قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1285|ئىنكاس: 26
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سېنى LOL ئۆلتۈردى (ئەفغانىي)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

36

تېما

5

دوست

3337

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29919
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 82
تۆھپە : 1070
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-18
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

سېنى LOL ئۆلتۈردى

(ستۇدېنتلارغا ئاگاھ)

ئابدۇرەھمان ئەفغانىي



     يانۋارنىڭ 1 - كۈنى ئىدى. ئادەملەر، ماشىنىلار ئىنتايىن ئالدىراش. قارمۇ يېڭى يىل ئۆتكۈزسە كېرەك، ناھايىتى تېز ياغاتتى. ئەتراپتىكى جىمى شەيئى نورمال ھەرىكەتتە، سىزنىڭ نەزىرىڭىزنى تارتالايدىغان پەقەت بىرلا نۇقتا بار. سوغۇق تەھدىتىدىن مۇستەسنا بىر ئىت يول ئوتتۇرىدىكى ئازراق قاتقان قان دېغىنى پۇراپ يالاۋاتاتتى. بۇنىڭغا قوشۇپ يەردىكى چېچىلىپ تۇرغان قان يۇقى چىراغ پارچىلىرىدىن، سەل ئىلگىرى بۇ يەردە بىر ۋەقە بولغانلىقىنى پەرەز ئەتكىلى بولاتتى.

1


     سېنى ھارۇن دەپ چاقىرىشاتتى. كىچىك تۇرۇپ چوڭلاردەك ئەخلاق ۋە ئەقىلگە ئىگە بولغانىدىڭ. ئۆيۈڭدە بىر پەرزەنت بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا ئەمەس، بەكرەكى قەدەم باسقان ھەربىر مەكتىپىڭدە ياخشى نام - ئىز قالدۇرۇپ ئاتا - ئاناڭنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىغىنىڭ سەۋەبلىك سېنى ھەممە ئەتىۋارلايتتى. داداڭ، ئاپاڭ، مۇئەللىمىڭ ساڭا ھېچ زامان خاپا نەزەردە قاراپ باققان ئەمەس. ئۇلار سېنىڭ كەلگۈسى كاتتا سەمەرىلىرىڭگە تۆت كۆزى بىلەن تەقەززا. سەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىلەن يەنە بىر نۆۋەت ھەممەيلەننى پەخىرلەندۈردۈڭ، پۈتۈن شەھەرگە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى چاچتىڭ. تالاي ئوقۇغۇچىلار چۈشىدىمۇ كۆرەلمەيدىغان شاڭخەي تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا سېنىڭ ئىمتىھان نومۇرۇڭ ئازادە يەتكەنىدى.
     بۇ سېنىڭ تۇنجى قېتىم ۋىلايەت ئاتلاپ ئوقۇشقا مېڭىشىڭ ئىدى. ئەينى چاغ داڭلىق ئىچكىرى تولۇقسىز ھەم ئىچكىرى تولۇقلارغا ئۆتكىنىڭدە، ئاتا - ئاناڭ سېنى كىچىك دەپ بىخەتەرلىكىڭدىن گاشاتلىنىپ ئەۋەتمىگەن. تۆت يېرىم ياشتا باشلانغۇچقا كىرگەن بولغاچقا، سەن ساۋاقداشلىرىڭ ئارىسىدا خېلىلا كىچىك ئىدىڭ. تېخى قۇرام يېشىغىمۇ كىرمەيلا ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ بولدۇڭ ئەمەسمۇ!
     ئاتا - ئاناڭ ئىككى يۈز پىرسەنت يولغا سالغان يېڭى مەكتەپ ھاياتىمۇ باشلاندى. كۆنۈۋېلىشىڭغا بىر ھەپتە كەتتى، ئىككى - ئۈچ دوستلىرىڭمۇ بولدى.
     ئۇنىۋېرسىتېت ___ ستۇدېنتلارنىڭ باش قاتۇرۇپ ئۆزىگە ئۇنۋېرسال قابىلىيەت جۇغلايدىغان جەمئىيەت سەھنىسى بولۇش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك تاماشالار مۇجەسسەملەنگەن ئەركىن مەشغۇلاتگاھ. نېمىشلا قىلما، يولۇڭ راۋان. سەن ئەلۋەتتە ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئىستەيدىغانلارنىڭ سېپىدىن ئورۇن ئالىسەن. بىراق ھېلىقى ئاخشام سەن ھاياتىڭنى تۇيماستىن ئۆزگەرتىپ قويدۇڭ.
     سەن كەچلىك مۇزاكىرىدىن يېنىپ دوستۇڭ مۇراد بىلەن ياتاققا كىردىڭ. ئىنگلىزچە بىر تېكىست يادلىۋەتكەندىن كېيىن، پۇت - قولۇڭنى يۇيۇپ كىرىپ ئارام ئالماقچى بولدۇڭ. مۇراد بىتۇيۇق دەپ قالدى:
     ___ ھارۇن، بۈگۈن كەچنى ۋاڭبادا ئۆتكۈزسەك قانداق دەيسەن؟
     ___ پۈتۈن كەچنى؟
     ___ ھەئە، ئاداش. كەيپىياتىم سەت ناچار.
     ئىككىلىنىپ قالدىڭ. بىر تۇرۇپ قىلىپ باقمىغان ئىشنى قىلغۇڭ يوقتى، بىر تۇرۇپ دوستۇڭنىڭ كۆڭلىنى ياندۇرغۇڭ كەلمەيتتى. سەن تورخانىنى ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانسا يامان يەر ئەمەس دەپ ئويلايتتىڭ. شۇڭا «بىر قېتىملا چىقىمەنغۇ، مۇشۇ پۇرسەتتە مۇنبەرلەرنى كۆرۈۋالارمەن» دەپ ماڭدىڭ. ئەمما بۇ كېچىنىڭ بىر ئەبجەش ئاقىۋەتنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىڭ.
     باغداش، مىسرانىم مۇنبەرلىرىدە نادىرلانغان بىرنەچچە يازمىنى ئوقۇدۇڭ، كېيىن «كۇردلار ۋادىسى پۇسۇ» نىڭ يېڭى بۆلۈملىرىنى كۆردۈڭ. كىنو كۆرگەچ ئۆپچۆرەڭگە زەن سالدىڭ. دوستۇڭ مۇراد توختىماي بىر ئويۇننى ئويناۋېرەتتى، باشقا خەنزۇ بالىلارنىڭ ئېكرانىمۇ يېشىل يېنىقلىق ئىدى. بەزەن بالىلارنىڭ ئاشۇ ئويۇنغا ھاياجانلىنىپ ۋارقىراپ - جارقىراپ كېتىشلىرىگە ھەيران قالاتتىڭ. مۇرادمۇ بەزىدە خۇش بولۇپ سەكرەپ كەتسە، بەزىدە سەپرا بولۇپ ئاللىنېمىلەرنى تىللىغاچ مائۇس بىلەن كونۇپكا تاختىسىغا مۇشتلاپ كېتەتتى. تۇرۇپلا بۇ ئويۇنغا قىزىقسىنىپ قالدىڭ. كۆڭلۈڭ مونولوگ باشلىدى: «كومپيۇتېردا نەچچە يۈز ئويۇن تۇرسا، نېمىشقا ھەممە بالىلار مۇشۇ بىرلا ئويۇننى ئوينايدۇ؟ بۇ ئويۇن شۇنچە پەيزىمۇ؟...»
     ___ مۇراد، ___ دوستۇڭدىن بىرنېمىلەرنى سوراپ باقماقچى بولدۇڭ.
     ___ ھە، ئاداش، ___ مۇراد بېشىنى ئويۇندىن بۇرىمايلا ساڭا جاۋابلاندى.
     ___ ئىسمى نېمە بۇ ئويۇننىڭ؟
     ___ يىڭشيوڭ ليەنمېڭ.
     ئەمدى ئېسىڭگە كەلدى. سىنىپتىمۇ ساۋاقداشلىرىڭ مۇشۇ ئويۇننىڭ گېپىنى تولا قىلاتتى. ئىنگلىزچە قىسقارتىلما نامى LOL ئىدى.
     ___ شۇنچە نوچى ئويۇنمۇ بۇ؟
     ___ ئەلۋەتتە، ئاداش. ھازىر پۈتۈن دۇنيا مۇشۇ ئويۇننى ئوينايدۇ، بىرىنچىسى مۇشۇ.
     سېنىڭمۇ تىزىملىتىپ باققۇڭ كەلدى. مۇرادقا ئېيتتىڭ، ئۇ ياردەم قىلدى. مۇراد ساڭا ئاساسىي قائىدىلىرىنى، قانداق ئويناشنى يۈزەكى ئۆگىتىپ قويدى. ئۆزۈڭ زېرەك بولغاچقىمۇ، تېزلا قولۇڭ كەپقالدى. ۋاقتىڭلار ئەتىگەن سائەت يەتتىدە توشاتتى، سەن ئۇ ۋاخقىچە تۆت قول ئوينىيالىدىڭ.
     ___ بولامدىكەن؟ ___ سورىدى مۇراد ئەتىسى.
     ___ بولىدىكەن.

