- تىزىملاتقان
- 2015-11-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3467
- نادىر
- 0
- يازما
- 311
ئۆسۈش
48.9%
|
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم ئاكا،تىنچ-ئامان تۇرۋاتامسىز؟ھەقىقەتەن بىر ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىلىپسىز.مەنمۇ كورلا شەھەر ئىچىدە ھازىر..مەلۇم بىر شىركەتتە ئىشلەيمەن.سىز ئوتتۇرغا قويغان ئىشلار توغرۇلۇق ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.
كورلا شەھرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بازارلىرى ئاز.يەكشەنبە كۈنى بوستان بازىرى قىززىيدۇ،ئاندىن كونا ماللار بازىرى(جوخوسىچاڭ) قىززىيدۇ.يەنە ياغاچ بازىرى دەمدۇ شۇ تەرەپتە يەنى لوپنۇرغا ماڭىدىغان يولدا شەھەرنىڭ سەل چېتىدىرەك مال بازىرى بار دەۋاتاتتى،،مەنغۇ بېرىپ باقمىدىم لىكىن مۇشۇ ھېيتتا شۇ بازاردىن بىر قوي سېتىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرەتتىم.
قارىغاندا سىز يىڭى شەھەر،غوڭرات ياكى ئاۋات قارا يۇلغۇن تەرەپتىن ئوخشايسىز،.مىنىڭ بىلىشىمچە سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ياكى مەدەنيەت ئىدارىسىدىكىلەرگە بىر مەخسەت-مۇددىئارىڭىزنى دەپ باقسىڭىز بولارمۇ ھە؟ماۋۇ شەھەر ئىچىدىكى بوستان كەشلىك بازىرىنىمۇ ئىككى ئۇيغۇر ھۆددىگە ئېلىغلىق ئىكەن،بەلكىم شۇلاردىن سوراپ باقسىڭىزمۇ بولامدىكىن،يول كۆرسىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،كەش ۋاختى كەشلىك بازارغا كىلىپ خالىغان بىر تىجارەتچىدىن سورىسىڭىز ھۆددىگە ئالغۇچىلارنى سىزگە كۆرسىتىپ قويىدۇ. |
|