غەلىتە ئادەم
ئۆزتۇغ
مەن بىر « غەلىتە ئادەم» ، دوستلىرىم، ساۋاقداشلىرىم دائىم مېنى «غەلىتە» دېيىشىدۇ. مەن راستىنلا شۇنداق «غەلىتە» مۇ بۇنىڭغا ئۆزۈممۇ بىر نەرسە دىيەلمەيمەن، بىراق مىنىڭ كاللامدا غەلىتە ئوي- پىكىرلەر بار، بۇنىسى ماڭا ئېنىق. مېڭەمدىكى غەلىتە ئوي- پىكىرلىرىمنى ئەتىراپىمدىكى كىشىلەرگە بىمالال ئېيتالمايمەن، ئېيتتىممۇ بولدى مەن ھەر خىل كۆز ئىپادىسىگە دۇچ كېلىمەن، بەزىلىرىنىڭ كۆزىدىن ئوخشاشلا «غەلىتە» دىگەن ئىبارىنى كۆرۈپ قالمەن. ئەمما مەن ھەرخىل ئەيىپلەشلەردىن، «غەلىتە» دەپ ئاتىلىپ قېلىشىمدىن قورىقمايمەن ھەم قورقۇپ باققىنىم يوق. چۈنكى مەن غەلىتىلىكنى ياخشى كۆرىمەن، باشقىلارغا ئوخشاپ قېلىشنى«ئۆلۈم» دەپ بىلمەن، باشقىلارغا ئوخشاپ قالغان كۈنۈم مىنىڭ ماتەم كۈنۈم!
«غەلىتە» دىگەن بۇ ئىبارىنى باشقىلار ئانچەياقتۇرۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ھېچقانداق ئادەم ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن«غەلىتە» دىگەن نام بىلەن ئاتىلىپ قېلىشنى خالىمىسا كېرەك. دېمەك، «غەلىتە» دىگەن بۇ ئىبارىنى ئۇلار توغرا چۈشىنەلمىگەن، ئەگەر توغرا چۈشىنەلىگەن بولسا ئىدى، ئۆزىنىڭ بۇنداق ئاتالغىنىدىن ئىپتىخارلانغان، پەخىرلەنگەن بولاتتى. «غەلىتە» دىگەنگەپنىڭ ئۆزى سىزدە باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بىر ياكى بىر قانچەنەرسە بار دىگەن گەپ. بۇ نەرسە بەلكىمسىزنىڭ مەلۇم بىر ھەركىتىڭىز بولىشى مۇمكىن ياكى سىزدىكى تەسەۋۋۇر ياكى مەلۇم بىرئوي- خىيال ۋە ياكى كۆز- قاراش ، پىكىر ئېقىمى... ۋەھاكازالار. سىزدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاشئەتىراپىڭىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئادەملەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى سىزنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان، يەنى «غەلىتە» قىلىپ قويغان. ئەمما مەن بۇنى ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز بايلىق دەپ ھېسابلايمەن. ئەمەلىيەتتە، باشقىلارنىڭ سىزنى «غەلىتە» دەپ ئاتىۋېلىپ كەمسىتىشلىرى ماھىيەتتە ئۆزىنى كەمسىتكەنلىكى ۋەھاقارەتلىگەنلىكى بىلەن باراۋەر. چۈنكى بەزى كىشىلەر سىزگە «غەلىتە» ئاتلىق قالپاقنى كىيدۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنى ئەتىراپىدىكى «نورمال» كىشىلەرگەئوخشاتماقچى بولىدۇ، نەتىجىدە ئۆزىدە بار بولغان ۋە ئەتىراپىدىكى كىشىلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان نەرسىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلۋېتىپ،ئۆزلىرىنى «نورمال» كىشىلەر توپىغا مەجبۇرى ھالدا كۆمۈۋېتىدۇ، يەنى ئۆزىدىن ۋازكېچىدۇ. مەن بۇنى «ئۆزىنى سېتىش» دەپ ئاتايمەن.
