يېڭىدىن 1284 دانە تاشقىي پلانېتا تېپىلدى
بۇ يىل 10-ماي كۈنى ناسا دۇنياغا «يېڭىدىن 1284 دانە تاشقىي پلانېتا تېپىلدى»، دېگەن خەۋەرنى تارقاتتى. بۇ ئۇچۇر شۇ ۋاقىتتىلا دۇنيادىكى كۆپلىگەن چوڭ مېدىئا تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىندى.
بۇ يېڭى پلانېتىلارنى ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ناسا نىڭ «كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى» ئارقىلىق بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن كەپلېر ھازىرغىچە تاپقان تاشقىي پلانېتىلارنىڭ سانى 2325 دانىگە يەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە بايقالغان بارلىق تاشقىي پلانېتىلارنىڭ سانى بولسا 3200 دىن كۆپرەككە يەتكەن.
1-رەسىم: كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى.
كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى ناسا مەركىزى JPL دە قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئالەم بوشلۇقىغا 2009-يىلى چىقىرىلغان. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى سامان يولى گالاكسى (يۇلتۇزلار توپى) نىڭ يەر شارىغا يېقىن رايونىدىكى 145000 دانە يۇلتۇز سىستېمىسىدىكى تاشقىي پىلانېتىلارنى تېپىپ چىقىش، دەپ بەلگىلەنگەن. ئەسلىدە كەپلېر ئۈچۈن 3 يىللىق ۋەزىپە پىلانلانغان بولسىمۇ، دەسلەپكى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىشلىشى نورمال بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن ناسا كەپلېرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتقان.
كەپلېر كۆرىدىغان رايوننى بىر يۆنىلىشتىن يەنە بىر يۆنىلىشكە يۆتكەش ئىشى ئۇنىڭدىكى 4 دانە «رېئاكسىيە چاقى» (Reaction Wheel) ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. بۇ چاقلار نيۇتوننىڭ 3-قانۇنى بويىچە ئىشلەيدۇ. 2012-يىلى 7-ئايدا كەپلېرنىڭ بىر رېئاكسىيە چاقى ئىشلەشتىن توختاپ قالىدۇ. 2013-يىلى 5-ئايدا كەپلېرنىڭ 2-چاقىمۇ ئىشتىن توختاپ قالىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش جەريانلىرىدىن كېيىن، ناسا 2014-يىلى 5-ئايدا كەپلېرنى 2 دانە رېئاكسىيە چاقى بىلەن ئىشقا سېلىپ، سامان يولى گالاكسىدىكى بۇرۇنقىدىن كىچىكرەك رايوننى تەكشۈرۈشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كەپلېر قايتا ئىشقا چۈشىدۇ.
2-رەسىم: كەپلېر ئالەم تەلەسكوپىنىڭ بىر رېئاكسىيە چاقى
ئۆتكەن يىل (2015-يىلى) يانىۋار ئېيىغىچە كەپلېر 440 دانە يۇلتۇز سىستېمىسىدىن 1013 دانە تاشقىي پىلانېتىلارنى تاپىدۇ. بۇ يىل 5-ئايغىچە بولسا 1284 دانە تاشقىي پىلانېتىنى تاپىدۇ.
ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، سامان يولى گالاكسىدە يەر شارىغا ئوخشاش تاشتىن تۈزۈلگەن (كائىناتتا جۇپىتېر، ساتۇرن، ئۇران ۋە نېپتۇنغا ئوخشاش گازدىن تۈزۈلگەن پلانېتىلارمۇ كۆپ)، ھەمدە ئانا يۇلتۇزلىرىنىڭ «ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان رايون» لىرىدا ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان تاشقىي پلانېتىلاردىن تەخمىنەن 40 مىليارد دانىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 11 مىليارد تاشقىي پلانېتىلارنىڭ ئانا يۇلتۇزلىرى بىزنىڭ قۇياشقا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 12 نۇر يىلى كېلىدۇ.
ھەر بىر يۇلتۇزلارنى قورشاپ تۇرغان رايونلار ئىچىدىكى تېمپېراتۇرىسى ھاياتلىقلار ياشاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان رايون «ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان رايون» دەپ ئاتىلىدۇ. بىز ياشاۋاتقان يەر شارى قۇياشنىڭ ئەنە شۇنداق رايونىدا ئايلىنىدىغان بولۇپ، بىز شۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىمىز.
يېڭىدىن تېپىلغان تاشقىي پلانېتىلارنىڭ ئىچىدىكى 4 دانىسى ئەنە شۇنداق يەر شارىغا ئوخشايدىغان، ھەمدە ئانا يۇلتۇزلىرىنىڭ ياشىغىلى بولىدىغان رايونلىرىدا ئوربىتلايدىغان پلانېتىلار ئىكەن.
ھازىرغىچە بايقالغان تاشقىي پلانېتىلارنىڭ ھەممىسى ئانا يۇلتۇز تارقاتقان نۇرنىڭ كۈچىنى ئۆلچەش ئارقىلىپ تېپىلغان بولۇپ، ھازىرچە تاشقىي پلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرەلەيدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرى تېخى ياساپ چىقىلمىدى. ناسا تاشقىي پلانېتىلارنى بىۋاستە كۆرەلەيدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرىنى 2025-يىللىرى پۈتتۈرمەكچى.
پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:
[1] First Alien Earth Still Elusive Despite Huge Exoplanet Haul
|