ياپونىيەچىلىكتىن كورىيەچىلىككىچە
دۆلتىمىز تەرەققىياتىنىڭ تىزلىششىگە ئەگىشىپ، قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان دىپلىماتىك مۇناسۋەتلەردە زور ئۇتۇقلار قولغا كەلدى. بۇ ئۇتۇقلارغا ئەگىشىپ رايۇنىمىز بىلەن ھەرقايىسسى دۆلەت-رايۇنلەر ئوتتۇرسىدائىقتىساد،مەدىنيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتە ئۆزگىچە يوللار ئېچىلىپ رايۇنىمىزدىن ئاسىيا، ياۋرۇپا، ئامرىكىدىكى تەرەققى تاپقان دۆلەت-رايۇنلارغا چىقىپ بۇ ئەللەرنىڭ ئىقتىساد،مىللى مەدىنيەت،تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەھەتتىكى ئجابىي بولغان ئۆزگىچە قاراش ۋە ئۇسۇللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى،چوڭقۇر ھىسسىي تۇيغۇللىرىنى ئۆز قەلمى ئارقىلىق بىزدەك بۇ دۆلەت-رايۇنلارغا چىقىشقا دەرمان بولسىمۇ ئىمكان يوققېرىنداشلىرىغا ئەينەن يەتكۈزىدىغان زىيالىيلىرىمىز بارلىققا كىلىشكە باشلىدى.
زىيالىيلىرىمىزنىڭ قەلمى بىلەن يۇرۇتۇلغان ھەرقايىسسى ئەللەرنىڭ كىشلىك ھاياتتىكى تۇرمۇش ،خىزمەت ،گۈزەللىك قاراشلىرىدىن ئۆزىمىزنىقايتىدىن تۇنۇشقا ،كۈندىلىك تۇرمۇش ،خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيە ۋە ئۇسسۇلغا دىققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشقا باشلىدۇق.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ياپۇنيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش، خىزمەت، ھايات قارشى يۇرتۇپ بىرىلگەن خاتىرلەر ۋە ھىسلار رايۇنىمىز كىشىللىرىگە تولمۇ ياققان بولدى.چۈنكى ياپۇنيىلىكلەرنىڭ خىزمەتتە ئەستايدىل، كىشلىك ئالاقە، ئىقتىسادى مۇناسۋەت قاتارلىق مۇئامىللەردىكى ئادەمنى قايىل قىلدىغان سەمىمىيلىك ،جەميەتتىكى ئاممىۋې ئەسلىھەلەرنى ئاسراشقا بولغان مەسئۇليەت قاتارلىق ئجابىي ئىجتىمائىي كەيپىيات ۋە ياپۇن ئاياللىرىنىڭ پەرزەنىتلىك بولغىنىدىن كىيىن سىرىتتىكى خىزمەتنى تاشلاپ،ئىجتىمائى ئالاقە دائىرسىنى تارايتىپ پۈتۈن زىھىنىنى ئائىلسى ۋە بالىسىنى تەربىيلەش ئۈچۈن سەرىپ قىلىشى قاتارلىق كىشلىك تۇرمۇش ئادەتلىرى رايۇنىمىز خەلقىنىڭ ئۇزۇن تارىخى مەدەنىيەت،ئۆرىپ-ئادەت،دىنىي ئىتقادنىڭ شەكىللىنىپ داۋاملىشىش جەريانىدا خەلقىمىز ئۆزلىرىدە يىتىلدۈرگەن ۋە يەتمەكچى بولغان تۇرمۇش، خىزمەت، ئائىلگە بولغان ئۆلچەملەردىن ئىدى.
مانا يېقىنقى زاماندىكدەك رايۇنىمىز تەرەققىياتى تىز ،ئىقتىساد بىر گەۋدىلشىشكە قاراپ يۈزلىنىپ پۇل-مۇئامىلە ئەۋىجگە چىققان، تۇرمۇش رېتىمى تىز بولغان،كىشلىك مىھىر-مۇھەببەت سۇسلاشقان جەميەتتە ياپۇنيىلىكلەرنىڭ ئىجتىمائى ،ئىقتىسادى ئالاقە ۋە ئائلىدىكى مۇناسۋەتتىكى ئۆزگىچە خاراكتىر ئالاھىدىلكى رايۇنىمىز خەلقىنىڭ ئارزۇقىلىدىغان تۇرمۇش ،خىزمەت ،ئائىلە ۋە كىشىلىك ئالاقىدىكى ئەندىزسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشكە تۈرىتكە بولدى.
شۇنىڭ بىلەن قىز-ئاياللىرىمىزدا ئۆيدە ئولتۇردىغان ئائىلە ئايالى بولسا ئۆزنى باشقىلاردىن ئائىلسىگە سادىق، دىيانەتلىك ھىس قىلدىغان،يىگىتلىرىمىز ئايالىنى ئەمرىگە ئالغاندىن كىيىن قىلۋاتقان خىزمەتلىرىنى قۇيۇپ ئائىلە ئايالى بولۇشقا ئۈندەيدىغان،ئايالى خىزمىتىدىن كىچىپ ئائىلە ئايالى بولسا ئۆزىنى غورۇرى كۈچلۈكتەك ھىس قىلدىغان ھالەت شەكىللەندى. لىكىن ،قانداقتۇر بىز ياپۇنىيە ئاياللىرىنىڭ ئائىلە ئايالى بۇلۇشتۇن بۇرۇن نىمە ئىشلارنى قىلدىغانلىقىنى،قەيەردە، قانداق بىلىم ئېلىپ ئۆزىدە قانداق بىرشارائىتنى ھازىرلايدىغانلىقنى،ئائىلە ئايالى بولغاندىن كىيىن قانداق ئىشلارنى قىلدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمىدۇق. بىزنىڭ ئائىلە ئايالى بولغان قىز-ئاياللىرىمىز ئائىلە ئايالى بولغاندىن كىيىن سىرىتتىكى خىزمەتنىڭ ئېغىر بېسىمىدىن قۇتۇلغان بولدى، تېخمۇ كۆپ بىكار ۋاختى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە بىكنىپ كورىيەنىڭ ئەمىلى تۇرمۇشتىن ھالقىغان، ئاتالمىش رۇمانتىك مۇھەببەت تەسۋېرلەنگەن كىنولىرىنىڭ بازىرنى چىقىرىشقا باشلىدى، خېنىم مىجەز ،ئايال كىشىدەك ئەتگنى -كەچتە گىرىم ئۈستۈلنىڭ ئالدىدىن كەممەيدىغان ئەر ئارتىسلاردىكى مىجەز- خۇلىقنى ئېرىدىن ئېزدەشكە باشلىدى، تەبىيلىكنى يوقاتقان ئاتالمىش ساھىبجامالنىڭ سىموۋۇلى قىلىنغان ئارتىسلاردىن قانداق گىرىم قىلىشنى، قانداق پاسۇندا كىيىم كىيشنى ئۈگنىپ سەيپۇڭچىنىڭ، مەخسۇس سېتىش بازىرىنىڭ، گىرىمچىكنىڭ بازىرنى ئاۋاتلاشتۇردى. ئۆيدە بىكارچىلىقتىن ئىچى پۇشۇپ بۇرۇنقى دوسلىرى بىلەن ئاتالمىش چاينى قولدىن-قولغا سۇنۇپ كەچتە قانداقتۇر ئايرىمخانلاردا خىزمەتنىڭ بېسمىدىن يېشىدىن بۇرۇن قېرلىق يەتكەن دوستلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزنى كۆز -كۆز قىلىپ باشقىلارغا خانىشلارچە نەزەردە قاراشقا باشلىدى.
ئۆزىنى مەردانە چاغلايدىغان ،ئائىلە ئايالى بار بىچارە ئەرلەرئائىلدىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ ئۆزىنىڭ نىمىنى خاتا قىلغانلىقىنى بىلگەندە ئائىلدە جەڭگە -جىدەلگە ئوت تۇتاشتى، بىر پۈتۈن ئائىلە ئىككى قۇتۇپقا بۈلۈندى، بىچارە نارىسىدە مۇزدەك سۇغۇق مۇھىتتا،يۈرەكلىرى قاتقان ھالەتتە《بەخىت دىگەن نىمە؟》دىگەن سوئالغا كوچىلاردىن جاۋاپ ئىزدەشكە باشلىدى، دوقمۇش-دوقمۇشتا ئۇرۇپ سوقۇلدى، كاللىسىدا دۇنيادا 《بەخىت 》دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەسكەن دىگەن ئىدىينى شەكىللەندۈرگەن نارىسىدە ئۆزىنى ھەم ئەتراپىدىكلەرنى ھەم بەخىتسىز قىلدى.
— ئوششاق
|