مەن باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرالىغانلىقىم ئۈچۈنلا مەن بولالىدىم. مېنىڭچەكۆپ قىسىم كىشىلەر ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدىغان مۇنداق بىر نۇقتا بار، يەنى ئادەملەرنى بىر- بىرىدىن پەرىقلىق قىلىدىغاننەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىدۇر. مەن بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى ئومۇملاشتۇرغان ۋە يىغىنچاقلىغان ئاساستا كاللا ( ئىدىيە،ئوي- خىيال، كۆز- قاراش، روھىيەت، تەسەۋۋۇر...) دېگەن بىر سۆزگە يۈكلەيمەن. يەنىمېنىڭچە بولغاندا، «غەلىتىلىك» ئەڭ ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ كاللىسىدا شەكىللىنىدۇ،ئاندىن شۇ كىشىنىڭ ئوي- خىيال ۋە سۆز- ھەركىتىدە ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. غەلىتە ئوي-خىيال، تەسەۋۋۇرلارنى قىلالايدىغان، غەلىتە كۆز- قاراش ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرغاقۇيالايدىغان كىشىلەرلا ئىجادچان كېلىدۇ. ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىمەن ۋە ئۆزۈمنى قۇدىرەتتاپتۇرمەن دەيدىكەنسىز، سىز ئاۋال ئىشنى كاللىڭىزنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاڭ!
تارىخنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، دۇنيا ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى بىر قىسىممەشھۇر شەخىسلەر ( بۇ يەردە ئاساسلىقى نىيۇتون، ئېينىشتىيىن قاتارلىق ئالىملاركۆزدە تۇتۇلدۇ) ئۆزلىرنىڭ ئىلمي ئاساسقا ئىگە ئۆزگىچە كۆز- قاراش ۋە ئىدىيەلىرىبىلەن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئالقىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلدى. دەسلەپتە شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىلا چۈشىنەلەيدىغان ھەم ھېس قىلالايدىغان، بىر قاراشتىلا «غەلىتە» لىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان ئاشۇ كۆز-قاراش ، ئىدىيە ۋە تەسەۋۋۇرلار كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى، ئەممائۇلار بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى، ئاخىردا پولاتتەك ئىلمىي ئاساسقا ئىگە پاكىت ئالدىدا ئۇنى قۇبۇل قىلىشتىن باشقا تاللاش يولى بولمىدى. شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز غايىسى يولىدا ئىزچىل ئىزدىنىشى ھەم شۇنىڭدەك باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئىقتىدارىبىلەن ئۆزگىچىلىك يارىتالىدى ۋە يېڭىلىقلارنى ئوتتۇرغا قويالىدى.
مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشىنەلمەيدىغان ياكى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىغان نەرسىلەرنىئۇچىراتقان چاغدا ئۇنى «غەلىتە» دېيىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ شۇ نەرسىلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ناھايتى تېيىز ئىكەنلىكىنى يۇشۇرماقچى بولىدۇ. بۇنداق ئىشلار ئەتىراپىمىزدا، تۇرمۇشتا ھەتتاكى ئۆزىمىزدە دائىم ئۇچىراپ تۇرىدۇ...
«غەلىتە» دېگەن ئىبارىنى مەن يەنە «ئۆزگىچە» دېگەن مەنىدىمۇ چۈشىنىمەن ھەم مۇشۇنداق چۈشىنىشنى توغرا دەپ ھېسابلايمەن. ئەگەر سىزدە باشقىلاردىن پەرىقلىنىدىغان ئوي- خىيال ۋە پىكىرلەر پەيدا بولۇپ قالسا، ھەرگىزمۇ مەيۈسلەنمەڭ،ئەكىسچە خۇشاللىق بىلەن تەسەۋۋۇرىڭىزنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇنى تېخىمۇ بېيىتىڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا سىزمۇ ئۆزگىچىلىك يارىتالايسىز!
قەلەم تەۋرەتكۈچى: ئەزمەت ئەخمەت ئۆزتۇغ
2016- يىلى 1- ئاينىڭ 26- كۈنى |