ئېتبارغائېلىنمىغان سۆيگۈ
(ھىكايە)
نۇرمۇھەممەد ئاروپ ئوششاق داۋامى
ھېكمەتنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆيىدىكى خۇشاللىق كۈلكىللىرى گۈلشەننىڭ ھاياتى بىلەن تەڭ ئاخىرلاشتىمۇ قانداق گۈلشەننىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى تۈگگەندىن كىيىنمۇ بىر مەزگىلبۇ ئائىلدە ئۇچقۇنئاينىڭ بۇرۇنقىدەك غۇبارسىز ،ساددىلىق تۈكۈلۈپ تۇردىغان تاتلىقگەپلىرىگە يۇغۇرۇلغان شاتلىق كۈلكىللىرىمۇ توختىغان ئىدى.پەقەت تۇغۇلۇپ باشقابوۋاقلارغا ئوخشاش ئۆز ئانىسىنىڭ ئىسسىق سۈتىنى قوۋزى توشقىچە سۈمۈرۈپ ئوغۇزسۈتىگە قانمىغان گۈلشەننىڭ يۈرەك پارىسنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بۇئائىلدىكلەر گۈلشەنگە پەقەت قىيمىدمۇ ياكى گۈلشەننىڭ يۈرەك پارىسنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭكىملىكنىمۇ بىلمەي ئۈتۈپ كىتىدىغانلىقغا ئىچى سىيرىلدىمۇ ھەممىسى شۇنداق قايغۇغۇچۈمگەن ئىدى. بىچارە قىزىمقانداق ئىسىملارنى ئويلاپ قويغان بولغىيىتتى،ئۆزى ھايات بولغان بولسا ئۆزىتاللىغان ئىسىمنى قۇيىۋالار ئىدى.-ھېكمەتنىڭ ئانىسىى بۇ گەپلەرنى دېگەندەكۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ تۇراتتى. بولدى قىلىڭلائانىسى،ئەجەل دىگەن خۇدانىڭ ئىلكىدىكى ئىش ئىكەن،بۇنىڭغا ئىنسان ئامالقىلاممايدىكەن،بىز بولساقمۇ بۇ ئوغلىمىزغا ئوبدان ئىسىمنى قۇيۇپ ياخشى تەربىيلەپقاتارغا قوشۇپ خۇدانى رازى قىلساق گۈلشەن قىزىممۇ بىزدىن مەمنۇن بولىدۇ.-دېدىھېكمەتنىڭ دادىسى كۆزلىرىدىكى ياشنى يۇشۇرۇپ. مانا رۇشەنگۈلنىڭ قېرىق نەزىرسىنمۇ ئۇزتۇپ بولۇشتى،كېلىن- قېيىنئانا ئىككەيلەن گۈلشەننىڭ ھوجىرسىنىيىغىشتۇرۇپ نەرسە كىرەكلىرىنى رەتلەۋاتاتتى،تۇيۇقسىز گۈلزىبانىڭ كۆزى ئىشكاپنىڭ بۇلۇڭىدىكى بىر خاتىرىگە چۈشتى.گۈلزىبا دەرھال ئېلىپ ئېچىپ بېقىشنى ئويلىدىيۇبىراق نىمە ئۈچۈندۈر قېيىن ئانىسغا ئۇقتۇرماي ئېلىپ سومكىسغا سېلىپ قويدى. ئەتىسى گۈلزىباخاتىرنى ئىشخانسىغا ئېلىپ باردى دە خاتىرنىڭ گۈلشەننىڭ كۈندىلىك خاتىرسىئىكەنلىكنى بايقىدى،دە :بىچارە ئىچدىكىدەرت-ھەسرەتلىرىنى مۇشۇنىڭغا تۈكۈپ ئىچنى بوشتۇپ كەپتۇدە،مەنمۇ تۈزۈك ھالىغا يىتەلمىگەندىم .-دەپ قويدى. بۈگۈن مەن ئۈچۈنئالەمچە خۇشاللىق كۈن بولدى،ئالى مەكتەپ ھاياتىم ئاخىرلىشىپ جەميەتكە،تۇرمۇشقاچىققاندىن بۇيانقى ئون يىل ئىچىدىكى تۇنجى قەلبىم شادلىققا تولغان كۈن ،چۈنكى مەنئانا بولىدىغان بولدۇم،خۇدا مەندەك مەزلۇم بەندىسنى تېخى ياخشى كۈرىدىكەن،مىنىڭ تىلەكلىرىم يىتىپتۇ،بۇ يۈرەك پارەمنى ساق-سالامەت يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۋالسامئۇنى چۇقۇم ياخشى تەربىيەلەيمەن،چۇقۇم ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ بەخىتلىك چوڭقىلىمەن.
گۈلزىبا بۇ قۇرلانى ئوقۇۋاتقاندا كۆزلىرىگە لىق ياش تولدى دە يەنە بىر بەتنى ئاچتى. بۈگۈن بۇ قوزامگۈلچىنئاي دىگەن كەپسىزنىڭ ئەركىلەپ سىزنىڭ بالىڭىز يۇۋاشكەن دىگەن گەپلىرىنىئاڭلاپ راس دەپ قالدىمۇ قورسىقىمغا تېپىپ زادىلا ئارام بەرمىدى، ئەگەر دادىسىھېكمەتتەك ياخشى بولغان بولسا ،مۇشۇنداق چاغلاردا قورسىقىمغا يۈزىنى يېقىپبالىمىزنىڭ تىپچەكلىگىننى بىلگەن بولسا،ياكى بالىمىز قورسىقىمغا تېپىۋاتىدۇ دەپقويسام مەن ئەدەپلەپ قۇياي دەپ قورسقىمغا يۈزىنى يېقىپ :قوزامئاپاڭ دىگەن ئەسكى،داداڭنى دائىم بوزەك قىلىدۇ،داداڭ ئاپاڭنىڭ ئەدىپنى بىرىشكەجۈرئەت قىلاممايدۇ،سەن بولساڭمۇ مەن تەرەپتە تۇرۇپسەن،بەك تەپ ،كۈچەپ تەپ دىسە.ئاھ!نىملەرنىدەپ كەتتىم،《مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق 》دىگەندەك ماڭا نەدە نىسىپ بوپتۇ بۇنداق ئەر،بۇنىداق مىھىر-مۇھەببەتلىك قىلىقلارنى ھېكمەتلا قىلالايدۇ،ھەي گۈلشەن ،ئەخمەق گۈلشەن ،ئەينى ۋاقىتتا ھېكمەتنىڭ مۇھەببىتىنى ئىتبارسىز قالدۇرمىغان بولساڭ بۇنداقبەخىتلىك تۇرمۇش سىنىڭ خىيالىڭ بولوپ قالماس ئىدى.ياق ،ياق بۇلارنى ئويلىسامبولمايدۇ،نىملەرنى خىيال قىپ كەتتىم ،ئىھ خۇدا ئاشۇنداق خىياللاردىن ئۈزۈڭساقلىغىن. گۈلزىبا 《ئەينىۋاقىتتا ھېكمەتنىڭ مۇھەببىتنى ئىتبارسىز قالدۇرمىغان بولسام》،《بۇنداق مۇھەببەتلىكقىلىقلارنى ھېكمەتلا قىلالايدۇ》 دىگەن قۇرلارنى قايتا -قايتا ئوقۇپچىقتى، كۆزلىرىدىن ھەيرانلىق چاقنىسا،قەلبىدە ئاياللارغا خاس كۈنلەش پىسخىكىسىشەكىللىنىشكە باشلىدى دە خاتىرنى تىز-تىز ۋاراقلاشقا باشلىدى،ھەمدە ھېكمەتكەمۇناسۋەتلىك بەتلەردە توختىدى. ئەتە بولسايەكشەنبە ، ئۇچقۇنئايلار كىلەمۇ،ياق ،مەن يۈركۈمنى ئالدىياممايمەن ، يۈركۈم بولساھېكمەتلەر كىلەمۇ دەپ ئۆز -ئۆزىگە سوئال تاشلىماقتا ،نىمە ئۈچۈندۇر بۇ يۈركۈميېقىندىن بۇيان ھېكمەت،ھېكمەت دەپلا سوقىدغان بوپ قالغاندەك ھىس قىلاتتىم،لىكىنيەنىلا بۇنداق سوقماسلىققا نەسھەت قىلىمەن ،ياراتقان ئىگەمدىن بۇنداق بوپ قېلىشتىنپاناھ تىلەيمەن.لىكىن يەنىلا قانداقتۇر ھېكمەتلەر كەلگەندە ئۇنىڭ مىھرىبانكۆزلىرى،ئانىسى،دادىسنى قۇچاقلاپ كۈرۈشۈشلىرى ماڭا ھېكمەتنى مۇھەببەت تۈكۈلۈپ تۇردىغان دەرەختەك تۇيغۇغا ئەكىلىپ قۇياتتى.ئۇ ھەر قېتىم كەلگەندە ئۇنىڭغا تويمايقارىۋالىمەن،لىكىن ئۇ ھېچ نەرسىدىن خەۋەرسىز،شۇڭىلاشقىمىكىن مەن ئۇنىڭغا تويمايقارىيالايمەن ،يۇشۇرۇن كۆيۈك ئوتىنىڭ بۇنچىلىق تاتلىق ھسياتلارغا تولدىغانلىقىنىتۇنجى قېتىم ھىس قىلماقتىمەن،خەمىت بىلەن يۈرگەن ۋاقىتلاردا گەرچە ھەرخىل مۇھەببەتئىزھارلىرى كۈندە دىگۈدەك،ھەتتا بىر كۈندە بىر نەچچە قېتىم بولوپ تۇرسىمۇمۇھەببەتتە بۇنداق تۇيغۇلارنىڭ بارلىقنى بىلمەپتىكەنمەن. ھېكمەت ،سىزمۇ تولۇقئوتتۇرا ۋاختىمىزدا مەن ھازىر سىزگە قارىغاندەك قارىغان، مۇھەببەتنىڭ ئەڭ تاتلىقھىس تۇيغۇلىرىنى ھىس قىلغان بولغىيمىتىڭىز!؟.ئەستەغفىرۇللاھ،مەننىملەرنى ئويلاپ كەتتىم ،ئەي مىھرىبان ئىگەم ئۆزۈڭ بالامنى خاتىرجەم بۇ دۇنياغاكۆز ئاچقىلى نىسىپ قىلغان، مىنى يامان خىياللاردىن ساقلىغىن.
گۈلزىبانىڭ كۆزجىيەكلىرى قىزرىپ كەتتى، ئىچىدە قانداقتۇر گۈلشەننىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى تىزراق بىلىشكە ئىنتىلسەيەنە بىر تەرەپتىن ئىچى ئاچچىق بولماقتائىدى، كاللىسدا قانداقتۇر چىگىش خىياللار ئەكىس ئەتمەكتە. ئەجىبا بۇگۈلشەننىڭ ماڭا ئېيىتقانلىرى راسمىدۇ،راسلا گۈلشەن ئېيىتقاندەك بۇ شەھەرگە ئېرىگەئەگىشىپ كەلگەنمىدۇ ،نىمە ئۈچۈن دەل ھېكمەتكە ئۇچراپ قالىدۇ، ئۇ نىمە ئۈچۈن گۈلشەننىدوختۇرغا ئەكىلىدۇ؟! مىنىڭ ئالدىمدا بىرەقېتىم ئېرىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان ئىدى، ئېرىگە راسىتلا مىھرى قالمىغانمىدۇ ياكىئېرى يوقمىدۇ؟! -گۈلزىبانىڭ خىيالىدىن باش-ئاخىرى يوق سوئاللار تۈكۈلۈشكە باشلىدى.لىكىن ،ياق ،ياق،نىملەرنى ئويلاپ كەتتىم،ھېكمەت ئۇنداق ئادەم ئەمەس،گۈلشەننىڭ ماڭا ئەينى ۋاقىتتائېيىتقانلىرى راسىت، ئۇ ھەقىقەتەن تۇرمۇشتا بەخىتسىز بولغان بىر مەزلۇم. گۈلزىبانىڭ بۇنداق تەسەللىلرى قانداقتۇر ئاياللارغا خاس گۇمانىلىرىغا تولۇق چۈشەنچەبىرەلمىگەن، كۆڭلىنى تىندۇرالمىغان ئىدى.
گۈلزىباخاتىرنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا ئوقۇشقا باشلىدى. داۋامى داۋاملىق يازما شەكىلدە يوللىندۇ |