ئەسلى تېما: رۇسىيە نېمىشقا جۇڭگونىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلمايدۇ
خوجا ھاشىم تەرجىمىسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلاشماقتا. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىرىنىڭ يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
لېكىن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ تەبىئىيلا مەزكۇر رايوندىكى ئەنئەنىۋى كۈچ بولغان رۇسىيە بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولماي قالمايدۇ. سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇغراپىيەلىك رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مەزكۇر رايونغا بولغان كۈچلۈك تەسىرىنى داۋاملىق ساقلاپ تۇرماقتا.
جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ كۈچ تەسىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت ئارقا ھويلىسىغا سىڭىپ كىرىشىنى ئەسلا قارشى ئالمىسىمۇ، ئەمما جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ۋە خەلقئارالىق مۇھىت رۇسىيەنىڭ بىۋاسىتە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن توقۇنۇشماسلىقى كېرەكلىكىنى تەقەززا قىلماقتا. ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەنئەنىۋى خوجا ئاكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رۇسىيە ئەسلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنى جۇڭگو بىلەن ئارىلىق ساقلاشقا مەجبۇرلىسا بولاتتى. رۇسىيەنى بۇنداق قىلمىدى دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما ھازىرغا قەدەر يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى پىلانى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشمەكتە. ئەھۋالدىن قارىغاندا، رۇسىيە بۇ ئىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرىدىغاندەك ئەمەس.
رۇسىيە نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ؟ تۆۋەندە بىز بۇ ھەقتە قىسقىچە ئانالىز ئېلىپ بارىمىز.
ئاۋۋال تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى، گەرچە رۇسىيە ھەرقانچە ئەندىشە قىلسىمۇ، بۇ ئىشتا يەنىلا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پوزىتسىيەسى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ كۈچ دائىرىسى ئىچىدە بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەنىڭ مەزكۇر رايۇنغا بولغان كونتروللىقى ئەلۋەتتە سوۋېتلەر دەۋرىدىن ئاسمان-زېمن پەرقلىنىدۇ.ھالبۇكى يىپەك يولى پىلانى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر رۇسىيە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ ئەللەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. شەرقىي ياۋروپا چوڭ ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ياۋروپادىكى تەسىر دائىرىسى زور دەرىجىدە تارىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت ئارقا ھويلىسىنىلا ساقلاپ قالالىدى. ئەگەر رۇسىيە يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانى نارازى قىلىپ قويسا، تولىمۇ ئېغىر بىر ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ رۇسىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشتىكى يەنە بىر ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
بىز ئىلگىرىكى تەھلىللىرىمىزدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سىياسىي جۇغراپىيە قۇرۇلمىسى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. ئىپتىدائىي دېھقانچىلىق دەۋرلىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇڭگو، ياۋروپا، ئىسلامدىن ئىبارەت رايون كۈچلىرىنىڭ مەركىزىدىن يىراق گىرۋەكلىرىگە جايلىشىشى ھەمدە جۇغراپىيەلىك مۇھىتىنىڭ ناچار، قولايسىز بولۇشى ئۇنى ھەر قايسى تەرەپ كۈچلىرىنىڭ بېقىندىلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تالىشىش ئوبىيېكتى بولۇپ كەلدى. ئەمما دەل يەنە مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھېچبىر تەرەپ بۇ رايۇندا مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرالمىدى.
سانائەت دەۋرى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ يەرشارىغا بولغان ئېچىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، شىمالىي ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ ئەسلى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا بەك ماس كېلىپ كەتمەيدىغان رايونمۇ رۇسىيە تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە ئېچىلىشقا باشلىدى. گەرچە زىيادە سوغۇق كىلىمات سەۋەبىدىن شىمالىي ئاسىيانىڭ ئۇمۇمىي ئېچىلىش دەرىجىسى يەنىلا تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا، ئۇرال تاغلىرىنىڭ شەرقىدىكى تۈزلەڭلىكلەردە، رۇسىيە يەنىلا يېكاتىنبۇرگنى مەركەز قىلغان سېبىرىيە يادرولۇق رايونى-ئۇرال سانائەت رايونىنى بەرپا قىلالىدى.
ئۇرال سانائەت رايونىنى ئۇل ئاساس قىلىپ، تاشيول، تۆمۈر يول، ئاۋىئاتسىيەدىن ئىبارەت سانائەت دەۋرىچە قاتناش ئەسلىھەلىرىگە تايىنىپ، رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىش ئەزۋەللىكلىرىگە ئېرىشتى.
يېقىنقى نەچچە يۈز يىللىق دەۋر مابەينىدە، ئامېرىكا ياۋروپانىڭ جۇغراپىيىلىك يىراقلىقى، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك ھالسىزلىنىشى ۋە سىياسىيدىكى زىيادە بۆلۈنمىچىلىكى، جۇڭگونىڭ مەركىزى رايونلىرىنىڭ شەرقىي ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا،شەرقىي قىسمىغا جايلىشىشى، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىشتە يېتەرلىك ئىمكانىيىتى بېرەلمىدى. پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئۇزۇن كەتكەن توسالغۇسىز چېگراغا ئىگە بولغان،ھەم ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىگە ئىگە بولغان رۇسىيە(بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇرال سانائەت رايونى بىلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل قارىشىپ تۇرىشى) بۇ بىر قاتار ئەۋزەللىكلىرى تۈپەيلى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئالقىنىغا كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىدى.
ئەمما بۇ يەردە يەنە بىر يوچۇقمۇ مەۋجۇت. رۇسىيەنىڭ بۇ خىل ئەۋزەللىكلىرىمۇ مۇستەھكەم ئەمەس. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇرال سانائەت رايونىنىڭ كۈچى ئۇمۇمىي جەھەتتىن چەكلىمىلىككە ئىگە. گەرچە جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەت جەھەتتىن رۇسىيە باشقا كۈچلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر قەدەر قويۇق بولسىمۇ، ئەمما باشقا مۇتلەق تەرەپلەردىن قارىغاندا، ئىككىسى ئارىسىدا يەنىلا نۇرغۇن ئارىلىق مەۋجۇت. پەقەتلا ئوتتۇرا ئاسىيا ھەر جەھەتلەردىن بىر قەدەر بېكىنمە بولغاچقا، باشقا ئاساسلىق مەدەنىيەت سېستىمىلىرى كۈچلىرى كەچ كۆلەملىك ھالدا كىرەلمىگەچكە،مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، رىقابەتچىسى كەمچىل بولغان ئەھۋالدا، رۇسىيەنىڭ ئەۋزەللىكلىرى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىككە ئىگە بولغان.
ئەمما دەل يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان رايون قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلدى. جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، دۇنيادىكى ئامېرىكىنىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. ئەكسىچە، رۇسىيە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىنلا بارا-بارا پاتقاققا پېتىپ، سانائەت سەۋىيەسىمۇ يېقىلىش خارەكتېرلىك چېكىنىشكە دۇچ كەلدى. بىر تەرەپنىڭ كۈچىيىپ، يەنە بىر تەرەپنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن ئىبارەت بۇ خىل ۋەزىيەت جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان رايون تەسىرىدە روشەن ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى.
جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەتتىن قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇناسىۋىتى رۇسىيەدەك قويۇق بولمىسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنىڭ كۈچىيىشى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ رۇسىيەدىن ئېشىپ كېتىشى، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى يېيىشتۈرۈۋېتىشكە يېتىپ ئاشتى.
جۇڭگو پەن تېخنىكىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەرەققىياتى قاتناش شارائىتلىرىنى ياخشىلاپ، رايۇن مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى ھەمدە جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئالاقىسىنى زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇردى.
يەنە بىر نۇقتا پەۋقۇلئاددە مۇھىم. يەنى جۇڭگو بىلەن روسىيەگە نىسبەتەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىلىك قىممىتى روشەن پەرقكە ئىگە. روسىيەگە نىسبەتەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قىممىتى ئاساسلىقى جۇغراپىيىلىك سىياسىيدا گەۋدىلىنىدۇ. ياۋروپا- ئاسىيا دوقمۇشىدىكى ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنى روسىيەنى شەرقىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. ئەمما جۇڭگوغا نىسبەتەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇھىم جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئەھمىيىتى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە جۇغراپىيەلىك ئىقتىسادىي قىممىتى مەۋجۇت. ئوتتۇرا ئاسىيانى كېسىپ ئۆتىدىغان يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇلۇشى جۇڭگو-ياۋوپا، جۇگگو-ئوتتۇرا شەرقنىڭ قۇرۇقلۇق ئالاقىسىنى زور دەرىجىدە يېقىنلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىگە غايەت زور ئىقتىسادىي قىممەت يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگو رايون سىياسىي ئالاقىسىنى كېڭەيتىش ۋە ساقلاپ قېلىشقا كېتىدىغان ئىقتىسادىي تەننەرخنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ-ھالبۇكى بۇ رۇسىيەنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان بىر ئىش.
يۇقارقى ئۈچ ئامىل رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئەۋزەللىكلىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، جۇڭگونىڭ مەزكۇر رايۇندىكى تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە رۇسىيەنىڭ تاقابىل تۇرىدىغان كۈچلۈك چارىسى يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئەھۋالى جۇڭگونى توسۇس ئارزۇسىنى ئىچكى جەھەتتىن چەكلەپ تۇرماقتا. ئوكرائىنا كىرزىسىنىڭ پارتلىشىغا ئەگىشىپ، روسىيە بىلەن غەربنىڭ سىياسىي قارشىلىقى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقماقتا. قارشىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئىمبارگو ئەسلىلا ھالسىزلىنىپ كەتكەن روسىيەگە نىسبەتەن ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەندەكلا ئىش بولدى. نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى روسىيەنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى تېخىمۇ خاراپ ھالغا ئەكىلىپ قويدى. نېفىت باھاسىنىڭ چۈشىشىنىڭ ماكرولۇق ئارقا كۆرىنىشى بولسا يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى بولۇپ، يېقىن مەزگىدە ئەسلىگە كەلمەيدۇ. ئەمما روسىيە بىلەن غەربنىڭ سىياسىي قارشىلىقى قۇرۇلمىلىققا ئىگە بولۇپ، نېگىزىدىن ھەل قىلىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى: روسىيە كەلگۈسى ئۇزاق مەزگىلدە سىرتقى سىياسىي يېتىملىك، ئىچكى ئىقتىسادىي تۇرغۇنلۇق ھەتتاكى چېكىنىش ۋەزىيىتىگە يۈزلەنمەي ئامالى يوق. سىياسىينى قويۇپ تۇرايلى، ئىقتىسادىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇزاق مۇددەتلىك بۇ كىرزىس ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرلەرنى قانداق پەسەيتىش رۇسىيە ئويلاشمىسا قەتئىي بولمايدىغان بىر ئىش. ئەمما دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى، رۇسىيە ئىقتىسادىنى سىلجىتىشقا پايدىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە پىلانلىنىۋاتقان يىپەك يولى لىنىيەسىنىڭ غەربىي ئاسىيادىن ئۆتۈپ، تۈركىيە ئارقىلىق بالقان يېرىم ئارىلىغا يېتىپ بارىدىغان قىسمى روسىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇرال، موسكۋا ۋە جەنۇبىي روسىيە سانائەت رايونىدىن ئۆتىدىغان شىمالىي لىنىيەسى روسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا نىسبەتەن تولىمۇ پايدىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەلۋەتتە، روسىيەنىڭمۇ ئەندىشىسى يوڭ ئەمەس، ئالدى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيانى تۈگۈن قىلغان شەرقىي، غەربىي يۆنىلىشتىكى ئىقتىسادىي بەلۋاغ ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق غەربىي ئاسىياغا تۇتىشىدىغان جەنۇبىي لىنىيەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، روسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان كونتروللىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئارقىدىن جۇڭگو، ياۋروپا ۋە تۈركىيەلەرنىڭ تەسىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ كېلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىمۇ روسىيەنىڭ تەسىرىدىن ئاجرىشى مۇمكىن. شىمالىي لىنىيەنىڭمۇ نۇرغۇن بۆلىكى ئۆزىنىڭ كونتروللىقىدا بولمىغاچقا، بۇ لىنىيەنىڭ ئۆزىدىمۇ رۇسىيەگە نىسبەتەن نۇرغۇن خەۋپلەر يوشۇرۇنغان. قازاقىستان ئىزچىل كاسپىي دېڭىزنى قارا دېڭىزغا تۇتاشتۇرىدىغان بىر قانال بەرپا قىلىشقا تىرىشماقتا. ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئېشىپلا قالسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋرۇپاغا بارىدىغان توشۇش ئارىلىقى زور دەرىجىدە قىسقىرايدۇ، بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رۇسىيەنىڭ توشۇش يوللىرىغا ئېھتىياجى قالمايدۇ.
مەيلى سىياسىي نۇقتىدىن بولمىسۇن ۋە ياكى نوقۇل ئىقتىسادىي نۇقتىدىن بولمىسۇن جۇڭگو، قازاقىستان ۋە ياۋرۇپانىڭ ھەممىسى بۇ قانالغا تولىمۇ قىزىقىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
يەنە كېلىپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى سېبرىيە تۆمۈر يولى ۋەكىللىكىدىكى ياۋرو-ئاسىيا بىرىنچى قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىگە ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىدۇ.
سېبرىيە تۆمۈر يولى بولسا روسىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تومۇرى. ئەمما بۇ تۆمۈر يول پەقەت روسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىغا نىسبەتەن شۇنچە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نەزىرىمىزنى پۈتۈن ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تىككىنىمىزدە بۇ تومۇرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ھەقىقەنمۇ بەك چەتتە (شىمالدا) بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايمىز.سېبرىيە تۆمۈر يولىنىڭ ئاسراش تەننەرخى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە كېسىپ ئۆتىدىغان رايونلارنىڭ مۇھىتى ناچار بولغاچقا ئىقتىسادىي تۈرتكىلىك رولى يۇقىرى ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى، جۇڭگودىن ئىبارەت ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىلەن مەزكۇر تۆمۈر يول لىىنىيەسىدە خېلىلا ئارىلىق مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇنىڭ جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدىكى رولى تولىمۇ چەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈپ قۇرۇلىدىغان ياۋرو-ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى جۇڭگو-ياۋروپانى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدۇ. ھەم مەزكۇر لىنىيە بويلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيانىڭ تەبىئىي بايلىقلىرى مول، ئېچىش قىيىنلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئالماشتۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ مۇھىمى مەزكۇر لىنىيەنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇمۇمەن، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنىڭ يارىتىدىغان ئۈنۈمى سېبرىيە تۆمۈر يولىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ.
ئەھۋال مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، سېبرىيە تۆمۈر يولى چەتتە قېلىپ قالىدۇ. ئىككىنچى قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقى ئالاقىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇپ قالىدۇ. ھەتتاكى رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ ئامالسىز مۇشۇ لىنىيەگە بېقىنىدۇ. بۇ ئەسلىمۇ كونتروللۇق دەرىجىسى تۆۋەن بولغان شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تېخىمۇ بېكىنمىلىك ۋە چەتتە قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل ھالەت رۇسىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بولغان ئىقتىسادىي كونتروللىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شىمالىي ئاسىيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقۇملىقىغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
گېپىمىزنى خۇلاسىلىسەك،ئەگەر روسىيەنىڭ خىيالىچە بولسا، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغىنىڭ پەيدا بولىشىنى ئۇ ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇمۇمىي جەھەتتىن زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان رېئاللىقى، ۋە ئامېرىكا-ياۋروپانىڭ قەدەممۇ-قەدەم قىستاپ كېلىشى رۇسىيەنى جىددىي قان تولۇقلاشقا مەجبۇر قىلماقتا. رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يىپەك يولى ئىقتىسادىي پىلانىغا گەرچە يىراقتىن ئويلاشقاندا نۇرغۇن خەۋپلەر يوشۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرا، قىسقا ئارىلىق مەزگىلدىن ئېلىپ ئېيتقاندا رۇسىيەگە نىسبەتەن بىر تېپىلغۇسىز دورا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئويلاشقاندا ئاللىقاچان يانچۇقلىرى قۇرۇقدىلىپ قالغان رۇسىيەلىكلەرنىڭ بۇ ۋەسۋەسىنى رەت قىلىشى ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ئىقتىسادىي بەلۋاغنى بەرپا قىلىدىغىنى ئۆزىنى ئەمەلىي قوللاپ، ياردەم بېرەلەيدىغان بىردىنبىر دۆلەت –جۇڭگو.
يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قارشى تۇرۇشى، رېئال مەنپەئەت، ئالدىنى ئېلىشقا ئامالىنىڭ يوقلىقى قاتارلىق ئامىللار رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېھتىياتچان بولىشىنى، ئەمما ئەمەلىي ھەرىكەتكە كەلگەندە يەنىلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىشىشىنى بەلگىلەپ قويغان.
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ ئېھتىياجلىرىدۇر. يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى قۇرۇلۇشىنىڭ جەريانى ئەگرى-بۈگرى بولىشى مۇقەررەر. ئەمما ھېچ بولمىغاندا رۇسىيەنىڭ توسقۇنلىقى بولمىسا، جۇڭگو دۇچ كېلىدىغان خەۋپنىڭ تەڭ يېرىمى يوق بولىدۇ. بىر كۈنلەردە رۇسىيەنىڭ كۈچى ئەسلىگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ چاغقىچە ئىقتىسادىي بەلۋاغ تاماملىنىپ،مۇستەھكەملىنىپ ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىۋاتقان بولىدۇ. ئۇ چاغدا رۇسىيە نارازى بولسىمۇ بەرىبىر ھېچنېمە قىلالمايدۇ.
مەنبە: چوڭ پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى http://www.dacankao.com/thread-57602-1-1.html
بۇ مېنىڭ باغداش تورى ئۈچۈنلا قىلغان تەرجىمەم، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.
|