بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hojahaxim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-5-15 18:15
تۈركىيە سېكۇلارىزىمدىن يىراقلىشىۋاتامدۇ؟
زەن تاۋ
(بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى تارىخ پەنلىرى ئىنىستىتۇتى مۇئاۋىن پرافىسسورى)
خوجا ھاشىم تەرجىمىسى
يېقىندىلا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمايىل قەھرىمان ئىستانبۇلدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا: بىز بىر مۇسۇلمان دۆلەت، شۇڭا بىزنىڭ چوقۇم بىر دىنى ئاساسىي قانۇنىمىز بولىشى كېرەك، بۇ ئاساسىي قانۇندا سېكۇلارىستلارغا ئورۇن بولمايدۇ، دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى تۈركىيە سىياسىي سەھنىسى، ئىجتىمائىي قاتلام ۋە تاراتقۇلاردا كۈچلۈك داغدۇغا قوزغىدى. ئوخشاشلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە تەۋە بولغان باش مىنىستىر داۋۇت ئوغلۇ ۋە پرېزىدېنت ئەردوغانمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ سېكۇلارىزىمدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئەمما خەلقئارا ئاخبارات ۋاستلىرى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. كىشىلەرنىڭ ئورتاق بىر ئەندىشىسى بولسا: بۇ تۈركىيەنىڭ ئىسلاملاشتۇرىلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىمۇ؟
تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تۈركىيە سېكۇلارىزىمىنىڭ كۈنسېرى كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پاراڭلار ئۈزۈلمەي كەلدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا تۈركىيە ئەمدىلا دېموكراتىيەلەشتۈرۈلگەن ۋاقىتتا ئەدنان مەندەرەس رەھبەرلىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسى ئىزچىل سېكۇلارىزىم پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىپلەنگەن. 70- يىللاردا نەجمىدىن ئەرباقان ۋەكىللىدىكى پائال سىياسىي ئىسلام كۈچلىرى تۈركىيەدە ئىسلام ھۆكۈمرانلىقى قۇرىدىغانلىقى جاكارلاپ كىشىلەرنىڭ ئەندىشىنى قوزغىغان ئىدى. 1996- يىلى ئەرباقان ۋەكىللىدىكى گۈللىنىش پارتىيىسى تەختكە چىققان ۋاقتىدا بۇ خىل ئەندىشە چېكىگە يەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. ئىككىنچى يىلىلا گۈللىنىش پارتىيىسى«تۈركىيە سېكۇلارىزىمى ۋە ئاتا تۈرك مىراسلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى» ئاتالغان ھەربىيلەر قوزغىغان يۇمشاق سىياسىي ئۆزگىرىش تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلدى، گۈللىنىش پارتىيەسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. سەۋەبى دەل ئۇلارنىڭ تۈركىيە سېكۇلارىزىمىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىشى ئىدى. ئەمما دىن-سېكۇلارىزىم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى. 21- ئەسىر ھارپىسىدا، ئەردوغان ۋەكىللىدىكى گۈللىنىش پارتىيسىدىن ئايرىلىپ چىققان تېخىمۇ پائال ياشلار ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسنى قۇرۇپ، 2002- يىلى سايلام ئارقىلىق تەختكە چىقىپ بۈگۈنگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېتىۋاتىدۇ.
قەھرىماننىڭ سۆزلىرى قوزغىغان مۇنازىرە ۋە ئەنسىرەشلەر كىشىلەرنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سېكۇلارىزىم ئەنئەنىسىدە چىڭ تۇرۇش-تۇرالماسلىقىغا بولغان بىقارار ئويلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن ئون نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى تۈركىيە بارغانسېرى كونسېرۋاتىپلىشىش يولىغا قاراپ ماڭدى. بۇنىڭ دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان دەلىلى بولسا تۈركىيەدە ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى داۋاملاشقان ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ياغلىق چىگىشىنىڭ مەنئىي قىلىنىش بۇيرۇقىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشىدۇر. ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ مۇھىمى ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ كۈنسايىن كونسېرۋاتىپلىشىشى، ئىسلام ئەنئەنىۋى قىممەتلىرىنىڭ كۈنسېرى تەكىتلىنىشى، مەسىلەن: ھاراق ئىچىشنى چەكلەيدىغان ھەرخىل بەلگىلىمىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى، رەھبەرلەرنىڭ مەسچىتلەرگە بېرىپ ناماز ئوقۇشى، پرېزىدېنت ۋە باش مىنىستىر خانىملىرىنىڭ ئىسلام ئەنئەنىسىدە كىيىنىشى، دىنى پروگرامما، تەشۋىقاتلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىقلار. بۇ خىل يۆنىلىش تۈركىيەدىكى سېكۇلارىزىم تەرەپدارلىرىغا ئېغىر بېسىم ۋە ئەندىشە ئېلىپ كەلمەكتە. تۈركىيەدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىش خەلقئارا كۆزەتچىلەرگە نىسبەتەن مەلۇم كۆرسەتكۈچلۈك رولغا ئىگە. ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال بېكىتكەن سېكۇلارىزىم ئىدىيىسى 1937- يىلى تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىغا يېزىلغان. سېكۇلارىزىمنىڭ تۈركىيەدىكى چۈشەندۈرىلىشى بولسا دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىلىش، دىننىڭ سىياسى، ئىقتىساد ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا يول قويۇلماسلىق، ئېتىقاد شەخسنىڭ ئىشى دېگەندىن ئىبارەت. تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ ئاخىرى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى نەتىجىسىدە، دىن تېزلا قايتىدىن گۈللىنىشكە باشلىغان. ئەمما دىن كۈچلىرىنىڭ سېكۇلارىزىم كۈچلىرىگە بولغان رىقابىتى تۈركىيەدە ئەزەلدىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ مەغلۇبىيىتى بۇنىڭ بىر مىسالى. گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ داۋامى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى كۈنسېرى نەتىجە قازىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشىدا ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئىزچىل تۈركىيە سىياسىيسىنىڭ سېكۇلارىزىملىق قىزىل سىزىقىغا چېقىلمىدى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان قەھرىماننىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئۆكتىچىلەر ۋە سېكۇلارىستلار كەسكىن ئىنكاس قايتۇردى. پرېزىدېنت ئەردوغان ۋە باش مىنىستىر داۋۇت ئوغلۇ ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، سېكۇلارىزىمدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، قەھرىمانمۇ ئاشكارا چۈشەنچە بېرىپ، ئۇ سۆزلەرنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي سۆزلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېنىقلا قايتۇرۇۋېلىش نىيىتىنى بىلدۈردى.
قەھرىماننىڭ چۈشەندۈرىشى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ پوزىتسىيەلىرىدىن ئۇمۇملاشتۇرۇپ قارىغاندا،ئۇلار پەقەتلا ئەردوغاننىڭ 2011- يىلى مىسىرنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا سېكۇلارىزىمغا بەرگەن تەبىرىنى تەكرارلىماقچى. بۇ تەبىر 2012- يىلى سېنتەبىردە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ «2023 مەنزىرىسى»گە كىرگۈزۈلگەن. قىسقىچە ئېيتقاندا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مەقسىتى سېكۇلارىزىمدىن ۋاز كېچىش ئەمەس، بەلكى سېكۇلارىزىم سۆزىگە قايتىدىن تەبىر بېرىش ئارقىلىق، سېكۇلارىزىمنىڭ ھەرقايسى دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ۋە دۆلەتنىڭ ھەر خىل دىنلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەش. ئېنىقكى، بۇ ئالدىدا سۆزلەنگەن تۈركىيەنىڭ ئەنئەنىۋى سېكۇلارىزىم چۈشەنچىسى بىلەن پەرقلىق بولۇپ، ئالدىنقى سېكۇلارىزىم بولسا دۆلەتنىڭ دىننى باشقۇرۇشىنى تەكىتلەيدىغان ئاكتىپ سېكۇلارىزىمغا تەۋە. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسىنىڭ تەكىتلەۋاتقىنى بولسا دىنى ئەركىنلىكنى قوغدايدىغان، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى دىنلار بىلەن باراۋەر ئارىلىق ساقلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان چۈشكۈن سېكۇلارىزىمدۇر. ئالدىنقىسى فىرانسىيەچە ، كېيىنكىسى بولسا ئامېرىكا، ئەنگىلىيەچە سېكۇلارىزىم ئەندىزىسى ھېسابلىنىدۇ.ئەينى ۋاقىتتا ساركۇزى بىلەن ئوبامامۇ مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە جېدەللىشىپ قالغان ئىدى.
شۇڭا بىز مۇستاپا كامالچە سېكۇلارىزىم تەبىرى ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ دېيەلەيمىز. تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ئاساسىي قانۇنى 2- ماددىسىدىكى«تۈركىيە بولسا دېموكراتىك، سېكۇلارىستىك، سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت»قا قارىتا ئاساسىي قانۇننىڭ 4- ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. قەھرىمان ئېيتقان ئاتالمىش «سېكۇلارىزىمدىن ۋاز كېچىش» نۆۋەتتىكى ھالەتتىن قارىغاندا مۇمكىن بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەمما ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى تەشەببۇس قىلىۋاتقان سېكۇلارىزىمغا بولغان يېڭى تەبىر بەلكىم يېڭى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزىلىشى مۇمكىن.
تۈركىيەنىڭ بۇ خىل بۇرۇلۇشى، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىدىكى بىر باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇرۇن مۇسۇلمان دۇنياسى شۇنچىلىك يېپىشقان، غەرب ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە بولغان ئاڭ-قىممەت فورماتسىيەلىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولدى. ھازىر بۇ ئەللەردە ئىسلام ئىدىيەلىرى ـ مەيلى مۆتىدىل بولسۇن ياكى ئەسەبىي بولسۇن - ئاساسىي ئېقىمدۇر. تۈركىيەنىڭ قاتتىق سېكۇلارىزىمىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىمۇ مۇشۇ رامكىغا قويۇپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ ئەللەردە ئىسلامىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئاللىقاچان تالاشسىز رېئاللىق بولۇپ قالدى. ھازىر ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەرقانداق بىر سىياسىي كۈچ ئەگەر بۇ رېئاللىققا توغرا قارىمىسا، ھەقىقىي تەسىرى كۈچكە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس.
مەنبە: سۇمرۇغ تورى خەلقئارا ئەقىل ئامبىرى http://pit.ifeng.com/a/20160509/ ... ne&isappinstalled=0
بۇ مېنىڭ باغداش تورى ئۈچۈنلا قىلغان تەرجىمەم، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ. |