بىلىمگە ئىشتىياق باغلاپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزايلى
ھەر بىر كىشى ئىلىم بولىقى بولغان مەكتەپ قوينىغا كىرگەن كۈندىن باشلاپ ،كىتاپتىن ئىبارەت بۇ نۇرانە مەشئەلنى قولىغا ئېلىپ، ئىلىم ئۆگۈنۈپ، بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ ، ئۆزىنىڭ كىتاپقا بولغان مېھرى -مۇھەببىتىنى ، بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى ، ئىلىم-پەنگە بولغان ئوتتەك قىزغىلىقىنى ئەمەليى ھەركىتى بىلەن ئىپادىلىگۈسى كىلىدۇ ھەم ياخشى ئوقۇپ جەمئىيەتتە مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ،ئاتا-ئانىسىغا ۋە ئۆيىدىكىلەرگە ۋە جەمئىيەتكە يۈز كېلەلىگىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ.
بىراق بىلىم ئېلىشتىن ئبارەت بۇ جەڭگاھ بىر قىسىملىرىمىزغا ئۇتۇق ئات قىلسا،بىر قىسىملىرىمىزغا ئۇتۇق ئاتا قىلمايدۇ. كۆپ ساندىكىلىرىمىزنىڭ ئۇتۇق قازىنىپ كۆزلىگەن نىشانلىرىمىزغا يىتىپ خىزمەتلىرىمىزدە ئىش -ئەمگەكلىرىمىزدە، سودا-سىتىقلىرىمىزدا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىمىزگە يول قويسىمۇ ئىنتايىن ئاز بىر قىسىمىلىرىمىزنى بارلىق ئىشلىرىمىزدىن نەتىجە قازىنالماس قىلىپ شاللاشقا باشلايدۇ.
بولۇپمۇ ھەربىرىمىز جەمئىيەتكە چىققان كۈنىمىزدىن باشلاپلا جەمئىيەتىكى باش- ئايىقى چىقماس ئويۇن-تاماشىلار ، تور دۇنياسىدىكى ئاجايىپ قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەر، ساياھەتچىلىك بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر قىسىم ياشلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ ، راھەت تۇرمۇشقا، ئەيشى -ئىشرەت، كەيىپ-ساپاغا رام قىلىۋاتىدۇ ھەم كىيىنكى تۇرمىشىدىكى ئۆگۈنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى سۇزلاشتۇرۇپ، دىققىتىنى چېچىپ، ئۇلاردا بوشاڭغۇلۇق ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىپ ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ، بەزىلىرىمىزنى راھەت -پاراغەتتىن ئىبارەت تۇيۇق يولغا باشلاپ بۇلىدۇ.
ئاقىۋەتتە «ھەر ياڭزا بۇلاي دەيمەن،بىر ياڭزا بۇلالمايمەن» دىگەنگە ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدۇ. بۇ
ئاز بىر قىسىم ياشلىرىمىز مانا شۇنداق كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت بىلەن راھەت تۇرمۇشنىڭلا كويدا بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە ئويلىنالمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇدە،
تىرشىپ ئۆگىنىپ ئوقۇشىنى غەلبىلىك ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ،خىزمەتلىرىدە ئۇتۇق قازانغانلارغا ھەيرانە بولۇپ قېلىشىدۇ .بىر قىسىملىرى نەتىجىلىك ئۇيغۇرلىرىمىزغا ھەسەت قىلىدىغان ئۇلاردىن قۇسۇر ئىزدەپ ئۇلارنى پۇتلايدىغان، ئامال قىلىپ تۈرلۈك پالىيەتلىرىدە ئۆزلىرى بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئۈندەيدىغان ياخشى بولمىغان كۆز قاراشلاردا بولۇپمۇ يۈرىشىدۇ.
قىسقىسى ئىشلىگەننى چىشلەيدىغان ئادەت بىزنىڭ ئاز بىر قىسىم ياشلىرىمىزدىلا ئەمەس ئايرىم ساندىكى چوڭ ياشلىق كىشىلىرىمىزدە ھېلى ھەم مەۋجۇت. بۇندىن باشقا ئۇلار خىزمەتلىرىدە نەتىجە يارىتىپ كېلىۋاتقانلارنى،ئىشلىرى روناق تېپىپ ئىگلىك تىكلەۋاتقانلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش خىزمەتتىكى ئەڭ بوشاڭ،ئەڭ ئويۇن خۇمار،ئەڭ مودا قوغلىشىدىغان كىشىلەردىن بۇلۇشقا ئۈندەيدىغان ھەم بۇ ۋاقىتلىق مەنپىئەت قىلىدىغان ھوزۇر-ھالاۋەتلىك بەخىت ئىچىدە ياشاشقا ئۈندەيدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس . شۇنداقلا بۇ خىل كىشىلەر نۇرغۇنلىرىمىزنى ئۆز ئارزۇ- ئىستەكلىرىمىزدىن، غايىلىرىمىزدىن، كەلگۈسى نىشانلىرىمىزدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئەسلى-ۋەسلىمىزنى ئۇنۇتتۇرۇپ، ئويۇن-تاماشا ۋە كەيىپ -ساپادىن ئىبارەت بۇ خەتەرلىك تۇيۇق يولغا باشلىغۇسى كىلدۇ. بىراق
مەن مۇشۇنداق ئىشلىگەننى چىشلەيدىغانلارنى، ناچار قىلىقلىرىمىزنى تاشلىيالمايۋاتقان قىز- يىگىتلىرىمىزنى ھەرگىز يامان كىشىلەر دېگۈم كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ بىزنىڭ قالتىس ياشلىرىمىزدىن بىر قىسمى خالاس. ئالارمۇ ياشلىقتا قىزىققانلىق قىلىپ ھوزۇر-ھالاۋەتنىڭ پەيزىنى بىزدىن كۆپرەك كۆرىمىز دەپ ياشلىقىدىكى قىممەتلىك ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈپ قويغانلار. بۇنداق ئەھۋاللار دۇنيادىكى ھەرقانداق مىللەتتە كۆرۈلدىغان ئەھۋال. بىز يامان ئادەتلىرىمىزنى مۇشۇ ئاي -مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزگەرتمىسەك، بۇ كەيىپ-ساپانىڭ كەينىگە كىرىپ قالغان ياشلىرىمىزنى ۋاختىدا بايقاپ ئۆزگەرتىپ، ئەنئەنىمىزنى يوقىتىپ قويىۋاتقان، ۋىجدان بىلەن غورۇرنى قايرىپ قويۇپ ناشايان ئىشلار بىلەن شوغۇللۇنۇپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ياخشى كۆڭۈللىرىمىز بىلەن ئۆز سېپىمىز ئىچىگە قوشۇپ، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا ئۈلگىلەر يارتىپ، تىرشىپ بىلىم ئىگەللەپ، ئۆزىمىزنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش يولىدا تىرىشساقلا كەلگۈسىمىزنىڭ پارلاق بولىشىدا گەپ يوق.
ھازىر مەنىۋى مەدەنىيەت تەكىتلىنىۋاتقان، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىپ، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايرىشىپ، نامراتلىق ئۆتكۈلىگە ئومومى يۈزلۈك ھۇجۇم قىلىۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلغىدەك چىدام غەيرەتنى يېتىلدۈرسەكلا تۇرمىشىمىزدا يېڭلىق يارتىپ ئالغا ئىلگىرلىيەلەيمىز.
ھازىر يوقۇردىن تۈۋەنگىچە چوڭ يەپ چوڭ ئىچىشتىن ئىبارەت، پارىخورلۇق ئىشلىرى چەكلىنىۋاتقان، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار بىلەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئۆز-ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈش، خىزمەتلىرىمىزدىكى خاتالىقلىرىمىزنى تۈزەشتىن ئىبارەت چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە تۇرۋاتىمىز، شۇڭا بىز دۆلەت خىزمەتچىلىرى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، زامان بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرلەپ، نەتىجە يارىتىۋاتقان پەخىرلىك قىز-ئوغۇللۇرىمىزنى قوللاپ ئۇلارغا مەدەت بىرىپ، كىيىنكى ئىز باسارلىرىمىزنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئىزباسارلىرىمىزغا ئىقتىسادى جەھەتتىن، ئوقۇش جەھەتتىن، ياتاق-تاماق جەھەتلەردىن ياخشى مۇھىت يارتىپ بەرسەك. يەنە كىلىپ ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ئۆزىمىزدىكى يامان ئادەتلەرنى تۈزەپ باشقىلارغا ئۈلگە بۇلۇپ ئورتاق تىرىشچانلىق كەلتۈرسەكلا گۈزەل يۇرت ماكانىمىزنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزالايمىز.
ئۇيغۇرلىرىمىز ئىچىدىدىن چىقىۋاتقان ئالىم، پىراففىسور، دوكتورلارنى، يازغۇچى- شائىرلارنى، ئاتاقلىق ئالىم- ئۆلىمالىرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،گۈزەل يۇرت ماكانلىرىمىزنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزالايمىز.
بۇندىن باشقا ئەزىز خەلقىمنىڭ بىلىم قۇرىلمىسىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ياخشىلىيالىساقلا خەلقىمىزنى مەدەنىيەتلىك باي-باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىپ يۇرت-ماكانىمىزنى مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققى قىلدۇرۇپ، ،ئۆزىمىزنى قۇددىرەت تاپقۇزۇپ، يۇرت ماكانىمىزنى مۇھىتى گۈزەل،خەلقى باياشات بۇستانلىقلاردىن قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.
قومۇل قارا دۆۋە بازىرى
ئىسھاق ياقۇپ
2016-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
|