قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 829|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇرادىڭلارغا يەتكۈزەلمىدىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

0

دوست

2214

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5784
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 221
تۆھپە : 561
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 13:07:20 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مۇرادىڭلارغا يەتكۈزەلمىدىم
(مەرھۇم دادامغا بېغىشلايمەن)
ياشنىڭ چوڭىيىشى بىلەن خىيالنى كۆپرەك سۈرىدىغان بولۇپ قالدىم.سۈرگەن خىياللىرىم تاققا –تۇققا ، باش –ئاخىرىنىڭ تايىنى يوق بولسىمۇ ، شۇ خىياللارنىڭ مەركىزىدە دادام جۇلالاپ تۇرغاچقا خىيالدىن ئويغۇنىپ ئۆيۈم تامان ماڭغىنىمدا ياكىي جايىمدىن قوزغالغىنىمدا كۆڭلۈم ئازادە بولۇپ ، جىسمىم راھەتلىنىپ قالاتتى.
   دادامنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ مەن تۆرىلىشتىن ئىلگىرىكى كەچمىشلىرىنى بىلمىسەممۇ ، ئېسىمنى بىلگەندىن كېيىنكى دادام بىلەن بولغان ھەمراھلىق ھاياتىم ، مېنىڭ ياشقا چوڭايغان مەزگىلىمدىكى ھوزۇرلىنىپ ئەسلەيدىغان ئەسلىمىلىرىمنىڭ ، تاتلىق خىياللىرىمنىڭ ئەڭ ئېسىلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. بۇمۇ مېنىڭ ھاياتىمنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىگە ئايلانغانلىقىدىن سۆيۈنمەكتە ئىدىم.دادامنىڭ قانداق ئادەملىكىگە باھا بېرىش ، ماڭا نىسبەتەن خۇددىي پوقاق خوتۇننىڭ بوينىغا مارجان ئېسىپ قويغاندەك قاملاشمىغان ،بىمەنە ئىش بولسىمۇ ، دادام رەھمىتىگە بولغان سېغىنىشىم ، بالىلىق ،ياشلىقتىكى ھاياتىم مېنى ئىختىيارسىز ئەنە شۇ كۈنلەرگە ئېلىپ باراتتى.
   ماڭا ئەسكىرگەندە ، دادام دىشلو ھارۋا ھەيدەيدىكەن. دىشلو ھارۋا ھەيدەش ھازىرقى زاماندىكى ئايرۇپىلان ياكىي پويۇز ھەيدەيدىغان شوپۇرلاردەك ئابرويلۇق ئىش ئىدى.
دادامنىڭ چىرايلىق سەرەمجانلاشتۇرىلغان ھارۋىسىغا ئارغىماقتەك ئويناقشىپ تۇرىدىغان ئىككى ئاتنى قوشۇپ، ئۇچىغا ئاق پۆپۈك بېكىتىلگەن قېيىش قامچىسىدىن قاس چىقىرىپ كوچىدىن تاقاراسلىغىنىچە ئۆتسە ،مەھەللىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھەۋەس بىلەن قاراپ قېلىشاتتى. دادامنىڭ بىر قىزىق يېرى ەھەللە ئىچىدە ھارۋا ھەيدەپ قالسا مېنى يېنىغا ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇمايتى ، دادامنىڭ ھارۋىسىغا چىققىنىمدا ئۆزۈمنى مەپىدە كېتىۋاتقان ئارزۇلۇق شاھزادىلەردەك ھېس قىلاتتىم. مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش بولسا دادام ھارۋا ھەيدىگەن كۈنى ئالدى بىلەن قايەردە ئاياللار توپلىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىۋاتقان يەر بولسا ، شۇ تەرەپتە ئىشى بولمىسىمۇ ھارۋىسىنى چاقىدىن چاڭ چىقىرىپ ، پۆپۈكلۈك قاچىسىدىن قاس چىقىرىپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن قۇيۇندەك ئۆتۈپ كېتەتتى. توپلىشىپ ئولتۇرغان ئاياللار چۇقىراشقىنىچە دادامنى تىللاپ ياكىي غۇدۇرۇشۇپ سۇس چىققان توپا –چاڭدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشاتتى. بەزى چاغلاردا دادامنىڭ ئۆزىچە خوشى تۇتۇپ قالاتتىدە ، نەدىن تېپىۋالغىنى نامالۇم بىرەر چاقماق ياغلىقنى ئاياللارغا پىرقىرىتىپ تاشلاپ بېرىپ كېتىپ قالاتتى. قايتاشىدا شۇ يەردە يەنە ئاياللار ئولتۇرغان بولسا :
___ مۆشۈك سۈت ئىچتىما ؟- دەپ سورايتى .
___ ۋاي بېشىنى يىگۈر قېلىن ، يېنىدا بالىسى تۇرسا دەۋاتقان گېپىنى قارا بۇنىڭ ، ئاغزىڭغا ،ئالدى –ئارقاڭغا بايقاپ سۆزلىسەڭ بولارمىكىن.دىيىشەتتى ،بەزى ئاياللار ئۇيالغىنىدىنمۇ ئەيتاۋۇر چىرايى شەلپەردەك قىزىرىپ كېتەتتى.مەن شۇ چاغلاردا بۇ گەپنىڭ نىمە گەپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتىم ، پەقەت دادامنىڭ ھارۋىسىغا چۈشۈۋالساملا شۇنىڭغا خوش ئىدىم.ئاق-قارىنى پەرىق قىلغۇدەك بولغۇنىدا ،دادام ئاياللارنىڭ يېنىغا كەلسىمۇ بۇ گەپنى دىمەيدىغان بولۇپ قالدى . ئەگەر كۈز ئايلىرىدا دادام ئىككىمىز  ئېتىزلىققا سامان ئەكەلگىلى بارساق يەنىلا دادام ئاياللار نەدە باشاق تېرىۋاتقان بولسا شۇ يەرگە ئالدى بىلەن باراتتى. بۇ چاغدا ئاياللار :
___ ھەسىناخۇن ، بىزگە ناخشا ئېيتىپ بەرگىنە _ دەيتى . دادام ئۇلارنىڭ مۇشۇ سۆزىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ،قولىنى قۇلىقىغا ئاپىرىپ :
كۆردۈڭلارمۇ خالايىق ،
دەريا سۈيىنىڭ تاشقىنىنى ،
كۆيۈپ قالدىم دەپ قويسام ،
بۇنىڭ ھەددىدىن ئاشقىنىنى .
دادامنىڭ ناخشىسىغا ھەقىقەتەن گەپ كەتمەيتى ، دادامنىڭ نەپسىدىكى ئاجايىپ بىر مۇڭ ھەرقانداق ئادەمنىڭ يۈرىكىنى بىر قېتىم تىترەتمەي قالمايتى،  كېيىنچە دادام ئاياللارنىڭ يېنىغا كەلسە مېنىڭ ئىشىمنى قوشۇۋالىدىغان بولىۋالدى، ئۇ ئاياللار ئولتۇرغان يەرگە كەلگەندە ،ئادىتى بويىچە ھارۋىنى توختىتاتتى-دە، ھارۋىدىن چۈشمەيلا :
___ ئولتۇرۇشتۇڭمۇ خانلا ، مانا بۇ مېنىڭ بايۋەچچەم ،قايسىڭ قىزىڭنى بېرىسەن ؟ دەپ سورايدىغان بولىۋالدى.
__ ئاشۇ ئاۋىقىڭغىمۇ ، يىگىنى چىرايىغا چىقمايدىغان ئىنجىمارۇقىڭغا چۈشۈپ قالغان قىزىمىز يوق بىزنىڭ – دەيتى ،ئاياللار. بۇ چاغدا مەن خىجىل بولغۇنىمدىن ، نومۇس قىلغىنىمدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولاتتىم.
___ ئاۋاقمىش ، ئادەم تونىمايدىغان دەججاللار ، سەن خەقنىڭ ئاغزىغا چۆجە خوراز دىيىش ئەجەپ كەلمەيدىكىنا ، قېنى بۇ چوڭايسۇنا ، ھەرقايسىڭنىڭ يەتتە تازىم قىلىپ ئالدىمغا كېلىشمىگىنىڭنى بىر كۆرەي .
__ ۋاييەي ! ماۋۇ پوچىنى قارا !_ ئاياللار قاقاقلاپ كۈلىشەتتى.
__ راسىت دەۋاتىمەن ، پۇتىنىڭ ئۇچىنى كۆرىدىغانلار ، مەن بالامنى پومنىڭ قىزىغا ئەمەس ، ئانامغا ئېمىتىپ بېقىۋاتىمەن ، قاراپ تۇرۇش –ھە؟ __ ھە بىرگەپ بار ، قۇرۇق ئەمچەكنى ئېمىتكەننىڭ سازايىنى تارتىۋېتىپسەن ھەسىناخۇن ، ئايالىڭنى پومىچىكنىڭ قىزى دەپ بالاڭنى ئېمىتمەي مانا پۈ دىسە ئۇچۇپ كېتىدىغان رو چىۋىن قىپسەنغۇ بالاڭنى ،
__ ئۇنداق ئەمەس ، بالام قىزىلئاچا مېنى تارتقان ،دادام تەن بەرمەيتى . دادام ئەنە شۇنداق بىر قاتار گەپلەر بىلەن تۇرغان ئاياللار بىلەن چېقىشىۋېتىپ قامچىسىدىن مەن بەكمۇ ئامراق قاسنى چىقىراتتى-دە ، مەنزىلىگە كېتىپ قالاتتى ، دادامنىڭ قامچىدىن پوجاڭزىدەك قاس چىقىرىشىنى ئۈگىنەلمەي مەن بەك جىلە بولاتتىم.
دادام ئاياللارغا دىگىنىدەك ، نىمىشقىكىن مەن تۇغۇلىشىمغىلا ئاپامدىن ئايرىۋېلىپ مومامنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرغان ئىكەن ، شۇندىن باشلاپ مەن مومامنى دادام پەدىسىدە ئانىكام ، ئاپامنى دادامنىڭ بېكىتىشى بىلەن ھەدەم دەپ تىلىم چىققان ئىدى. دىمىسىمۇ  ئاپامنىڭ يېشى دادامدىن خېلىلا كىچىك  ئۇنىڭ ئۈستىگە پومىچىكنىڭ قىزى بولغاچقا مېنى دادام ۋە ئانىكامدىن ئايرىپ بىردەم يېرىمدەم پاراڭلىشىشقىمۇ ، ئەركىلىتىشكىمۇ قۇربى يەتمەيتى.ئايرىم چاغلاردا بىرگە بولۇپ قالساق ، ئاپام ئاجايىپ سېھىرلىك چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بېرىپ ،مېنى ئۆزىگە رام قىلىشقا ئۇرىناتتى. بىراق بۇ ئۇرۇنىشلىرى ئانىكام بىلەن دادام پەيدا بولغان ھامان شۇ يەردىلا كۆككە سىڭگەن ئىستەك غايىپ بولاتتى. بۇ چاغدا ئاپامنىڭ بىر قىسما بولۇپ قالغانلىقىنى سېزەتتىم.
نىمىلا بولمىسۇن كىچىك بالىمۇ ،چوڭ ئادەممۇ ئاجايىپ بولىدىكەن، ئانىكامنىڭ مېنى مۈرىسىگە قوندۇرىۋېلىپ ، نەمۇنە ئاپىرىشى ،كېچىسى قوينىغا سېلىۋېلىپ بىرگە ئۇخلىشى ، بىر تال كەمپۈت ، يېرىم تال پېچىنە تاپسىمۇ ماڭا قىسىنىپ گېلىدىن ئۆتمەي ، يىگۈزۈشى بىلەن مەن پۈتۈنلەي ئانىكام تەرەپ بولغان ئىدىم . ئەمدى ئاپامنىڭ سېھىرلىك چۆچەكلىرى قىزىق تۇيۇلمايدىغان ، ئاپامنىڭ مۆلدۈرلەپ قاراشلىرى ماڭا ئانچە تەسىر قىلىپ كەتمەيدىغان بولدى. داادام مېنىڭ ئانىكام بىلەن ئېچەكىشىپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ ، ئاپامنى ھەدە دەپ ئاتىشىمنى بۇيرىدى. دادامنىڭ بۇ بۇيرىقىنى مەن قوبۇل قىلىشنى توغرا كۆردۈم ،سەۋەبى باشتا دىگىنىمدەك ئاپام دادامدىن  خېلىلا كىچىك ئىدى ، مۇنداقلا قارىغان ئادەمگە ئاپام ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ  قىز ئوقۇغۇچىسىدەك سەبى ھەم مۇلايىم تەسىرات بېرەتتى. مەن ئاپامنىڭ چىرايىدىكى مەيۈسلۈكنى كۆرسەم ، بۇنى دادام ئانىكاملاردىن كۆرەتتىم .چۈنكى ئۇلار  بىرى مېنى ھەدەمنىڭ بېقىشىغا يول قويمىدى ،يەنە بىرى ھەدەم نامى بار پومىچىكنىڭ قىزى بولغاچقا ، ئانىكام بىلەن دادام بولسا تېگىدىن كەمبەغەل دېھقان ،تۆۋەن ئوتتۇرا دېھقان بولغاچقا ھەدەمنىڭ تىل قىسىنچىلىقى تارتىۋاتقانلىقى ئېنىق چىقىپ تۇراتتى.
تەلىيىمگە ھەدەمدىكى بۇ خىل تىل قىسىنچىلىق ، بىقوۋۇللۇق ئۇزۇن داۋاملاشمىدى ، ھەدەم كېيىنكى ئىنىمگە ھامىلدار بولغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ چىرايىدا ئۈمىت نۇرىنىڭ پارلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. چىرايىدا پات –پات خوشاللىقنىڭ باھاردىكى ئاپتاپتەك پارلاۋاتقانلىقىنى كۆرگۈلى بولاتتى. ئەمما ھەدەمنىڭ تۇغۇتى ئاسانغا چۈشمىدى ، دادام باشلاپ كەلگەن تۇغۇت ئانىسى :
___ ھەسىناخۇن، مەزلۇملىرىنىڭ تۇغۇتى قىيىن تۇغۇت بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ تولغاق ئازابىغا مەنمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي قالدىم. شۇڭا ھارۋىڭىزنى قېتىپ قوشنا گۇڭشېدىكى بەختىخاننى ئېلىپ كەلسىلە _دىدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان دادام تۇرۇپلا قالدى.چۈنكى دادام سەيشەنبە كۈنى كاللىسىنى ئېلىۋەتسىمۇ ھارۋا قوشمايتى ياكىي ھارۋا ھەيدىمەيتى. ھەتتا ھەممىگە رايىش دادامغا سەيشەنبە كۈنى گۇڭشېنىڭ باشلىقلىرى كېلىپمۇ «ھارۋاڭنى قوش» دەپ گېپىنى ئۆتكۈزەلمەيتى.مەن دادام قانداق قىلار دەپ ئويلىدىم ، دادام ئىندىمىدى ، بىراق تېزلا ھارۋىنى قېتىپ قۇيۇندەك ھەيدەپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى. بىز ئارىلىقى خېلى بار يەردىن دادامنىڭ بەختىخاننى ھارۋىغا سېلىپ ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىشتۇق ، شۇ كۈنى ھەدەم كۆرمىگەننى كۆرۈپ ، مىڭ بىر جاپادا يەڭگىدى ، يورۇق دۇنياغا مېھمان بولۇپ كەلگەن پومزەكتەك سېمىز ،بۇدرۇق ئىنىمنى كۆرگەن ھەممەيلەننىڭ خوشاللىقتىن بېشىمىز كۆككە يەتكەندەك بولدى. بىراق شۇ چاغدا ھەدەمنىڭ كۆزىدىن خوشاللىق ئەمەس بىر ۋەھىمىنىڭ كۆلەڭگىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ھەدەم تۇغۇتتا شۇنچىلىك قىينالغان بولسىمۇ ، بوۋاقنىڭ كىندىكىنى كېسىپ ،سۇغا ئېلىش ئۈچۈن تۇغۇت ئانىسى كۆتىرىپ ماڭغاندا ، تۇغۇت ئانىسىغا  ھالسىز قولىنى كۆتۈرۈپ تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا :
__ بالامنى ماڭا بېرىڭ ، بالامنى ئېلىپ چىقىپ كەتمەڭ ئۆزۈم ئېمىتىمەن دەپ ئىلتىجا قىلدى. بۇنىڭدىن تۇغۇت ئانىسى ھەيران قالدى ، ئۇ ئايال دادامغا :
__ ھەسىناخۇن ، مەزلۇمىڭىز تولغاق ئازابىدا نېرۋىسىدىن كەتكەندەك تۇرىدۇ ، مەن بوۋاقنى كۆتۈرىپ قويسام ، مەن ئېلىپ كېتىدىغاندەك زارلاپ كەتتى ، بولسا قارا قوينىڭ گۆشىدە شورپىلاندۇرۇپ ئوبدانراق كۈتسىلە ،تېنى قۇۋۋەت تاپسۇن –دەپ تاپىلاپ ، ئانىكام ئالدىغا قويغان بىر كىيىملىك رەختنى ئېلىپ قايىتتى. دادام تۇغۇت ئانىسىنىڭ سۆزىدىن بىر قىسما بولۇپ قالدى ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئانىكام ئىككىسى ئىنىمنى ھەدەمدىن بىسوراق قولىغا ئالمايدىغان ، ئەركىلەتمەيدىغان بولۇپ قالدى ، دادام ،ھەدەم يەڭگىپ ئىككى كۈن ئۆتمەيلا بىر قارا پاقلاننى ئاتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ ئەكەلدى ، ئۇنى سويۇپ ھەممىمىزنى ئوبدان شورپىلاندۇرغاندىن كېيىن ھەدەمگە:
___ ھەي پومنىڭ قىزى قوينىڭ بويۇن گۆشى ئەڭ يىيىشلىك ئوبدان يەپ ئۇستىخىنىنى ، ئۇيۇققا تىكلەپ قوي ،بالىنىڭ بوينى گىلدىڭ باش بولۇپ قالمىسۇن دىدى . بۇ بويۇن گۆشى قىرىق كۈنگىچە ئاشۇ ھالەتتە تىكلىنىپ تۇردى. ئىنىمنىڭ بوينىمۇ  قوزا قوشقارنىڭ بوينىدەك مەزمۇت تۇتتى.
بىراق دادامنىڭ بىر ئىشى ئىدىيەمدىن زادى ئۆتمەيتى .ئۆيىمىزگە گوڭشېدىن ئادەم كەلسىلا ياكىي تونىمايدىغان بىرەرسى ئائىلىمىزگە كېلىپ قالسا ھەدەمگە ئۇۋالچىلىق بولاتتى. بۇنداق چاغدا دادامنىڭ ئەلپازى يىرتقۇچقا ئايلىناتتى ، ئائىلىدىكىلەر دادامنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ شۈمشەرەپ كېتىشەتتۇق. دادام ھەدەمگە :
__ ھەي پومنىڭ قىزى ، چىقمامسەن ئۆيدىن ، ئەتمەمسەن تامىقىڭنى ، ئىلگىرى سەنخەق بىزنى ئەزگەن بولساڭ ، ئەمدى بىز سەن پوملاردىن ئۆچىمىزنى ئالىمىز دەپ ھەدەمنى دۈشكەلەيتى ، ھەتتا قولىدىكى قېيىش قامچىسى بىلەن ھەدەمنى ساۋاپ قويىدىغان چاغلىرىمۇ بولاتتى. بۇ چاغدا دادامنى كىرگەنلەردىن بىرەرسى ئارىغا كىرىپ ئاجرىتىۋالمىغۇچە بۇ ئىشىدىن بولدى قىلمايتى . بىر كۈنى ئارتۇق گېپى يوق ھەدەم تولىمۇ مىسكىن ھالدا دادامغا يىغلامسىراپ تۇرۇپ:
__ بىر ئۆتىنىشىم بارتى ، قىلىپ بېرەلەرسىزمۇ ؟-دەپ سوراپ قالدى .
__ ھە ، نىمە ئىشتى دەپ باقمامسەن ، دادام ھەدەمنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ھەيران قالغان ھالدا سورىدى .
__ دادامنى ، تاغنىڭ ئارىسىغا تاش كولاتقىلى ئېلىپ كېتىپتۇ ، بىچارە دادامنىڭ  قېرىپ قالغانلىقىنى سىزمۇ بىلىسىز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام قورساققا ئامراق ئادەمتى ، ئەنە شۇ جاڭگالدا قىيلىنىپ قالارمۇ ، ئاغرىپ يېتىپ قالارمۇ دەپ يۈرىكىم سۇ – دىدى .
__ بىلىمەن .قانداق قىل دىمەكچىسەن ؟ دادام سورىدى .
__ تاماق ئاپىرىپ بەرگىلى بولارمۇ؟ دادام بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەدەمگە جاۋاپمۇ بەرمەي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. بىر چاغدا ئىككى ئاپقۇر چىققۇدەك گۈرۈچ ئېلىپ كىردى . ئۇ چاغلاردا گۈرۈچ تېپىش شۇنچە تەس بولغاچقا دادامنىڭ بۇ گۈرۈچنى قايەردىن تېپىپ كىرگەنلىكىنى بىزمۇ بىلەلمىدۇق. شۇڭا ھەدەم دادامغا « بۇ گۈرۈچنى نەدىن تېپىپ كەلدىڭىز ؟» دىگەندەك قىلىپ قارىدى:
__ بولدى ،كۆزۈڭنى مولۇندەك چەكچەيىتمەي ، ئۆيدە سەۋزە بولغاندىن كېيىن ئەتە باش توخۇغا ئۈلگۈرتۈپ پولو ئەت ، مەن يەنە ئۈستىگە باسقانغا گۆش تېپىپ كېلەي ،ئەتە چۆجە خورىزىم بىلەن پومغا ئاپىرىپ بېرىمىز _ دىدى. دادامنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەدەمنىڭ خوشال بولغىنىدىن نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان ھالىتى تا ھازىرغىچە كۆڭۈل كۆزۈمدىن نېرى بولمايدۇ.ئەتىسى بىز باش توخۇ بىلەن تەڭ ھەدەم ئەقىدىلەپ ئېتىپ تەييارلاپ قويغان پولونى جاۋۇرغا ئۇسۇپ ،مەھەللىمىزنىڭ جەنۇپ تەرىپىدىكى قويۇق ئورمانلار بىلەن بەھەيۋەت كۆرۈنىدىغان تاغ ئىچكىرسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق .
مەن بىر قولۇمدا پولو ئۇسۇلغان جاۋۇرنى ،يەنە بىر قولۇمدا دادامنىڭ بەلبېغىنى مەھكەم تۇتىۋالدىم.ئاتنىڭ بۆرە مېڭىشىدا بىز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەلدۇق. كۈن تېخى تولۇق چىقمىغاچقا تاغ ئىچىدىكى چۆپلەرنىڭ ياپرىقىدا شەبنەم تامچىلىرى لىغىرلايتى.تاغنىڭ ھاۋاسى شۇنچىلىك ساپ ئىكەنكى چاڭىلداپ سايراۋاتقان تاغ قۇشلىرىنىڭ نەغمىسى بىلەن ئادەمگە راھەتلىك تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى. سالقىن تاغ شامىلى بولسا تەننى قورىيتى . مەن ئۆزىمىز يىيىشكىمۇ قىسىنغان پولۇنى ئېھتىيات بىلەن تۇتۇپ ، دادامنىڭ مەھەللىدە ئېيتالمايدىغان مۇڭلۇق ناخشىسىغا ئەسىر بولۇپ كېتىپ بارماقتا ئىدىم. بىز تاغ ئىچىدە خېلى ماڭغاندىن كېيىن بىر يەرلەردە تاراق-تۇرۇق، جاراڭ –جۇرۇڭ قىلغان ئاۋازلار قۇلىقىمىزغا ئاڭلاندى. تاغدىن دومىلىغان تاشلارنىڭ ۋەھىمىلىك ئاۋازلىرىمۇ كېلىپ تۇراتتى. دادام ئاشۇ ئاۋاز چىققان يەرنىڭ پوم بوۋاملار تاش كولاۋاتقان جاي ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. بىز يولنى خاتا مېڭىۋالغانلىقىمىزنى بىلدۇق. ئەسلىدە مېنىڭ پوم بوۋام بىز ماڭغان يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بولۇپ، ئوتتۇرىدا نەرە تارتىپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى بار ئىدى. دەريا سۈيىگە قارىغان ئادەمنىڭ بېشى قېيىپ ، كۆزى قاراڭغۇلىشاتتى. تاغنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى قار-مۇزلۇق كۈمۈش چوققىلاردىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئادەمگە تۈمەنلىگەن ئاتلىق ئەسكەرلەر ئاتلىرىنى بولىشىچە چاپتۇرۇپ يوپۇرىلىپ كېلىۋاتقاندەك ۋەھىمىلىك  تەسىرات بېرەتتى. مەن دادامنى كەينىگە قايتىپ ئايلىنىپ كېلەمدىكىن دەپ ئويلىۋىدىم ، ئۇنداق قىلمىدى ، ئۇ ئىگەردە سىڭايان ئولتۇرۇپ ماڭا قارىدى:
__ چۆجە خورىزىم ، مەن سېنى ئەركەك دەپ بىلىمەن، بۇ سۇدىن ئۆتىمىز ، بۇ دەريا سېنىمۇ ، ئاتنىمۇ سىنايدىغان دەريا دىدى. بىراق بۇ سىناققا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قوشمىدى . بۇگەپتىن مەن ئەندىكىپ كەتتىم. شۇنداقتىمۇ دادامنىڭ  ئۆزى بىر قوللۇق باققان قارا قاشقىسىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. چۈنكى دادام ئاتقا شۇنداق خۇمار ئىدىكى ، بىردەم بىكار بولسىلا ئاتنىڭ يېنىغا بېرىۋالاتتى. ئاتنى نەدىن تاپقىنى ئېنىق ئەمەس قوپال بولغان ئورۇس تاغىقى بىلەن تارايتى ،يۇياتتى، پۈتۈن مېھرى بىلەن ئاتنىڭ كۆز ،قۇلاق ، دۈمبە ، باشلىرىنى سىلاشنى ئۇنتۇمايتى،بەزىدە كۆز تېگىدۇ دەپ ئىسرىقمۇ سالاتتى. ، مەن دادام بىلەن  قارا قاشقىنى ئاتا –بالىدەك ئويلاپمۇ قالاتتىم. شۇڭا دادام باققان بۇ ئاتنىڭ تۈكى زەيتۇن يېغى سۈركەپ قويغاندەك پاقىراپ تۇراتتى. بۇ ئات دادامنى كۆرسە يوغان كۆزلىرى بىلەن دادامغا قاراپ ئەڭ يېقىن غەمگۇزارى كەلگەندەك يېنىك پۇشقۇرتۇپ ، ياكىي قىلىق چىقىرىپ ئويناقشىپ دادامغا ئەركىلەيتى.
دادام تىزگىن تارتىپ دەريا لېۋىگە كەلگەندە، قارا قاشقا بىردەم مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى-دە، ئارقىدىن يېنىك بىرنى پۇشقۇرۋېتىپ ئۆركەشلىك دەريا سۈيىگە كەچتى.
__ چىڭ ئولتۇر چۆجە خورىزىم، پولونى سۇغا چۈشۈرىۋەتمە ! دادام بىر قولىدا تىزگىننى ،بىر قولىدا مېنى قاماللاپ تۇتىۋالدى. بىزنىڭ بۇنداق ئۇلۇغ سۇغا ئات سالغىنىمىزنى كۆرگەن قارشى قىرغاقتىكىلەر دەريا لېۋىگە يىغىلىپ، «ئۆتمەڭلار ، خەتەرلىك » دەپ ۋاقىراشقىلى تۇردى ،ئەمما دەريانىڭ شاۋقۇنى ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كەتتى. ئاتنىڭ پۇت –قۇرساقلىرىغا زەرىپ بىلەن ئۇرىلىۋاتقان سۇ ، دەريا تېگىدىكى چوڭ-كىچىك تاشلار ئاتنى مۇدۈرىتىۋاتقان بولسىمۇ ، دادامنىڭ تىزگىننى مەيلىگە قويىۋېتىپ ، ئات بېقىنىغا يەڭگىل بېقىنداپ دېۋىتىپ قويىشى بىلەن بۇ جانىۋار ئېھتىيات بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ قارشى قىرغاققا ئېلىپ چىقتى. شۇ چاغدا مېنىڭ قورىققىنىدىن يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، دادامنىڭ مەدىتى بىلەن غەيرىتىمگە ئېلىپ ئۈن چىقارمىدىم ، قارشى قىرغاقتا تۇرغانلار يېنىك ئۇھ تارىتتى ، ئات بىر سىلكىنىۋىدى ئۇنىڭ ھۆل بولغان تېنىدىكى سۇ ئۈنچە –مارجان بولۇپ ئەتراپقا چېچىلدى. شۇ چاغدا مەن پوم بوۋامنىڭ يۈزىنى قولى بىلەن چاڭگاللىۋالغانلىقىنى ، چىرايىنىڭ تامدەك تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم.ئۇ:
__ ھەي كىيوغۇل ،ھەي كىيوغۇل نىمە دىگەن قاراملىق بۇ؟ ئۆينى بالىنى ئويلۇغۇلۇق _ دىدى ،دادام پوم بوۋام بىلەن سۇسلا ئامانلاشتىدە، نېرىرىراقتا قولىنى بىر –بىرىگە مىنگەشتۈرۈپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرغان ئادەمنىڭ يېنىغا باردى ھەم ئۇنىڭغا قوينىغا سېلىۋالغان كۆك تاماكىنى تۇتقۇزۇپ بىر نەرسە دىۋىدى ، ئۇ ئادەم توپلاشقانلارنىڭ يېنىغا كېلىپ:
__ بۇ بەشىڭ قۇناخۇن بىلەن ئۆڭكۈرگە بىرگە كىرىڭلار_دىدى. مەن پولۇ ئۇسۇلغان جاۋۇرنى كۆتىرىپ ، ئۇلار بىلەن بىرگە ئۆڭكۈرگە كىردىم. ئۆڭكۈرگە كىرىپ ئاغزىمنى ئېچىپلا قالدىم. مەن ئۆڭكۈرنى ئېيىق پاتقۇدەك يەر بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم ، ئەمما ئۆڭكۈر شۇنچىلىك چوڭ بولۇپ بىرەر مىڭ ئادەم بىمالال سىققۇدەك ئىدى ، قايەرلەردىندۇ كىرىۋاتقان كۈننىڭ ئاجىز شولىسى مۈدۈر –چوقۇر ئۆڭكۈر تاملىرىنى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى. ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگىرەك يېرىگە مەڭگەن –پاخاللار يېيىتىلغان بولۇپ ، ئۆڭكۈر تېمىغا يۆلەپ قاتار يوتقان –كۆرپىلەر تىزىۋېتىلگەن ، شىرە ئورنىدىكى يوغان تاش ئۈستىگە قاتار قىلىپ بىرنەچچە لامپا چىراق قويۇقلۇق ئىدى. دادام جاۋۇرغا ئورالغان داستىخاننى پاخال ئۈستىگە يايدى-دە، ئولتۇرغانلارنى تاماقلىنىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار دادامغا تەكەللۇپ قىلدى . دادام پوم بوۋامغا قارىدى ، پوم بوۋام دادامنىڭ قارىشىدىن بىر نەرسىنى چۈشەنگەن چېغى ، پولوغا قول سېلىپ بەردى . گەرچە بىزنىڭ قورسىقىمىز  ئاچ بولسىمۇ دادام ئىككىمىز بىر كاپام پولو يىيىشكىمۇ ئۇنىمىدۇق . مەن شۇ چاغدا كۆزىدە مىننەتدارلىق يېشى پارقىراپ قالغان بۇ بايقۇش بوۋايلارنىڭ ، دادامغا ۋە ماڭا قىلغان ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئاسىدىن ، ئۇلارنىڭ بىزدىن قانچىلىك مىننەتدار بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم . بىز ئەمدى دەريادىن قايتا ئۆتۈپ ئولتۇرماي ، بۇرۇن كەلگەنلەر ماڭغان يول بىلەن قايىتتۇق.مەن ھېس قىلمىغان ئىكەنمەن، ئاشۇ قارا قۇرساق ، ساۋاتسىز دادام سىنىپى كۈرەش تۇتقا قىلىنىپ ، پومىچىكلار بىلەن كەمبەغەل دېھقان تۆۋەن ئوتتۇرا دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت چەك چېگرىسى قەتئىي ،مۇرەسسەسىز بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان ئاشۇ دەۋىردە ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەلگەن ئىكەن . ئۇنىڭ خەلق ناخشىلىرىنى ئۆيدە ، مەھەللىدە شۇنچە يالۋۇرۇپمۇ ئېيتقۇزالماسلىقىمنىڭ ،ئەمما پىنھان جايلارغا چىققاندا دادامنىڭ ئاجايىپ زوق بىلەن بۇ ناخشىلارنى ئېيتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى كېيىن چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم. دادام بىز تاغ ئىچىدىكى دەپسەڭرەك يەرگە كەلگەندە ناخشىسىنى باشلىدى:
دولاڭدىكى كەتمەنمۇ
ئۇچاڭدىكى چەكمەنمۇ .
شەرەت قىلسام قارىمايسەن،
سەنمۇ مەندەك دەرتمەنمۇ؟
مەن دادامنىڭ ناخشىسىدىكى مۇڭغا ، ئاۋازىدىكى سۈزۈكلۈككە ھەيران قالاتتىم. ناخشىنىڭ مۇڭلۇق كۈيى دەريا شاۋقۇنىغا جۆر بولۇپ ساي-سايلاردىن ئەكىس سادا قايتۇراتتى. مەن دادام ئېيىتقان ناخشىنىڭ مۇڭىدىن يىراق بىر دۇنياغا كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولاتتىم. مېنىڭ جىمىپ كەتكىنىمنى كۆرگەن دادام :
__ جىمىپ كەتتىڭغۇ چۆجە خورىزىم ، يۈرىكىڭنى ئېزىپ قويمىغاندىمەن ؟_ دەپ سورىدى .  
ياق دادا، سەن ھەدەم تۇرسا باشقا ئاياللارغا نىمىشقا كۆپ گەپ قىلىسەن ؟ _ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك بۇ سۆزۈم دادامنى گاڭگىرىتىپ قويغان چېغى ، بۇ سۆزۈمگە دادام ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى ، قايتا ئۆيگە بارغىچە ناخشىمۇ ئېيىتمىدى ، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ دادامنى  ھارۋا ھەيدىسۇن ياكىي پىيادە بولسۇن ئاياللار توپلاشقان جايدا ئۇچرىتىپ باقمىدىم ، بىز ھارۋىدا كېتىۋاتقاندا توپلاشقان ئاياللارنىڭ دادامغا ئۈمىت بىلەن قارىغىنىنى كۆردۈميۇ ، ئەمما دادامنىڭ گەپ –سۆز قىلمايلا ئۆتۈپ كېتىشىدىن قاتتىق ئۈمىتسىزلەنگەنلىكىنى ، دادامغا نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتقانلىقىنى پات –پات ئۇچۇرتۇپ تۇردۇم.
بىز قاشانى ئېچىپ ھويلىغا كىرگەندە ، ھەدەم ھويلىدا ئىنىمنى باققاچ بىزنىڭ يولىمىزغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ئىكەن.
__ ئاپىرىپ بېرەلىدىڭلارمۇ ؟ ئاپام سورىدى ، دادام ئىندىمىدى .
__ ئاپىرىپ بەردۇق ئاپا ، پوم بوۋاملار ... مەن دادامنىڭ ئورنىدا ھەدەمگە جاۋاپ بېرىپ سۆزۈم شۇ يەرگە كەلگەندە دادام ماڭا قاراپ گەپ قىلما دىگەندەك قىلىپ شەرەت قىلىپ قويدى. مەن تېزلا سۆزۈمنى توختىتىۋالدىم چۈنكى پوم بوۋامنىڭ ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقى ، تاماقسىراپ كەتكەنلىكىنى دادام ھەدەمگە دەپ سېلىشىمنى خالىمىغان ئىدى.
بىزنىڭ بۇ ئىشىمىز ھەدەمنى چەكسىز مىننەتدار قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ھاياجان بىلەن دادامغا تىكىلگەن بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزىدىن ھەممىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئەتىسى دادام ھەدەمگە :
__  سەن پومنىڭ قىزى ئوقۇغان، بىز سەنلەرگە مەدىكار بولۇپ ئىشلەپ ئوقۇشنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلمىگەن قارا قۇرساق ،لېكىن مەن ماۋۇ چۆجە خورىزىمنى كارامەت ئادەم بولسىكەن دەپ ئويلايمەن ،بولسا سەن بۇنىڭغا ئۆزۈڭ بىلىدىغان بۇرۇنقى ھەرىپلەرنى ئۈگىتىپ قوي_ دىدى . ھەدەم دادامنىڭ بۇ سۆزىگە شۇ ھامان قوشۇلدى.ئۇ گەرچە ئىنىم بىلەن ھەپىلىشىپ كۆڭلى خېلىلا كۆتۈرىلىپ قالغان بولسىمۇ ، خەت ئۈگىتىش باھانىسىدا مەن بىلەن كۆپرەك بىللە  بولالايدىغانلىقىدىن خوش بولغان ئىدى.ئۇ چاغلاردا مەن لاتىن يېزىقىدا ئوقۇپ ساۋادىممۇ چىقىپ بولغان ئىدى ،ھەدەمنىڭ يەنە قايسى ھەرىپلەرنى ئۈگىتىدىغانلىقىنى بىلمەيتىم.، ئەمدى مەن ھارۋىغا ئازراق چۈشۈپ ، ئانىكام بىلەن سىرتلارغا ئازراق چىقىپ ، ھەدەمنىڭ ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئۈگىتىشىگە ماسلاشتىم. دادام ئانىكامغا بۇ ئىشنى دىگەچكە ، مېنى بىردەم كۆرمىسە چىدىمايدىغان ئانىكام ، ھەدەم ماڭا خەت ئۈگىتىشكە باشلىغان ھامان دەخلى قىلمايدىغان بولدى ، شۇنداق قىلىپ ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كونا يېزىقتا يازالايدىغان ھەم ئوقۇيالايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم .
بىر كۈنى دادام قازانغا جىقلا گۆش سالغۇزدى . كەچكە يېقىن مەن ئوقۇيدىغان مەكتەپتىن ئىككى ئوقۇتقۇچى ۋە قولۇم-قوشنىلار كىرىپ كەلدى .تاماق تارتىلىپ غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن دادام:
__ مېھمانلار ، مېنىڭ بالام يەنە بىر خەت ئۈگەندى.ھازىر سىلەرگە شۇ ئۈگەنگەن خېتىدىن كىتاپ ئوقۇپ بېرىدۇ _ دىدى.مەن بۇ گەپتىن ئەندىكىپ كەتتىم .چۈنكى مەن بۇنداق جىق ئادەم ئالدىدا ئۆزۈمنى كۆز –كۆز قىلىشنى خالىمايتىم.بىراق ئامال بولمىدى ،دادام نەدىن تېپىپ كەلدىكىن « مىڭ بىر كېچە » دىگەن كىتاپنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ھەم ماڭا مەدەت بەردى ، دادامنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئاجايىپ بىر پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدىن مەنمۇ غەيرىتىمگە ئېلىپ كىتاپنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.دادامنىڭ ئۆڭگەن كىيىمدىن ئىچىدە ماڭا تەلپۈنگەن بىر يۈرەكنىڭ تىپچەكلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدىم. مەن بۇ كىتاپنى سۇدەك ئوقۇپ بەرسەم دادامنىڭ خوشاللىقتىن بېشى كۆككە يېتەتتى ، شۇڭا مەن غەيرەتكە كېلىپ كىتاپنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئۆي ئىچى تىتاسلىققا چۆمدى . ۋەقەلىككە مەنمۇ چۆكۈپ كەتكەن ئىدىم. تىڭشاۋاتقانلارمۇ ئۆزىنى ئۇنتىغان ئىدى ،بىر چاغدا دادامنىڭ :
__ بولدى چۆجە خورىزىم ، كىتاپ ئوقۇيمەن دەپ كەتمەن چاپقاندەك تەرلەپ كەتكىنىنى قارا بۇنىڭ_ دەپ مۈرەمگە شاپىلاقلىدى .ئۆيدە چاۋاك ئاۋازى ياڭرىدى ، بەزىلەر مېنى قۇچاقلاپ مەڭزىمگىمۇ سۆيۈپ قويدى.ئەمىلىيەتتە مەن بۇ ئالقىشتىن دادامدىنمۇ بەتتەر خوشال بولغان ئىدىم.كۈنلەر ئۆتمەكتە ئىدى ، يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ياشلىقنىڭ گۈزەل پەسىللىرىگە قەدەم باسقىنىمدا ،دادام بىۋاستىلا ماڭا ئۇ ،بۇ قىزنى سايە قىلىدىغان بولىۋالدى ، باشتا مەن بۇ ئىشتىن نومۇس قىلىپ دادامغا قېيدىغان بولساممۇ ، كېيىنچە دادامنى يېقىن دوستۇمدەك ئويلاپ بۇنىڭغا باشقىچە ئويدا بولمىدىم . بىر كۈنى دادام سانىيە ئىسىملىك بىر قىزنى ماڭا كۆرسەتتى. قىز بەكمۇ مۇلايىم ،يۈزى تۆۋەن قىز بولۇپ ، چىرايىمۇ گۈلدەك چىرايلىق ئىدى ، مەن قىزغا قارىدىم ، ئۇنىڭغا باھا بەرگىم كەلدى. ئىچىمدە « ئۇ گويا لەرزان شامالغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئۆتكەنلىكى جايدا بىر خىل خۇش پۇراق قالىدۇ ، يەنە كېلىپ ئۇ پۇراق پەقەت ئۇنىڭ ۋۇجىدىدىنلا تېپىلىدۇ» مەن ياشلىقنىڭ ئوتتەك مەزگىلىدە بولغاچقا بۇ قىز ھەققىدە شۇنداق خىياللاردا بولدۇم ھەم بۇ قىزغا قىزىقتىم. ئەمما بۇ قىزنىڭ ماقۇل بولىشىغا مەندە تازا ئىشەنىچمۇ يوق ئىدى.شۇنداقتىمۇ دادام ماڭا ئوچۇقلا قىلىپ:
__ چۆجە خورىزىم ، سەن خەت يېزىشقا ئۇستا ،كۆپ كىتاپ ئوقۇيسەن كۆڭلۈڭنى بۇ قىزغا ئۇدۇل دىيەلمىسەڭ قاملاشتۇرۇپ بىر پارچە خەت يازساڭمۇ بولىدۇ،يا مەن ئاپىرىپ بېرەرمەن ،يا ئۆزۈڭ بىر ئامال قىلىپ قولىغا بېرەرسەن_ دىدى. مەن خىجىل بولغان بولساممۇ ، يەنىلا دادام بايقۇشنىڭ بۇ مەسلەھەتى ئىدىيەمدىن ئۆتتى . خەتنى دادامغا تۇتقۇزۇپ قىزغا بەرگۈزۈش سەت ئىش ، شۇڭا خەتنى يېزىپ ئۆزۈم بېرىش ئەگەر بەك جۈرئەت قىلالمىسام مۇۋاپىق پەيىت كۈتۈپ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇش نىيىتىگە كەلدىم. ئەنە شۇ ئىچ كۆيىكى ،دادامنىڭ مەدىتى بىلەن خەتنى تولىمۇ قاملاشتۇرۇپ يازدىم. ئەمما خەتنى قىزغا قانداق بېرىش ئىمكانىيىتىنى زادىلا تاپالمىدىم . دادام مېنىڭ خەتنى يېزىپ بولغانلىقىمنى بىلىپ بولغان ئىدى ، بىراق ئوقۇپ بېرىشىمنى ئۆتۈنمىدى ،مېنىڭمۇ ئەنسىرەيدىغىنىم شۇ ئىدى. كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. مەن تىت –تىت بولماقتا ئىدىم ، بىر كۈنى دادام خوشال ئالدىمغا كەلدى:
_ چۆجە خورىزىم ، بۈگۈن بەك ياخشى كىنۇ قويىدىكەن ، ئۇقىزمۇ كىنۇغا كېلىشى ئېنىق ، مۇشۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ خەتنى قىزغا بەر ، بەك بولماي كەتسە يانچۇقىغا سېلىپ قويساڭمۇ بولىدۇ_ دىدى. دادامنىڭ بۇ ئىشقا بۇنچىلىك ئىنچىكە قارىغانلىقىدىن ئۇنىڭغا غايىۋانە ھالدا چەكسىز رەھمەت ئېيىتماقتا ئىدىم . مەن راستىنى دىسەم قىزغا شۇنچىلىك مەپتۇن بولۇپ قالغان بولغاچقا ،تۇتقان –قويغۇنىمنى بىلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانتىم . شۇ چاغلاردا ئاتا-بالا ئىككىمىزنىڭ قىلىپ يۈرگەن بۇ ئىشىنى باشقىلار ئۇقۇپ قالسا قوڭىچە كۈلىشى ئېنىق ئىدى. شۇڭا بىز بەكلا ئېھتىيات قىلمىساق بولمايتى. ھايات ئەنە شۇ ئىشلىرى بىلەن ئۆمۈرگە زىننەت بېغىشلاپ ئۆتىدىكەن . شۇ كۈنى راسىت دىگەندەك مەن ئاشىقلىق دەردى-دە، پۇچىلىنىۋاتقان قىز كىنوغا كەلدى. كىنو ئاق رەختنى ئىككى دىڭگەككە تارتىپ قويۇپ تالادىلا قويۇلغاچقا تاپقانلار تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ،بولمىسا ئۆرە تۇرۇپلا كىنۇ كۆرەتتى. مەن بالدۇرلا ئۆيدىن چىققان ئىدىم. خالىيراق بىر جايدا تۇرىۋېلىپ كىنۇغا كەلگەنلەرنى بىرمۇ –بىر كۈزەتتىم. بىر چاغدا دادامنىڭمۇ كەلگەنلىكىنى كۆردۈم داداممۇ مېنى كۆرمەي ئەتراپنى كۈزەتمەكتە ئىدى دادامنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتىگە قاراپ يىغلىغۇم كەلدى .ئاخىرى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈش ئاخىرلىشىپ مېنىڭ نەزەرىمدە خۇش پۇراق گۈلگىلا ئوخشايدىغان قىز كۆرۈندى ، ھاياجاندىن ،تەلپۈنىشتىن يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك سېلىپ كەتتى. مەن قىز ئۆرە تۇرۇپ كىنۇ كۆرىۋاتقان جايغا ئاستا يېقىنلاشتىم . مەن دادامنىڭ ئارقامدىن سايىدەك ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىنىمۇ سېزىپ تۇرماقتا ئىدىم . ئۇ شۇ ھالىتى بىلەن ماڭا مەدەت ،غەيرەت ئاتا قىلماقتا ئىدى. پاھ! يۈرىكىمگە نىمە بولغاندۇ ؟ ئۇ قوراغا قاماپ قويۇلغان تايچاقتەك سەكرەيتى ،تىپىرلايتى. مەن خەتنى قىزنىڭ يانچۇقىغا سالغاندەك قىلدىم ،مېڭەم توختاپ قالغاندەك تۇراتتى. شۇ چاغدا ئارقامدا سوڭدۇشۇپلا يۈرگەن دادامنىڭ يېنىك ئۇھ تارتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم ، ئارقامغا بۇرالدىميۇ قاراڭغۇدا دادامنى ئېنىق كۆرەلمىدىم. ئەتىسى بىز بىر خاتاغا يول قويغانلىقىمىزنى بىلىپ قالدۇق ، داداممۇ ئېڭىكىنى تۇتتى . ئۆزۈم يازغان يالقۇنلۇق خەتنى شۇنچە تەستە قىزغا يەتكۈزەلىدىم ،يۈزى تۆۋەن ،نازۇك مىجەز بىر قىز قانداقمۇ جاۋابىنى يېزىپ ماڭا تۇتقۇزۇپ قويار ؟ بۇ خىيال بىلەن كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. ئەمدى مەن زارىقىش بىلەن قىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى ئەگىيدىغان بولۇپ قالدىم . يەنە كېلىپ شۇ ئەتراپتا دادامنىمۇ پات-پات ئۇچرىتىپ قېلىۋاتاتتتىم . دادام ئەمدى قىز بىلەنمۇ ،قىزنىڭ ئاپىسى بىلەنمۇ بىمالال پاراڭلىشىۋاتاتتى ،دىمەك دادام مەن ئۈچۈن مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەۋاتقانلىقى ئېنىق ئىدى. ئەمما دادامنىڭ ئۆڭۈپ ھالى قالمىغان كىيىم-كېچىكى مېنىڭ نومۇسۇمنى كەلتۈرەتتى. بىر كۈنى دادام تولىمۇ مەيۈس ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى ، ئۇ مېنى چەتكە تارتىپ بىر پەس تۇرۇپ كەتتى ئارقىدىن:
__بالام ، ئۇلار كەتتى _ دىدى ، بۇ قېتىم دادام چۆجە خورىزىم دىگەن سۆزنى ئىشلەتمىدى.
__ كىملەر كەتتى؟
__ مەن ساڭا ئېلىپ بېرەي دىگەن قىزنىڭ ئۆيۋاقى بىراقلا جەنۇپقا كۆچۈپ كەتتى.يۈرىكىمنى بىرى قولىنى سېلىپ يۇلىۋالغاندەك تولغۇنىپ كەتتىم.
__ نىمە؟!
_ شۇنداق بالام، ئۇلار كەتتى ،مانا بۇخېتىڭ ، بۇ خەتنىمۇ ھودۇققان ئوخشايسەن قىزنىڭ يانچۇقىغا ئەمەس يەرگە ساپسەن ،روزاخۇن كىنۇچى تېپىۋاپتۇ . مەن بۇ ئىش بىلەن بەكلا ئۈمىتسىزلىنىپ كەتتىم.
__ كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما ، مەن ساڭا باشقا قىز تېپىپ بېرىمەن ، تويۇڭنى نەغمە-ناۋا بىلەن بەگزادىلاردەك ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن .
_ قويە ئۇنداق گېپىڭنى ، ئاشۇ ئەبگا تۇرقىڭ بولسا بىزگە كىم قىزىنى بېرەتتى ، قايسى پۇلۇڭغا مېنىڭ تويۇمنى قىلىپ بېرەلەيتىڭ!مەن بۇ گەپنى قانداق ئاغزىمدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىمنى تۇيمايلا قالدىم ، ئەنە شۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاچچىق ھەسرەت ، ئەڭ ئازاپلىق جاراھەت بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغىنىمدا ئۆزۈمنى ھازىرمۇ مىڭنى كاچاتلىغىم كېلىدۇ ،دادامنىڭ ئەنە شۇ بىر ئېغىز سۆزۈم بىلەن تۇنجىقىپ كەتكەن ھالىتى ھازىرمۇ كۆز ئۆڭۈمدە پات-پات زاھىرلىنىدۇ. دادام ماڭا ئارتۇق گەپ قىلمىدى ، ئۇ مېنى مۇھەببەتنىڭ ئازابىدىن شۇنداق دىدى دەپ چۈشەنگەن ئىدى.شۇ كۈندىن باشلاپ دادامنىڭ ساندۇق ئاختۇرۇپ يېڭى كىيىم ئىزدىشى ، ئەمما يازلىق ۋە قىشلىق بىرقۇردىنلا كىيىمى بارلىقى مېنىڭ خىيالىمغا كىرىپ چىقماپتۇ ،ئەنە شۇ دادام مېنى ياساپ قويۇشقا ،چىبەرقۇت قىس شۇ زاماندا نەلەردىن چىپەرقۇت تېپىپ ماڭا كىيىم تىكتۈرۈپ بېرىشكە چىدىغان دادام ھەجەپ ئۆزىگە پىخسىقلىق قىلغاندۇ؟ ئەمدى مەن ، تۇنجى كۆيگەن قىزنىڭ ۋىسالىغا يېتەلمىگىنىم ئۈچۈن  بىر قىسما بولۇپ قالدىم ،تەگسىز خىياللارغا چۆكۈپ قالىدىغان بولۇپ قلدىم. بىزنىڭ ئىشىمىزنى ئانىكام بىلەن ھەدەم بىلمەيتى ، شۇڭا ئۇلار بالا ئەسلىنىپ قاپتۇ دەپ قارايتى. بىراق دادام ماڭا لايىق ئىزدەشتىن توختاپ قالمىدى ،مېنى بىر نەرسىلەرنى يېزىپ گېزىت –ژورناللارغا ئېۋەتىپ باق ،ئەپەندىڭ سېنى بىرنەرسىلەرنى قاملاشتۇرۇپ يازالايدۇ دىدى، شۇنداق قىلساڭ ئىچ كۆيىكىڭ بېسىلىپ قالىدۇ ، گېزىتكە چىقسا بەك خوش بولىسەن _ دىدى . بۇ گەپ ماڭا ياقتى دادام ئۆزى بىر قوللۇق چاي قەغىزىدە ئۇننى شىلىم قىلىپ ياسىغان كونۋېرىتقا  يازغانلىرىمنى ئۇدۇللۇق پوچتىدىن سالىدىغان بولدى. شۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئىككى پارچە يۇمۇرۇم جورنالدا چىقىپ قالسا بولىدۇ .دادام شۇ ژورنالنى كۆتىرىۋېلىپ كۆرسەتمىگەن ئادىمى قالمايۋاتاتتى ، دادامنىڭ بۇ ئىشى مېنىڭ ئىدىيەمدىن ئۆتمەيتى.شۇڭا دادامغا:
_ دادا مەن سەندىن بەك بىزار بولدۇم ، ئادەمنى نومۇس قىلدۇرۇپ ژورنالنى كۆرسەتمىگەن ئادىمىڭ قالمايۋاتىدۇ ، نىمانداق پوچىسەن ؟-دىدىم.
_ چۆجە خورىزىم ، سەنمۇ بالىلىق بولغاندا مېنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلىپ قالىسەن ،دادامنىڭ كۆزىدە ئاجايىپ بىر ھەسرەتلىك مۇڭ ئەگىپ قالدى.
_ يەنە بىر گەپ دادا ، مېنى ئەمدى چۆجە خورىزىم دىمە ،ئۇ دىگەن ئۇرۇشقاق دىگەن مەنىدىكى گەپكەن ،خەقلەرمۇ مېنى چۆجە خوراز دەپ چاقىرىۋاتىدۇ .
_ ماقۇل بالام شۇنداق قىلاي .دادام كىچىك بالىدەك ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى. دادام جورنالدىكى مېنىڭ ئىسمىم بار جاينى قارا رامكىغا ئېلىۋالغان ئىدى ، ئۇ ئاشۇ ئىسىمنى باشقىلارغا كۆرسۈتىۋاتقاندا ،مەن كېلىپ قالسام ئۇياتلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك شۇنچىلىك تېز يىغىشتۇرۇپ كېتىپ قالاتتى. دادامنىڭ توپىلىق يولدا كېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ نىمىشقىمۇ بايىقى گەپنى دىگەندىمەن دەپ پۇشايمانمۇ قىلاتتىم . بىر كۈنى دادام خوشاللىقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالەتتە ئۆيگە كىرىپ كەلدى . قولىدا ئۈچ يۈئەن قەلەم ھەققى يېزىلغان بىر پارچە چەك تۇراتتى.
_ ئەتىگەندە خۇدا دەپ قوپقانتىم بالام ، ئىككى خوشاللىق تەڭ كەلدى بىرى ساڭا بۇ پۇل كەپتۇ ، يەنە بىرى ساڭا لايىق تاپتىم.
__ ۋاي –ۋۇي دادا ئەجەپ خوش بولۇپ كېتىپسەن ، ئەمدى بۇ پۇلنى كۆرسەتمەيدىغان ئادىمىڭ قالمايدۇ ھەقىچان.
_ خوش بولمامدىم بالام، بۇ تۆڭگىرەكتە كىمنىڭ بالىسىنىڭ ئىسمى گېزىتكە چىقتى. كىمنىڭ بالىسىغا ھۆكىمەت پۇل ئېۋەتتى. كىمنىڭ بالىسىغا ئىشتاتى بار قىز ماقۇل دىدى؟ مەنمۇ بۇ ئىشتىن ھەقىقەتەن خوش بولغان ئىدىم.
__ ھە پومنىڭ قىزى ، ئۆيدە تۈزۈكرەك رەخت بولسا ماڭا بىر قۇر كىيىم قىلساق بوپتىكەن ،تويدا تۈزۈكرەك ھالدا قۇدىلارنىڭ ئالدىغا چىقاي ،يەنە بىر گەپ بۇ ئۈچ كويغا بازاردىن ئىككى كىلۇ گۆش ئەكىرەي ، قوشنا قولۇملارنى چاقىرىپ بالام ئۈچۈن ماي پۇرىتايلى  بولامدۇ بالام ،يا ئۆزۈڭ خەجلەمسەن ؟ دىدى دادام.
_ سەن دىگەندەك بولسۇن دادا شۇ كۈنىلا دادام ماي پۇرىتىپ مېنى تەبرىكلىدى ، ئەمدى ئۆيدىكىلەر مېنى ئۆيلەشنىڭ غېمىگە چۈشكەن ئىدى.ماڭا ئېلىپ بەرمەكچى بولغان قىزنى سىرتتىن تونىساممۇ ،ئەمما پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدىم.ئۇنىڭ كادىر ،مېنىڭ ۋاقىتلىق خىزمەتچى ئىكەنلىكىمنى دىمىگەندە دادام تاپقان بۇ قىزغا مەيلىم تارتىپ قالغان ئىدى. بىراق دادامنىڭ ۋاي دىگۈدەك بىرەر قۇر كىيىمگىمۇ چىقىنالمىغان مۇشۇ ھالىدا مېنى قايسى پۇلغا ئۆيلەپ قويار دىگەن خىيال مېنى قىينايتى. ھەدەممۇ دادامغا بۇ گەپنى قىلىۋىدى ،دادام:
__ پوم ئاناڭ جىلىتكەڭگە سېرىپ تىكىپ تىقىپ قويغان زىقچە ئالتۇننى تارتقۇزۇپ ئولتۇردۇڭ ،ئەمدى مەن قارا قاشقامنى سېتىپ ئوغلۇم خوش بولغۇدەك تويىنى قىلىمەن _ دىدى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم. بىچارە دادام مېنى دەپ ئاشۇ جېنىدىنمۇ ئارتۇق كۆرىدىغان تۇلپىرىنى سېتىۋېتەرمۇ ، بىز چۈشىمىزدىمۇ كۆرمىگەن پۇلنى كۆتىرىپ كەلگەنلەرگىمۇ ساتمىغانغۇ؟ مەن دادامغا زادى نىمە قىلىپ بەرگىنىمگە شۇنچىلىك قىلىدۇ ؟ ئۆزۈمگە –ئۆزۈم سوئال قويماقتا ئىدىم. دادامنىڭ ھارۋا ئېتىدىن سىرت قۇلۇن ۋاقتىدىن باشلاپ باققان بۇ ئېتىغا  چىداپ تۇرۇپ سېتىۋېتىشىنى ئويلىسام ئۆزەمنى قويارغا يەر تاپالمايتىم. بىراق دادام ئەلچىلەردىن ماقۇل بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان كۈنىلا قارا قاشقىنىڭ يايلىدىن ئازراق كېسىۋېلىپ  ساتتى. قارا قاشقىنى ئات ئالغۇچىغا تۇتقۇزۇپ قويغاندىكى ھالىتى بەكمۇ مەيۈس ئىدى. دادام بۇ ھالىتىنى بىزگە شۇنچە چاندۇرمايمەن دىسىمۇ، كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ يەرگە چۈشتى. ئات جانىۋارمۇ ئىگىسىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن چېغى كەڭ ئېچىۋېتىلگەن قاشانىڭ ئالدىغا كەلگەندە زىبىز ماڭغىلى ئۇنىمىدى ، ئات ھە دەپ دادام تەرەپكە قاراپ يۇلقىناتتى. ئاتقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەركەن ئات ئالغۇچى دادامغا قارىدى .دادام ئات ئالغۇچىدىن تىزگىننى ئالدى-دە ، يايداقلا مىنىپ قاشادىن قۇيۇندەك چېپىپ چىقىپ كەتتى. نىمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان ئات ئالغۇچى ھويلىدا تەمتىرىگىنىچە تۇرۇپ قالدى. بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتتىغۇ دەيمەن دادام پىيادە ھويلىغا كىردى .
_ ئاتنى ساڭا تاپشۇردۇم ، ياخشى قارا ، ئۇنىڭدىمۇ كۆڭۈل بار . ئاتلا ئەمەەس گۈل گىياھلاردىمۇ ،باشقا جانۋارلاردىمۇ كۆڭۈل بار بۇنى بىلسەڭ بولىدۇ ، بۇ گەپنى بىر قارا قۇرساق ئادەم دەۋاتاتتى ، ئۇ بىزگىمۇ قارىدى ، ئات ئالغۇچى چوڭقۇر رازىمەنلىك بىلەن دادامغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى. دادامنىڭ بايىقى ئازابىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى ، ئۇ ئۆيگە كىرگەندە :
__ ھە پومنىڭ قىزى بۇ پۇلنى تۇت  ،سەن كىچىكىڭدىن پۇلنىڭ ئىچىدە چوڭ بولغان ،قانداق خەجلەشنى بىلىسەن ، بالامنىڭ تويىدا جامائەت يۈرىكى چىلاشقۇدەك يىسۇن ،ئىچسۇن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىما –دىدى.ھەدەم مۇلايىملىق بىلەن دادامغا قارىدى ھەم خاتىرجەم بولۇڭ دىگەندەك بېشىنى يەڭگىل لىڭشىتتى .مەن دادام بىر كۆك نامراتكەن، ھەدەم نامى بار پومىشىكنىڭ قىزىكەن ئۇلار قانداقمۇ توي قىلىپ قالغاندۇ ؟ دەپ ئويلايتىم.ئەسلىدە چۆچەكلەردىكى باينىڭ قىزى بىلەن تۇل خوتۇننىڭ  ئوغلىغا ئاشىق بولۇپ قالىدىغان  نۇرغۇن جەبرۇ –جاپا ھېجران ئازابى بىلەن ۋېسالىغا يېتىدىغان گۈزەل چۆچەكلەردىكى ئىشلار داداملارنىڭمۇ بېشىدىن ئۆتكەن ئىكەندە دەپمۇ قالىمەن.چۈنكى مەن بارا –بارا دادامنىڭ ئاددىي ئادەم ئەمەسلىكىنى بىلمەكتە ئىدىم.
شۇنداق قىلىپ دادام تويۇمنى دىگىنىدىنمۇ چىرايلىق ئۆتكۈزۈپ بەردى .ئەمما دادامنىڭ مەن توي قىلىپ يېرىم ئاي بولغاندا چىرايىنىڭ زەپىراڭدەك سارغىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، ھارۋنىمۇ ئىلگىركىدەك شاش ھەيدىمەس بولۇپ قالغانلىقىنى ،تۇرۇپلا ئۆزىنى تىڭشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى ،بەزىدە چىرايىنىڭ تۆمۈردەك كۆكىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قوشنا –قولۇملارمۇ ،بىزمۇ بىسەرەمجان بولۇشقا باشلىدۇق.بىر كۈنى ھوجرامدا ئايالىم بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرسام ، كەنجى ئىنىم ئۆڭ –سۆلى يوق كىرىپ كەلدى:
ئاكا ، دادام بولالمايۋاتىدۇ ،سېنى چاقىرىۋاتىدۇ .يۈرىكىم قارت قىلىپ قالدى ، ئورنۇمدىن قانداق تۇرغۇنىمنى ،چوڭ ئۆيگە قانداق كىرىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن .دادام تۆردىكى كۆرپىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى .كۆزى يۇمۇلغان بولۇپ ، كۆك تومۇرلىرى كۆرۈنىپ قالغان قولىنى كۆكرىكىگە قويۇۋالغان ئىدى. دادام مېنىڭ كىرگەنلىكىمنى كۆرۈپ كۆزىنى تەستە ئاچتى . كۆزۈمگە كەلكۈن سۈيىدەك يامراپ كېلىۋاتقان يېشىمنى توختىتالمىدىم.
_ نىمە بولدۇڭ دادا ، گۈسمەستەك مېڭىپ يۈرەتتىڭغۇ ؟
مۇرادىڭلارغا يەتكۈزەلمىدىم بالىلىرىم .مەندىن رازى بولۇڭلار.
__ مۇرادىڭلارغا يەتكۈزەلمىدىم دەيسەنغۇ دادا ، يەنە قايسى مۇرادىمىزغا يەتكۈزمەكچى ئىدىڭ ،ئەمدى نۆۋەت بىزگە كەلگەنغۇ دادا!!! دادام ماڭا شۇ گەپنى دەۋېلىشنى تارتىشىپ تۇرغان چېغى قايتا سىلكىسەممۇ كۆزىنى ئاچمىدى . دادامنىڭ ئۆلىمىدىكى ئالامانغا قاراپ ھەيران قالدىم. مېنىڭ بوتىلىقىدىن ئايرىلغان تۆگىدەك بوزلاشلىرىم ھويلىمىزدا ھازا ئېچىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيتى . كىشىلەر بىر ئۇلۇغ ئادەمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىغا ھەسرەت چېكىشمەكتە ئىدى. دادامنىڭ مىيىتى جىنازىغا سېلىنىپ تۇپراق بېشىغا ئېلىپ كېلىنگەندە ئاجايىپ بىر ئىش يۈز بەردى ، يىراقتىن ئېچىنىشلىق كىشنەپ بىر ئات يايلىنى يەلپۈتكىنىچە قۇيۇندەك چېپىپ دادامنىڭ جىنازىسىغا تىز چۆكتى ، مەن قىش كۈنلىرى مەھەللىمىزدە سوقۇما قىلىش ئۈچۈن سويىلىۋاتقان ئاتلارنىڭ كۆزىدىن ياش ئېقىۋاتقانلىقىنى «قۇتقۇز »دەپ ۋاقىراشقىمۇ يارىمىغان تىلىنى گاچ قىلىپ چىشلەپ جېنىدىن جۇدا بولىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم ، دادام بىر ئۆمۈر بالىسىدەك بېقىپ قاتارغا قوشقان قارا قاشقىنىڭ جىنازا ئالدىدا تىز چۆكۈپ يىغلاۋاتقان ھالىتى ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى .شۇ چاغدا دادامنىڭ ئاتتىمۇ كۆڭۈل بار دىگەن سۆزى خىيالىمدىن يالت قىلىپ كۆچتى .
دادام كەتتى ، يەنە كېلىپ بالدۇرلا كەتتى ، ئاشۇ دادامدىن بىزگە ھېچقانداق دەپى دۇنيا قالمىغان بولسىمۇ ، مېھىر –مۇھەببەتنىڭ ، ۋاپادارلىقنىڭ ، ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ ، گەرچە ئوقۇمىغان بولسىمۇ بالا تەربىلەش قانداق بولىدۇ ؟  مانا بۇنى ئۆزىنىڭ  ئائىلە ئەنئەنىسىدىن ئۈگەنگەن قىممەتلىك ھەرىكىتى بىلەن بىزگە بىلدۈرۈپ كەتتى ، مېنىڭچە  بۈگۈنكى كۈندە دادامنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ بولسا كېرەك.2016-يىلى5-ماي

uyghuray

2

تېما

2

دوست

3529

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26235
يازما سانى: 276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1068
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 19:06:09 |ئايرىم كۆرۈش
داىڭىزنىڭ بىر قىسىم كەچۈرمۈشلىرىنى ناھىيىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ ھەم ئەسلەپسىز ! بۇ بالىنىڭ ،دادىغا بولغان سېغىنىشى ، تويماي قېلىشى .،توغرا دادا بىر ئۆينىڭ تۇۋرۈكى دادا بالىغا ناھىيىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ . مەنمۇ دادامنى ئەسلەپ قالدىم .  مەيلى ئۇ قانداق ئادەم بولمىسۇن «ئۇ» بىر ئۇلۇق ئىنسان !

0

تېما

2

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62901
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 23:46:56 |ئايرىم كۆرۈش
ئۈنسىز مۇھەببەت . بالا دىگەن مەڭگۈ ئاتا ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدىغان ئوخشايدۇ . ئەمدى بىر ئەقلىنى تاپقاندا ئۇلار يىنىدا بولمىغان . ..

0

تېما

6

دوست

3467

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47286
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
دادامغۇ ھازىر ھايات،خۇداغا مىڭ مەرتىۋە شۈكىرى،لىكىن يېنىدا بولالمايۋاتىمەن.

ئۆيىمىز چەت يېزىدا بولغاچ،يېزىمىز  مەندەك بىر ياش ئۈچۈن ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش،كۆزلىگەن نىشانلىرىغا يىتىش شارائىتىنى بىرەلمەيدىكەن،ئەگەر ھەرۋاقىت دادامغا ھەمراھ بولۇپ  يېنىدىن ئايرىلمايمەن دىسەم يەر تېرىپ ئېتىزدا ئىشلىسەم بولىدىكەن،يەر تېرىشمۇ يامان ئىش ئەمەس،لىكىن بىر نەچچە مو يەرگە قاراپ يا ئاچ قالماي،يا تۈزۈك پۇل تاپالماي يۈرگەندىن كۆرە شەھەرگە چىقىپ ئۆزۈمگە بىر پۇرسەت ئىزدەپ باقاي دەپ چوڭ شەھەرگە چىققانىدىم.شەھەرگە كىلىپ ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ئۆزەمنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا كۆزلىگەن نىشانىمغا قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلاپ بارماقتىمەن،ياش چوڭايغانسىرى تاكامۇللىشىپ ئادەم بولۇش مەنزىلىگە يېقىنلاشماقتىمەن.لىكىن شۇ جان دادامنى ھەرۋاقىت سېغىنىپ تۇرىمەن،دادامنىڭ قورۇق باسقان چىرايى،ئىگىلگەن گەۋدىسى،قاتىراڭ قوللىرىنى ھەر ئەسلىگىنىمدە كۆڭلۈم بۇزىلىدۇ.

راس گەپ قىلسام شەھەردىن زىرىكىشكە باشلاپتىمەن.ھەممە ياق ناتۇنۇش ئادەملەر بىلەن تولغان،سۇغۇق چىرايلار،يات مىللەت،يات مەدەنيەت كىشىللىرى،گۇمانسىراشلار،ئىشەنچ كىرزىسىگە تولغان يىڭى زامان شەھەر مەدەنيىتى،قايان قارىسام ماشىنا،ئىگىز بىنالار،ھەممە كىشى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە تىز-تىز قەدەم ئېلىۋاتقان ،مىھىر-مۇھەببەتسىز سوغۇق رەھىمسىز بىر مەنزىرە..

كېچىللىرى تۈن يېرىمغىچە كۆزگە ئۇيقا كەلمەيدۇ،دادام بىلەن ئۆتكەن بالىلىق،ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەيمەن، دادامدەك بىر ئاقكۆڭۈل ئىنساننى ھېچ يەردىن ئۇچۇرتۇپ باقمىغانلىقىمنى ھىس قىلىمەن.دادام نەقەدەر ئاقكۆڭۈل ئىدى ھە..ئەل-جامائەت ئىچىدىكى ئەدەپ-قائىدە،يۇسۇنلىرىمىز،نەزىر-چىراق،توي تۆكۈن ئادەتلىرىمىز،ئادىمىيلىك قاتارلىقلارنى دادامدىن ئۆگۈنۈپتىكەنمەن..دادامنى ئەل-مەھەللە خەلقى تۇلۇمۇ ھۆرمەت قىلاتتى،كۆپچىلىك ئالدىدا بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سالسام ياشتا چوڭراقى،بالام كىمنىڭ بالىسىسەن دەپ سورايتتى،دادامنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرسەم..ھە،،داداڭمۇ ياخشى ئادەم بالام،داداڭدەك ياخشى ئادەم بولغىن دەپلا كۈلۈپ قۇياتتى،..

ئويلاپ باقسام بىز ياشلار،ئاللىقانداق ئارزۇ-ئۈمۈتلەر بىلەن سىرتلاردا يۈرۈپتۇق،يەنىلا دادام دىمەتلىك ياشتا چوڭلار ھەرقانداق قىيىنچىلىققا قارىماي يۇرتنى،ئەل مەھەللىنى ساقلاپ ئۇيغۇرنىڭ بۇ قەدىمىي يۇرتلىرىنىڭ  ھەقىقىي ئىگدارچىللىرى بوپتۇ،تەڭرىتاغدىن قامەتلىك بەستلىك،مىھنەتكەش،جاپاكەش،قەدىمىي يۇرتنىڭ پاسىبانلىرى،پەرزەنتنىڭ ئۈلگىسى بولغان ئاتىلارغا چوڭقۇر سالام يوللايمەن.
uyghuray

2

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3152
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
kimliktiki يوللىغان ۋاقتى  2016-5-20 00:03
دادامغۇ ھازىر ھايات،خۇداغا مىڭ مەرتىۋە شۈكىرى،لىكىن ي ...

ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ بولۇپ خۇددى يېنىڭىزدا قاراپ تۇرغاندەك ھىسياتقا كىلىپ قالدىم ، جاھاننى ھەقىقى ھىس قىلىپ يىتىپسىز .
سىز ھازىر قەيەردە .

0

تېما

6

دوست

3467

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47286
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
sawda571 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-20 01:35
ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ بولۇپ خۇددى يېنىڭىزدا قاراپ تۇرغا ...

كورلا شەھەر ئىچىدە شىركەتتە ئىشلەيمەن.

2

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3152
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
kimliktiki يوللىغان ۋاقتى  2016-5-20 01:47
كورلا شەھەر ئىچىدە شىركەتتە ئىشلەيمەن.

دەسلەپتە ئاتا - ئانىللىرىمىزغا نىمە ئىش قىلىپ بىرىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلەلمەيدىكەنمىز ، ياكى ئۇلار بىزگە مۇھتاج ئەمەستەك تۇيغۇدا بولىدىكەنمىز ، بىراق بىز ئاتا- ئانىمىزنىڭ ئەسلىدە بىزگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ، ھەم ئۇلارغا نىمە ئىش قىلىپ بىرىشىمىز كېرەكلىكنى بىلىپ يەتكىنىمىزدە ، ئۇلار ئاللاقاچان يوق بولغان بولۇدىكەن .
بۇ ئىشتىكى ئەپسۇسلۇق ، ئادەمنى بىر ئۆمۈر قىينايدىغان ، ھەتتا جان تەسلىم قىلىدىغان ۋاقىتتىمۇ ئادەمنىڭ يۈرۈكۈنى قۇرتتەك يەيدىغان ئەپسۇسلۇق ئىكەن .

  شۇڭا ئاتا - ئانىسى ھايات بولغان ھەر - بىر ئىنسان ئۆزىنى ئەڭ بەختلىكمەن دىسە بولۇدۇ ، ئاتا - ئانىغا پۇلۇڭ ، مېلىڭ كېرەك ئەمەس كۆپرەك يېنىدا بولساقلا بولدى ، ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگەن ئاساستا باشقا ياردەملەردە بولساق بولۇدۇ .

بىراق دىققەت قىلىدىغان مۇھىم بىر ئىش :
1 . سەن ئاتا - ئاناڭدىن ياخشى يىمىگىن ، ئىچمىگىن ھېچ بولمىسا يىگىنىڭ ، ئىچكىنىڭ ئاتا - ئاناڭنىڭكى بىلەن تەڭ بولسۇن ، ئەڭ ياخشىسى ئاتا - ئاناڭنىڭ يىگەن - ئىچكىنى سىنىڭكىدىن ياخشىراق بولسۇن .
2 . سىنىڭ كەيگىنىڭ ، ئاتا - ئاناڭنىڭكىدىن ياخشى بولۇپ كەتمىسۇن ، ياكى تەڭلەشتۈر ياكى ئاتا - ئاناڭنىڭكىنى ئۆزىڭنىڭكىدىن ياخشىراق قىلىپ بەر .
3 . سىنىڭ پەرزەنتلىرىڭگە ئايالىڭغا بەرگەن مىھرىڭ ، ئاتا - ئاناڭغا بەرگەن مىھرىڭدىن ئېشىپ كەتمىسۇن ، بۇنى تەڭلەشتۈرۈشكە تىرىشقىن .

10

تېما

11

دوست

7028

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 837
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 2042
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )