بىز نېمىلەرنى قىلىۋاتىمىز
تارىخ دەۋر ئالمىشىش باسقۇچىغا كىلۋاتىدۇ .دۇنيا كۆپ مەدىنىيەت ئەندىزىسىدىن بىر مەدىنىيەت ئەندىزىسىگە ئېغىۋاتىدۇ . ئۇچۇرنىڭ ئىنتايىن تىز يىڭىلىنىشى ۋە يەر شارىلىشىشى مەدىنىيتىمىزگە ۋە تىل ئادىتىمىزگە ھەتتا ئەقىدىمىزگە ئاللىقاچان رەزىل قولىنى سۇنۇپ بۇلدى .بەزىلەر زامانىۋىي ئۇچۇر ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ مەدىنىيتىنى ھەم ئەقىدىسىنى سىڭدۇرۋاتىدۇ .شۇ ئارقىلىق بىر تۇپنىڭ ئىجدىمائى ئورنىنى تەۋېرنىۋاتىدۇ. بۇ بىر توپنىڭ ئىدىيسىدە ئاستا- ئاستا بۇرلۇش ياساپ ئىدىيەدە بۇلگۇنچىلىك قىلۋاتىدۇ . ھازىر بىز بۇلمىش ئۇيغۇر جەمىيىتى نۇرغۇن مەدىنىيەتنىڭ قىسسىشىغا دۇچ كىلىۋاتىمىز .بىر زامانلاردا يېزىقىمىز ۋە ئەقىدىمىزگە خىيانەت قىلدۇق،ئۇرۇس ئاتلىق بۇ كىشىلەرنىڭ مەدىنىيەت تەسىرى ۋە دىننى تەسىرىگە ئۇچۇرىدۇق(پايپاق ئىشتان شۇ ئۇرۇسلارنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ قۇيغان رەزىل مەدىنىيتى) . ئىسلاھات ئېچېۋېتىش ۋە پەن مائارىپقا يۇزلىنىش تۇتكىسىدە بۇ خاتالىقلار تۇزتىلىۋاتقاندا مىدىيەدىن ئىبارەت بۇ ئۇچۇر ۋاستىسى بىز ھېندىستان مەدىنىيتىنى يەنى بۇددا مەدىنىيتى بىرلەشكەن ھىندى مەدىنىيتىنى ئېلىپ كىردى . بىز يەنلا مەدىنىيەتنىڭ تەسىرگە ئۇچۇردۇق .بىر مەزگەل خال چىكىش شۇ سەۋەپ ئەۋېج ئالدى(كۇنىلارنىڭ بەدىنىدە ھېلى ھەم ساقلانغان بۇ گۇل چىكىش ،خال )(مەن مىدىيەنى خاسلا يامان تەسىر پەيدا قىلدى دىمەكچى ئەمەس )،ئارتىسلارغا بۇلغان قىزىقىش ھەتتا ئئۇلارچە چاچ پۈسۈنى قۇيۇش ھادىسىسى شەكىللەنگەن . ئۇلارنى ياخشى كۇرۇپ قېلىش (ئۇقۇغۇچىلاردا ئېغىر بۇلغان ،رەسىملەرنى چاپلېۋېلىش ھەم باشقا غەيرى چۇقۇنۇش ھادىسىسى پەيدا بولغان).بىز ئۇلاردىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلدۇق . ئۇلارنىڭ كىنۇلاشتۇرۇلغان تۇرمۇش شەكلى بىزنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرالمىغانلىقى ھەم كىنۇ سەنئىتىنىڭ سەرخللىنىشىشى بىلەن بىز ئۇلارنىڭ مەدىنىيتى تەسىرىدىن قۇتۇلدۇق . ئەمما بىزگە تېخىمۇ يامان بولغىنى كۇريەدىن ئىبارەت بۇ مىللەتنىڭ مەدىنىيتى تۇسۇۋالغۇسىز تۇردە مەدىنىيتىمىزگە ھۇجۇم قىلدى . بۇ سىپايىلاشقان ، مەزلۇملاشقان ، ئېغىر -بېسىق ، ئىتايىن ئەرۋېشىم ،نازۇك ، ھۇل مەدىنىيەت ئاياللىرىرىمىز تەرپىدىن قاتتىق ئالقىشقا ئىرىشتى . چۇنكى بۇ مەدىنىيەت ئاياللار باراۋەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ سىياسىينى مەيدان بىلەن ھازىرلىدى . بۇنىڭ تۇتكىسىدە ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىش تەخسىماتى شەھەرلەردە چاك-چېكىدىن يىمىرىلدى . تەرەققىيات ۋە بازار ئىگىلىكى ئائىلىنىڭ يۇكىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئائىلە يۇكۇنى ئۇرتاق كۇتۇرۇش ،ئۇرتاق ئىقتىسات يارتىش زۇرۇر شەت بۇپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئەرلەر ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش ھەم ئائىلىنى قامداش تەك يۇكنى ئۇستىگە ئالدى ،ئاياللارمۇ ئەرلەرگە ئۇخشاش بۇ يۇكنى كۇتۇرۇشكە مەجبۇر بۇلدى . ئۇيغۇر جەمىيتىنى ئىنتايىن سىپايە ۋە ئادىل تەڭشەپ كەلگەن ئەنئەنىۋى ئىش تەخسىماتىنىڭ رۇلى يۇقالدى . يۇقۇلۇش يىڭىسىنى پەيدا قىلدى دىگەندەك بىزدىكى بىر ئەڭگۇشتەر خايىپ بۇلدى . مۇھاببەتنىڭ ئاساسى تەۋېرەپ قالدى . نىكاھ سۇدىغا ئايلاندى .پول مۇھاببەتنىڭ ئۇرنىنى ئالدى . مۇسئۇلىيەت ئاستا-ئاستا ئەر-ئايالدا ئاجىزلاشتى ، ئاجىرشىش نىسپىتى كۇپەيدى . ئاياللارنىڭ ئىقتىساتقا ۋە ئىرشىشىكە تىگىشلىك بۇلمىغان ھۇقۇققا ئىرشىشى تۇتكىسىدە ئەرلەنى تۇگۇرۇك دەيدىغان قاراش سۇسلاشتى .ئەرلەرمۇ تۇۋرۇك بۇلۇش سۇپۇتى بىلەن ھۇقۇقىنى يۇرگۇزەلمىدى شۇ سەۋەپ مەسئۇلىيەت ئېڭى سۇسلاشتى . بۇلار بر-بىرگە بېقىنىشتىن ئاستا ئاستا-ئىقتىسات ۋە ھۇقۇقتا مۇستەقىللىشىش قەدىمىنى باستى . ئەرلەر سىپايىلەشتى . ئاياللار ئەركىنلەشتى . ئائىلىنىڭ ئۇلى تەۋرىدى .
ئەمدى يەنە شۇ مىدىيەنىڭ تەسىرى ،سانائەتلىشى ،بازار ئىگىلى ھەم بىلىمنىڭ تاۋارلىشىش سۇرتىنىڭ ئېشىشى بىزنى چەت ئەل بىلەن ئۇچراشتۇردى .ئۇچۇر ۋە قاتناشنىڭ قۇلايلىقلىقى بازارنى كەڭەيتىۋەتتى .سانائەت ۋە ئىجدىمائى ئىگىلىك بىلىمنى خايەت زۇر تاۋارلەشتۇرۋەتتى . بىلىم تاۋارلاشتۇرۇلغان جەمىيەت بىلىمنىڭ سەر خىل بۇلۇشىنى ۋە تەخنىكىلىشىش تەلۋىنى ئاشۇردى . شۇنىڭ بىلەن بىلىم ئىزدەش قىزغىنلىقى بىزنى چەت ئال بىلەن ئۇچراشتۇردى . ئىقدىسات ياخشىلىنىش بىلەن بىر تۇركۇم ئامما مەنىۋى ئىھتىياجى سەۋەپ ساياھەت قىلىشنى باشلىدى .ئىش قىلىپ ھەر ىىل سەۋەپ بىلەن چەت ئەل مەدىنىيتى بىلەن تېخىمۇ تۇنۇشتۇق . باشقىلارنىڭ سۇزلەپ بەرگىنى ۋە ئاڭلىۋالغانلىرىمىز بىلەن چەتئەلنى چۇشۇنۇپ كىلۋاتقان بىز ئۇيغۇرلارغا كىينۇدىن ئىبارەت بۇ نەرسە تۇركىيەنىڭ مەدىنىيتىنى سۇرەپ كىردى . بۇ غەرىپلاشقان مەدىنىيەت بىزنى يەنە بىيخۇتلاشتۇردى . ئۇزۇمىزگە يېقىن ھىساپلايدىغان بۇ خەقنىڭ غەرىپلىششىشى بالدۇر بىزنى ئەجەپلەندۇرىدى .غەرىپنىڭ مەدىنىيتىنى قۇبۇل قىلالمايۋاتقان ،ئۇنى ھەزىم قىلىش يۇلىنى ئىزدىۋاتقان بىزلەرگە بۇ تۇركىيەنىڭ مەدىنىيتى ئوت ئۇستىگە ياغ چاچقاندەك بىزگە خۇش ياقتى . بىز ئىكلەنمەيلا غەرىپ مەدىنىيتىنى قۇبۇل قىلدۇق . تۇركىيەنىڭ غەرىپلاشقان مەدىنىيتى بىزگە رۇھى باھانە تېپىپ بەردى .بىز تۇركىيىنى دۇرىدۇق ،ئەملىيەتتە غەرىپنى دۇرىدۇق .تۇركىيە بىلەن غەرىپنىڭ مەدىنىيتى بىزنى ئالدىدى ،مەدىنىيتىمىزگە خىيانەت قىلدۇردى . بىز ئۇلارنى مۇسۇلمان ئۇلار قىلسا تۇغرا بىز قىلساق خاتا بۇلماس دەپ قاردۇق .ھەتتا خاتا بۇلمايدۇ دەپ ئۇزۇمىز چاغلاپ تون پىچىپ قويدوق .غەرىپمۇ بىزنىڭ شۇ تەرپىمىزدىن پايدىلىنىپ ئۇلار ئارقىلىق مەدىنىيتىنى سىڭدۇرۋاتىدۇ .بىزنى يالىڭاچلىۋاتىدۇ . جىنسى ئەركىنلىك تەلىماتىنى سىڭدۇرۋاتىدۇ .بۇنىڭغا پاكىت كەلتۇرۇش ھاجەتسىز .غەرىپ مەدىنىيتى كوپ قۇتۇپلاشقان مەدىنىيەت تىپىدىن ياۋرۇپا مەدىنىيتى سىستىمىسىنى شەكىللەندۇرۇپ بۇلدى . كاتۇلىك دىنى بىلەن خىرىستىيان دىنى گەرچە ئىككى دىن بۇلسىمۇ ئەمما دىننى مەدىنىيىتىدە ئىنتايىن يېقىنلىقنى پەيدا قىلغان . قاتتىق زۇرىيەت بۇلمىسا بىر بىرنى چەتكە قاقمايدۇ . شۇڭا غەرىپ مەدىنىيتى يەھۇدى-ناسا را مەدىنىيتى دىيەلەيمىز . بۇ غەرىپنىڭ نۇقۇل بۇلغان يەنى ساپ دىننى مەدىنىيتى مەۋجۇت ئەمەس ،خىرىستىيان مەدىنىيتىدىن كاتۇلىك ،كاتۇلىك مەدىنىيتىدىن خىرىستىيان مەدىنىيتىنى ئايرىش بەلكىم مۇمكىن ئەمەستۇ. شۇ ياۋرۇپا مەدىنىيتىنى قۇبۇل قىلدۇق ئەگەشتۇك دىگەن گەپ ھەر ئىككى مەدىنىيەتنى قۇبۇل قىلدۇق دىگەن گەپ . بۇ ئەسلى بەك نازۇك مەسىلە ئىدى .
ئەمدى ئەرەپكە كەلسەك ئۇلارمۇ ئۇخشاش ئۇزىنىڭ مەدىنىيەت تىپىغا ئىگە . ئەرەپ دىمەك بىزنىڭ قارشىمىزدا مۇسۇلمان ، ئۇلارنىڭ مەدىنىيتى ھەقىقى ساپ ئىسلام مەدىنىيتى دەيدىغان قاراش بار .ھەرەمدە ئۇنداق قىلدىكەن ، دۇبەيدە مۇنداق قىلدىكەن دىگەنگە ئۇخشاش . ھەر بىر توپنىڭ مەدىنىيتىدە جۇغراپى ئالاھىدىلىكى ،دىننى ئالاھىدىلىكى ،تارىختىن بۇيان ساقلانغان مىللىي ئالاھىدىلىكى ، دۇنيا قارشى ، گۇزەللىك قارشى ، يىمەك -ئىچمەك ئادىتى ، كىيىنىش ئادىتى ، ئىجدىمائى توپ ئالاقە ئادىتى ، تەپەككۇر شەكلى قاتارلىق ئامىللاردىن بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەدىنىيتى شەكىللىنىدۇ . ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيتىنى سۇكۇشكە ئانداق-مانداق دەپ تەبىر بىرىشكە بۇلمايدۇ .
ئەرەپلەرمۇ شۇ ، تۇرۇكلەرمۇ شۇ ، كۇريەلىكلەرمۇ شۇ ،بىزمۇ شۇ ، بىزمۇ تارىتىن بۇيان تۇتىم ، دىن ،مىللەتلەر قۇشۇلىشى ، كۇچۇش ، ئاسلىماتسىيە قىلىش ،قاتارلىق تارىخى سەۋەپلەر بىلەن نۇرغۇن مەدىنىيەت ئىزنالىرنى قالدۇردۇق . ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن مەدىنىيىتىمىزدە يىڭىلىنىش بۇلدى ، نۇرغۇن مەدىنىيەت-ئادەتلىرىمىز ئىسلامغا ئۇيغۇنلاشتى ،مۇسۇلمانچىلىققا ئۇيغۇنلاشتى ، ئاستا-ئاستا خاتارلىرىنى چىقىرىپ تاشلىدۇق ،تۇغۇرسى قالدى ، مۇكەممەللەشتى . بىزمۇ ئۇزۇمىزنىڭ ئەقىدىسىگە ماس ھالدا جۇغىراپىي ئالاھىلىكىمىز ۋە باشقا ئادەتلىرىمىزنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ مۇكەممەل بۇلغان ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيتىنى بەرپا قىلدۇق . ئەمدى ئۇزۇمىزچە ئەرەپلەرنىڭ مەدىنىيتىنى قۇبۇل قىلىش نە سەۋەپتىن زۇرۇر بۇپ قالدى . ئۇلانىڭ مەدىنىيتى ئۇزىگە ، بىزنىڭمۇ ئۇزۇمىزەگە . كىم بىزنىڭ مەدىنىيەتنى ما مەدىنىيتىڭ قالاق دىيەلەيدۇ . بىز شۇنداق يۇسسىزلىك قىلدۇق ،مەدىنىيتىمىزەگە ئىگە بۇلمىدۇق . نەدىكى بىر نەرسىلەرنى دىننى دەستەك قىلىپ قۇبۇل قىلۋالدۇق . ئەرەپلەرنىڭ مەدىنىيتى بىزگە نىمە زۇرۇريەت بۇپ قالدى.
ھازىر دەۋەلدىكەنمىز كۇريەچە پەردە ،تۇرۇكچە پەردە ، ياۋرۇپاچە پەردە ،كىيىم ، ساپا ، كىيىم ئىشكابى قاتارلىقلا . ئۇلار پەقەت ئۇ نەرسىلەرگە ئۇزىنىڭ سەنئىتىنى سىڭدۇردى خالاس.
باشقىلار رەخنى يېپىنىپ يۇرگەندە بىز كۇينەك كىيگەن . باشقىلار ئۇرۇندۇق ياسىغاندا بىز ئاللىقاچان كاتۇ ياسىغان ،تەخىت ياساپ ئۇلتۇرغان ،باشقىلار قۇمۇشتا كەپە ياسىغاندا بىز ئىشىككە رەخ تۇتۇشنى بىلگەن .بىزگە يىڭى تۇيۇلغىنى پەقەت ئۇ نەرسىلەر چەت ئەلنىڭ بۇلغانلىقى ئۇچۇندۇر . ئۇلاردىن قۇبۇل قىلغان كىيىم ئادەتلىرىمىز بىزنىڭ گۇزەللىكىمىزنى خۇنۇكلەشتۇرۇپ قۇيدىغۇ . شۇ سەۋەپتىن ئەرلەردىكى تەسىرچانلىقى ئازىيىپ مەزى بېزى بۇلۋاتىمىزغۇ .
شۇ قاتار مەەدىنىيەتنىڭ تەسىرى بىزنى قىسماقتا . ئەگەر قانۇن ۋە سىياسەت بۇ ئىشلارغا ئارلاشمىغان بۇلسا بەلكىم ئۇيغۇر مەدىنىيتى ھالاكەتكە يۇزلىنىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى . ھەممىمىز دىققەت قىلىشىمىز كىرەك ،ئىدىيە ئۇرۇشى بۇلىۋاتىدۇ . بىزگە كۆز سېلىۋاتقانلار كوپ . بىز بىر ئەۋلات تايساق كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ يۇلنى تاپمىقى تەس ، تاپتى دىگەندىمۇ مېڭىش شارائىتى ھازىرلاشقا بەدەل تۇلەپ كىتىدۇ . بىز پەقەت بۇ يۇلنى ئۇزۇپ قۇيمىساقلا ئۇلارغا ئۇلاپ بەسەكلا ئۇلار ھېچ كۇچىمەيلا بۇ يۇلنڭ پارلاندۇرالايدۇ . شۇڭا ئۇزۇمىزنى سۇيەيلى ، بۇ مەدىنىيەتنى سۇيەيلى ، ئەقىدىنى سۇيەيلى ، مىللەتنى سۇيەيلى . ۋەتەننى سۇيەيلى .
|