ئىشىك ئوچۇق
(ھېكايە) شىرزات ئادىلجان ھۈكەر
— ياندىكى ياتاقنىڭ توپىنى ئەكىرىپ بېرەي، كەچتىلا ئەكىرىپ بېرىمەن دەپ ۋەدە بېرىپ قويۇپتىكەنمەن. بۇندىن كېيىن يەنە سورىغىلى بولمايدۇ.— دېدى ئاۋزەر قولىدىكى ئاق رەڭلىك پۇتبۇلنى پىرقىراتقاچ كارىۋاتتا ئولتۇرۇپ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغان ياتاقدىشىغا قاراپ: — ۋاي ئاۋزەر ھېلى توك ئۆچكەندە ئەچىقىپ بەرسەڭمۇ بولىدۇ،— دېدى ياتاقدىشى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ،— ئاۋال بۇ ئويۇننىڭ ئاخىرىغا قانداق چىقىدۇ كۆرسىتىۋەتكىنە.— ئۇ ئاۋزەرنى تارتقۇچلاپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە يورۇپ تۇرغان كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. ئاۋزەر ئارتۇق گەپ قىلماي قولىدىكى پۇتبۇلنى يەرگە قويۇپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلدى. — مۇشىنىڭ بىلەن بەش قېتىم دەپ بەردىم، تېخىچە ئۆگىنىپ بولالمىدىڭما؟— ئاۋزەر مائۇسنى ئۇياق-بۇياققا مىدىرلىتىپ ياتاقدىشىغا «يول كۆرسىتىش» كە باشلىدى...... — مانا توكمۇ ئۆچتى.— دېدى ئاۋزەر ئورنىدىن تۇرۇپ،— مەن ئۇلارنىڭ توپىنى ئەچىقىپ بېرىپلا كىرەي سەن مەن ئۆگەتكەندەك ئويناپ تۇرغىن.— ئاۋزەر يانفۇنىنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ پۇتبۇلنى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ يەنە بىر قەۋەتتىكى دوستلىرىنىڭ ياتىقى ئالدىغا كېلىپ ئىشىكنى ئىتتىردى. لېكىن ئىشىكنى ئاچالمىدى. ئۇ يەنە ئىتتىردى. «ئىشىك ئىچىدىن تاقاقلىقمۇ نېمە؟» ئۇ شۇنداق ئويلىغاچ ئىشىكنى ئۇرۇشقا باشلىدى. — ئىشىك ئوچۇق! — ياتاق ئىچىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئاۋزەر ئىشىكنى يەنە ئىتتىردى. لېكىن يەنىلا ئاچالمىدى. ئۇ يەنە ئۇردى. — ئىشىك ئوچۇق! — ياتاق ئىچىدىن بۇ ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى. ئاۋزەر تېخىمۇ كۈچەپ ئىتتىردى. — ئىشىك ئوچۇق !— ياتاق ئىچىدىن چىققان ئاۋاز تېخىمۇ كۈچلۈك ئاڭلاندى. «بۇ يات بىرەرسىنىڭ ياتىقى بولمىسا، ئىشىك ئوچۇق دېگەندىكىن تېخىمۇ كۈچەپ ئىتتىرىپلا كىرەيچۇ!» ئاۋزەر شۇلارنى ئويلاپ قولىدىكى پۇتبۇلنى يەرگە قويۇپ سەل كەينىگە سۈرۈلۈپ بار كۈچى بىلەن كېلىپ ئىتتىردى. ئەسلىدىنلا ئىچىدىن ئىلىغلىق تۇرغان ئىشىك قاتتىق ئىتتىرىلگەنلىكتىن ئىلغۇچ چاچراپ چىقىپ يەرگە «تاراڭڭىدە» چۈشتى. ئاۋزەر «سەت بولدى» دەپ قولىدىكى تېلفۇننىڭ يورىقىنى ئۇلار تەرەپكە قاراتتى. كىچىككە شىرە ئۈستىدە ھەرخىل يېمەكلىك، سۇلار تىزىۋېتىلگەنىدى. ياتاقنىڭ ئىچىنى مېززىلىك پىشقان توخۇ گۆشىنىڭ ھىدى بىر ئالغانىدى. ياتاقتىكىلەر ھەدەپ شىرەدىكى نەرسىلەرنى قوللىرىدا تۇتىۋېلىپ بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ يەۋاتاتتى. بىر ئىككىسىنىڭ پۇتلىرىدا ھېچنىمە يوق قاپقارا يەرگىلا دەسسەپ تۇراتتى. ئاۋزەرنى كۆرگەن ئۇلار بىرخىل ئوڭايسىزلانغاندەك چىراغنىڭ يورىقىدا پارقىراپ يەردە ياتقان ئىشىكنىڭ ئىلغۇچىغا قاراپ قويدى. — تو...پ، ... توپىڭلارنى ئەكىرگەنىدىم. ئىشىك ئوچۇق دېگەنىدىڭلار ئىتتىرىپ كىرىۋېرىپتىمەن. سەت بولدى، مەن چىقاي ...— ئۇ پۇتبۇلنى يەرگە قويۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ياتاقتىكىلەر ئاغزىغا توشقان يېمەكلىكلەرنى يا چاينىشىنى، يا چىقىرىۋېتىشنى بىلەلمەي بىر-بىرىدىن خىجىل بولغاندەك كۆزلىرىدىن بىر-بىرىنى ئېلىپ قېچىپ ئۈستەلدىكى يېمەكلىكلەرگە قارىدى.
2014-يىل 12- ماي، ئۈرۈمچى ئاپتۇر: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى 2014- يىللىق تىل-ئەدەبىيات كەسپىدىن |