قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1718|ئىنكاس: 19
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خوجا: يىپەك يولى پىلانى سىرتقا يادەم بېرىشنىڭ يېڭى نۇسخىسىم...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

1

دوست

719

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   43.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66801
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-18 15:04:10 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
7cfd3ec1e849dfd_size115_w600_h450.jpg

يىپەك يولى پىلانى سىرتقا يادەم بېرىشنىڭ يېڭى نۇسخىسىمۇ؟

خوجا ھاشىم تەرجىمسى

2016-يىلى 13-ماي سۇمرۇغ خەلقئارا ئەقىل ئامبىرى بىلەن خې جىيې دۇنيا قانۇن بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «بىر بەلۋاغ بىر يول ۋە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە مەبلەغ سېلىش، سېتىۋېلىش-قوشۇۋېلىش مۇنبىرى» شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. فۇدەن ئۇنىۋېرستېتى ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى جاڭجۈن ئەپەندىمۇ مەزكۇر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، «بىر بەلۋاغ بىر يول» تېخى مۇستەھكەم رامكا بولۇپ شەكىللەنمىگەن، بەلكىم كەلگۈسى جەرياندا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن بولۇپ، FTA (Free Trade Area ئەركىن سودا رايونى)غا سېلىشتۇرغاندا،«بىر يول بىر بەلۋاغ» نىڭ خارەكتېرى چەتئەلگە ياردەم بېرىشكە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.

«بىر يول بىر بەلۋاغ»قا قانداق ئېنىقلىما بېرىمىز؟
«بىر يول بىر بەلۋاغ» دېگەن زادى نېمە دېگەن گەپ؟ FTA مۇ؟ چەتئەلگە بىۋاسىتە مەبلەغ سالىدىغان كۆپ تەرەپلىك كېلىشىمنامىمۇ؟ جۇڭگونىڭ سىرتقا ياردەم بېرىش ئۇقۇمىنىڭ كېڭەيتىلمىسىمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، «بىر يول بىر بەلۋاغ»قا كۆپلىگەن نۇقتىلاردىن ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. «بىر يول بىر بەلۋاغ»ئۇقۇمىنى 2013-يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ قازاقىستاننى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما جۇڭگو ۋە چەتئەل ئىلىم ساھەسى «بىر يول بىر بەلۋاغ»قا نىسبەتەن تېخى بېرەر ئورتاق تونۇشقا بىرلىككە كەلمىدى.
ھەرىكەت پروگراممىسىدىن قارىغاندا،«بىر يول بىر بەلۋاغ» جۇڭگونىڭ بېرەر دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكىسپورت ياكى غەيرىي تاموژنا بېجى توسۇقىدىكى كونكېرت ماددىلار  سۆھبىتىگە ئوخشىمايدۇ. FTA  ئەركىن سودا كېلىشىمىگىمۇ ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تاۋار ۋە مۇلازىمەت سودىسىدىكى توسۇقلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن بىلەن تۆۋەنلىتىشنىڭمۇ ئىنتايىن ئۇزاققا سوزۇلغان سۆھبەتلىشىش جەريانى بولىدۇ. ھەم بۇ جەرياندا شەكىللەنگەن ھۆججەتلەرنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما بىز ھازىر «بىر يول بىر بەلۋاغ» ھەققىدە كۆرۈۋاتقان ھەرىكەت پروگراممىلىرى پەقەتلا بىر قاتار ئۇقۇملاردىن ئىبارەت.
«بىر يول بىر بەلۋاغ» تېخىچە ئىنتايىن مۇستەھكەم بولغان مۇقۇم رامكا بولۇپ شەكىللەنمىدى، بەلكىم كەلگۈسى جەريانلاردا تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن. FTA بىلەن سېلىشتۇرغاندا «بىر يول بىر بەلۋاغ» چەتئەلگە ياردەم بېرىشكە بەكراق ئوخشاپ كېتىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا ياپونىيە چەتئەلگە، بولۇپمۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئارقىدا قالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشكە باشلىغان. 70-يىللارغا كەلگەندە، ياپونىيەنىڭ چەتئەلگە ياردەم بېرىشى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، ياردەم بېرىدىغان ئوبيېكتلىرى ئاساسلىقى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە مەركەزلەشكەن ئىدى. ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، جۇڭگومۇ ئالاھەزەل 30 يىل ياپونىيەنىڭ چەتئەلنى ئېچىش ياردىمىگە مۇۋەپپەق بولغان ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، 60- يىللاردا جۇڭگو ئافرىقىغا كۆپلەپ ياردەم قىلغان، ھەم ئۆتكەن 30 يىلدىمۇ بۇ خىل ياردەم ئىزچىل توختاپ قالمىدى. «بىر يول بىر بەلۋاغ» مەشغۇلات ئەھمىيىتىدىن قارىغاندا چەتئەلگە ياردەم قىلىشقا تېخىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. ھازىرقى ھەرىكەت پروگراممىسى 70 كە يېقىن دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دۆلەتلەر، مەيلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بولسۇن، كۆپىنچە دۆلەتلەر يەنىلا تۆۋەن كىرىملىك تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئەڭ كەمچىل بولغىنى ئاساسىي ئەسلىھە بولۇپ، چەتئەللەرنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشىغا موھتاج. ئەمما بۇ ئەللەردە چەتئەلنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلغۇدەك تۈزۈلمە شارائىتى مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگو ئۇزاق مۇددەت چەتئەلگە ياردەم بېرىپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ 60 نەچچە دۆلەتكە قىلغان ياردىمى چەتئەلگە سالغان ئۇمۇمىي مەبلەغ سوممىسىنىڭ %20 گە توغرا كېلىدۇ. ئەمما تەرەققىي تاپقا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە سالغان مەبلىغى ئىنتايىن ئاز. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ دۆلەتلەرگە مەبلەش سېلىشنىڭ خېيىم-خەتىرى تولىمۇ زور.
مۇشۇ تەھلىلگە ئاساسلانغاندا، «بىر يول بىر بەلۋاغ»نىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ئىنتايىن ناچار. جۇڭگونىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ»نى تەشەببۇس قىلىشى؛ ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان چەتئەلگە ياردەم بېرىش ئۇقۇمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىدۇر. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ FTA ياكى  دۆلەتلەر ئارا ئەركىن سودا كېلىشىمنامىسى ۋە ياكى مەبلەغ سېلىشقا ئالاقىدار كۆپ تەرەپلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر ياردەم بېرىش ئۇقۇمىدۇر. جۇڭگو لىنىيە بويىدىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلىشىنى، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى قوللاشقا موھتاج. بۇ قۇرۇلۇشلار ۋۇجۇدقا چىققاندىن كېيىن، جۇڭگو ئاندىن بەلۋاغ رايونلىرى دۆلەتلىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ئورنىتالايدۇ.
«بىر يول بىر بەلۋاغ» دېگىنىمىز نېمە؟ بۇ ئۇقۇم 2013-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشلاپ ئۇ ھەقتە بولغان مۇنازىرە توختاپ قالمىدى. كۆپچىلىك «بىر يول بىر بەلۋاغ»نىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلىگىنى يوق، مەشغۇلات قاتلىمىدا قانداق ھۆججەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىمۇ ھەممىمىزگە قاراڭغۇ. كۆپلىگەن دوكلاتلار لىنىيە بويىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ»گە ئۇنچە قىزغىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. باش تەشەببۇسچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو ئەلۋەتتە ھەممىدىن بەكرەك قىزغىن بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر تەشەببۇس ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە تۈزۈلمە قاتلىمىدا زور يوچۇق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ سىرتقا ياردەم بېرىش ئۇقۇمىنى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجە ۋە قاتلامغا كۆتۈرگەنلىكتۇر.

كەلگۈسى 10 يىل ھەتتاكى تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتتە،«بىر يول بىر بەلۋاغ»نىڭ ئاساسىي خىزمىتى نېمە بولىشى مۇمكىن؟
«بىر يول بىر بەلۋاغ» ئۇقۇمىنى سىلجىتىش ياكى جۇڭگونىڭ سىرتقا ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشىدۇر. جۇڭگونىڭ ئۆتمۈشتىكى سىرتقا ياردىمى؛مەسىلەن، ئافرىقىغا قىلغان ياردىمىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشىغا سەرپ قىلىنغان، بۇ ئالاھىدىلىك ئۆزگەرگىنى يوق. جۇڭگونىڭ لىنىيە بويىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرگە قىلغان ياردەملىرى ئاساسەن دېگۈدەك شۇ يەرلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى زور مىقداردىكى مەبلەغ جۇغلاشقا ئېھتىياجلىق، ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ جۇغلاش ئىقتىدارى تولىمۇ چەكلىك، خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىمۇ مەبلەغ جۇغلاش ئىمكانىيىتى يوق. شۇڭا جۇڭگونىڭ چوقۇم بىر مەبلەغ جۇغلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئورگىنى بولۇشى كېرەك، مانا بۇ ئاسىيا ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش بانكىسىدۇر. بۇ بانكىنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيىسىمۇ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ جۇغلاش. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 40 مىلياردلىق يىپەك يولى فوندىمۇ بار. قىسقىسى بۇلارنىڭ ھەممىسى لىنىيە بويىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە ئورتاق قۇرۇلۇشى جۇغلاشقا ئېھتىياجلىق بولغان مەبلەغنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر. لىنىيە بويىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان بىرلەشمە ئېچىش، بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش كۆپ تەرەپلىك پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئېچىشچان مەبلەغ جۇغلاش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق.

جۇڭگو كارخانىلىرى  «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسى ئاستىدا قانداق روللارنى ئوينايدۇ؟
ئۆتكەن مىساللارنى ئانالىز قىلىدىغان بولساق، لىنىيە بويىدىكى كۆپىنچە دۆلەتلەرگە مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كارخانىلىرى، بولۇپمۇ مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. بۇ ئىلگىرىكى ئېچىش بانكىسى، ئىمپورت-ئېكىسپورت بانكىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەلگە ياردەم بېرىش ئاساسىي ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلىشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانىلار، بولۇپمۇ شۇ رايونلارنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان مەركەز كارخانىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىدۇ.بۇ جەرياندا بەلكىم شەخسلەر ئىلكىدىكى كارخانىلارنىڭ  قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقى ئانچە يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىنمىسى يەنىلا ئاساسىي ئېقىمنىڭ مەبلەغ سېلىشى بولىشى، شىركەت قاتلىمىدىكىلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاسسىي ئېقىم بولماسلىقى مۇمكىن.
ئىلگىرى جۇڭگونىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلىغىنىڭ تەڭدىن تولىسى ياقا سەھرالارغا سېلىنغان بولۇپ، قالغىنى قۇشۇۋېلىش خارەكتېرلىك سېتىۋېلىش بولۇپ، %80 خەلق ئىلكىدىكى كارخانىلار قاتناشقان مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى ئارقىدا قالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە سېلىنغان بولماستىن، ھەممىسى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە سېلىنغان ئىدى.
تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆي-مۈلۈكچىلىك ساھەسى بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا تولۇقلاش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت.مەسىلەن، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارى، تېخنىكا، بازار ئەۋزەللىكلىرى جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىلگىرى چەتئەلگە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى بولغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تۈزۈلمىسى پىشقان، سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم، پۇل-مۇئامىلە بازىرى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. قانۇنمۇ بىر قەدەر مۇكەممەل، بولۇپمۇ پۈتكۈل تۈزۈلمىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى. شۇڭا كۆپىنچە خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە سېتىۋېلىشقا بەكرەك قىزىقىدۇ.
بۇ «بىر يول بىر بەلۋاغ» تەشەببۇس قىلغان لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ئوخشىمايدۇ. ئالدى بىلەن خېيىم-خەتەر دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، كۆپىنچە جۇڭگو كارخانىلىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئېشىنچە ئېنىرگىيەسىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. شۇڭلاشقا، «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ ئېھتىمال كەلگۈسى 10 يىلدا، چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاساسىي ئىككى خىل ئەندىزىسى شەكىللىنىشى مۇمكىن:بىر خىلى بولسا، زور مىقداردىكى مەركەز كارخانىلىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە مەبلەغ سېلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە «بىر يول بىر بەلۋاغ» لىنيىسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشىغا مەبلەغ سالىدۇ. يەنە بىر خىلى بولسا، كۆپلىگەن جۇڭگو كارخانىلىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنى بويلاپ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ۋە سېتىۋېلىش-قوشۇۋېلىشقا قاتنىشىدۇ، بولۇپمۇ سېتىۋېلىش-قوشۇۋېلىش تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلىشى مۇمكىن.
بولۇپمۇ 2008-يىلىدىن بۇيان، يەرشارى پۇل-مۇئامىلە بايلىقى باھاسى ئىزچىل تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا. بۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنى چەتئەلدىكى سېتىۋېلىش ۋە قوشۇۋېلىشىغا بىر قەدەر ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي دەل كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم ئوتتۇرۇھالدىن يۇقىرى باسقۇچتا بولۇپ، كۆپىنچە ياسىمىچىلىق كەسپىي دەۋر ئالمىشىش ھالىتىدە تۇرماقتا. شۇڭا كەلگۈسىدە، ھۆكۈمەت باشچىلىقىدىكى ياكى ھۆكۈمەت كۆپ تەرەپلىمىلىك باشچىلىق قىلغان ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىشمۇ «بىر يول بىر بەلۋاغ»نىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، سىرتقا ياردەم بېرىشىنىڭ كېڭەيتىلگەن نۇسخىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە خەلق ئىلكىدىكى كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن جۇڭگو كارخانىلىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى  بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ۋە سېتىۋېلىش-قوشۇۋېلىش پائالىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇمۇميۈزلۈك دەۋر ئالماشتۇرىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس ھازىرلايدۇ. «بىر يول بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيەسىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىجرا قىلىنىشى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەلگە بىۋاسىتە ،مەبلەغ سېلىشى ۋە سېتىۋېلىش-قوشۇۋېلىشىنى سىلجىتىدۇ دېگەندىن كۆرە، جۇڭگونىڭ چەتئەلگە ياردەم بېرىش-ئېچىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ دېگەن تۈزۈك.
20150317024856519.jpg
مەنبە: سۇمرۇغ تورى

بۇ مېنىڭ باغداش تورى ئۈچۈن قىلغان مەخسۇس تەرجىمەم. رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ.
uyghuray

0

تېما

1

دوست

507

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  67438
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-23
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-18 17:33:58 |ئايرىم كۆرۈش
بۇگۈنكى مەن كۆرگەن ھەممىدىن قالتىس،نادىر تېما بولدى بۇ!
مۇشۇنداق سەرخىل تىمىلار بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ تۇرىشىڭىزنى ىۈمىد قىلىمەن!

0

تېما

1

دوست

507

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   1.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  67438
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 148
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-23
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-18 17:36:20 |ئايرىم كۆرۈش
تورداشلارنىڭ بۇ تېما توغۇرلۇق كۆپرەك پىكىر قاتناشتۇرسىكەن،دەيمەن!

0

تېما

0

دوست

8871

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   77.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8426
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 741
تۆھپە : 2288
توردىكى ۋاقتى: 458
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 00:50:42 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ پىلاندا بىز ئۇيغۇرلار بىر ناننى پۇتۇن يىگۈدەك كۈنگە ئىرشەلەمدۇق يوق ..مىنەڭچە بۇنىڭدىن موھىمى يوق ..
uyghuray

0

تېما

0

دوست

2851

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30440
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 886
توردىكى ۋاقتى: 244
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 07:44:47 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ پىلان ئىشقا ئاشمايدۇ .

9

تېما

1

دوست

719

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   43.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66801
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 12:41:04 |ئايرىم كۆرۈش
باغداش ئەھلىنىڭ  بىر بەلباغ بىر يول ھەققىدە كۆپرەك پىكىر قاتناشتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بىز ئۈچۈن ھېچبىر تېما بۇنىڭدىن مۇھىم بولمىسا كېرەك.  بىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانچىلىك دېگەن نۇقتىدىن ئويلاشساق نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى ئاسانلا ھېس قىلالايمىز.

1

تېما

0

دوست

1591

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52790
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 482
توردىكى ۋاقتى: 83
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 16:30:27 |ئايرىم كۆرۈش
قۇرۇقلۇق يىپەك يولىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئۇيغۇرنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئەمما ئۇنىڭ شەرتى با ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۆز كىملىكىدە چىڭ تۇرىشى ۋە يىپەك يولىدىكى ئورنىنى توغرا مۆلچەرلىشى ئوبدان بەلگىلىشى.
تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقىتلىرىمىزنىڭ يىپەك يولى گۈللەنگەن ۋاقىتلار بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

ئەمەل تەڭشەشنىڭ مەنىسى نىمە ؟

1

تېما

0

دوست

7707

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15376
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 2380
توردىكى ۋاقتى: 486
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 17:39:22 |ئايرىم كۆرۈش
مەن  چۈشەنمىدىم ، لېكىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى خەلق ئاممىسىغا قانچىلىك پايدىسى تىگەر ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )