"ئۇيغۇر مۇسكۇل" نىڭ يېقىندا پائالىيەت ئۆتكۈزگىنىنى بىلەتتىم ئەمما بۇ پائالىيەتنىڭ كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىشى ئانچە يېتەرلىك بولمىدى دەپ ئويلايمەن. بەلكىم بۇ بىر باشلىنىشتۇر ئەمما مەنچە بۇنداق چىنىقىش پائالىيەتلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىشى كېرەك. تاققا يامىشىش، دالىغا يۈگرەش، مۇسكۇل چىقىرىش ۋە مۇشۇ تۈردىكى بەدەننىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرىدىغان پائالىيەتلەر قانچە كۈچەپ تەشۋىق قىلىنسا كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارنىڭمۇ تەن ساپاسىنىڭ ئۆسىشىگە ئاكتىپ تەسىرى بولىدۇ. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بەدەن چىنىقتۇرۇپ مۇسكۇل چىقىرىۋاتقان، ئۆزىنىڭ روھىنى تاۋلاۋاتقان كىشىلەرگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ھەم سىلەردىن ئۆگىنىمەن!
مۇسكۇل چىقىرىش قارىماققا ئۇنچە تەس ئەمەستەك قىلىدۇ. ئەمما بۇنىڭغا كېتىدىغان ئىزچىللىق ۋە كۈچلۈك روھ ھەممە ئادەمدە بولىۋەرمەيدۇ.(لوگو ياخشى لاھىيەلىنىپتۇ. دۇم كۆمتۈرۈلگەن پىرامىدا!)
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغان 4-نۆۋەتلىك ياۋرو-ئاسىيا ئالتۇن كۆۋرۈك خەلقئارا سودا يەرمەنكىسىگە «ئۇيغۇر مۇسكۇل» مۇ چېنىقىش ساھەسىدە تۇنجى بولۇپ بۇ يەرمەنكىگە قاتنىشىپ ئۇيغۇر چېنىقىش فېستىۋالى ئۆتكۈزدى.
مۇسابىقىدە يېڭىش ۋە يېڭىلىش بولۇپ تۇرىدۇ ئەمما مۇسابىقە جەريانىدا باشقىلارغا ئەڭ تەسىر قىلىدىغىنى ئۇنىڭ ئىرادىسى! كۈچلۈك روھى! مۇسابقىدىن كىچىكلەر ۋە چوڭلار تەڭ ئىلھام ئالىدۇ. روھنىڭ كۈچلىنىشى مانا مۇشۇنداق كىچىك ئىلھاملاردىن باشلىنىدۇ. ھەربىر ئېغىرلىق كۆتۈرگۈچى ئاددى ئىش ھەركىتى بىلەن ئەتراپتىكىلەرگە روھى كۈچ قۇۋەت تارقىتالايدۇ. مۇسابىقە كۆرگىلى كەلگەنلەرگىمۇ ئاپىرىن. بۇلار بىلىم كۈچتىن باشقا مۇسكۇلنىڭمۇ مەلۇم بىر روھى كۈچ بېرىدىغىنىنى ھېس قىلغانلار بولىشى مۇمكىن! مۇشۇنى كۆتۈرىدىغانغا پەقەت كۈچلا ئەمەس ئىرادىمۇ كېتىدۇ! قورقۇنچاق، خېنىم مىجەزرەك ئوغۇللار بۇنداق روھى كۈچلۈك ئوغۇللار بىلەن دوست بولۇپ ئانچە مۇنچە پاراڭلىشىپ ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆزۈڭلارغا يۇقتۇرساڭلار بولىدۇ. مىجەزىڭلارنى ئۆزگەرتىپ ئوغۇل بالىدەك قورقماس، باتۇر، قەيسەر بولۇشقا بۇلارنىڭ سىلەرگە ياردىمى تېگىپ قېلىشى مۇمكىن. دىيارىمىزدىنمۇ چەتئەللىكلەردىن قېلىشمىغۇدەك جىسمى ۋە روھى كۈچتۈڭگۈر كىشىلەر يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ ھەم يەنە كۆپلەپ چىققۇسى! دېمەككى بىلىمى بارلار بىلىمىنى جىسمى كۈچلۈكلەرگە يەتكۈزسە، جىسمى كۈچلۈكلەر مانا مۇشۇنداق پائالىيەتلەر بىلەن ئوغۇللۇق روھىنى بىلىملىكلەرگە يەتكۈزسە ئۆز ئارا ھەمكارلىق جەريانىدا ئەلەمدە ۋە قەلەمدە كۈچلۈك بولغان كەلگۈسى ئەۋلادلار تېخىمۇ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقسا دېگەن ئۈمۈدلەرنى قىلغۇمىز كېلىدۇ. كەلگۈسى مانا مۇشۇنداق روھى كۈچلۈك بىر تۈركۈم كىشىلەرگە مۇھتاج!
مەنبە: تور
|