئانىسىنىڭ «چېچىلىپ» كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرگەندەك ئاكىسىغا قارىدى.
— ھەئە سىڭلىم ئاپامنىڭ قايتىدىغان ۋاقتى بوپتۇ. بىزنى باشقا كۈنى يەنە كېلىڭلار دەيدۇ.— تۇمارىس ئاكىسىنىڭ گېپىدىن بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك ئۆزىدىن يىراقلاپ كېتىۋاتقان ئانىسىغا قاراپ توۋلىدى.
— ئاپا بىز ئەتە يەنە كېلەيلى، كۈندە كېلەيلى. بىزنى كۆرگىلى چىققىن بولامدۇ؟— تۇمارىس قولىنى پۇلاڭلىتىپ «ئانا»سىغا خوش دېدى.
— ئاڭلىدىڭمۇ سىڭلىم ئاپام بىزنى ئەتە يەنە كېلىڭلار دەيدۇ.
— ئاڭلىدىم ئاكا، مېنى ئەتە يەنە ئېلىپ كەلگىن بولامدۇ؟— تۇمارىس ئاكىسىغا ئۆتۈنۈش نەزىرىدە تىكىلدى.
— ئەلۋەتتە ئەكىلىمەن سىڭلىم، ئاپام بىزنى ئەتە يەنە كېلىڭلار دېگەن تۇرسا كەلمىسەك ئۇ بىزنى گەپ ئاڭلىمايدىغان بالا دەپ قالىدۇ.— دېدى كامال.
— دادام ئاپامنىڭ ئاسمانغا چىقىۋالغىنىنى بىلىدىكەندە ئاكا، ئۆيگە بارغاندا دادامغا ئاپام بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمىزنى، ئاپامنىڭ بەك چىرايلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى دەيمەن. داداممۇ ئەتە بىز بىلەن ئاپامنى كۆرگىلى كەلسۇن.— دەپ كۆكتىكى بۇلۇتلارغا ئارلىشىپ كەتكەن «ئانا»سىغا ئۇزاققىچە قاراپ تۇردى.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن قايتىش ئۈچۈن پەسكە چۈشۈشكە باشلىدى. كامال سىڭلىسىنى ئاۋايلىغىنىچە تاغدىن چۈشۈرۈپ ئۆزلىرى چىققان تاغنىڭ ئۈستىگە قارىدى. ئۇپۇققا يېقىنلاپ قالغان تاغنىڭ ئۈستىدە بۇلۇتتىكى «ئانا»سى قۇياش بىلەن تەڭ ئۇلارغا قول پۇلاڭلىتىپ تۇراتتى.

2016-يىل 28- ئاپىرىل،  ئۈرۈمچى
ئاپتۇر: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى 2014- يىللىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات كەسپىدىن

uyghuray

2

تېما

23

دوست

6330

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1969
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-14
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-29 15:52:39 |ئايرىم كۆرۈش
ھىكايىنى ئوقۇۋىتىپ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن دىسە ! بەك تەسىرلىك يىزلىپتۇ ! ھارمىغايسىز !

9

تېما

1

دوست

785

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54424
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-17
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-29 19:03:50 |ئايرىم كۆرۈش
nurhayat1 يوللىغان ۋاقتى  2016-4-29 15:52
ھىكايىنى ئوقۇۋىتىپ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن دىسە ! بە ...

كۆپ  رەھمەت.   تەنقىدى  پىكىرلەرنىمۇ  ئايىمىغايسىز!

8

تېما

12

دوست

5533

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  64971
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1743
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-17
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-3 10:51:34 |ئايرىم كۆرۈش

يەنە بىر ئىجادىي يازمىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمدىن خۇشالمەن .  ھارمىغايسىز
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )