قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 866|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھەسەتخورلۇقنى تۈگىتىشنىڭ 7 خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

4

دوست

2565

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22217
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-22
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

ھەسەتخورلۇقنى تۈگىتىشنىڭ 7 خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى

شېن پەنياڭ

لوقمان ئىمىن تەرجىمىسى

   ھەسەتخورلۇق بىر خىل پاسسىپ پىسخىكا ھالىتى بولۇپ، ھەسەتخور كىشىلەر دائىم ئىقتدارىغا ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىشەنچ قىلالمايدۇ. ئەمما بۇ ئادەمدە بولۇشى مۇمكىن بولغان روھى ھالەت. بەزىلەر مەلۇم ئىشتا رەت قىلىنسا، بەزىلەر باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ، يەنە بەزىلەر ئىلاجىسىز قالىدۇ. ئەگەر باشقىلارغا ھەسەت قىلىشقا باشلىغىنىڭىزنى بايقىسىز، بۇ يەردە ئۇ خىل كەيپىياتنى تۈگىتىدىغان يەتتە خىل ئۇسۇل بار.

   1. ھەسەتخورلۇقنى بەخت تىلەشكە ئالماشتۇرۇڭ. باشقىلارغا ھەسەت قىلىش ياخشى ئىش ئەمەس، بەلكىم سىز شۇ سەۋەبتىن ئۆز-ئۆزىڭىزنى كونترول قىلالماسلىقىڭىز، ئۆزىڭىزنى قىيناپ قويىشىڭىز، يەنە ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەي، ھەقىقەتەن زىيان تارتىشىڭىز مۇمكىن، شۇڭا ئۆزىدىن ھەسەت قىلىپ خۇشال بولىدىغان ئادەمگە يەتمەيدۇ، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغاندىلا بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتەلىشىڭىز مۇمكىن. ھەسەتخورلۇقنى بەخت تىلەشكە ئۆزگەرتسىڭىز، روھى ھالىتىڭىزنى ئازاپلايدىغان قىيناشتىن قۇتۇلۇش پۇرسىتى بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ نەتىجىسى، خۇشاللىقىدىكى كىشىلەرگە چۆكۈشنى بىلىڭ، بولمىسا ھەسەتخورلۇق دوستلار چەمبىرىكىدىكى ساغلام دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ، ئۆزىڭىزنى كۆپچىلىك ياقتۇرمايدىغان باشقا بىرەيلەنگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

   2. مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنى ئويلاڭ. باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بەك ئامراق بولۇپ كەتمەڭ، شۇ سەۋەبلىك ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇڭ. ماقال-تەمسىللەردە دېيىلگەندەك، سېلىشتۇرۇش تازا ياخشى ئىش ئەمەس، ئەمەلىيەتكە مۇۋاپىق بولمىغان سېلىشتۇرۇش پەقەت سىزنىڭ ئچىڭىزنى پۇشۇرۇۋېتىدۇ، سىزنى قىينايدۇ، باشقىلارنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكلىرى بولىدۇ ھەم ئۆزىنى ئۆزى خۇش قىلالايدۇ، ئەمما، چەكسىز ھالدا سېلىشتۇرۇش ئادەمنى ئىنتايىن ئاچكۆز قىلىپ قويىدۇ، مىجەز خاراكتېرىڭىز بىلەن ئىش قىلىشنى ۋە خۇشاللىقىڭىزنى ئېلىپ كېتىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز، ئاۋۋال ئۆزىڭىزدە بار بولغان نەرسىلەرنى قەدىرلىشىڭىز كېرەك. يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەسەتخورلۇق دائىم ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ھەم ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئادەم توغرىلىق بولىدۇ، ھېچكىم ئۆزى تونۇمايدىغان ياكى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز كىشىگە ھەسەت قىلمايدۇ، قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان پىسخىكىلىق ھالەتتە تېخىمۇ قاملاشمايدۇ.

   3. تۇرمۇش ئادىل ئەمەس، ئۇنىڭغا بەكرەك ماسلىشىڭ. تۇرمۇش گۈزەل بولىدۇ، ئەمما ئۇ ھەمىشە ئادىل بولۇۋەرمەيدۇ، سىز چوقۇم بۇ نۇقتىنى قوبۇل قىلىشىڭىز لازىم. ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆرسىتىپ، نىشانىڭىزغا يىتىپ غايىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ، ئەكىسچە ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەسلىكتىن ئەندىشە قىلماڭ، بۇنداق بولغاندا كۆپ خۇشال بولالايسىز. ئادەمنىڭ شادلىققا، بەختكە ئىنتىلىش تەبىئىتى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاچكۆزلۈكتەك بەتبەشىرە تەبىئىتىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنەرلىك چىگرا يوق، بۇ خىل مۈجمەللىك ھەسەتخورلۇقنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مەنبە ۋە سەۋەبكە ئايلىنىپ، ھۇشيارلىقىمىزنى قوزغايدۇ. ھەقىقەت بىلەن خاتالىقنىڭ ئارىسى ھەمىشە يىراق بولىدۇ، خۇشاللىق بىلەن ئازاپ دائىم ئېغىر پالاكەت كەلتۈرىدىغان خاتالىققا باغلىق بولىدۇ. ئىنگلىز تىلىدا ھەسەتخورلۇق بىلەن ھەۋەس قىلىش ئىككىسى بىر سۆز بولۇپ، ناۋادا ئۆزىڭىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋېلىشنى ئويلىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئالدىدىكىسىگە بوشراق دىققەت قىلىپ، كىيىنكىسىنى بەكراق ئويلاڭ.

   4. باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بىزنىڭ دائىم كۆرىدىغىنىمىز باشقىلارنىڭ مەلۇم نەرسىگە ئىگە بولۇشى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ئۇلارنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلەپ ھارماي-تالماي ئىنتىلىشى ھەتتا يالۋۇرۇشىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. بەزىلەر تۈرلۈك جاپا-مۇشەققەت، بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق ھازىرقى بايلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، يەنە بەزىلەر يەنىلا كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ زارلىنىپ جان تالىشىۋاتىدۇ. بىراق ھېچكىم يەنە باش كۆتۈرىدىغان كۈنلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا باشقىلارنىڭ نەتىجىسىگە كۆز قىزارتماڭ، ئەكىسچە، ئۆزىڭىز بەدەل تۆلەشكە ئەرزىگۈدەك يەردە تىرىشىشىڭىز كېرەكلىكى ۋە شۇ جەرياندىكى جاپا- مۇشەققەتنى ھېس قىلىشىڭىز كېرەك. باشقىلارنىڭ مۇۋەپىقىيەت قازىنىشىدىكى تارىخى كۆرەشلىرىنىڭ ئىزلىرىنى ئوبدان تەتقىق قىلىش كېرەك، ئۇلاردىن ئۆگىنىش ئۇلارغا ھەسەت قىلغانغا قارىغاندا ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئۆزىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئەكىسچە، ھەسەتخورلۇققىلا تايىنىۋالغاندا، باشقىلارنىڭ ئىگە بولغان نەرسىلەرگە ئىگە بولالىشى مۇمكىن ئەمەس.

   5. ھەسەتخورلۇقنىڭ ئىچكى دۇنيايىڭىزنى نابۇت قىلىۋېتىشىگە ھەرگىز يول قويماڭ. ھەسەتخورلۇققا ئازراقلا پەخەس بولمىسىڭىز ئۇ سىزنى يەۋېتىدۇ، بۇ خىل قورقۇنچلۇق ھېسىيات ئادەمنى ئاسانلا ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى ھەسەتخورلۇققا گىرىپتار بولۇش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشتىنمۇ ئېچىنىشلىق ئەمەسمۇ. ھەسەتخور ئادەم ھېچقانداق ئادەمنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. گەرچە ھەسەتخورلۇق ئېڭىنى بويسۇندۇرۇش ۋاقىت ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، پەقەت قايتا ھەسەت قىلماسلىققا دىققەت قىلغاندىلا، تۇرمۇشىنىڭ خۇشاللىققا قاراپ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئۆزىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يۈرىكىمىزدىكى نىشانىمىزغا قاراپ تىرىشايلى، سەۋەبسىزلا باشقىلارنىڭ نەتىجىلىرىگە ھەسەت قىلىپ، ئوي-خىياللىرىمىزنى ئىسراپ قىلىۋەتمەيلى.

   6. سىزنىڭمۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىدىغان كۈنىڭىز بولىدۇ. پەقەت غايىڭىزگە ئىنتىلىشتىن ۋاز كەچمەي، خاتىرجەم ھالدا ھاياتلىقتىكى تۈرلۈك بوران-چاپقۇنلارغا يۈزلەنسىڭىز، ئامەت بېشىڭىزغىلا چۈشىدۇ. ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئامەت ھەرگىزمۇ ئاسماندىن چۈشۈپ قالمايدۇ. باشقىلار مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلەۋاتقاندا سىزنىڭمۇ ئاشۇ كۈنىڭىزنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ. مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنى تەبرىكلىگەندە باشقىلارمۇ سىزگە ھەۋەس قىلماي قالمايدۇ. ئىلگىرى بىر ئادەم ھەر قانداق ئادەمنىڭ پەقەت ئىككى خىل ياشاش ئۇسۇلى بارلىقىنى ئېيتقان: باشقىلارغا ھەسەت قىلىش ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ھەسەت قىلىنىش، بىز چۇقۇم كىيىنكىسىنى تاللايمىز.

   7. باشقا ئىشلارنىمۇ ئويلاڭ. ئەگەر سىز ھەسەتخورلۇق تۇيغۇسىنى ھېس قىلسىڭىز ئۇنى يۆتكىيەلمەيسىز، ئۇنداقتا دىققەت-ئېتىبارىڭىزنى يۆتكەپ باشقا ئىشلارنى قىلىپ بېرىڭ، كۆپ خىل پائالىيەت بىلەن ئالدىراش بولغاندا، دىققەت-ئېتىبارنىڭ ئادەمنى ئاۋارە قىلىدىغان مۇرەككەپ كەيپىياتتىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا ياردىمى بولىدۇ. نېمىشقا پۈتۈن دىققىتىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، قىزىقىدىغان ئىشقا كىرىشەلمەيسىز؟ بۇنىڭ ھەسەتخورلۇقىڭىزنى بويسۇندۇرۇپ، ۋاقىتنى ئۆزىڭىز خالايدىغان ئىشلارغا ئىشلىتىشىڭزگە ياردىمى بار. ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىڭىزدىن تېخىمۇ ئىلغار ئىدىيەلىك ئادەم بىلەن بىللە بولۇشنى تاللاپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىز ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىڭىزنى يېڭەلەيدىغان ئادەمدىن ئۆگىنىشىڭىز لازىم. ئەتراپىڭىزدا مۇنەۋۋەر شەخسلەر كۆپ، سىزدە ئالاھىدە ھەسەت ئوبيېكتى بولمىسا، ھەسەتخورلۇق پىسخىكىسى ئاپتوماتىك ھالدا يېنىكلەيدۇ ياكى غايىپ بولىدۇ.

   بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ھاياتلىق يولىنى ئۆزىمىز تاللىشىمىز لازىم. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ھەسەت قىلمايلى، ئۇ پەقەت سىزنىڭ قىممەتلىك زېھىن- قۇۋۋىتىڭىزنى ۋە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. يۇقارقى يەتتە خىل ئەپچىل چارە سىزنىڭ ھەسەتخورلۇقنى يېڭىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ، سىز يەنە باشقا ئۇسۇللارنى بىلەمسىز؟ ئەگەر بىلسىڭىز، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشايلى.                           

   مەنبە: «دۇرۇس ئادەم بولۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت»

uyghuray

0

تېما

0

دوست

2193

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20352
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 664
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تۇرمۇش ئۈگىتىدىغان مۇھىم بىلىملەر ئىكەن.رەھمەت.

10

تېما

11

دوست

7014

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 2038
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەسەتخورلۇقنى تۈگىتىشنىڭ ئۇسۇلى بەكمۇ ئاددىي ، باشتىلا ھەسەت قىلمىسا كىيىنكى تۈگىتىشنىڭ ئاۋارىچىلىقى تۇغۇلمىغان بولاتتى

0

تېما

0

دوست

2851

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30440
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 886
توردىكى ۋاقتى: 244
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
يەر
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى پەقەت بىرلام .  پەرۋا قىمماسلىق .
uyghuray

6

تېما

9

دوست

5195

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   3.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1580
توردىكى ۋاقتى: 247
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
5#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەسەتخور ئۆسمە كېسەل ئادەم بار جايدا بۇ كېسەل بار

1

تېما

1

دوست

5539

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24648
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1702
توردىكى ۋاقتى: 170
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
6#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەسەتخورنىڭ ساپاسى يوق سانى يوق ياكى ئۇنى ساقايىتقىدەك دارى يوق،قانۇنىمۇ يوق ھەسەتخورغا چۈشكىدەك ياكى ئۇنى يوقاتقىدەك چارە يوق

0

تېما

6

دوست

3467

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47286
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1052
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بىزلەردە قىزلار ئۆزىدىن چىرايلىق قىزلارغا ھەسەت قىلسا،ئوغۇللار ئۆزىدىن پۇلدارلارغا ھەسەت قىلىشىپ يۈرىدۇ.لىكىن بۇ ئىككى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇنچە قىيىنمۇ ئەمەس،باشقىلارغا ھەسەت قىلغان زىھنىنى چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ۋە بايلىق يارىتىشقا قويسا تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئەمەسمۇ؟

10

تېما

11

دوست

7014

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 2038
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
21132113 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-20 21:07
ھەسەتخورنىڭ ساپاسى يوق سانى يوق ياكى ئۇنى ساقايىتقىدە ...

رەسۇلۇللاھنىڭ ‹ھەسەت قىلىشماڭلار ، ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بولۇڭلار › دىگەن بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلغان بولساق نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )