قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 442|ئىنكاس: 2
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئېتبارغا ئېلىنمىغان سۆيگۈ (داۋامى 2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

593

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   18.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  65680
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-30 23:35:33 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش


ئېتبارغا ئېلىنمىغان سۆيگۈ

(ھىكايە)

نۇرمۇھەممەد ئارۇپ( ئوششاق)
داۋامى

يان تىلفۇننىڭ ئۈزۈلمەي سايرىشدىن ئويغانغان خەمىت تىلفۇننى ئىزدەپ ئالماقچى بولدىيۇ لىكىن، ئاخشام كۆپ ئىچىپ قويغانلىقىدىنمۇ ئېيتاۋۇر بېشىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشدىن ئورنىدىن قوزغىلالماي قالدى. زەرىد بىلەن: :گۈلشەن، ھەي گۈلشەن!؟ - گۈلشەننى زەرىد بىلەن بىر نەچچە ئېغىز چاقىردى ،لىكىن ھېچ سادا كەلمىگەندىنكىيىن گۈلشەنگە غەزەپ ئوتى قايتا ئۇلغايدى. ئەگەر شۇ چاقىرشىدا گۈلشەن كىرگەن بولساقاتتىق تىللىغان ياكى يەنە قول تەككۈزىشى مومكىن ئىدى.ھېچ سادا چىقمىغاندىنكىيىنلا ئېرىنچەكلىك بىلەن سوزۇلۇپ يېتىپ قالدى. ئاخشامقىدەك جىدەل -ماجرالارخەمىتكەكۈندىلىك تاماقتەك بوپ كەتكەچكە ئاخشامقى ئىشلار خەمىتنىڭ خىيالدىن كىچىپمۇقويمىدى.
تىلفۇن يەنەقايتا سايراشقا باشلىدى ،خەمىت تەستە بېشىنى كۆتۈرۈپ تىلفۇننى ئالدى-ھوي غوجام،ھېلقى ئاۋاق ،ئادەم ئىسكەتىدىن كەتكەن مەزلۇملىرىنىڭ پۇتىنى تۇتۋاتقانما!؟تىلفۇننىمۇ ئاممايلىغۇ ھا ھا……
-قاتتىق ھەزىل ئارلاش بۇ گەپنىڭ كەينىدىن كەلگەن كۈلكە خەمىتنىڭ غۇرۇرىغا ئازراقمۇ تىگىپقويمىدى.
ھە،ياق ،گىپىنى قىلما ئۇ تۇغماسنىڭ، نەگە يوقالدىكىن قارسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ، ئاخشام جىق ئىچىپ قويغاندەك قىلىمەن ، بېشىم چىڭقىلىپ ئاغرىپ كىتۋاتىدۇ.
<قېرىغانداقېرى تاتۇق، قىلىقلىرى ئۇندىن ئارتۇق >دەپ، بولدى ،بولدى دىسە كىچىك باللاربىلەن تەڭ بولۇپ جىق ئىچۋەتلە ئۆزلىرى غوجام، ئەمدى ئېغىر كىلۋاتامدا!؟ھاھا……
بولدى قىلە،يەنەيېرىم سائەتلەدىن كىيىن 《قوش يۇلتۇز》رىستۇرانىغا كەل .
خەمىت تىلفۇننى قۇيۋېتىپ تەستە ئورىندىن تۇرۇپ بېشىنى سوغۇق سۇدا يۇدى دە ئازراق روھلىنىپ قاغاندەك تۇيغۇغا كەلدى.كىيىملىرىنى كىيىپ 《قوش يۇلتۇز》رىستۇرانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا گۈلقىزنى ساقلاپ ئولتۇردى.
كەچ سائەت ئونبىرلەدىن ئاشقاندى، بۈگۈن خەمىت بۇرۇنقىدەك ئېغىر مەس ئەمەس ئىدى، چۈنكى بۈگۈن بىر كۈن گۈلقىز بىلەن بىللە باغچىغا بېرىپ ھاردۇق ئالغان ئىدى، قايتاشىدا غىزالانغاچ گۈلقىز بىلەن نەچچە رومكا قىزىل ھاراق ئىچكەندى.
ئىشىكنى شۇنچەچەكسىمۇ گۈلشەننىڭ كىلىپ ئشىكنى ئاچمىغىندىن غەزپى كەلگەن خەمىت يېنىدىن ئاچقۇچىنىچىقىرىپ ئىشىكنى ئېچىپ كىردى دە :گۈلشەن، گۈلشەن-دەپ ۋارقىرغىنچە ھەممە ئۆيگە كىرىپ چىقتى. گۈلشەننىڭ قارسىمۇ كۈرۈنمەيىتتى،ھوجىرمۇ ئەتىگەن خەمىت تۇرغاندىكى ھالەتتە ئىدى، خەمىت سەل ئەجەپلىنىپ قالدى دە -ھە، ئاخىرىمىنىمۇ ، ئۈزەڭنىمۇ ئازاد قىلىپ ئاناڭنىڭ يېنىغا كىتىپسەندە!؟، بۇرۇنراقشۇنداق قىلشىڭ كىرەك ئىدى.- دەپ قويدى.
نىمە ئۈچۈندۈر بۈگۈن خەمىتنىڭ كەيپىياتى ئادەتتىكدىن ياخشى بوپ قالدى،بەلكىم كۆرسىلا جۇدۇنى ئۆرلەيدىغان گۈلشەننىڭ يوقلىقدىن بولسا كىرەك.
ئۇ شۇ ھامان يانتىلفۇننى ئالدىدە گۈلقىزغا تىلفۇن قىلدى.
ھە ،مەزلۇملىرى ئۆيگە سولمىغان ئوخشىمامدا!؟ھا ھا……
ياق،ياق ،نەدىكىگەپنى قىپ يۈردىكەنسە ،گۈلشەن ئۇ كەتكەن ئوخشايدۇ ،بۈگۈن بىركۈن ئۆيگە كىرمىدى.
ھە كەتسە قاندا قىلاي، مىنى ھازىرلا كەل دىمەكچىما؟!ھا ھا،ئۇنداق ئاسان ئىش يوق،ھا ھا……
ئىشقىلىپ مىنى يالغۇز قويمايدىغانسەن ؟!ھې ھې……
خەمىتمۇ غەمبىرانە كۈلۈپ قويدى، دە:بولدى ،بولدى،قالدى گەپنىئەتە كۈرۈشكەندە دىيشەيلى .-تىلفۇننى قۇيۋەتكەن خەمىت قايتىدىن ھەممە ئۆيلەرگەيەنە بىر قاراپ چىقتى،ئۆيدە ھېچ نەرسە كىمەيمىگەن ئىدى،گۈلشەننىڭ كىيىم-كىچەكلىرىمۇ تۇراتتى،كۆڭلى ئازراق تەشۋېشلەنگەن خەمىت-:ئەگەربىر كۈن يۇقاپ كىتىپ ئەمدى قايتىپ كەلسە :نەگە باردىڭ ماڭمۇ دەپ قويماي دەپقوغلاپلا چىقىرامىنا .-دەپ ئويلىدىيۇ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى.
نەچچە كۈندىنكىيىن خەمىت ئۆينى بىر قۇر يۇغۇشتۇرغاندىن كىيىن گۈلقىزنى ئۆيگە باشلاپ ئەكەلدى، گۈلقىزئۆيگە كىرىپ ھەيران قالدى، كۈندە دىگۈدەك ھاراق سورۇندىن قاممايدىغان خەمىتنىڭئۆيىنىڭ بۇنداق ئىسىللىقنى گۈلقىز خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
گۈلقىز ئىككى يىل ئىلگىرى خەمىتنىڭ ئۈلپەتداشلىرى بىلەن سورۇنغا بىللە كەگەندە خەمىت بىلەن تۇنىشىپ قالغان ئىدى،ئەينى ۋاقىتتا خىزمەت تەخسىماتىدا بۇ ياقا يۇرىتقا تەقسىملەنگەن گۈلقىز < كۆزدىن يىراق ،كۆڭۈلدىن يىراق > دىگەندەك ئاتا-ئانىسىنى ئانچىمۇ يوقلاپ كەتمەيىتتى. ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتقا قايتىپ كىلىپ تۇرمۇش ئىشىنى ئويلشىشى توغرىلىق قىلغان نەسھەتلىرى قۇلقىغا كىرىپمۇ قويمايىتتى. گۈلقىز ئۇيۇن بار يەرنىئىزدەپ سۇراپ بارىدىغان بۇلۇپ شۇ كۈنلەردە خەمىت بىلەن تۇنشۇپ قېلىپ ھازىرغىچەخەمىت بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرەتتى.
ھە ،سىزگە يارغاندۇ ،بۇندىن كىيىن بۇ ئۆيدە ئىككىمىز بىللە تۇرىمىز، ھې ھې……-خەمىتمۇغەمبەرلىك بىلەن ھىجاراپ قويدى.
ئەتىلا كۈچۈپلا كىلىڭ،ھې ھې……
ئۇنداقتا قانداقبولىدۇ؟!
ھازىرقى ئۆيىڭىزدىمۇ يالغۇز تۇرسىزغۇ،تېخى بۇرمۇنچە ئىجارا ھەققى تۈلەيسىز، رەسمىيەتلەرنى كىيىن ئۈتىۋالمىز ھې ھې……
گۈلقىز گەرچەخەمىتنى ياخشى كۆرمىسمۇ ئۇيۇن تاماششا نى دەپ ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئۈتۈپكىلۋاتاتتى. مانا بۈگۈن بۇ ئۆي ئۇنىڭ يۈركىگە قانداقتۇر بىر ھىيلە بىلەن تەڭ ئوتنىسەپ قويدى.
سىزنىڭ بۇنچىۋالاجىق پۇلىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، ئۆيىڭىز بەك چىرايلىقكەن.
شۇڭا ئەتىلا كۈچۈپكەل دەيمەنغۇ!
شۇنداق قىلىپ گۈلقىز نەچچە كۈن ئۆتمەي بۇ ئۆيگە كۈچۈپ كىرۋالدى، ئۇنىڭ قەلبى قانداقتۇر بىرخىل ئاچچىق ئەلەملىك تۇيغۇ ئىچىدە ئۈتىۋاتاتتى، چۈنكى كۆزى بۇ ئۆيدىن كەچمەسلىككەئۈندىسە ،قەلبى ئۈزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىر قەلىبقە قۇل بولىۋاتاتتى.
بىر كۈنى خەمىتغەرىق مەس بوپ كەتكەندى،ئۇ قايتىپ كىلىپلا ئۇخلاپ قالدى،گۈلقىز بوسا كۈچۈپكىرگەندىن بېرى خەمىتنىڭ ئالدىدا بۇ ئۆيلەرنى تۈزۈك كۆرەلمىگەن ئىدى، شۇڭا ئۇ بۈگۈن ئۆيلەرنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىماقچى بولدى.ھەممە ئىشكاپنى ئاقتۇرۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئىشكاپتىن  گۈلشەننىڭ كىملىك، خەمىت بىلەن گۈلشەننىڭ توي خېتى، يەنە بىر پارچە قەغەزنى كۆرۈپ قالدى، بۇ قەغەز دەل ئۆي خېتى ئىدى، گۈلقىز خەمىتنىڭ ئايالىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى ، لىكىن ئۆي خېتىنىڭ گۈلشەننىڭ نامىدا ئىكەنلىكگە ھەيرانقالدى، دە دەرھال خەمىتنى ئويغۇتۇشقا باشلىدى. -خەمىتكا، ھەي خەمىتكا !
ھە ،نىم دەيسە؟
سىز ئۆينى شۇنچە خوشىڭىز يوق ئايالىڭىزنىڭ نامىغا يۆتكەپ قۇيۇپسىزغۇ، مىنى ئالداپسىز!-گۈلقىز يالغاندىن قېيدىغان قىياپەتكە كىرۋالدى.
خەمىت مەسچىلىكتە كۆزلىرىنمۇ ئاچماي گۈلقىزنى ئۆزىگە تارتىپ يېنىدا ياتقۇزۋالدى دە:بوغۇق ئاۋازدا:ئۆينى ئۇنىڭ ئۆيدىكلە ئېلىپ ،مۇشۇنداق ياساپ بەرگەن،مىنىڭ نىمىشقا ئۆز يۇرتۇمدىن بۇ ياقا يۇرتقا كەلگىنىمنى بىلەمسە، مەن خىيانەت قىلغان ھې ھې……مەن خىيانەتچى ئىدىم ،ئۇلار مىنى سۈرگۈن قىلدى، ئاتا-ئاناممەن خەجلىۋەتكەن پۇللارنى تۆلدى، گۈلشەننىڭ ئاتا-ئانىسى مانا بۇ ئۆينى ئەپ بەردى،ھەيگۈلشەن! ئەخمەق گۈلشەن!ھا ھا……
گۈلقىز ھەممىنى چۈشەندى، دە كۆڭلىدىن قانداقتۇر بىر ھىيلە-مىكىر كىچىپ ئۆتتى.
گۈلزىبا بالنىسقا كىرىپ گۈلشەنگە نىم دىيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى، پەقەت گۈلشەننىڭ ياداڭغۇ، نۇرسىزكۆزلىرىدىن تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق ئەلەملىرىنى كۆرگەندەك بولدى دە ھېكمەتكە قانداق قىلىمەن دىگەندەك قاراپ قويدى.
بۇ مىنىڭ ئايالىم، ئىسمى گۈلزىبا،تارتىنماي بىرە ئىش بولسا دەۋېرىڭ،-دېدى دە ئېلىپ كىرگەن سۇيۇقئاشنىبالنىس ئىشكاپىنىڭ ئۈستىگە قويدى.-ئازراق بىر نەسە يېۋېلىڭ ،دوختۇر سىزنى ياخشىراق كۈتۈنسۇن دەيدۇ.-ھېكمەت ئاخشام نىمە ئۈچۈن سۇغۇقلىقىغا باقماي كوچىدا يۈرگننىسورىماقچى بولدىيۇ يەنە نىمە ئۈچۈندۈر كېكىردىكگە كەپ قالغان گېپنى يۇتىۋەتتى.بۇئاقكۆڭۈل يىگىت قانداقتۇر گۈلشەننىڭ زەپران چىرايىدىن كۆڭۈلسىزلىكنى ئاز تارتمىغانلىقىنىبىر ئاز ھىس قىلغان ئىدى،شۇڭا ئەتتىگەندە ئۇنىڭ يارسىنى تاتلاپ قۇيۇشتىن ئەنسىردى.
ھېكمەت گۈلزىبادىن خىجالەت بولدىمۇ بۇ قېتىم گۈلشەنگە گەپ قىلغاندا گۈلشەنگە تۈزۈك قارىمىدى، ئەمما ھېكمەتنىڭ گەپ قىلىشلىرىدىن گۈلشەن ھېكمەتنىڭ بۇرۇنقى شوخلۇقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇچقۇنئايغا ئۈتۈپ بولغانلىقىنى، ھېكمەتنىڭ ھەقىقى تۇرمۇشتاپىشقان ئەرگە ئايلانغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتى.
گۈلشەن ھېكمەتنىڭ ئۆزىنى تۇنىيالمىغىنىغا ھەيران بولماقتا ئىدى، لىكىن يەنە تۇنىمىغىنغىمۇ مىڭ شۈكرىلەرنى ئېيتاتتى، چۈنكى بۇ ھالىتىدە ھېكمەتنىڭ تۇنۇپ قېلشىنىمۇ خالىمايىتتى. ھەمكۆڭلىدە:سېنىڭ بۇرۇنقى سىياقىڭدىن ئەسەرمۇ قاممىغان تۇرساسېنى قانداقمۇ تۇنىسۇن، ھەر قېتىم ئەينەككە قارغىنىڭدا ئۆزۈڭنى-ئۆزۈڭمۇ تۇنىمايقالغىلى تاس قالىدىغان تۇرساڭ، ئايرىلغىلى ئون نەچچە يىل بولغان بۇ يىگىت ئەلۋەتتە تۇنىمايدۇ دە-دەپ ئۆز-ئۆزىگە خىتاپ قىلدى.
ھېكمەت يەنىلا گۈلزىباغا قارىدى دە تاماق يىۋالسۇن دىگەندەك ئىشارەت قىلپ قويدى. گۈلزىبا بولساقانداقتۇر گادىرماچ خىياللارنىڭ ئىسكەنجىسدە ئىدى.
ئۇچقۇنئاي سىزنىڭمۇ قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ مېڭىڭ ئىككىمىز تاماق يەپ كىرەيلى.
-ئاپامچۇ ،ئاپامنىمە يەيدۇ؟!
ھە ،ئاپىڭىزغا ئالغاچ كىرىمىز.
ئىى ياق، مەنئاپام بىلەن بۇ ئاپاشقا قارايمەن.ھېكمەت ئۇچقۇنئاينىڭ بۇ ساددىلىق ۋە ئاقكۆڭۈللۈك ئارلاشقان سۆزلىرىدىن سۆيۈندى.
بوپتۇ ئەمسە ،مەن ئۆزۈم چىقاي،سىلەرگە ئالغاچ كىرەي ھە!
ھېكمەت چىقىپ كەتتى، گۈلزىبا بولسا ھېكمەت چىقىپ كەتكەندىن كىيىنلا سەل ھوشىنى يىغدى دەگۈلشەنگە :ئازراق بىر نەسە يېۋىلىڭ،دېدى.
رەھمەت سىزگە، مەن قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كىرىپ قالدىم؟-گۈلشەن نۇرسىز كۆزلىرىنى گۈلزىباغا تىكتى.
يولدىشىمنىڭ ئېيتىشچە سىز كوچىدا يېتىپ قاپسىز، ئۇ سىزنى كۆرۈپ قېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپكەپتۇ. راس،سىزنىڭ ئىسمىڭىز؟
گۈلشەن.-گۈلشەننىڭ كۆپكۈك لەۋلىرى ئاران مىدىرلىدى.
گۈلزىبا:تاماق يېۋېلىلىڭ ئەمسە،-دېدى.
گۈلشەن ئورنىدىن تۇرماقچى بولدىيۇ، بېشى قايغاندەك بولۇپ تۇرالمىدى، گۈلزىبا ئۇنى يۈلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.دە بىمارلار تاماق يىيىش ئۈچۈن تەييارلانغان تاماق ئۈستىلنى كارۋاتقا توختۇتۇپ بەردى. گۈلشەننى سەل قورۇنغاندەك ھېس قىلغان گۈلزىبا گەپ باشلىدى.
بۇ قىزىم بەكلاشوخ، بايا دادىسى سىزنىڭ ئارامىڭىزغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويامدىكىن دەپ ئەپچىقىپ كەتمەكچى بولغان ،بىراق ئۇنىمىدى بۇ كەپسىز، شۇنداقمۇ ئۇچقۇنئاي؟!
قىزىڭىز سىزدەكلا چىرايلىقكەن،كۆز تەگمىسۇن.- گۈلشەننىڭ چىھرىدە  كۈلكە تۇغۇلدى.
نەچچىگە كىردىڭىز ئاپئاق قىز؟
دادام دائىم سىز ئاپىڭىزنىڭ قورسىقىدىن ئوينايمە دەپ قېچىپ چىققىلى ئالتە يىل بولاي دېدى دەپ قۇيىدۇ ،ھى ھى……
گۈلشەن ھېكمەتنىڭ ئائىلسىدىكلەرگە يەنە شۇنداق يۇمىرىستىك ئىكەنلىكنى ھىس قىلدى دە بۇ ئائىلگەمەستلىك كەلدى. شۇنداق،بىر ئائىلدە ئەر كىشىنىڭ باللىرىغا ،ئايالىغا خۇشاللىق ئاتاقىلدىغنى قانداقتۇر ئەرنىڭ مال-مۈلكى ،نام-ئابرويى بولماستىن بىر نەچچە ئېغىز چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ ئەركىلتىشى،مىھرىنى يەتكۈزۈشى، ئۈزىنىڭ ئائىلسىدىن مەمنۇنلىكىنى سۆز-ھەركەتلىرىدە ئپادىلشى ئىدى.
گۈلشەننىڭ ئىچىقانداقتۇر ئاچچىق بولدى،نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئاچچىق ھىس-تۇيغۇلارنىڭ كەپ قالغىننىئۆزىمۇ بىلمەيىتتى،بەلكىم بۇ قاچىسىز قالغان پۇشايماننىڭ ئاچچىقلىرى يۈرەكتىن تۇمۇرلاردىكى قان بىلەن پۈتۈن بەدەنگە تارىغاندىكى ئاچچىق بولشى مومكىن ئىدى.
گۈلزىبا گۈلچىنئاينىڭ گىپىدىن سەل ئوڭايسىزلاندىمۇ  قىزىرىپ كەتتى دە-ئۇچقۇنئايدىن گەپنى تارتىۋالدى،-بۇ يىل بەش ياشتىن ئاشتى، كىچىكلىكگە باقماي گېپى يامان جىق بۇ شەيتان قىزنىڭ.-دەپ قويدى.
بۇ چاغدا گۈلشەننىڭ كەيپىياتىمۇ خېلى كۈتۈرلىپ قالغان ئىدى، لىكىن گۈلزىبا نىڭ كۆڭلىدە نۇرغۇن چىگىش خىياللار ئايغى چىقماس سۇئاللار تۇغۇلۇپ تۇراتتى.
مۇشۇنداق پاراڭلار ئىچىدە گۈلشەن بىر چىنە سۇيۇقئاشنى ئېچىپ بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قاچان بۇنداقبىر چىنە تاماقنى تۇلۇق يەپ باققىننى ئەسلىيەلمەيىتتى.- شۇنداق كۆڭۈل توق بولمىغان ۋاقىتتا قورساققا نە توقلۇق ،ئېچىلمىغان كۆڭۈلدە، قورساققا نە ئىشتىھا بولسۇن .
گۈلزىبا قاچا، ئۈستەلنى يىغىشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ بولغىچە ھېكمەت گۈلچىنئاي بىلەن گۈلزىباغا تاماق ئېلىپ كىرىپكەلدى دە-:مەن شىركەتكە بېرىپ كىلەي سىز مۇشۇ يەردە،-ھېكمەتبۇ ناتىۋاننىڭ ئىسمىنى بىلمىگەچكە گىپىنىڭ ئاخىرنى دىيەممىدى. گۈلزىبا چۈشەنگەن بولغاچقا:ھە، مەن مۇشۇ يەردە ئۇچقۇنئاي بىلەن گۈلشەنگە قاراپتۇراي، سىز بېرىۋېرڭ ،دېدى.
ئۇ يولدا كىتىۋېتىپ گۈلزىباغا ئۇ ئايالنىڭ ئەھۋاللىرىنى سۇراپ بېقىشىنى ،ئۈيىنىڭ قەيەردەئىكەنلىكى ياكى بىرە تۇنۇش- بىلىشنىڭ ئالاقىلشىش نۇمرىنى سوراپ بېقىشنى دەپقۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى دە گۈلزىباغا تىلفۇن قىلىپ گۈلشەننىڭ ئالدىدا بۇلارنى دىيىشنى ئەپسىز كۆرۈپ قىسقا ئۇچۇر يوللىۋەتتى.ئۇچۇرنىڭ ئاخىردا دوختۇرنىڭ گۈلشەننىڭئېغىر ئاياق ئىكەنلىكىنى ئېيىتقىننىمۇ قۇشۇپ قويدى.
گۈلزىبا، ئۇچقۇنئايلارمۇ تاماقلىرىنى يەپ بولۇشقاندىن كىيىن گۈلزىبا قاچىلارنى يۇيۋېتىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى، بۇ چاغدا ئۇچقۇنئاي گۈلشەننىڭ يېنىغا كەلدە دە:سىز دادام بىلەن ئىشلەمسىز، مەن سىزنى بۇرۇن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، سىزنىڭ بالىڭىز يوقمۇ، كەلگەن بولسا مەن بىللە ئوينايتىم، ھى ھى……
ئۇچقۇنئاينىڭ سۇئالىغا ئۈلگۈرۈپ كىرگەن گۈلزىبا:ئاپاشنىڭ بالسى با قېزىم دەپ قويدى.
گۈلزىبانىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيدىغانلىقىنى گۈلشەن چۈشنەلمەي قالدى دە ،-ئەجبا مىنىڭ ھەقىقىئەھۋالىمنى ئۇقۇپ بولغان، مىنى ئوڭايسىزلىنىپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق دەپ قويدى دەپ ئويلىغان گۈلشەن قانداقتۇر بىر بىئارامسىزلىق ئىچىدە قالدى.
گۈلزىبا  كارۋاتنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، ھەمدە ھېكمەتنىڭتاپلىغىنى بويىچە ۋە ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى چىگىش خىياللار، جاۋاپسىز سۇئاللارنى قۇشۇپ گۈلشەن بىلەن مۇڭدەشقاچ ھەممە ئەھۋالنى سوردى. دەسلەپ گۈلشەن  بۇ ئاچچىق ئەلەملەرنى ئويلىماسلىقنى ئويلىغان بولسىمۇ لىكىن بۇ يات شەھەردە تۇنجى قېتىم تۇرمۇشى ھەققىدە ھەم سۆھبەت بولغان گۈلزىباغا دەرتلىرىنى تۆكۈپ ئىچىنى بوشتىۋېلىشنى ئويلىدمۇ ئۈزىنىڭ خەمىت بىلەن تويقىلغاندىن كىيىنكى تۇرمۇشنى بىر باشتىن كۆزلىرىدىكى يېشى بىلەن يۇغرۇپ سۆزلەپ بەردى، گۈلزىبانىڭ ئىچى ئېچىشتى، بۇ ناتىۋانغا قەلبىدە ھىسداشلىق قوزغالسا،نەچچەيىلدىن بېرى ھېكمەتنىڭ ھەقىقى ،ساپ مىھىر -مۇھەببىتى ئاستىدا بەختىيار تۇرمۇشنىداۋام ئەتكەن گۈلزىبا تۇرمۇشتا بۇنداق ھەقىقەتلەرنىڭ، ئاچچىق ئەلەملەرنىڭ بارلىقغا بىر ئىشنىپ بىر ئىشەنمەي قالغان ئىدى.
گۈلزىبا گۈلشەننىڭ ئۈزىنىڭ ئىككى قات ئىكەنلىكىنى تېخى بىلمەيدىغانلىقىنى سەزدى دە،- گۈلشەن ، دوختۇرسىزنىڭ بويىڭىزدا بارلىقىنى يولدىشىمغا ئېيتىپتۇ، دېدى.
گۈلشەننىڭ جانىسىز تېنى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى،-نىمە دەيسىز!؟مىنىڭ بۇيۇمدا بارمىكەن؟!مەن ئانا بولالامدىكەنمەن؟! بۇ راسمۇ ؟! گۈلشەن ئۈن سېلىپيىغلاپ كەتتى، بەلكىم بۇ يىغا قانداقتۇر ھاياجان يېغىسى ياكى تۇرمۇشى، ھاياتى خازانبولۇش ئالدىدىكى بۇ خۇدانىڭ ئىلتىپاتىغا قانداقتۇر نىمىشقىمۇ بۇرۇنراق بۇرەھمىتىڭنى ماڭا بەرمەيسەن دەپ نالا قىلغان يىغىسىدۇر ۋە ياكى قانداقتۇر ئۆزنىڭبىر دەملىك جان ئاچچىقغا پايلىماي ئاخشامقى ئەخمىقانە قىلقىدىن بۇ دۇنياغا كۆز  ئاچمىغان پۇشتىىنىڭ قاتىلى بولۇپ قالغىلى تاسقالغانلىقىغا بولغان پۇشايمان، ھەسرەت يىغىسىدۇر.
ئۇ شۇ تۇرقىدابىر ھازا ياش تۆكتى، گۈلزىبانىڭ تەسەللىسى بىلەن يىغىدىن توختاپ كەچۈرۈڭ،ئالدىڭىزداسەت بولدى،  دەپ قويدى.
چۈشتىن كىيىنھېكمەت يېتىپ كەلگەندە گۈلزىبا ھەممە ئەھۋالنى ھېكمەتكە يىپىدىن يىڭنىسگىچە ئېيتىپ ئۆتتى،ھەمدە گۈلشەننىڭ ئېرىنى كۆرگۈسى يوقلىقىنى ، ئۇ ئۆيگەقايىتمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايىتسا قېيىنئانا-قېيىنئاتسنىڭ ئۆزىنىڭ ئېغىر ئاياقلىقنى ئۇقسا بىر ئاماللارنى قىلىپ يەنە ئۆيىگە ئەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، بۇ بالىسىنى ساق -سالامەت تۇغىۋالسىلا بالىسىنى ئۆزى باقىدىغانلىقىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى.
ئەمدى گۈلزىبانىڭ قەلبىدە بۇرۇنقىدەك چىگىش خىياللار،سۇئاللار قالمىغاچقا گۈلشەنگە نىسبەتەن ئىچئاغرىتىش ھىسياتى پەيدا بولغان ئىدى،شۇڭا ئۇ ئامال بار ھېكمەتنىڭ ئۇنىڭغا ياردەمقىلايلى دىسكەن دىگەن ئۈمىتتە ئىدى.
ھېكمەت ئەمسەقانداق قىلىمىز دىگەندەك گۈلزىباغا قاردى،گۈلزىبا ئاللىبۇرۇن ھەممىنى پىلانلاپقويغان ئىدى،شۇڭا ئۇ گۈلشەننى چوڭ ئۆيگە ئاپرىپ قۇيايلى ،بەرىبىر دادام -ئاپاملارمۇياشنىپ قالدى،ئاپاممۇ بەك چىقىشقاق، گۈلشەنگە تىزلا ئامراق بوپ كىتىدۇ، ئۇ ئۆيدەدادامدىن باشقا ئەر كىشى يوق، شۇڭا گۈلشەنمۇ قۇشۇلىشى مومكىن. دىمىسمۇ ھىكمەتنىڭسىڭلىسى ئوقۇشقا كەتكەندىن كىيىن ئىككى قېرى يالغۇزلا قالغان ئىدى،ھېكمەتشىركەتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەلەكچىلكىدە، گۈلزىبا خىزمەتنىڭ ئالدىراشچىلقىدا ئۇلارنىپات-پات يوقلاپ تۇرالمايىتتى،ھەتتاكى بەزىدە ئۇچقۇنئاينى كۆرگمىز كەپكەتتى، كۆزىمىزدىن ئۇچىرۋەتتىڭغۇ بۇ قىزىمنى دەپ تاپا-تەنىلىك تىلفۇنلاردىن كىيىنكەچ بوپ كەتسىمۇ ئۇلارنى يوقلىغلى باراتتى.بوپتۇ گۈلشەنمۇ سەل ئەسلىگە كىلىپ قالغاندا ئېغىرلاپ كەتكۈچە ئاش-تاماقنىڭ بولسىمۇ ھۆددىسىدىن چىقا،ھېچ بولمىسائانامغا ھال-مۇڭ بولىشا دەپ ئويلىغان ھېكمەت،ئەمسە سىز گۈلشەنگە مەسلىھەت سەپبېقىڭ ،مەن دوختۇر بىلەن كۆرشىپ كىلەي دەپ دوختۇر ئىشخانىسغا كەتتى.
بەلكىم ئوقۇرمەنئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئاشقىنىڭ ئىسمىمۇ ھېكمەتنىڭ ئەسلىمىسىنى ئويغىتاممىدمۇ دەپئويلىغان بولشى مومكىن،لىكىن تۇرمۇش ھەلەكچىلكى باشقا گەپ،چۈنكى ھېكمەت گۈلشەندىنرەسمىي ئۈمىدىنى ئۈزگىلى ئون يىلدىن ئاشقان،مانا ئەمدى بەخىتلىك ئائىلسى ،ئالدىراش،تۈگمەس خىزمىتى بار ئىدى،بەلكىم بۇلار ئۇنىڭ ئىتبارسىز قالغان ئۇ بۇرۇنقى ئىشقى -مۇھەببىتىنىزەنجىر كىشەنلەر بىلەن باغلاپ مەڭگۈ مىدىرماس قىلىپقويغان،گۈلزىبانىڭ،ئۇچقۇنئاينىڭ مۇھەببىتى بۇرۇنقى ئىتبارسىز قالغان مۇھەببەتنىڭئورنىنى ئېلىپ بولغان بولشى مومكىن ئىدى.سىزنىڭچە مەكتەپتىكى مۇھەببىتىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن تۇرمۇش قۇرۇپمۇ يەنە بۇرۇنقى ئاشىقنى ئەسلەپ يۈردىغانلارقانچىلىكتۇ.
گۈلشەن گۈلزىبانىڭ تەكلىپگە دەسلەپ سەل يالتايغان بولسىمۇ لىكىن بۇ يۈرەك پارىسنى خاتىرجەم تۇغىۋېلىش ئۈچۈن گۈلزىبانىڭ پىكىرىگە قۇشۇلدى.ئانا ئەمەسمۇ نىملا دىمىگەن بىلەن بۇ يۈرەكپارىسنى دۇنياغا ساق-سالامەت كۆز ئاچقۇزۇش ئۈچۈن بۇ يات ئائىلە،يات كىشلەرنىڭئالدىدا ياشاشقا كۆنمەي نە ئىلاج.ئانا ئەنە شۇنداق شەخسىيەتسىزلىكدىن ،بالىسىئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلىشتىن يانمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۇلۇغلىنىپ، تەرىپلىنىپكەلگەن ،ھەتتاكى 《جەننەتنىڭ ئانىلارنىڭ تاپنى ئاستىدا》ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ھېكمەت دوختۇربىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن دوختۇر گۈلشەننىڭ بالنىستىن چىقسا بولدىغانلىقىنى،بىراقئېغىر ئاياق بولغاچقا قۇۋۋەت دورىلارنى يېزىپ بەرمەيدىغانلىقىنى، ئائىلدە قۇۋۋەتلىكبېقىپ ياخشى كۈتۈنسە بولدىغانلىقىنى ئېيىتتى، ھېكمەت دوختۇرغا رەھمەت ئېيىتقاندىن كىيىن گۈلشەننى چوڭ ئۆيگە ئېلىپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى.
ھېكمەتنڭ ئاپىسىمۇ مۇلايىم ،ئاقكۈڭۈل ،دادىسى ئوچۇق،تۈز كۆڭۈل ئادەملەردىن بولغاچقا گۈلشەنتىزلا بۇ ئائىلگە ئۆزلىشىپ كەتتى،لىكىن نىمە ئۈچۈندۇر بەزىدە بۇ ئائىلنىڭ ئىللىقمىھىر-ميھەببىتى گۈلشەننىڭ يۈركىنى مۇجىيىتتى،يۈركى شۇنداق مۇجۇلغان ۋاقىتتاقاياقتىندۇر :سەن ئەينى ۋاقىتتا مۇھەببەتنى خاتا تاللىمغانبولساڭ سىنىڭ ئوننەچچە يىللىق تۇرمۇشۇڭ بۇنچە خازان بولمىغان،ھەتتاكى بۇ بەخىت ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولاتتى ،خۇدا ساڭا قىلغان خاتالىقىڭ ئۈچۈن نىملەردىن مەھرۇم قالغىنىڭنى كۆرسەتمەكتە دەيىتتى.
كۈنلەر -كۈنلەرنى قوغلاپ ئۆتمەكتە ئىدى، گۈلشەن بۇ ئائىلگە سىڭشىپلا كەتكەن ئىدى، ئۇچقۇنئايمۇ گۈلشەنگە قەۋەتلا ئامراق بوپ كەتكەن ئىدى.ھەر قېتىم كەلگەندە :گۈلشەنئاپا،سىزنىڭ بالىڭىز نىمدا يۇۋاش ،چىقىپ مەن بىلەن ئوينايمە دىمەمدا!؟ دادام ماڭادائىم -:سىز ئاپىڭىزنىڭ قورسىقدىكى ۋاختىڭىزدا دائىم سىنىڭقورسىقىڭ بەك تاركەن سىرىتقا چىقىپ ئوينايمە دەپ ئاپىڭىزنىڭ قورسىقغا تىپىپ جىمتۇرمايتىڭىز ،دەيدۇ.ھى ھى……
گۈلشەن ئاپا بالىڭىز تۇغۇلغاندا مىنى ئاچو ،ئاچو دەيدۇ ھە!؟ھىھى……
ئۇچقۇنئايمۇ شۇنداق گەپلەر بىلەن ھەممىنى كۈلدۈرۋېتەتتى.بۇنداق چاغدا ھېكمەتنىڭ ئانىسى:ئۇچقۇنئايدادىسىنىڭ كىچىك ۋاختىنىڭ ئۆز ئەينى،دەپ قۇياتتى.
توغرا ،بۇ گۈلشەنگە بەش قولدەك ئايان ئىدى،ھېكمەت گۈلشەننى ئۇچقۇنئايغا ئوخشاش تۆت يىل كۈلدۈرۈپ ئۆتكەن ئىدى.
خەمىتكا،خەمىتكا!؟-گۈلقىزخەمىتنىڭ ھوشىنى بىلمىگدەك ئۇخلاپ كەتكىندىن خاتىرجەم بولدىدە نەچچە ۋاقىتتىنكۆڭلىگە پۈككەن كۈننىڭ كەلگەنلىكنى بىلىپ تەييارلاپ قويغان سۇرۇقنى خەمىتنىڭبارمىقغا سۈرۈپ تەييارلىۋاغان ۋاراقچىلارغا بىر -بىردىن بېسىۋالدى.ئاندىن كۆڭلىتىنغان ھالدا لۆڭگىنى ئىلمان سۇدا نەمدەپ خەمىتنىڭ بارمىقدىكى سۇرۇقنى سۈرتىپچىقىرېۋېتىپ بۇ داچىدەك ئۆينىڭ ئىگىسى بولاي دەپ قاغىنىدىن قىن-قىنىغا پاتمايقالغان ئىدى،شاتلىقتىن زادىلا كۆزلىرىگە ئۇيقۇ كەلمەي قالغان ئىدى.
گۈلقىز ئەتىسدىنباشلاپ ئۆينى ئۆزىنىڭ نامىغا ئۆتكۈزۋېلىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە قاتىرماقتائىدى.بارا-بارا ھەسەل تېتىيدىغان گۈلقىز ئەمدى خەمىتكە ئەمەن تېتىشقا باشلىدمۇبەزىدە قاتتىق مەس بوپ كەتكەندە گۈلقىزغىمۇ نەشتېرنى سانجىپ قۇياتتى،گۈلقىز بولسائۆينى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ كويىدا بۇلارغا پەرۋا قىلمايىتتى.
گۈلشەننىڭئاي-كۈنىنىڭ يېقىنلىشىشغا ئەگىشىپ نىمە ئۈچۈندۇر  پات-پات بېشى قايغاندەك ھېسقىلدىغان،پات-پات  ھوشىدىن كىتىدىن بوپقالغان ئىدى،بىراق دوختۇرغا بېرىشقا زادىلا ئۇنىمايىتتى.
سائەت ئىككىلەردىن ئاشقان ئىدى،ھېكمەتنىڭ تىلفۇنى جىددى سايراپ كەتتى،ھېكمەت تىلفۇننى ئالغاندا گۈلزىبامۇ ئويغانغان ئىدى.
-ھېكمەت ، گۈلشەننىڭقورسىقى ئاغرىپ كىتپباردۇ،ئۇ بولاممايلا قالدى،-ھېكمەتنىڭ ئانىسىنىڭ تەلەپپۇزىيتولمۇ جىددي ئېدى.
بىلدىم،مەن ھازىرلا باراي.-دېدى ھېكمەت.
تىلفۇندىن ھەممىنى ئاڭلىغان گۈلزىبا تېخى ئاي-كۈنى ئەمەستىغۇ دەپ ھېكمەتكە قاردى.
نىمە ئىش بولدىكىن مەن ھازىرلا  باراي،سىز ئەتىگەنلىككە ئۇچقۇنئاي ئويغانغاندا ئېلىپ بارارسىز ،-دېدى دە ماشىنا بىلەن چوڭئۆيگە قاراپ ماڭدى.
سىلەر گۈلشەننىڭئائىلسىدىكلەرغۇ دەيمەن،دوختۇر سىلەر بىلەن كۆرۈشمەكچىكەن ،-دېدى سىستىراقىز.كېچىدىن ئۇخلىمغان ھېكمەتنىڭ ئانىسى بىلەن دادىسى كۆزلىرى ئىششىپ،قاپاقلىرى ساڭگىلغان ھالدا ھېكمەتكە سەن بېرىپ كەلگىن دىگەندەك قاراشتى.
بىمارنىڭ ئەھۋالىسەل خەتەرلىك،بىمارنىڭ تىنى ئۇزۇن مەزگىل ئاجىز ھالەتتە تۇرغاچقا بۆرەكزەئىپلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەچكە بالا مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇلۇش باسقۇچىغا كەپقالغان، ھەم ۋاختىدا ئەگەلمىگنىڭلا ئۈچۈن پەقەت ئانىنى ياكى بالنىلا ساقلاپ قېلىشقابولىدۇ. گۈلشەننىڭ خازان بولغان ھاياتىنىڭ قايتا بىخلىنىشىنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۇنارىسىدىنىڭمۇ گۈلشەنگە بۇنداق تەقدىرنى ئەپ كەلگەنلىكنى بىلگەن ھېكمەت جايىداقېتىپ تۇرۇپلا قالدى.
گۈلشەن ھوشىغاكەلگەن ئىدى،ئۇ ھوشىغا كىلىپلا ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكنى سەزگەنئىدى،شۇڭا ھېكمەت بىلەن كۈرشىدىغانلىقىنى دەپ چىڭ تۇرۋالدى،ئىلاج قىلاممىغاندوختۇر ،سىستىرالار گۈلشەننى ھېكمەت بىلەن كۆرۈشتۈردى، گۈلشەن ھېكمەتنىڭ قولىغاچىڭ ئىسلىپ ،بالام !بالام! دىمەكتە ئىدى،ئۇ تەستە ،بالامنى قۇتقۇزۋېلىڭلار،مىنىڭبالام!- دىيەلدى،دىمەك بۇ پەرىشتە سۈپەت ئانا ئۈزىنىڭ ھاياتىغا يۈرەك پارىسنىڭھاياتىنى تىگىشدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتاتتى،ھېكمەتنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى،قانداقتۇر گۈلشەن ھېكمەتنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالغان ھالدا ھېكمەتنىڭ كۆزلىرىگە تويماي قاراپچىقتى، ھېكمەتكە بۇ كۆزلەر تۇنۇشتەكلا بىلىنسىمۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك گۇڭگا ئىدى.دوختۇرمۇ گۈلشەننىڭ دىگەنلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن گۈلشەننى ئوپراتسىيەئۈيىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى.
تۇيۇقسىزئوپراتسىيەخانىدىن بوۋاقنىڭ قىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بۇ ئاۋاز شۇنداقچىڭ، تىترەڭگۈ ئىدى، بەلكىم بۇۋاق خۇدادىن ئانىسىنىڭ ،دادىسىنىڭ دۇنيالىقدا بىلىپ –بىلمەيقىلىپ قويغان خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈشنى ئۈتۈنۈپ يىغلاۋاتقان ۋە ياكى ئۆزنىڭھاياتىنىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپاتى بەدىلگە كەلگىنگە ئېچنىپ يىغلاۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.
نىمە؟!ئۆيدىنچىق؟! ئۆيدىن سەن چىقىپ قالاسەنمىكى!
خەمىت گۈلقىزنىڭبۇ گىپنىڭ تېگە يىتەلمەي قالدى،ھەم ئادەتتە ۋاي خەمىتكا دەيدىغان گۈلقىزغا بۇيۈرەكنىڭ نەدىن كەلگەنلىكنى بىلەلمەي قالدى.
نىمە دەيسەن؟ ئۆزۈمنىڭ ئۆيدىن چىقامدىم؟
ھا ھا……ئۆزەمنىڭ ئۆيى؟!بۇ ئۆي گۈلشەننىڭ ئۆيى ئىدى،ئەمدى مىنىڭ بولدى،قارا،كۆزەڭنى ئوبدان ئېچىپقارا!-گۈلقىز سومكىسىدىن بىر نەچچە پارچە ۋاراقچىنى خەمىتنىڭ ئالدىغائاتتى،خەمىتنىڭ مەسلىكتىن خۇمالىشىپ كەتكەن كۆزلىرى قانداقتۇر،-مەنكى خەمىت مەخسۇت، ئايالىم چەتئەلدە تۇرۋاتقاچقا ئايالىمنىڭ ھاۋالىسى، ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ كىڭشىشى بىلەن  بۇ ئۆينى گۈلقىز سەمەتكە ئىككى يۈز ئەللىك مىڭ يۈئەنگە ساتتۇق، ئايالىم چەت ئەلدە بولغاچقا مەن ۋاكالىتەن توختامغا قول قۇيدۇم، ئىسپات ئۈچۈن ئايالىمنىڭ ئىككىنجى ئەۋلاد كىملىكى، بىزنىڭ توي خېتىمىز ، ئۆي سېتىۋېلىش ئىسپاتى قاتارلىقلارنى بىز گۈلقىز سەمەتكە تەمىنلىگەن،مۇناسۋەتلىك ئۇرۇنلار ۋاقىپ بولغايسىلەر،سودا مۇناسۋېتىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە بىز ئۆزىمىز ئىگە.
ھەربىرئىسىمدا، ئىسپاتنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسدا خەمىتنىڭ بارماق ئىزى تۇراتتى،خەمىتنىڭ ھاراقنىڭ دەستىدىن قاپاقتەك بوپ كەتكەن بېشى پىررىدە چۆرگىلەپ كەتتى.
ھە،ئېنىق كۆرگەنسە،كۆرۈپ قوي، ئۆي ھازىر مىنىڭ،مانا بۇ ئۆي خېتى،مانا بۇ توختام.ساقچى چاقىرايمۇ يە سەنئۆزەڭ چىقىپ كىتەمسە؟!
خەمىت گۈلقىزنىڭھەرخىل تەھدىتلىرىدىن ئۆيدىن چىقىشقا مەجبۇر بولدى، مەسلىك ئۇنىڭ ئىسىنى يۇقاتتىمۇياكى نەرسە كىرەكلەرنىڭ لازىمى يوق دەپ ئويلىدىمۇ ئۆيدىكى سەرەمجان ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ گېپىنىمۇ قىلماي ، ئايغىنىمۇ كېيمەي چىقىپ كەتتى.
مانا ئۇ گۈلشەن ئۆيدىن قېچىپ چىققان قەھىرتان سوغۇق كىچىدە ماڭغان كوچىلاردا ماڭماقتا، يالاڭ ئاياق ماڭماقتا، دەلدەڭشىپ ماڭماقتا، يولدىن ئۆتكەنلەر ئۇنىڭدىن نېرى قاچماقتا، ھەتتابەزىلەر:《ئىسىت ساڭا، ئائىلەڭ ،باللىرىڭ بادۇ》دېيشەتتى. ئۇمەسچىلىكتە نەگە بېرىشنى ،نەدە تۇرۇشنى بىلمەيىتتى،لىكىن بەزىلەر ئېسىنى يۇقاتقانكىشىمۇ نىمە دىيشىپمۇ قالدى.بۇنىمۇ يوق دىگلى بولمايىتتى، بۈگۈن سەھەر گۈلشەنخەمىتنىڭ زۇلۇمى سەۋەبىدىن ئۆز يۈرەك پارىسنىڭ يۇزىنىمۇ كۆرەلمەي بۇ دۇنيا بىلەنۋىدالاشقان كۈن ئىدى ،بەلكىم گۈلشەننىڭ قىساسى تۇتقان بولشىمۇ مومكىن،ئىشقىلىپ خەمىت نورمالدەك كۈرنمەيىتتى، ئۇنىڭ نەگە بېرىپ ، نەدە تۇرشىنى ئۇ ئۆزى، ھېچكىم بىلمەسلىكى مومكىن ئىدى.


داۋامى داۋاملىق يازما شەكىلدە يوللىندۇ


uyghuray

0

تېما

20

دوست

121

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   40.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  65280
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-1 18:08:36 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسلى بۇنى ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىغان بولسا تەسىرى زور بولغۇدەك ئىكەن

11

تېما

0

دوست

593

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   18.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  65680
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-6 13:17:11 |ئايرىم كۆرۈش
aramgul يوللىغان ۋاقتى  2016-5-1 18:08
ئەسلى بۇنى ئاۋازغا ئېلىپ تەييارلىغان بولسا تەسىرى زور  ...

رەھمەت!
ئۇنداق ئۇرۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىغاچقا باشقىلارنىڭ ياردىمگە تايىندىغان گەپكەن ،بۇلارنىڭمۇ ئامالى بولۇپ قالا.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )