كوردلار نېمىشقا بۇنچە بىچارە
ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ، ئىراق، سۈرىيە قاتارلىق رايونلار يەنە بىر قېتىم كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىگە كىرىپ كەلدى. دائىش تېرورچىلىرىغا زەربە بېرىشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان كورد مىللى قوراللىلىقلىرىمۇ دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.
تاراتقۇلارنىڭ داغدۇغىلىق تەشۋىقاتلىرى نەتىجىسىدە، ھەممىمىز بۇ ئوتتۇرا شەرق مىللىتى-كوردلارغا نىسبەتەن ئاز تولا چۈشەنچىلەرگە ئېرىشكەن بولدۇق. تۈركىيە، ئىراق، سۈرىيە، ئىران، ئەرمەنىيە قاتارلىق ئەللەر چېگرىلىرىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدىكى ئاتالمىش كوردىستانغا تارقالغان 30 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ قەدىمىي مىللەت يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان ئىزچىل مىللى مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ تېراگېدىيە تۈسى ئالغان بىر مىللەت بولۇپ قالدى.
ئەمما ئىراق ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن كوردلارنىڭ تەقدىرىدە ئازراق بۇرۇلۇش پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئىراق ئۇرۇشى جەريانىدا، كوردلار ئامېرىكا ئارمىيىسىگە پائال ماسلاشتى، ئارقىدىن سادامنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تازىلاش كۈرىشىدە ئالاھىدە رول ئويناپ، ئامېرىكىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىن ئامېرىكا يولغا قويغان بۆلۈپ باشقۇرۇش سىياسىتى ئىراق دۆلىتىگە نىسبەتەن بىر يامانلىق بولسىمۇ، ئەمما مۇستەقىللىققا تەشنا كورد مىللىتىگە نىسبەتەن بۇ بىر خىل خوش خەۋەردىن دېرەك بېرەتتى. نەتىجىدە ئىراق كوردلىرى بۇ ئارقىلىق قىممەتلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشتى.
ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتىن چېكىنىپ چىقىشى بىلەنلا، دائىش قوراللىقلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئىراق ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. ئەمما دائىشقا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، كوردلارنىڭ ھەرىكىتى ھەمىشە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ، بۇ جەرياندا ئۇلار ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە باشلىدى. ئالاھەزەل بۈگۈنگە كەلگەندە، كوردلارنىڭ ئەھۋالى يۈز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ دېسەك قىلچىمۇ مۇبالىغە ھېسابلانمايدىغان بىر ھالغا كەلدى.
مۇشۇنداق تۇرسىمۇ، كوردلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۇلارنىڭ نىشانىدىن يەنىلا تولىمۇ يىراقتا تۇرماقتا. نېمىلا بولمىسۇن ھازىر تېخى پەقەت ئىراق كوردلىرىلا ئاپتونومىيەگە ئېرىشەلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىراق كوردلىرى كورد مىللىتىنىڭ كىچىكلا بىر قىسمى بولۇپ، ئاتالمىش كوردىستاننىڭ زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا تۈركىيە، سۈرىيە ۋە ئىران چېگرىسى ئىچىدە. كوردلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئۇلارنىڭ ھەممىسنى بۆلۈپ ئايرىپ چىقىپ ئاتالمىش كوردىستاننى ۋۇجۇدقا چىقىرىش.
كوردلار مۇستەقىللىقىنىڭ ئۇلارغا بولغان ئەھمىيىتىنى قىسقىچە يىغىنچاقلىساق، ئەگەر كوردىستان قۇرۇلسا، كورد مىللىتى ھەر تەرەپلىك سىياسىي ئىسكەنجىلەردىن قۇتۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كوردلار رايونى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۆگزىسى ھېسابلىنىدىغان ئېگىزلىك ئەۋزەللىكى ۋە ھەرقايسى چوڭ كۈچلەرنىڭ ئارىسىغا جايلىشىشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۆزى ئۈچۈن يېتەرلىك سىياسىي قىممەت ھازىرلىيالايدۇ.
ئەمما راستىنى ئېيتقاندا، بۇ پەقەتلا كورد مىللىتىنىڭ گۈزەل بىر چۈشى خالاس، نېمىلا بولمىسۇن كورد مىللىتىنىڭ كۆلىمى چەكلىك، جايلاشقان رايونلىرىنىڭ ھەممىسى نامرات ئىچكى تاغلىق، ئېگىزلىك رايونلار بولۇپ، ئۇلار مۇستەقىل بولماقچى بولسا كەم دېگەندىمۇ مۇشۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ:
ئالدى بىلەن دۇچ كېلىدىغىنى ھازىرقى رايون ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قارشىلىقى. يەنى تۈركىيە باشچىلىقىدىكى ئىراق، سۈرىيە، ئىران ۋە ئەرمەنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كوردىستان رايونىنىڭ ھازىرقى خوجىلىرى، مەيلى كوردلارنىڭ مۇستەقىللىق داۋالىرى قانچىلىك ئورۇنلۇق بولۇپ كەتسۇن، ئەمما بۇ يەرلەر بۇ دۆلەتلەرنىڭ زېمىنى بولغان ئىكەن، ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ۋاز كەچمەيدۇ ئەلۋەتتە.
ئەلۋەتتە، ئەگەر نوقۇل سىياسىي قاتلاملىق توسالغۇنىلا ئويلىشىدىغان بولساق، كوردلارنىڭ ھالقىش ئېھتىماللىقىمۇ يوق ئەمەس. خۇددىي ھازىرقىدەك، ئىراق، سۈرىيەدىكى كوردلار رايونى ئاللىقاچان مەزكىزى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدن ئاجرىدى. ئىراق، سۈرىيەدە ئەمەلگە ئاشقان ئىكەن، تۈركىيە، ئىراندىكى كوردلارنىمۇ بۇ خىل پۇرسەتكە ئېرىشمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق بىر پۇرسەت كېلىپ ئاتالمىش كوردىستان مۇستەقىل بولدىمۇ دەيلى، ئەمما تېخىمۇ يىراققا نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ دۆلەتنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى تولىمۇ مۈشكۈل بولۇپ، ئازراقلا دىققەت قىلمىسا، قايتىدىن ۋەيران بولۇش خەۋپى قاش-بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدىلا ئىش ھېسابلىنىدۇ .
نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ بىز يەنىلا كوردىستاننىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشىدىن تەھلىل قىلىمىز. كوردىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىسىغا نەزەر سالغىنىمىزدا ئۇنىڭ تۈركىيە، ئىراق، ئىران ۋە جەنۇبىي كاۋكاز رايونلىرىنىڭ مەزكىزى نۇقتىسىغا جايلىشىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز ئېگىزلىك (ئەرمەنىيە ئېگىزلىكى) ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. يەنى كوردىستان رايونىنىڭ ئورنى ۋە يەر شەكلى بىرلا ۋاقىتتا تۈركىيە، سۈرىيە، ئىراق، ئىران ھەتتا جەنۇبىي كاۋكاز رايونلىرىغا جۇغراپىيەلىك بېسىم پەيدا قىلالايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ تولىمۇ چاتاق بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھەر بىر دۆلەتكە نىسبەتەن دۆلەتنىڭ زېمىن بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئەقەللى شەرتى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىلىك قۇرۇلمىسى چوقۇم مۇكەممەل بولۇشى كېرەك. كونكېرتنى قىلىپ ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ ئۇمۇمىي گەۋدىسىنى قورشاپ تۇرغان ئەتراپتىكى بەلۋاغ ياكى دېڭىز ياكى تاغ- ئورمانلىق بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندىلا بىر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى بىر بىخەتەر كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىلگەن بولىدۇ.