2


     بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. ھېلىقى ئويۇننى پات - پات ئەسلەپ تۇردۇڭ. ئەتە ھەپتە ئاخىرسى بولغاچقا، بۈگۈن يەنە بىر رەت تورخانىغا چىققۇڭ كەپقالدى. مۇرادقا ئېيتىۋىدىڭ، سەل ھەيرانلىق بىلەن دەرھال قوشۇلدى. مەكتەپنىڭ تەسكىيىدىكى كونا تورخانىغا كىردىڭلار. تولۇق بىر كېچە LOL ئويناپ چىقتىڭ. سەۋىيەڭنىڭ ئازراق ئۆرلەپ قالغانلىقى ھېس قىلىپ خۇش بولۇپ كەتتىڭ. ئويۇندىكى دەرىجەڭ بىراقلا 5 كە چىقتى.
     ___ خەقلەر بىر نەچچە ئاي ئويناپمۇ تەس ئۆگىنەتتى بۇنى، سەن ئەجەب چاققانلا ئۆگىنىۋالدىڭ، ___ دېدى مۇراد. سەن بۇ ماختاشتىن خۇددى مۇئەللىمدىن مۇكاپات ئالغاندەك شادلىنىپ كەتتىڭ.
     ئەتىسى ئەتىگەندىن تارتىپ چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتكىچە ئۆلۈكتەك ئۇخلىدىڭ. بېشىڭ ئېغىر ھالدا ئويغاندىڭ. ئەتىگىنى ناشتا قىلمىغان بولغاچقا، قورسىقىڭ كوركىراپ كەتكەنىدى. تەييار بولۇپ، ناشتا ئورنىدا كەچلىك تاماق يېدىڭ. كۈندۈزى تولۇق ئۇخلاپ چىققان بولغاندىكىن، كەچقۇرۇن ئۇيقۇڭ كەلگىلى ئۇنىمىدى. كۆڭلۈڭ تورخانا تارتىۋاتىدۇ. لېكىن تېخى تۈنۈگۈن چىققان بولغاچقا ئۆزۈڭنى تۇتۇۋالدىڭ.
     شۇنداق قىلىپ ھەر ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى كېچىنى تورخانىدا ئۆتكۈزىدىغان بولۇۋالدىڭ. باشتا خېلى زېھنىڭنى ئارام ئالدۇرغىلى بولىدىغاندەك، ئۆگىنىشىڭگىمۇ پايدىسى باردەك بىلىندى. شۇڭلاشقا ئوشۇقىنى ئويلىمىدىڭ. نېمىش قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىلىپ بىر ئاي ئۆتتى.
     بارغانچە سەنمۇ ئوخشاشقا باشلىدىڭ. ئاتا - ئاناڭنىڭ يىراقتا قالغانلىقى چاندى. ئايان بولدىكى، ئۇلار بۇرۇن سېنىڭ ئاكتىپ يولدىن قايرىلىپ كەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن رېشاتكىنىڭ رولىنى ئۆتىگەنىكەن. ئۇلارنىڭ تىزگىنلىشى يوق بولغاچ، كۈندۈزۈڭ ئۇخلاش بىلەن، ئاخشىمىڭ تورخانىلاردا تۈنەش بىلەن ئۆتىدىغان بولدى. پېپسى كولانى ياخشى كۆرەتتىڭ، ئويۇن ئوينىغاچ بىر كېچىدە 3 - 5 قۇتىغىچە ئىچىۋېتەتتىڭ. بەدىنىڭدىنمۇ غەيرىيلىك كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ئەتىگەندە تورخانىدىن چىقىپ يول ماڭساڭ قورسىقىڭنىڭ ئىچى بىر كامار كوزىدەك قۇپقۇرۇق بولۇپ سېنى بىئارام قىلاتتى. شۇنداق تۇرۇقلىغىن، ئاغزىڭدىن چىقىدىغىنى يەنىلا خاس شۇ تور ئويۇنىغا باغلانغان گەپلەر ئىدى:
     ___ مۇراد، بۈگۈن يىڭشىيوڭ لىيەنمېڭنى يىرتىۋەتتىم، ئاداش. بىر قولدا ئوباما ئوينىغان، باشتا قوپاممىدىم، دەرىجەم ئونغا چىقىۋالغاندا ھەممىسىنىڭ كەينىدىن چىرقىرىتىپ قوغلىدىم. ھەممىسى مېنى كۆرسىلا قاچىدۇ دېگىنە. پو ئاتقان جيەنشېڭ، يوغان سەكرىگەن خەنبىڭنى ئون قېتىمدىن ئۆلتۈردۈم. 18 گە چىققاندا ۋۇشا چىقىرىۋەتكىلى ئاز قالغان نەدىن چىقتى نوكساس دېگەن لەنەتتەككۈر ئېشەك، پالتىسىنى بىر چېپىپلا ئۆلتۈرۈپ قويدى. ئاچچىقىم نەدىن كېلەر؟ بىر مېنۇت ساقلاپ تىرىلدىمدە، ئۆزۈم يالغۇز بېرىپ بارلىق مۇنارلارنى ئۆرۈپ يېڭىۋەتتىم.
     ___ ۋەھشىي ئۇستىلىشىپ كېتىپسەنغۇ، ئاداش. لېكىن جىق ئوينىما، كۆنۈپ قالما ئەمدى.
     ___ جىققۇ ئوينىماسمەن، لېكىن شۆھرىتىم ئالماس دەرىجىگە يەتكىلى قوپتى، شۇڭا ئاشۇنى چىقىرىۋېتىپ... ھە راست پۇل يىغىپ قارىغۇ راھىبنىڭ مىڭ بەش يۈز كويلۇق كىيىمىنى ئالىمەن، ئاداش.
