ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن
يارالدىم رازىلىق بۇڭا يوق ئىدى ،
ھاياتتا پەقەتلام ھەيرىتىم ئارتتى ...
يەنە مەن نارازى قايتتىم ، بىلمىدىم ،
كەلمەك ھەم ، تۇرماق ھەم ،يانماق مەقسىدى. * قولۇمدا بولسۇن ئۇ ئۈزۈم شەربىتى ،
بېشىمدا بولسۇن ئۇ يار مۇھەببىتى .
دىيىشەر ھەق ساڭا توۋا بەرسۇن كۆپ ،
بەرسە ھەم يوق ئاڭا كۆڭلۈم رىغبىتى . * ئۆچۈرگەي ئىسمىمىز ئۆمۈر دەپتىرى ،
بىر زامان يوق ئېتەر ئەجەل قوللىرى .
ئەي گۈزەل ، شاراپ بەر ، بەك گۈزەل ،گۈزەل .
تۇپراققا ئايلانغاي ھەممە ياش--قېرى . * بۇ ئۆرتەڭ ، ' ئالەم' دەپ ئاتالمىش ئېتى ،
كۈن ۋە تۈن --ئاق ،قارا ئاتلار مەنزىلى ،
نەچچە يۈز جەمشىتتىن قالغان بەزمە بۇ ،
قانچە يۈز بەھرامنىڭ بۇ قونالغۇسى ~؟ * چۈشۈمدە ماڭا بىر دانىشمەن دىدى :
ئۇيقۇدا بەخىتتىن گۈل ئېچىلمىدى ،
سەن نىچۈن ئولۇمدەك بىر ئىش بىرلە بەنت ؟
ئىچ شاراپ ! ئۇخلايسەن يەردە ئەبەدى ! * ئەسكىگە ئېيتمىغىن ، ساقلىغىن سىرنى ،
بىر قاراپ كۆزىگە ، بىل مۇغەمبەرنى ...
كىشى ئۆز جېنىغا نى قىلغانغا باق ،
يوشۇرۇن ئىپلاستىن تۇتمىغىن پىرنى ~ * كىم كۆردى دوزىقىڭ ،جەننىتىڭ ئەي دىل ؟
كىم كەلدى ئۆلگەندىن ، قىل گېپىڭ ئەي دىل .
بىز قورققان ، يېلىنغان نەرسىنىڭ ئاڭلا :
ئىسمى بار ، جىسمى يوق...مۇشۇ جىڭ ، ئەي دىل ! * كوزامنى يوقاتتىڭ سۇندۇرۇپ .رەببىم !
ياپتىڭ بەخت ئىشىكىنى ، سەن ئۇرۇپ رەببىم !
گۈل رەڭلىك شارابىم تۆكتۈڭ يەرگە سەن ،
قالدىڭمۇسەن ياكى مەس بولۇپ رەببىم ؟! * بىر جامكى ، ئەيلىمىش ئىختىيار ئەقىل ،
قەدىرلەپ شۇ جانغا يۈزنى سۇندى،بىل...
'پەلەك 'نام كوزىچى شۇنداق جام ياساپ ،
ئارقىدىن يەرگە ئۇ ، ئۇرىدۇ سىجىل ..... * بىر كۈچۈم بولغاندا تەڭرىدەك گويا ،
بۇزاتتىم پەلەكنى بۇنداق بىۋاپا ....
ياخشىلار مەقسەتكە يەتكۈدەك تولۇق ،
چۇراتتىم بىر پەلەك ----بىر يىڭى دۇنيا . *
كېچە مەن تۇيغۇندا ساماغا چىقىپ ،
دوزاق ھەم بىھىشنى يۈردۈم ئاختۇرۇپ .
بىر ئۇستاز ئۇچرىشىپ ، دوزاق ھەم بىھىش ،
ئۆزەڭدە!---دىدى ئۇ،---يۈرمىگىن ئېزىپ~! *
ئاقمىغاي تەقدىرگە نارىزا بولۇش ،
ئاقمىغاي ئاەمدە بىرىيا بولۇش ،
قولۇمدىن كەلگەنچە تەدبىر ئىشلەتتىم ،
كەتكۈزدى ، ئاھ-قازا ،تەدبىرىمنى بوش . *
خوشال ئۆت ئۆمۈرنىڭ ھاسىلى بىردەم ،
بۇ تۇپراق---تۇپرىقى كەيقۇباد ۋە جەم .
قىل قىياس بىر خىيال ، ئالدىنىش يا چۈش .
ھاياتنىڭ تەكتى ھەم ئەھۋالى ئالەم |