شۇڭا كوردىستان ئەزەلدىن ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇقەررەر، مۇتلەق تالىشىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن. ئىراققا نىسبەتەن ئېيتقىنىمىزدا ئەگەر ئۆز تەۋەلىكىدىكى كوردلار رايونى مۇستەقىل بولسا، ئۇنداقتا ئىراق شىمال تەرەپتىكى تاغلىقتىن ئىبارەت تەبىئىي توساقنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئەگەر كوردلار يۈز ئۆرىسە ياكى باشقا دۈشمەن كۈچلەر بىلەن ھەمكارلاشسا، ئۇنداقتا ئىراقتىكى ئىككى دەريا ۋادىسى ئېنىقلا دۈشمەننىڭ كۆز ئاستىدىلا قالىدۇ. ئىككى دەريا ۋادىسى رايونلىرى پۈتۈنلەي كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك بولۇپ، ھېچقانداق تەبىئىي مۇداپىئە يوق. دۈشمەن ئۆزىدىن ئېگىز تۇردى دېگەن گەپ، ئۇرۇشماي تۇرۇپ يېڭىلدى دېگەنلىك بولىدۇ.
ئىران ۋە جەنۇبىي كاۋكاز رايونلىرى( ئەرمىنىيە، گىروزىيە، ئەزەربەيجان)غا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەم شۇنداق. گەرچە ئىران ۋە جەنۇبىي كاۋكازنىڭ دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكىمۇ ئۇنچە تۆۋەن بولمىسىمۇ، ئەمما كوردلار ئولتۇراقلاشقان ئەرمەنىيە ئېگىزلىكىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تۆۋەن تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارمۇ كوردىستان رايونىدىن بىر پارچە يەر ئىگىلەپ جۇغراپىيىلىك قاتلامدا تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىشقا مۇھتاج.
ئەڭ ئېغىر بولغىنى تۈركىيە. تۈركىيەنىڭ كىچىك ئاسىيا رايونىنىڭ يەر شەكلى بولسا غەربى ئېگىز، شەرقى تۆۋەن، ئەرمىنىيە ئېگىزلىكىدىن تاكى بوسفۇر بوغۇزىغا بارغىچە دېڭىز يۈزى ئېگىزلىكى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ بارىدۇ. شۇڭا كوردلار ئولتۇراقلاشقان ئەرمىنىيە ئېگىزلىكى كىچىك ئاسىيانىڭ ئاناتولىيە ئېگىزلىكىگە ئوخشاشلا بېسىم ھاسىل قىلالايدۇ. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى كوردلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئولتۇراقلاشقان رايونى ئەرمەنىيە ئېگىزلىكى بىلەنلا چەكلەنمەستىن، ئىزچىل ھالدا كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىنىڭ مەركىزى رايونلىرىغىچە بارىدۇ. ئەگەر كوردلارغا مۇستەقىللىق بېرىلسە، شەرق تەرەپتىكى مەزكۇر جۇغراپىيەلىك توساق يوقىلىپ، تۈركىيە كىچىك ئاسىيانىڭ تەڭدىن يېرىمىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
بۇ مۇقەررەركى تۈركىيەگە نىسبەتەن ئەجەللىك زەربە بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ ياۋروپادىكى زېمىنى ئىستانبۇلدىن ئىبارەت بىر بۈرجەكلا قېلىپ قېلىۋاتقان ئەھۋالدا، كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلى بولسا ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۆلەملىك بۆلىكى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ ئەڭ ئاخىرقى قورغانىنى يوقىتىپ قويسا تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قاتاردىكى دۆلەتلىك ئورنىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدۇدە، كەلگۈسىدە يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرا شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش چۈشى بەربات بولىدۇ.
شۇڭلاشقا، مەيلى دۆلەتنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بولسۇن ۋە ياكى كەلگۈسىدە ئوتتۇرا شەرقتە قايتىدىن باش كۆتۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن تۈركىيە كوردلار ھەرىكىتىگە قەتئىيلىك بىلەن زەربە بەرمەي قالمايدۇ.
جەنۇبىي كاۋكازغا كەلسەك، گەرچە بۇ رايوننىڭ ئۆزىنىڭ بىرەر ئالاھىدە يېرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا رۇسىيەنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىرى كۈچ دائىرىسى بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرىغا شەرققە يۈرۈش قىلىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قاڭقىش پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ھازىر رۇسىيەنىڭ دۆلەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر قايتا گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قالسا، چوقۇم يېڭىدىن جەنۇبىي كاۋكازغا قايتىپ كېلىدۇ. جۇغراپىيەلىك سىياسىيدا قاقۋاش ھېسابلىنىدىغان رۇسىيە قانداقمۇ ئەرمەنىيە ئېگىزلىكىدە كوردىستان دەپ بىر دۆلەتنىڭ پەيدا بولۇپ، ئۆزىنىڭ جەنۇبىي كاۋكازىيەسىگە بېسىم پەيدا قىلىشىغا قاراپ تۇرسۇن؟ ئۇ قاراپلا تۇرماستىن،ئەكسىچە، بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ يەرنى ئىگىلەپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوتتۇرا شەرق پىلانى ئۈچۈن جۇغراپىيەلىك ئارقا تېرەك ھازىرلايدۇ.
يۇقۇرقىدەك ئېستراتېگىيەلىك قاتلام نۇقتىسىدىنلا، كوردىستاننى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر جۇغراپىيەلىك قۇرۇلما جەھەتتىن كوردىستان بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىر ئوشۇقچە يېرى بولغان بولسىدى، يوقىتىپ قويغان تەقدىردىمۇ ئازراقلا بىئارام بولۇپ، قايتۇرۇپ كېلىشكە ئانچە قىزىقماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ئىشقىلىپ ئۇ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئېغىر تەسىر ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئەمما رېئال ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولۇپ، كوردلارنىڭ مۇستەقىللىقى بۇ دۆلەتلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك زېمىن قۇرۇلمىسىغا ئېغىر زەرەر ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ دۆلەتلەر كوردلارنىڭ ھەركەتلىرىگە ۋاقتىنچە ماغدۇرى يەتمەي قالسىمۇ ھامان بىر كۈنى قايتۇرۇۋالماي قالمايدۇ.
بۇنىڭغا دەل كېلىدىغان مۇنداق بىر مىسال ئالساق: جۇڭگو چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، بۆلۈپ بەرگەن شىمالىي بېرما رايونىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئانچە قىزىقمايدۇ. ئەمما تەيۋەن بىلەن جەنۇبىې دېڭىز رايۇنىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدۇ. ئىككىسگە بولغان مۇئامىلىنىڭ شۇنچە پەرقلىنىشىدىكى سەۋەب بولسا، شىمالىي بېرمىنىڭ قولدىن كېتىشى جۇڭگونىڭ جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە كەلگۈسى ئېستراتېگىيەلىك پىلانلىرىغا ھېچقانداق تەسىر ئېلىپ كەلمەيدۇ. بۇ يەر سەۋەبلىك ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن توقۇنۇش پەيدا بولۇپ، ئۇمۇمىي ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جۇڭگو بۇ خىل رېئاللىققا مۇرەسسە نەزىرى بىلەن قارىيالايدۇ. ئەمما تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىز بولسا خۇاشىيا مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش-گۈللىنەلمەسلىكىدىكى ھالقىلىق ئۆتكەل ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا جۇڭگو بۇ رايونلارغا قەتئىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. گەرچە تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىدە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان دۈشمەن شىمالىي بېرما رايۇنىدىكىدىن كۆپ بولسىمۇ.
مانا بۇ ياقا مەنپەئەت ۋە يادرولۇق مەنپەئەتنىڭ پەرقىدۇر. كوردىستان ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى قاتارىغا كىرىدۇ.
مانا مۇشۇنداق جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىلىق توقۇنۇش تۈپەيلى كوردىستان دۆلەت بولۇپ قۇرۇلغان ھامان ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئېغىر تاجاۋۇز قىلىدۇ. شۇڭلاشقا كوردلار گەرچە ۋاقىتلىق مۇددىئاسىغا يەتتى دېگەندىمۇ بۇ دۆلەتلەر ئازراقلا دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىنلا پۈتۈن كۈچى بىلەن زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ.
كوردلار رايونى گەرچە ئېستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى قۇرۇقلۇق تاغلىق ئېگىزلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى تولىمۇ چەكلىك . ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارشى تۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدۇ. بۇنچە جىق دۆلەتلەر بىلەن دۈشمەنلىشىپ قويغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى تولىمۇ مۈشكۈل بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما ئۇلارنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتى يوق دېگەنلىكمۇ ئەمەس. نېمىلا بولمىسۇن كوردىستاننىڭ ئورنى ۋە يەر شەكلى ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى جۇغراپىيەلىك قىممىتىنى بېكىتكەن. ئەلۋەتتە، كوردلار ئۆزىنىڭلا كۈچىگە تايىنىپ بۇ ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنالىشى ناتايىن. ئەمما ئەگەر ئوتتۇرار شەرق سىرتىدىكى بېرەر دۇنياۋى چوڭ كۈچ ئوتتۇرا شەرقنى كونترول قىلماقچى بولسا، كوردىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بازىسى قىلىش يامان ئەمەس بىر تاللاش بولۇپ قالىدۇ.
كوردىستاننى بازا قىلىپ تاللىغاندا، ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن تۈركىيە، ئىراق، ئىران قاتارلىق ئاساسلىق ئىسلام دۆلەتلىرىگە بېسىم پەيدا قىلىپلا قالماستىن يەنە روسىيەنىڭ كاۋكاز ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقكە كىرىش يولىنى توسقىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئىستراتېگىيەلىك ھالەت بېكىتىلسە، ئوتتۇرا شەرق ئەندىزىسىدىن ئەنسىرەش كەتمەيدۇ.
بۇ خىل ئۇسۇل، جۇڭگو ئەنئەنىسىدە يۈرەكنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئەتراپقا كېڭىيىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەينى ۋاقتىدا ئامېرىكىلىقلار ئافغانىستاندىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغان ئىدى. ئافغانىستاندىن ئىبارەت بۇ ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كىندىكىنى ئىشغال قىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك باشقۇرۇپ، بۇ بازا ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا ئىران،جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئىستراتېگىيەلىك تەھدىت ئېلىپ كەلمەكچى ئىدى. ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، مەزكۇر رايوننىڭ ئەسلىدىكى رايۇن ۋەزىيىتىگە ئاغدۇرۇش خارەكتېرلىك زەربە ئېلىپ كېلىپ، ئېرىشىلىدىغان پايدىسىمۇ مۆلچەرلىگۈسىز بولاتتى.
ئەمما بۇ خىل ئىستراتېگىيەنىڭمۇ زور خەتىرى مەۋجۇت. بۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان تۇقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر كوردلار سىرتقى كۈچلەر تەرىپىدىن پايدىلىنىلسا، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ قورقۇنچى بىراقلا ئاشكارا بولىدۇدە، بىرلىشىپ قارشى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. نەتىجىدە مەزكۇر سىرتقى كۈچنىڭ كوردلارغا ياردەم يەتكۈزىدىغان ئۆتۈشمە كارىدورى يوق ئەھۋالدا تۆلەيدىغان بەدەل ۋە خىراجىتى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ.
شۇڭلاشقا بۇ خىل ئىستراتېگىيەنى ئىجرا قىلىشتا بۇ خىل سىرتقى كۈچ چوقۇم دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بولىشى كېرەك. بولمىسا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ئەسلا تەڭ كېلەلمەيدۇ. بۈگۈنكى رېئاللىقتا دۇنيادا پەقەت ئامېرىكىلا بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالىشى مۇمكىن. ئەمما ئامېرىكىنىڭ زېمىنى غەربىي يېرىم شاردا، ئوتتۇرا شەرقنى ئىدارە قىلىشتىمۇ ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ دېڭىزدىكى زومىگەرچىلىك كۈچىگە تايىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭىپ كىرىشتە، ھېچقانداق ئىستراتېگىيەلىك ئۆتۈشمە كارىدور تاپالمايلا قالماستىن، دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ئەۋزەللىكىمۇ كارغا كەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا ئامېرىكىنىڭمۇ كوردلار رايونىدا پۇت دەسسەپ تۇرالىشى ئاسان ئەمەس.
ئافغانىستان ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇبىيىتى بولسا ئەڭ ياخشى مىسالدۇر. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى، ئېغىزىدا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە يەنىلا يۈرەكنى ئۇجۇقتۇرۇپ، ئەتراپقا كېڭىيىش نىشانىدىن ئىبارەت. ئەمما ئاخىرىدا يەنىلا جۇغراپىيەلىك پايدىسىز ئامىللار تۈپەيلى يېرىم يولدىلا مەغلۇب بولدى. كوردلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشنىڭ قىيىنلىقى ئافغانىستاندىن قېلىشمايدۇ. ئافغانىستاندا مەغلۇب بولغان ئىكەن، كوردلار مەسىلىسىدىمۇ ئېنىقلا ھېچقانداق ئۈنۈم قازىنالمايدۇ.
ئەگەر ئامېرىكا راستىنلا كوردلارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشسا، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال مەنپەئىتىگىمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئامېرىكا ھېلىھەم ئوتتۇرا شەرقنىڭ باش رېژېسسورلۇقىنى قىلماقتا. شۇنداقتىمۇ جۇغراپىيەلىك ئارىلىق تۈپەيلى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچى يەنىلا چەكلىك. بۇ خىل رېژېسسورلۇق مۇستەھكەم بولماستىن، بىر نەچچە ئىتتىپاقدىشى ئارقىلىق ئەۋزەللىكلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئېرىشىلگەن.
ئەگەر ئامېرىكا كوردلارنى يۆلىسە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن باشقا ئاساسەن بارلىق غەربىي ئاسىيا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ مەنپەئىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن دۈشمەنلەشمەي ئامالى يوق بولىدۇ.
راستىنلا بۇ خىل ۋەزىيەت كېلىپ چىقسا، ئامېرىكىنىڭ كوردلار پىلانى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن، ھازىرقى ئۈستۈنلۈكىنىمۇ ساقلاپ قېلىشى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا ئامېرىكىمۇ ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا ئۇرىدىغان بۇ خىل ئەخمەقلىقنى قىلمايدۇ.
ئامېرىكا بۇنداق قىلمىغان يەردە، باشقىلار قىلاي دېسىمۇ قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا كوردلارنىڭ سىرتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ دۆلەت قۇرۇش خىيالىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
ئىچكى جەھەتتىن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئارىسىدا قاپسىلىپ قېلىش، تاشقى جەھەتتىن چەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەسلىك تۈپەيلىدىن كوردلارنىڭ دۆلەت قۇرۇش يولى تولىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ ھەتتاكى مۇمكىن بولمايدۇ. گەرچە كوردلار سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى نۆۋەتتىكى قالايمىقانچىلىقلاردىن پايدىلىنىپ بۇ ئىككى دۆلەتتە مۇئەييەن ئەۋزەللىكلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بارچە كوردلار رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يەنىلا بىر خام- خىيال بولۇپ قالىدۇ.
كوردلارنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە بۇندىن كېيىنكى نىشانلىرى بىلەن سۈرىيە ۋە ئىراق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋاقتىنچە كارى بولۇپ بولالمىسىمۇ، ئەمما كوردلار دۆلەت قۇرۇپلا قالسا ، بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنى ئازراقلا تەرتىپكە سېلىۋالغاندىن كېيىنلا، نەزىرىنى قايتىدىن كوردلارغا قارىتىدۇ. كوردلار ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى دۆلەتتىكى كۈچىگە تايىنىپ ھەرگىزمۇ باغدات ياكى دەمەشق بىلەن تىركىشەلمەيدۇ.
گەرچە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەپ تۇرسىمۇ، ئۆزىنىڭ كۈچى يەتمەسلىك، سىرتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەسلىكتەك بۇ خىل ھالەت كوردلارغا ئەسلا دۆلەت قۇرۇش ئىمكانىيىتى قالدۇرمىغان.بەلكىم ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك ئۇلار بەزى پۇرسەتلەرگە ئېرىشكەن ھەتتا دۆلەت قۇرالىغان تەقدىردىمۇ، تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا ئاتالمىش كوردىستان ئەسلا قەد كۆتۈرۈپ كېتەلمەيدۇ.
مەنبە: خەنزۇچە تىيەنيا مۇنبىرى http://bbs.tianya.cn/post-worldlook-1605444-1.shtml
بۇ مېنىڭ باغداش تورى ئۈچۈنلا قىلغان تەرجىمەم، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.
|