     ___ ئويۇنغا پۇل خەجلەپ نېمە قىلىسەن، ئاداش؟
     ___ بىر سائەتتە بىر مەيدان ئويناپ ئاران ئەللىك نەچچە تىللا تېپىپ ئۇ قەھرىمانلارنى ئېلىپ بولغىلى بولمايدىكەن، ئاداش.
     مۇراد ئۆزىنى ئەيىبلەيتتى. تۇرمۇشۇڭ خىيالىي دۇنيانىڭ ئىچىگە چۆكۈپ كەتكىلىۋاتاتتى. ھېلىقى كۈنى ياسو بىلەن كاترىنا توي قىلىپ كۆرگەن چۈشۈڭ ھازىرمۇ ئېسىڭدىن چىقمايدىغۇ دەيمەن.
     چۈشۈڭدە ئۇلار شۇ يېشىل رەڭلىك جەڭ مەيدانىدا داغدۇغىلىق نىكاھ مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەممە يەرگە كۆز قويۇلغان بولۇپ، پۈتۈن مەيدان يوپيورۇق ئىدى. يىگىت تەرەپ ئاستى بازىدىن قىزنى ئەكىلىش ئۈچۈن قوزغالدى. ياۋايى مەخلۇقلار بىلەن ئۇششاق ئەسكەرلەر ئۈستى - ئاستى يولدىن ماڭدى. قەھرىمانلار چوڭ ئەجدىھانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوتتۇرا يولدىن (Q-W-E-R) قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىپ، قەۋەت ھەيۋەت بىلەن ئالغا بېسىشقا باشلىدى. سۈپۈرگىدەك ئۇزۇن چېچىنى ياسىتىپ، بېشىغا دوپپا، ئۇچىغا كاستۇم كىيىۋالغان ياسوغىمۇ ئالاھىدە ئىسكەت كىرىپ قالغانىدى. ئۇ لەنبو ئارىيەت بېرىپ تۇرغان ماشىنىدا ئولتۇراتتى. كاترىنا تەرەپ كىچىك ئەجدىھانىڭ باشچىلىقىدا ئۈستى بازىغا يىپەكتىن زىلچا يېيىپ، كاتتا نازۇ - نېئمەتلەرنى تىزىۋەتكەنىدى. كاترىنانىڭ توي كۆڭلىكى كىيىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرگەن ياسو ئۇنىڭ سۆيگەن يارىلىقىغا ئىشىنەلمەي قالدىمۇ، ئىشقىلىپ بىر لەھزە قېتىپلا قالدى. بۇ گۈزەل نازىنىننىڭ ئۆزىگە نېسىپ بولىدىغانلىقىنى ئويلىغاندىكى خۇشاللىقى چىرايىغا تېپەتتى. زىياپەت ئەۋجىگە چىققاندا، ھەممە قەھرىمانلار بىردىن ماھارەت كۆرسىتىپ ئۆتتى. جاۋشىن نەيزە ئويناتتى، رۈيۋېن ئوڭ - تەتۈر موللاق ئەتتى، قارىغۇ لىچىڭ تونىجانى دوراپ تېز - پەشۋا ئاتتى. سۈن ۋۇكۇڭمۇ خاسىيەتلىك كالتىكىنى چوڭايتىپ - كىچىكلىتىپ، ئۇ مۇناردىن بۇ مۇنارغا ئۇچۇپ يۈرۈپ كىچىك ئەسكەرلەرگە قىززىقچىلىق قىلىپ بەردى. كادا·جىن مىللىيچە ئۇسسۇلغا چۈشتى، قىمار شاھى «گاڭنام Style» غا سەكرىدى، تەيلوڭ بىلەن ئاكالىي كوچا ئۇسسۇلى ئوينىدى. ئاندىن كۈيئوغۇل ياسو ناھايىتى مۇڭلۇق قىلىپ نەي چالدى. دېلەيۋېن، دېلەيۋېس، دېئاننا، گەيلۈن، كاسادىن، كارسۇس، كەير، جەكس قاتارلىق يىگىرمىدەك قەھرىمان ئوپچە مەشرەپكە چۈشتى. ئاخىرىدا چوڭ - كىچىك ئەجدىھا توينىڭ خاتىمىسى قىلىپ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «ئەمدى بۇ ئىككى قەبىلە ئارىسىدا جەڭ بولمايدۇ. مەن ئالتە مىڭ ئۈچ يۈز تىللالىق، سەن مىڭ نەچچە يۈزلۈك دەپ بىر - بىرىڭلارنى كەمسىتىشكە، چەتكە قېقىشقا يول قويۇلمايدۇ. ياسونىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسىمۇ تېنچلىقنى سۆيگۈچى دېگەنلىكتۇر. ھەممەيلەن بۇندىن كېيىن ئىجىل - ئىناق ئۆتىمىز.»
     سەن قەھرىمانلاردىن تەيدامىر(مانجۇ پادىشاھى) غا ئەڭ ئامراق ئىدىڭ. چۈشۈڭدىمۇ سەن تەيدامىر بولۇپ بىر چەتتە توختىماي قاقاھلاپ كۈلەتتىڭ. گەيلۈننىمۇ ياقتۇراتتىڭ، ئۇ ئوۋچى خانقىزغا ھەزىل قىلىۋاتاتتى. ئۇنى چاقىراي دەپ تۇرۇشىڭغا (نېمىش بولدىكىنتاڭ)، ئۈنلۈك جۆيلۈپ ئويغىنىپ كەتتىڭ: رېن زەي تا زەي!
     ئىنتايىن كۈلكىلىك ھەم ھېكمەتكىك بىر چۈش كۆرگەنىدىڭ. ئەمما سېنىڭ بۇنداق چۈشنى كۆرىشىڭ بەكلا ئېچىنارلىق ئىش ئىدى.
3

     بىر ئىشقا ئۆچ ئىدىڭ. قىش پەسلى بولغاچقا، ئەتىگەنكى غۇژ - غۇژ سوغۇقتا تورخانىدىن مەكتەپكە كىرىپ بولماق بەك قىيىن ئىش تۇيۇلاتتى. باشلىرىدا سەن گەيلۈن(دېماشىيا) ئوينايدىغان چېغىڭدا، سەھەردە يولدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ساڭا كىچىك ئەسكەر كۆرۈنۈپ كېتەتتى - دە، بېرىپ پىرقىرىغۇڭ كېلەتتى. ئۆزۈڭگە بىر مۇدھىش خىيالنىڭ ھەشقىپىچەقتەك يۆگىشىۋالغانلىقىنى ھېس قىلاتتىڭ. كۈنلىرىڭ مۆتىدىللىكىنى بۇزدى. بۇرۇن سەن تور ئويۇنلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغاچقا، ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىڭ. ھازىر ھېچقايسى ئىشنى ئۆزۈڭ قىلالمايسەن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ تورخانىغا يۈگرەيدۇ، ئەس يادىڭغا LOL خوجا بولدى. سەن ئۆزۈڭنىڭ تۈگىشىپ كېتىشىنىمۇ ئويلىدىڭ، بىراق ئۆزۈڭنى تارتالمىدىڭ. مۇنداقراق تورخانىلار سېنى رازى قىلالمىغىلى تۇردى، سەن ھەشەمەتراقىنى ئىزدەپ تاپتىڭ. داداڭ سالغان پۇلمۇ تورخانىغىلا خەجلىنىدىغان بولدى، قەھرىمانلىرىڭغا سېتىۋالمىغان كىيىم قالمىدى. ھېلىقى كۈنى ئويۇن سەۋەبلىك كەلگەن ئاچچىقىڭدا بىر ئېكراننى چېقىۋەتتىڭ. ئۆيدىكىلىرىڭگە «مەكتەپ پۇل يىغاتتىكەن» دەپ پۇل سالدۇرۇپ تۆلىدىڭ. بۇ بەلكىم باشتىن - ئاخىر شەيتاننىڭ ئەتراپلىق تۈزۈلگەن پىلانى بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
     ھالبۇكى، ئويۇندىن ھېچنەرسە چىقمايتتى، ئۇ ساڭا تىيىن چاغلىق پايدا - شاراپەت بەرمەيتتى. سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلەتتىڭ: تاماققا پۇلۇڭ يەتمەيتتى، كۆزۈڭ تېخىمۇ كۆرمەس بولدى، بۆرىكىڭ زەئىپلەشتى، جىگىرىڭ چىرىگىلى تۇردى...
     بارا - بارا ئوقۇتقۇچىلىرىڭنىڭ نەزىرىدىن چۈشتۈڭ، ساۋاقداشلىرىڭ ئارىغا ئالماس بولدى. ھەتتا مۇرادمۇ پات - پات ساڭا تەربىيە قىلاتتى: «ئاز چىق ئاداش، كۆنۈپ قالما. سەن بۇنداق تۈگىشىپ كەتسەڭ، مەن ئۆزۈمنى گۇناھكار ھېس قىلىدىكەنمەن.» سەن قوشۇلغاندەك تەرزدە باش لىڭشىتىپ قوياتتىڭ. بىراق سەن بۇ ھەقتە ئويلاشمايتتىڭ، ئويلىشىشنىڭمۇ ئورنى يوق دەپ بىلەتتىڭ. بالدۇقى ئارزۇ - ئارمانلىرىڭدىن ئەسەر يوق. ئەمىلىيەتتە مىللەتتىن بىر ئۈمىد ئۆچكەنىدى. كېلەچەكتە پۈتۈن يۇرتقا زەپەردىن نۇر چاچالايدىغان بىر قۇززات خارابلىنىشقا يۈزلىنىۋاتاتتى. بۇ ھەرگىز كىچىك پاجىئە ئەمەس.

4


    1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئىدى. ھەممە ئادەم يېڭى يىل تەييارلىقى بىلەن ھەلەك يۈرۈۋاتسا، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سەن يەنە تورخانىغا ماڭدىڭ. مۇراد سېنى توستى:
     ___ ھارۇن، ئەتە سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ. بۈگۈن بولسىمۇ ياتاقتا ئارام ئالغىن. ئەتە ئاغىنىلەر بىلەن بىرگە تۇغۇلغان كۈنۈڭنى ئېسىل بىر تەبرىكلەيلى. يېڭى يىلنى يېڭى قەدەملەر بىلەن كۈتۈۋالالايلى، ئاداش.
     ___ ئاداش، ياتاقتا ھامىنى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ. مەن ئەتە ئەتىگەن كىرىمەنغۇ. ئەتە ئەلۋەتتە راۋۇرۇس بىر سەگىدەپ كېلىمىز، ئاداش. خاتىرجەم بولە.
     بۇ كېچىمۇ يورۇدى. ياتاقداشلىرىڭ سەن ئۈچۈن تورت ۋە باشقا ھەرخىل سوۋغىلارنى تەييارلاپ سېنى ساقلاپ ئولتۇردى. سەن كىرمىدىڭ. مۇراد ساڭا تېلېفون ئۇردى، تېلېفونۇڭ ئېتىك ئىدى.
     چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ بولاي دېگەندە، سىنىپ مۇدىرىڭدىن مۇرادقا تېلېفون كەلدى.
     ___ مۇراد، ھازىر دوختۇرخانىدىن تېلېفون كېلىپ ھارۇننى جىددىي قۇتقۇزۇشتا دەيدىغۇ، نېمىش بولغان؟
     ___ نېمە؟ مەن... مەن بىلمەيمەن، مۇئەللىم.
     ___ دەرھال مەكتەپنىڭ ئالدىغا چىق.
     سىنىپ مۇدىرىڭ بىلەن مۇراد تېنىڭغا بارغاندا سەن ئاللىبۇرۇن نەپەسسىز قالغانىدىڭ. بۈگۈن سېنىڭ 18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈڭ ئىدى. ھەر ئىنسان ھايات دەرۋازىسىنى رەسمىي ئاچىدىغان بۇ كۈندە سەن ھاياتتىن خوشلاشقانىدىڭ. بۇ جۇدالىق مۇسىبىتى پەقەت ئاتا - ئاناڭنىلا ئەمەس، ئىسمىڭنى ئاڭلىغان ھەربىر كىشىنىڭ يۈرىكىنى لەختە قىلدى.
     قاتىللىق خەنجەر بىلەنلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ، دېڭىزمۇ سېنى سىلاپ - سىيپاپ تۇرۇپ جېنىڭنى ئالىدۇ. خۇمارلىقمۇ ئاق ۋەياكى خروئىنغىلا مەنسۇپ ئەمەس، ئويۇنمۇ جەلپكارلىقى بىلەن سېنى دېڭىزغا ئىتتىرىدۇ. قاينىۋاتقان سۇدىكى پاقىدەك ئىنتايىن ھۇزۇرلانغان ھالدا ئاستا - ئاستا ئۆلىسەن.
     ئەسلىدە ھېچكىم قىلالمايدىغان غايىۋى ئىشلارنى سەن قىلغانىدىڭ، ئەمدىلىكتە ھېچكىم قىلمايدىغان ئەخمىقانە ئىشنى سەن قىلغانىدىڭ. غەملىنىدىغىنىم: سەن ئۆلگەن يولدا يەنە نۇرغۇن ياشلار بار، سەن كەتتىڭ، ئۇلارمۇ سەن كەبى كەينىڭدىن كېتىۋاتىدۇ.
     ھەممىسى سېنىڭ قانداق ئۆلگىنىڭ ھەققىدە سوراشتى. كۆرگەنلەرنىڭ دېيىشىچە، سەن ئەتىگەن چوڭ يولدىن قارىماي كېسىپ ئۆتۈۋېتىپ، تېز سۈرئەتلىك بىر ماشىنىغا سوقۇلۇپ كېتىپسەن. ماشىنا ئىگىسى سېنى دوختۇرخانىغا ئەكەلگەندە، دوختۇرلار مېڭەڭگە قان چۈشكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ نائىلاج قاپتۇ. ئۇلار يانچۇقىڭنى مالتىلاپتۇ، تېلېفونۇڭ چېقىلغان، ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكەڭ ئۈستىدىكى نومۇردىن سىنىپ مەسئۇلىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ.
     راست، سەن قانداق ئۆلدۈڭ؟ سېنى LOL ئۆلتۈردى. ماشىنىغا سوقۇلۇشىڭغا سەۋەب بولغان بىر جەريان بار ئىدى.
     سەن بىر كېچە تەيدامىر ئويناپ چىقتىڭ. سائەت يەتتىدە ۋاقىت توشتى. ئىختىيارسىز ئورنۇڭدىن تۇرۇپ تورخانىدىن چىقتىڭ. ھازىرمۇ خىيالىڭدا قېلىچىڭ بىلەن رەقىبىڭگە ھۇجۇم قىلىۋاتىسەن. بۇ چاغدا قەدەملىرىڭ چوڭ يول بويىغا كېلىپ بولغانىدى. قېنى كىچىككىنە قالغان دۈشمەن ئارقىسىغا داجىپلا قاچتى. سەن «E» بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ، «W» بىلەن ئاستىلاتتىڭ. يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى ئۇراي دەپ تۇرۇشىڭغا، يان تەرەپتىن ھۆركىرىگەن پېتى مېڭدو دوختۇر ئېتىلىپ كەلدى. سەن دەررۇ «R» نى بېسىپ، بەش سېكۇنت ئۆلمەيدىغان ئىقتىدارىڭنى قوللاندىڭ. سەن ئىنتايىن مەغرۇر ھالدا ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتىڭ...
     ئەمما سەن تەرەپكە قۇيۇندەك يوپۇرۇلىۋاتقىنى ھۆركىرىۋاتقان مېڭدو ئەمەس، بەلكى سىگنال چېلىۋاتقان ماشىنا ئىدى. ساڭا توساتتىن بىرنەرسە زەردىلىك ئۇرۇلدى. بېشىڭ قاتتىق ئايلاندى، نېمىش بولغانلىقىنى زادى ئاڭقىرالمىدىڭ. «R» دىن چاتاق چىققىنىغا ھەيران قېلىۋاتاتتىڭ. ئەپسۇسكى، خىيالىي دۇنيادىكى ئۇ قالتىس ماھارىتىڭ بۇ رېئالىي ھاياتتا كارغا كەلمەيتتى. ماشىنا سېنى ئون نەچچە مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇرۇپ تاشلىدى، كۆز ئالدىڭدا كۈلرەڭ ئېكران...


2016 - يىلى ماينىڭ 13 - كۈنى، ئۈرۈمچى
uyghuray

7

تېما

1

دوست

551

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   10.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66801
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-22
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
سىتۇدېنتلىرىمىز  يېزىلىشقا تېگىشلىك بىر تېما. يازغان قوللارغا دەرت بەرمىسۇن.

0

تېما

2

دوست

603

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   20.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62901
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تور ئويىنىغا خۇمار بولۇپ قىلىش ھەقىقەتەن بەك خەتەرلىك .

1

تېما

0

دوست

1409

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21612
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 462
توردىكى ۋاقتى: 88
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بولىدىغان تىما  ئىكەن
uyghuray

1

تېما

0

دوست

291

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17669
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-16
5#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kvresh621 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-16 11:27  

       ئا بالىنىڭ  چۈشى  ئۆتكۈر تىللار بىلەن بەك قىزززىق چىقىپتۇ ئەڭ ئاخىرىدىكى مەنزىنىڭ  ئارقىمۇ-ئارقا گۇمپىللىرىنى ئىشلىتىپ «R» نىمۇ ئىشلىتىپ ئۇنىڭدىن چاتاق چىققىنى بىر ھىسابتا غا ئوخشاش تۇلىمۇ كۈلكىلىك تۇلىمۇ ھەجىۋىي يەنە بىر ھىسابتا چۇڭقۇر مەنىلەر سىڭگەن چىراي مەن شۇنداقىراق چۈشەندىم . تېخىمۇ  قىززىق يىرى بۇلارنىڭ ھازىر مەخسۇس تىلىۋىزىيە قانىلى با تېخى تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ ئاڭلىتىدىغان.     
فىلىيەتۇندەك چىقىپتۇ رەھمەت LOL نى بىلمەيدىغانلا تىمىنى ئازىراقمۇ چۈشىنەلمەيلا قالىدۇ.  

بۇ ئوياننى  ئوينىماسلىق كېرەك پەقەت ئوينىمىسام تۇرالمايمەن دېسىڭىز ھەپتىدە بىرە-ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا   3 مەيداندىن ئارتۇق ئوينىماڭ بوممىسا ھەر جەھەتتىن زىيانلىق .  بۇ ئويان مەن ئۇچىراتقان ئويانلارنىڭ ئىچىدىكى خەلق پۇلى خەجلەپ نوچى بولغىنى بوممايدىغان ئويانلارنىڭ بىرسىكەن.   تاپقان پۇلنى                             穿越火线,  逆战, 地下城  دېگەندەك ئويانلارغا خەجلەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا بۇ ئوياننىڭ زىينى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى زىينى  سەل ئازىراق( تور پۇلى، ۋاقىت ،زىھىن ئىسىراپچىلىقى ھەممىسىدە بار)
توراشلارنىڭ تىللاپ كۆمۈۋەتمەڭلا يەنە  

0

تېما

0

دوست

162

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62508
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ناھاتتى ياخشى تىما بوپتۇ،ئالىي مەكتەپ ئوكۇغۇچىلىرى ئىچىدە بۇنداق ئەھۋال ناھاتتى ئىغىر،ئىككى يىل بۇرۇن ھەممە بالىلارنىڭ مۇشۇ ئويۇننى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ زادى قانداق نەرسىدۇ دەپ سىناپ باققان ئىدىم،ئەمما ئازراق ئويناپلا زىرىكىشلىك ھىس قىلغان.شۇنىڭدىن باشلاپ ئىسمىنى ئاڭلىساملا ئىچىم سىقىلىدۇ،ياتاقتىكى بىچارە يولداشلار ئوينايدۇ ئوينايدۇ ئۈچ يىل بولدى يەنىلا شۇ ئالا يىشىل كۆرۈنۈش،،،،ھىچ بىر ئۆزگىرىش يوق.شۇڭا دەيمەن شۈنچە ۋاقىت پۇل زىھىن ئىسراپ قىلىپ تۈكمەن ئىشىكىدەك بىرجايدا چۆرگىلىگەندىن باشقا ئىشلارنى قىلغان بولسا ھىچ بولمىسا كەتكەن ۋاقتىغا چۈشلۇق ئەجىر كىلەتتى...

0

تېما

0

دوست

127

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19416
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ بەك ئوينايمەن.ئەگەر خۇمار بولۇپ قىلىش دەرىجىسىگە يەتكەنلەت بولسا تاۋباۋ دا مەخسۇس نومۇر توڭلىتىدىغانلار بار شۇنداق قىلىپ توڭلاتقۇزىۋەتسەڭلار بولىدۇ.

0

تېما

6

دوست

655

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48710
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 182
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام  مۇشۇ ئويۇننىلا 3 يىل ئويناپتىمەن،بۇ ئويۇن باشقا ئويۇنلارغا قارىغاندا ۋاقىتىنى بەك كۆپ ئىسراپ قىلىدۇ،بىر قول ئويناش ئۈچۈن يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدۇ ،دەسلەپ ماڭىمۇ مەنىسىز بىلىنگەن كېيىن ياتاقداشلارنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن بىر ئويناپلا خۇمار بولۇپ قالدىم.شۇنىڭدىن باشلاپ بىر كۈن ئوينىمىسام بىر يېىم كەمدەك بولىدىغان بولۇپ قالدىم،ھەتتا ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئاسان تېرىكىدىغان بولۇپ قالدىم،مۇشۇ توغرلۇق ئائىلەمدىكىلەردىن نۇرغۇن قېتىم تىل ئىشىىتتىم.قىز دوستۇم بىلەن  نۇرغۇن قېتىم سوقۇشۇم نۇرغۇن قېتىم ئيرىلىپ كەتتىم.خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتى،نەچچە قېتىم قەتتىي نىيەتكە كېلىپ ئويۇننى نەچچە قېتىنم يۇۋەتتىم لېكىن يەنىلا ئاقمىدى،كېيىن دوسلىرىم بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ ئۇنتۇشقا تىرىشتىم،ئاخىرى كوپىيوتىرىمدىن چاتاق چىقىپ ئويۇنلارنى قوللىيالماس بولۇپ قالغانتى يېڭى كومپىيوتىر ئالغاندا ئوينارمەن دەپ قويۇپ مانا 3ئاي بولۇپ قالدى ،بىر قول ئويناپ باقمىدىم،مېنىڭچە ئاخىرى بۇ ئويۇننى تاشلىۋەتتىم.مەندىن نەسىھەت ئويناپ باقمىغانلار ھەرگىز ئويناپ سالماڭلار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )