- تىزىملاتقان
- 2015-3-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4069
- نادىر
- 0
- يازما
- 302
ئۆسۈش
68.97%
|
سۈرەت
ئاپرات توغرىرلاندى،سۈرەتكە ئىلىش باشلاندى.
بۇياشاۋاتقان ھاياتىمىزدىكى ،رىياللىقتىكى سۈرەتلەر .
قاراڭغۇ كىچە ئەلى بىلەن غىنى سورۇندىن ئۆيگەكىتىپ باراتتى.
-قۇتقۇزۇڭلار، ئادەم بارمۇ ؟دىگەن بىرناتىۋاننىڭ ئاۋازى قاراڭغۇ تار كوچىدىن ئاڭلاندى.
ئەلى:-ئاداش بىرىپ باقامدۇق؟
ياق، قويە نىمە قىلىمىز بىرىپ ئانام خەقنىڭ ئىشىغا ئارلاشما دىگەن سىڭگەن نىنىمىزنى يەپ ئۆيگە قايتايلى دىدى غىنى.
-بوپتۇلا ئەمسە دىدى ئەلىمۇ.
ئىككى قامەتلىك يىگىت شۇنداق قىلىپ يولىغا راۋان بولدى.
ئەمما ناتىۋان قىز لۈكچەكلەر تەرپىدىن ئاياق ئاستى قىلىنىپ قىممەتلىك ئىپپىتىدىن ئايرىلدى.
...................
كاتتا مىھمانخانا ئالدىدا بىر ئەر بىلەن موداياسىنۋالغان بىر ئايال پەيدا بولدى، ئەرگە تىلفۇن كەلدى،
-ۋەي، ئىشتىن چۈشمىدىڭىزمۇ تىخى؟
-ياق ،بۈگۈن ئىسمىنا ئىشلەيدىكەنمىز، تاماقنى يەۋىرىڭلار.
-ماقۇل ئەمسە ئاللاھقا ئامانەت.
-خۇش بۇلىدۇ ئەتە ئۆيگە بارغاندا كۆرشەيلى .
بىزنىڭ خوتۇن دىدى ئەر يىنىدىكى ئايالنىڭ بىلىدىن قۇچاقلاپ مىھمانىخانىغا كىرىپ كەتتى.
ئايالى ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىرىنىڭ ئامانئىسەنلىكىنى تىلەپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلماقتا.
...................
يول ياقىسىدا بىر ئايال تىلفۇن تۇتقان ھالدا ئاشخاننىڭ ئايرىمخانىسىدىكى ئەرگە تىلفۇن قىلماقتا.
-ۋەي، نەدە سىز؟
ئەر يىنىدىكى ئايالغا كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپ،
-مەن ئىدارىدا
-ھە، قاچان كىلىسىز؟
-ئىككى ئۈچ سائەتتىن كىيىن بارىمەن ، قۇلۇمدائازراق ئىش بار.
-ماقۇل ئەمسە .
ئەر ئايالنى ئالدىغانلىقىدىن، ئەقىل-پاراسىتىتىدىن مەغرۇنلاندى.
ئايال تىلفۇننى قۇيۋىتىپلا يەنە بىر نۇمۇرغا باستى،
-ۋەي، بۇگۇن ۋاختىم بار، بوپتۇ كۆرشەيلى.
ئىككىمىز ئۈندىداردا پىكىرلىشۋاتقىلى ئىككى ئاي بوپتۇ، بۈگۈن يۈز كۆرىشەيلى.
.................
ئاپىرات ھەركەتتە....
دوختۇرخاندا بىر بىمار ئاغرىق ئازابىدىن ئىڭىرماقتا.
-توۋا خۇدايىم مەن نىمە بولدۇم؟ ئەتگەنلا تىخى ساقتىم،
ئۇ ئاغرىق ئازابىدىن شۇنداق ئىڭراپ كەتتىكى ياراتقان ئىگىسىنى تۇنجى قىتىم ئىسىگە ئالغان ئىدى.
.................
ئاياللار قاتار چىيى قىزىپ كەتتى.
ئالىيە ئورنىدىن تۇرۇپ مەن قايتاي دىدى.
چاي ئىگىسى: ئولتۇرە ئاداش، بۇنداق بالدۇربىرىپ نىمىش قىلىسەن؟ تاپشۇرۇق ئىشلەمتىڭ يە؟
سۇرۇندا قىقاس چۇقان كۆتىرىلدى، «تاپشۇرۇق ئىشلەش» ئۇلار ئارىسىدكى شەرتلىك سۆزلەرنىڭ بىرى ئىدى.
ئالىيە قىزارغان ھالدا: بالامدىن ئەتە ئىنتىھان ئالدىكەن شۇڭا بالدۇر قايتىپ تەييارلىقىنى قىلمىسام بولمايدۇ، نەدىكى تاپشۇرۇقكەن ئۇ بۇگۇن كىچىلىك ئىسمىنىغا كەتتى.
-ۋاي، بولدى قىلە دوستەك بىردەم ئولتۇرە سورۇننىڭ كەيپىنى بۇزماي.
سەبىرە ئىرىنى قانداق قولغا چۇشۇرگەنلىكىنى، ھازىر ئىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلالمايدىغانلىغى توغىرسىدا سۆزلەپ ماختاندى.
گۈزەلنۇر: يىقىندا ئۈندىداردا تۇنۇشقان دوستىنىڭ يۇمۇرلىرىنى دەپ سورۇندىكىلەرگە كۈلكە ئاتا قىلدى.
شۇنداق قىلىپ چوكانلار ئۆيدىكى باللارنى ئۇنتۇشتى...............
كىمدۇر بىرى ئۈستەل چىرىغى ئاستىدا ئولتۇرۇپ
مىللىتى ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە، ئەۋلاتلارنى قانداق تەربىلەش يولىدا لوغەت تەييارلىماقتا.
ئۇنىڭ چاچلىرى ئاقارغان بولسىمۇ قولى قەلەمدىن توختىمىغان، قەلبى خىلمۇ-خىل زىددىيەت بىلەن تولغان .
ئۈ قەغەز ئۈستىدىكى پىرسۇناژ بىلەن مۇڭداشماقتا، ئەجداتلار بىلەن كۆرۈشمەكتە، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چىقىپ يامغۇر ياغماقتا.
ئۇ ئۆز-ئۆزىگە جەمىيەتنى ئىنسانلار ياراتتىمۇ ياكى جەمىيەت ئىنسانلارنى ياراتتىمۇ؟ بىز جەمىيەتنى بۇزدۇقمۇ ياكى جەمىيەت بىزنى بۇزدىمۇ؟ ئادەملەر نىمە ئۈچۈن ئۆز-ئۆزىگە بۇنچە زۇلۇم قىلدىغاندۇ...........
ئۇ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيتى، سوئالىغا جاۋاپ تاپالماي جىلە بۇلاتتى، ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بۇلدىغان كىم باردۇ؟؟؟.........
|
|