چايان ۋە ئىنسان تەبىئىتى
ئەليۈكسەل
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى
يالقۇن دادىسى غالىپ بىلەن بىر دېڭىز قىرغىقىدىكى قۇملۇقتا كېتىۋاتقاندا، دېڭىز دولقۇنى بىلەن ھەپىلىشىپ، قىرغاقتىكى قۇمنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر چايان (سېرىق ئېشەك) نى ئۇچرىتىدۇ. غالىپ چاياننى سۇدىن سۈزۈۋالماقچى بولغاندا، چايان ئۇنى بىر قېتىم چېقىپ، ئۇنىڭ قولىدىن سەكرەپ چىقىپ، سۇ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. غالىپ ئۇنى يەنە بىر قېتىم سۈزۈۋالماقچى بولغاندا، چايان ئۇنى يەنە بىر قېتىم چېقىۋالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن يالقۇن دادىسىغا: «دادا، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! ئۇ قۇتقۇزۇۋېلىشقا ئەرزىمەيدۇ» دەيدۇ.
ئەمما غالىپ يەنە بىر قېتىم سىنايدۇ، ھەمدە بۇ قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ھېلىقى چاياننى قۇمنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن غالىپ ئوغلىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «بالام، چاياننىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى باشقا نەرسىنى چېقىش، بۇ ئۇنىڭ تەبىئىتى. مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش يولىنى تاللىدىم، سەۋەبى ئۇ مېنىڭ تەبىئىتىم.»
بۇ يەردە غالىپ ئوغلىغا ئادەم بولۇشنىڭ بىر ئىنتايىن مۇھىم دەرسىنى ئۆگىتىدۇ. باشقا جانلىقلارغا ئوخشاش، بىزمۇ ئۆزىمىزنى قوغداپ قېلىش ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن نېرى تۇرۇش تەبىئىي خۇسۇسىيىتى بىلەن تۇغۇلغان. ھەمدە بىز باشقىلارغا ۋە باشقا جانلىقلارغا كۆيۈنۈش تۇيغۇسى ۋە ئاساسلاش قابىلىيىتى بىلەن تارتۇقلانغان بولۇپ، ئويلاش ۋە ئۆز مەنپەئىتى چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش تەبىئىي خۇسۇسىيىتىگىمۇ ئىگە قىلىنغان.
ئىنسان تەبىئىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ كېلىدۇ. بىزنىڭ تەبىئىتىمىزدە مېھرىبان بولۇش، كۆيۈمچان بولۇش ۋە مەرد بولۇش تەركىبلىرىمۇ بار، شۇنداقلا رەھىمسىز بولۇش، شەخسىيەتچى بولۇش ۋە سەمىمىيەتسىز بولۇش تەركىبلىرىمۇ بار. بىز ئۆزىمىزدىكى ئېسىل تەبىئىي خۇسۇسىيەتلەرنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرەلەيمىز، ياكى بولمىسا ئۇلارنى بىر ياققا قايرىپ قويالايمىز.
بىر قىسىم كىشىلەر ھېلىقى چاياندەك يول تۇتىدۇ. ئۇلار سەلبىي تەبىئىي خۇسۇسىيەتلەر ۋە سەلبىي ئىنكاس شەكىللىرى ئىچىگە قامىلىپ قېلىپ، شۇنى ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيەتلىرى، دەپ ھېسابلايدۇ. ھەمدە «مەن ئاشۇنداق ئادەم»، دېگەن تونۇش بىلەن ياشايدۇ.
ھېچ قانداق ئادەم ياخشى ياكى يامان خاراكتېر بىلەن تۇغۇلمايدۇ. بىز ياخشى خاراكتېر بىلەن يامان خاراكتېرنىڭ خالىغان بىرسىگە ئېرىشەلەيدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەبىئىتىنى ئۆزىمىز تاللىيالايدىغان قابىلىيەت بىلەن تۇغۇلغان. بىز ياخشى ئادەم بولۇشنى تاللىغاندا، چوقۇم ياخشى ئادەم بولالايمىز.
1-رەسىم: بالىلىرىغا كۆيۈشمۇ ئىنسان تەبىئىي خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى.
پايدىلىنىش مەنبەسى:
Michael Josephson: « The Scorpion and Human Nature»
ئەسكەرتىش: ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە ئىسىملارنى «يالقۇن» ۋە «غالىپ» دېگەنلەرگە مەن ئۆزۈم ئۆزگەرتتىم.
|