قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 484|ئىنكاس: 3
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يىڭىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

1139

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11456
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 352
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-18 18:50:48 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

كىرىش سۆز

كۈندە بىر يېڭى مەسىلە بار

2001-يىلى، مەن خىزمەتتىكى بوش ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ ئۆز تەرجىمھالىمنى تاماملىدىم، ئۇ بىرقېتىملىق قىزىقارلىق ھەم مۈشكۈل بىر كەچۈرمىش. ئۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئەمدە كىتابيازمايمەن دەپ قەسەم قىلغان ئىدىم.
بىراق مېنىڭچە يەنە يېزىپ قىلىشىم مۇمكىن.
مۇبادا بۇ كىتابقا باھانە تېپىش زۆرۈر بولۇپ قالسا،ئۇنداقتا ئىجادىيەتئوي-پىكرى مېنىڭ كاللامدىن چىقمىغان، بەلكى باشقىلار ماڭا بەرگەن.

بۇنى بىر پېنسىيە سوۋغىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ.GE دىنئايرىلغاندىن كىيىن،مەن تۈمەنلىگەن قالتىس كىشىلەرنى ئۇچراتتىم، يەنى ئۇلار ھاياتىيكۈچكە تولغان، قىزىشقا باي،ھازىرقى ئەھۋالىدىن قانائەتلىنىپ ئولتۇرمايدىغان، سوداتۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەر. بۇ كىشىلەر ماڭا بۇ سوۋغاتنى بەردى، ماڭانۇرغۇنلىغان غەلىتە سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇلار رازى بولغىدەك جاۋاب بېرىشئۇچۇن،مەن چوقۇم ئۆزۈم بىلىدىغان نەرسىلەرنى ئېنىق رەتلەپ،يېزىپ چىقىپ،ھېكايىنىباشقىلارغا سۆزلەش، بۇ كىتاب دەل مۇشۇنداق مەقسەتتە،سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا پەيدابولدى.

كىشىلەر 2002~2001 تۇنجى قېتىم ماڭا شۇ سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان،ئۇچاغدا مەن ئۆز تەرجىمىھالىمنى تارقىتىش ئۇچۇن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەشۋىققىلىۋاتاتتىم.نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ GE غا چەكسىز مۇھەببىتى بارلىقنى كۆرۈپ،ناھايىتى خۇشال بولدۇم.مەيلى ئامېرىكىدا بولسۇن ياكى باشقا دۆلەتلەردەبولسۇن، نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا ئۆزىنىڭ،ھەتتائاكا-ئىنى،ئاچا-سىڭللىرىنىڭ،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بۇ شىركەتتە ئىشلىگەنلىكھېكايىسنى سۆزلەپ بەردى.

بۇ ھېكايىلەردىن باشقا،مەن يەنە ناھايىتى ئەجەبلەنگەن ھالدا كىشىلەرنىڭقانداق قىلغاندا سودىنى ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى جىددىي ئۈمىدقىلىدىغانلىقىنى كۆردۈم.تېلېفون سۆھبىتىدە،بىرسى مەندىن GE نىڭ نەتىجەباھالاش تۈزۈلۈشىنى تونۇشتۇرۇشمنى،خادىملارنىڭ خىزمىتىنى ئۇچ خىل نەتىجە تۈرىگەقانداق بۆلگەنلىكنى ھەم مۇناسىپ جازا مۇكاپاتلارنى بەرگىنمىزنى بىلگۈسى بارلىقنى تەلەپ قىلدى. ھەم ئىمزا قويۇپ كىتاب سىېتۋىلىش مۇراسىمغا قاتناشقان كىشىلەر مەنئىلگىرى ئېيتقان ئادەم كۈچى بايلىقى مەسئۇلى كەم دېگەندىمۇ  ئۇلار بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دېگەنگېپمنىڭ مۇبالىغە ياكى ئەمەسلىكنى بىلىشنى ئۈمىد قىلدى.چىكاكودىكى ئالىي مەكتەپنىڭسودا سانائەت ئىنستىتۇتىدىكى چېغمدا،ھىندىستاندىن كەلگەن بىر MBA كۇرسانتى مەندىن ھەقىقىي كۆرۈنەرلىك نەتىجە باھالاش نەتىجسنىڭقانداق بولىدىغانلىقىنى مۇكەممەل چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلدى.

تەشۋىق قىلىپ قايتقاندىن كېيىن،سوئال سوراش دولقۇنى تېخى يوقالمىدى.مەيلىئايرودۇرۇمدا،مەيلى لىفىتتا،ياكى ئاشخانىدا بولسۇن،خىلمۇخىل سوئاللار داۋاملىق مەنتەرەپكە كەلدى . مەسىلەن بىر كۈنى مەن دېڭىز ساھىلدا ئارام ئېلۋاتسام،كىم بىلسۇنبىرەيلەن سۇدا ئۈزۈپ كېلىپ،ئۆزىنىڭ ئالاھىدە رۇخسەت قىلىنغان تىجارەت پۇرسىتىبارلىقنى،مېنىڭ قانداق قاراشتا ئىكەنلىكمنى سورىدى.بىراق كۆپ قىسىم سوئاللاريەنىلا مەن 2005~2002 قاتناشقان،تەخمىنەن 150 مەيدان مۇلاھىزە يىغىنىدا ئوتتۇرىغاقويۇلغان. نيۇيۇرۇكتىن شاڭخەيگىچە،مىلاندىن موسكىۋاغىچە، بۇ يىغىننى ئاڭلىغۇچىلارسانى 5000~30 يەتكەن.ئادەتتە مەن رىياسەتچى بىلەن سەھنىدە ئولتۇرۇپ،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپتىن كەلگەن سوئاللىرىغا جاۋاب بىرىمەن.

بۇ سوئاللارنى خىلمۇخىل دېيىشكە بولىدۇ،بۇلار جۇڭگودىن كەلگەن رىقابەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش،قابىليتى كۆزگە كۆرۈنگەن، بىراق ئاۋارىچىلىك تىېپىشنى ياخشىكۆرىدىغان خادىملارنى قانداق باشقۇرۇش،ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەتنى قانداق ئىزدەش، سۈپەت باشقۇرۇش تۇزۇمنى ياخشىلاش پىلانىنى قانداق يولغا قويۇش،مۇنەۋۋەرسودا كوللېكتىپنى قانداق قۇرۇش،مۇرەككەپ سودا مۇھىتدا رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى قانداق ئۈستىگە ئېلىش، سېتۋىلشقا قانداق تاقابىل تۇرۇش دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يەنە بەزىلەر،مۇبادا مېنىڭ خىزمەت نەتىجەم كۆرۈنەرلىك بولسا،بىراق خوجايىنمدائىم كۆرمەسكە سالسا،مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟مۇبادا پۈتۈن شىركەتتە مەنلائۆزگەرتىشنىڭ زۆرۆرىيتى بار دەپ قارىسام،مۇبادا مەن شىركەتنىڭ مۆلچەر يوچۇقلىرىنىبايقىسام،مۇبادا مەن بىر خىل يېڭى مەھسۇلاتنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلسام،بىراق باشئىشتاب ماڭا يېتەرلىك ھوقۇق ھەم بايلىق تەمىنلەپ بەرمىسە....مەن يەنە قانداققىلىشىم كېرەك.

بەزى مەسىللەر،مۇبادا مەن شىركەت دىرېكتورلىرىنىڭ گەپ قىلىشنى ئەمەلىيەتكەئۇيغۇن ئەمەسلىكنى بايقسام؛مۇبادا مەن مەلۇم خىزمەتچىگە ئامراق بولسام بىراق ئۇنىڭنەتىجىسى باشتىن-ئاخىر كۆڭۈلدىكدەك بولماي،ئۇنى چوقۇم ئىشتىن بوشىتىش توغرا كەپقالسا؛مۇبادا مەن ئۆز تەشكىلاتىمغا يېتەكچىلىك قىلىپ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتداۋاملاشقان كىرىزىس ئەھۋالىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش زۆرۈر بولۇپ قالسا،مەن نېمىلەرنىقىلشىم كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە،بالىلارنى تەربىيەلەشكە ئالاقىدار سوئاللار،كەسپىيھاياتىنى پىلانلاشقا ئالاقىدار سوئاللار،ھەم باشقا بارلىق مۇمكىنچىلىكى بارسوئاللار. مەسىلەن گولف توپ ئويناش،ئۆي بېزەش،پىيادە ، مارافون ئارقىلىق  ئىئانە توپلاش قاتارلىق. ئۇنىڭدىن باشقا،يەنەقانداق قىلغاندا باشقىلاردا دۈشمەنلىك نەزىرىنى پەيدا قىلماي ئۆز ئارزۇسىنىئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ دېگەن سوئاللار. ماكرو ئىقتىساد يۇزلىنشى،يېڭىراۋاجلانغان كەسىپ ھەم پېرېۋوت نىسبىتى تەۋرىنىش مەسىلىلىرى قاتارلىقلار.

كونكرېت مەسىللەر ناھايىتى كۆپ،بىراق كۆپ قىسىم مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىدەكبىر جۈملە سۆزگە يىغنچاقلىغلى بولىدۇ:

قانداق قىلغاندا يەڭگىلى بولىدۇ؟
بۇ دەل مۇشۇ كىتابتا سۆزلەيدىغان باش تېما- يېڭىش. بەلكىم يەنە باشقا تېملارمەندە يەنە بىر كىتاب يېزىش قىزغىنلىقنى قوزغىماسلىقى مۇمكىن.  چۈنكى مەن يىڭشنى پەقەت "ياخشى" دەپلاقارىمايمەن،بەلكى ھەقىقىي بىر "ئۇلۇغ" ئىش دەپ قارايمەن.  

سودا تۇرمۇشىدا يېڭىپ چىقىش بىر ئۇلۇغ ئىش. چۈنكى شىركەت پايدا ئالغانچاغدا كىشىلەرمۇ ئالغا باسالايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىنڭ ھەر بىرخىزمەتچىسگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىزمەت پۇرسىتى ھەم ئىجادىيەتپۇرسىتى بولىدۇ،ئۇلار كەلگۈسىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولغان،باللىرىنى ئالىيمەكتەپتە ئوقۇتقىدەك پۇلى بار،تېخىمۇ ياخشى داۋالاش مۇلازىمىتىگەئېرىشەلەيدۇ،تەتىل ئۆتكۇزىدىغان داچىلارنى سىتۋالالايدۇ،پېنسىيە تۇرمۇشىمۇ تېخىمۇياخشى كاپالەتكە ئېرىشەلەيدۇ.كارخانا پايدىسى ئارقىلىق ئۇلار يەنە جەمئىيەتكەجاۋاب قايتۇرۇش پۇرسىتگە ئېرىشەلەيدۇ.چۈنكى ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى ھەم پۇلنىئىللىقلق يەتكۈزۈش ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلالايدۇ.يېڭىش نەتىجىسى ئەتراپتىكى بارلىقكىشىلەرگە پايدا ئىلىپ كېلىپ،دۇنيانى تېخىمۇ گۇزەللەشتۇرىدۇ.

ئەكسىچە، كارخانا زىيان تارتقان ياكى مەغلۇپ بولغان چاغدا،ھەممە ئادەمزەربىگە ئۇچرايدۇ.كىشىلەرچۇشكۇنلىشىپ كېتىدۇ،شەخسىي مال-مۇلۇكمۇ كىمىيشكەباشلاپ،باشقىلارغا ياردەم قىلالايدىغان ئىشلار،ۋاقىت،پۇل دېگەنلەرمۇ چەكلىك بولۇپقالىدۇ. ئۇلار قىلغان ئىشنى ئۆيدىكلىرىنى غەم ئەندىشدە قويىدۇ،ئۇلارنىئەنسىرتىدۇ.يەنە مۇبادا ئىشسىز قالسا،ئۇلار دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان باجلارنىمۇناھايىتى تەستە تاپشۇرىدۇ.

بۇ يەردە ئاددىي قىلىپ باجنى سۆزلەيلى، ياكى ھۆكۈمەت خىزمەت مەسىلىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ سۆزلەيلى.

ئېنىقكى، ھۆكۈمەت جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. مۇھىم بىر نۇقتا،ھۆكۈمەتھەممىمىزنى قوغدايدۇ، چۈنكى مەيلى ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن،دۆلەت بىخەتەرلىكىگەپايدىسىز بولغان ئۇرۇشلار توختىماي كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ھۆكۈمەتنىڭ قىلدىغنى پەقەتبۇلا ئەمەس، ئۇ يەنە ئەدلىيە،مائارىپ،جەمئىيەت ئامانلىقى،ئوت ئۇچۇرۇش،تۆمۈريول،پورت،دوختۇرخانا قاتارلىقلارنى تەمىنلىشى كېرەك،بىرسى كەم بولسابولمايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق مۇلازىمەتلىرىنىڭ مەلۇمشەكىلدىكى باجنىڭ قوللىشغا موھتاج ئىكەنلىكنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ.ھۆكۈمەتنىڭئۆزى پۇل تاپمايدۇ، ئۇ ئىقتىساد ئۆسۇش ماتورىغا ياردەم بىرىدۇ،بىراق ئۆزى ماتورلۇقرولىنى ئوينىيالمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، يېڭىپ چىققان كارخانا ھەم خىزمەتچىلىرى ئاندىن ساغلام دۆلەت ئىقتسادىنڭ موتورى. ئۇلار ھۆكۈمەتكە باج تەمىنلەپ بېرىپ،ئەركىن ھەم دېموكراتىك جەمئىيەت ئاساسىنى قۇرۇپ چىققان. شۇڭلاشقا مەن يېڭىپ چىقىشنى ئۇلۇغ دەيمەن.

تەبىئىيكى، كارخانا يېڭىش ۋاستىسنى چوقۇم ئوچۇق-ئاشكارا دەپ سۆزلەپئولتۇرۇشنىڭ ھاجتى يوق،يەنى بۇلار ئالدىنقى شەرت.ھىلقىدەك ئادالەتسىز ئۇسۇللارئارقىلىق يىڭشنى قولغا كەلتۈرگەن شىركەت ھەم كىشلەرنىڭ يەڭدىم دېيىشكە سالاھىتىيوق.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،شىركەت ئىچكى قىسىم باشقۇرۇشى ھەم ھۆكۈمەت نازارىتنىڭتوختىماي مۇكەممەللىشىشگە ئەگىشىپ،ھىلقىدە ئەسكى ئەبلەخلەر ئاشكارلىنپ،سوداساھەسىدىن قوغلاپ چىقرلىدۇ.

بىراق سەمىمىي شىركەت ھەم سودىگەرلەرگە نىسبەتەن، يەنە چوقۇم قانداق يېڭىش يوللىرىنى تېپىپ چىقىش لازىم. بۇ كىتاب دەل ئۇلارغا يول كۆرسەتكۇچ.
قوشۇپ قوياي، بۇ كىتاب ھەرگىز شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلام دىرېكتورلىرى ئۇچۇنمۇلازىمەت قىلمايدۇ.ئەلۋەتتە،مۇبادا ئۇلار بۇ كىتابنى ياردىمى بار دەپ قارىسا، ئۇنداقتا مەن ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولۇپ كىتمەن. بۇ كىتاب ئاساسلىقى كەسىپنىڭبىرىنچى لىنيسىدە تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئۇچۇن،يەنى كىچىك كارخانىچلار،ئوتتۇرا قاتلامدىرېكتورلار،سىخ مۇدىرى،تىخنك ئىشچىلىرى،ئۆزىنىڭ بىرىنچى خىزمىتىنى ئىزدەۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، كەسپىي ھاياتنى ئويلاۋاتقان  MBAئۇلار ھەم يېڭى شىركەت قۇرغۇچىلىرى ئۇچۇن ئىجاد قىلىنغان . بۇ كىتابنى يىزىشمدىكى ئاساسلىق مەقسەت يۈكسەك ئىرادىسى بار، غەيرىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۇچۇن. مەيلى ئۇلار قايسى خىلدىكى تەشكىلاتتا خىزمەت قىلسۇن ئوخشاش.

سىز بۇ كىتابتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھېكايىسنى كۆرسىز،بەزىلىرى سىزگەئۆزىڭىزنىڭ سايىسنى كۆرسىتىدۇ،بەزىلىرى سىزگە ئوخشاشتەك تەسىر بىرىدۇ.
بىر CEO شىركەت ئۇچۇن يۈكسەك بولغان قىممەت ئىدىيەلىرىنى بېكىتىپ بەردى. يەنى ئېسىل پەزىلەت، خېرىدارلار مۇلازىمىتى، شەخسنى ھۆرمەتلەش قاتارلىقلار، بىراق ئەزەلدىنئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيتنى چۈشەندۈرۈپ باقمىغان.بىر ئوتتۇرا قاتلام دىرېكتور بۇ شىركەتنىڭباشقا بۆلۈمىدە يىغىن ئىچۋاتقان چېغىدا،ئاچىقلىنىپ كەتتى.چۈنكى ئۇ پەقەت خىزمەتداشلىرى كۈلكە چاقچاقنى ئازراق قىلسىلا، تېخىمۇ كۆپ ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايدىغانلىقنى بايقىدى. بەزى خىزمەتچلەرنىڭ نەتىجىسى ئۇداتۆۋەنلەۋاتىدۇ،بىراق كىشىلەرگە بولغان مۇئامىلسى ياخشى،ئۇنى كەتكۇزۋىتشكە تېخىكۆزىڭىز قىيمايدۇ.بەزى خىزمەتداشلىرىڭىز سىزنى ئۇنىڭغا قاراشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ خۇددى"ئۆسۈملۈك ئادەم" دەك ھەرىكىتى ئىنتايىنئاستا،ئۇنىڭ رەھبىرى بولۇشمۇ كىشىنى ئازابلايدۇ.يەنە ھەر كۈنى "يوقالغانكوللېكتىپ" ئۇستىلدە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان كىشىلەر دائىم شىركەت ھەمرەھبىرىگە ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قارايدۇ. بىر ئىژىنىر 15 يىللىق كەسپىي ھاياتىداقېتىرقىنىپ ئىشلەپ، تۇيۇقسىز بىر كۈنى ئۆز خىزمىتى ھەم تۇرمۇشنىڭ ئۆزىنمۇ ھەمئۆزگىنمۇ ئالدايدىغانلىقنى تونۇپ يەتتى،ئۇ ئۆزىدىن باشقا ھەممە كىشىلەرنى رازى قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەتىئي نىيەتكە كېلىپ، ھەممىنى قايتىدىن باشلىدى.

ئەلۋەتتە، سىز يەنە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئۇچىرايسز، ئۇلارئىجاكارلىق، ئەقىل-پاراسەت ھەم چىدامچانلىقنىڭ ئۇلگىسى.
مەسىلەن بەيشېڭ يېمەك-ئىچمەك گۇرۇھىنڭ ياش CEO سى دەيۋىي، ئۇ بەيشېڭ شركىتنى 33000 دىن ئارتۇق زەنجىرسىمان ئاشخانىسى بار يېڭى تىجارەت ئىدىيەسىدىكى تەجىرىبخانىغا ئايلاندۇرۇپ، بارلىق تەشكىلاتنى ئۆگۇنۇش ماشىنىسىغا ئايلاندۇردى. يەنە مەسىلەن مۇكەممەل ئىنقلاپچى دەنيسې، ئۇ ئەزەلدىن قانائەتلىنپ باقمىغان، قىزغىنلىقى دائىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. جىمي دوستانىلقى، ئارزۇسى ھەمھەر قانداق ئىشتىن باش ئەگمەيدىغان پوزىتسىيەسى ئارقىلىق،دۇنيا سودا مەركىزىنڭخارابىسىدىن ئۆز شركىتنى قايتا قۇرۇپ چىقتى. سۇسەن يەنى بىر ئىشلەيدىغان ئانا، GE نىڭ ئىككىنچى قول ئادەم كۈچى بايلىقى يۇقىرى قاتلامدىرېكتورى.ئۇنىڭ خىزمەت ھەم تۇرمۇش تەڭپۇڭلۇقنى ئىزدەش ھىكايىسدىن مۇكەممەل بىركىتاب يېزىپ چىققىلى بولىدۇ.كېلىسې ئامېرىكا پولات تۆمۈر شركىتنىڭ CEO سى، ئۇ بىر زاۋال تاپقانشەھەرگە ياردەملىشىپ، شەكىل ئۆزگەرتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ بەردى. كېنيسې 3M شىركىتى جۇڭگو كەسپىنڭ مەسئۇلى، ئۇ ئەنئەنىۋىي شەكىلۋازلىق مۆلچەر باشقۇرۇش جەريانىنى چۆرۈپ تاشلاپ، شىركەتنىڭ تىز تەرەقىياتنى قولغا كەلتۈردى. ماكې GE دا دەرىجسنى تۆۋەنلىتۋىتش زەربىسگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزجاسارىتى، چىدامچانلىقى ھەم كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى ئارقىلىق قايتىدىن ئۆسۇشكە ئېرىشتى.

يىڭشنى سۆزلىگەن چىغمىزدا، ئادەم ھەممىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل. شۇڭلاشقا بۇ كىتابتا نۇرغۇنلىغان ئادەملەرگە مۇناسىۋەتلىك ھىكايىلەر سۆزلىندۇ، يەنى ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرى، تېخىمۇ كۆپسۆزلىندىغنى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى. بىراق بۇ كىتابتا ئاساسلىق مەزمۇن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى ھەم ئىدىيەنى ئۆزگەرتىدىغان مەزمۇنلار.
بۇنى كۆرۈپ بەلكىم بەزى ئوقۇرمەنلەر گۇمانلىنشى مۇمكىن.ئۇلار قانداق يېڭىش دېگەنبۇ تېمنى بەك ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ ئىكەن،قىسقىغنە 20 بابتا بۇنى چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولامدۇ؟ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. مەن بۇ كىتابتا قانچە كىشنڭ ئىدىيەسى سۆزلەنگەنلىكگە پەرۋا قىلمايمەن.

  شۇنداق، قانداق يېڭىش بەك ئىنچىكە ھەم مۈرەككەپ،ئۇنىڭ قانچىلىك قىينلىقنى دېيىشنىڭ ھاجتى يوق. بىراق يەڭگىلى بولىدۇ. بىراق يىڭشنى ئويلىسڭىز ئالدى بىلەن قايسى شەرتلەرنى ھازىرلاش كىرەكلىكنى بىلشڭىز كېرەك.

  بۇ كىتابتا ھېچقانداق سېھرگەرلىك تەمىنلەپ بېرىلمىدى، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇنداق سېھىر يوق.
  بىراق بۇ كىتابنىڭ ھەر قايسى بابلىرى ئارقىلىق، مەن ئوقۇرمەنلەرگە بىر قىسىم ئەمەل قىلىش كېرەكلىك مىزانلارنى، پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان قائىدىلەرنى، قوللىنشقا بولىدىغان پەرەزلەرنى ھەم ساقلانغىلى بولىدىغان خاتالىقلارنى سۆزلەپ بىرىمەن. "ئىستراتېگىيە" گەمۇناسىۋەتلىك بابتا "ئۇچ قەدەم مېڭىش" جەريانى تەشۋىق قىلىندى، مۇۋاپىق خىزمەتنى قانداق تېپىش كېرەك دېگەن بابتا  ياخشى خىزمەت سىگنالى ھەم يامان خىزمەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى تونۇشتۇرۇلدى. يەنە بىرقىسىم باش تېملارنى سىز كىتابتا قايتا-قايتا ئۇچىرتىسز: ئەڭ ياخشى ماھىرلاردىن تەشكىل تاپقان كوللېكتىپ يېڭىپ چىقالايدۇ، شۇڭلاشقا سىز ئەڭ ياخشى ماھىرلارنىبايقىشڭىز ھەم ساقلاپ قىلشڭىز لازىم؛ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئويلاپ كېتىپ، ھەركەتىلىنشنى كىچىكتۇرۇپ قويماڭ؛ مەيلى سىز قايسى بۆلۈمدە بولۇڭ، توختىماي باشقىلار بىلەن ئۆگۇنۇش تەجىربىلىرىڭزنى ھوزۇرلىنڭ؛ ئاكتىپ ئالغا باسىدىغان پوزىتسىيەنى ساقلاڭ ھەم باشقىلارغا يۇقتۇرۇڭ؛ مەڭگۈ ئۆزىڭىزنى زىيانكەشلىككە ئۇچىرغۇچى دەپ قارىماڭ. يەنە ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا خۇشاللىقنى ساقلاڭ.

شۇنداق، خۇشاللىقنى ساقلاڭ.
سودا قىلىش بىر ئويۇن خالاس، ئويۇندا يېڭىش دەل خۇشال بولىدىغان ئىش.

تەييارلىق خىزمىتى
تېكسىتقا كىرىشتىن ئاۋۋال، بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەم تەركىبلىرىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. پۈتۈن كىتاب 5 بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

1  -بۆلەك "ئاساسىي قىسىم"دىيلىدۇ، ئاساسلىقى ئوقۇم خاراكتېرلىك مەزمۇنلار. بۇنىڭدىكى تىجارەت پەلسەپىلىرىئەلۋەتتە كۆپ قىسىم سودىگەرلەرنىڭ بىر كۈندە ھەزىم قىلغان مەزمۇنىدىن كۆپ،ھەم ئېنىقلا ئۆز خىزمەت ئورنۇمدا بىردەمدىلا يىغىنچاقلاپ چىققىلى بولىدىغان نەرسەئەمەس. بىراق مەن ئۆز تىجارەت ئۇسۇلۇمدا 4 ئاساسىي پىرىنسىپ بارلىقنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پۈتۈن كىتابنىڭ 1-بۆلەك قىسمىغا قويدۇم. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ4 ماددا پىرىنسىپ ئايرىم-ئايرىم: كۈچلۈك ۋەزىپە قارشى ھەم ئەمەلىي قىممەت قارشىنڭمۇھىملقنى تونۇپ يىتىش؛ تىجارەت ھەم باشقۇرۇشنىڭ ھەر قايسى ھالقىسدا مۇتلەقسەمىمىيلىك پوزىتسىيسنى ساقلاش؛ نەتىجە باھالاش كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، قابىلىيەتلىك تەشكىلات قۇرۇش؛ ھەربىر ئادەمنى سۆز قىلىش ئەركىنلىكگە ھەم قەدىر-قىممەتكە ئىگەقىلىش.

2   -بۆلەك "شىركەت قانداق قىلغاندا يىڭەلەيدۇ"، مەزمۇنى تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسىم تۇزۇلۇشى ھەم مېخانىزمنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. يەنى ئادەملەرنى، ئىش بېجىرىش جەريانىنى ھەم كارخانا مەدەنىيىتىنى. بۇنىڭدىكى بابلار رەھبەرلىك كۈچىگە، تەكلىپ قىلىش، ئۆزگەرتىشنى باشقۇرۇش، كىرىزىس باشقۇرۇش دېگەنلەرگە چىتلىدۇ.

"شىركەت قانداق قىلغاندا يىڭەلەيدۇ"دېگەندىن كېيىنلا،"رىقابەتنى قانداق يېڭىش"،تەشكىلات سىرتىدىكى دۇنياغا چىتلىدۇ.

3-بۆلەكتە، ئىستراتىگيە ئەۋزەللىكنى قانداق بەرپا قىلىش،ئەمەلىي قىممىتى بار مۆلچەرنى قانداق لايىھەلەش، ئورگانىك ئۆسۈپ يىتلىشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلار مۇلاھىزەقىلىنىدۇ. مەن يەنە ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مەسىلىنى يەنى سۈپەت باشقۇرۇشنى ياخشىلاش پىلانىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندۇم.

4-بۆلەك "شەخسىي كەسپىي ھاياتىنى قانداق قىلغاندا يەڭگىلى بولىدۇ"،بۇ كەسپىي ھايات سەنئىتى ھەم سۇپتىگە چىتلىدۇ. ئالدى بىلەن مۇۋاپىق خىزمەتنى قانداق ئىزدەش توغرىسىدا،بۇبىرىنچى خىزمەتنى تىپشنىلا كۆرسىتىپ قالماي،كەسپىي ھاياتىنڭ ھەر قانداق چىغدا مۇۋاپىق خىزمەت تىپشنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى قانداق قىلغاندا ئۆسكىلى بولىدۇ،قانداق قىلغاندا جاپالىق مۇھىتقا تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ،يەنى مەسىلەن ھەممە ئادەمبېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باققان، بىر ئەسكى خوجايىننىڭ قول ئاستىدا قانداق خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ دېگەن مەزمۇنلار. ئەڭ ئاخىرىقى باپ كىشىلەرنىڭ پەۋقۇلئاددە ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ،ئۇ بولسىمۇ بارلىق نەرسىلەرگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھەم ئوخشاش ۋاقىتتا ئىگە بولۇش. بىراق سىزمۇ بىلىسىز بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. مۇشۇنداق بولغانىكەن، سىز ئۆز خوجايىنڭىزنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق ئويلىغانلىقنى بىلەلەيسىز ھەم بىلشڭىز كېرەك.

بۇ كىتابنىڭ ئەڭئاخىرىقى بۆلىكى "يىڭشقا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەر" دىيلىدۇ. مەن بۇيەردە ئالدىدىكى مەزمۇنلاردىن پەرقى بار بىر قىسىم سوئاللارغا جاۋاب بىرىمەن، بۇلار"جۇڭگونىڭ تەھدىتىگە" قانداق تاقابىل تۇرۇش ، خىلمۇ-خىل تىجارەت،"سابەنسې-ئاۋكېسې قانۇنى" قاتارلىق يېڭى باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ئىلىپ كەلگەن تەسىر ھەم كارخانا ئەيدىز كېسىلى كىرىزسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلە. يەنە مېنىڭ ئىزباسارىم جىيفۇنىڭ ئىپادىسى،مېنىڭ ئەمدى گولف توپ ئوينىمغانلىقم، جەننەتكە كىرەلەمدىم يوق دېگەن مەسىلىلەر.

بۇ كىتابتا جاۋاب بەرگەن باشقا مەسىلىلەرگە ئوخشاش بۇ مەسىلىلەرمۇ مېنى ھەقىقىي قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويالمىدى. بۇلار پەقەت ماڭا خىرىس ئېلان قىلىپ، چوڭقۇر ئويلىنشمنى ئىلگىرى سۇردى.
بۇ كىتابتا نۇرغۇن جاۋابلار بېرىلدى، بىراق بارلىق جاۋابلار ئەمەس. چۈنكى سودا تۇرمۇشى داۋاملىق ئۆزگەرمەكتە، دۇنيامۇ ھەم شۇنداق.

خۇددى گوللاندىيەلىك بىر كارخانىچى 2004-يىلى ماڭا دېگەنگە ئوخشاش، "تۇرمۇشنىڭ ھەربىر كۈنىدە يىڭى مەسىلىلەر بار، دەل بۇلار مېنى ئالغا ئىنتىلشكە يېتەكلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ".

يېڭى مەسىلەكۆرۈلدى، دېمەك يېڭى جاۋاب كۆرۈلدى. ئەمەلىيەتتە، ئۆزۈمنىڭ GE دا خىزمەتقىلىۋاتقان چاغلىرىمغا سىلشتۇرغاندا،GE دىن كەتكەندىن كىيىن ئۆگەنگەن نەرسىلىرىم ئوخشاشلا كۆپ. كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ھەر بىر يېڭى مەسىلدىن مەن يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنۋالدىم.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەرگەن جاۋاپلىرىمنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆگىنشگە ياردەم بېرىشنى ئۇمىد قىلىمەن .


uyghuray

2

تېما

0

دوست

1139

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11456
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 352
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-18 23:23:59 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tulpar65 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-18 23:25  

شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى جىك ۋېلىچنىڭ يېڭىش ناملىق كىتابىنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ كەڭ كارخانچى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى . دىلدوسىت يانبىلوگىدا چاتما شەكىلىدە ئېلان قىلىنىدۇ .

http://dildost.yanbilog.com

مەزكۇر يانبىلوگ شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورگان يانبىلوگى بولۇپ، شىركەت ۋاكالەتچىلىكى ، ماركا – پاتېنىت ۋاكالەتچىلىكى ، باج – بوغالتىرلىق ۋاكالەتچىلىكى ، ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش (QS بېجىرىش) ، يېمەك - ئىچمەك ۋە سېتىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق تۈرلۈك ئىجازەتنامە ۋاكالەتچىلىكى ، يېڭى مەھسۇلات رتسىپى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنىلەش ، سىزىقلىق كود كىنىشكىسى ۋە سىزىقلىق كود ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان سودا مۇلازىمەت بىكىتى . شىنجاڭدىكى مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ ، خېرىدارلارنى ئەڭ ئەتراپلىق ، ئەڭ كەسپىي بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىمىز . ئادرېسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى جەنۇبى ئازاتلىق يولى 358-نومۇر جىلى ئاستانە 1- كورپۇس 13- قەۋەت 1306-ئىشخانا (سەنشىىاڭزا ئاق مەسچىت ئۇدۇلىدىكى سەردار رېستۇرانى ئېگىز بىناسى ) تېلېغۇن نومۇر: 8555830-0991 15026000904 ئۈنددار : 15026000904

0

تېما

2

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62901
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:24 |ئايرىم كۆرۈش
قايسى كىتاپ  بۇ ؟ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانمۇ ؟

0

تېما

2

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62901
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:24 |ئايرىم كۆرۈش
tulpar65 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-18 23:23
شىنجاڭ دىلدوسىت كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلى ...

كەچۈرۈڭ ، ماۋۇ ئىنكاسقا دىققەت قىلماپتىمەن
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )