نېمىشقا بەنى ئىسرائىلنى سۆزلەيمىز؟ (قۇربانبېك)
يۇقۇرقى نەتىجە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ ئۇلار تەتقىقات نەتىجىسىدە ھازىرقى ئۆزبېكلەرنىڭ ئىرانلىقلار بىلەن مۇڭغۇللارنىڭ بىرلەشمىسى ئىكەنلىكىنى يەكۈنلىگەن. شۇنداقلا C گېن گۇرپىسىنىڭ مۇڭغۇللارنىڭ ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ گۇرپىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردا كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇ 13-ئەسىردىكى مۇڭغۇللارنىڭ ئىستىلاھسى دەرۋىدە غەرىپكە سۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ ئىزناسى ئىكەنلىكىنى يازغان. ئەمما تېخىمۇ غەرىپكە سۈرۈلگەنسىرى Cگۇرپىسىنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى، گەرچە ئەينى چاغدا بۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ تىلىنى ئۆزگەرتىپ تۈركلەشتۈرگەن بولسىمۇ ئەمما گېنىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى يەكۈنلىگەن! بۇ ئەينى چاغىدىكى يەرلىك خەلىقنىڭ ئىستىلاھچى تۈركلەشكەن مۇڭغۇل قوشۇنلىرىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ دەپ يەكۈنلىگەن!
A Genetic Landscape Reshaped by Recent Events: Y-Chromosomal Insights into Central Asia بۇ 2002-يىلى ئېلان قىلىنغان ئىلمى تەتقىقات ماقالىسى، قىزىقىدىغانلار بولسا كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئەمما بۇ ماقالىدە ئىرانلىقلار دەپ تىلغا ئالغان ئىرانلىقلارنىڭ گېنىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قاراپ بېقىش كېرەك! ئۇنداق بولسا ئىرانلىقلارنىڭ گېنى قانداق؟
يۇقۇرقىسى ئىرانلىقلارنىڭ گېن خەرىتىسى بولۇپ رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك 48% ئادەم J گېن گۇرپىسىدا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى J1نىڭ نىسپىتى 13% بولغان بولسا J2نىڭ نىسبىتى 35%. ھەممىمىزگە مەلۇملۇقى شۇكى R بولسا ئاريانلارنىڭ ئۇرۇقى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭ ئىرانلىقلاردا ئىگەنللىگەن نىسبىتى 21%. بىز ئىرانلىقلارنىڭ تارىخىنى ئوقۇيدىغان بولساق ئۇلار ئۆزلىرىنى ھە دېسە بىز ئارىيانلار دەپ سۆزلەپ تارىخنى ئارىيانلاردىن باشلاپ سۆزلەيدۇ. ئەمما ئىراندا ياشاۋاتقانلارنىڭ 35%تى بەنى ئىسرائىل بولۇپ ئۇلارنىڭ تارىخىنى يوشۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ ئاۋۇ 21% ئارىيان ئۇرۇقىدىكىلەر قېلىپ قالغان 13% ئەرەب ئۇرۇقى، 35%بەنى ئىسرائىل ئۇرۇقىغا قانداق ۋەكىل بولىۋالدى؟ بەنى ئىسرائىللار بىلەن ئەرەبلەر ئۆز تىللىرىدا سۆزلىمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇلارمۇ ئارىياننىڭ ئەۋلادى بولامدۇ؟
ئىراقنىڭ شىمالىدا J2نىڭ نىسبىتى يۇقۇرى بولۇپ، ھەممىڭلار بىلىمىز ئىراقنىڭ شىمالىدا كۇردلار بار. مانا بۇ كۇردلارنىڭ گېن خەرىتىسى قارايدىغان بولسىڭىز J2نىڭ نىسبىتى خېلى يۇقۇرى 23.6%نى ئىگەللەيدۇ. ئەمما دۇنيانىڭ بىلىدىغىنى بۇ كۇردلار ئىچىدىكى بەنى ئىسرائىل ئەمەس بەلكى كۇردلارنىڭ ئامېركا ۋە روسىيەنىڭ ياردىمىدە مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىشى. كۇردلار مۇستەقىل بولالامدۇ؟ نېمىشقا روسىيە سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە فىدىراتسىيە تۈزۈمىنى قوللىنىشنى تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئامېركا نېمىشقا بۇنىڭغا ماقۇل بولىدۇ؟ بۇ پاراڭنىڭ ھەممىسى مۇشۇ بەنى ئىسرائىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قېنى دەپ بېقىڭلار بەنى ئىسرائىلنى تەتقىق قىلىش ئەرزىمدىكەن ئەرزىمەمدىكەن؟
رەسىمدىكى يېشىل ئورۇن كۇردلارنىڭ ماكانلاشقان زېمىنى بولۇپ بۇلار ئىران، ئىراق، سۈرىيە، تۈركىيە قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقان. ھازىرقى ئەھۋالدا سۈرىيە، ئىراق، ئىران قاتارلىق ئورۇنلار بۇ كۇردلارغا فىدىراتسىيە تۈزۈمىنى بېرىشكە رازى بولسا بولىدىكى ئەمما ھەرگىز باشقىچە چاتاق چىقىشىنى خالىمايدۇ. ئەمما تۈركىيە ئۇنداق ئەمەس. بۇ كۇردلاردىن چاتاق چىقىرىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن چاتاق چىقىشى ئېننىق شۇنداق بولغاندىلا ئوتتۇرا شەرىق قايتىدىن چاتاق چىقىدۇ. مانا بۇ كەلگۈسىدىكى ئويۇننىڭ تەرتىپى بولىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە كاللىسى ئۆتكۈر ئادەملەر بەنى ئىسرائىلنى تەتقىق قىلىشى، قۇرئاننى قايتىدىن تەتقىق قىلىشى، تەفسىر قىلىش كېرەك! مانا بۈگۈنكى دۇنيانىڭ مۇسۇلمانلاردىن كۈتىۋاتقان تەلىپى! |