- تىزىملاتقان
- 2011-8-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9926
- نادىر
- 0
- يازما
- 282
ئۆسۈش
98.52%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
نىمە ئۈچۈن خۇشاللىقمىز تۇتۇپ قالسا ياكى خاپىلىقىمىز تۇتۇپ قالسا اللە دەيمىز ؟
نىمە ئۈچۈن ھەر كۈنى بەش ۋاق ناماز ئۇقيمىز ؟
نىمە ئۈچۈن ھەر يىلى بىر ئاي رۇزا تۇتىمىز ؟
باي بۇلۇپ قالساق پول مىلىمىزدىن زاكات ئايرىپ ئۇ زاكاتنى نامرات-يۇقسۇللارغا بىرىىشمىز نىمە ئۈچۈن ؟
ھەج قىلشىمىز نىمە ئۈچۈن ؟
قۇربانلىق قىلشىمىز نىمە ئۈچۈن ؟
دوس بۇرادەر - ئۇرۇق تۇققانلىرمىزدىن بىرەرسى خاپىلىق تارتىپ قالسا ياكى ئاغرىق ىسلاق بۇلۇپ قالسا
ئۇلارغا تەسەللى بىرىش -ئىقتىساد لازىم بولسا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بىرىشتەك ئىشلارنى قىلشىمز نىمە ئۈچۈن؟
قۇربان ھىيىت - رۇزا ھىيىت نامىزى ئۇقۇشىمىز نىمە ئۈچۈن ؟
باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلقىتىن تۇسشىمىز نىمە ئۈچۈن ؟
يەنە...........................نىمە ئۈچۈن ؟
جاۋاپ . خۇشاللىقمىز تۇتۇپ قالسا ياكى خاپىلىقىمىز تۇتۇپ قالسا اللە دىيشىمىز ، ھەر كۇنى بەش ۋاق ناماز ئۇقۇشىمىز .ھەر يىلى بىر ئاي رۇزا تۇتۇشىمىز ، زاكات بىرشىمىز ، ھەج قىلشىمىز ، قۇربانلىق قىلشىمىز ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشمىز پەقەت -پەقەتلام اللەنىڭ رازىلىققىغا ئىرىشىپ جەننەتكە كىرشمىز ئۈچۈن . ............................يەنە ئىچمىزدىن بىرەرسى تۇيۇقسىز قازا قىلسا ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي دەيمىز . بۇ دەۋاتقان جەننەت قانداق جاي؟ جەننەتنىڭ ئىچىدە زادى نىمىلەر بار ؟
بۇلارنى بىلگىڭىز بولسا تۈۋەندىكى جەننەت توغرىسىدىكى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۇقۇپ- مۇلاھىزە قىلىپ بىقىڭ!
(ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار جەننەتنىڭ بىرەر مېۋىسىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان چاغدا: «بۇنىڭ بىلەن بۇرۇن (دۇنيادىمۇ) رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا كۆرۈنۈشى دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە ئوخشايدىغان، تەمى ئوخشىمايدىغان مېۋىلەر بېرىلىدۇ. جەننەتلەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر (يەنى ھۈرلەر) بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ.(سۈرە بەقەرە25- ئايەت)
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىگە داخىل قىلىمىز.(57) (سۈرە نىسا 57-ئايەت)
شۈبھىسىزكى، اﷲ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن خالىغىنىنى قىلىدۇ(يەنى خالىغان ئادەمگە ساۋاب بېرىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ).(14)
اﷲ ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەزۈكلەرنى ۋە مەرۋايىتلارنى زىننەت بويۇنلىرى قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.(23)
ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە ئېسىل رىزىققا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ.(50)
(سۈرە ھەج 14-23-50-ئايەتلەر)
تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە-پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ .(15) (سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەت)
اﷲ مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. (ئۇلار ئېرىشىدىغان) اﷲ نىڭ رازىلىقى (جەننەت نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن) كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر.(72) اﷲ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر.(89) (سۈرە تەۋبە 72-89-ئايەتلەر)
تەقۋادارلارغا(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ مېۋىلىرى تۈگىمەيدۇ، ھەمىشە سايە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئەنە شۇ تەقۋادارلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايىدۇر؛كاپىرلارنىڭ ئاقىۋەت بارىدىغان جايى دوزاختۇر.(35) (سۈرە رەئىد 35-ئايەت)
ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار)ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان ئەدنى جەننەتلىرىگە كىرىدۇ، ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆڭلى خالىغان نەرسىلەر تېپىلىدۇ، اﷲ تەقۋادارلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايدۇ.(31) (سۈرە نەھىل 31-ئايەت)
ئەنە شۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ. (ئالتۇن ۋە ئېسىل رەختلەر بىلەن قاپلانغان) تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي(31) (سۈرە كەھف 31-ئايەت)
ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن-ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك-ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ .(62) (سۈرە مەريەم 62-ئايەت)
ئەگەر سىلەر اﷲ نى ۋە اﷲ نىڭ پەيغەمبىرىنى، ئاخىرەت يۇرتىنى ئىختىيار قىلساڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىكى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا چوڭ ساۋابنى (يەنى كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان ۋە ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلمىگەن نازۇ نېمەتلەر بار جەننەتنى) تەييار قىلدى» .(29) (سۈرە ئەھزاپ 29-ئايەت)
سايە بىلەن ئىسسىق (يەنى جەننەت بىلەن دوزاخ) باراۋەر بولمايدۇ.(21) ئۇلار ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى، مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ.(33) (سۈرە فاتىر 21-33-ئايەتلەر)
ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىلىرى (جەننەتلەرنىڭ) سايىلىرى ئاستىدا تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ.(56) ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (ئۇلارنىڭ) كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ.(57) (سۈرە-ياسىن 56-57-ئايەتلەر)
ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، نۇرغۇن شارابلارنى تەلەپ قىلىپ (ئەكەلدۈرۈپ) تۇرىدۇ.(51) (سۈرە ساد 51-ئايەت)
(ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال-خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ).(70)
ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراب) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر.(71)
سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر.(72) جەننەتتە نۇرغۇن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر.(73)(سۈرە زۇخرۇف 70-71-72-73- ئايەتلەر)
ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكلەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مېۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ.(55)ئۇلار ئىلگىرىكى (يەنى دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، اﷲ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ.(56) (سۈرە دۇخان 55-56-ئايەتلەر)
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.(سۈرە قەمەر 54-ئايەت)پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ (ھېساب بېرىشتىن) قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار.(46) ئۇ ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر بار.(48) ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار.(50) ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار.(52) ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ، ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىسى (تۇرغان، ئولتۇرغان، ياتقان ئادەممۇ ئۈزەلەيدىغان دەرىجىدە) يېقىندۇر.(54) ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان، ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن ھېچ ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان خوتۇنلار بار.(56) ئۇ ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنرەك ئىككى جەننەت بار.(62) ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر.(64) ئۇ ئىككى جەننەتتە قايناپ چىقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار.(66) ئۇ ئىككى جەننەتتە مېۋىلەر، خورمىلار ۋە ئانارلار بار.(68) ئۇ جەننەتلەردە چىرايلىق خوتۇنلار بار.(70) ئۇلار (جەننەتنىڭ) چېدىرلىرىدا مەستۇرە ھۈرلەردۇر.(72) (سۈرە رەھمان 46-48-50-52-54-56-62-64-66-68-70-72-ئايەتلەر)
ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ.(13) جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ.(14) ئۇلار يەنە جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جام بىلەن (يەنى جامدىكى مەي بىلەن) سۇغىرىلىدۇ.(17) جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار.(18) . (سۈرە ئىنسان 13-14-17-18-ئايەتلەر)
ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) جەننەتتە يالغان سۆز، بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ.(سۈرە نەبە 35-ئايەت)
ياخشىلار نېمەت ئىچىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ.(22) ئۇلار(يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىن-مۇسۇلمانلار) تەختلەر ئۈستىدە تۇرۇپ (اﷲ نىڭ جەننەتتە ئۇلارغا بەرگەن تۈرلۈك نېمەتلىرىگە) قارايدۇ.(23) تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن اﷲ نىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ.(28)
(سۈرە مۇتەففىفىن 22-23-28-ئايەتلەر)
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر.(بۇرۇج سۈرىسى 11-ئايەت)
ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. اﷲ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ اﷲ دىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ.(بەيينە سۈرىسى 8 ئايەت)
مەنبە مەن . |
|